سەھىھ ھەدىس | نامازدا ئىمام ۋە جامائەت «ئامىن»نى ئىچىدە دەمدۇ تېشىدىمۇ؟

ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (سَمِعْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَرَأَ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ فَقَالَ آمِينَ وَمَدَّ بِهَا صَوْتَهُ) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (نامازدا) <غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين> دىن كېيىن ئاۋازىنى سوزۇپ تۇرۇپ <ئامين> دېگىنىنى ئاڭلىدىم. | hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ تىرمىزى 248؛ ئىمام نەۋەۋى <ئەلمەجمۇئ> 3\328 دە سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِذَا أَمَّنَ الْإِمَامُ فَأَمِّنُوا، فَإِنَّهُ مَنْ وَافَقَ تَأْمِينُهُ تَأْمِينَ الْمَلَائِكَةِ غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ)) «ئىمام ئامىن دېسە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار. چۈنكى، كىمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» ئىبنى شىھاب مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئامىن دەيتتى. hedisim.com (مالىك مۇۋەتتا 288؛ مۇسنەد شافىي 1\37؛ مۇسنەد ئەھمەد 7\37؛ سەھىھۇل بۇخارى 780؛ سەھىھۇل مۇسلىم 410؛ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 936؛ سۇنەن تىرمىزى 650؛ سۇنەن نەسائىي 967؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 570)

ھەنەفىي مەزھەپ ئالىمى تاھاۋى رەھىمەھۇللاھ «ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ ھەنەفىي مەزھىبىدىكىلەر، شۇنداقلا سۇفيا سەۋرىي، شافىي ۋە لەيس (ئىبنى سەئىد قاتارلىق مۇجتەھىدلەر) «ئىماممۇ، جامائەتمۇ <ئامىن> دەيدۇ» دېگەن. مالىك «ئىمام ئامىن دېمەيدۇ، لېكىن جامائەت ئامىن دەيدۇ، ئىمام يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا <ئامىن> دەيدۇ» دېگەن. (اختلاف العلماء للطحاوي – اختصار الجصاص 1\202) ئىمام ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: ھەدىستە «ئىمام ئامىن دېسە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار» دېيىلدى. بۇ ئىمامنىڭ «ئامىن» نى ئاشكارا دەيدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دەلىلدۇر. ئىمامنىڭ (ئۈنلۈك قىرائەتلىك نامازلاردا) ئامىننى ئاشكارا دېمەسلىكى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئىمام (ئۈنلۈك قىرائەتلىك نامازلاردا) «ئامىن» نى مەخپىي دېسە، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىلەر ئىمامنىڭ «ئامىن» دېگىنىنى بىلەلمەي قالىدۇ. (نەتىجىدە ھەدىستە بۇيرۇلغاندەك «ئامىن» دېيىشتىن مەھرۇم قالىدۇ.) (الأوسط في السنن والإجماع والاختلاف 3\130) ئىبنى بەتتال سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس ئىمامنىڭ ئامىن دەيدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. (شرح صحيح البخاري-ابن بطال ٢/٣)

تابىئىنلاردىن مەنسۇر ئىبنى مەيسەرە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن (ساھابە) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدۇم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلا الضَّالِّينَ} نى ئوقۇپ بولۇپ «ئامىين» دەيتتى. بىز ئۇنىڭ «ئامىين» دېگىنىنى ئاڭلايتتۇق. ئاندىن جامائەتمۇ «ئامىين» دەيتتى. (أخرجه عبد الرزاق ٢/٩٥)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ