رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇھىم ۋەسىيىتى

ئەبۇ تۇفەيل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەلنى بىر قەۋمگە (يەنى يەمەن خەلقىگە) ئەۋەتىدىغان چاغدا، مۇئاز «ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا نەسىھەت قىلغايلا» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أَفْشِ السَّلَامَ، وَابْذُلِ الطَّعَامَ، وَاسْتَحِ مِنَ اللَّهِ اسْتِحْيَاءَكَ رَجُلًا مِنْ أَهْلِكَ وَإِذَا أَسَأْتَ فَأَحْسِنْ، وَلْتُحَسِّنْ خُلُقَكَ مَا اسْتَطَعْتَ)) «سالامنى ياي، (كىشىلەرگە) تائام بەر، ئائىلەڭدىكى (ھۆرمەتلىك) بىرىدىن ھايا قىلغاندەك ئاللاھتىن ھايا قىل. بىرەر يامانلىقنى قىلىپ قالغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ياخشىلىق قىل. چامىڭنىڭ يېتىشىچە ئەخلاقىڭنى گۈزەللەشتۈر.» hedisim.com (ئىمام تەبرانى ۋە بەززار توپلىغان، ئەلبانى سەھىھ دېگەن) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ