- مەيلى خىزمەت، مەيلى ئوقۇش، مەيلى يىغىن – پائالىيەت جەريانىدا بولسۇن، نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئارىلاش ئولتۇرۇشىنى، ئارىلىشىپ مېڭىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن
ھەمزە ئىبنى ئەبۇ سەئىد ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەسجىدتتىن چىققىنىدا كوچىدا كېتىۋاتقان ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((اسْتَأْخِرْنَ، فَإِنَّهُ لَيْسَ لَكُنَّ أَنْ تَحْقُقْنَ الطَّرِيقَ عَلَيْكُنَّ بِحَافَّاتِ الطَّرِيقِ)) «ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىشىڭلار لايىق ئەمەس. سىلەر يولنىڭ چېتىدە مېڭىشىڭلار لازىم.» ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن ئاياللار يولنىڭ چېتىدە ماڭىدىغان بولدى، ئۇلار يولنىڭ ئەڭ چېتىدە، تاملارغا ناھايىتى يېقىن ماڭىدىغان بولغانلىقتىن، (بەزىدە) ئۇلارنىڭ كىيىملىرى تامغا ئىلنىشىپ قالاتتى. hedisim.com(ئەبۇ داۋۇد 5272 – ھەدىس؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:
عَنْ حَمْزَةَ بْنِ أَبِي أُسَيْدٍ الْأَنْصَارِيِّ، عَنْ أَبِيهِ، أَنَّهُ سَمِعَ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، يَقُولُ: وَهُوَ خَارِجٌ مِنَ الْمَسْجِدِ فَاخْتَلَطَ الرِّجَالُ مَعَ النِّسَاءِ فِي الطَّرِيقِ، فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ ﷺ لِلنِّسَاءِ: «اسْتَأْخِرْنَ، فَإِنَّهُ لَيْسَ لَكُنَّ أَنْ تَحْقُقْنَ الطَّرِيقَ عَلَيْكُنَّ بِحَافَّاتِ الطَّرِيقِ» فَكَانَتِ الْمَرْأَةُ تَلْتَصِقُ بِالْجِدَارِ حَتَّى إِنَّ ثَوْبَهَا لَيَتَعَلَّقُ بِالْجِدَارِ مِنْ لُصُوقِهَا بِهِ
