ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغاندا «بىسمىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسدا
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم.
ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، رەسۇلۇللاھقا سالات ۋە سالام بولسۇن.
ئىسلام ئۆلىمالىرى كىشىنىڭ ئۆز ئۆيىگە ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولۇپ، بوسۇغىدىن ئاتلايدىغاندا «بىسمىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشىنى تەرغىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَى أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً﴾
{ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان، مۇبارەك ۋە گۈزەل سالامنى بېرىڭلار.}
— نۇر سۈرىسىنىڭ 61 – ئايىتى
ئەبۇ ئۇمامە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((ثَلَاثَةٌ كُلُّهُمْ ضَامِنٌ عَلَى اللَّهِ … وَرَجُلٌ دَخَلَ بَيْتَهُ بِسَلَامٍ فَهُوَ ضَامِنٌ عَلَى اللَّهِ)) «مۇنۇ ئۈچ خىل كىشىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ كاپالىتى (يەنى شەيتاندىن ۋە يامانلىقلاردىن قوغدىشى) ئاستىدا بولىدۇ… ئۆيىگە سالام بىلەن كىرگەن كىشى ئاللاھنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1094؛ ئەبۇ داۋۇد: «سۇنەن» 2494؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 499؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد» تا سەھىھ دېگەن)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((إذا دخلَ الرَّجُلُ بيتَه فذكرَ اللهَ عزَّ و جلَّ عندَ دُخولِه و عِندَ طعامِه ؛ قالَ الشَّيطانُ : لا مَبيتَ لكُم و لا عَشاءَ ، إذا دخلَ فلَم يذكرِ اللهَ عِندَ دخولِه ، قالَ الشَّيطانُ : أدرَكتُم المبيتَ ، و إنْ لَم يذكرِ اللهَ عندَ طعامِه ، قالَ الشَّيطانُ : أدرَكْتُم المبيتَ و العَشاءَ)) «كىشى ئۆيىگە كىرىدىغاندا ۋە تاماق يەيدىغان ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلسا، شەيتان (ئۆز ھەمراھلىرىغا) «سىلەرگە بۇ ئۆيدە قونالغۇ يوق، تاماقمۇ يوق» دەيدۇ. ئەگەر كىشى ئۆيىگە كىرىدىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان (ئۆز ھەمراھلىرىغا) «قونالغۇغا ئېرىشتىڭلار» دەيدۇ. ئەگەر تائام يەيدىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىسا «قونالغۇغا ئېرىشتىڭلار، تاماققىمۇ ئېرىشتىڭلار» دەيدۇ. hedisim.com (سەھىھۇل مۇسلىم 2018 – ھەدىس) * يەنى ئۆيگە كىرگەندە «بىسمىللاھ» دېيىلمىسە، شەيتان شۇ كىشىگە ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىۋالىدۇ. تاماق يەيدىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىلمىسە، شەيتان شۇ كىشىنىڭ تامىقىغا شېرىك بولۇپ، تەڭ يەۋالىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: ((يَا بُنَيَّ، إِذَا دَخَلْتَ عَلَى أهْلِكَ، فَسَلِّمْ يَكُنْ بَرَكَةً عَلَيْكَ، وعلى أهْلِ بَيْتِكَ)) «ئى ئوغلۇم! ئۆيۈڭگە كىرگىنىڭدە («ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ) سالام بەرگىن، بۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋە ئائىلەڭدىكىلەر ئۈچۈن بەرىكەت بولىدۇ.» hedisim.com (تىرمىزى 2698 – ھەدىس؛ ئەلبانى « الكلم الطيب» تە سەھىھ دېگەن)
بۇ زىكىرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلى ئىمام ئىبنى كەسىر نەقىل قىلغان مۇنۇ شەكىلدىكى دۇئا بولۇشى مۇمكىن:
ئىمام سۇفيان سەۋرى ئەبدۇلكەرىم جەزەرىيدىن، (ئىبنى ئابباسنىڭ شاگىرتى، مەشھۇر تەپسىرشۇناس، فەقىھ) مۇجاھىدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: بىر ئۆيگە كىرسەڭ، ئۇ ئۆيدە ھېچكىم بولمىغان تەقدرىدىمۇ مۇنداق دېگەن: (بسم الله ، والحمد لله ، السلام علينا من ربنا ، السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين) «بىسمىللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەينا مىن رەببىنا، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس سالىھىن.» (ئىمام ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىدە، سۈرە نۇرنىڭ 64 – ئايىتىنىڭ بايانىدا نەقىل قىلغان)
بۇ زىكىرنىڭ ئەڭ ئىخچام شەكلى، مەسجىد نەبەۋى مۇدەررىسى، شەيخ ئابدۇررازاق بەدرى بايان قىلغاندەك «بىسمىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشتۇر. يەنى، كىشى ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلايدىغاندا «بىسمىللاھ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەيدۇ. دۇئانى ئۆگىتىپ قويسا ئوقۇيالايدىغان كىچىك بالىلارمۇ ھەم شۇنداق دەيدۇ. مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ تەۋسىيە قىلغان زىكىر تېخىمۇ مۇكەممەل زىكىر ئىستىگۈچى كىشى ئۈچۈندۇر.
ئەبۇ زۇبەير ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: (مەشھۇر ساھابە) جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئۆيۈڭگە كىرمەكچى بولغىنىڭدا ئۆي ئىچىدىكىلەرگە ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، گۈزەل سالامنى قىلغىن» جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (بۇنى دەپ بولۇپ) مۇنداق دېدى: مەن بۇنداق سالام قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايمەن. (ئىمام ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىدە، سۈرە نۇرنىڭ 64 – ئايىتىنىڭ بايانىدا نەقىل قىلغان)
ئىبنى جۇرەيج رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن (بۈيۈك تابىئىن ئالىم) ئەتادىن «كىشى ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ، كېيىن ئۆيىگە كىرىدىغاندا سالام قىلىشى ۋاجىپمۇ؟» دەپ سورىسام، ئەتا رەھىمەھۇللاھ: «ياق، ھېچكىمدىن سالام بىرىپ ئۆيگە كىرىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەسەر يوق. لېكىن مەن سالام بېرىپ كىرىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆيگە سالام بىلەن كىرىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىمدىن باشقا ھەر قانداق چاغدا سالام بىلەن كىرىمەن. (ئىمام ئىبنى كەسىر ئۆز تەپسىرىدە، سۈرە نۇرنىڭ 64 – ئايىتىنىڭ بايانىدا نەقىل قىلغان)
ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنماستىن ئۆيگە كىرگەندە ئۆيگە شەيتاننىڭ كىرىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. شۇڭا، ئۆزى بىلەن بىرگە ئۆيىگە شەيتان كىرىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ زىكىرگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
— قۇدرەت بارات تەييارلىدى
