سەپەردە پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تۇتماسلىق رۇخسەت
جَابِرُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ، أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَرَّ بِرَجُلٍ فِي ظِلِّ شَجَرَةٍ يُرَشُّ عَلَيْهِ الْمَاءُ قَالَ مَا بَالُ صَاحِبِكُمْ هَذَا. قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ صَائِمٌ . قَالَ » إِنَّهُ لَيْسَ مِنَ الْبِرِّ أَنْ تَصُومُوا فِي السَّفَرِ وَعَلَيْكُمْ بِرُخْصَةِ اللَّهِ الَّتِي رَخَّصَ لَكُمْ فَاقْبَلُوهَا
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەرەخنىڭ سايىسىدە تۇرغان ۋە (باشقىلار تەرىپىدىن ئۈستى بېشىغا) سۇ سېپىلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ «بۇ ھەمراھىڭلارغا نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورىۋىدى، ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ روزا تۇتقان ئىكەن» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سەپەردە روزا تۇتۇش تائەت-ئىبادەت1 ھېسابلانمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە (سەپەردە روزا تۇتماسلىققا) رۇخسەت قىلدى، بۇ ۋەجىدىن ئاللاھنىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلىڭلار» دېدى. hedisim.com | نەسائىي 2258؛ ئەلبانىي «سەھىھ جامىئۇس سەغىر»دە سەھىھ دېگەن
(ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستىدە كەلگەن «البر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئىبنى ئەسىر «تائەت-ئىبادەت» دەپ شەرھلىگەن. قاراڭ: النهاية في غريب الحديث، لابن الأثير 1\116) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى «سەھىھۇل بۇخارى»دىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئىمام بۇخارى بۇ ھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ ـ رضى الله عنهم ـ قَالَ كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم فِي سَفَرٍ، فَرَأَى زِحَامًا، وَرَجُلاً قَدْ ظُلِّلَ عَلَيْهِ، فَقَالَ » مَا هَذَا «. فَقَالُوا صَائِمٌ. فَقَالَ » لَيْسَ مِنَ الْبِرِّ الصَّوْمُ فِي السَّفَرِ «.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەپەردە ئىدى. بۇ ھالەتتە كىشىلەرنىڭ توپىشىۋالغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ ئۇلارنىڭ سايىسىدە سايىداۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «بۇ نېمە ئىش؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر «ئۇ روزىدار ئىكەن» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سەپەردە روزا تۇتۇش تائەت-ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ» دېدى. hedisim.com (سەھىھۇل بۇخارى 1946-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستىدە كەلگەن «البر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئىبنى ئەسىر «تائەت-ئىبادەت» دەپ شەرھلىگەن. قاراڭ: النهاية في غريب الحديث، لابن الأثير 1\116) — — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
