أَخْبَرَنَا ابْنُ الْمُبَارَكِ قَالَ: أَخْبَرَنَا مَالِكُ بْنُ أَنَسٍ قَالَ: بَلَغَنِي، أَنَّ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ قَالَ لِقَوْمِهِ: «لَا تُكْثِرُوا الْكَلَامَ بِغَيْرِ ذِكْرِ اللَّهِ تَعَالَى فَتَقْسُوَ قُلُوبُكُمْ، فَإِنَّ الْقَلْبَ الْقَاسِيَ بَعِيدٌ مِنَ اللَّهِ، وَلَكِنْ لَا تَعْلَمُونَ، وَلَا تَنْظُرُوا فِي ذُنُوبِ النَّاسِ كَأَنَّكُمْ أَرْبَابٌ، وَانْظُرُوا فِيهَا كَأَنَّكُمْ عَبِيدٌ، إِنَّمَا النَّاسُ رَجُلَانِ مُبْتَلًى وَمُعَافًى، فَارْحَمُوا أَهْلَ الْبَلَاءِ، وَاحْمَدُوا اللَّهَ عَلَى الْعَافِيَةِ»
ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس مۇنداق دېگەن: «ماڭا يېتىپ كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنىڭ سىرتىدا كۆپ سۆز قىلماڭلار، بولمىسا قەلبىڭلار قېتىپ كېتىدۇ. قېتىپ كەتكەن قەلب ئاللاھتىن يىراقتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى تۇيمايسىلەر. كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا بەئەينى ئۆزۈڭلار ئۇلارنىڭ خوجايىنىدەك تەرىزدە قارىماڭلار؛ ئەكسىچە، كىشىلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا بەئەينى بىر بەندە ھالىتىڭلاردا (مەنمۇ شۇنداق گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشىم مۇمكىن، دېگەن تەرزدە) قاراڭلار. كىشىلەر ئەسلىدە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بالا – مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەنلەر؛ يەنە بىرى ئامانلىق – خاتىرىجەملىككە ئېرىشكەنلەر. شۇڭا، سىناققا دۇچ كەلگەنلەرگە رەھىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئامانلىقتا (سالامەتلىكتە) بولغىنىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىڭلار.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد 135)
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
