مەشھۇر تابىئىن ئىماملاردىن قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: بىر كۈنى مۇتتەرىف ئىبنى ئابدۇللاھ «ئىككى كىشىنى كۆرىسەن. ئۇنىڭ بىرىنىڭ (نەپلە) نامىزى، (نەپلە) روزىسى ۋە سەدىقىسى يەنە بىرىدىن كۆپ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە بىرى (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) باشتىكىسىدىن كۆپ پەزىلەتلىك (يەنى ئۈستۈندۇر)» دېۋىدى. بىرى ئۇنىڭدىن «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. مۇتتەرىف جاۋابەن: «كېيىنكىسىنىڭ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن قېچىپ تەقۋادارلىق قىلىشى (باشتىكىسىدىن) يۇقىرى بولغاچقا» دېدى. hedisim.com (الزهد لأحمد بن حنبل 1336) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
