مەدىنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ الإِيمَانَ لَيَأْرِزُ إِلَى الْمَدِينَةِ كَمَا تَأْرِزُ الْحَيَّةُ إِلَى جُحْرِهَا)) «يىلان ئۆز ئۇۋىسىغا قايتقاندەك، ئىمان مەدىنىگە قايتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 1876)
سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (( لاَ يَكِيدُ أَهْلَ الْمَدِينَةِ أَحَدٌ إِلاَّ انْمَاعَ كَمَا يَنْمَاعُ الْمِلْحُ فِي الْمَاءِ )) «قانداقلا بىر كىشى مەدىنە ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن توزاق قۇرسا، ئۇ كىشى خۇددى تۇز سۇدا ئېرىگەندەك ئېرىپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدۇ. » hedisim.com (بۇخارى 1877)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:
جَاءَ أَعْرَابِيٌّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم فَبَايَعَهُ عَلَى الإِسْلاَمِ، فَجَاءَ مِنَ الْغَدِ مَحْمُومًا، فَقَالَ أَقِلْنِي، فَأَبَى ثَلاَثَ مِرَارٍ، فَقَالَ » الْمَدِينَةُ كَالْكِيرِ، تَنْفِي خَبَثَهَا، وَيَنْصَعُ طَيِّبُهَا «.
ئەئرابىيلاردىن بىرى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئىسلام ئۈستىدە بەيئەت بەرگەن ئىدى. ئەتىسى قىززىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن ھالەتتە كېلىپ «مېنىڭ بەيئىتىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغىن» دېدى. (ئۇ مۇشۇ تەلەپ بىلەن ئۈچ قېتىم كەلدى) رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ئۈچىلى قېتىمدا رەت قىلدى. ئاقىۋەتتە «مەدىنە تۆمۈرچىنىڭ كۆرىكىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆز كىرلىرىنى (داشقاللىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ، ياخشىلىرى (جەۋھەرلىرى) بولسا سۈزۈلۈپ جۇلالىنىدۇ.» (بۇخارى 1883-ھەدىس)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنِ اسْتَطَاعَ أَنْ يَمُوت بالمدية فليمت لَهَا فَإِنِّي أَشْفَعُ لِمَنْ يَمُوتُ بِهَا)) «كىم مەدىنىدە ۋاپات بولۇشقا قادىر بولالىسا، مەدىنىدە ۋاپات بولسۇن. چۈنكى، مەن (مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن) مەدىنىدە ۋاپات تاپقانلارنى (قىيامەت كۈنى) شاپائەت قىلىمەن.» hedisim.com (تىرمىزى 3917؛ مىشكات مەسابىھ 2750؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6015؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3741؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا؛1971 ئىمام ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا ۋە «سەھىھ جامىئۇس سەغىر» دا سەھىھ دېگەن؛ شۇئەيب ئارنائۇت «تخريج صحيح ابن حبان»دا سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق نەقىل قىلغان: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ: ئى رەببىم! ماڭا سېنىڭ يولۇڭدا شەھىد بولۇشنى رىزق قىلىپ بەرگىن! ئۆلۈمۈمنى رەسۇلۇڭ (مۇھەممەد) سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەھرىدە (يەنى مەدىنىدە) قىلىپ بەرگىن. hedisim.com (بۇخارى 1890)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئۆيۈم بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىسى جەننەت جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر. مۇنبىرىم ھەۋزى كۆلۈمنىڭ ئۈستىدىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1888)
— ھەدىس خەزىنىسى تورى تارقاتتى | hedisim.com
