رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسى: ئى ئاللاھ! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىنىڭ رىزقىنى جان ساقلىغۇدەك* مىقداردا قىلىپ بەرگىن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ((اللَّهُمَّ اجْعَلْ رِزْقَ آلِ مُحَمَّدٍ قُوتًا)) «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىنىڭ رىزقىنى ئېھتىياجغا يەتكۈدەك* مىقداردا قىلىپ بەرگىن.» hedisim.com (مۇسلىم، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئىبنى ھىببان، بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا)

* ھەدىستىكى «قُوتًا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئىمام نەۋەۋى رەھىەمەھۇللاھ « قدْرَ الكفاية، أو سد الرمق» دەپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، بۇ: «ئېھتىياجغا يەتكۈدەك مىقداردا» ياكى «جان ساقلىغۇدەك مىقداردا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ( فَتَّاوَى الإِمامِ النَّوَوَيِ 262)
ئىمام ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
وفي رواية: (كفافًا) (ئوخشاش مەزمۇندىكى) يەنە بىر ھەدىستە «كۇپايە قىلغۇدەك ھالەتتە (قىلىپ بەرگىن) دەپ كەلگەن.
بۇ ھەدىسنىڭ فىقھىي جەھەتتىكى مەنىسى شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رىزىقنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر تۈرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت (ھاجەتكە) يەتكۈدەك بولۇپ، نە كەم بولمايدىغانلىقىنى، نە ئېشىپ قالمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. چۈنكى «كۇپايە قىلغۇدەك رىزىق» دېگەنلىك — مەقسەتكە يەتكۈزىدىغان، ئېشىپ كېتىپ (ئارتۇقچە نەرسىلەر بىلەن كىشىنى) مەشغۇل قىلىپ قويمايدىغان، ياكى كەم بولۇپ قېلىپ ئۇنى تېپىش بىلەن ئاۋارە قىلىپ قويمايدىغان رىزىقتۇر.
بۇ دۇئادا تىلەنگەن «كۇپايە قىلغۇدەك رىزىق» دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگە بېرىلگەن رىزىقتىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى (ئادەتتە) كىشىلەرگە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇق رىزىق بېرىلمەيدۇ. دۇنيانىڭ پىتنىلىرىدىن ساقلىنىدىغان ۋە ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغان كۇپايە مىقدارىدىكى رىزىقنىڭ مۇشەققىتىنى تارتقان كىشى ئۈچۈن شۇ نەرە ئېنىقكى، كۇپايە قىلغۇدەك رىزىقتىن ئارتۇقچە بولغان نەرسە (ئىنساننى ھەق يولدىن) ئاۋارە قىلىپ قويىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

بۇ ھەدىستە يەنە مۇنداق مەنا بار: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رىزقىنىڭ كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا بولۇشىنى تىلىگەن. بۇنىڭ مەقسىتى — ئۇلارنىڭ مال-دۇنيانىڭ كۆپلۈكى بىلەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شۇنداقلا دۇنيا ئەھلىنىڭ ئۇلارنىڭ رىزقىغا ھەسەت قىلماسلىقى ئۈچۈندۇر. مۇشۇنداق بولغاندا، ئەگەر پېقىر كىشى ئۇلارنى كۆرسە (ئۇلارنىڭ ئاددىي تۇرمۇشىنى كۆرۈپ ئۆز ھالىغا) قانائەت قىلىدۇ، ئەگەر باي كىشى ئۇلارنى كۆرسە (ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇلۇغ تۇرۇپ شۇنداق ساددا ياشىغىنىدىن) نومۇس قىلىدۇ. (مەنبە:  الإفصاح عن معاني الصحاح) — قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ