وعن أبي هريرةَ ، قَالَ : قالَ رَسُول الله : (( صَلاةُ الرَّجلِ في جمَاعَةٍ تَزيدُ عَلَى صَلاتهِ في سُوقِهِ وبيتهِ بضْعاً() وعِشرِينَ دَرَجَةً ، وَذَلِكَ أنَّ أَحدَهُمْ إِذَا تَوَضَّأَ فَأَحْسَنَ الوُضوءَ ، ثُمَّ أَتَى المَسْجِدَ لا يُرِيدُ إلاَّ الصَّلاةَ ، لاَ يَنْهَزُهُ إِلاَّ الصَلاةُ : لَمْ يَخْطُ خُطْوَةً إِلاَّ رُفِعَ لَهُ بِهَا دَرجَةٌ ، وَحُطَّ عَنْهُ بها خَطِيئَةٌ حَتَّى يَدْخُلَ المَسْجِدَ ، فإِذا دَخَلَ المَسْجِدَ كَانَ في الصَّلاةِ مَا كَانَتِ الصَّلاةُ هِي تَحْبِسُهُ ، وَالمَلائِكَةُ يُصَلُّونَ عَلَى أَحَدِكُمْ مَا دَامَ في مَجْلِسِهِ الَّذِي صَلَّى فِيهِ ، يَقُولُونَ : اللَّهُمَّ ارْحَمْهُ ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ ، اللَّهُمَّ تُبْ عَلَيهِ ، مَا لَم يُؤْذِ فيه ، مَا لَمْ يُحْدِثْ فِيهِ )) . مُتَّفَقٌ عليه ، وهذا لفظ مسلم .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى ئۆيىدە ياكى بازاردا (خىزمەت ئورنىدا) ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىشى تاھارەتنى كامىل ئالسا، ئاندىن پەقەتلا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ مەسجىدكە كەلسە، ئۇنى ئۆيىدىن پەقەتلا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش نىيىتى چىقارغان بولسا، مەسجىتكە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا باسقان ھەر بىر قەدىمى سەۋەبلىك مەرتىۋىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە بىر گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ. مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن ناماز ئوقۇش نىيىتى بىلەن (نامازنى كۈتۈپ) مەسجىدتە تۇرغانلىكى مۇددەتتە نامازدا تۇرغانننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇغان يېرىدە تۇرغان، ھېچكىمگە ئازار بەرمىگەن ۋە تاھارىتىنى بۇزمىغان مۇددەت ئىچىدە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا <ئى رەببىم، بۇ بەندەڭگە رەھمەت قىلغىن. ئى رەببىن، بۇ بەندەڭنى مەغفىرەت قىلغىن؛ ئى رەببىم، بۇ بەندەڭنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغىن> دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 647؛ مۇسلىم 649؛ رىيازۇس سالىھىن 10) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
