بۈيۈك ساھابە ئەبۇ زەر غىفارى ناخشا – مۇزىكىلىق توي زىياپىتىگە نېمىشقا كىرمىدى؟

ئابدۇرراھمان ئىبنى زىياد رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان: ((أَنَّ أَبَا ذَرٍّ الْغِفَارِيَّ، دُعِيَ إِلَى وَلِيمَةٍ فَلَمَّا حَضَرَ إِذَا هُوَ بِصَوْتٍ فَرَجَعَ فَقِيلَ لَهُ: أَلَا تَدْخُلُ؟ فَقَالَ: «أَسْمَعُ فِيهِ صَوْتًا، وَمَنْ كَثَّرَ سَوَادًا كَانَ مِنْ أَهْلِهِ، وَمَنْ رَضِيَ عَمَلًا كَانَ شَرِيكَ مَنْ عَمِلَهُ»)) «ئەبۇ زەر غىفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توي زىياپىتىگە چاقىرىلغان ئىدى. ئۇ زات توي زىياپىتى بولغان جايغا يېتىپ بارغاندا بىر ئاۋاز (يەنى داقا – دۇمباق، ناغرا – سۇناي ئاۋازىنى) ئاڭلىدى ۋە كەينىگە قايتتى. ئۇنىڭغا «كىرمەمسىز؟» دېيىلىۋىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇ يەردىن بىر ئاۋازنى (يەنى داقا – دۇمباق، ناخشا – ساز ئاۋازىنى) ئاڭلىدىم. كىمكى بىر توپ (باتىل ئەھلىنىڭ) سانىنى كۆپەيتسە، ئۇمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. كىم بىر ئىشتىن رازى بولسا، ئۇ شۇ ئىشقا شېرىكتۇر.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ