قۇلىقىنى ناخشا – مۇزىكىدىن پاك تۇتقانلارغا قىيامەتتە بېرىلىدىغان مۇكاپات

ئىمام مالىك مەدىنىلىك بۈيۈك تابىئىن ئالىم مۇھەممەد ئىبنى مۇندەكىر رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «يُقَالُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ: أَيْنَ الَّذِينَ كَانُوا يُنَزِّهُونَ أَنْفُسَهَمْ وَأَسْمَاعَهُمْ عَنِ اللَّهْوِ، وَمَزَامِيرِ الشَّيَاطِينِ؟ اجعلُوهُمْ فِي رِيَاضِ الْمِسْكِ، ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ: أَسْمِعُوهُمْ حَمْدِي وَثَنَاءً عَلَيَّ، وَأَخْبِرُوهُمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ» قىيامەت كۈنى (پەرىشتىلەردىن بولغان بىر جاكارچى تەرىپىدىن) <ئۆزىنى ۋە قۇلاقلىرىنى ئويۇن – تاماشىدىن ۋە شەيتاننىڭ نەغمىلىرىدىن (ناخشا – مۇزىكىدىن) پاك تۇتقانلار قەيەردە؟ ئۇلارنى (جەننەتنىڭ) مىسك باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭلار> دېيىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ماڭا (پەرىشتىلەر ئوقۇيدىغان) ھەمدۇ – سانالارنى ئاڭلىتىڭلار ۋە ئۇلارغا ھېچبىر قورقۇنچ، ھېچبىر غەم – قايغۇ يوقلۇقىنى خەۋەر قىلىڭلار.» hedisim.com (ئىبنى مۇبارەك: زۇھد) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

* قۇلىقىنى شەيتاننىڭ نەغمە ناۋالىرىدىن ئۇزاق تۇتقانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات — پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھنى مەدھىيىلىشىنى ئاڭلاشتۇر. پەرىشتىلەر ئاللاھنى ئەڭ گۈزەل سۆزلەر بىلەن ئۇلۇغلايدۇ ۋە ماختايدۇ. ئاللاھ تائالا شۇ سۆزلەرنى جەننەت ئەھلىگە ئاڭلىتىدۇ. بۇ دۇنيادىكى بارلىق مۇزىكا ۋە ئاۋازلاردىن مىڭلارچە ھەسسە ئۈستۈن بولغان ئاجايىپ ھوزۇرلۇق، روھنى ئەڭ يۈكسەك ھۇزۇرغا چۆمدۈرىدىغان ئىلاھىي بىر ئاۋازدۇر.

مۇھەممەد ئىبنى مۇندەكىر مەدىنىلىك، قۇرەيش قەبىلىسىدىن چىققان مەشھۇر تابىئىن ئالىم. ئۇ ئىمام مالىك، سۇفيان سەۋرى قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ئۇستازىدۇر.

ئىمام مالىك مۇھەممەد ئىبنى مۇندەكىر رەھىمەھۇللاھ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەن قاچانلا قەلبىمدە بىر قاتتىقلىق (قوپاللىق) ھېس قىلسام، مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىرنىڭ يېنىغا باراتتىم. ئۇنىڭ ئىبادەتتىكى ھالىتىنى كۆرۈشلا ماڭا كۇپايە قىلاتتى ۋە كۈنلەرچە ماڭا تەسىر قىلاتتى.»

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ