ھەدىس | نامازدا تۇرۇپ بىر – بىرىمىز بىلەن گەپلىشەتتۇق

زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ جامائەت نامىزى ئوقۇۋاتقاچ گەپ قىلاتتۇق. بىرىمىز (نامازدىكى ھالەتتە) يېنىدىكى قېرىندىشى بىلەن گەپلىشەتتى. ئاقىۋەتتە ﴿وَقُومُوا لِلهِ قَانِتِينَ﴾ ﴿ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن (سۈكۈت بىلەن) تۇرۇڭلار﴾ دېگەن ئايەت نازىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن نامازدا جىم تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇق، (نامازدا) گەپ قىلىشىمىز مەنئىي قىلىندى.» (سۇنەن تىرمىزى 405) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ