زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((إِنَّ هَذِهِ الْحُشُوشَ مُحْتَضَرَةٌ فَإِذَا أَتَى أَحَدُكُمُ الْخَلَاءَ فَلْيَقُلْ: أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الْخُبُثِ وَالْخَبَائِثِ)) «ھاجەتخانىلار شەيتانلار ھازىر بولىدىغان (ماكان تۇتىدىغان) جايلاردۇر. سىلەردىن بىرىڭلار ھاجەتخانىغا كەلسە <ئەۇۋزۇ بىللاھى مىنەل خۇبۇسى ۋە خەبائىس> (ئاللاھقا سېغىنىپ ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تىلەيمەن) دېسۇن.» hedisim.com (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 6؛ سۇنەن ئىبنى ماجە 296؛ نەسائى: سۇنەن كۇبرا 9509؛ بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد 692؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 418؛ ئىبنى ھىببان 1406؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 626) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
