سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ((مَا مِنْ عَبْدٍ يَسْجُدُ لله سَجْدَةً، إِلَّا رَفَعَهُ اللهُ بِهَا دَرَجَةً وَحَطَّ عَنْهُ بِهَا خَطِيئَةً)) «قانداقلا بىر بەندە ئاللاھ ئۈچۈن بىر سەجدە قىلسا، چوقۇمكى بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى بىر دەرىجە كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىر گۇناھىنى ئۇنىڭدىن يۇيۇۋېتىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 1067؛ ئەھمەد 22775؛ ئىبنى ماجە 1423؛ تىرمىزى 388؛ نەسائىي 729) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
- بۇ يەردىكى بىر سەجدە نامازدىكى بىر سەجدىنى كۆرسىتىدۇ.
