ھەدىس | رەسۇلۇللاھ جامائەتكە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىمام بولغاندا تىلاۋەت قىلغان سۈرە

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسى ئۇممۇ فەزلدىن ھەدىس نەقىل قىلىدۇ، ئۇممۇ فەزل رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: (آخِرُ مَا سَمِعْتُ النَّبِيَّ ﷺ يَقْرَأُ فِي الْمَغْرِبِ بِالْمُرْسَلَاتِ)  «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان ئەڭ ئاخىرقى قۇرئان تىلاۋىتى — ئۇ زات شام نامىزىدا ئوقۇغان سۈرە مۇرسەلات تىلاۋىتى ئىدى.» hedisim.om (مۇسنەد ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ 2155؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 3590؛ لەۋزى ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھكە ئائىت؛ بۇخارىدىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا ھەدىس كەلگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسى ئۇممۇ فەزلدىن ھەدىس نەقىل قىلىدۇ، ئۇممۇ فەزل رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: (سَمِعْتُ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم يَقْرَأُ فِي الْمَغْرِبِ بِ ـ ‏‏{‏الْمُرْسَلاَتِ عُرْفًا‏}‏ ثُمَّ مَا صَلَّى لَنَا بَعْدَهَا حَتَّى قَبَضَهُ اللَّهُ‏) «مەن رەرسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شام نامىزىدا <ۋەلمۇرسەلاتى ئۇرفا> سۈرىسىنى ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغانمەن. رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەلمىدى.» hedisim.om (بۇخارى 4429) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئانام ئۇممۇل فەزل بىنتى ھارىس مېنىڭ «ۋەلمۇرسەلاتى ئۇرفا» سۈرىسىنى ئوقۇغۇنۇمنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ((إِنَّ أُمَّ الْفَضْلِ بِنْتَ الْحَارِثِ سَمِعَتْهُ وَهُوَ، يَقْرَأُ ‏‏{‏ وَالْمُرْسَلاَتِ عُرْفًا‏}‏ فَقَالَتْ يَا بُنَىَّ لَقَدْ ذَكَّرْتَنِي بِقِرَاءَتِكَ هَذِهِ السُّورَةَ إِنَّهَا لآخِرُ مَا سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَقْرَأُ بِهَا فِي الْمَغْرِبِ)) «ئى ئوغلۇم، سېنىڭ بۇ سۈرىنى قىرائەت قىلىشىڭ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇ سۈرىنى شام نامىزىدا قىرائەت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويدى.» hedisim.om (مۇسلىم 462) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ