عَنْ عُبادَةَ بن الصَّامِتِ، قَالَ: كَانَ نَبِيُّ الله ﷺ إِذَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ كُرِبَ لِذَلِكَ، وَتَربَّدَ لَهُ وَجْهُهُ قَالَ: فَأُنْزِلَ عَلَيْهِ ذَاتَ يَوْمٍ، فَلُقِيَ كَذَلِكَ، فَلمَّا سُرِّيَ عَنْهُ، قَالَ: «خُذُوا عَنِّي، فَقَدْ جَعَلَ اللهُ لهُنَّ سَبِيلًا، الثَّيِّبُ بِالثَّيِّبِ، وَالبِكْرُ بِالبِكْرِ، الثَّيِّبُ جَلدُ مِائَةٍ، ثُمَّ رَجْمٌ بِالحِجَارَةِ، وَالبِكْرُ جَلدُ مِائَةٍ، ثُمَّ نَفْيُ سَنَةٍ».
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھىي نازىل بولغاندا، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭدىن (ۋەھىينىڭ ئېغىرلىقىدىن) قىينىلىش ھېس قىلاتتى ۋە چىرايىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھقا يەنە ۋەھىي نازىل بولدى ۋە يەنە شۇنداق ھالەتكە چۈشتى. ۋەھىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «مەندىن (بۇ ھۆكۈمنى) ئۆگىنىۋېلىڭلار. ئاللاھ ئاياللارغا چىقىش يولىنى ئاچتى. توي قىلغانلارنىڭ توي قىلغانلار بىلەن زىنا قىلىشىنىڭ، توي قىلمىغانلار بىلەن توي قىلمىغانلارنىڭ زىنا قىلىشىنىڭ ھۆكمى شۇكى، توي قىلغان تۇرۇپ زىنا قىلغۇچىغا يۈز دەررە (قامچا) ئۇرۇلىدۇ، ئاندىن تاش بىلەن رەجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. توي قىلمىغان ھالەتتە زىنا قىلغۇچىغا يۈز دەررە ئۇرۇلىدۇ، ئاندىن بىر يىل سۈرگۈن قىلىنىدۇ.» hedisim.om (مۇسلىم 4432، ئەبۇ داۋۇد 4415، تىرمىزى 1434، نەسائىي 7104، ئەھمەد 22042، دارىمىي 2479، ئابدۇررازاق 13309، ئىبنى ئەبى شەيبە 29381) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
