ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ دَعَا إِلَى هُدًى كَانَ لَهُ مِنَ الأَجْرِ مِثْلُ أُجُورِ مَنْ تَبِعَهُ لاَ يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ أُجُورِهِمْ شَيْئًا وَمَنْ دَعَا إِلَى ضَلاَلَةٍ كَانَ عَلَيْهِ مِنَ الإِثْمِ مِثْلُ آثَامِ مَنْ تَبِعَهُ لاَ يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ آثَامِهِمْ شَيْئًا)) «كىم باشقىلارنى بىر توغرا ئىشقا چاقىرسا، ئۇ كىشى ئۆز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار ئېرىشكەن ساۋابىنىڭ ئوخشىشغا ئېرىشىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن بىرگە) شۇ ياخشىلىققا ئەگەشكەنلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ. كىم باشقىلارنى بىر ئازغۇنلۇققا\ گۇناھقا چاقىرسا، ئۇنىڭ ئازغۇن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى شۇ ئازغۇنلۇق\گۇناھقا چاقىرغۇچىغىمۇ بولىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ چاقىرغان) ئازغۇنلۇققا ئاۋاز قوشقانلارغا يېزىلىدىغان گۇناھتىن ھېچنەرسە كېمىيىپ كەتمەيدۇ.» hedisim.com(ئەبۇ داۋۇد 4609) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
