عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ الْحَارِثِ، عَنِ الْعَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، أَنَّهُ قَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، عَمُّكَ أَبُو طَالِبٍ كَانَ يَحُوطُكَ وَيَنْفَعُكَ، قَالَ: «إِنَّهُ فِي ضَحْضَاحٍ مِنَ النَّارِ، وَلَوْلا أَنَا كَانَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ»
ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇندق دېگەن: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! تاغىلىرى ئەبۇ تالىپ سىلىنى زىياندىن قوغدايتتى، سىلىگە مەنپەئەت يەتكۈزەتتى، (بۇنىڭ ئۇنىڭغا بىرەر پايدىسى بولامدۇ)» دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «دوزاخ ئوتى ئۇنىڭ ئىككى ھوشۇقىغا قەدەر كۆيدۈرىدۇ. ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە بولغان بولاتتى.» hedisim.om (ئەھمەد 1763؛ مۇسلىم 609 ھۇمەيدى 460؛ ئابدۇررازاق 9939؛ ئىبنى ئەبى شەيبە 13\165؛ ئەبۇ يەئلا 6695) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ الْحَارِثِ بْنِ نَوْفَلٍ، عَنْ عَبَّاسِ بْنِ عَبْدِ الْمُطَّلِبِ، قَالَ: قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ، هَلْ نَفَعْتَ أَبَا طَالِبٍ بِشَيْءٍ، فَإِنَّهُ كَانَ يَحُوطُكَ، وَيَغْضَبُ لَكَ، قَالَ: «نَعَمْ، هُوَ فِي ضَحْضَاحٍ مِنَ النَّارِ، وَلَوْلا ذَلِكَ لَكَانَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ»
ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ مۇندق دېگەن: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىنىڭ ئەبۇ تالىبقا بىرەر پايدىلىرى تېگەمدۇ؟ چۈنكى ئۇ سىلىنى يامانلىقتىن قوغدايتتى، سىلىگە بولۇشۇپ (قۇرەيش كاپىرلىرىغا) غەزەپلىنەتتى» دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ھەئە، دوزاخ ئوتى ئۇنى ھوشۇقىغىچە كۆيدۈرىدۇ. ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە بولغان بولاتتى.» hedisim.om (بۇخارى 6208؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 679؛ ئىبنى مەندە 961)
وعن النعمان بن بشير رضي الله عنهما قال : سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:إنَّ أهْوَنَ أهْلِ النَّارِ عَذابًا مَن له نَعْلانِ وشِراكانِ مِن نارٍ، يَغْلِي منهما دِماغُهُ كما يَغْلِ المِرْجَلُ، ما يَرَى أنَّ أحَدًا أشَدُّ منه عَذابًا وإنَّه لأَهْوَنُهُمْ عَذابًا
نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىدىن ئەڭ يەڭگىل جازالىنىدىغىنى ئىككى پۇتىنىڭ ئاستىغا بىردىن چوغ قويۇلغان كىشى بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ. ئۇ ئۆزىدىنمۇ ئېغىرراق جازالىنىۋاتقان باشقا بىرى يوق دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ دوزاخ ئەھلى ئارىسىدا ئەڭ يەڭگىل جازا بېرىلگەن كىشىدۇر.» hedisim.om (بۇخارى 6561؛ مۇسلىم 213؛ رىيازۇس سالىھىن 398) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
