ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((لَمَّا عُرِجَ بِي مَرَرْتُ بِقَوْمٍ لَهُمْ أَظْفَارٌ مِنْ نُحَاسٍ يَخْمِشُونَ وُجُوهَهُمْ وَصُدُورَهُمْ فَقُلْتُ مَنْ هَؤُلاَءِ يَا جِبْرِيلُ قَالَ هَؤُلاَءِ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ لُحُومَ النَّاسِ وَيَقَعُونَ فِي أَعْرَاضِهِمْ)) «مىراجغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ مىستىن تىرناقلىرى بار بولۇپ، يۈزلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى (شۇ مىس تىرناقلىرى بىلەن) تاتىلاپ (يارا قىلىۋېتىۋاتاتتى.) مەن <ئى جىبرىل! بۇلار كىملەر> دەپ سورىدىم. جىبرىل <بۇلار كىشىلەرنىڭ (غەيۋىتىنى قىلىش ئارقىلىق) گۆشىنى يەپ، ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكىدىغانلاردۇر> دېدى.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4878) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
