عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، قَالَ: قَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، إِنَّ فُلَانَةَ يُذْكَرُ مِنْ كَثْرَةِ صَلَاتِهَا، وَصِيَامِهَا، وَصَدَقَتِهَا، غَيْرَ أَنَّهَا تُؤْذِي جِيرَانَهَا بِلِسَانِهَا، قَالَ: » هِيَ فِي النَّارِ «، قَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، فَإِنَّ فُلَانَةَ يُذْكَرُ مِنْ قِلَّةِ صِيَامِهَا، وَصَدَقَتِهَا، وَصَلَاتِهَا، وَإِنَّهَا تَصَدَّقُ بِالْأَثْوَارِ مِنَ الْأَقِطِ، وَلَا تُؤْذِي جِيرَانَهَا بِلِسَانِهَا، قَالَ: » هِيَ فِي الْجَنَّةِ ”
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ! پالانچى ئايالنىڭ نامىزىنىڭ، روزىسىنىڭ، سەدىقىسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى سۆزلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئايال قوشنىلىرىغا تىلى ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىدۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بۇنداق ئايال دوزاختا بولىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا «ئى رەسۇلۇللاھ، پالانچى ئايالنىڭ روزىسىنىڭ، سەدىقىسىنىڭ ۋە (نەپلە) نامىزىنىڭ ئازلىقى سۆزلىنىدۇ، ئۇ پەقەت بىر نەچچە پارچە پىشلاقلا سەدىقە قىلىدۇ، لېكىن قوشنىلىرىغا تىلى بىلەن ئازار بەرمەيدۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بۇ ئايال جەننەتتە بولىدۇ» دېدى. hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، بۇخارى (ئەدەب ئەلمۇفرەدتە)، ھاكىم ۋە بەيھەقى نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىس) — قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
