مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكىنى ئوچۇق بىلدۈرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر

مەۋلۇتنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدىكى شەرئىي دەلىللەر

قۇدرەت بارات


ئىمام بۇخارىنىڭ دەۋردىشى، كاتتا ھەدىس ئىمامى ئىمام دارىمىنىڭ «سۇنەن دارىمى» ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلغان مۇنۇ ھەدىس مەۋلۇتنىڭ ۋە شۇ تىپتىكى دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان بارچە ئىشلارنىڭ ئازغۇن قىلمىش ئىكەنلىكىغا، دىندا ياخشى بىدئەتنىڭ يوقلۇقىغا ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.


[1] تابىىنلاردىن ئەمر ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

بىز بامدات نامىزىدىن بۇرۇن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتۇق. ئۇ چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەسچىتكە باراتتۇق. (بىر كۈنى) ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي يېنىمىزغا كېلىپ: «ئەبۇ ئابدۇرراھمان (يەنى ئىبنى مەسئۇد) تېخى يېنىڭلارغا چىقمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز: «ياق» دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىز بىلەن بىللە ئىبنى مەسئۇد چىققۇچە ساقلاپ ئولتۇردى.

ئىبنى مەسئۇد چىققاندا ھەممىمىز ئۇنىڭ ئالدىغا باردۇق. ئەبۇ مۇسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! مەن بايا مەسچىتتە بىر ئىشنى كۆرۈپ ئۇنى يات كۆردۈم (ياقتۇرمىدىم)، ئەمما ئاللاھقا شۈكۈركى، ياخشىلىقتىن باشقا نەرسە كۆرمىدىم.»
ئىبنى مەسئۇد: «ئۇ نېمە ئىش ئىكەن؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «ھازىر بارغىنىڭدا كۆرىسەن. مەسچىتتە بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھالقا-ھالقا بولغان ھالدا نامازنى ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھەر بىر ھالقىدا بىر ئادەم (يېتەكچى) بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۇششاق تاشلار بار ئىكەن. ئۇ ئادەم: ‹يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەكبىر ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەھلىل (لائىلاھە ئىللەلللاھ) ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەھلىل ئېيتىدىكەن. ‹يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار› دەيدىكەن، ئۇلار يۈز قېتىم تەسبىھ ئېيتىدىكەن» دېدى.

ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا نېمە دېدىڭ؟» دەپ سورىدى.
ئەبۇ مۇسا: «سېنىڭ كۆزقارىشىڭنى ياكى بۇيرۇقۇڭنى كۈتۈپ ئۇلارغا ھېچنېمە دېمىدىم» دېدى.
ئىبنى مەسئۇد: «سەن ئۇلارغا (سانايدىغان ئىش بولسا) گۇناھلىرىنى ساناشنى بۇيرۇپ، (مۇشۇنداق قىلسا) ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن (ساۋابلىرىدىن) ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلمىدىڭمۇ؟» دېدى.

ئاندىن ئىبنى مەسئۇد مەسجىدكە ماڭدى، بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدۇق. ئىبنى مەسئۇد مەسجىدتىكى ھېلىقى ھالقىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە:
— مەن كۆرۈۋاتقان بۇ ئىشىڭلار زادى نېمە؟! — دېدى. ئۇلار:
— ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان! بىز بۇ ئۇششاق تاشلار بىلەن تەكبىر، تەھلىل ۋە تەسبىھلەرنى ساناۋاتىمىز، — دېدى. ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دېدى:
— (سانايدىغان ئىش بولسا) سىلەر گۇناھىڭلارنى ساناڭلار! مەن سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلاردىن ھېچنېمىنىڭ يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلىمەن. ۋاي ئېسىت سىلەرگە، ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر نېمانداق تېز ھالاكەتكە يۈزلىنىسىلەر؟! پەيغەمبىرىڭلار ﷺ نىڭ ساھابىلىرى تېخى ئاراڭلاردا كۆپ تۇرسا، پەيغەمبەرنىڭ كىيىملىرى تېخى كونىراپ كەتمىگەن ۋە قاچا-قۇچىلىرى سۇنۇپ تۈگىمىگەن تۇرسا (يەنى پەيغەمبەر ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىڭلارمۇ؟!) جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر يا مۇھەممەدنىڭ دىنىدىنمۇ توغرا بىر دىننىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتىسىلەر، ياكى بولمىسا ئازغۇنلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋاتىسىلەر!» ئۇلار:
— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئى ئەبۇ ئابدۇرراھمان، بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا نىيەت قىلغان ئىدۇق،— دېدى. ئىبنى مەسئۇد جاۋابەن:
— ياخشىلىقنى نىيەت قىلغان، ئەمما ئۇنىڭغا يېتەلمىگەنلەر نېمىدېگەن كۆپ-ھە! رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە: ‹بىر قەۋم قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان ئۇلارنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ (يەنى قوبۇل بولمايدۇ)› دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىلەردىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن» دېدى. ئاندىن ئىبنى مەسئۇد ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ كېتىپ قالدى.

(بۇنى رىۋايەت قىلغۇچى) ئەمر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز كېيىن نەھرىۋان جېڭىدە ئاشۇ ھالقىدا زىكىر قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خاۋارىجلار سېپىدە بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.» hedisim.com (ئىمام دارىمى «سۇنەن دارىمى» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى

  • بۇ ھەدىس مەۋلۇت قاتارلىق بارچە بىدئەتلەرنىڭ قەتئىي دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ئۇنداق بىدئەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دىنىغا قوشۇلۇپ قالغان قانۇنسىز ئىشلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئوپچە زىكىرنى ئىنكار قىلىشى، بۈيۈك ساھابە ئەبۇ مۇسانىڭ بۇنى بىر چوڭ مەسىلە سۈپىتىدە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەۋەر قىلىشى دىنغا يېڭىدىن قوشۇلۇپ قالغان، دىنىي تۈس ئالغان ھەر قانداق ئىشلارنىڭ بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزغا بىز قىلمىغان ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» ھەدىسىمۇ ھەم مۇشۇنى بىلدۈرىدۇ. ئوپچە زىكىر قىلىشقا قارشى چىققان ساھابىلەر، رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئەلۋەتتە قارشى چىقىشى يۈزدە يۈز ئىدى. ساھابىلەرنىڭ يۈزىدىن يۈز ئۆرۈش كىشىنىڭ دىندا ئېزىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇ.
  • يۇقىرىقى كىشىلەر ئوقۇغان «لائىلاھە ئىللەللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «سۇبھانەللاھ» دېگەن زىكىرلەرنىڭ بۈيۈك پەزىلىتى بارچە ساھابىلەرگە، شۇنداقلا بارچە مۇسۇلمانلارغا قۇياشتەك ئايدىڭ. ئەمما، ئۇلار بۇ زىكىرلەرنى ئوپچە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۆگەتمىگەن، ساھابىلەر قىلمىغان رەۋىشتە قىلغىنى ئۈچۈنلا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئىنكار قىلغان. مەۋلۇتنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ، ساھابىلەرنىڭ، ھەتتا تۆت ئىمامنىڭ دەۋرىدە مەۋجۇت بولمىغانلىقى، ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن تۆت ئەسىردەك كېيىن فاتىمىي شىئەلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان قىلمىش ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ساھابىلەرنىڭ (ئەگەر مەۋلۇت تەبرىكلىگۈچىلەرنى كۆرگەن بولسا) ئۇنى ئىنكار قىلىشى ئوپچە زىكىرنى ئىنكار قىلىشىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى يۈزدە يۈز.
  • بەزى كىشىلەر مەۋلۇتنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىسپاتلاشقا قادىر بولالماي، ئاقىۋەتتە «مەۋلۇت ئادەت خاراكتېرلىك ئىش» دەپ، مەۋلۇتنى يوللۇققا چىقىرىش قەستىدە بولدى. ھالبۇكى، ئاتالمىش مەۋلۇت كېچىسىدە زىكىر ئوقۇلىدۇ، قۇرئان ئوقۇلىدۇ. زىكىر ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش مەۋجۇت بولغان بىر پائالىيەتنى «دىنىي ئىش ئەمەس ئادەت» دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق بىر دەۋا. بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ ئۆزى دەۋاتقان گېپىگە ئۆزىمۇ قايىل بولمايدىغانلىقى دەۋاسىنىڭ ئۆزىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.

ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم»دا نەقىل قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشنىڭ بىدئەتلىكىگە ئوچۇق دەلىل بولىدۇ.

[2] سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515 )

دۇئادا قول كۆتۈرۈشنىڭ پەزىلىتى ساھابىلەرگىمۇ، بارچە مۇسۇلمانلارغا ئايدىڭ مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرمەستىن دۇئا قىلغان يەردە قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش — ئۇمەرە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇنىڭ، شۇنداقلا باشقا ساھابىلەرنىڭ نەزىرىدە رەسۇلۇللاھقا خىلاپ يول تۇتۇپ، دىندا بىدئەت پەيدا قىلغانلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ھەزىرتى ئۇمەرە خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ۋالىيغا دەرھال قارشى چىققان، قارشى چىقىش بىلەنلا قالماي بەددۇئا قىلغان. بۇ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ نەقەدەر چوڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا، مەۋلۇتنىڭ ئىنكار قىلىنىشى تېخىمۇ بەك لايىقتۇر. چۈنكى مەۋلۇت نە رەسۇلۇللاھ، نە ساھابىلەر تونىمايدىغان قانۇنسىز، بىدئەت ۋە ئازغۇن قىلمىشتۇر.

بىشىر ئىبنى مەرۋان (74-يىلى ۋاپات بولغان) — مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان خەلىپە بولغاندا، بىشىر ئىبنى مەرۋان ئۇنىڭ ئورنىغا كۇفىگە ۋالىي بولغان. بىشىر ئىبنى مەرۋان جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ بىدئەت چىقارغاندا، ساھابە ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا دەرھال بەددۇئا قىلىپ، بۇ بىدئەتكە ئاشكارا رەددىيە قايتۇرغان. ساھابىلەر دىنغا ئائىت بىر ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىشتا، شۇ ماكان ۋە شۇ پەيتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلاتتى. بىدئەت پەيدا قىلغۇچى قانچە چوڭ باشلىق، قانچە چوڭ ھۆكۈمران بولۇپ كەتسۇن دەرھال رەددىيە قايتۇراتتى. ئۇلار بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرماسلىقنى — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىققا سۈكۈت قىلغانلىق ۋە بۇ ئاسىيلىققا شېرىكلەشكەنلىك دەپ بىلەتتى. كۈنىمىزدە،  بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرۇش «دىندا پىتنە تېرىغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلگەنلىك» دەپ قارىلىدىغان يامان ھالەت شەكىللەندى.

[3] ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن) 

ساھابىلەرنىڭ ئەمەل-ئىبادەت جەھەتتىكى زىللىقىغا ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان ئەگىشىشىگە قاراڭ. خەلىپە مۇئاۋىيە ئىبنى ئابباسنىڭ «سەن قىلغان بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھمۇ، ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ قىلمىغنا» دېيىشى بىلەنلا، كەبىنىڭ باشقا رۇكنلىرىنى سىلاشنى دەرھال تەرك ئېتىپ، ئىبنى ئابباسنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىغان. مەۋلۇتچىلار ۋە شۇ تىپتىكى بىدئەت ئاشىقلىرى «بۇنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان» دېسە، ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ، رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى باتىل يوللار ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئىنساپ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.

1- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

كنا نجلس على باب عبد الله بن مسعود قبل صلاة الغداة، فإذا خرج مشينا معه إلى المسجد، فجاءنا أبو موسى الأشعري، فقال: أخرج إليكم أبو عبد الرحمن بعد؟ قلنا: لا فجلس معنا حتى خرج، فلما خرج قمنا إليه جميعا، فقال له أبو موسى: يا أبا عبد الرحمن إني رأيت في المسجد آنفا أمرا أنكرته، ولم أر والحمد لله إلا خيرا، قال: فما هو؟ فقال: إن عشت فستراه، قال: رأيت في المسجد قوما حلقا جلوسا ينتظرون الصلاة في كل حلقة رجل وفي أيديهم حصا فيقول: كبروا مائة؛ فيكبرون مائة، فيقول: هللوا مائة؛ فيهللون مائة، ويقول: سبحوا مائة؛ فيسبحون مائة، قال: فماذا قلت لهم؟ قال: ما قلت لهم شيئا انتظار رأيك أو انتظار أمرك، قال: أفلا أمرتهم أن يعدوا سيئاتهم، وضمنت لهم أن لا يضيع من حسناتهم، ثم مضى ومضينا معه، حتى أتى حلقه من تلك الحلق فوقف عليهم، فقال: ما هذا الذي أراكم تصنعون؟! قالوا: يا أبا عبد الرحمن حصا نعد به التكبير والتهليل والتسبيح، قال: فعدوا سيئاتكم فأنا ضامن أن لا يضيع من حسناتكم شيء، ويحكم يا أمة محمد ما أسرع هلكتكم، هؤلاء صحابة نبيكم ﷺ متوافرون، وهذه ثيابه لم تبل، وآنيته لم تكسر، والذي نفسي بيده انكم لعلى ملة أهدى من ملة محمد أو مفتتحو باب ضلالة، قالوا والله يا أبا عبد الرحمن ما أردنا إلا الخير، قال: وكم من مريد للخير لن يصيبه، إن رسول الله ﷺ حدثنا: ﴿أن قوما يقرءون القرآن لا يجاوز تراقيهم﴾ وايم الله ما أدري لعل أكثرهم منكم، ثم تولى عنهم، فقال عمرو ابن سلمة: رأينا عامة أولئك الحلق يطاعنونا يوم النهروان مع الخوارج

2- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى

وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)

3- ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ