ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((كان يردف خلفه، ويضع طعامه على الأرض، ويجيب دعوة المملوك، ويركب الحمار)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇلاغسىز كىشىنى) ئۇلىغىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈۋالاتتى، تامىقىنى يەرگە قويۇپ يەيتتى، قۇل چاقىرىپ كەلسىمۇ ماقۇل بولۇپ باراتتى، ئېشەككە مىنەتتى.» hedisim.com |(ھاكىم: «مۇستەدرەك» تە خاتىرىلىگەن؛ ئەلبانى: الصحيحة ٢١٢٥، السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير 3953) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمىسى
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ﴾ ﴿(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۈستۈن ئەخلاققا ئىگىسەن.﴾ — قەلەم سۈرىسى، 4-ئايەت
