ھەدىس | ئىككى كەلىمە باردۇركى، تىلدا يەڭگىلدۇر (تەلەپپۇز قىلىش ئاساندۇر)، (قىيامەت كۈنىدىكى ياخشى-يامان ئەمەل ئۆلچىنىدىغان) مىيزاندا (ۋەزنى) ئېغىردۇر، رەھمان تائالاغا سۆيۈملۈكتۇر. (بۇ ئىككى كەلىمە) <سۇبھانەللاھىل ئەزىيم، سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى> دۇر

داۋامىنى ئوقۇڭ

ئوسمان ئىبنى ئەففۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر بەندە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ھەر ئاخشىمى < بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ >  دەپ ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 5088؛ تىرمىزى 3388؛ئىمام ئىبنۇل قەييىم «زادۇل مەئاد»تا (2\338) سەھىھ دېگەن، ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) [زىكىر]

داۋامىنى ئوقۇڭ