شەرئىي ئىلىم ئۈچۈن 18 يىل تىرىشتىم، ئەمدى توختايمۇ؟
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان پەتىۋاسى
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ! سىلىنىڭ ماڭا ۋە مەندەكلەرگە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟ مەن 18 يىلدەك ۋاقىتتىن بېرى ئالىملارنىڭ ئالدىدا شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىۋاتىمەن. لېكىن، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمغا يارىشا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنى قويۇپ، ئىشلەش ۋە ئىبادەت بىلەن بولسام بولارمۇ؟ شۇنىسى مەلۇم بولغايكى، يېشىم قىرىققا بېرىپ قالدى.
جاۋاب:
ياق. شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنى ھەرگىز تاشلىماڭ، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىڭ. سىز شەرئىي ئىلىمنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ بولالمايسىز، پەقەتلا بىر قىسىمىنى بىلەلەيسىز. بىر ئۆمۈر شەرئىي ئىلىم ئۆگەنسىڭىز، شەرئىي ئىلىمنىڭ پەقەت بىر قىسىمىنى ئۆگىنەلەيسىز. ئايەت:«سىلەرگە ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەندۇر.» (سۈرە ئىسرا، 85-ئايەت)
سالىھ ئەمەل ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدا بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بار. شەكسىزكى، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىشنى داۋام قىلىش ياخشىلىقتۇر.
ئىبادەتكە كەلسەك: ئەي قېرىندىشىم، شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ئىبادەتتۇر. «ئىلىم ئۆگىنىش نەپلە ناماز ئوقۇشتىن ئۈستۈندۇر.» (شەيخ ئېيتقان بۇ سۆز بۇ ئىمام شافىي قاتارلىق سەلەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزى.)
چۈنكى، نەپلە نامازنىڭ ياخشىلىقى ئوقۇغان كىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش بولسا ئۆگەنگەن كىشىگە ۋە باشقا ئىنسانلارغا پايدا كەلتۈرىدىغان ئىبادەتتۇر.
كىشىلەر سىز ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىمدىن پايدىلىنىدۇ. ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىمىڭىزدىن ئۆزۈڭىزمۇ پايدىلىنىسىز، باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى