رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتى ھەققىدە نېمە دېگەن؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305 [سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يەنە باشقا ھەدىسلەر زىكىر قىلىنمىدى. تور بېتىمىزدىن «فىتىر زاكىتى» دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەرگە ئېرىشەلەيسىز.]
كۆرگىنىمىزدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى يېمەكلىكتىن بېرىشنى ئوچۇق بۇيرۇدى. رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە پۇل — يەنى دىنار-دىرھەملەر بولۇشىغا قارىماستىن، كىشى دىنار-دىرھەملەر ئارقىلىق شۇ زاماندىمۇ ئۆزىگە لازىم ھەر قانداق نەرسىنى سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا قارىماستىن، پۇل بېرىشنى ئەمەس، يېمەكلىك بېرىشنى بۇيرۇدى.
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) ياكى ئارپىدىن بىر سائ ياكى خۇرمىدىن بىر سائ ياكى پىشلاقتىن بىر سائ ۋەياكى كىشمىشتىن بىر سائ بېرەتتۇق.» hedisim.com (بۇخارى 1506؛ مۇسلىم 985) أبي سعيد الخدرى قال: «كنا نخرج زكاة الفطر صاعا من طعام أو صاعا من شعير، أو صاعا من تمر، أوصاعا من أقط أو صاعا من زبيب» متفق عليه: خ (١٥٠٦/ ٣١٧/ ٣)، م (٩٨٥/ ٦٧٨/ ٢)، ت (٦٦٨/ ٩١/٢)، د (١٦٠١/ ١٣/٥)، نس (٥١/ ٥)، جه (١٨٢٩/ ٥٨٥/ ١).
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ئەسما (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە (فىتىر زاكىتى ئۈچۈن) ھۆر بولسۇن، قۇل بولسۇن بارچە ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن ئاساسلىق يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئۆلچەم بىرلىكى بولغان مۇد ۋە سائ ئۆلچىمىگە بىنائەن — يا ئىككى مۇد (يەنى يېرىم سائ) بۇغداي، ياكى بىر سائ خورما بېرەتتى.» hedisim.com «أن أسماء بنت أبي بكر كانت تخرج على عهد رسول الله – ﷺ – عن أهلها -الحر منهم والمملوك- مُدّيْن من حنطة أو صاعا من تمر، بالمد أو بالصاع الذي يقتاتون به» الطحاوي-شرح معاني الآثار- (٤٣/ ٢)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە فىتىر زاكىتى ھەققىدە نېمە دېگەن؟
ئىبنى ھۇبەيرە رەھىمەھۇللاھ «اختلاف الأئمة العلماء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلار (يەنى مەزھەب پېشىۋالىرى) فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى (يەنى پۇلىنى) بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق ئىچىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە بۇنىڭ سىرتىدا، ئەبۇ ھەنىفە پۇلىنى بېرىشنى دۇرۇس دېگەن. (واتَّفَقُوا على أنه لا يجوز إخْراج القيمَة فِي زَكاة الفطر.إلّا أبا حنيفَة فَإنَّهُ قالَ: يجوز.) [ختلاف الأئمة العلماء ١/٢١٤]
كىشى بەرگەن پەتىۋا ھەدىسكە زىت كەلسە قانداق قىلىمىز؟
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (إذا قلت قولا يخالف كتاب الله تعالى وخبر الرسول ﷺ فاتركوا قولي) «ئەگەر مەن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە زىت بىر سۆزنى ئېيتقان بولسام، بۇنداق سۆزۈمنى تاشلاڭلار.» hedisim.com (الفلاني في الإيقاظ ص ٥٠، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(إذا صح الحديث فهو مذهبي)«ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىمدۇر.» hedisim.com (ابن عابدين في «الحاشية» ١ / ٦٣)
شەيخ ئابدۇلئەزىم بەدەۋىي مۇنداق دېگەن: فەقىھلەرنىڭ كۆپچىلىكى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى ھۆكمىدە بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە (جۇمھۇرنىڭ ئەكسىچە) دۇرۇس دېگەن. بۇ ھۆكۈمنى ئىمام نەۋەۋى مۇسلىم شەرھىدە نەقىل قىلغان. دەيمەنكى: ئەبۇ ھەنىفەنىڭ بۇ كۆز قارىشى رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى:«رەببىڭ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.» (سۈرە مەريەم 64-ئايەت) (شەيخ بۇ ئايەتنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق — ئەگەر يېمەكلىك ئورنىغا پۇل بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ياكى كىتابىدا يا رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە سۆز قىلغان بولاتتى ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى كىتابىدا ياكى رەسۇلىنىڭ سۈننىتىدە بايان قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتى،دېمەكچى.) ئەگەر فىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك ئورنىغا پۇل-مال بېرىش دۇرۇس بولغان بولسا، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. شۇڭا، شەرئىي دەلىلنى تولغاپ، بۇرمىلىماستىن، شەرئىي دەلىلنىڭ ئاشكارا ھۆكمى تۇرغان يەردە تۇرۇش لازىم. [الوجيز في فقه السنة والكتاب العزيز ١/٢٣١ — عبد العظيم بدوي]
خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى بار يەردە، ھېچكىمنىڭ كۆز قارىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.» (ئىمام ئىبنى قەييىم «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين» دە نەقىل قىلغان)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى:«سىلەر ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا ماڭا ئەگىشىڭلار (يەنى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ۋە مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلىڭلار1)، شۇندىلا ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ غەفۇردۇر، رەھىمدۇر. (سۈرە ئالى ئىمران، 31-ئايەت) [1.تەپسىر بەغەۋى]
{مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّە}{كىمكى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.} (سۈرە نىسا، 80-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ}{سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە دۇنياغا ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى».} (سۈرە ئالى ئىمران، 165-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ}{رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.} (سۈرە نۇر، 63-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ}{…زۇلۇم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار.} (سۈرە ھەدىد، 9-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ شاگىرتى قازى ئەبۇ يۈسۈپ رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېگەن:(ويحك يا يعقوب (هو أبو يوسف) لا تكتب كل ما تسمع مني فإني قد أرى الرأي اليوم وأتركه غدا وأرى الرأي غدا وأتركه بعد غد) «ۋاي ساڭا ئى ئەبۇ يۈسۈپ! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزنى يېزىۋەرمە. چۈنكى، مەن بۈگۈن بىر قاراشتا بولۇپ ئەتىسى ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن. ئەتە بىر قاراشتا بولۇپ، ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭدىن يېنىۋالىمەن.» (صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كېيىن ياشىغان ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىشىمۇ، ياكى رەت قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزىلا شەكسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.» (ابن عبد البر في الجامع ٢ / ٩١)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا ئىتتىپاقا كەلدىكى، ئەگەر بىر كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن بىرى يەتسە، ئۇ كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى تاشلاپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىشى ھالال ئەمەس.» hedisim.com (الفلاني ص ٦٨، صفة صلاة النبي صلى الله عليه وسلم – الألباني)
ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىتابىمدا ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە زىت بىرەر نەرسە بايقىساڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى تاشلاڭلار.» hedisim.com (النووي في المجموع ١ / ٦٣)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com [صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361). {كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى.}]
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (من رد حديث رسول الله ﷺ فهو على شفا هلكة) «كىم ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالاكەتنىڭ بوسۇغىسىدىدۇر.» hedisim.com (ابن الجوزي في المناقب (ص ١٨٢)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدوا صاعا من طعام في الفطر))«فىتىر سەدىقىسىنى يېمەكلىكتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلوگرام) مىقداردا بېرىڭلار.» hedisim.com (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر242؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3305 [سۆز ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى يەنە باشقا ھەدىسلەر زىكىر قىلىنمىدى. تور بېتىمىزدىن «فىتىر زاكىتى» دەپ ئىزدەش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەرگە ئېرىشەلەيسىز.]
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى