ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدا ئۇچۇق ۋە قىسقا كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ ھۆكمى
ئەللامە ئابدۇلكەرىم خۇدەير پەتىۋاسى
سوئال: ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدا ئۇچۇق ۋە قىسقا كىيىملەرنى كىيىشى ھاراممۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلخۇدەير
جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدا كىيىنىشنىڭ ھۆكمى ئۇلارنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدىكى كىيىنىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ، شۇنداقلا ئايال كىشى دادىسى، ئۇغۇل قېرىنداشلىرى، دادا تەرەپ تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى ۋە باشقا مەھرەملىرى ئالدىدا كىيگەن كىيىمنى ئاياللارنىڭ ئالدىدا كىيىشى چەكلەنمەيدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئاشۇرۋېتىشى دۇرۇس ئەمەس. قىسقا دېگىنىمىز — مەھرەملىرى ئالدىدا كىيىلىش بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان، شەھۋەتنى قوزغىمايدىغان، (مۇسۇلمان ئايالنىڭ) دادىسى ۋە ئوغۇل قېرىنداشلىرى ئالدىدا كىيىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە يات بولمىغان دەرىجىدىكى كىيىمنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمما ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدىكى كىيىنىشنىڭ ھۆكمى ئۇلارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىكى كىيىنىشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا ناھايىتى تونۇشلۇق ۋە مەشھۇر بولغان بىر مەسىلە. لىكىن، سۈرە نۇر ۋە سۈرە ئەھزابتىكى دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، ئاياللار مەھرەملىرىگە ئەگەشتۈرلىدۇ دىگەن قاراش كۈچلۈك، يەنى ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدىكى كىيىنىشنىڭ ھۆكمى ئۇلارنىڭ ئۆز مەھرەملىرى ئالدىدىكى كىيىنىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش دېگەن قاراش سەھىھتۇر.
[ئەھلى ئىلىم مۇشۇ ھەقتە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئەرلىرىنىڭ ئالدىدىن باشقا ھالەتتە، مەھرەملىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇزۇن، كەڭرى كىيىملەرنى كىيىش لازىم دەپ پەتىۋا بەرگەن چوڭ ئۆلىمالار ئاز ئەمەس. ئىختىلاپتىن قېچىش، خاتاغا چۈشۈپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇش مەقسىتىدە مۇشۇ خىل ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرى تۇتقۇچى ئاياللارغا ئاللاھ كۆپ رەھمەت قىلسۇن. ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىش، ئىختىلاپ بولغان مۇشۇ مەسىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى تەرەپ بولۇپ، پىرقىگە بۆلۈنۈپ، ئۆز-ئارا تاپا-تەنە قىلىشى ۋە بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشىدۇر.-مۇجتەھىد تورىدىن ئەسكەرتمە]
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تارقاتتى | mujtehid.com
بىزگە ئەگىشىڭ
تېلگرام قانىلىمىزغا ئەگىشىڭ
يۇتيۇب قانىلىمىزغا ئەگىشىڭ
تۋىتىر قانىلىمىزغا ئەگىشىڭ
مەنبە:
https://shkhudheir.com/fatawa/1094379588