گەردىنىدە رامزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
437- سوئال: ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىشى توغرىسىدىكى قاراشلىرى نېمە؟
جاۋاب: بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن چىقىدۇ: «بىر كىشى رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنۇڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 440)
بىر كىشىنىڭ ئۈستىدە قازا روزىسى بولسا ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، بۇ شەۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن ئىلگىرى تۇتامدۇ ياكى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن كېيىن تۇتامدۇ؟
مەسلەن: رامىزاندا 24 كۈن روزا تۇتقان ۋە ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسى بار بولغان كىشىنىڭ ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان بولسا «بۇ كىشى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتتى ۋە ئارقىدىنىلا شەۋۋال ئېيىنىڭ 6كۈنلۈك روزىسىنى تۇتتى» دېيىلمەيدۇ. شۇۋەجىدىن ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان ھالدا، شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان كىشىگە شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنىڭ ساۋابى يېزىلمايدۇ.
بۇ مەسىلە ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتىشى دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ دائىرسىدە ئەمەس. چۈنكى ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتۇشى دۇرۇس توغرىسىدىكى ئىختىلاپى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى سىرتىدىكى نەفلە روزىلارغا قارىتىلغان. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بولسا رامىزان روزىسىغا ئەگىشىدۇ. شۇڭا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈنلۈك روزا تۇتۇشنىڭ ساۋابى پەقەتلا، رامىزاننىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتقان كىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. (ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئالاقىدار پەتىۋالار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)