شەۋۋال روزىسىنى شەۋۋال ئېيىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتۇشقا بولامدۇ؟
441-سوئال: كىشى شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى بۇ ئاي ئىچىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋاقتى بارمۇ؟ مۇسۇلمانلار بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ 6 كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان ۋاقىتتا بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى ئۇلارغا پەرىز بولۇپ ھەر يىل تۇتۇشى كېرەك بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 442)
بۇ ئالتە كۈننىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوق. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىچىدىن خالىغان كۈندە تۇتسا بولىدۇ. خالىسا ئاينىڭ بېشىدا، خالىسا ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا، خالىسا ئاينىڭ ئاخىرىدا، خالىسا ئاينىڭ ئىچىدە ئارلاپ-ئارلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانالار بولسۇن! بۇنۇڭدا بىر كەڭچىللىك بار . خالىسا تېزلا باشلاپ شەۋۋال ئېيىنىڭ بېشىدىلا ئارقا-ئارقىدىن تۇتسا ياخشىلىققا ئالدىراش جۈملىسىدىن بولۇپ تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. پەقەت بۇ مەسىلىلىدە بىر تارلىق يوق، بەلكى كەڭچىللىك بار. خالىسا ئارقا-ئارقىدىن تۇتىدۇ، خالىسا ئارلاپ-ئارلاپ تۇتىدۇ. چۈنكى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى پەرىز ئەمەس، نەفلە روزىدۇر. بەزى يىللاردا تۇتۇپ بەزى يىللاردا تۇتمىسىمۇ ھېچ مەسىلە يوق. (ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالىرى، 441-نومۇرلۇق پەتىۋا)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى – مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى