شەۋۋال روزىسىغا ئالاقىدار مۇھىم پەتىۋالار
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(«ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى)
تۇتالمىغان رامزان روزىسى بار كىشىنىڭ شەۋۋال روزىسىنى تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى
437- سوئال: ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىشى توغرىسىدىكى قاراشلىرى نېمە؟
جاۋاب: بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن چىقىدۇ:«بىر كىشى رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنۇڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 440)
بىر كىشىنىڭ ئۈستىدە قازا روزىسى بولسا ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتماقچى بولسا، بۇ شەۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن ئىلگىرى تۇتامدۇ ياكى رامىزاننىڭ قازا روزىسىدىن كېيىن تۇتامدۇ؟
مەسلەن: رامىزاندا 24 كۈن روزا تۇتقان ۋە ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسى بار بولغان كىشىنىڭ ئالتە كۈنلۈك قازا روزىسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان بولسا« بۇ كىشى رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتتى ۋە ئارقىدىنىلا شەۋۋال ئېيىنىڭ 6كۈنلۈك روزىسىنى تۇتتى» دېيىلمەيدۇ. شۇۋەجىدىن ئۈستىدە رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان ھالدا، شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان كىشىگە شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنىڭ ساۋابى يېزىلمايدۇ.
بۇ مەسىلە ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتىشى دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئىختىلاپىنىڭ دائىرسىدە ئەمەس. چۈنكى ئالىملارنىڭ قازا روزىسى بولغان كىشىنىڭ نەفلە روزا تۇتۇشى دۇرۇس توغرىسىدىكى ئىختىلاپى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى سىرتىدىكى نەفلە روزىلارغا قارىتىلغان. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بولسا رامىزان روزىسىغا ئەگىشىدۇ. شۇڭا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈنلۈك روزا تۇتۇشنىڭ ساۋابى پەقەتلا، رامىزاننىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتقان كىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن.
شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى قايسى چاغدا تۇتۇش ئەڭ ئەۋزال
440-سۇئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى قايسى ۋاقىتتا تۇتۇش ئەڭ پەزىلەتلىك؟
جاۋاب: ئالىملارنىڭ بىلدۈرگىنىدەك شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى روزا ھېيىتتىن كېيىنلا تۇتۇش ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش تېخىمۇ پەزىلەتلىك. چۈنكى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك «كېيىن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن» بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ شەرئىي دەلىللەر تەشۋىق قىلغان شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇش، مەدھىيىلەنگەن ياخشىلىققا ئېرىشىش ماقامى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۆمىن كىشىنىڭ كامىل ئىمانىنى كۆرسىتىدىغان بىر قەتئىيلىكتۇر. شۇنداق ئىكەن پۇرسەتلەرنى قاچۇرپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى كىشى كېيىن بېشىغا نېمە ئىش كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنى دەيمەنكى:
پۈتۈن ئىشلىردا توغرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ۋاقىتتا بەندىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى ئۇ ئەمىلىنى تېزدىن قىلىشى ۋە پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىدۇر.
شەۋۋال روزىسىنى ئۇلاپ تۇتىمىزمۇ، ئارىلاپ تۇتساقمۇ بولامدۇ؟
441-سۇئال: كىشى شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزىنى بۇ ئاي ئىچىدىكى خالىغان كۈنلەردە تۇتسا دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋاقتى بارمۇ؟ مۇسۇلمانلار بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ 6 كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان ۋاقىتتا بۇ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى ئۇلارغا پەرىز بولۇپ ھەر يىل تۇتۇشى كېرەك بولامدۇ؟
جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:« كىم رامىزان روزىسىنى تۇتسا، كېيىن ئۇنۇڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» (مۇسلىم 442)
بۇ ئالتە كۈننىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوق. شەۋۋال ئېيىنىڭ ئىچىدىن خالىغان كۈندە تۇتسا بولىدۇ. خالىسا ئاينىڭ بېشىدا، خالىسا ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا، خالىسا ئاينىڭ ئاخىرىدا، خالىسا ئاينىڭ ئىچىدە ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سانالار بولسۇن! بۇنۇڭدا كەڭچىلىك بار . خالىسا تېزلا باشلاپ شەۋۋال ئېيىنىڭ بېشىدىلا ئارقا-ئارقىدىن تۇتسا ياخشىلىققا ئالدىراش جۈملىسىدىن بولۇپ، تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر. پەقەت بۇ مەسىلىلىدە تارلىق يوق، بەلكى كەڭچىللىك بار. خالىسا ئارقا-ئارقىدىن تۇتىدۇ، خالىسا ئارلاپ-ئارلاپ تۇتىدۇ. چۈنكى شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى پەرىز ئەمەس، نەفلە روزىدۇر. بەزى يىللاردا تۇتۇپ بەزى يىللاردا تۇتمىسىمۇ ھېچ مەسىلە يوق.
ئىسلامنىڭ ئەركانلىرى ھەققىدە پەتىۋالار ناملىق ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | mujtehid.com
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى