چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمىغان كىشى ئىستىنجا قىلماستىنلا تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟ | ئىمام ئىبنى باز

چوڭ – كىچىك تەرەت قىلمىغان كىشى ئىستىنجا قىلماستىنلا تاھارەت ئالسا بولامدۇ؟

سوئال: ناماز ئۈچۈن (تاھارەت ئالىدىغان چاغدا) ئىستىنجا قىلغاندا ئالدى ۋە ئارقا ئەۋەرتنىڭ ھەر ئىككىسىنى يۇيۇش كېرەكمۇ، ياكى ئالدى ئەۋرەتنىلا يۇيۇش بىلەن كۇپايىلىنەمدۇق؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ

جاۋاب: ئەگەر ئالدى ياكى كەينى ئەۋرەتلەردىن چوڭ-كىچىك تەرەت چىققان بولسا، ئۇ ھالدا ئالدى ۋە ئارقا ئەۋرەتنى يۇيۇش (ئىستىنجا قىلىش) كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئالدى-ئارقا ئەۋەرتلەردىن چوڭ ياكى كىچىك تەرەت چىقمىسا، كىشىدىن پەقەتلا (ئارقا تەرەپتىن) يەل كېلىش ياكى ئۇخلاش سادىر بولغان بولسا، ياكى كىشى ئەۋرىتىنى بىۋاستە تۇتقان بولسا، ياكى تۆگە گۆشى يېگەن بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا (ئالدى ئارقا ئەۋرەتلەرنى يۇيۇپ ئىستىنجا قىلىپ يۈرمەستىن) تاھارەت ئېلىشى ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ — يەنى (ئىستىنجا قىلىپ يۈرمەستىن تاھارەت ئېلىش نىيىتىدە بىۋاستە) يۈزىنى، جەينىكى بىلەن قوشۇپ، ئىككى قولىنى يۇيۇشى، بېشىغا ۋە ئىككى قۇلىقىغا مەسھ قىلىشى، ھوشۇقى بىلەن قوشۇپ ئىككى پۇتىنى يۇيۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا — ئالدى-ئارقا ئەۋرەتتىن چوڭ كىچىك تەرەت ياكى بۇ ئىككىسىنىڭ ھۆكمىدىكى نەرسىلەر چىقمىغانلىقى ئۈچۈن — بۇ ئىككى ئورۇننى سۇ بىلەن تازىلاش (ئىستىنجا قىلىش) شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. كىشى ئەگەر پەقەتلا كىچىك تەرەت قىلغان بولۇپ، ئارقا ئەۋرىتىدىن (تەرەت ياكى شۇنىڭ ھۆكمىدىكى) ھېېچنەرسە چىقمىغان بولسا، ئۇھالدا ئارقا تەرەپنىمۇ يۇيۇپ يۈرمەستىن، پەقەتلا ئالدى ئەۋرىتىنى يۇيۇشى كېرەك بولىدۇ. (چوڭ كىچىك تەرەت قىلغان كىشى) ئىستىنجادىن (ئەۋرىتىنى سۇ بىلەن يۇيۇشتىن) كېيىن — يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك — ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالىدۇ. تاھارەت ئالغاندا ئېغىز ۋە بۇرۇننى سۇ بىلەن چايقاشمۇ يۈزنى يۇيۇشنىڭ دائىرىسگە كىرىپ كېتىدۇ. [مەنبە: مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 10/ 36] فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋادا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر:

— تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار: يەل قويۇۋېتىش، ئۇخلاش، تۆگە گۆشى يېيىش، ئۆزىنىڭ ئەۋرىتىنى (ياكى باشقىسىنىڭ ئەۋرىتىنى) بىۋاستە تۇتۇش. (بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەر بىرى سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.)

— يەل قويىۋەتكەن ياكى ئەۋرىتىنى بىۋاستە تۇتقان كىشىنىڭ ئىستانجا قىلىشى كېرەك ئەمەس. ئالدى ياكى ئارقا ئورۇندىن چوڭ-كىچىك تەرەت چىقىش، ياكى ئۇنىڭ ھۆكمىدىكى قۇرۇت، قان-يىرىڭ چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىستىنجا قىلىنىدۇ. يەنى ئالدى ياكى ئارقا جايدىن تۇتقىلى ياكى كۆرگىلى بولىدىغان ھەر قانداق نەرسە چىققان بولسا، تاھارەت بۇزۇلىدۇ، بۇ خىل ھالدا ئۇ ئورۇننى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ. ئىككى ئورۇندىن نىجاسەت قاتارلىق نەرسىلەر چىققان بولسا، يۇماستىن ياكى قەغەز قاتارلىقلار بىلەن (بىلمەسلىك ياكى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك) پاكلىماستىن، ئېلىنغان تاھارەت دۇرۇس ئەمەس، ئوقۇلغان نامازمۇ دۇرۇس بولمايدۇ.

— شەيخنىڭ باشقا پەتىۋاسىدا ئېيتقىنىدەك، ئايال كىشىدىن كەلگەن سۇيۇقلۇق تاھارەتنى بۇزىدۇ، ئىستىنجا قىلىپ تەرەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ. (https://binbaz.org.sa/fatwas/31522/حكم-الرطوبات-التي-تخرج-من-فرج-المراة)

پەتىۋانىڭ ئەرەپچە تېكىستى:

غسل القبل والدبر عند الاستنجاء

س: عند الاستنجاء للصـلاة، هل يلزم غسـل القبل والدبـر، أم يكتفي بالقبـل فقط؟

ج: يجب غسل الدبر والقبل إذا خرج منهما الأذى من الغائط والبول، أما إذا لم يخرج منهما شيء، وإنما أحدث الإنسان ريحًا أو نومًا، أو مس فرجه من غير حائل، أو أكل لحم الإبل، فإنه يكفيه الوضوء: وهو غسل الوجه واليدين مع المرفقين، ومسح الرأس والأذنين، وغسل الرجلين مع الكعبين، ولا يشرع له الاستنجاء في هذه الحالة؛ لأنه لم يخرج منه بول ولا غائط ولا ما في حكمهما، فإن خرج منه بول فقط فإنه يكفيه غسل طرف الذكر عن البول، ولا يشرع له غسل الدبر إذا لم يخرج منه شيء، ثم يتوضأ وضوء الصلاة، كما تقدم، ويدخل في غسل الوجه المضمضة والاستنشاق.

والله ولي التوفيق[1].

سؤال موجه من ع س من الرياض في مجلس سماحته، (مجموع فتاوى ومقالات الشيخ ابن باز 10/ 36). 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ