سۈرە قەلەم (68-سۈرە)
مەككىدە نازىل بولغان، 52 ئايەت
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
ن ۚ وَالْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ
1.نۇن. (<ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن> لەۋھۇل مەھفۇزغا قىيامەتكە قەدەر تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنى يازغان) قەلەم بىلەن ۋە (پەرىشتىلەر ئادەم بالىسىنىڭ سۆز-ئەمەللىرىنى خاتىرلەپ يېزىپ تۇرىدىغان قەلەمنىڭ2) يازغانلىرى بىلەن قەسەم.
يَسْطُرُ — يازماق، خاتىرلىمەك
ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلىغا مۇنداق دېگەن: ئى ئوغلۇم! سېنىڭ بېشىڭغا كېلىشى پۈتۈلگەن ئىشنىڭ چوقۇم ساڭا كېلىدىغانلىقىنى، ساڭا پۈتۈلمىگەن ئىشنىڭ ساڭا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمىگۈچىلىك ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى تېتىيالمايسەن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
ئاللاھ ياراتقان تۇنجى نەرسە قەلەمدۇر. ئاللاھ (قەلەمنى يارىتىپ) ئۇنىڭغا «ياز!» دېدى. قەلەم <ئى رەببىم! نېمىنى يازىمەن؟» دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ: «تاكى قىيامەتكە قەدەر تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياز» دېدى.
ئى ئوغلۇم، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «مۇشۇنىڭدىن باشقا (ئەقىدە) ئۈستىدە ئۆلگەن كىشى مەندىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 4700؛ ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ جامىئۇس سەغىر» (5224) تە سەھىھ دېگەن؛ ئەجلۇنى «كشف الخفاء» 1\366 دە ھەسەن دېگەن؛ ۋادىئىي سەھىھ مۇسنەد (1050) تە ھەسەن دېگەن؛ ئىبنى قەييىم «شفاء العليل» (1\343) دە سەھىھ دېگەن)
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
2. (ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ (ئىمان ۋە پەيغەمبەرلىك1) نېمىتى بىلەن (شەرەپلەنگەنسەن، قۇرەيش كاپىرلىرى ئېيتقاندەك) ساراڭ ئەمەسسەن. (ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن، ساراڭلىق سەندىن ئۇزاقتۇر.1 ئۇنىڭ ئەكسىچە، سەن ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋە ھېكمەت نېمىتى ئاتا قىلغان كىشىسەن.2)
بۇ ئايەت قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ «ئى زىكىر نازىل قىلىنغان كىشى! سەن راستتىنلا ساراڭ» (سۈرە ھىجر، 6) دېگەنلىكىگە جاۋاپ سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان. (تەپسىر بەغەۋى)
وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
3. شەكسىزكى، (سەن رەببىڭدىن كەلگەن بۇيرۇق ۋە ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئىنسانلارغا تولۇق يەتكۈزگەنلىكىڭ1، شۇنداقلا قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ ساڭا قىلغان تۆھمەتلىرىگە ۋە سېنى ساراڭلىق بىلەن سۈپەتلەشلىرىگە سەبر قىلغانلىقىڭ يۈزىسىدىن2) ساڭا تۈگەپ قالمايدىغان ساۋاپ بار. (يەنى، ساڭا يېزىلىپ تۇرىدىغان ساۋاپ قىيامەتكە قەدەر توختاپ قالمايدۇ ۋە بۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاللاھ قىيامەتتە ساڭا تولۇقى بىلەن بېرىدۇ.3)
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
4. شۈبھىسىزكى، سەن بەك ئۈستۈن ئەخلاققا ئىگىدۇرسەن.
بۇ يەردىكى ئېسىل ئەخلاق قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشتۇر. يەنى قۇرئاندا ئەمر قىلىنغان ئەدەپ-ئەخلاقلارنى ئۆزىدە تولۇق بار قىلىپ ياشاشتۇر. (زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇرئان ئۆزىنى نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى قىلاتتى، نېمىدىن چەكلىسە شۇنىڭدىن ياناتتى. (ئىبنى كەسىر)
بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ئىدى، ئىنسانلار ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل زات ئىدى، بويى ئېگىزمۇ ئەمەس، پاكارمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي ئىدى. (بۇخارى 3549، مۇسلىم 2337)
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىدىن خەۋەر بەرگەيلا» دەپ سورالغىنىدا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى» (يەنى قۇرئان بۇيرۇغان بارچە ئەدەپ-ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھتا بار ئىدى) دەپ جاۋاپ بەرگەن ۋە «شۈبىھسىزكى، سەن بەك ئۈستۈن ئەخلاققا ئىگە» ئايىتىنى ئوقۇمامسەن؟ دېگەن. (ئەھمەد، تەبەرى، ئەبۇداۋۇد، نەسائى)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مېنى گۈزەل ئەخلاقنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى.» (بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد، ئەھمەد، مالىك، ھاكىم)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل زات ئىدى.» (بۇخارى 6203؛ مۇسلىم 2150؛ رىيازۇس سالىھىن 621)
ئەخلاق — كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ماختىلىدىغان ياكى تەنقىدلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. (قۇرتۇبى، مۇفھىم)
گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۈرلىرى: ئەپۇچانلىق، راستچىللىق، كەڭ قورساقلىق، مەرت-سېخىيلىق، كەمتەرلىك، سەبرچانلىق، ئىپپەتلىك بولۇش، ھايالىق بولۇش، ئادالەتلىك بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش، ئەزىيەتلەرگە چىداش، تەمكىنلىك، ۋاپادارلىق، مېھمىنىنى ھۆرمەتلەش، ئىنسانلارغا ۋە جانلىقلارغا مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش، كىشىلەرگە يۇمشاق، خۇش-چىراي مۇئامىلە قىلىش… قاتارلىقلار. (فەتھۇلبارى ۋە باشقىلار)
ئىمام تىرمىزى گۈزەل ئەخلاقنىڭ نېمىلىكى توغرۇلۇق ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«گۈزەل ئەخلاق — خۇش چىراي بولۇش، ھەممە كىشىگە (بەدەلسىز) ياخشىلىق قىلىش ۋە ھېچكىمگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكتۇر.» (تىرمىزى 2005؛ رىيازۇس سالىھىن 340-بەت)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ مِنْ أَحَبِّكُمْ إِلَيَّ وَأَقْرَبِكُمْ مِنِّي مَجْلِسًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَحَاسِنَكُمْ أَخْلَاقًا)) «ئاراڭلاردا ماڭا ئەڭ سۈيۈملۈك بولغىنىڭلار، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار — ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلاردۇر.» (تىرمىزى 2018؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئۇسامە ئىبنى شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا، ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر كىملەر؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر» دېدى. (ئىبنى ھىببان، ھاكىم، تەبرانى؛ فەتھۇلبارى 12\123، سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟» دەپ سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق» دەپ جاۋاپ بەردى. (تىرمىزى 2004؛ ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا سەھىھ دېگەن)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ خِيَارَكُمْ أَحَاسِنُكُمْ أَخْلَاقًا)) «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار — ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىڭلاردۇر.» (بۇخارى 6035؛ مۇسلىم 2321)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ئىمانى ئەڭ ئۈستۈن كىشىلەر — ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغۇچىلاردۇر.» (ئەبۇ يەئلا؛ فەتھۇلبارى 12\122)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مۆمىن كىشى گۈزەل ئەخلاقى سەۋەبلىك كېچىسى ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتىدىغان (ئابىد) كىشىنىڭ دەرىجىسىگە ئۇلىشىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 7\172؛ ئىبنى ھىببان 1927؛ ھاكىم 1\6)
فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ
5. (كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بەدىر ئۇرۇشىدا مۇشرىكلار ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ1، ئاللاھنىڭ ئازابىنى تېتىغاندا2) سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىمۇ3) كۆرىدۇ،
بِأَييِّكُمُ الْمَفْتُونُ
6. ساراڭلىقنىڭ (ئەقلىدىن ئېزىشنىڭ1) قايسىڭلاردا ئىكەنلىكىنى.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
7. رەببىڭ ئۆزى كۆرسەتكەن توغرا يولدىن ئازغانلارنى شەكسىزكى بەك ياخشى بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارنىمۇ ھەم بەك ياخشى بىلىدۇ.
فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ
8. ئۇنداق ئىكەن، ئىنكار قىلغۇچىلارغا (يەنى سېنى ئۆز ئاتا-بوۋىسىنىڭ دىنىغا چاقىرغۇچى مەككە كاپىرلىرىغا1) ئىتائەت قىلما.
وَدُّوا لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُون
9. ئۇلار سېنىڭ (تەۋھىد دەۋىتىڭدە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان شەكىلدە) يۇمشاپ بېرىشىڭنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭمۇ (شىركتە چىڭ تۇرۇۋېلىشىدىن مەلۇم دەرىجىدە) يۇمشاپ بېرىشىنى1 ئارزۇلىشىدۇ. (سەن ئۇلارغا دىنغا مۇخالىپ بەزى ئىشلاردا رۇخسەت بەرسەڭ، ئۆزلىرىنىڭمۇ ساڭا بەزى ئىشلاردا رۇخسەت قىلىشىنى ئارزۇلىشىدۇ.2)
وَدَّ — ئارزۇلىدى، خالىدى دهن — (دەھەنە، دەھھەنە؛) يۇمشاق مۇئامىلە قىلماق؛ ياغ
وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَّهِينٍ
10. (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ يالغان1) قەسەمنى كۆپ قىلىدىغان، پەسكەش (يالغانچى2) كىشىلەرنىڭ ھەر قاندىقىغا ئىتائەت قىلما.
پەسكەش كىشى — يالغانچى، ھەققە قارشى چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىدۇر. (ئىبنى كەسىر)
بۇ ئايەتتىكى يامان سۈپەتلىك كىشى، قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەدۇر. (زادۇل مەسىير)
هَمَّازٍ مَّشَّاءٍ بِنَمِيمٍ
11. غەيۋەتخور1 ۋە (كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ گېپىنى بۇنىڭغا توشۇيدىغان2) سۇخەنچى (كىشىگە ئىتائەت قىلما)
ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى «ھەمماز» (غەيۋەتخور) كىشى — سورۇندا دىنىي قېرىندىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان كىشىدۇر. (تەپسىر بەغەۋى)
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «(گەپ توشۇيدىغان) سۇخەنچى كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» (بۇخارى 6056، مۇسلىم 105، ئەبۇ داۋۇد 4871، نەسائىي 634، ئەھمەد 7\382)
مَّنَّاعٍ لِّلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
12. ياخشىلىققا (يەنى ھىدايەتكە ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشىغا1) توسقۇنلۇق قىلىدىغان (ئۆز ئىلكىدىكى ياخشىلىق-ئەۋزەللىكلەردىن كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان يەر ۋە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلمايدىغان2، بېخىللىق قىلىپ كىشىلەرگە پۇل-مال بەرمەيدىغان3)، (ئىسلام شەرىئىتىدە بېكىتىلگە ھالال-ھاراملارغا پەرۋا قىملاي4) ھەددىدىن ئاشقان ۋە (ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن يانماسلىق بىلەن5) گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەن (كىشىگە ئىتائەت قىلما!)
عُتُلٍّ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
13. قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارام مۇناسىۋەتتىن تۇغۇلغان1 (بۇ سەۋەبلىك، قۇرەيش نەسەبىدىن بولماي تۇرۇپ قۇرەيشكە قېتىلىپ قالغان2 كىشىگە ئىتائەت قىلما.)
ئايەتتىكى «عتل» نى ھەسەن بەسرى «ئەخلاقى ناچار، ئەسكى ئىشلارنى قىلىدىغان» دەپ تەپسىرلىگەن. (تەپسىر بەغەۋى)
ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنىڭ دادىسى ۋەلىدنىڭ ئون سەككىز يىلدىن كېيىن تۇغۇلغىنىنى ئېيتقان. (تەپسىر بەغەۋى)
أَن كَانَ ذَا مَالٍ وَبَنِينَ
14. مېلى ۋە بالا-چاقلىرى بار بولغانلىقى ئۈچۈن،
إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
15. ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە (ئىنكار قىلىپ1) «(بۇ) ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ مەسەللىرىدۇر» دەيدۇ.
بىز بەرگەن ئەۋلاد ۋە مال-دۇنيانى ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋاسىتىسى قىلىۋالدى. (تەپسىر بەغەۋى)
سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ
16. (دۇنيادا) ئۇنىڭ بۇرنىغا (ئاخىرەتتە يۈزىگە) بەلگە سالىمىز.
ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرە بەدر ئۇرۇشىغا قاتناشتى ۋە بۇرنىغا قىلىچ يىدى. (زادۇل مەسىير، بەغەۋى، ئىبنى كەسىر) بۇ ئۇنىڭغا دۇنيادا سېلىنغان بەلگىدۇر. (زادۇل مەسىير) ئاخىرەتتە بولسا، ئۇنىڭ يۈزىگە شۇنداق بىر بەلگە سېلىنىدۇكى، دوزاخ ئەھلى ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قارىسىغا قاراپلا ئۇنى تونۇيدۇ. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قارشى دۈشمەنلىشىشتە بەك ھەددىدىن ئاشقان ۋە بۇ جەھەتتە باشقا كاپىرلاردىن پەرقلىق ئىدى. ئۇنىڭغا سېلىنغان بەلگە ئۇنى (دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ) باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىق قىلىپ تۇرىدۇ. (زادۇل مەسىير)
إِنَّا بَلَوْنَاهُمْ كَمَا بَلَوْنَا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ
17. باغ ئىگىلىرىنى (ئۇلارنىڭ بېغىنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق1، بېغى بىلەن) سىنىغىنىمىزدەك، ئۇلارنىمۇ (يەنى مەككە خەلقىنىمۇ ئاچارچىلىق بىلەن2) سىنىدۇق. باغ ئىگىلىرى بېغىنىڭ مېۋىسىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشتى.
ئىمام ئىبنى كەسىر «مەككە خەلقىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش بىلەن سىنىدۇق» دەپ تەپسىرلىگەن.
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بۇ باغ ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئىلگىرى يەمەندە ياشىغان بىر كىشىنىڭ بېغى ئىدى. (زادۇل مەسىير) باغ يەمەندە بولۇپ، يەمەننىڭ سەنئا شەھىرىگە پىيادە ئىككى فەرسەخ ئۇزاقلىققا توغرا كېلىدىغان، «زىرۋان» (الضِّرْوَان) دەپ ئاتىلىدىغان باغ ئىدى. بۇ باغنىڭ ئىگىلىرى ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر ئىدى. (تەپسىر بەغەۋى) دادىسىنىڭ دەۋرىدە، باغدىكى شېخىدىن ئۈزۈلمەستىن، شاختا قېلىپ قالغان مېۋە-چېۋىلەر يوقسۇللارغا تەئەللۇق بولاتتى. باغنىڭ ھوسۇلى ئۈزۈلۈپ سېلىنچىلارغا قويۇلغان چاغدا، سېلىنچىلاردىن تېشىپ چىقىپ كەتكەن ھەر قانداق مېۋە-چېۋە يوقسۇللارنىڭ بولاتتى. (يەنى دادا بولغۇچى يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان كىشى بولۇپ، يوقسۇللارنىڭمۇ بېغىدىن مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، مانا مۇشۇنداق كەڭ قول شەكىلدە بېغىدىكى مېۋىلەردىن يوقسۇللارنىڭمۇ ھەققىنى بېرەتتى.) باغنىڭ ئىگىسى، يەنى دادىسى ۋاپات تاپقاندا، بۇ باغ ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىغا مىراس قالدى. ئۇلار: مال ئازايدى، بالا-چاقا كۆپەيدى. يوقسۇللارغا بېرىلىدىغان مېۋە-چېۋە — مال كۆپ، بالا-چاقا ئاز چاغدا بېرىلەتتى، (ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە)، شۇڭا، مال ئاز، جان سانى كۆپ بولغان بۇ خىل ھالەتتە، باغنىڭ مېۋىسىدىن يەنە يوقسۇللارغا بېرىشىمىز ئۇيغۇن ئەمەس، دېيىشتى. كىشىلەر ئەتىگىنىسى ئويغىنىپ، تالا-تۈزگە چىقىشتىن بۇرۇن، تاڭ سەھەردە بېرىپ باغنىڭ مېۋىلىرىنى تولۇق ئۈزۈۋېلىش ئۈچۈن قەسەم قىلىشتى. (تەپسىر بەغەۋى)
وَلَا يَسْتَثْنُونَ
18. ئىنشائاللاھ، دېمىدى. (بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنداشقا پۇرسەت بەرمىدى.1)
فَطَافَ عَلَيْهَا طَائِفٌ مِّن رَّبِّكَ وَهُمْ نَائِمُونَ
19. ئۇلار كېچىسى ئۇخلاۋاتقىنىدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ بېغىغا (ئاسماندىن) بىر ئوت ئەۋەتتى1.
فَأَصْبَحَتْ كَالصَّرِيمِ
20. نەتىجىدە (بېغى كۆيۈپ قاراڭغۇ كېچىدەك) قاپقارا بولۇپ قالدى.
فَتَنَادَوْا مُصْبِحِينَ
21. ئۇلار سەھەردە بىرى-بىرىگە خىتاپ قىلىشىپ
أَنِ اغْدُوا عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِن كُنتُمْ صَارِمِينَ
22. ئەگەر (خۇرما ساپاقلىرىنى1) كېسىدىغان بولساڭلار، (بېغىڭلارغا) بالدۇر مېڭىڭلار (دېيىشتى)،
اغْدُوا – غدو – غَدَ — بالدۇر بارماق ؛ حَرْث، صَارِم
فَانطَلَقُوا وَهُمْ يَتَخَافَتُونَ
23. ئاندىن ئۇلار (بېغىغا قاراپ) يولغا چىقتى. (ماڭغاچ) ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشىپ:
أَن لَّا يَدْخُلَنَّهَا الْيَوْمَ عَلَيْكُم مِّسْكِينٌ
24. «بۈگۈن بېغىڭلارغا ھېچبىر مىسكىن كىرگۈچى بولمىسۇن» (دېيىشتى.)
وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
25. (يوقسۇللارنى باغنىڭ مەھسۇلىدىن) توسۇپ قېلىشقا كۈچىمىز يېتىدۇ دەپ ئويلاپ1 بېغىغا بالدۇر مېڭىشتى.
«يوقسۇللارغا غەزەپلەنگەن ھالدا ماڭدى.» (بەغەۋى)
فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوا إِنَّا لَضَالُّونَ
26. ئۇلار بېغىنى (كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن ھالدا1) كۆرۈپ «بىز يولدىن ئادىشىپتۇق» (بېغىمىزغا كېلىمىز دەپ، باشقا باغقا كېلىپ قاپتۇق، بۇ باغ بىزنىڭ بېغىمىز ئەمەس2) دېيىشتى.
بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
27. ياق، (ئاداشماپتۇق) بېغىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق.
قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ
28. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياخشىسى1 «مەن سىلەرگە <ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتساڭلارچۇ؟> (تەسبىھ ئېيتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە شۈكۈر قىلىڭلار2) دېمىگەنمىتىم» دېدى.
-أَوْسَط – لَوْلَا نېمىشقا؛ -تُسَبِّحُونَ – سَبَّحَ
قَالُوا سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
29. ئۇلار «رەببىمىز جىمىي نۇقسانلاردىن پاكتۇر، (مىسكىنلەرنى بېغىمىزدىن مەنىي قىلىغانلىقىمىز سەۋەبلىك1) بىز راستتىنلا زالىملاردىن بولغان ئىدۇق» دېيىشتى.
فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَلَاوَمُونَ
30. ئۇلار بىر-بىرىنى ئەيىپلەشكە چۈشتى. (يەنى، بىرى «يوقسۇللارغا باغدىن ھېچنەرسە بەرمەسلىكنى سەن تەشەببۇس قىلدىڭ دېسە»، «ياق، مەن ئەمەس سەن قىلدىڭ»، دېيىشىپ، بىر-بىرىنى ئەيىپلەشتى.1)
– أَقْبَلَ عَلَى (بىلەن مەشغۇل بولماق) -لوم (ئەيىپلەش) لوم (لەۋۋەمە-قاتتىق ئەيىپلىمەك) -يَتَلَاوَمُ
قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا طَاغِينَ
31. «ھالىمىزغا ۋاي! (دادىمىزنىڭ قىلغىنىنى قىلماسلىق بىلەن1) بىز راستتىنلا ئازغۇنلاشقان ئىدۇق» دېيىشتى.
عَسَىٰ رَبُّنَا أَن يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِّنْهَا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا رَاغِبُونَ
32. رەببىمىزنىڭ بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. بىز رەببىمىزگە قايتقۇچىلاردىنمىز. (ئاللاھ بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىغا شۇنداق بىر باغ بەرگەن ئىدىكى، ئۇلارنىڭ بېغى بىر ساپاق خورمىنى بىر قېچىر توشۇغۇدەك دەرىجىدە مول-ھوسۇللۇق ئىدى.1 ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە باشقا بىر باغ بېرىشىنى تىلىدى.2)
-بدل -يُبْدِلَ
***
كَذَٰلِكَ الْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
33. (بىزنىڭ چەك-چېگىرىمىزدىن ئېشىپ زالىملىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن دۇنيادىكى1) جازا مانا مۇشۇنداقتۇر، (ئاللاھنىڭ يولىدىن چەتنىگۈچىلەرگە) ئاخىرەتتىكى جازا تېخىمۇ ئېغىردۇر. كاشكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار2) بۇنى بىلسە ئىدى.
إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
34. تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھوزۇرىدا نەئىيم جەننەتلىرى بار.
أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ
(مۇشرىكلار ئاخىرەتتە بىزگە سىلەرگە بېرىلگەندىنمۇ ياخشى مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ،-دەپ بىلجىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەتلەر نازىل بولدى.1)
35. بىز مۇسۇلمانلارنى گۇناھكارلارغا (يەنى مۇشرىك-كاپىرلارغا) ئوخشاش قىلامدۇق؟
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
36. سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
أَمْ لَكُمْ كِتَابٌ فِيهِ تَدْرُسُونَ
37. ياكى سىلەردە (ئاللاھ نازىل قىلغان1) بىر كىتاپ بولۇپ، شۇ كىتاپتىن تەلىم ئېلىۋاتامسىلەر؟
إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
38. (ئۇ كىتاپتا) سىلەر نېمىنى خالىساڭلار شۇ بار (دەپ يېزىلغانمۇ؟)
أَمْ لَكُمْ أَيْمَانٌ عَلَيْنَا بَالِغَةٌ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۙ إِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُونَ
39. ياكى سىلەر بىزدىن قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان، ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ سىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا دائىر (يەنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە مۇكاپات بولىدىغانلىقىغا دائىر1) ۋەدە ئالدىڭلارمۇ؟
سَلْهُمْ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
40. (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلاردىن قايسىسى يۇقىرىقىلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟
أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ فَلْيَأْتُوا بِشُرَكَائِهِمْ إِن كَانُوا صَادِقِينَ
41. ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن مۇشۇنىڭغا كېپىل بولىدىغانلىرى1) بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، ئۇلار سۆزلىرىدە راستچىل بولسا، (قىيامەت كۈنى ئاللاھقا قوشقان2) شېرىكلىرىنى كەلتۈرسۇن؟
يَوْمَ يُكْشَفُ عَن سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
42. قىيامەت كۈنى پاچاق (ئاللاھنىڭ ھېچبىر مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان پاچىقى) ئېچىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار1 مۆمىنلەر بىلەن بىرلىكتە) سەجدىگە چاقىرىلىدۇ، (دۇنيادا ئۆزى خالاپ ۋە ئارزۇلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا سەجدە قىلغان مۆمىنلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ2،) لېكىن (گۇناھكار مۇناپىقلار3) سەجدە قىلالمايدۇ.
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (يَكْشِفُ رَبُّنَا عَنْ سَاقِهِ فَيَسْجُدُ لَهُ كُلُّ مُؤْمِنٍ وَمُؤْمِنَةٍ وَيَبْقَى مَنْ كَانَ يَسْجُدُ فِي الدُّنْيَا رِيَاءً وَسُمْعَةً فَيَذْهَبُ لِيَسْجُدَ فَيَعُودُ ظَهْرُهُ طَبَقًا وَاحِدًا) «(قىيامەت كۈنى) رەببىمىز (مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان) پاچىقىنى ئاچىدۇ. ھەر بىر مۆمىن ئەر ۋە ئايال دەرھال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. دۇنيادا رىياخورلۇق يۈزىسىدىن، ئاڭلىتىش (كۆرسىتىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغانلار (ئۆرە ھالەتتە) قېلىپ قالىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا ئۇرىنىدۇ، لېكىن دۈمبىسى يادەك قېتىپ قالغانلىقتىن سەجدە قىلالمايدۇ.» (بۇخارى 4919، مۇلسىم 183؛ تىرمىزى، نەسەئىي، ئىبنى ماجە)
كَشَفَ ئاچتى سَاق-پاچاق دَعَا-ٱسْتَطَاعَ
خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ
43. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قورقۇنچقا چۈشىدۇ، ئۇلارنى خارلىق قاپلايدۇ. ئۇلار ساغلام چاغلىرىدا (دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئەزان ئارقىلىق، پەرز نامازلارنى ئوقۇشى ئۈچۈن1) سەجدىگە چاقىرىلاتتى. (بۇ ئايەتتە جامائەت نامىزىنى تەرك ئەتكۈچىلەرگە قارشى تەھدىت بار.2)
كەئب ئىبنى ئەھبار مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئايەت جامائەت نامىزىغا قاتناشمىغۇچىلار ھەققىدە نازىل بولغان. (زادۇل مەسىير)
تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى جۇبەير بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار <نامازغا كېلىڭلار، نىجاتلىققا كېلىڭلار> دېگەن چاقىرىقنى (يەنى ئەزاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ، چاقىرىققا ئاۋاز قوشمايتتى (جامائەت نامىزىغا كەلمەيتتى.)» (تەپسىر بەغەۋى)
-خَاشِع -بَصَر -رهق -يَرْهَقُ -ذِلَّة -قَد (شەكسىز) -دَعَا -سَالِم
فَذَرْنِي وَمَن يُكَذِّبُ بِهَٰذَا الْحَدِيثِ ۖ سَنَسْتَدْرِجُهُم مِّنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
44. بۇ قۇرئاننى1 يالغانغا چىقارغۇچىنى ماڭا قويۇپ بەرگىن. (ئۇلارنى جازالاش مېنىڭ ئىشىمدۇر.2) بىز ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان جەھەتتىن (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىش، مال دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر بېرىش ئارقىلىق3) ئاستا-ئاستا (ئازابقا) يېقىنلاشتۇرىمىز.
-وذر يَذَرَ -كَذَّبَ -درج -نَسْتَدْرِجُ -حَيْث -عَلِمَ
وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
45. ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. (مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا زىت يول تۇتقان، رەسۇللىرىمنى يالغانغا چىقارغان، ماڭا ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتقان كىشىلەرگە قارشى1) مېنىڭ توزىقىم راستتىنلا بەك كۈچلۈكتۇر. (شۇڭا، ئۇلارنىڭ تارتىدىغان زىيىنى بەك چوڭ بولىدۇ.1 مېنىڭ كاپىرلارغا مۆھلەت بېرىشىم ئۇلارغا قىلغان توزىقىمدۇر.2)
-ملو أَمْلَى – كَيْد (پىلان) مَتِين (مۇستەھكەم)
أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُم مِّن مَّغْرَمٍ مُّثْقَلُونَ
46. (ئى مۇھەممەد!) ياكى سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلغان بولساڭ، بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئېغىر قەرزدار بولۇپ قالدىمۇ؟ (شۇڭا ئۇلار سەندىن قاچامدۇ؟1 ئەكسىچە سەن ئۇلارنى ئاللاھ يولىغا چاقىرىسەن ۋە بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايسەن. ئۇلار سېنى پەقەت جاھالىتى، كۇفرى ۋە سەركەشلىكى سەۋەبلىك ئىنكار قىلىشماقتا.2)
– سَأَلَ -أَجْر – غرم، مَغْرَم (قەرز) -ثقل -مُثْقَل
أَمْ عِندَهُمُ الْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
47. ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (خەۋەرلىرى1) بار بولۇپ، (ئۆزىدىكى شۇ غەيب خەۋەرلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدەك ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۆمىنلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ2) ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتتە بىزگە تېخىمۇ ياخشىسى بار، ئاخىرەتتە مۆمىنلەردىنمۇ ئۈستۈن بولىمىز دېگەندەك بىلجىرلاشلىرىنى) شۇنىڭدىن يېزىۋالماقتىمۇ؟
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
48. (ئى پەيغەمبەر!) سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەبىر قىلغىن. (يەنى رەببىڭ بەلگىلىگەن تەقدىر سەۋەبلىك قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگە ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلغىن. ئاللاھ سېنىڭ پايداڭغا، ئۇلارنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم بېرىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخرەتنىڭ گۈزەل ئاقىۋىتى ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە بولىدۇ.1) كىت ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا2) ئوخشاش بولمىغىن. ئۇ غەمكىن ھالدا (كىتنىڭ قارنىدا تۇرۇپ رەببىگە دۇئا بىلەن3) نىدا قىلغان ئىدى. (يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمى دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا غەزەپلىنىپ ئۆزى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن شەھەر ئاھالىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. سەپىرىدە كېمىگە چىققان، كېمىنىڭ يۈكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، دېڭىزغا ئېتىلىدىغانلار ئارىسىدا چەك تارتىلغان، چەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىقىپ دېڭىزغا تاشلانغان، ئاقىۋەتتە ئۇنى كىت يۇتۇۋەتكەن، دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە قاراڭغۇلۇقىدا كىت يۇنۇسنى قورسىقىدا ئېلىپ يۈرگەن ئىدى.4)
- رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان (كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەبر قىلىش بۇيرۇقى، جىھاد ئايىتى نازىل بولۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان. (زادۇل مەسىير)
لَّوْلَا أَن تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِّن رَّبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
49. ئەگەر ئۇنىڭغا (يەنى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا) رەببىڭنىڭ نېمىتى كەلمىگەن بولسا (يەنى رەببىڭ يۇنۇسنىڭ كىتنىڭ قارنىدا تۇرۇپ قىلغان تەۋبىسىنى ۋە دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مەغفىرەت قىلمىغان بولسا1)، ئەيىپلەنگەن ھالدا بىر زېمىنغا چىقىرىلغان بولاتتى. (تەۋبىسى سەۋەبلىك، ئەيىپلەنمىگەن ھالدا چىقىرىلدى.2 ئۇنىڭ كىت يۇتۇۋەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھالىدىنمۇ ياخشى بولدى.3)
-تدَارَكَ -نَبَذَ -عري عَرَاء -ذمم مَذْمُوم
فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
50. (ئاقىۋەتتە) رەببىڭ ئۇنى تاللىدى، ئۇنى سالىھلاردىن (ئەمەللىرى، سۆزلىرى، نىيىتى ۋە ھال-ئەھۋالى دۇرۇست كىشىلەردىن1) قىلدى.
-جبي ٱجْتَبَى تاللىماق
***
وَإِن يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ
51. كاپىرلار بۇ زىكىرنى (يەنى قۇرئاننى1) ئاڭلىغان چېغىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن2) كۆزلىرى بىلەن (ساڭا قاتتىق ئېغىر دۈشمەنلىك ۋە ھەسەت نەزىرى بىلەن قاراپ، ساڭا كۆز تېگىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ، بۇ ئارقىلىق3) سېنى يىقىتىپ قويغىلى تاس قېلىشىدۇ ۋە «ئۇ (يەنى مۇھەممەد قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن4) راستتىنلا ساراڭدۇر» دېيىشىدۇ.
بۇ ئايەت كۆز تېگىشنىڭ ھەقلىقىگە دەلىل بولىدۇ. (ئىبنى كەسىر)
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ
52. ھالبۇكى، قۇرئان پەقەت ئالەملەر ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر. (مۆمىنلەر قۇرئاندىن ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ، قۇرئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن دىنىي ۋە دۇنياۋىي پايدىلارنى ئۆگىنىدۇ.1)
سۈرە قەلەم نەقىل مەنبەلىرى 1-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2. بەغەۋى، ئىبنى كەسىر 2-ئايەت:1. زادۇل مەسىير، بەغەۋى 2. بەغەۋى 3-ئايەت: 1.3.ئىبنى كەسىر 2.زادۇل مەسىر، ئىبنى كەسىر، بەغەۋى 5-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير 2.ئىبنى كەسىر 3.زادۇل مەسىر، بەغەۋى 6-ئايەت:1. زادۇل مەسىير 8-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير، بەغەۋى 9-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير 2. ئىبنى كەسى 10-ئايەت: 1. ئىبنى كەسىر 2. زادۇل مەسىر 11-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 2. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر، بەغەۋى 12-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2.4.5. ئىبنى كەسىر 3. بەغەۋى 13-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 2.زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 15-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 17-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 18-ئايەت: 1. ئىبنى كەسىر 19-ئايەت:1.تەپسىر بەغەۋى 21-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير 22-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 25-ئايەت: 1. تەپسىر سەئدى 26-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 28-ئايەت: 1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 29-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير -سبح-سُبْحَانَ 30-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير 31-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير -طَاغٍ زالىم 32-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 33-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2. زادۇل مەسىير 35-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير
37-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 39-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 41-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 42-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2.3. تەپسىر سەئدى 43-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 44-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 2.3. تەپسىر سەئدى 45-ئايەت: 1. تەپسئىر سەئدى 2.3. ئىبنى كەسىر 46-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى 2. ئىبنى كەسىر 47-ئايەت: 1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى 48-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير، ئىبنى كەسىر 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى 4. ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 49-ئايەت: 1.2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى 50-ئايەت: 1. تەپسىر سەئدى 51-ئايەت: 1. بەغەۋى، ئىبنى كەسىر 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى 4. ئىبنى كەسىر 52-ئايەت: 1. تەپسىر سەئدى