67. سۈرە مۈلكنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

 

67-سۈرە مۈلك

سۈرە مۈلك مەككىدە نازىل بولغان، بۇ سۈرە 30 ئايەتتۇر.

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

1. (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارچە ئىشلاردا1) مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قولىدا بولغان ئاللاھ بەك ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر]

الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ

2. (ئى ئىنسانلار1) ئاللاھ قايسىڭلارنىڭ ئەمەل-ئىبادىتىنىڭ ئەڭ ياخشى (يەنى ئەڭ ئىخلاسلىق ۋە ئەڭ توغرا2) ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر — ھېچقانداق ئىشقا ئاجىز كېلىپ قالمايدىغان، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان، چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىلاھتۇر3، (ئۆزىگە ئىسيانكارلىق قىلىشنى داۋام قىلغۇچىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاجىز كېلىپ قالمايدۇ4.) غەفۇردۇر — گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولغا قايتقۇچىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر5. [1. مۇختەسەر فىتتەفسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر سەئدى، تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى 4. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر سەئدى، تەپسىر ئىبنى كەسىر]

فۇزەيل ئىبنى ئىياز: قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەت ئىخلاس بىلەن توغرا ھالدا قىلىنمىغۇچە ئاللاھ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىر ئەمەل-ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىش دېگەنلىك — ئۇ ئەمەل ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، دېگەنلىكتۇر.. ئەمەل ئىبادەتنى توغرا ھالدا قىلىش دېگەنلىك — ئۇ ئەمەلنى سۈننەت بويىچە قىلىش، دېگەنلىكتۇر. [تەپسىر بەغەۋى، مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرى]

الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَّا تَرَى فِي خَلْقِ الرَّحْمَنِ مِن تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَى مِن فُطُورٍ

3. ئاللاھ يەتتە قەۋەت ئاسماننى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. (ئى ئىنسان1) سەن ئاللاھنىڭ  يارىتىشدا ھەر قانداق ئەيىپ-نۇقساننى كۆرەلمەيسەن2.(ئاللاھ ياراتقان بارچە مەخلۇقات ئۆز-ئارا ماسلىشىش ۋە قائىدە-پىرىنسىپ ئىچىدىدۇر.3) ئاسمانغا قارىغىنكى، ئۇنىڭدا بىرەر دەزنى كۆرەلەمسەن؟ [1.تەپسىر بەغەۋى 2.تەپسىر ئىبنى كەسىر 3.تەپسىر بەغەۋى]

ثُمَّ ارْجِعِ الْبَصَرَ كَرَّتَيْنِ يَنقَلِبْ إِلَيْكَ الْبَصَرُ خَاسِئًا وَهُوَ حَسِيرٌ

4. ئاندىن، قايتا-قايتا قارىغىن! نەزىرىڭ (ئاسمانلاردىن قۇسۇر تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا ئۆزۈڭگە قايتىپ كېلىدۇ.

وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِّلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ

5. قەسەمكى، بىز دۇنيا ئاسمىنىنى يۇلتۇز-پېلانىتلار1 بىلەن بېزىدۇق. (بەزى2) يۇلتۇزلارنى (ئىلاھىي خەۋەرلەرنى ئوغرىلاشقا ھەرىكەت قىلىدىغان) شەيتانلارنى سوقۇپ كۆيدۈرىدىغان كائىنات تېشى قىلدۇق3. (شەيتانلارنى دۇنيادا خار قىلىش بىلەن قالماي، ئاخىرەتتىمۇ خار قىلىلىمىز، شۇڭا4) شەيتانلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە دەھشەتلىك دوزاخ ئازابى تەييارلاپ قويدۇق. [1.تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر 3.مۇختەسەر فىتتەفسىر 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ

6. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار (يەنى ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىسلام شەرىئىتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كاپىر بولۇپ، كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلگەنلەر) ئۈچۈن دوزاخ ئازابى بار. دوزاخ بەكمۇ يامان قارارگاھ.

إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ

7. كاپىرلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا (قازان قاينىغاندەك پۇرۇقشىپ1) قايناۋاتقان دوزاخنىڭ (ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىغا ئوخشايدىغان2) قورقۇنچلۇق ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. [1.تەپسىر بەغەۋى 2.زادۇل مەسىير]

تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ

8. دوزاخ (ئۆزىگە تاشلانغان دوزاخ ئەھلىگە بولغان قاتتىق غەزەپ-نەپرىتى سەۋەبلىك1) پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. دوزاخ ئەھلىدىن بىر بۆلۈكى دوزاخقا ھەر تاشلانغىنىدا دوزاخ پەرىشتىلىرى (ئەيىپلەش ۋە ئازار بېرىش يۈزىسىدىن2) دوزاخقا تاشلانغانلاردىن «سىلەرنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمىتى؟» دەپ سورايدۇ. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 2.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير]

قَالُوا بَلَى قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِن شَيْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ

9. دوزاخقا تاشلانغانلار (جاۋابەن) مۇنداق دەيدۇ:«شۇنداق، بىزگە دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلگەن ئىدى، لېكىن بىز ئۇلارنى يالغانچىغا چىقىرىپ <ئاللاھ ھېچ نەرسىنى نازىل قىلغىنى يوق. سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئېزىقىش ئىچىدىسىلەر>» (ھەقتىن بەك كۆپ ئۇزاقتىسىلەر1) دېگەن ئىدۇق. [1.زادۇل مەسىير]

وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ

10. دوزاخقا تاشلانغانلار (دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىق يۈزىسىدىن1) يەنە «كاشكى بىز (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتكە قۇلاق سېلىپ2) ئاڭلىغان بولساق، ياكى (توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتكەن جەننەت ئەھلىگە ئوخشاش3) ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەل ئىبادەتلەرنى قىلغان4)، دوزاخ ئەھلى ئارىسىدا بولۇپ قالماس ئىدۇق» دېيىشىدۇ. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 4. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير]

فَاعْتَرَفُوا بِذَنبِهِمْ فَسُحْقًا لِّأَصْحَابِ السَّعِيرِ

11. دوزاخ ئەھلى ئۆز گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. دوزاخ ئەھلى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۇزاق بولسۇن1. [1. زادۇل مەسىير]

إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِالْغَيْبِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ 

12. ھېچكىم كۆرمىگەن جايدا ئاللاھتىن قورققانلار (ۋە شۇ سەۋەبلىك تۈرلۈك گۇناھ-يامانلىقلاردىن ئۇزاق تۇرغان مۆمىنلەر1) ئۈچۈن2 (ئۇلار قىلىپ سالغان گۇناھلارغا ئاللاھتىن3) مەغفىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات (يەنى جەننەت4) باردۇر. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، مۇختەسەر فىتتەپسىر 3.-4. زادۇل مەسىير]

وَأَسِرُّوا قَوْلَكُمْ أَوِ اجْهَرُوا بِهِ ۖ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

13. (قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھ ھەققىدە يامان سۆزلەرنى قىلىشىپ «سۆزۈڭلارنى مەخپىي ئېيتىڭلار، مۇھەممەدنىڭ ئىلاھى ئاڭلاپ قالمىغاي» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى.1) سۆزۈڭلارنى مەيلى يوشۇرۇڭلار ۋەياكى ئاشكارىلاڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ قەلىبلەردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر. [1.زادۇل مەسىير]

أَلَا يَعْلَمُ مَنْ خَلَقَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ

14. ئاللاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتىنى بىلەمدۇ؟ ئاللاھ لەتىفتۇر — شەيئىيلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، خەبىردۇر — ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. [1.تەپسىر بەغەۋى]

هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولًا فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِن رِّزْقِهِ ۖ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ

15. ئاللاھ (يەرلىشىشىڭلار ئۈچۈن1) سىلەرگە زېمىننى ئىتائەتكار-ز قىلىپ بەردى. (ئاللاھ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن) زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە رىزىقلىرىدىن يەڭلار. سىلەر (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلدۈرۈلۈپ2) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر. [1.مۇختەسەر فىتتەفسىر 2.زادۇل مەسىر]

أَأَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاءِ أَن يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ

16. (ئى كاپىرلار!1) ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ2 يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولدۇڭلارمۇ؟ [1.تەپسىر بەغەۋى 2.زادۇل مەسىير]

أَمْ أَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاءِ أَن يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ كَيْفَ نَذِيرِ

17. ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ ئۈستۈڭلاردىن تاش ياغدۇرىشىدىن ئەمىن بولدۇڭلارمۇ؟1 (سىلەرنى  دۇنيادا ھالاك قىلىدىغان2 جازايىمغا دۇچار قىلغىنىمدا3) ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىسىلەر. [1.تەپسىر بەغەۋى، مۇختەسەر فىتتەفسىر 2.زادۇل مەسىير 3. تەپسىر بەغەۋى]

وَلَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ

18. بۇ مەككە كاپىرىلىرىدىن ئىلگىرىكى كاپىرلارمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاقىۋەتتە، مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىم قانداق بولدى؟ (ئۇلارغا جازا ئەۋەتىپ شىددەتلىك ھالاك قىلدىم.1) [1.زادۇل مەسىير]

أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ

19. ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا (ھاۋادا1) ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا ئىبرەت كۆزى بىلەن قارىمامدۇ؟ ئۇلارنى (چۈشۈپ كېتىشتىن2) تۇتۇپ تۇرغۇچى پەقەتلا مېھرىبان ئاللاھتۇر. ئاللاھ ھەممە ئىش-ھادىسىلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1.2. زادۇل مەسىير]

أَمَّنْ هَذَا الَّذِي هُوَ جُندٌ لَّكُمْ يَنصُرُكُم مِّن دُونِ الرَّحْمَنِ ۚ إِنِ الْكَافِرُونَ إِلَّا فِي غُرُورٍ

20. (ئى كاپىرلار1) مېھرىبان ئاللاھنىڭ جازاسىغا قارشى سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىلار كىم؟ سىلەرنىڭ شۇ قوشۇنىڭلارمۇ؟2  كاپىرلار پەقەتلا ئالدىنىش ئىچىدىدۇر. (شەيتان ئۇلارنى ئالداپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ جازاسى كەلمەيدىغانلىقىنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا ئالدىنىدۇ.3) 

أَمَّنْ هَذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ ۚ بَل لَّجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ

21. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بېرىۋاتقان رىزقلىرىنى بەرمەي تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزق بېرىدۇ؟ ھەقىقەت شۇكى، كاپىرلار ئازغۇنلۇقتا ھەددىدىن ئاشماقتا1، (ئاللاھنىڭ نىمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ2) كاجلىق بىلەن ھەقتىن قاچماقتا3. [1.زادۇل مەسىير 2.3.تەپسىر بەغەۋى]

أَفَمَن يَمْشِي مُكِبًّا عَلَى وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّن يَمْشِي سَوِيًّا عَلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ

(ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھەقتىن قېچىشىغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:1)

22. (دۇنيادا ئاللاھتىن كەلگەن ھەقتىن قېچىپ كۇفۇر ئۈستىدە ئۆلگەن، ئاخىرەتتە2) يۈزىچىلەپ يىقىلغان ھالدا (مەشھەرگاھ مەيدانىغا3) يۈزى بىلەن سۈرۈنۈپ ماڭغان4 (مۇشرىك5) كىشى توغرا يولدىمۇ، ياكى (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە6) قەدددىنى تىك تۇتۇپ توغرا يولدا ماڭغا (مۆمىن7) كىشى توغرا يولدىمۇ؟ [1.تەپسىر بەغەۋى 2.3. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 4.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 5.6.7. تەپسىر بەغەۋى]

قُلْ هُوَ الَّذِي أَنشَأَكُمْ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۖ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ

23. ئېيتقىنكى:«ئاللاھ سىلەرنى يارىتىپ، سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە قەلىبلەرنى بار قىلغان زاتتۇر. سىلەر ئاللاھقا بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.»

قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

24. ئېيتقىنكى:«ئاللاھ سىلەرنى يارىتىپ، زېمىنغا تارقاتتى. قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر.»

وَيَقُولُونَ مَتَى هَذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ

25. كاپىرلار (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە ئاللاھتىن كېلىدىغان جازا ۋەدىسى1، قىيامەت ۋەدىسى) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ» دېيىشىدۇ. [1.زادۇل مەسىير]

قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِندَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُّبِينٌ

26. (ئى پەيغەمبەر، كاپىرلارغا) «قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. مەن پەقەت سىلەرنى ئوچۇق رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.

فَلَمَّا رَأَوْهُ زُلْفَةً سِيئَتْ وُجُوهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَقِيلَ هَذَا الَّذِي كُنتُم بِهِ تَدَّعُونَ

27. كاپىرلار (قىيامەت كۈنى1) ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىقىنى كۆرگەندە2 غەمدىن يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ3. ئۇلارغا «سىلەر (دۇنيادا) تەلەپ قىلغان (ئازاب4) مانا بۇ» دېيىلىدۇ. [1.مۇختەسەر فىتتەفسىر 2. تەپسىر بەغەۋى 3.زادۇل مەسىير 4.زادۇل مەسىير]

قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِيَ اللَّهُ وَمَن مَّعِيَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَن يُجِيرُ الْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ

28. ئى پەيغەمبەر، كاپىرلارغا ئېيتقىنكى:«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر (سىلەر ئۈمىد قىلغاندەك1) ئاللاھ ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى ھالاك قىلسا، ياكى (ھايات قالدۇرۇش ۋە ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق2) بىزگە رەھمەت قىلسا، كاپىرلارنى قاتتىق جازادىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟» [1.2. تەپسىر بەغەۋى]

قُلْ هُوَ الرَّحْمَنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ

29. ئېيتقىنكى: «ئۇ (بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان رەببىمىز1) رەھماندۇر. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ھەممە ئىشىمىزدا ئاللاھقا ئىشىنىپ، ئاللاھقا تاياندۇق. (ئى كاپىرلار! سىلەر ئۆزۈڭلار ئازغۇن يولدا تۇرۇپ، بىزنى ئازغۇنلۇق بىلەن سۈپەتلىدىڭلار.) كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە (ئاللاھنىڭ جازاسىنى كۆرگەن چاغدا2) بىلىپ قالىسىلەر.» [1.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 2.تەپسىر بەغەۋى]

قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَن يَأْتِيكُم بِمَاءٍ مَّعِينٍ 

30. كاپىرلارغا ئېيتقىنكى:«ئەگەر (زەمزەم1) سۈيۈڭلار يەرگە سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە (ئاللاھتىن باشقا) كىم سىلەرگە ئاقار سۇ پەيدا قىلىپ بېرىدۇ؟»

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ