بەقەرە سۈرىسى چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

بەقەرە سۈرىسىنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

2|1| الم 

ئەلىف، لام، مىم. (بۇ ھەرپلەر ۋە سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان مۇشۇ شەكىلدىكى باشقا ھەرپلەر «مۇقەتتەئا ھەرپلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ھەرپلەر توغرىسىدا تۇتۇلىدىغان ئەڭ ساغلام يول — بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە شەرئىي دەلىلگە تايانماي تۇرۇپ سۆز قىلماسلىقتۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى بىكاردىن بىكارغا ئەمەس، بىز بىلمەيدىغان بىر ھېكمەت سەۋەبلىك نازىل قىلغانلىقىنى كەسكىن رەۋىشتە قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.1) [1. تفسير السعدي]

ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ

2. بۇ قۇرئان (شۇنداق ئۇلۇغ كىتابكى، ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقى1) دا ھېچقانداق شەك يوقتۇر. (قۇرئان) تەقۋادارلار (يەنى پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەللەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش يولىنى تۇتقان، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويۇن ئېگىدىغان مۆمىنلەر2) ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە يول كۆرسەتكۈچى3) ھىدايەتتۇر. (ئەسلىدە قۇرئان پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئەمما، بەدبەختلەر قۇرئانغا يېتەرلىك رەۋىشتە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يول كۆرسەتكۈچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئارقىلىق، بەدبەختلەرگە قارشى دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ، ئەمما ئۇلار بەدبەختلىكلىرى سەۋەبلىك بۇ ھىدايەتتىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ.4)

(تەقۋالىق — ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلىنىپ قېلىش، دېگەنلىكتۇر. مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرئان ئارقىلىق ھىدايەت تاپىدۇ ۋە قۇرئاندىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ5.) [1-، 2- تەپسىر مۇيەسسەر؛ 3-،4-،5- تفسير السعدي]

2|3|الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ

(ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ئېتىقادىغا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئەمەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ1:) تەقۋادارلار غەيىبگە ئىمان ئېيتىدۇ.  (غەيبتىن ھېس-تۇيغۇ ئورگانلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇش، ياكى ئۇنى ئەقىل ئارقىلىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، غەيب پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئەۋەتكەن ۋەھىيسى ئارقىلىق بىلىنىدۇ. مەسىلەن، پەرىشتىلەرگە، جەننەتكە، دوزاخقا ۋە ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر قىلغان باشقا جەھەتلەرگە ئىمان ئېيتىش غەيبكە ئىمان ئېيتىش جۈملىسىدىندۇر. ئىمان — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، تەقدىرگە ئىشىنىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئىشىنىشىنى ھەم قەلبنىڭ، تىلنىڭ ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەمەللىرى ئارقىلىق تەستىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەقۋادارلار غەيبكە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە2) نامازنى (ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بۇيرۇغىنىغا ئوخشاش شەكىلدە3) مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ. (نامازنىڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىنىشى — ھەم شەكىل جەھەتتە نامازنىڭ رۇكنلىرىغا، ۋاجىپلىرىغا ۋە شەرتلىرىگە رىئايە قىلىش؛ ھەم قەلب جەھەتتە نامازنىڭ روھىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامازنىڭ روھى — ناماز ئوقۇغاندا ئەقىلنىڭ نامازدا بولۇشىدۇر؛ نامازدا قىلىنغان پېئىللارنى ۋە ئوقۇلغان ئايەت، زىكىر، دۇئالارنى تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇكاپات بېرىلىدىغان ناماز مانا بۇدۇر. چۈنكى، بەندە نامازدىن پەقەت ئەقلى نامازدا بولغان مىقدارىچىلىك ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئايەتتىكى ناماز — ھەم پەرز نامازلارنى، ھەم نەپلە نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.4) بىز رىزقلاندۇرغان مال-دۇنيالارنىڭ بىر قىسىمىنى (ھەم پەرز بولغان زاكاتنى ئايرىش، ھەم مۇستەھەپ بولغان سەدىقىلەرنى بېرىش ئارقىلىق5 ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. (ئايەتتە «بىر قىسىمى» مەنىسىدە كېلىدىغان «من» قوشۇمچىسىنىڭ كەلتۈرۈلۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەنلىرىدىن پەقەت ئازغىنە بىر قىسىمىنى سەرپ قىلىشقا ئۈندىگەنلىكىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلۈكنىڭ ئازغىنىسىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ھېچكىمگە زىيانمۇ سالمايدۇ، ئېغىرمۇ كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار سەرپ قىلغان بۇ ئازغىنە پۇل-ماللار ئارقىلىق ھەم ئۆزى <ساۋابقا ئېرىشىش بىلەن> مەنپەئەتلىنىدۇ، ھەم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ.6)[1. تفسير السعدي 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تفسير السعدي 5-،6- تەپسىر مۇيەسسەر]

2|4|وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ

(ئى پەيغەمبەر1) ئۇلار ھەم ساڭا نازىل قىلىنغانغا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە2) ئىمان ئېيتىدۇ، ھەم سەندىن ئىلگىرى (باشقا پەيغەمبەرلەرگە3)  نازىل قىلىنغانلارغا (يەنى تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان باشقا بارلىق ئىلاھىي كىتابلارغا4) ئىمان ئېيتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ. («ساڭا نازىل قىلىنغان»دىن مەقسەت قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا (باشقا بىر ئايەتتە) «ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى» (نىسا سۈرىسى 113-ئايەت) دېگەن5. «ئاخىرەت كۈنىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ» — يەنى، ئۆلۈمدىن كېينكى ھاياتقا ۋە ئۆلۈمدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ھېساپ، جازا ۋە مۇكاپاتلارغا تەسىرى تىللاردا ۋە ئەزالاردا كۆرۈلىدىغان شەكىلدە چىق قەلبىدىن ئىمان ئېيتىدۇ. بۇ ئايەتتە ئالاھىتەن ئاخىرەت كۈنى تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئىبادەت ۋە ئىتائەتلەرنى ئورۇنداشنى، ھاراملاردىن ساقلىنىشقا ۋە ئۆز نەپسىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر.م) [1-2-3-4- تەپسىر مۇيەسسەر 5-تفسير السعدي 6-تەپسىر مۇيەسسەر]

أُولَئِكَ عَلَى هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

5. مانۇ بۇ (خىل گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان تەقۋادار1)لار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغۇچىلاردۇر، (ئۈمىد قىلغانلىرىغا ئېرىشىش ۋە قورققان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئەمىن بولۇش ئارقىلىق2) مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكۈچىلەرمۇ ئەنە شۇلاردۇر. [1.تەپسىر مۇيەسسەر، تفسير السعدي؛ 2.تەپسىر مۇيەسسەر، تفسير السعدي]

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

6. (ئاللاھ ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان، كۇپۇرلىرىنى ئوچۇقچە ئوتتۇرىغا قويغان كاپىرلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1) (ئى پەيغەمبەر!) ھەقىقەت شۇكى، (كىبرى ۋە ئازغۇنلۇقى سەۋەبلىك ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىدىغان2، كۇفۇرنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئايرىلماس ئالاھىدىلىكى قىلغان3) كاپىرلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن4) مەيلى ئاگاھلاندۇر، مەيلى ئاگاھلاندۇرما، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر — ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. (يەنى، ئى پەيغەمبەر، ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا سەن ھەققىدە ئېيتىلغانلارنى يوشۇرغان، ئۆزىدىن ئېلىنغان ۋەدىلەرنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. بۇ ئارقىلىق ھەم ساڭا نازىل قىلىنغانلارنى، ھەم ئۆزلىرىگە سەندىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىنى ئىنكار قىلىپ رەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئۆزلىرى ساڭا ئالاقىدار ۋەھىيلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە يوشۇرغان، <باتىلدا چىڭ تۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقان ئىكەن5> سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟6) كۇپۇر — ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى قەستەن رەت قىلىشتۇر.7)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «كاپىر بولغانلار» دىن مەقسەت «بىز سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغانلارغا ئىمان ئېيتتۇق» دېگەن بولسىمۇ، «ساڭا نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەنلەردۇر (يەنى يەھۇدى ۋە خرىستىيانلاردۇر).8 [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي 4-،5- تەپسىر مۇيەسسەر 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر 7. تفسير السعدي 8. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

خَتَمَ اللَّهُ عَلَى قُلُوبِهِمْ وَعَلَى سَمْعِهِمْ وَعَلَى أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

7. (ھەقنى ئوپئوچۇق كۆرگەندىن كېيىن كۇفۇردا چىڭ تۇرۇشى1، <بۇ ئارقىلىق> شەيتانغا ئىتائەت قىلىشى سەۋەبلىك2) ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى مۈھۈرلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن. (بۇ سەۋەبلىك، ھىدايەتكە ئالاقىدار ھېچقانداق نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ ۋە چۈشىنەلمەيدۇ3) ئۇلار ئۈچۈن  (دوزاختا4) دەھشەتلىك جازا بار. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تەپسىر ئىبنى كەسىر 4. تەپسىر مۇيەسسەر]

وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ

8. (ئاللاھ كۆرۈنۈشتە ئىسلامنى ئىزھار قىلىپ، ئىچىدە كۇفۇرنى ساقلىغان مۇنافىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1س) ئىنسانلار ئارىسىدا (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرۈشكەن2م) بەزى كىشىلەر باركى (بۇنداقلار مۇناپىقلاردۇر. ئۇلار3) «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ. ھەقىقەتتە، بۇنداقلار (يالغانچىدۇر4،) ئىمان ئېيتقان ئەمەس.

مۇناپىقلىق \ نىفاق — كۆرۈنۈشتە ياخشىلىقنى ئاشكارا قىلىپ، ئىچىدە يامانلىقنى يوشۇرۇشتۇر. مۇناپىقلىق — ئېتىقاد جەھەتتىكى مۇناپىقلىق \ ئېتىقادىي مۇناپىقلىق ۋە سۆز-ھەرىكەت جەھەتتىكى مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئېتىقادىي مۇناپىقلىق كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ بۇ سۈرىدە، ۋە باشقا سۈرىلەردە بايان قىلغان قىلغان مۇناپىقلىق — ئېتىقادىي مۇناپىقلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ۋە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا — تاكى بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ ئاللاھ مۆمىنلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ كۈچلەندۈرگەنگە قەدەر — مۇناپىقلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بەدىر غازىتى يۈز بېرىپ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قازىنىپ، مەدىنىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان كاپىرلار خار ھالەتتە چۈشكەندىن كېيىن، بۇ كاپىرلاردىن بەزىلىرى قورقۇش سەۋەبلىك ۋە مۇسۇلمانلارنى ئالداش يۈزىسىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئارقىلىق جېنىغا ۋە مېلىغا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىپ قالماقچى بولۇشتى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى. كۆرۈنۈشتە مۇسۇلماندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى.

مانا بۇ يۈزدىن، ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىنىڭ تەجەللىسى سۈپىتىدە — مۆمىنلەر ئۇلارغا ئالدانمىسۇن، مۇناپىقلار قىلماقچى بولغان يامانلىقلىرىدىن ۋاز كەچسۇن دەپ — مۆمىنلەرگە مۇناپىقلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالامەتلىرىنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدى.5 [1. تفسير السعدي 2-،3-،4-تەپسىر مۇيەسسەر 5. تفسير السعدي]

يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ

9. ئۇلار (ئۆزلىرىنى مۆمىندەك كۆرسىتىپ، كۇفرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق1) ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەر ئالدىماقچى بولۇشىدۇ. ھالبۇكى، پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ، ئەمما ئۇلار (جاھىللىقى، ئەخمەقلىقى سەۋەبلىك2) بۇنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. (بۇنداق مۇناپىقلار مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋېلىپ جېنىنى ۋە مېلىنى قوغداپ قالغان بولىدۇ. بىراق، بۇ ھىيلە ۋە توزاقلىرى تامامەن ئۆزىگە يانىدۇ، بۇ سەۋەبلىك دۇنيا ھاياتىدا خار بولىدۇ، مۆمىنلەر قولغا كەلتۈرگەن كۈچ-قۇۋۋەت زەپەرلەر سەۋەبلىك دائىما ئىچ پۇشىقى چېكىپ، ئازابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.3) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-3-تفسير السعدي]

فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ

10. ئۇلارنىڭ قەلبىدە (ئاللاھنىڭ دىنىدىن شەككە چۈشۈش، مەيدانسىزلىق\ئىككىلىنىش ۋە مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت1) كېسەللىك بار بۇلۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتكەندۇر. يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (ۋە مۇناپىقلىقى2) ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ.

ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئىسيانكارلارنىڭ زىيىنىغا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى تەقدىر قىلىشىدىكى ھېكمىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبلىك، ئۇلارنى يېڭى گۇناھ مەئسىيەتلەر بىلەن سىنايدۇ، نەتىجىدە بۇ گۇناھلىرى سەۋەبلىك جازانى ئۆزلىرىگە ھەقلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، گۇناھنىڭ جازاسى قىلىنغان گۇناھقا ئەگىشىپ كېلىدىغان گۇناھتۇر. شۇنىڭدەك، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى قىلىنغان ياخشىلىققا ئەگىشىپ كېلىدىغان ياخشىلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق بولغۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.» (سۈرە مەريەم، 76-ئايەت)3 [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي]

2|11| وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ

ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا كۇفۇر ۋە گۇناھ قىلىش، مۆمىنلەرنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى دۈشمەنلەرگە ئاشكارىلاش، كاپىرلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش قاتارلىق قىلمىشلار ئارقىلىق1) «زېمىندا پاسات چىقارماڭلار» دېيىلسە (ۋە بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە نەسىھەت قىلىنسا2)، «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دېيىشىدۇ. (بۇنداق دېيىش بىلەن، زېمىندا ھەم پاسات چىقىرىدۇ، ھەم قىلغانلىرىنىڭ پاسات ئەمەسلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ. قىلغانلىرىنىڭ پاسات ئەمەس ئىسلاھ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشىدۇ، باتىل ئىشلارنى قىلىىۋاتقان تۇرۇپ قىلمىشىلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىدۇ. مانا بۇنداقلارنىڭ گۇناھى ھارام ئىشلارنىڭ ھاراملىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ ھارام ئىشلارنى قىلغانلاردىنمۇ ئېغىردۇر.-س مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى ھالدا گۇناھلارنى قىلىش، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق،  ئۆزىگە پەرز قىلىنغانلارنى ئورۇندىماسلىق يولىنى تۇتقان تۇرۇغلۇق3، «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنىڭ\تۈزەشنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولىدىغانلىقىنى، بۇنى دېيىش ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى دارىتمىلاش مەنىسىنى بەرمەكچى بولغىنى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:س) [1. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4. تفسير السعدي]

2|12| أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَكِنْ لَا يَشْعُرُونَ

بىلىڭلاركى، ئۇلار پاساتچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاساتچى ئىكەنلىكىنى سېزەلمەيدۇ. (چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى ئالداشقا ئورۇنغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلارنى دوست دەپ بىلگەن، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ قىلمىشلىرىنى ئىسلاھ\ ئىشلارنى ئەپ كەلتۈرۈپ، تۈزەپ، يولىغا سېلىش دەۋالغان كىشىدىنمۇ ئۆتە پاساتچى يوقتۇر. ھالبۇكى، دۇنيانىڭ ئىسلاھ بولۇپ تۈزۈلۈشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىمان بىلەن روياپقا چىقىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. ئىنسانلارنى زېمىندا يەرلەشتۈرگەن، ئۆزى بەرگەن رىزقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلسۇن دەپ ئىىنسانلارغا رىزق بېرىش بىلەن مىسلىسىز ياخشىلىق قىلغاندۇر. ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەتنىڭ قارشىسى قىلىنسا زېمىن يارتىلىشى مەقسىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ، ۋەيران قىلىنغان بولىدۇ.-تفسير السعدي)

وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَكِنْ لَا يَعْلَمُونَ

2. ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا) «ئىمان ئېيتقانلارغا (يەنى ساھابىلارغا) ئوخشاش (ھەم قەلبىڭلار بىلەن، ھەم تىلىڭلار بىلەن2) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئاشۇ ئەقىلسىزلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىمىزمۇ؟» دېيىشىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار ئەقىلسىزلەرنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. (مۇناپىقلار ساھابىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىپ ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلغانلىقىنى ۋە كاپىرلارغا دۈشمەن بولغانلىقىنى ئەقىلسىزلىك دەپ بىلەتتى. مۇناپىقلارغا نىسبەتەن، ئەقىل ساھابىلەرنىڭ قىلغىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىشنى تەقەززا قىلاتتى. بۇ سەۋەبلىك، ساھابىلەرنى ئەقىلسىز، ئۆزلىرىنى ئەقىل ۋە ئۈستۈن چۈشەنچە ساھىپلىرى دەپ بىلىشەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ داۋالىرىنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەقىلسىزلەرنىڭ مۇناپىقلار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمەكتە. بۇ ۋەجىدىن، «ئەقىلسىزلىك» مۇناپىقلارغا ماس كېلىدىغان سۈپەتتۇر، مۇناپىقلارنى ئەقىلسىز دېيىش ئىناۋەتكە ئىگىدۇر. ئەقىللىقلىق ۋە ساغلام چۈشەنچە — كىشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى بىلىپ، شۇ ئىشلارنى قىلىشى ۋە زىيىنى يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل سۈپەت پەقەتلا ساھابە كراملارغا ۋە مۆمىنلەرگە ئۇيغۇندۇر. بۇنداق ئىكەن، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى كىشى ئىگە بولغان سۈپەتلەردۇر ۋە دەلىللەردۇر. قۇرۇق شوئار، داۋالارنىڭ ۋە ئاساسسىز سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.) [1-،2-،3- تفسير السعدي]

وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ

2. ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بىلەن ئۇچراشقىنىدا «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ. شەيتانلىرى بىلەن (يەنى يامانلىق قىلىشىتىكى باشلامچى، كاتتىۋاشلىرى بىلەن1) ئايرىم قالغاندا بولسا «بىز مۇتلەق رەۋىشتە سىلەر بىلەن بىللىمىز. (بىزمۇ سىلەرنىڭ يولۇڭلاردا دەپ قويۇپ2) ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ قويۇشتۇق خالاس» دېيىشىدۇ. [1-،2- تفسير السعدي]

اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ

2:15 ھەقىقەتتە، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ (ئازغۇنلۇقى، تېڭىرقىشى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ1) ئۇلارنى ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىدۇ. (مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق جازالايدۇ.2) [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر]

أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ

2:16 ئەنە شۇلار ھىدايەت بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى ئالغانلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تىجارىتى پايدا كەلتۈرمىدى، ھىدايەت تاپقۇچىلاردىنمۇ بولالمىدى. (مۇناپىقلار ھىدايەتتىن يۈز ئۆرۈپ ئازغۇنلۇقنى ئارزۇلىدى، ئازغۇنلۇققا رىغبەت كۆرسەتتى، ئازغۇنلۇق يولىدا ھىدايەتنى پىدا قىلدى. مانا بۇ مۇناپىقلارنىڭ تىجارىتى بولۇپ، بۇ نېمىدېگەن زىيانلىق تىجارەت ھە!-تفسير السعدي)

مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ

2:17 ئۇلارنىڭ (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىن قەلبىدىن ئەمەس، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە ئىمان ئېيتقان سىياققا كىرىۋېلىپ1، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى مۇسۇلمانلاردىن قوغداپ قالغان، مۆمىنلەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىگە ئېرىشىپ، ئۇلارغا مىراسچى بولغان ۋە جەڭدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غەنىيمەتتىن ئۆز ھەسسىسىنى ئالغان مۇناپىقلارنىڭ2) مىسالى (بەكمۇ ئېغىر قاراڭغۇلۇقتا قالغانلىقتىن ئوتقا ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياجى چۈشۈپ3) ئوت ياقماقچى بولغان بىرىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە (ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قالدۇرۇپ قويىدۇ. (بۇ ئايەت مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغان.4 ئىبنى ئابباس، قەتادە، مۇقاتىل، زەھھاك ۋە سۇددى بۇ ئايەتنىڭ مۇناپىقلار توغرىسىدا نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.5 مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداقتۇر. دۇنيادا ئىسلامدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدۇ. مۇسۇلمان سىياققا كىرىۋېلىپ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، دۇنيادا ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. بۇ ھالەتتە ئىكەن بېشىغا ئۆلۈم كېلىدۇ، ئۇ مەنپەئەتلىنىۋاتقان نەرسىلەردىن ئۇنى ئايرىيدۇ، نەتىجىدە مۇناپىق <ئۆلگەن ھامان> تۈرلۈك غەم ۋە ئازابنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى كۆرىدۇ. قەبرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، كۇفرنىڭ قاراڭغۇلۇقى، مۇناپىقلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن روبىرو قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، جەھەننەم ئوتىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باردۇر6. مۇناپىق ئۆلگەن ھامان تۈرلۈك قاراڭغۇلۇققا كۆمۈلىدۇ.7 مەزكۇر ئايەتتىكى بۇ تەمسىل ئاللاھنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك، مۇناپىقلارنىڭ باشتا ئىمان ئېيتىپ، ئاندىن كۇفۇرغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.8 ئايەتتىكى «قاراڭغۇلۇق»تىن مەقسەت — مۇناپىقلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن قاراڭغۇلۇقتۇر، بۇ قاراڭغۇلۇق مۇناپىقلار قىيامەت كۈنىدە دۇچ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇق دەپمۇ تەپسىرلەنگەن9. بۇ ئايەتتە قاپقاراڭغۇ مۇھىتتا قېلىپ، ئوتقا، يورۇقلۇققا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر توپ كىشىنىڭ ئىچىدىن بىرى ئوت ياققان، ئوت ئەمدى يورۇپ تۇرۇشىغا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋەتكەن. ئوتقا\يورۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بىر توپ ئادەم ئوت ياقتى، ئەمما ئوت يورۇپ تۇرۇشىغا ئوتنىڭ نۇرى يوق بولۇپ كەتتى. مانا بۇنداقلار ئىنتاين ئېچىنىشلىق ھالەتتە چارىسىز قالغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇناپىقلار دەل مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئوخشاتماقتا.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر بەغەۋىي 3. تفسير السعدي 4. زاد المسير 5. تەپسىر بەغەۋىي 6. تفسير السعدي 7. تەپسىر بەغەۋىي 8. تەپسىر ئىبنى كەسىر 9. زاد المسير] قۇر 1.0

صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ

2: 18 ئۇلار (ھەقنى ئاڭلاشتا1) گاستۇر (ھەققە قۇلاق سېلىپ، ئويلانمايدۇ2)،(ھەقنى سۆزلەشكە كەلگەندە تىلسىز3) گاچىدۇر، (ھىدايەت نۇرىنى كۆرۈشتە4) كوردۇر؛ ئۇلار (بۇ ۋەجىدىن ئىمانغا5) قايتمايدۇ. [1-،2-،3-،4-،5- تەپسىر مۇيەسسەر]

أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ 

2:19 ياكى (مۇناپىقلاردىن بەزىدە ھەقىقەتنى ئوچۇق كۆرۈپ يەتكەن، بەزىدە ھەقىقەت توغرىسىدا شۈبھىگە چۈشكەن باشقا بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى1) قاراڭغۇدا ياغقان يامغۇردا قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، بۇ قاتتىق يامغۇر بىلەن بىرلىكتە قاراڭغۇلۇق (يەنى كېچىنىڭ، بۇلۇتلارنىڭ ۋە يامغۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقى2)، گۈلدۈرماما ۋە (كۆيدۈرۈپ كۈلگەن ئايلاندۇرىۋېتىدىغان3) چاقماق بار. ئۇلار چاقماقتىن كېلىدىغان ئۆلۈم قورقۇنچى سەۋەبلىك بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر (كاپىلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويالمايدۇ4) (بۇ ئايەتتىكىسى ئاللاھ مۇناپىقلىقنىڭ باشقا بىر تۈرى ئۈچۈن كەلتۈرگەن مىسالدۇر. بۇلار بەزىدە ھەقنى تونۇپ يەتكەن، بەزىدە ھەقتىن شەككە چۈشكەن كىشىلەردۇر. بۇ خىل مۇناپىقلارنىڭ قەلبلىرى داۋاملىق شەك، كۇفۇر، ئىككىلىنىش ئىچىدىدۇر.5) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي 3-،4- تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

2:20 چاقماق (دەرىجىدىن تاشقىرى نۇرى سەۋەبلىك1) ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ تاشلىغىلى تاس قالىدۇ. چاقماق ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئۇلار چاقماقنىڭ نۇرىدا مېڭىۋالىدۇ. (چاقماق يوقاپ2) قاراڭقۇغۇلۇقتا قالغاندا، (يوللىرى قاراڭغۇلىشىپ3) تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلقادىردۇر — ھەممە ئىشقا كۈچى يېتىدىغان زاتتۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تەپسىر مۇيەسسەر]

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

2:21 (ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەت خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:1) ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ياراتقان ۋە سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىمۇ ياراتقان رەببىڭلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. (ئاللاھقا كامىل رەۋىشتە ئىبادەت قىلغۇچى تەقۋادارلاردىن بولىدۇ. تەقۋادار كىشى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە غەزىپىدىن ئەمىن بولىدۇ.2) [1. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي]

الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ

22. رەببىڭلار ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى تۆشەك، ئاسمانى بىنا قىلىپ بەردى. بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سىلەرگە رىزق سۈپىتىدە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى چىقىرىپ بەردى (سىلەر ئاللاھ زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ھاياتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، رىزىقىڭلارنى قولغا كەلتۈرمەكتىسىلەر1) بۇنداق ئىكەن، (ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ياراتقىنىنى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرغىنىنى ۋە ئايەتتە بايان قىلغان نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىنى، شۇنداقلا يۇقىرىقىلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاللاھتىن باشقىسىدىن قىلالمايدىغانلىقىنى2؛ يارىتىشتا، رىزق بېرىشتە، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا؛ شۇنداقلا ئۇلۇھىيەتتە، رۇبۇبىيەتتە ۋە كامالىي سۈپەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھېچبىر شىرىكى يوقلۇقىنى3) بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ھەر خىل شىرىكلەرنى كەلتۈرمەڭلار. (يەنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ئاللاھقا شىرىك قىلماڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇلارغىمۇ ئىبادەت قىلماڭلار. ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردەك، ئۇلارنىمۇ ياخشى كۆرمەڭلار. چۈنكى، سىلەر ئاللاھقا شىرك قىلىۋېلىۋاتقانلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر.4) [1. تفسير السعدي 2. زاد المسير 3. تفسير السعدي 4. تفسير السعدي]

وَإِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِمَّا نَزَّلْنَا عَلَى عَبْدِنَا فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِنْ مِثْلِهِ وَادْعُوا شُهَدَاءَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

2:23 (ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم>گە تەرسالىق بىلەن قارشى   تۇرغان، ئۇنىڭ دەۋىتىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئى كاپىرلار1!) ئەگەر سىلەر بەندىمىز (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) گە بىز نازىل قىلغان (بۇ قۇرئان)غا نىسبەتەن شەك-شۈبھە ئىچىدە بولساڭلار (قۇرئاننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلىقىنى ئىنكار قىلساڭلار، قۇرئاندىكى خالىغان سۈرىدىن بىرىگە تەڭداش بولالايدىغان2)، بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىڭلار. (قۇرئاندىكى خالىغان سۈرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرىشتا سىلەرگە ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن3) ئاللاھتىن باشقا (سىلەرگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق4) ياردەمچىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار. (بەندىمىز مۇھەممەد ئاراڭلارغا ئاپىرىدە بولغان كۈندىن ئېتىبارەن سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر. ئۇ ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدۇ. ئۇ سىلەرگە بىر كىتاب ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ كىتابنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى خەۋەر بەردى. سىلەر بولسا «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالدى» دېيىشىۋاتىسىلەر. سىلەر قۇرئاننى توقۇۋالدى دەۋاتقان بەندىمىز مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان. سىلەر بولساڭلار تىلىڭلار پاساھەتلىك، سۆزۈڭلار ئۆتكۈر كىشىلەرسىلەر. بۇ ۋەجىدىن <مۇھەممەدنىڭ توقۇۋالغانلىقىنى داۋا قىلىنغان قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىش> سىلەر ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس5) ئەگەر (قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالدى دېگەن سۆزۈڭلاردا6) راستچىل بولساڭلار (قېنى سىلەر توقۇۋېلىنغانلىقىنى داۋا قىلغان قۇرئاننىڭ بىرەر سۈرىسىنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈڭلار! ئەگەر قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرالاپ قالساڭلار ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك بىرى دېگەن گەپ.7) [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4-، 5-،6-تفسير السعدي]

فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ

2:24 ئەگەر قۇرئاننىڭ ئوخشىشىدەك سۈرىدىن بىرنى مەيدانغا چىقىرالمىساڭلار — ئەلۋەتتىغۇ مەيدانغا چىقىرالمايسىلەر — ئۇ ھالدا يېقىلغۇسى ئىنسانلاردىن ۋە تاشلاردىن بولغان (ئوتۇن بىلەن تۇتۇشۇپ كۆيىدىغان دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشىمايدىغان، ئاللاھنى ۋە رەسۇلىنى، <ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى> ئىنكار قىلىدىغان1) كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار. (يەنى، ئەگەر ئىش ئەكسىچە بولسا، بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار، ئۇ ھالدا رەسۇلىمىز مۇھەممەدنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ھەقتۇر، ئۇنىڭغا ئەگىشىشىڭلار كېرەك بولىدۇ. رەسۇلىمىز مۇھەممەدكە ئەگىشىش ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق جازا ماكانى بولغان دوزاخ ئوتىدىن ساقلانغايسىلەر. بەندىمىز مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كۇفۇردىن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلانغايسىلەر.2) [1-،2-تفسير السعدي]

وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ كُلَّمَا رُزِقُوا مِنْهَا مِنْ ثَمَرَةٍ رِزْقًا قَالُوا هَذَا الَّذِي رُزِقْنَا مِنْ قَبْلُ وَأُتُوا بِهِ مُتَشَابِهًا وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ وَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

2:25 (ئى پەيغەمبەر!) (چىن قەلبىدىن1) ئىمان ئېيتىپ (ئەزالىرى ئارقىلىق2) ياخشى-ئىش ئەمەللەرنى قىلغان (بۇ ئارقىلىق ئىمانىنى ياخشى ئىش-ئەمەللەر بىلەن تەستىقلىغان3، قىلغان ئەمەللىرىدە پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن4)لارغا (دەرەخلىرىنىڭ5) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان (يەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا  ئىچىدە سۇ، سۈت، ھەسەل ۋە شاراپ ئېقىپ تۇرىدىغان6) جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. (جەننەت ئەھلى جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرىنى ئۆزلىرى خالىغان ھەر قانداق جايلارغا ئېقىتىپ بارالايدۇ، جەننەت باغچىلىرى مانا مۇشۇ جەننەت ئۆستەڭلىرى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ.7) جەننەت ئەھلى قاچانلىكى جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغىنىدا «بۇ ئىلگىرى بىزگە رىزق سۈپىتىدە بېرىلگەنلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن» (يەنى، بۇ دۇنيادىكى رىزقىمىز بىلەن ئوخشاش تۈرگە ۋە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە رىزق ئىكەن8) دېيىشىدۇ. ئۇلارغا دۇنيادىكىگە ئوخشايدىغان مېۋىلەر سۇنۇلىدۇ (ئەمما، بۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى دۇنيادىكىدىن پەرقلىقتۇر9، تەسۋىرلىگۈسىز لەززەتلىكتۇر10). جەننەتتە يەنە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن (ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ، يارىتىلىشى جەھەتتىنمۇ گۈزەل بولغان؛ تەققى-تۇرۇقى گۈزەل، خۇيى گۈزەل؛ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى ئەدەپلىك، بۇ سەۋەبلىك ئەرلىرىن تەرىپىدىن ياخشى كۆرىلىدىغان، ھېچقانداق قۇسۇرى بولمىغان11؛ ھەيز كۆرمەيدىغان، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدىغان؛ ئەخلاقى گۈزەل بولغان، قىزغانمايدىغان، ھەسەت قىلمايدىغان، ئېرىدىن باشقىسىغا قارىمايدىغان12)  پاك جۈپتلەر بولۇپ، جەننەت ئەھلى جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. (جەننەتتە ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان گۈزەل دەل-دەرەخلەر، لەززەتلىك مېۋىلەر، راھەت بېغىشلىغۇچى سايىلەر، گىرىمسەن\ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن باغچىلار باردۇر13. جەننەت — باغچا مەنىسىدىدۇر. جەننەت دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب <گىرىمسەن> دەل-دەرەخلىرى سەۋەبلىك، تۇپرىقىنىڭ كۆرۈنمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر14. چۈنكى، جەننەتكە كىرگەنلەر ئاشۇ دەل-دەرەخلەر ۋە تاللار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۈرلۈك تۈمەن نىمەتلەرگە غەرق بولىدۇ15. جەننەتتە جەننەت ئەھلىگە ھەرگىز ئۆلۈم يوقتۇر، جەننەت ئەھلى جەننەتتىن مەڭگۈ چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.16) [1-، 2-، 3- تفسير السعدي؛ 4.تەپسىر بەغەۋى 5. زاد المسير 6-، 7-، 8-، 9- تفسير السعدي  10. زاد المسير 11. تفسير السعدي 12. زاد المسير 13. تفسير السعدي 14. زاد المسير 15. تفسير السعدي 16. تەپسىر بەغەۋى]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەتتە بىر بازار بار بولۇپ، جەننەت ئەرلىرى ھەر جۈمە كۈنى بۇ بازارغا كېلىدۇ. بۇ چاغدا شىمالدىن كەلگەن شامال ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇلىدۇ. بۇ بازاردىن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك چىرايلىق \ قەددى-قامەتلىك بولۇپ كەتكەن ھالەتتە ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئاياللىرى ئۇلارغا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز» دېيىشىدۇ. ئۇلارمۇ ئاياللىرىغا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئايرىلغاندىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپسىلەر» دەيدۇ. (مۇسلىم – جەننەت 2833؛ بەغەۋى – شەرھۇس سۇننە 15\227؛ سەھىھ ھەدىس)

إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَذَا مَثَلًا يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ

2:26 (يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەردە ئاللاھ «ئوت ياققان كىشىگە ئوخشاش» ۋە «ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇرغا ئوخشاش» دېگەن ئىككى مىسالنى كەلتۈرگەندە، مۇناپىقلار «ئاللاھ بۇنداق مىساللارنى بېرىشكە ھاجىتى چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە بۈيۈكتۇر» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى1) ئاللاھ پاشا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن ھايا قىلمايدۇ. ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھ كەلتۈرگەن مىسالنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ (مۆمىنلەر ئاللاھ كەلتۈرگەن مىساللارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ مىساللارنى بىكاردىن كەلتۈرمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە چەكسىز ھېكمىتى ۋە بۈيۈك نېمىتى سەۋەبلىك بۇ مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ2). ئەمما، كاپىرلار (ئاللاھنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىنى مەسخىرە قىلىپ3) «ئاللاھنىڭ بۇنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىكى مەقسىتى نېمە؟» دېيىشىدۇ. ئاللاھ بۇنداق مىسال بىلەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئازدۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىرىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۆزى كەلتۈرگەن مىساللار ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ كۇفرىغا كۇفۇر قوشۇپ، ئۇلارنىڭ كۇفرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.4) ئاللاھنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرى پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ. (پاسىق — ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ، گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش يولىنى تۇتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ5. پاسىقلىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى دىندىن چىقىرىدىغان پاسىقلىقتۇر، يەنە بىرى دىندىن چىقارمايدىغان پاسىقلىقتۇر. بۇ ئايەتتە ۋە مۇشۇ تىپتىكى ئايەتلەردە تىلغان ئېلىنغان پاسىقلىق دىندىن چىقىرىدىغان پاسىقلىقتۇر. دىندىن چىقارمايدىغان پاسىقلىقنىڭ قۇرئاندىكى بىر مىسالى «ئىي مۆمىنلەر! ئەگەر بىر پاسىق سىلەرگە بىر خەۋەرنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» ئايىتىدۇر. (ھۇجۇرات سۈرىسى، 6-ئايەت)6. بۇ يائەتتە تىلغا ئېلىنغان پاسىقلار مۇناپىقلارنى ۋە بارچە كاپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.7) [1. زاد المسير 2. تفسير السعدي 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تفسير السعدي 5. زاد المسير 6.7. تفسير السعدي]

الَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ أُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ 13

2:27 پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. (يەنى پاسىقلار ھەم ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى؛ ھەم ئۆزلىرى بىلەن باشقا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋەدىنى بۇزىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىمايدۇ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يانمايدۇ. كىشىلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھېچبىر شەكىلدە ۋاپا قىلمايدۇ1.) ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان ئىشنى ئۈزىدۇ\ تەرك ئېتىدۇ. (يەنى، ئاللاھ بىز بىلەن ئۆز ئارىسىدىكى ئىمان مۇناسىۋىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىزنى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمىزنى بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، پاسىقلار بۇ ۋەزىپىسىدىن قول ئۈزىدۇ. ئاللاھ بىزگە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىشنى، ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى بۇيرۇغاندۇر، پاسىقلار بۇ بۇيرۇقنى ئورۇندىماي2، ئۆزى بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارىسىنى ئۈزىۋېتىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە پەيغەمبەرلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتمەسلىككە بۇيرۇلغان تۇرۇقلۇق ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنى ئۈزۈپ قويىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىپ، بەزى پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلاپ، بەزىلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ3. ئاللاھ ئاتا-ئانىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئورۇنداشقا بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، پاسىقلار ئۇلارنىڭ بۇ ھەققىنى ئادا قىلماي ئۈزۈپ قويىدۇ. مۆمىنلەر ئاللا بىرلەشتۈرۈشكە، ئۈزۈپ قويماسلىققا بۇيرۇغان كېرەك بارچە ھەقلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۆز ئۈستىدىكى بۇ ھەقلەرنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. پاسىقلار بولسا بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ قويىدۇ4)، يەر يۈزىدە پاسات چىقىرىدۇ (يەنى، كىشىلەرنى توغرا ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنماي گۇناھ-جىنايەتلەر يولىنى تۇتىدۇ. كىشىلەرنى ئىسلامغا كىرىشتىن، ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشتىن تۈرلۈك شەكىلدە توسىدۇ.5) مانا بۇلار (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە6) زىيانغا ئۇچرايدىغانلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. [1-2،- تفسير السعدي 3. زاد المسير 4. تفسير السعدي 5. زاد المسير 6. تەپسىر سەئدى] 

كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَكُنْتُمْ أَمْوَاتًا فَأَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

28. ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى. كېيىن (سىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھايات مۇددىتى توشقاندا1) ئاللاھ سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن (قىيامەت كۈنى2 ھېساب ئېلىش ئۈچۈن3) سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر. (قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئىش-ئەمەللىرىڭىزنىڭ جازاسىنى ياكى مۇكاپاتىنى تولۇقى بىلەن بېرىدۇ4.) [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي 4. تەپسىر بەغەۋى] 

هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

2:29 ئاللاھ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەر ئۈچۈن (يەنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن1؛ شۇنداقلا، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ۋە <ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىغا> دەلىل بولۇشى ئۈچۈن2) ياراتتى. ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى \ ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ شەيئىيلەرنى بىلىشىدە، ئاللاھنىڭ ئىلىمىدە ھېچقانداق نۇقسان يوقتۇر3.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر، تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر بەغەۋى 3. زاد المسير]

وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ

2:30 (ئى پەيغەمبەر، ئىنسانلارغا بايان قىلغىنكى1) ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن» دېۋىدى، پەرىشتىلەر «زېمىندا پاسات چىقىرىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان بىرىنى يارىتامسەن؟ بىز بولساق سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز ۋە سېنى ئۇلۇغلايمىز» دېيىشتى. ئاللاھ «شۇنىسى مۇقەررەركى، مەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن» دېدى.

«يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن» — يەنى، زېمىندا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىدىغان ئىنسانلار توپلۇمى يارىتىمەن.2

پەرىشتىلەر «سەن زېمىندا پاسات چىقىرىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان بىرىنى يارىتامسەن؟» دېدى. يەنى، پەرىشتىلەر زېمىندا يارىتىلىدىغان ئىنسانلار بۇ  خىل جىنايەتلەرنى قىلىدۇ، دەپ قارىدى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھنى بۇنىڭدىن پاكلاپ ئۇلۇغلىدى. ئۆزلىرىنىڭ پاسات چىقىرشتىن ئۇزاق ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.3

يەنە بىر جەھەتتىن، پەرىشتىلەرنىڭ بۇ سۆزىدە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدە ياراتماقچى بولغان خەلىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشارەت باردۇر.4
ئاللاھ «مەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن» دېدى. يەنى، ئۆزۈم ياراتماقچى بولغان ئىنسانلار ھەققىدە سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن. مەن ھەم ئاشكارىنى، ھەم يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرىمەن. بۇ خەلىپىنىڭ يارتىلىشى سەۋەبلىك مەيدانغا كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ئۇنىڭ يارتىلىشىدىكى يامانلىقتىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن ياراتماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ، سىددىقلارنىڭ، شەھىدلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىدىغان ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلىمەن.5 [1-2- تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4-،5-تفسير السعدي]

وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

2:31 ئاللاھ ئادەمگە ھەممە نەرسىلەرنىڭ (چوڭ-كىچىىك بارچە نەرسىنىڭ، ھەتتا چېنە-قاچا، قازان-چۆمۈچكىچە بولغان بارچە نەرسىنىڭ1) ئىسىملىرىنى ئۆگەتتى. ئاندىن، ئۇ نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ «ئەگەر سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ مەن ياراتماقچى بولغان خەلىپىدىن ئۈستۈن ئىكەنكىلى توغرىسىدىكى قانائىتىڭلاردا2) راستچىل بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. [1-،2- تفسير السعدي]

قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

2:32 پەرىشتىلەر «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. بىزلەر سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەسمىز. شەك-شۈبىھسىزكى، سەن ئەلىيم ۋە ھەكىيمدۇرسەن» دېيىشتى.

ئەلىيم — ئىلىمى بارچە مەۋجۇداتنى قورشاپ تۇرغۇچى، ھېچقانداق ئىش ياكى نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمىغۇچى ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھەكىيم — مۇكەممەل ھېكىمەت ئىگىسى، ھېچنەرسىنى ھېكمەتسىز ياراتمايدىغان، ھېچ ئىشنى ھېكمەتكە زىت رەۋىشتە بۇيرىمايدىغان ئاللاھ دېگەن مەنىدە. ھېكمەت — ھەر ئىشنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان \ يارىشىدىغان يەرگە قويۇش، دېمەكتۇر.1

پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمىتىنى ئىقرار قىلغىنىدەك،  ئاللاھ بىلدۈرمىسە، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي نەرسىلەرنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى؛ ئاللاھنىڭ بىلمىگەن نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىگە  بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە كاتتا ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.2 [1-،2-تفسير السعدي]

قَالَ يَا آدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ

2:33 ئاللاھ «ئى ئادەم! سەن ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەر» (يەنى پەرىشتىلەرگە ئۇلار بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەر1) دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن (پەرىشتىلەر ئادەمنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بۇ خەلىپىنى يەر يۈزىدە خەلىپىك ماقامىغا كەلتۈرمەكچى بولۇشىدىكى ھېمكىتى ۋە ئىلمىنى ئوچۇق رەۋىشتە تونۇپ يەتتى2)  ئاللاھ «مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىدىغانلىقىمنى، سىلەر يوشۇرغاننىمۇ، سىلەر ئاشكارا قىلغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتمىغانمىدىم!» دېدى.

غەيىب — بىزگە مەخپىي بولغان، بىز تونۇمايدىغان، كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.3 [1-، 2-، 3- تفسير السعدي]

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَى وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ

2:34 بىز پەرىشتىلەرگە «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. پەرىشتىلەر دەرھال سەجدە قىلىشتى، ئەمما ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. (كىبىر ۋە ھەسەت يۈزىسىدىن1) سەجدە قىلىشنى رەت قىلدى، (ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە ئادەمگە قارشى چوڭچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ2) تەكەببۇرلۇق قىلدى، نەتىجىدە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى. [1.تەپسىر مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي]

وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ

2:35 (ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ، ئۇنى ئۈستۈن قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ھوزۇر تېپىشى ۋە يېقىنلىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئايالىنى ياراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئادەمگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى كامالەتكە يەتكۈزدى1. ئاندىن مۇنداق ئەمر قىلدى) بىز ئادەمگە «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن بىللە جەننەتتە ياشىغىن. ئىككىڭلار جەننەت نېمەتلىرىنى خالىغانچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. بىراق مۇنۇ دەرەخكە (ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيىش ئۈچۈن) يېقىنلاشماڭلار. بولمىسا، زالىملاردىن (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلمايدىغانلاردىن2) بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق.

ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دەرەخ جەننەت دەرەخلىرىدىن بىر دەرەخ بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ قايسى دەرەخ ئىكەنلىكنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ بۇ دەرەخكە يېقىن كېلىشىنى چەكلىشى يا ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ۋەياكى بىزگە بىلىنمىگەن بىر ھېكمىتى سەۋەبلىك ئىدى.3 [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي]

فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَى حِينٍ 

2:36 شەيتان (ۋەسۋە قىلىشى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە قىززىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئادەم ۋە ھاۋۋا دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدى1. شەيتان بۇ ئارقىلىق) ئادەم بىلەن ھەۋۋانى (ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە رىئايە قىلىشتىن) تېيىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. بىز «بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا (جەننەتتىن زېمىنغا) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا قەدەر (يەنى سىلەرگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر2) ياشايدىغان يەر ۋە پايدىلىنىدىغان مەنپەئەتلەر باردۇر» دېدۇق.

زېمىن ھەقىقىي تۇرالغۇ ئەمەس، پەقەت بىر ئۆتكۈنچى ماكاندۇر. زېمىن مەڭگۈلۈك ئاخىرەت يۇرتى ئۈچۈن ئوزۇق ھازىرلىنىدىغان يەردۇر.3 [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. زاد المسير 3. تفسير السعدي]

فَتَلَقَّى آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ

2:37 ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى (ۋە شۇ سۆزنى دېيىش ئارقىلىقا ئاللاھقا تەۋبە قىلدى). ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبىھسىزكى ئاللاھ تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، تەۋبە قىلغان (شۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىغا قايتقان1) بەندىلىرىگە رەھىم قىلغۇچى زاتتۇر.

«ئادەم رەببىدىن بىر قىسىم سۆزلەرنى ئۆگەندى.» يەنى، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەشتە ئوقۇيدىغان دۇئا ئادەمگە ئىلھام قىلىندى، ئادەمگە ئىلھام قىلىنغىنى سۈرە ئەئرافتىكى مۇنۇ دۇئادۇر: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. سەن بىزنى مەغفىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇمكى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.»2

تەۋبە — ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى خىلاپلىق قىلغان خۇسۇستا توغرىغا قايتىشىدۇر.3

ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشى، ئاندىن ئۇنى ئەپۇ قىلىپ مەغفىرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ تەجەللىسىدۇر4. [1-، 2-،4- تفسير السعدي 3. زاد المسير]

قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

38. بىز ئۇلارغا دېدۇقكى:«ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار. ئەگەر مەندىن سىلەرگە بىر ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە كىتاب1)  كەلگەندە، سىلەردىن كىم مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، (يەنى، مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ۋە مەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەرلەر ۋە <ئاللاھ نازىل قىلغان ھالەتتە ساقلانغان، زالىملار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلمىگەن> ئىلاھىي كىتاپلار بەرگەن بارچە خەۋەرلەرنى تەستىقلاش، پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئىلاھىي كىتابنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق2) ھىدايىتىمگە ئەگەشكەنلەرگە (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە3) قورقۇنچ يوقتۇر، غەم-قايغۇمۇ يوقتۇر.» [1-، 2-، 3- تفسير السعدي]

وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

2:39 كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (يەنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشمەي، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان، قۇرئاندىكى ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئېيتقانلىقى ئىسپاتلانغان سەھىھ سۈننەتتىكى ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر1) دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. [1. تفسير السعدي]

يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ

2:40 (ئاللاھ نۆۋەتتىكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا قىلغان نېمەتلىرىنى ئۇلارغا ئەسلىتىپ مۇنداق دەيدۇ1:) «ئى بەنى ئىسرائىل! (يەنى، ئى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى2!) سىلەر مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى (يەنى سىلەرنى فىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتقازغانلىقىمنى، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ۋە كىتابلار ئەۋەتكەنلىكىمنى، سىلەرنى ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلىپ سىلەرنى ھۆكۈمدار قىلغانلىقىمنى…3) ئەسلەڭلار، ماڭا قىلغان ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەكلىكى توغرىسىدا سىلەردىن ئالغان ۋەدىگە ۋاپا قىلىڭلار4)، شۇنداق قىلساڭلار مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىمەن (يەنى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئەگەشسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلى ئۈستۈڭلارنى بېسىۋالغان يۈكلەرنى يوق قىلىمەن، سىلەردىن رازى بولىمەن ۋە سىلەرنى جەتتەكە كىرگۈزىمەن5). پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار. (ئاللاھتىن قورققان كىشى بۇ قورقۇشى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ چارىسىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى6.) ئىسرائىل — ئىبراھىمنىڭ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ياقۇپتۇر. ئىمام ئىبنۇل جەۋزى: بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سىرت، ياقۇپ ئەلەيھىسالامدىن باشقا ئىككى ئىسمى بار پەيغەمبەر يوق. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىسىملىرى بەك كۆپ.7 [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر قۇرتۇبى، تفسير السعدي 3-،4-، 5- تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. تفسير السعدي 7. تەپسىر قۇرتۇبى] 

وَآمِنُوا بِمَا أَنْزَلْتُ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوا أَوَّلَ كَافِرٍ بِهِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّايَ فَاتَّقُونِ

2:41 (يەھۇدىيلاردىن ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت ئى ئەھلى كىتاب1) مەن قولۇڭلاردىكىنى (تەۋرات ۋە ئىنجىلنى) تەستىقلىغۇچى قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار. (چۈنكى، تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار سىلەرگە ئايدىڭ2.) ۋە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى3) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسى سىلەر بولماڭلار. (بۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان ئىماننىڭ ئەكسىچە كۇفۇرغا باشچىلاپ يۈگۈرگەن بولىسىلەر. نەتىجىدە، ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ھەم سىلەردىن كېيىن كېلىپ سىلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستۈڭلارغا يۈكلىگەن بولىسىلەر4.) ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئايەتلىرىمنى سېتىۋەتمەڭلار. (يەنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئۆزۈڭلار ئايرىلىپ قالىمىز دەپ ئويلىغان دۇنيا ماتالىرىنىڭ سۆيگۈسى سەۋەبلىك، ئىماننى تاشلاپ، دۇنيا مەنپەئەتىنى، دۇنيانىڭ لەززەتلىرىنى تاللىماڭلار5، چۈنكى دۇنياۋى مەنپەئەتلەر ۋە ئۇنىڭ لەززىتى ۋاقىتلىقتۇر6.) پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار. (ئاللاھتىن قورققان كىشى بۇ قورقۇشى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ7. ئاللاھ چەكلىگەن يۇقىرىقىدەك ھاللارغا چۈشۈپ قالماسلىقنىڭ چارىسى ئاللاھتىن قورقۇشتۇر.) [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-،3- تەپسىر ئىبنى كەسىر، تفسير السعدي 3. تەپسىر 4. تفسير السعدي 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تفسير السعدي 6. تەپسىر ئىبنى كەسىر 7. تفسير السعدي]

وَلَا تَلْبِسُوا الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُوا الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ

42. ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، توغرا بىلەن خاتانى بىر-بىرىگە قاتماڭلار1، ئىسلام بىلەن يەھۇدىيلىقنى ۋە خىرىستىئانلىقنى ئارىلاشتۇرماڭلار2)، بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرماڭلار.

ئىلىم ئەھلىدىن، ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلاردىن كۈتۈلىدىغىنى ھەقنى باتىلدىن ئايرىش ۋە ھەقنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ھىدايەت ئىزدىگۈچىلەر بۇ ئارقىلىق توغرا يولنى تاپىدۇ، ئېزىپ كەتكەنلەر بۇ ئارقىلىق ئازغۇنلۇقتىن قايتدۇ. ھەقنى يوشۇرماستىن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش ھەقكە كەلگىلى ئۇنىماي تىرەجەپ تۇرۇۋالغانلارغا قارشى دەلىل بولىدۇ. ئىلىم ئەھلى بولغان تۇرۇپ ھەقكە باتىلنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلدىن ئايرىمىغانلار، بىلىپ تۇرۇپ روشەن بايان قىلىشى كېرەك بولغان ھەقنى يوشۇرغانلار دوزاخقا چاقىرغۇچىلاردۇر. چۈنكى، ئىنسانلار دىن جەھەتتە ئۆزى ئالىم دەپ ئىشەنگەنلەردىن باشقىغا ئەگەشكىلى ئۇنىمايدۇ.3 شۇڭا، ئىلىم ئەھلى دېيىلگۈچى ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ.] [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى 3. تفسير السعدي]

وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ

2:43 (زاھىرى ۋە باتىنىي شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان1، ۋاقىتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا بەش ۋاخ2) نامازنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى (زاكات ئېلىشى ھەق بولغانلارغا3) بېرىڭلار. رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار. (يەنى، ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە سىلەرمۇ ناماز ئوقۇڭلار. چۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇشبۇ ئەمىرلەرنىمۇ ئورۇندىساڭلار — ھەم زاھىرىي \ ئاشكارا، ھەم باتىنىي \ مەخپىي ئەمەللەرنى، ئۇلۇغ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسنى ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ئېھسان قىلىشنى، قەلبىي ئىبادەتلەر بىلەن بەدەنىي ۋە مالىي ئىبادەتلەرنى بىر يەرگە جۇغلىغان بولىسىلەر4.)

«رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار.» — يەنى گۈزەل ئەمەللەردە مۆمىنلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار. گۈزەل ئەمەللەر ئىچىدە ئەڭ ئۆرنەكلىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى نامازدۇر. كۆپچىلىك ئالىم جامائەت نامىزىنىڭ ئەرلەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە مۇشۇ ئايەتنى دەلىل قىلغان5. ناماز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ئايەت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھەر بىر مۇكەللەف مۇسۇلمان ئەر ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتىن رۇكۇنىڭ نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا نامازنى «رۇكۇ» دەپ ئاتىدى. بىر ئىبادەت توغرىسىدا شۇ ئىبادەتنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ بايان قىلىنىشى — تىلغا ئېلىنغان قىسىمنىڭ شۇ ئىبادەتنىڭ رۇكنى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.6 (1-، ، 3-، 4-، 6- تفسير السعدي  2. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر)

أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنْسَوْنَ أَنْفُسَكُمْ وَأَنْتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

2:44 ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى بۇيرۇپ (يەنى باشقىلارنى كىتابقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئەگىشىشكە، پۇل-ماللىرىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشقا چاقىرىپ1)، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر (يەنى بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزۈڭلارغا بۇيرۇشنى، ئۇنتۇمسىلەر2)؟ ھالبۇكى سىلەر كىتابنى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، ئەقىلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
بۇ ئايەت بەنى ئىسرائىل ھەققىدە نازىل قىلىنغان بولسىمۇ، ھۆكمى ھەممىگە ئومۇمىيدۇر. بىراۋ باشقىسىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزى ئۇ ياخشىلىقنى قىلمىسا، ياكى باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ئۆزى ئۇ يامانلىقنى قىلسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئەقىلسىز، جاھىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.3 (شۇڭا ئايەتتە بۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەقىلسىزلىكتىن يېنىپ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىشى تەكىتلەنگەن.) [1. زاد المسير 2-، 3- تفسير السعدي]

وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ

45. سەبر ۋە ناماز ئارقىلىق ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار. (يەنى ئۆزۈڭلار ئارزۇلىغان دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بېشىڭلارغا كېلىدىغان تۈرلۈك ئىمتىھانلار\سىناقلار\مۇسىبەتلەردىن سالامەت ئۆتۈش ئۈچۈن سەبر ۋە نامازغا مۇراجىئەت قىلىڭلار.1) شەكسىزكى، ناماز خۇشۇ ساھىپلىرىدىن باشقىسىغا ئېغىر كېلىدۇ. (خۇشۇ ساھىبى بولمىغۇچى ناماز ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالىدۇ2.)

سەبر — گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر.3

ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاخىرەتتىكى بەخت سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈش غەيرىتىڭلار، پەرزلەرنى سەبر بىلەن داۋاملىق ئورۇنداش جەھەتتە ناماز ئارقىلىق ياردەم ئېلىڭلار، دېگەنلىكتۇر4.
تەپسىر بەغەۋىدە مۇنداق دېيىلگەن: مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: سەبر — روزىدۇر. بۇ سەۋەبلىك رامزان ئېيى سەبر ئېيى دەپ ئاتالغان. چۈنكى، روزا كىشىنى زۇھد ساھىبى قىلىدۇ. ناماز بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتكە بولغان رىغبىتىنى ئاشۇرىدۇ5.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«روزا — سەبرنىڭ يېرىمىدۇر.»6

خۇشۇ — قەلبنىڭ ئاللاھقا تەسلىم بولۇشى، ئاللاھ بىلەن ھوزۇر تېپىپ تىنىچلىنىشى، ئاجىزانە ھالدا ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا خار دەپ بىلگەن ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر7. خۇشۇ ساھىبى — ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن قەلبى تەسكىن تاپىدىغان كىشىدۇر8.

مۇھەممەد ئىبنى مەرۋەزى رەھىمەھۇللاھ ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: «بەدىر كۈنى (يەنى ئەتە بەدر غازىتى بولىدۇ دېگەن كېچە) ئۆزىمىزگە نەزەر سالدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن باشقا ھەممەيلەن ئۇيقۇدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل ئىدى. رەسۇلۇللاھ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر مۇشۇنداق قىلدى9.»

ئىمام ئەھمەد ھۇزەيفە يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بېشىغا بىرەر ئېغىرچىلىق كەلسە نامازغا تۇراتتى10.» [1-،3-4- تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-،7-تفسير السعدي 5. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، زاد المسير 6. مۇسنەد ئەھمەد 4\260؛ مۇھەددىس ئابدۇررازاق مەھدى تەپسىر ئىبنى كەسىر تەھقىقىدە بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىنى ئىشەنچىلىك دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ماجە باشقا سەنەد بىلەن مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى نەقىل قىلغان 8. تەپسىر بەغەۋى 9. مۇسنەد ئەھمەد 1\125؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 2257؛ ھەدىستىكى خارىسەدىن باشقا راۋىيلار بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ راۋىيلىرىدۇر. ھەدىس ھەسەندۇر.-تەپسىر ئىبنى كەسىر، ئابدۇررازاق مەھدى تەھقىقى 10. مۇسنەد ئەھمەد 5\388؛ ئىمام نەسەئى «ئەليەۋمۇ ۋەللەيلە» ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى ھىببان سەھىھىدە نەقىل قىلىپ، سەھىھ دېگەن]

الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَاجِعُونَ

46. ئۇلار (يەنى خۇشۇ ساھىبلىرى) رەببىگە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى (يەنى، ئاخىرەتتە ئاللاھنى كۆرىدىغانلىقىنى1) ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن2) رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقىنى مۇتلەق رەۋىشتە بىلىدۇ. (خۇشۇ ساھىبلىرى — ئۆزلىرىنىڭ تىرىلدۈرىلىدىغانلىقىغا، ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا، ئاللاھقا قايتۇرلىدىغانلىقىغا ھېچقانداق شەك قىلماستىن ئىمان ئېيتىدۇ.3) [1-، 2-، 3- تەپسىر بەغەۋى]

يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ

2:47 ئى بەنى ئىسرائىل! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمنى، سىلەرنى (پەيغەمبەر ئەۋەتىش، كىتاپلارنى نازىل قىلىش، سىەرنى زېمىدا ھۆكۈمدار قىلىش ئارقىلىق1) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ

2:48 شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن1 ۋە قىيامەت كۈنىدە جازاغا ئۇچراشتىن2) قورقۇڭلاركى، (قىيامەت كۈنى) ھېچ كىم باشقا بىرىگە پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ (قىيامەت كۈنىدە ئىنسانغا پەقەت قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭلا پايدىسى بولىدۇ3، بىراۋ باشقا بىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ4)، (كاپىر بولغان5) ھېچكىمنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا (يەنى كاپىرلارغا ئازابتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن6) ياردەم قىلىنمايدۇ.

«ھېچكىمنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ.» — باشقا بىر ئايەتتە كاپىرلارنىڭ مۇنداق دەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان:«مانا ئەمدى بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلارمۇ يوق، دوستلىرىمىزمۇ يوقتۇر.»7) (شۇرا سۈرىسى، 100، 101)

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى كاپىرلاردىن ھېچقانداق فىدىيە ۋە شاپائەت قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئازابتىن قۇتقازمايدۇ. ھېچكىم كاپىرنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزالمايدۇ.8 [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تفسير السعدي 4. تەپسىر بەغەۋى 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى 6-،7-،8- تەپسىر ئىبنى كەسىر]

وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ وَفِي ذَلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ

2:49 (بۇ ئايەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان بىر تۈركۈم ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە بەرگەن بىر تۈكۈم نېمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ-ق، ئاللاھ بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ئۆز نېمەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ1!) ئەينى چاغدا بىز سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنى2) فىرئەۋن گورۇھىدىن قۇتقۇزدۇق. (بىز سىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىلگىرى3) فىرئەۋن تەرەپتارلىرى سىلەرگە قارشى ئىزچىل رەۋىشتە ئەڭ ۋەھشىيانە جازا يۈرگۈزگەن، ئوغۇل پەرزەنتلىرىڭلارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ، قىز پەرزەنتلىرىڭلارنى (خىزمىتىگە سېلىش ۋە پەسكەش ئىشلاردا پايدىلىنىش ئۈچۈن4) تىرىك قالدۇرغان ئىدى. بۇنىڭدا (يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل جازالىنىشتا5) سىلەر ئۈچۈن رەببىڭلار تەرىپىدىن ئېغىر بىر سىناق بار ئىدى.

فىرئەۋن — ئۆز دەۋرىدىكى مىسىرنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان قىبتىلارنىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ ھەر قاندىقى فىرئەۋن دەپ ئاتىلىدۇ6. فىرئەۋن گورۇھى — فىرئەۋن، فىرئەۋننىڭ يېقىن ئادەملىرى، ئەسكەرلىرى-س، ئۇنىڭ قەۋمى، فىرئەۋنگە ئەگەشكەنلەر ۋە ئۇنىڭ دىنىغا مەنسۇپ بولغۇچىلار دېمەكتۇر7.

ئىمام قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئالىملار بۇ ئايەتتىن مۇنداق ھۆكۈم ئالغان: بىر زالىم بىرىگە باشقا بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇسا، بۇيرۇق ئالغۇچى ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرسە، ئۆلتۈرگۈچى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن جاۋابكاردۇر. زالىم بىلەن قاتىل (يەنى ئۆلتۈرگۈچى) بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلىدۇ8. [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر قۇرتۇبى 3. تفسير السعدي 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر قۇرتۇبى 6-،7-،8- تەپسىر قۇرتۇبى] 

وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ

50. ئەينى چاغدا بىز سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. فىرئەۋن گورۇھىنى بولسا كۆز ئالدىڭلاردا دېڭىزغا غەرق قىلدۇق.

ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىل — ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بولۇپ، مىسىرغا پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ 76 ئەۋلادى بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاۋۇتۇپ، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى بەرىكەتلىك قىلدى. ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ مەزكۇر فىرئەۋن زامانىسىدا مۇسا ئەلەيھىسالام باشچىلىقىدا فىرئەۋندىن قاچقان ئەۋلادلىرىنىڭ سانى  قېرىلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى قوشمىغاندا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.-ق، ئىمام ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبى شەيبە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ئەسەردىمۇ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئالتە يۈز مىڭ ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان1، تەپسىر بەغەۋىدە بۇلارنىڭ سانى 620 مىڭ دېيىلگەن2.

تىلغا ئېلىنغان دېڭىز — قىزىل دېڭىزدۇر. (قىزىل دېڭىز بۈگۈنكى مىسىر، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاننى ئايرىپ تۇرغان ئۇزۇنچاق دېڭىزدۇر.) ئاللاھ دېڭىزغا «مۇسا ھاسىسى بىلەن سېنى ئۇرغىنىدا ئىككىگە ئايرىل» دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسالام ھاسىسىنى دېڭىزغا ئۇردى، دېڭىز ئىككىگە ئايرىلدى. باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق كەلگەن: بىز مۇساغا «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇر» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىنىدا) دېڭىز يېرىلدى، يېرىلغان ئىككى قىسىمىنىڭ ھەر بىرى چوڭ تاغدەك ھالغا كەلدى.» (26-سۈرە، 63-ئايەت) مۇسا ئەلەيھىسالام ئون ئىككى قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى باشلاپ دېڭىزدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ كەتتى. فىرئەۋن ۋە قوشۇنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزغا كىرگىنىدە، دېڭىز سۈيى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ ئۇلارنى يۈتۈپ كەتتى.3 [1. قۇرتۇبى 2. بەغەۋى 3. قۇرتۇبى]

وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَى أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ

51. (شۇنىڭدىن كېيىن، تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا قىرىق كېچىنى (يەنى قىرىق كۈننى1) ۋەدە قىلدۇق. مۇسا (بۇنىڭ ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەن2) دىن كېيىن، (كالىغا چوقۇنىدىغان3، مۇناپىق سامىرى ياسىغان4) موزايغا ئىبادەت قىلىپ، زالىملاردىن بولدۇڭلار. [1. زاد المسير، بەغەۋى، قۇرتۇبى 2. قۇرتۇبى 3.ز،ب 4.قۇرتۇبى]

ثُمَّ عَفَوْنَا عَنْكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

52. شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق،

وَإِذْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

53. ئەينى چاغدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ (يەنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ، توغرا يولنى تاپسۇن دەپ1) مۇساغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى بەردۇق. [1. قۇرتۇبى]

وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنْفُسَكُمْ بِاتِّخَاذِكُمُ الْعِجْلَ فَتُوبُوا إِلَى بَارِئِكُمْ فَاقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ عِنْدَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ

54. ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (تۇر تېغىدىن قايتىپ كېلىپ قەۋمىنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغىنىنى كۆرۈپ) «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى ئىلاھ قىلىۋېلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا ئوپئوچۇق زۇلۇم قىلدىڭلار. بۇ سەۋەبلىك سىلەرنى ياراتقان رەببىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار (يەنى ئاراڭلاردا موزايغا چوقۇنمىغانلار موزايغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن1). بۇنداق قىلىشىڭلار رەببىڭلاردىن دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ تەۋۋابدۇر — تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىيمدۇر — چەكسىز مېھرىباندۇر. [1. زاد المسير، مۇيەسسەر]

وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَى لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّى نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ

55. ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئېلىپ كەلگەندە1) سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى. [1.زاد المسير]

ثُمَّ بَعَثْنَاكُمْ مِنْ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

56. ئاندىن، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈردۇق.

وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَى كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

57. بىز سىلەرگە يەنە (چۆلدە1) بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق. تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. (بۇ رىزقلار پاراۋان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان رىزقلار ئىدى. ھالبۇكى، بەنى ئىسرائىل قەۋمى بۇ رىزقلارغىمۇ شۈكۈر قىلمىدى. قەلبىنىڭ قاتتىقلىقىنى ۋە كۆپلەپ گۇناھ ئىشلەشنى داۋام قىلدى. ئۇلار بۇيرۇقلىرىمىزغا قارشى ھەرىكەت قىلىش بىلەن2) بىزگە زۇلۇم قىلغىنى يوق. ھالبۇكى، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. [1. ئىبنى كەسىر 2. تفسير السعدي]

وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ

58. (بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە) ئۆز ۋاقتىدا «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇل مۇقەددەسكە1) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغانچە كەڭتاشا يەڭلار. شەھەرنىڭ دەۋازىسىدىن (ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇ شەھەرگە قايتۇرغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن2) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە «خىتتا» دەڭلار (<گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار>، يەنى شەھەرگە سەجدە قىلغان ۋە ئىستىغفار ئېيتقان ھالەتتە كىرىڭلار3. بۇ سەۋەبلىك) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىمىز. مۇھسىنلارغا بېرىدىغان نىمىتىمىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىمىز» دېدۇق.

مۇھسىن — ئاللاھقا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئىبادەت قىلىدىغان، كىشىلەرگە ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە، گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر4.

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «سەجدە قىلغان ھالەتتە كىرىڭلار…» بۇ بۇيرۇق ئۇلارغا قىرىق يىل چۆلدە قالغاندىن كېيىن پەيغەمبەر يۇشا ئىبنى نۇن بىلەن بىرلىكتە چۆلدىن چىققاندا بېرىلگەن بۇيرۇقتۇر5. [1. زاد المسير، ئىبنى كەسىر 2-،3- زاد المسير 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. ئىبنى كەسىر]

فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ

59. (بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدىكى1) زالىملار ئۆزلىرىگە ئېيتىلغان سۆزنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرۇۋەتتى. (يەنى سەجدە قىلغان، «خىتتا» دەپ ئاللاھتىن مەغفىرەت سورىغان ھالدا بىزنىڭ ئەمىر قىلغىنىمىز بويىچە شەھەرگە كىرىشنىڭ ئورنىغا، «خىنتا» (ئارپا دانچىسى) دېگەن ۋە كاسىسىنى يەرگە سۈركىگەن ھالدا شەھەرگە كىرىشتى2.) شۇنىڭ بىلەن، (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ3) پاسىقلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زالىملارغا ئاسماندىن بىر ئازاپ چۈشۈردۇق.

تەپسىر ئىبنى كەسىردە ئاللاھ چۈشۈرگەن بۇ ئازابنىڭ ۋابا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. تەپسىر بەغەۋىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلار ئۆز بۇيرۇقىغا بۇ شەكىلدە ئىتائەتسىزلىك قىلغىنىدا، ئاللاھ ئۇلارغا ۋابا ئەۋەتتى، نەتىجىدە بىر سائەت ئىچىدە ئۇلاردىن يەتمىش مىڭ كىشى ئۆلدى، دەپ نەقىل قىلىنغان.» [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. بەغەۋى، ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 3. بەغەۋى]

وَإِذِ اسْتَسْقَى مُوسَى لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ

60. (ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى، سىلەرگە بەرگەن نىمەتلىرىمدىن يەنە بىرسى شۇكى) ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (قەۋمى بەيتۇل مۇقەددەستىكى كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلىشتىن باش تارتىپ، چۆلدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان  ۋە سۇسىز قالغان پەيتتە1) قەۋمىگە سۇ بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى. بىز مۇساغا «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. (مۇسا تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرغىنىدا) تاشتىن (بەنى ئىسرائىلىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە تەڭداش ھالدا2) ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلىگە ئۆزىگە ئائىت بۇلاقنىڭ قايسى ئىكەنلىكى بىلدى.  (ئۇلارغا دېدۇقكى،)«ئاللاھنىڭ رىزىقلىرىدىن يەڭلار، ئىچىڭلار (يەنى سىلەرگە مەن رىزق قىلىپ بەرگەن، سىلەر ھېچقانداق ھېرىپ چارچىماستىن قولغا كەلتۈرىدىغان تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنىدىن يەڭلار، تاشتىن ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىپ بەرگەن سۇدىن ئىچىڭلار3)؛ پاسات چىقىرىش ئارقىلىق يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.» [1. بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تفسير السعدي 3. بەغەۋى، ئىبنى كەسىر]

وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَى لَنْ نَصْبِرَ عَلَى طَعَامٍ وَاحِدٍ فَادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ مِنْ بَقْلِهَا وَقِثَّائِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ الَّذِي هُوَ أَدْنَى بِالَّذِي هُوَ خَيْرٌ اهْبِطُوا مِصْرًا فَإِنَّ لَكُمْ مَا سَأَلْتُمْ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ وَالْمَسْكَنَةُ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ الْحَقِّ ذَلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ

61. (ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى، ئەسلەڭلاركى) ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (يەنى سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلار ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن زېرىكىش، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تۆۋەن كۆرۈش سەۋەبلىك1) «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا تاماقنى يەۋېرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، رەببىڭ بىزگە پۇرچاق تىپىدىكى كۆكتاتلار، تەرخەمەك، سامساق، بۇغداي، مەرجىمەك ۋە پىياز قاتارىق يەردىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار. مۇسا«سىلەر (تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئىبارەت) ياخشى يېمەكلىكنى ئادەتتىكى يېمەكلىككە تېگىشمەكچىمۇ؟ ئۇندقتا خالىغان شەھەرگە كىرىڭلار، تەلەپ قىلغىنىڭلار شۇ يەردە بار» دېدى. ئۇلار (داۋاملىق نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلدى، سەبر-تاقەت كۆرسەتمىدى، ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى2) بۇ سەۋەبلىك  خارلىققا ۋە موھتاجلىققا مەھكۇم بولدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. بۇنداق بولۇشىدكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىدىن؛ ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىماي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن چىققانلىقى ۋە (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قارشى3) ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئىدى. [1-، 2-، 3- تفسير السعدي]

إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالنَّصَارَى وَالصَّابِئِينَ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

62. (سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ئۆزى ئىلگىرى بىللە ياشىغان، باشقا دىنلارغا مەنسۇپ بولغان، ناماز ۋە ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى سورىغاندا مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان1) «شۈبھىسىزكى، (بۇ ئىسلام ئۈممىتىدىن بولغان2) مۆمىنلەر ئۈچۈن، ھەمدە (مۇھەممەد ئەلەيھىسالام پەيغەمبەرلىكىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ياشىغان3) يەھۇدىيلار، خىرسىتىئانلار ۋە سابىئىيلەر ئارىسىدىن ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ شىرىكى يوقلۇقىغا، بالىسى يوقلۇقىغا، ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە) ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ (ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلاپ4)، سالىھ ئەمەل قىلغۇچىلار ئۈچۈن رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلار باردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ يوقتۇر.

قۇرئاننىڭ مېتودى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر داۋامىدا كىشىدە بىر تۈركۈم شۈبھەلەر، گۇڭگىلىقلار ئوتتۇرىغا چىققۇدەك بولسا، شۇ ئايەتلەر ئىچىدە بۇ خىل شۈبھە ۋە گۇڭگىلىقنى يوق قىلىدىغان بايانلار مۇتلەق رەۋىشتە باردۇر. چۈنكى بۇ قۇرئان مەخلۇقات يارىتىلىشتىن ئاۋۋال يارتىلىدىغان مەخلۇقاتلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر4.

بۇ ئايەتتىن ئاۋۋالقى مەزمۇنلاردا ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىل قەۋمى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇلارنى ئەيىپلەپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە رەزىل قىلمىشىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، (بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان) بەزى كىشىلەر بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بولغان ھەممە كىشى بۇ تەنقىدنىڭ ئوبيېكتى ئىكەن، دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرمەكتە، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر5.

مۆمىنلەر — بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۆمىنلەر دەپ ئاتىلىشى بۇ ئۈممەت مەنسۇپلىرىنىڭ (باشقا ئۈممەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا) سان جەھەتتە كۆپ، ئىمان جەھەتتە قۇۋۋەتلىك بولۇشى، ئۆتمۈشتىكى بارچە پەيغەمبەرلەرگە ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيىپ مەسىلىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشى سەۋەبىدىندۇر6.

سابىئىيلەر — ئىمام ئىبنى كەسىر بۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ پىرقە ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى، بۇلار يەھۇدىيمۇ ئەمەس، خرىستىئانمۇ ئەمەس، مەجۇسىمۇ ئەمەس، مۇشرىكمۇ ئەمەستۇر. فىترەت ئۈستىدە قالغان، ئەمەل قىلىدىغان مۇئەييەن دىنى بولمىغان پىرقە ئىدى7.

ئايەتتىكى «سالىھ ئەمەل»نى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «پەرزلەرنى ئورۇنداش» دەپ تەپسىرلىگەن8. [1. ئىبنى كەسىر 2-، 3-، 4-، 5- تفسير السعدي 6-،7- ئىبنى كەسىر 8. زاد المسير]

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

63. (ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى) ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش1، بىز مۇساغا نازىل قىلغان تەۋراتقان ئەمەل قىلىش ھەققىدە2) قەتئىي ۋەدە ئالدۇق. (ھالبۇكى، مۇسا ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنى ئېلىپ كەلگەندە، سىلەر تەۋراتتىكىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان چاغدا3) تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ «سىلەرگە بەرگىنىمىزگە (يەنى تەۋراتقا4) مەھكەم ئېسىلىڭلار (يەنى ئۇنىڭغا توغرا رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ، تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىڭلار5)، ئۇنىڭ ئىچىدىكىدىن غەپلەتتە قالماڭلار، بۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە غەزىپىدىن6) ساقلانغايسىلەر» دېدۇق. [1. زاد المسير، تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- زاد المسير 4. تفسير السعدي 5. زاد المسير 6. تفسير السعدي، زاد المسير]

ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ فَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَكُنْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ

64. (بۇ ۋەدىدىن) كېيىن يەنە (ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار (تەۋراتقا قەتئىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىشتىن باش تارتتىڭلار1. بۇنداق قىلىشىڭلار سىلەرگە ئەڭ ئېغىر جازا بېرىشكە لايىق ئىدى2. ئەمما، ئۇنداق قىلمىدۇق.) ئەگەر ئاللاھنىڭ لۇتۇف ۋە رەھمىتى بولمىغان بولسا (يەنى ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلمىغان، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفرەت قىلمىغان3، سىلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەن بولسا4)، مۇھەققەقكى زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار. [1. زاد المسير 2. تفسير السعدي 3. تەپسىر مۇيەسسەر، ئىبنى كەسىر 4. ئىبنى كەسىر]

وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ

65. (ئى يەھۇدىيلار پىرقىسى!) ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى (بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق بالالار كەلگىنىنى1) ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. بىز بۇنداق قىلغانلارغا «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق. [1. ئىبنى كەسىر]

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ يەھۇدىيلارغا شەنبە كۈنى ئىش-ئوقەت قىلىشنى ھارام قىلغان2. يەھۇدىيلار بولسا ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان3.

شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن تور تور تارتتى ۋە كىچىك كۆلچەكلەرنى قېزى قويدى. ئاندىن يەكشەنبە كۈنى تورغا چۈشكەن، كۆلچەككە كىرىپ قاپسىلىق قالغان بېلىقلارنى تۇتتى4. ئايەتتە مۇشۇ مەزمۇن ئىپادە قىلىنغانماقتا.

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار دېدۇق» — نەتىجىدە بۇنداق قىلغۇچىلار ھەم شەكىل، ھەم ماھىيەت جەھەتتە مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشايدىغان مايمۇن سىياقىغا كىردى.ك، ز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ئۇلار مايمۇنغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن دۇنيادا پەقەت ئۈچ كۈنلا ياشىدى. يېمىدى، ئىچمىدى، نەسلى داۋام قىلمىدى5.

ئىمام ئىبنى جەۋزى «زاد المسير» ناملىق تەپسىرىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان6. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-، 3- زاد المسير 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر ئىبنى كەسىر 6. زاد المسير]

فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ

66. بىز بۇ جازانى زامانىسىدىكىلەر ئۈچۈن ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك بىر جازا، تەقۋادارلار ئۈچۈن (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن1) ساۋاق قىلدۇق. [1. زاد المسير]

وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ

67. ئۆز ۋاقتىدا (بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئۆزى ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىرىنىڭ قاتىلىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا تۈرلۈك پەرەزلەردە بولۇشتى1، ئاقىۋەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلدى2. ئاقىۋەتتە) مۇسا قەۋمىگە «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنەك بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېدى. قەۋمى «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېۋىدى، مۇسا «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىمەن» دېدى.

زادۇم مەسىيردە مۇنداق دېيىلگەن: نېمىشقا مەسخىرىنى قوبۇل قىلمىدى؟ چۈنكى، مەسخىرە قىلغۇچى جاھىلدۇر، تاماشا قىلغۇچىدۇر3. پايدىسىز سۆزلەرنى قىلغۇچى ۋە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى جاھىلدۇر. ئەقىللىق كىشى ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنساننى مەسخىرە قىلىشنى ھەم ئەقلىي نۇقتىدىن، ھەم دىنىي نۇقتىدىن چوڭ قۇسۇرلۇق ئىش دەپ بىلىدۇ. كىشى ئەگەر باشقىسىدىن ئۈستۈن بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبلىك ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھىم شەپقەت قىلىشى لازىم4. [1. تفسير السعدي 2-،3- زاد المسير 4. تفسير السعدي]

قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَلِكَ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ

68. (مۇسانىڭ قەۋمى بۇنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن1) قەۋمى مۇساغا «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ، قانداق ئىنەكنى بوغۇزلايدىكەنمىز، ئېنىق بايان قىلىپ بەرسۇن» دېيىشتى. مۇسا «ئاللاھ بوغۇزلىنىدىغان ئىنەكنىڭ بەك قېرىمۇ ئەمەس، بەك ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش ئىنەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇڭا بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى. [1. زاد المسير]

قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ

69. ئۇلار «بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بۇغۇزلىشىمىز بۇيرۇلغان ئىنەكنىڭ رەڭگىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا «ئاللاھ ئىنەكنىڭ رەڭگى قارىغانلارنى زوقلاندۇرىدىغان دەرىجىدە ساپسېرىق بولسۇن» دېدى.

قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ

70. ئۇلار (مۇساغا) ئېيتتى:«بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن. بوغۇزلانماقچى بولغان ئىنەكنىڭ قانداق ئىنەك ئىكەنلىكىنى بىزگە تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن. چۈنكى، بىزگە نىسبەتەن (بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىكى نۇرغۇن) ئىنەك بىر-بىرىگە ئوخشىشىدۇ. (تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىنغان تەقدىردە) ئاللاھ خالىسا توغرىنى تاپقۇچىلاردىن بولىمىز.»

قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ

71. مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ دېدىكى، ئۇ شۇنداق بىر ئىنەككى ئىشقا سېلىنمىغان، يەر ھەيدەشكە ۋەياكى ئېتىزلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ توشۇتقۇزۇلمىغان، قۇسۇرسىز ۋە ئالىسى يوق ئىنەكتۇر.» ئۇلار «مانا ئەمدى ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭ» دېيىشتى. ئاقىۋەتتە، ئۇ ئىنەكنى (تېپىپ) بوغۇزلىدى. بىراق، (ئىشنى تەسلەشتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك1) ئېيتىلغان ئىنەكنى تېپىپ بوغۇزلاشنى بەجا كەلتۈرەلمىگىلى تاس قالدى. [1. تفسير السعدي]

وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَادَّارَأْتُمْ فِيهَا وَاللَّهُ مُخْرِجٌ مَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ

72. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە قاتىلنىڭ كىملىكى توغرىسىدا دەتالاش قىلغان ئىدىڭلار. بىراق، ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ئىشنى ئاشكارىلىماقچى ئىدى.

فَقُلْنَا اضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا كَذَلِكَ يُحْيِي اللَّهُ الْمَوْتَى وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

73. بۇ سەۋەبلىك «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئۇرۇڭلار»  (چۈنكى، ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇشۇ ئارقىلىق تىرىلدۈرۈلىدۇ ۋە سىلەرگە ئۆزىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ1) دېدۇق. (ئۇلار ئۆلۈكنى ئىنەكنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇردى. ئاللاھ ئۇنى تىرىلدۈردى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى  ئاشكارىلىدى2) ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى مانا مۇشۇنداق تىرىلدۈرىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ قۇدرىتىنىڭ مۇكەممەلىكىنى بىلدۈرىدىغان مۆجىزىلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ. (ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر3.) [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-3،- تفسير السعدي]

ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ فَهِيَ كَالْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً وَإِنَّ مِنَ الْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ الْأَنْهَارُ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ الْمَاءُ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

74. (بىراق، سىلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىڭلار1) شۇ خىل مۆجىزىلەردىن كېيىنمۇ قەلبىڭلار (يۇمشاشنىڭ ئەكسىچە2) يەنە قاتتىقلاشتى (يەنى، تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىقلىشىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلارنى ھاسىل قىلىدىغان تاشلار بار؛ يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدۇ. شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن قورقۇپ، ئۇلۇغلىقىدىن ئەيمىنىپ (تاغ چوققىلىرىدىن3) دومىلاپ چۈشىدۇ. (مانا بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن تاش ياخشىراقتۇر4.) ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر (ئاللاھ چوڭ-كىچىك بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر5.) [1-،2-،3- تەپسىر مۇيەسسەر 4-، 5-تفسير السعدي]

أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

75. (ئى مۇسۇلمانلار1! يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا) ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىۋېتەتتى. (يەنى، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئاللاھ مەقسەت قىلمىغان مەنەنى بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ سۆزىنى ئۆزگەرتەتتى2. نەتىجىدە كىشىلەرگە ئاللاھ نازىل قىلمىغان سۆزلەرنى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى3) [1. مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي، مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي]

وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَى بَعْضٍ قَالُوا أَتُحَدِّثُونَهُمْ بِمَا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَاجُّوكُمْ بِهِ عِنْدَ رَبِّكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

76. (ئاللاھ ئەھلى كىتابلار ئارىسىدىكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ1) ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا (قەلبىدە ئىماندىن ئەسەرمۇ يوق ھالدا پەقەت تىلىدىلا2) «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ، ئۆز ئىچىدە يالغۇز قالغىنىدا (يەنى، ئارىسىدا ئۆز دىنداشلىرىدىن باشقا ھېچكىم بولمىغان چاغدا3) بولسا «مۆمىنلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغانلىرىنى مۆمىنلەرگە دەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» (يەنى، ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن \ سۆزلەرنى دېيىشتىن ۋاز كەچمەمسىلەر؟4) دېيىشىدۇ.

«پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ئۈچۈن» — يەنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتاب بىز ماڭغان يولنى ھەق يول دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۆز يولىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى، دەپ، بۇنى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىزگە قارشى دەلىل كۆرسىتىشى ئۈچۈن5. [1-،2-،3-،4- تفسير السعدي]

أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ

77. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەم ئۆزلىرى يوشۇرغانلىرىنى، ھەم ئاشكارا قىلغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟

وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ

78. ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ1) ئارىسىدىكى ساۋادسىزلار كىتاب ھەققىدە (يەنى كىتابتىكى ھۆكۈملەر ھەققىدە2، ئالىملىرى كىتابتا بار دەپ يېزىۋالغان3) يالغان-توقۇلمىلاردىن باشقىنى نەرسىنى بىلمەيدۇ، (ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان نەرسىلەر ھەققىدە4) پەقەت گۇمان قىلىىشدۇ. (ئۆزى كىتابتا بولۇشىنى ئارزۇلىغان نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ «ئاللاھنىڭ كىتابىدا مۇشۇنداق بار» دېيىشىدۇ5).

يەھۇدىيلارنىڭ ئاۋامى پەقەت ئالىملىرى توقۇپ بەرگەن توقۇلمىدىن باشقىنى بىلمەيدۇ، ئالىملىرىنى قارىغۇلارچە تەقلىت قىلىشنىلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە ئەسلا سەمىمىيەت كۆرسەتمەي، ئۆز كۆڭلى تارتقان نەرسىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بار دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىملىرى ئۆزلىرى مېڭىۋاتقان ئازغۇنلۇققا مەھكەم ئېسىلغاندۇر. بۇ سەۋەبلىك، ئى مۆمىنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ ئاۋاملىرىدىنمۇ، ئالىملىرىدىنمۇ ھەق كەلسە ئىمان ئېيتىدۇ دەپ ئۈمىدۋار بولۇپ قالماڭلار6.

بۇ ئايەت ۋە بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرىنى، ئاۋاملىرىنى، مۇناپىقلىرىنى ۋە مۇناپىقلىق قىلمايدىغانلىرىنى بايان قىلماقتا7. [1. تفسير السعدي 2. زاد المسير 3. تەپسىر بەغەۋى 4-، 5- تەپسىر ئىبنى كەسىر 6-، 7- تفسير السعدي]

فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ

79. (ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرى ئىچىدىكى كىتابتىكى ھۆكۈملەرنى بۇرمىلاپ، مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ يازغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ1) ئۆز قولى بىلەن كىتابنى يېزىپ، ئارقىسىدىن يازغانلىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە ساتالاش ئۈچۈن «بۇ ئاللاھتىن كەلگەن» دەيدىغانلارنىڭ ۋاي ھالىغا! قوللىرى بىلەن يازغان نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي، بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي.

(بىز «ۋاي» دەپ تەرجىمە قىلغان كەلىمىنىڭ ئەسلىسى «ۋەيل» بولۇپ، ۋەيل — شىددەتلىك ئازاب ۋە پۇشايماننى كۆرسىتىدىغان، ئېغىر تەھدىتنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمىدۇر2.) «ئازغىنە مەنپەئەت» — دۇنيا ئۆز ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ، ئازغىنە مەنپەئەتتۇر3. [1-، 2- تفسير السعدي؛ 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر، تفسير السعدي]

وَقَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَةً قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِنْدَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

80. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك كۇفۇر، نىمەتكە تۇزكورلۇق قىلىش، ئاللاھتىن كەلگەن ھەقكە ئۇنىماي تۇرۇۋېلىش، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ھېچنەرسە بىلمەسلىك، بىلگەنلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ئاللاھنىڭ ئالداشقا ئورۇنۇش قاتارلىق رەزىل قىلمىشىرى بولۇشىغا قارىماي) «دوزاخ ئوتى بىزنى پەقەت بىزنى بىر قانچە كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» (بىر نەچچە كۈن دوزاختا كۆيۈپ بولۇپلا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىمىز1) دېيىشىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا «بۇ ھەقتە ئاللاھتىن ۋەدە ئالغان ئوخشىمامسىلەر؟» (ئەگەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە مۇشۇنداق ۋەدىسى بولسا2) ئاللاھ ئەلۋەتتە ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان ئىشتا ئاللاھ نامىدا سۆزلەۋاتامسىلەر؟» دېگىن. [1،2- تەپسىر ئىبنى كەسىر]

بَلَى مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

81. ئەھۋال سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلاردەك ئەمەس1 (ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ ھەقكە ئۇيغۇن ھېچيېرى يوق2)، كىم بىر يامانلىق قىلسا ۋە گۇناھلىرى ئۇنى تامامەن قورشىۋالغان بولسا، مانا بۇ خىل كىشىلەر دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇندق دېگەن: ئايەتتىكى «يامانلىق» ھەم شىركنى، ھەم ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، بۇ ئايەتتە «يامانلىق» ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. گۇناھنىڭ بەندىنى پۈتۈنلەي قورشىۋېلىشىدىن مەقسەت — گۇناھنىڭ ئۇ گۇناھنى قىلغۇچىنى ھېچقانداق چىقىش يولىغا ۋە نىجاتلىقققا ئېرىشەلمەيدىغان شەكىلدە قورشىۋېلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ پەقەت شىرك ئۈچۈن شۇنداق. چۈنكى، ئىمام ساھىبىنى گۇناھ ھېچقاچان پۈتۈنلەي قورشىۋالالمايدۇ.

خاۋارىجلار مۇشۇ ئايەتنى چوڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئايەتنىڭ شىرك ھەققىدە ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق بولغانلىقتىن، ئايەت بۇنداق داۋا قىلغۇچىنىڭ قارشىسىدا دەلىلدۇر3. [1-، 2-، 3- تفسير السعدي]

وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

82. ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل قىلغانلار جەننەت ئەھلى بولۇپ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.

ھەر قانداق ئەمەل تۆۋەندىكى ئىككى شەرت تېپىلمىغۇچە سالىھ ئەمەل بولالمايدۇ. ئەمەلنىڭ سالىھ بولۇشى ئۈچۈن، (1) قىلىنغان ئەمەل پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىلا كۆزلەنگەن ئاساستا ئىخلاس بىلەن قىلىنغان بولۇشى، (2) قىلىنغان ئەمەل ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قىلىنغان (بىدئەتلەردىن ئۇزاق بولغان) بولۇشى لازىم-تفسير السعدي.

مەزكۇر ئىككى ئايەتنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: نىجاتلىققا ۋە ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار— ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغانلاردۇر. ھالاك بولۇپ، دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلار — ئاللاھقا شىرك قوشىدىغان، ئاللاھنى (ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈملەرنى) ئىنكار قىلىدىغانلاردۇر. (تفسير السعدي)

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ

83. ئۆز ۋاقتىدا بىز بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن «ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلمايسىلەر، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىسىلەر، شۇنداقلا ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە ۋە مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىسىلەر. كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىسىلەر، نامازنى كامىل ئادا قىلىپ، زاكاتنى بېرىسىلەر» دەپ ۋەدە ئالدۇق. بۇ ۋەدىنى بەرگەندىن كېيىن، سىلەردىن ئازغىنە كىشلەردىن باشقىسى بەرگەن ۋەدەڭلەرنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار. سىلەر ھەر دائىم بەرگەن ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردىن بولدۇڭلار.

ئىمام ئابدۇرراھمان تفسير السعدي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقلار بارچە شەرىئەتلەردە بۇيرۇلغان دىننىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. چۈنكى، مەزكۇر ئايەتتىكى بۇيرۇقلار ھەر زاماندا ۋە ھەر ماكاندا ئومۇمىي مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەردۇر.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ يالغۇز ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشنى بۇيرۇدى، ئۆزىگە شىرك كەلتۈرۈشنى چەكلىدى. ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمەسلىك دىننىڭ ئاساسىدۇر. ئەمەللەر بۇ ئاساسقا تايانغان ھالدا قىلىنمىسا، ھەر قانداق ئەمەل قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى، بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شىرك كەلتۈرمىگەن ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشى ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

«ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىسىلەر» — بۇ بۇيرۇق ئاتا-ئانىغا ھەم سۆز ئارقىلىق، ھەم ئىش ھەرىكەت ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەت ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىشنى چەكلىمەكتە؛ ھەمدە، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق يامانلىق قىلىشنىمۇ چەكلىمەكتە. چۈنكى، پەرزەنتكە بۇ جەھەتتە پەرز بولغىنى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش بولۇپ، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەكسى ئىككى ئىشتۇر: (1) ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىش بولۇپ، بۇ چوڭ گۇناھتۇر \ گۇناھى كەبىرىدۇر. (2) ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلماسلىق، ئەمما ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىشتۇر. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىشمۇ ھارامدۇر، بىراق، بۇنىڭ گۇناھى ئاتا-ئانىغا يامانلىق قىلىشنىڭ گۇناھىدىن يېنىكراق.

ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ، يېتىملەرنىڭ، يوقسۇل\مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش جەھەتتىمۇ ئىش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش.

«كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىسىلەر» — كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش — ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئىلىم ئۆگىتىش، سالاملىشىشنى كەڭرى يېيىش، تاتلىق تىل ۋە ھەر تۈرلۈك ياخشى سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، «كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش» ئەمرى كىشىنىڭ ھەر بىر ئىنسانغا ياخشىلىق قىلالىشىغا كۈچى يېتىدىغان ئىشقا قىلىنغان بۇيرۇقتۇر، بۇ بولسىمۇ كىشىلەرگە تىلى \ سۆزى ئارقىلىق ياخشىلىق قىلىشىدۇر. (تفسير السعدي)

ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنى چەكلىگەن بەزى ھەدىسلەر

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قايسى ئەمەل ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر؟» دەپ سورىۋىدىم «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى. (بۇخارى 5970؛ مۇسلىم 85)

ئەتا ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن ئىبنى ئابباسنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دەپ پەتىۋا سورىدى: مەن بىر ئايالغا توي تەكلىپى قويغان ئىدىم، بىراق مېنى رەت قىلدى. كېيىن، مەندىن باشقا بىرەيلەن ئۇنىڭغا توي تەلىپى قويغان ئىدى، ئۇ ئايال ئۇنى قوبۇل قىلىپ، نىكاھىغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن (غەزەپلەنگەنلىكىم سەۋەبلىك) ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. ئەمدىلىكتە مېنىڭ تەۋبە قىلىشىمغا يول بارمۇ؟» ئىبنى ئابباس ئۇنىڭدىن «ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى «ياق» دېدى. ئىبنى ئابباس «ئاللاھقا تەۋبە قىلغىن، قولۇڭدىن كېلىشىچە (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقىن» دېدى. ئۇ كىشى كەتكەندىن كېيىن، ئىبنى ئابباستىن «نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئاناڭ ھاياتمۇ دەپ سورايلا؟» دېۋىدىم، ئىبنى ئابباس «چۈنكى مەن كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشتا، ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باشقا ئەمەلنى بىلمەيمەن» دېدى. (بۇخارى — ئەدەب ئەلمۇفرەد 4)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: چۆلدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىرى كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! چوڭ گۇناھلار قايسىلار؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھقا شېرىك قوشۇش» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى «ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى. «ئاندىنچۇ؟» دېۋىدى «يالغاندىن قەسەم ئىچىش» دېدى. (بۇخارى 6920)

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى جۇھەنىدىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: بىرەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇسام، رامزان روزىسىنى تۇتسام، زاكاتنى بەرسەم، بەيتۇللاھنى ھەج قىلسام (بۇنىڭ مۇكاپاتى) قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بۇنداق قىلغان كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، ئۇنى قاقشاتقۇچىلاردىن بولمىغانلا تەقدىردە، (قىيامەت كۈنى جەننەتتە) سىددىقلار ۋە شەھىدلەر بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 39\523؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3438)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ.» (مۇسنەد ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى 1227؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم «سۈننەت» 323؛ مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 27484)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنى قاقشاتقۇچىغا لەنەت قىلدى.» (مۇسلىم 1978؛ ھاكىم – مۇستەدرەك 7254)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى كىچىك ئىش چاغلاپ يامان سۆزدىن بىرنى دەيدۇ. شۇ سۆزى ئۇنىڭ دوزاخنىڭ يەتمىش يىللىق چوڭقۇرىغا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.» (تىرمىزى 2314)

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ

84. (ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى) ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن «بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارمايسىلەر» دەپ ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەر بۇنى قوبۇل قىلىپ (بەرگەن ۋەدەڭلارغا) گۇۋاھچى بولغان ئىدىڭلار.

ثُمَّ أَنْتُمْ هَؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَى تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَى أَشَدِّ الْعَذَابِ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

85. كېيىن سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان بىر پىرقىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار. گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارغا دۈشمەنلەشكۈچىلەرگە ياردەم بەردىڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئەسىر سۈپىتىدە كەلسە فىديە بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىسىلەر. ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىققا قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىيامەت كۈنى بولسا، بۇنداق قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېغىر جازاغا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر.

ئىمام ئابدۇراھمان تفسير السعدي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: مەزكۇر ئايەتتە بايان قىلىنغان ئەھۋال مەدىنەدە ۋەھىي نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان پەيتتە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىدۇر.

مەدىنىلىك ئەنسارلار ئەۋس ۋە خەزرەجدىن ئىبارەت ئىككى قەبىلىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرى مۇشرىك ئىدى، جاھىلىيەت ئادىتى سەۋەبىدىن بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش ھالىتى داۋالىشىۋاتقان پەيتتە يەھۇدىيلارنىڭ بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر ۋە بەنى قاينۇقا قاتارلىق ئۈچ قەبىلىسى ئەنسارلار ياشاۋاتقان مەدىنىگە (ئىلگىرىكى ئىسمنى يەسرىپ) كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى. نەتىجىدە، بۇ ئۈچ يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىمى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن، باشقا قىسىمى بولسا خەزرەج قەبىلىسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىپ، ئەگەر مەدىنىدىكى بۇ ئىككى ئەرەپ قەبىلىسى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلسا، مەزكۇر ئۈچ يەھۇدىي قەبىلىسىنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان قەبىلىگە ياردەمدە بولۇشنى ۋەدىلەشتى. ئىككى ئەرەپ قەبىلىسىنىڭمۇ ئوخشاش رەۋىشتە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقان يەھۇدىي قەبىلىلىرىدىن ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈشكەن يەھۇدىي قەبىلىسىگە ياردەم بېرەتتى. بۇ سەۋەبلىك، بىر يەھۇدىي باشقا يەھۇدىينى ئۆلتۈرەلەيتتى. ناۋادا ھەر قانداق بۇلاڭ-تالاڭ ياكى سۈرگۈن قىلىش يۈز بەرگەندە، يەھۇدىي تەرەپ (ئىتتىپاقداش ئەرەپ قەبىلىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ) قارشى سەپتىكى يەھۇدىيلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىراتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ناۋادا ئۆزى قارشىلىشىپ ئۇرۇشقان يەھۇدىي قەبىلىسىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر بولسا، ئۇلارنى فىديە بېرىپ قۇتقۇزاتتى. ھالبۇكى، ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، بىر-بىرىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارماسلىق، ناۋادا بىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالسا فىديە بېرىپ ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىي دىندىشىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىش بۇ جەھەتتە ئۇلارغا پەرز قىلىنغان ئىدى. ئۇلار پەقەت ئۈچىنچى بۇيرۇقنى ئورۇنداپ، باشتىكى ئىككى بۇيرۇقنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بايان قىلىپ، بۇ قىلمىشىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

«سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟» — كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىشى فىديە بېرىپ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزىشىدۇر. كىتابنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىشى — دىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشى ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشىدۇر. بۇ ئايەتتە ئىماننىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن قىلىنغان بۇيرۇقلارنى ئورۇنداشنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قېچىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىقىغا دەلىل باردۇر. شۇنداقلا، قىلىنغان بۇيرۇقلارنىڭ ئىمان جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىل بار.

«سىلەردىن كىتابنىڭ بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىپ، بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىققا قېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» — بۇ تەھدىت ئەمەلگە ئاشتى. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى، رەسۇلۇللاھنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بەزىلىرىنى ئەسىر ئالدى، بەزىلىرىنى بولسا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلدى. [تفسير السعدي]

أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ

86. (يەھۇدىيلارنىڭ كىتابنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىپ، بىر قىسىمىغا ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئىش شۇكى1) ئۇلار ئاخىرىتىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە دۇنيانى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبلىك، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. (ئۇلار ئاخىرەتتە ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنىڭ \ ئازاپلارنىڭ ھېچبىرى يوق قىلىنمايدۇ.2) [1.2. تفسير السعدي]

وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَى أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ

87. شۈبىھسىزكى، بىز مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى1) بەردۇق، مۇسادىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. مەريەم ئوغلى ئىساغا ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇل قۇددۇس  (يەنى جىبرىل پەرىشتە2) بىلەن قوللىدۇق. سىلەرگە قاچانلىكى بىر پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن3) نەپسى-خاھىشىڭلارغا توغرا كەلمەيدىغان بىر ۋەھىي ئېلىپ كەلسە4، (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن5) تەكەببۇرلۇق قىلمىدىڭلارمۇ؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر قىسىمىنى يالغانچىغا چىقىرىپ، بىر قىسىمىنى ئۆلتۈرمىدىڭلارمۇ؟

يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى باشتىن ئاياق مانا مۇشۇنداقتۇر. ئۇلار ئۆزىنى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن تۇتۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنى ئۇلۇغ، شەرەپلىك ئىنسانلار دەپ پەخىرلىنىپ، ئۆزلىرىنى شەرەپلىك ئىنسانلارنىڭ شەرەپلىك ئەۋلادلىرى دەپ دەۋا قىلىشاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭمۇ ئازغۇنلۇق، كۇفۇر ۋە شەرمەندىلىككە ھەر قاچان چىڭ يېپىشقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىرىنىڭمۇ زۇلۇمدا، ھەددىدىن ئېشىشتا، كۇفۇردا ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىزىنى باسقان ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى ئونلارچە ئايەتتە كەينى كەينىدىن بايان قىلدى. [تفسير السعدي]  [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي، مۇيەسسەر 3-، 4- مۇيەسسەر 5. تفسير السعدي]

وَقَالُوا قُلُوبُنَا غُلْفٌ بَلْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَا يُؤْمِنُونَ

88. ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم1 ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىدا2) «قەلبلىرىمىز پەردىلەنگەن» دېيىشتى. (يەنى قەلبلىرى پەردىلەر ئىچىدە بولغانلىقتىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، قەلبىنىڭ پەردىلەنگەنلىكى ئۇلارنىڭ بىلىمسىز جاھىل بولغانلىقتىنمىش ۋە بۇ بىلىمسىز جاھىللىقى ئۇلار ئۈچۈن ئۆزۈرمىش. ھالبۇكى، بۇ ئۇلار ئېيتقان يالغاندىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ3:) «ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ كۇفۇرلىرى سەۋەبلىك ئۇلارغا لەنەت قىلغان.» (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن قوغلىغان4.) شۇڭا، ئۇلار بەك ئاز ئىمان ئېيتىدۇ. (بۇ ئازغىنە ئىمانى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ5.) [1. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- تفسير السعدي 4. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 5. تەپسىر مۇيەسسەر]

وَلَمَّا جَاءَهُمْ كِتَابٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا مِنْ قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا فَلَمَّا جَاءَهُمْ مَا عَرَفُوا كَفَرُوا بِهِ فَلَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الْكَافِرِينَ

89. ئۇلارغا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىكى يەھۇدىيلارغا1)  ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قولىدىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى كىتاب كەلگەن چاغدا (يەنى قۇرئان2 ئۇلارنىڭ قولىدىكى تەۋراتتا بايان قىلىنغانلارغا ئۇيغۇن ھالدا كەلگەن چاغدا3 ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى4)، ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولغان (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم5) كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. ھالبۇكى، (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشتىن) ئىلگىرى ئۇلار كاپىرلارغا قارشى (ئۇرۇشلاردا6) ئۇنىڭ بىلەن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىشاتتى. ئاللاھنىڭ لەنىتى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ۋە ئۇ زاتقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بارچە7) كاپىرلارغا بولسۇن.

يەھۇدىلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئەرەپ مۇشرىكلىرىدىن ئۈستۈن كېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىدا ۋەياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگىنىدە «ئى رەببىم! ئاخىر زاماندا ئەۋەتىدىغان ۋە سەن سۈپەتلىرىنى تەۋراتتا بىلدۈرگەن پەيغەمبەر بىلەن ئۇلارغا قارشى ياردەم تىلەيمىز» دەپ دۇئا قىلىشاتتى. ئەرەپ مۇشرىكلىرىغا «بىزنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقىش ۋاقتى كەلدى. ئۇ پەيغەمبەر چىققاندا بىز سىلەرنى ئاد، سەمۇد ۋە ئىرەم خەلقى ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىمىز» دەپ8، ئەرەپ مۇشرىكلىرىنى قورقۇتاتتى9. ھالبۇكى، ئۆزى زارىقىپ كۈتكۈن پەيغەمبەر كەلگىنىدە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولۇشتى. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە لايىق بولۇشتى.) [1. ئىبنى كەسىر 2. ئىبنى كەسىر، مۇيەسسەر، زاد المسير 3. تەپسىر بەغەۋى 4. 5. تفسير السعدي، مۇيەسسەر 6. زادۇم مەسىير، تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 7. تەپسىر مۇيەسسەر 8. بەغەۋى 9. تفسير السعدي]

2|90|بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَى مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَى غَضَبٍ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ

90. (يەھۇدىلار1) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدىكى ئۆزى خالىغان كىشىگە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى قىزغانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنىنى (يەنى قۇرئاننى2) ئىنكار قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى ساتقان نەرسە نېمە دېگەن يامان. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار غەزەپ ئۈستىگە غەزەپكە مۇپتىلا بولدى.(يەنى، يەھۇدىلار تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئۈچۈن يەنە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان بارچە3) كاپىرلار ئۈچۈن ئۇلارنى خار قىلىدىغان جازا باردۇر. [1.تەپسىر مۇيەسسەر 2. تەپسىر بەغەۋى 3. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر مۇيەسسەر]

وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا نُؤْمِنُ بِمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَاءَهُ وَهُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَهُمْ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنْبِيَاءَ اللَّهِ مِنْ قَبْلُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ

91. (يەھۇدىلارغا1) «ئاللاھ (پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگەن2) نازىل قىلغان (قۇرئان3) غا ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار «بىز ئۆزىمىزگە (يەنى ئۆزىمىزدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە4) نازىل قىلىنغانغا (يەنى تەۋراتقا5) ئىمان ئېيتىمىز (تەۋرات بىزگە يېتىدۇ6)» دېيىشىپ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغاندىن باشقا (ئىلاھىي كىتابلار7)نى ئىنكار قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئىنكار قىلغان قۇرئان ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ھەق كىتابتۇر. ئېيتقىنكى:«ئەگەر (تەۋراتقا8) ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولساڭلار، ئىلگىرى نېمىشقا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟ (تەۋراتتا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش چەكلەنگەن ئىدىغۇ9؟)» دېگىن. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. تفسير السعدي 3. مۇيەسسەر، بەغەۋى 4. مۇيەسسەر 5-،6-،7-،8-،9 تەپسىر بەغەۋى ]

وَلَقَدْ جَاءَكُمْ مُوسَى بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ

92. (ئى يەھۇدىلار!) مۇسا سىلەرگە ھەقنى ئوچۇق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويدىغان دەلىللەر ۋە روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى. (مۇسا ئېلىپ كەلگەن دەلىللەرگە ۋە مۆجىزىلەرگە شاھىد بولغاندىن) كېيىن، سىلەر زالىملاردىن بولغان (يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرغان1) ھالدا موزايغا چوقۇندۇڭلار. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاسْمَعُوا قَالُوا سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُمْ بِهِ إِيمَانُكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ

93. (ئى بەنى ئىسرائىل قەۋمى) ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش1، بىز مۇساغا نازىل قىلغان تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ھەققىدە2) قەتئىي ۋەدە ئالدۇق.(ھالبۇكى، مۇسا ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنى ئېلىپ كەلگەندە، سىلەر تەۋراتتىكىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان چاغدا3) تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ «سىلەرگە بەرگىنىمىزگە  (يەنى تەۋراتقا4) مەھكەم ئېسىلىڭلار (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرگە توغرا رەۋىشتە، قەتئىيلىك بىلەن ئەمەل قىلىڭلار5) ۋە ئىتائەت قىلىڭلار6» ددۇق. ئۇلار بولسا «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، (بۇيرۇق-چەكلىمىرىڭگە7) ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشتى. كۇفرى سەۋەبلىك موزايغا چوقۇنۇشقا بولغان مۇھەببەت8 ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئورناپ كەتتى. ئۇلارغا «ئەگەر (داۋا قىلغىنىڭلاردەك9) مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەبمۇ يامان ئىشقا (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئۇلارنى ناھەق ئۆلتۈرۈشكە، ھەقنى يوشۇرۇشقا10) بۇيرۇيدىكىنا؟» دېگىن. [1. زاد المسير، تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- زاد المسير 4. تفسير السعدي 5. زاد المسير 6. بەغەۋى 7. بەغەۋى 8. زاد المسير 9. بەغەۋى 10. زاد المسير]

يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن بەندىلىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشىپ1، «ئاللاھ جەننەتنى پەقەتلا بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئۈچۈن ياراتقان» دېيىشەتتى.  ئۇلارنىڭ بۇ باتىل داۋالىرىغا قارشى تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى2:

قُلْ إِنْ كَانَتْ لَكُمُ الدَّارُ الْآخِرَةُ عِنْدَ اللَّهِ خَالِصَةً مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

94. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا3) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت4) باشقا ئىنسانلارغا ئەمەس، سىلەرگىلا خاس بولسا، بۇ داۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۇنداقتا (مۇسۇلمانلار بىر تەرەپ، يەھۇدىيلار بىر تەرەپ بولۇپ ئۆز-ئارا لەنەتلىشەيلى، لەنەتلەشكەندە <بۇ جەھەتتە كىم يالغان داۋادا بولۇپ يالغان سۆزلەۋاتقان بولسا ئۆلسۇن> دەپ بەددۇئا قىلىش ئارقىلىق5) ئۆلۈم تىلەپ باقمامسىلەر»  دېگىن. (چۈنكى، كىشى بارىدىغان جايىنىڭ جەننەت ئىكەنلىكىنى بىلسە، جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇلايدۇ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باشقا چارە يوق6.) [1. ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 2. زاد المسير 3-،4- بەغەۋى 5. ئىبنى كەسىر، بەغەۋى، تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 6. تەپسىر بەغەۋى]

وَلَنْ يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ

95. ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان ئىشلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشى، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتماسلىقى، تەۋراتنى ئۆزگەرتىشى1؛ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئىنكار قىلىشى2، قىلغان بارچە كۇفۇر ۋە گۇناھ مەئسىيەتلىرى3) سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمايدۇ. (چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمنىڭ — يامان ئەمەللەرنىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بەك ياخشى بىلىشىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈم ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ بەك يىرگىنىچلىكتۇر4.) ئاللاھ زالىملارنى بەك ياخشى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (ئاللاھ قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك زالىملارنى جازالايدۇ5). [1. زاد المسير 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر 3. تەپسىر مۇيەسسەر 4. تفسير السعدي 5. تەپسىر مۇيەسسەر]

وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ النَّاسِ عَلَى حَيَاةٍ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِ مِنَ الْعَذَابِ أَنْ يُعَمَّرَ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ

96. يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ھاياتقا نىسبەتەن ئەڭ ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ھەتتا ئۇلار ھاياتقا مۇشرىكلاردىنمۇ بەك ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر-بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، (ئۇنىڭ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ1) ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۇنى جازادىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1. تەپسىر مۇيەسسەر]

***

يەھۇدىلار «جىبرىل پەرىشتە بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى بىزگە ئېلىپ كېلىشى ئەمر قىلىنغان تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەرلىكنى باشقىسىغا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئېلىپ كەلدى دېيىشتى1. يەھۇدىلار يەنە جىبرىلنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى، مىكائىلنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ بىلجىرلاشتى. يەھۇدىلار يەنە «ئەگەر ساڭا كەلگىنى جىبرىل بولماي مىكائىل بولغان بولسا، ساڭا ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتنى نازى قىلدى2:

قُلْ مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِجِبْرِيلَ فَإِنَّهُ نَزَّلَهُ عَلَى قَلْبِكَ بِإِذْنِ اللَّهِ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ

97. (ئى رەسۇل!) ئېيتقىنكى، كىم جىبرىلغا دۈشمەن بولسا، شۇنى بىلسۇنكى، جىبرىل ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، مۆمىنلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە خۇش بېشارەت بەرگۈچى بولغان قۇرئاننى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى. [1. بەغەۋى 2. ئىبنى كەسىر، بەغەۋى، مۇيەسسەر]

مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِلَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَرُسُلِهِ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَالَ فَإِنَّ اللَّهَ عَدُوٌّ لِلْكَافِرِينَ

98. كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىلنى ۋە مىكائىلنى دۈشمەن تۇتسا، شۇنى ياخشى بىلسۇنكى، ئاللاھ (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغانلارنى ئىنكار قىلىدىغان1) كاپىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.

ئىمام ئىبنىۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە «ئاللاھ ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى دۈشمەن تۇتقۇچىلارنىڭ) دۈشمىنىدۇر» دېمەي، «كاپىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېيىشى، ئۇلارنىڭ بۇ خىل دۈشمەنلىك سەۋەبىلىك كاپىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر2.

ئىكرىمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: جىبرىل ۋە مىكائىل پەرىشتىلەر ئارىسىدىكى ئىككى پەرىشتىدۇر. بىراق، ئۈستۈن شەرىپى سەۋەبلىك پەرىشتىلەردىن ئايرىم ھالدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغاندۇر3. [1. تەپسىر مۇيەسسەر. 2-،3-زاد المسير]

***

وَلَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَمَا يَكْفُرُ بِهَا إِلَّا الْفَاسِقُونَ

99. (ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە خىتابەن مۇنداق دەيدۇ1) قەسەمكى، بىز ساڭا (بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلغان؛ ھالالنى، ھارامنى، جازاغا لايىق ئىشلارنى2، يەھۇدىلارغا ئالاقىدار ۋەقەلىكلەرنى، تەۋراتتا بار بولغان، پەقەت يەھۇدىلارنىڭ ئالىملىرىلا بىلىدىغان بايانلارنى؛ تەۋراتتا بار بولغان، ئەمما تەۋرات نازىل بولغان دەۋرگە يېقىن ياشىغان ياكى تەۋرات نازىل بولۇپ ئۇزۇن زامانلاردىن كېين ياشىغان يەھۇدىلارنىڭ تەۋراتتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن ھۆكۈملەرنى3) ئوپئوچۇق (بايان قىلغان4) ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى پەقەت پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر5) ئىنكار قىلىدۇ. [1. تفسير السعدي 2. بەغەۋى 3. ئىبنى كەسىر 4-،5- بەغەۋى]

أَوَكُلَّمَا عَاهَدُوا عَهْدًا نَبَذَهُ فَرِيقٌ مِنْهُمْ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ

100. قاچانلىكى ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار1) بىرەر ۋەدىنى بەرسە، ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمىدىمۇ؟ (يەھۇدىلار پەيغەمبەر كەلسە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن ئىدى، ئەمما مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندە، بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. يەھۇدىيلار يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىك توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنىمۇ بۇزدى2.) ھەقىقەتتە، ئۇلارنىڭ كۆپى (ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە نەبىيسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەنلەرگە3) ئىمان ئېيتىمايدۇ. [1. زاد المسير 2. بەغەۋى، زاد المسير 3. مۇيەسسەر]

وَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

101. يەھۇدىلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ يېنىدىكىنى (يەنى تەۋراتنى1) تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم2) كەلگنىدە، ئۆزلىرىگە كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقە بەئەينى (رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقلىقىنى ۋە ئېلىپ كەلگەنلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى3) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ (ئۆزلىرىگە نازىل قىلغان4) كىتابىنى (ئوقۇپ تۇرغىنى بىلەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى نەپىس رەختلەرگە يېزىپ ساقلىغىنى بىلەن، ئەمەل قىلماسلىق ئارقىلىق5) ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلىدى. [1-،2- تەپسىر مۇيەسسەر 3-،4- تفسير السعدي 5. تەپسىر بەغەۋى]

وَاتَّبَعُوا مَا تَتْلُو الشَّيَاطِينُ عَلَى مُلْكِ سُلَيْمَانَ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَكِنَّ الشَّيَاطِينَ كَفَرُوا يُعَلِّمُونَ النَّاسَ السِّحْرَ وَمَا أُنْزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَارُوتَ وَمَارُوتَ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّى يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ وَمَا هُمْ بِضَارِّينَ بِهِ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَلَقَدْ عَلِمُوا لَمَنِ اشْتَرَاهُ مَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ

100. ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ كىتابىنى چۆرۈپ تاشلىغان بۇ پىرقە) شەيتانلارنىڭ سۇلايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان (سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقنى سېھىر ئارقىلىق ساقلاپ قالغان دەپ بۇ ھەقتە ئېيتقان يالغان ياۋىداق1) ئويدۇرمىلىرىغا ئەگەشتى. ھالبۇكى، (سېھىر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، سېھىرنى توغرىغا چىقىرىدىغان يەھۇدىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك2) سۇلايمان (سېھىر ئۆگەنگىنى ياكى سېھىر بىلەن شۇغۇللانغىنى يوق،2 بۇ سەۋەبلىك) كاپىر بولغىنى يوق، ھالبۇكى كىشىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن  شەيتانلار كاپىرلار بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىنەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە (يەنى، سېھىر ئۆگەنمە، چۈنكى بۇ كۇفۇردۇر، دەپ سېھىرگە قارشى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرمىغۇچە ۋە سېھىرنىڭ ۋابالىنى بايان قىلمىغۇچە3) ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى (يەنى سېھىر بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئاخىرەتتە جازانى ھەق قىلىدىغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى4) ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى.

«سۇلايمان كاپىر بولمىدى» كەلىمىسىدە سېھىرگەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا دەلىل باردۇر. چۈنكى، ئۇلار سۇلايماننى كۇفۇرغا ئەمەس، سېھىرگە نىسبەت بەرگەن ئىدى5. [1.تەپسىر بەغەۋى، زاد المسير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، زاد المسير 3. تفسير السعدي 4. تفسير السعدي 5. زاد المسير]

ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە قۇرئاننى تەپسىر قىلغان فەخرىددىن رازىنىڭ ئۆز تەپسىرىدىكى «سېھىر ئۆگىنىش يامان ئىش ئەمەس» دېگەن باتىل قارىشىغا تەپسىلىي رەددىيە قايتۇرغان. تەپسىلاتى ئۈچۈن تەپسىر ئىبنى كەسىرنىڭ مۇشۇ ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە مۇرەسسە قىلىنسۇن.

وَلَوْ أَنَّهُمْ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَمَثُوبَةٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ خَيْرٌ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ

103. ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىلار-ز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە1) ئىمان ئېتيقان ۋە ئاللاھتىن قورققان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ساۋابى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. كاشكى، ئۇلار (ئىمان ۋە تەقۋالىق قولغا كېلىدىغان ساۋاب ۋە مۇكاپاتنى ھەقىقىي رەۋىشتە2) بىلسە ئىدى (مۇتلەق ھالدا ئىمان ئېيتقان بولاتتى3). [1. تەپسىر بەغەۋى 2-،3-تەپسىر مۇيەسسەر]

***

ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە مۆمىنلەرنى سۆز ۋە ھەرىكەتتە كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ1:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ

104. ئى ئىمان ئېيتقانلار، (يەھۇدىلار رەسۇلۇللاھنى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بىزگە قۇلاق سالغىن دېمەكچى بولسا، ھەم «بىزگە قۇلاق سال مەنىسىگە ئىگە، ھەم «ئارىمىزدىكى ئەخمەق» دېگەن مەنىگىمۇ ماڭىدىغان2) «رائىنا» (دېگەن ئىككى بىسلىق سۆزنى ئىشلىتىدۇ؛ سىلەر رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلماقچى بولساڭلار ئۇلارغا ئوخشاش «رائىنا»3) دېمەي، «ئۇنزۇرنا»  (بىزگە قارىغايلا\ بىزگە قۇلاق سالغايلا) دەڭلار ۋە (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىگە) قۇلاق سېلىڭلار. (ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاننى، ئىسلامنى، رەسۇلۇللاھنى سۆز-ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق مەيلى ئاشكارا، مەيلى خۇپىيانە مەسخىرە قىلىدىغان) كاپىرلارغا قاقشاتقۇچ جازا باردۇر.

بۇ ئايەتتىكى بۇيرۇقتىن، ئەگەر بىر ھالال ئىش ياكى نەرسە ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇ ھالال ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. بۇ ئايەتتىن يەنە گۈزەل ئەدەب تەۋسىيە قىلىنماقتا. پەقەت ياخشى مەنىنىلا بىلدۈرىدىغان، ھېچقايسى جەھەتتىن ناچار مەنا بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىندۇ. شۇنداقلا، بۇ ئايەتتە يامان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش توغرىسىدا نەسىھەت باردۇر. بۇ ئايەتتە يەنە نامۇناسىپ مەنە بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان، ئېزىقتۇرغۇچى مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلەرنى تەرك ئېتىش بۇيرۇقى بار. [1. ئىبنى كەسىر 2. بەغەۋى، زاد المسير، ئىبنى كەسىر، تفسير السعدي 3. ئىبنى كەسىر 4. تفسير السعدي]

مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

105. (يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىن ئىبارەت) ئەھلى كىتاب كاپىرلارمۇ، مۇشرىكلارمۇ رەببىڭلاردىن سىلەرگە (قۇرئان، ئىلىم، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىق ھەر قانداق1) ياخشىلىق چۈشۈشىنى خالىمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى ئىسلامنى2) ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك لۇتۇف ساھىبىدۇر. (ئاللاھنىڭ سىلەرنى گۇناھلاردىن پاك بولۇش، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش، بىلمىگىنىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇڭلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قۇرئاننى نازىل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى بۈيۈك لۇتفىدۇر3.)

ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار بىلەن ئەھلى كىتاپ كاپىرلىرى ياكى كىتاپسىز مۇشرىك كاپىرلار ئارىسىدىكى يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇھەببەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشاپ قېلىشى چەكلەنگەن ئەھلى كىتاپتىن ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە نەقەدەر دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى4. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2. زاد المسير 3. تفسير السعدي 4. ئىبنى كەسىر]

* * *

قىبلە ئۆزگەرتىلگەندە يەھۇدىلار «مۇھەممەد ساھابىلىرىگە خالىغان چاغدا خالىغاننى ھالال قىلىدۇ، خالىغان چاغدا خالىغاننى ھارام قىلىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلدى1. كاپىرلار يەنە «مۇھەممەد ساھابىلىرىنى باشتا بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئاندىن ئۇ ئىشتىن مەنئىي قىلىدۇ، بۇلارنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇۋالغان» دەپ بىلجىرلاشتى-ب. بۇ ۋەجىدىن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى2:

مَا نَنْسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنْسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

106. قانداقلىكى بىر ئايەتنى (نىڭ تىلاۋىتىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، ياكى رەجم ئايىتىگە ئوخشاش ھۆكمىنى ساقلاپ قېلىپ، تىلاۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق3) نەسخ قىلساق\ ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى (ھەم ھۆكمىنى، ھەم تىلاۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق4) ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا يا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى (يەنى ھۆكۈم جەھەتتە تېخىمۇ يۇمشىقىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېخىمۇ ئاسان بولغىنىنى5)، ياكى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. (ئاللاھ نەسخ قىلىش ئارقىلىق بەندىلىرىنىڭ ئىتائەت دەرىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ6.«ئاللاھ ئايەتلەرنى نەسخ قىلمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ئاللاھقا ياراشمايدۇ» دەپ قۇرئاندىكى ناسىخ، مەنسۇخلارنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق — ئاللاھنىڭ ھۆكۈملەرنى نەسھ قىلىشىغا تىل ئۇزاتقانلارنىڭ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە قۇدرىتىگە تىل ئۇزاتقانلىقىنى خەۋەر بېرىپ دەيدۇكى7) ئاللاھنىڭ ھەر ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ (ئاللاھ بەندىلىرىگە خالىغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكۈملىرىدىن خالىغىنىنى ئالماشتۇرىدۇ8. بۇنىڭ ھەممىسى چەكسىز ھېكمىتى ۋە بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر.) [1-،2-،3-زاد المسير، ئىبنى كەسىر، تەپسىر مۇيەسسەر 4. بەغەۋى 5. زاد المسير 6. ئىبنى كەسىر 7. تفسير السعدي 8. زاد المسير]
ئىمام ئابدۇرراھمان تفسير السعدي مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى نەسخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھۆكۈملەر) ھەققىدە ئەستايىدىل تەپەككۈر يۈرگۈزگەن كىشى ئاللاھنىڭ بۇنىڭدىكى ھېكىمىتىنى، بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنى ۋە بەندىلىرى پەرق ئېتەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى لۇتفى بىلەن ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا قانداق مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى بايقاپ يېتەلەيدۇ. [تفسير السعدي]

ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ئايەت مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەت بىلەن تەڭداش بولغان تەقدىردە، بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى سەۋەبلىك ۋە بەندىلىرىنى سىناش سەۋەبلىك بولغان بولىدۇ. [زاد المسير]

«نەسخ»\ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھۆكۈم ياكى چەكلىمە ئايەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەردە نەسىخ بولمايدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر بەغەۋى]

«ياكى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز» — بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ كەمىدە پايدا ئېتىبارى نۇقتىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتتىكى ھۆكۈمدىن تۆۋەن تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بولۇپمۇ بۇ ئۈممەتنىڭ ئۈستىدىكى لۇتفىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ بەرگەن. ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە دىنىنى ئىنتايىن يۇقىرى چەكتە ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. [تفسير السعدي]

ئاللاھ نەسخ قىلىش ئارقىلىق بەندىلىرىنىڭ ئىتائەت دەرىجىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. ئۆزى بىلىدىغان مەنپەئەت سەۋەبلىك بەندىلىرىگە مەلۇم نەرسىلەرنى بۇيرۇيدۇ، ئاندىن، ئۆزى بىلىدىغان بىر مەنپەئەت سەۋەبلىك بۇيرۇغان ھۆكمىنى چەكلەيدۇ. بۇ سەۋەبلىك، كامىل ئىتائەت پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇن ئېگىش ۋە نازىل قىلغانلىرىنى تەستىق قىلىش، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىش ۋە ئۇلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش بىلەن روياپقا چىقىدۇ. بۇ ئايەتتە يەھۇدىلارنىڭ — ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن — كۇفرىغا شىددەت بىلەن رەددىيە، كۈچلۈك ئىزاھات بېرىلگەن. يەھۇدىلارنىڭ نەسىخنىڭ مۇمكىنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى شۈبھەلىرى ئىناۋەتسىزلەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەسىخ ئىلگىرى كىتابلاردا ۋە ئىلگىرى ئۈممەتلەرنىڭ شەرىئەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدۇر. مەسىلەن، ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا بولۇشىنىڭ دۇرۇسلۇقى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئوغۇللىرىغا ھالال بولغان، ئەمما، تەۋرات نازىل بولغاندىن ئىتىبارەن ھارام قىلىنغان. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ بۇيرۇقنى ئادا قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاللاھ بۇ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە ئۆز ئىچىدىكى موزايغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان، كېيىن نەسلىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ خىلدىكى نەسخنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ، داۋام قىلساق مەزمۇن ئۇزۇراپ كېتىدۇ. يەھۇدىلار مۇشۇ خىلدىكى نەسىخلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن نەسىخنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرىگەن. [تەپسىر ئىبنى كەسىر] ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ يەردە نەسىخنى ئىنكار قىلغان ئەبۇ مۇسلىم ئىسفاھانىغا رەددىيە قايتۇرۇپ، نەسىخ ئىنكارچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باتىل مەيدانىنى ئېچىپ تاشلىغان. تەپسىلاتى ئۈچۈن تەپسىر ئىبنى كەسىر، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 107-ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن.

بەندىلەرنىڭ مەنەپئەتىگە قاراپ بەزى چەكلىمە ياكى بۇيرۇقلارنى تەدرىجىي رەۋىشتە ئۆزگەرتىشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان چەكسىز رەھمىتى جۈملىسىدىندۇر. [تفسير السعدي]

أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ

107. بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھنىڭدۇر (بۇ سەۋەبلىك، ئاللاھ خالىغىنىنى ھالال، خالىغىنىنى ھارام قىلىدۇ. بەندىلەر ئۈچۈن خالىغان ھۆكۈملىرىمنى خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان شەكىلدە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا باشقا ھۆكۈمنى قويىدۇ. خالىغان ھۆكۈملەرنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويىدۇ1). (ئى مۆمىنلەر! شۇنى ھەر قاچان ئېسىڭلاردىن چىقارمىغايسىلەركى،) سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر دوستۇڭلار ۋە ياردەمچىڭلار يوقتۇر. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر]

***

ئەينى چاغدا بىر تۈركۈم مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ، جاھىلانە تىلەكلەردە بولدى. بەزىلىرى «بىزگە يەردىن بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە، ساڭا ئىمان ئېيتمايمىز» دېدى. باشقا بىرى «مەككىنىڭ تېغىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماڭدۇرمىغۇچە ساڭا ئىمان ئېيتمايمىز» دېدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۈمەييە بولسا «سەن ئاسماندىن بىر كىتاپ كەلتۈرمىگۈچە ۋە سەن كەلتۈرگەن كىتاپنىڭ ئىچىدە <ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن ئىبنى ئۇمەييەگە: بىلكى، مەن مۇھەممەدنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىم> دەپ يېزىلغان ھالەتتە بولمىغۇچە ساڭا ئىمان ئېيتمايمەن» دېدى. يەنە بىر مۇشرىك «مۇسا تەۋراتنى ئېلىپ كەلگەندەك، سەنمۇ تەييار كىتابتىن بىرنى كەلتۈر» دېدى. يەنە بىر مۇشرىك «ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا قەسەمكى، سەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كەلگەن ھالەتتە ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەرنى كەلتۈرمىگۈچە، ساڭا ئىمان ئېيتمايمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى-ز:

أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَى مِنْ قَبْلُ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ

108. (ئى ئىنسانلار1) ياكى سىلەر پەيغەمبىرىڭلار (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم2) دىن ئىلگىرى (يەھۇدىلارنىڭ) مۇسادىن تەلەپ قىلىنغىنىنى تەلەپ قىلماقچىمۇ؟ (يەھۇدىلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق رەۋىشتە كۆرسەت» <سۈرە نىسا، 153-ئايەت> دەپ تەلەپ قىلغان ئىدى3.) كىم ئىماننى كۇفۇرغا تېگىشىدىكەن، توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. [1. تەپسىر مۇيەسسەر 2-،3- زاد المسير]

2|109| وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

(ئى مۆمىنلەر جامائىتى1) ئەھلى كىتابنىڭ (يەنى يەھۇدى ۋە خرىستىئانلارنىڭ) كۆپچىلىكى ھەق ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولغاندىن كېيىن (يەنى قوللىرىدىكى كىتابلىرىدىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دىنىنىڭ ھەق، سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىكىنى بىلگەندىن كېيىن2 سىلەرگە كەلگەن بۇ نېئمەتكە) ھەسەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك، سىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىن كۇفۇرغا يېنىشىڭلارنى ئارزۇلىشىدۇ (ۋە سىلەرنى ئىماندىن ياندۇرۇپ كاپىر قىلىش يولىدا كۈچ سەرپ قىلىدۇ، تۈرلۈك ھىيلە ۋە توزاقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ3.) تاكى ئاللاھنىڭ  (جىھاد4) ئەمرى كەلگەنگە (بەنى قۇيرەزە يەھۇدىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق، بەنى نەزىرنى سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق جازالىغانغا5) قەدەر (سىلەرگە ئەسكىلىك قىلغان يەھۇدى ۋە شۇ قاتاردىكىلەرنى6) كەچۈرۈڭلار ۋە (جاھىلانە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى7) كۆرمەسكە سېلىڭلار8. شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئاللاھ ھەممە ئىشقا كۈچى يەتكۈچى زاتتۇر. [1-،2-تەپسىر بەغەۋى 3. تفسير السعدي 4. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 5. زاد المسير، تەپسىر بەغەۋى 6. تفسير السعدي 7. تەپسىر بەغەۋى 8. تەپسىر بەغەۋى، زاد المسير، تەپسىر مۇيەسسەر]

وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

110. (ئى مۆمىنلەر!1) نامازنى كامىل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار. (دۇنيادا2) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىلىق جۈملىسىدىن نېمىنى (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن3) ئالدىن ئەۋەتسەڭلار ، (ئاخىرەتتە4) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى (يەنى دۇنيا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى5) تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارنى (مەيلى ئۇ ياخشىلىق بولسۇن، ياكى يامانلىق بولسۇن6) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1-،2-تەپسىر مۇيەسسەر 3. تفسير السعدي 4. تەپسىر مۇيەسسەر 5. ئىبنى كەسىر 6. ئىبنى كەسىر]

وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَى تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ

111. (يەھۇدى ۋە خىرىستىئانلار) يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولغانلاردىن باشقىسى ئەسلا جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دېيىشتى (يەنى يەھۇدىلار جەننەتكە پەقەت يەھۇدىلارلا كىرىدۇ، دېيىشتى. خىرستىئانلار بولسا جەننەتكە پەقەت خرىستىئانلارلا كىرىدۇ، دېيىشتى1). بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. ئۇلارغا «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، (بۇ دەۋالىرىڭلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن. [1. ئىبنى كەسىر، تفسير السعدي]

بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

112. ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر خام خىيال قىلغاندەك ئەمەس1)! كىمكى مۇھسىن بولغان (يەنى رەببىگە قىلىدىغان ئىبادىتىنى رەببىنىڭ شەرىئىتىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىخلاس بىلەن قىلغۇچى بولغان2، بارچە سۆز ۋە پېئىللىرىدا ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكۈچى بولغان3) ھالدا يۈزىنى ئاللاھقا تەسلىم قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مانا مۇشۇنداق كىشى جەننەتكە كىرگۈزۈلۈش بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. جەننەتكە مانا مۇشۇنداق كىشى كىرىدۇ4). مۇھسىنلارغا (ئاخىرەتتە5) قورقۇنچ يوقتۇر، غەم-ئەندىشىمۇ يوقتۇر. [1. مۇيەسسەر، تفسير السعدي 2. تفسير السعدي  3-،4-،5-تەپسىر مۇيەسسەر]

وَقَالَتِ الْيَهُودُ لَيْسَتِ النَّصَارَى عَلَى شَيْءٍ وَقَالَتِ النَّصَارَى لَيْسَتِ الْيَهُودُ عَلَى شَيْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ الْكِتَابَ كَذَلِكَ قَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

113. (نەجران خرىستىيانلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، يەھۇدىلارنىڭ خاخاملىرىمۇ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا خىرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى1) يەھۇدىيلار «خىرىستىئانلار توغرا دىندا ئەمەس» دېيىشتى (ۋە ئىنجىل بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى2)، خىرستىئانلار بولسا «يەھۇدىلار توغرا دىندا ئەمەس» دېيىشتى (ۋە تەۋرات بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى3). ھالبۇكى، ئىككىلى تائىپە كىتابنى ئوقۇپ تۇرىدۇ (ھەر ئىككى تائىپىنىڭ كىتابىدا ئۆز داۋاسىنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولىدىغان مەزمۇنلار بار4). بىلمەيدىغانلارمۇ (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىمۇ5) دەل ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك دېيىشتى (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىمۇ رەسۇلۇللاھنى توغرا دىن ئۈستىدە ئەمەس دېيىشتى6). ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ (يەنى، دىن ھەققىدە كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ باتىل ئۈستىدە بولغانلىقى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ7.) [1-،2-،3-،4- ئىبنى كەسىر 5. ئىبنى كەسىر، بەغەۋى 6-،7- بەغەۋى]

***

ئىمام ئىبنى ئەبى ھاتىم سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەرەم مەسجىدىدە، كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1:

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَى فِي خَرَابِهَا أُولَئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ

114. ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىنى (يەنى ناماز ۋە باشقا تۈرلۈك ئىبادەتلەرنىڭ قىلىنىشىنى2) مەنئىي قىلغان (ھەج ۋە ئۈمرە ئۈچۈن بەيتۇللاھقا سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا پۇتلىكاشاڭ بولغان3)، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ (چېقىلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىش ئارقىلىق4) خاراپ بولۇشى ئۈچۈن (ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە5) ھەرىكەت قىلغان كىشىدىنمۇ زالىمراق كىم بار؟ (گۇناھ جەھەتتە بۇنداقلاردىنمۇ چوڭ گۇناھكار يوق6. بۇنداق قىلغۇچىلار كاپىرلىقى ئەڭ ئۈستۈن، ئازغۇنلۇقى ئەڭ ئېغىر كىشىلەردۇر7. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى قورقۇتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھمۇ بۇ زالىملارنىڭ قەلبىگە قورقۇچ سالغاندۇر8. شۇڭا) بۇنداق زالىملار ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىگە پەقەت قورقۇنچ ئىچىدىلا كىرىشىدۇ. بۇنداقلارغا دۇنيادا خارلىق، ئاخىرەتتە بولسا دەھشەتلىك جازا باردۇر. [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر 4-،5-،6-تفسير السعدي 7.تەپسىر بەغەۋى 8.تفسير السعدي]

ئالىملار بۇ ئايەتنى كاپىرلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. [تفسير السعدي]

***

ساھابىلەر قاراڭغۇ بىر كېچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە ئىدى. ھەر-بىرى نەپلە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغىنىدا قىبلىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق بىلەلمەي، ئۆز قانائىتى بويىچە قىبلە دەپ قارىغان تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشتى. تاڭ ئاتقاندا ئۆزى قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرەپنىڭ قىبلە ئەمەسلىكىنى بىلدى. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىۋىدى، تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى1:

وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

115. شەرقمۇ ئاللاھنىڭدۇر، غەربمۇ ئاللاھنىڭدۇر. (ئەھۋالى نېمە بولسا بولسۇن، بەندە يۈز كەلتۈرگەن ھەر قانداق تەرەپ مۇتلەق رەۋىشتە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىدۇر.2) بۇنداق ئىكەن، (نامازدا3 ياكى دۇئادا4) قايسى تەرەپكە يۈز كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى ئۇ تەرەپتىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋاسىئتۇر (لۇتفى كەڭرى، سۈپەتلىرى بۈيۈكتۇر5)، ھەممە ئىشلارنى (سىلەر يوشۇرغان ئىشلارنىمۇ، سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلارنىمۇ6) مۇكەممەل رەۋىشتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1. زاد المسير، تەپسىر ئىبنى كەسىر 2.تفسير السعدي 3.تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-،6-تفسير السعدي]

بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئۆز ئۇلۇغلۇقىغا لايىق شەكىلدە، مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىي يۈزىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان.[تفسير السعدي]

مەزكۇر ئايەتنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تەپسىرلىگەن تەپسىرشۇناسلار ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى، كەبىدە ناماز ئوقۇغاندا كەبە كۆز ئالدىدا بولۇشىغا قارىماي، بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئون ئالتە ياكى ئون يەتتە ئاي مۇددەت ئىچىدە ئوخشاشلا بەيتۇل مەقدىسكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇدى. كېيىن ئاللاھ كەبىنى قىبلە قىلىپ تەيىنلەپ يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى.[تەپسىر ئىبنى كەسىر]

ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى ئارىسىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنىمۇ بايان قىلغان:

قىبلە كەبىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلەپ «بۇلارنىڭ مۇقىم قىبلىسى يوق. بىردەم ئۇياققا، بىردەم بۇياققا قاراپ ناماز ئوقۇشىدۇ» دېيىشتى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. [تەپسىر بەغەۋى]

ناتونۇش جايلاردا ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىدىن شۈبھىگە چۈشسە، قىبلىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ، ئاندىن ئۆزى قىبلە ئىكەنلىكىگە قانائەت كەلتۈرگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۆزى قاراپ ناماز ئوقۇغان تەرەپنىڭ قىبلىدىن باشقا تەرەپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان تەرەپ قىبلە بولىدۇ، نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. [تفسير السعدي]

***

وَقَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا سُبْحَانَهُ بَلْ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ

116. ئۇلار (يەھۇدىيلار، خىرىستىئانلار، باشقا مۇشرىكلار1) «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر. ئەكسىچە، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر قانداق نەرسە ئاللاھقا ئائىتتۇر. (بالا بىر-بىرىگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتتىكى ئىككى جانلىقنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ بولسا ھېچقانداق ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر2. ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۈلكىدۇر، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بەندىلىرىدۇر3. ئاللاھنىڭ جۈپتى يوقتۇر. بۇنداق ئىكەن، ئاللاھنىڭ قانداقسىگە ئوغلى بولىدۇ؟4) ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھقا بويۇن ئېگىدۇ. [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر ئىبنى كەسىر 3. تفسير السعدي 4. تەپسىر ئىبنى كەسىر]

«ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى — يەنى، يەھۇدىلار ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، دېيىشتى. خىرىستىئانلار بولسا ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر دېيىشتى. ئەرەپ مۇشرىكلىرى پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دەپ بىلجىرلىدى. (بەغەۋى، زاد المسير، ئىبنى كەسىر)

ئىمام بۇخارى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ مۇنداق دېدى:«ئىنسان بالىسى مېنى يالغانچىغا چىقاردى. ھالبۇكى، يالغانچىغا چىقارماسلىقى كېرەك ئىدى. ئىنسان بالىسى ماڭا ھاقارەت قىلدى. ھالبۇكى، ھاقارەت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئىنسان بالىسىنىڭ مېنى يالغانچىغا چىقىرىشى — مېنىڭ ئۆزىنى ئەسلى ھالىتىدە قايتا يارىتىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىدۇر. ماڭا ھاقارەت قىلىشى بولسا — مېنى بالىسى بار، دېيىشىدۇر. ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمگە جۈپت تۇتۇشتىن ياكى بالىلىق بولۇشتىن پاكمەن.» (سەھىھۇل بۇخارى 4482)

بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَإِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ

117. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلىپ ياراتقۇچىدۇر. (ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېچبىر ئۆرنەكسىز ھالدا، مۇكەممەل رەۋىشتە ياراتتى1) ئاللاھ بىر ئىشنىڭ (ياكى) نەرسىنىڭ بولۇشىنى تەقدىر قىلسا2 «بول» دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش (ياكى) نەرسە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. [1. تفسير السعدي 2. تەپسىر بەغەۋى]

وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا اللَّهُ أَوْ تَأْتِينَا آيَةٌ كَذَلِكَ قَالَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِثْلَ قَوْلِهِمْ تَشَابَهَتْ قُلُوبُهُمْ قَدْ بَيَّنَّا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ

118. بىلمەيدىغانلار (يەنى مەيلى كىتاب ئەھلى، مەيلى باشقا دىنغا مەنسۇپ بولغۇچىلار ئارىسىدىكى بىلىمسىز جاھىللار1) «ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغاندەك2) بىزگە سۆز قىلىشى (يەنى بىزگە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى3) ياكى بىزگە (مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلايدىغان4) بىرەر مۆجىزە كېلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟» دېيىشتى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى كاپىرلارمۇ5) ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەينىسىنى دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى (كۇفۇردا، قاتتىقلىقتا ۋە نامۇۋاپىق ئىشلارنى تەلەپ قىلىشتا6) بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاشتۇر. بىز يەقىين ساھىبلىرى (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىغا، شەرئىتىنىڭ ھەقلىقىگە ئائىت دەلىللەرنى شەكسىز رەۋىشتە بىلىپ، تونۇغۇچىلار7) ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئوپئوچۇق بايان قىلدۇق. [1-،2- تفسير السعدي 3-،4-،5-،6-بەغەۋى 7. تفسير السعدي]

إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ

119. (ئى پەيغەمبەر1) شەكسىزكى، بىز سېنى (ساڭا ئىتائەت قىلغۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادەت بىلەن2) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ساڭا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىتسىزلىك ۋە ھالاكەت بىلەن3) ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈپىتىدە ھەق بىلەن (يەنى قۇرئان، ئىسلام4 ۋە سۈننەت بىلەن5) ئەۋەتتۇق. سەن جەھەننەم ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن.(سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ھەقنى ئەينى پېتى يەتكۈزۈشتۇر، ھېسابقا تارتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر6.) [1. مۇيەسسەر 2-،3-تفسير السعدي 4. بەغەۋى، زاد المسير 5-،6-تفسير السعدي]

وَلَنْ تَرْضَى عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَى حَتَّى تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
120. يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىيانلار تاكى سەن ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە سەندىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ. (شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدى خرىستىيانلارنى خوش قىلىش كويىدا بولما، ئۇلارغا ئۇيغۇنلىشىش تىرىشچانلىقىڭدىن قول ئۈز. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە دەۋەت قىلىش  ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تۇت.1) ئېيتقىنكى «توغرا يول پەقەتلا (مەن بىلەن ئەۋەتىلگەن2) ئاللاھنىڭ يولىدۇر.» ساڭا كەلگەن ئىلىمدىن كېيىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن3)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن (ساڭا ياردەم قىلىدىغان4) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشۇڭغا ياردەم بېرىدىغان5) ھېچبىر ياردەمچىمۇ بولمايدۇ. [1.ك 2.س 3.ب،ز 4.5.ز]

الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَتْلُونَهُ حَقَّ تِلَاوَتِهِ أُولَئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ

121. بىز بەرگەن قۇرئاننى1 ھەققىنى ئادا قىلىپ تۇرۇپ تىلاۋەت قىلىدىغان كىشىلەر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ ئۇنىڭ مۇھكەم ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، مۇتاشابىھ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان، چۈشىنەلمىگەن ئايەتلەرنى ئالىملارغا ھاۋالە قىلىدىغان، بۇ شەكىلدە قۇرئانغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەل قىلىدىغان2، قۇرئاننىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىرىلىگە قەتئىي رەۋىشتە رىئايە قىلىدىغان كىشىلەر3)  باركى (بۇلار ساھابىلەردۇر4 ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۆمىنلەردۇر5)، مانا بۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلسا، مانا بۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر. [11.ز،ق 2.ق،ب 3.ق،س 4.ز،ب،ق 5.ب] 

يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ

122. ئى ئىسرائىلنىڭ (يەنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئەۋلادلىرى! مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) نېمەتلەرنى ياد ئېتىڭلار!  (ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە پەيغەمبەرلىكنى ۋە ھۆكۈمرانلىقنى بېرىپ) سىلەرنى (ئۆزۈڭلار بىلەن بىر دەۋردە ياشاۋاتقان) ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار!

وَاتَّقُوا يَوْمًا لَّا تَجْزِي نَفْسٌ عَن نَّفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَاعَةٌ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ

123. شۇنداق بىر كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) جازاغا ئۇچراشتىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) بىر ئىنساننىڭ باشقا بىرىگە پايدىسى تەگمەيدۇ، جازاغا لايىق بولغان ھېچكىمدىن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بولدى قىلىۋېتىش ئۈچۈن پۇل-مال قوبۇل قىلىنمايدۇ، (ئاللاھ رۇخسەت قىلغان زاتلار مۇستەسنا،) ھېچكىمنىڭ باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئاللاھتىن تىلىۋېلىشى پايدا بەرمەيدۇ. (ئاللاھنىڭ جازاسىغا لايىق بولغان) ھېچكىمگە (ئاللاھنىڭ جازاسىغا قارشى) ياردەم كەلمەيدۇ. 

وَإِذِ ابْتَلَى إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِي ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ

124. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ (ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى، پەيغەمبىرى) ئىبراھىمنى (نەمرۇدنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى زېمىندىن ھىجرەت قىلىش، ئۆزىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش، ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش، قەرەللىك ھالدا بەدەننىڭ مەخپىي ئورۇنلىرىدىكى مويلارنى ئېلىش، ئېغزىنى مىسۋاك بىلەن پاكلاش، سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىش1 قاتارلىق) بىر قاتار ئەمر پەرمانلار (ۋە ئوتقا تاشلىنىش قاتارلىق مۇسىبەتلەر2) بىلەن  سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ بۇ ئەمر پەرمانلىرىنى قۇسۇرسىز ۋە كامىل رەۋىشتە بەجا كەلتۈردى. (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا بولغان يۈكسەك ئىتائىتى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن) ئاللاھ ئىبراھىمغا:«مەن سېنى كىشىلەرگە ئىمام قىلىمەن (يەنى: ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بارچە گۈزەل ئىشلاردا سېنى كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسى قىلىمەن، سېنى بارچە ئىنسانىيەتنىڭ ياخشى كۆرىشىگە، يۈكسەك ھۆرمىتىگە ۋە ماختىشىغا سازاۋەر قىلىمەن—س، سالىھ كىشىلەرنى ساڭا ئەگىشىدىغان قىلىمەن3)» دېدى. ئىبراھىم «مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنىمۇ ئىمام قىلغان بولساڭ» دەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىۋىدى، ئاللاھ «مېنىڭ (ماڭا ئەڭ ئۈستۈن رەۋىشتە ئىتائەت قىلىدىغان بەندىلىرىمنى كىشىلەرگە ئىمام قىلىمەن، دېگەن) ۋەدەمگە (ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، مېنىڭ ئەمر پەرمانلىرىمنى بەجا كەلتۈرمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدىغان) زالىملار نائىل بولالمايدۇ» دېدى. (ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن ماڭغان سالىھ كىشىلەرنىمۇ دىندا ئىمام قىلدى.4) [1.ق،ز 2.ز  3.ق 4.س]

وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِّلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِن مَّقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ

125. (ئىراھىمنى ئىنسانلار ئەگىشىدىغان ئىمام قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىبراھىم بىنا قىلغان) كەئبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاۋاپگاھ ۋە ئەمىن جاي قىلدۇق. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر ماقامى ئىبراھىمنى (يەنى، ھەزىرتى ئىبراھىم ئوغلى ئىسمائىل بىلەن كەبىنى بىنا قىلىش جەريانىدا ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ كەبىنىڭ تېمىنى قوپۇرغان تاش قويۇلغان يەرنى1) نامازگاھ قىلىڭلار. (ئىمام كەبىدىكى ماقامى ئىبراھىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئ‍ۇنى قىبلىگاھ قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.2) بىز ئىبراھىمغا ۋە (ئوغلى) ئىسمائىلغا «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئ‍ېتىكاف قىلغۇچىلار ئۈچۈن، رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن (تۈرلۈك شىركتىن، كۇپۇردىن، نىجاسەتلەردىن ۋە مەينەتچىلىكلەردىن3) پاك تۇتۇڭلار» دەپ ئەمر قىلدۇق. [1.2.ق 3.س]

وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَـٰذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُم بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَىٰ عَذَابِ النَّارِ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ

126. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاللاھقا «ئى رەببىم! بۇ شەھەرنى (يەنى مەككىنى) ئەمىن جاي قىلىپ بەرگىن، بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئارىسىدىكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋە — چېۋىلەر بىلەن رىزقلاندۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ «(بۇ رىزقلاردىن) كاپىرنىمۇ قىسقىغىنە (دۇنيادا ھاياتىدا)  رىزقلاندۇرىمەن، ئاندىن (ئاخىرەتتە) ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمەن. دوزاخ بەكمۇ يامان يەردۇر» دېدى.

وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ

127. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم كەبىنىڭ ئۇلىنى (ئوغلى) ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە ئۆرىدەۋاتقاچ «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ بۇ ئەمىلىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شەكسىزكى، سەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتسەن» دەپ دۇئا قىلدى.

رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُّسْلِمَةً لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ

128. (ئۇلار يەنە) «ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى (ئىمان ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەر ئارقىلىق1) ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن، ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدىنمۇ ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان بىر جامائەتنى(2) كەلتۈرگىن. بىزگە ھەج قائىدىلىرىنىڭ ۋە باشقا بارچە ئىبادەتنىڭ(3) يوللىرىنى ئۆگەتكىن. تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شەكسىزكى سەن، بەندىلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان گۇناھلىرىنى تامامەن كەچۈرۈۋەتكۈچى، گۇناھتىن يېنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭگە تەۋبە قىلغان بەندىلىرىڭگە تولىمۇ مېھرىبانلىق قىلغۇچى زاتتۇرسەن. [1.2.ق 3.ق،س]

رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

129. ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدىن ئۇلارغا سېنىڭ ئايەتلىرىڭنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى، سۈننەتنى ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى1) ئۆگىتىدىغان، (ئۇلارنى شېرىكتىن، كۇفۇردىن ۋە تۈرلۈك ناچار ئەخلاقلاردىن2) پاكلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى3) ئەۋەتكىن. شەكسىزكى، سەن ئەزىزدۇرسەن — ھېچكىم تەڭداش بولالمايدىغان(4)، ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان، ھېچقانداق ئىشقا ئاجىز كېلىپ قالمايدىغان، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە زاتسەن(5)؛ ھەكىمدۇرسەن — بارچە ئىشنى توپتوغرا ۋە مۇكەممەل قىلغۇچى زاتسەن.(6) [1.ق 2.ز،ق،س 3.ق،ز 4.ز 5.ب،ق 6.ق]

قۇرتۇبى:«ھەكىم» — ئاللاھنىڭ پېئىلىي سۈپەتلىرىدىندۇر.(2:32)

وَمَن يَرْغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفْسَهُ ۚ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ

130. ئۆزىنى ھالاك قىلماقچى بولغان1 نادان(2)، ئەقىلسىز(3) كىشىدىن باشقا كىممۇ ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىسۇن؟ (ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېتىبار بەرمەي، ئۇنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىگەنلەر پەقەتلا ئۆزىنى ئەخمەقلىققە مۇپتىلا قىلغان كىشىدۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھۆكۈملەردىن باشقا بارچە ھۆكۈملەر بىز ئۈچۈنمۇ شەرىئەتتۇر.4)  بىز دۇنيادا ئىبراھىمنى (تۈرلۈك يامانلىقلاردىن پاك قىلىپ،پەيغەمبەرلىك ئۈچۈن5) تاللىدۇق. ئىبراھىم ئاخرەتتە سالىھلار قاتارىدا بولىدۇ. [1.ز،ق 2.ق 3.ك 4.5.ق]

إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ

131. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىبراھىمغا «دىنىڭنى تەۋھىد بىلەن ئاللاھقا خاس قىلىپ، ئاللاھقا كامىل ئىتائەت بىلەن تەسلىم بول»(1) دېگەن ئىدى، ئىبراھىم «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا كامىل ئىتائەت بىلەن تەسلىم بولدۇم» دېدى. [1.ق]

وَوَصَّى بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ

132. ئىبراھىم بۇ دىننى بالا-چاقىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى. (ئىبراھىمنىڭ بۇ ۋەسىيىتى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملىشىپ، ھەزىرتى ئىبراھىمنىڭ نەۋرىسى ياقۇپقا قەدەر كەلدى.) ياقۇپمۇ پەرزەنتلىرىگە:«ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ تەۋھىد دىنىنى تاللىدى. شۇڭا، سىلەر پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار.» (ئىسلامغا مەھكەم باغلىنىڭلار، ئۆلگەنگە قەدەر ئىسلامدىن ئايرىلماڭلار.1) دەپ ۋەسىيەت قىلدى. [1.ق]

قۇرتۇبى: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىسىدا تەخمىنەن 2600 يىل بار.

قۇرتۇبى: ھەزىرتى ياقۇپ ھەزىرتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۇغۇلغان. 147 ياش ئۆمۈر كۆرگەن، مىسىردا ۋاپات بولغان.

أَمْ كُنتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِن بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَـٰهَكَ وَإِلَـٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَـٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

133. ياكى سىلەر (ھەزىرتى ئىبراھىمنىڭ نەۋرىسى) ياقۇپقا ئۆلۈم (نىڭ ئالامەتلىرى1) كەلگەندە، ئۇنىڭ يېنىدا ھازىرمىتىڭلار؟ (ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى بىلەن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام مىسىرغا كەلگىنىدە مىسىر ئاھالىسىنىڭ بۇتلارغا، ئوتقا، كالىغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان كاپىر بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوغۇللىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ «مەندىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغان ئىدى. ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ پەيتىدىمۇ يەنە شۇ سوئالنى سوراپ2) ئوغۇللىرىغا «مېنىڭ ۋاپاتىمدىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز. بىز مۇسۇلمانلاردىنمىز» دېيىشتى. [1.2. ق]

تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ

134. ئۇلار ئۆتمۈشتە ياشاپ ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۆزى ئۈچۈن. سىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۆتمۈشتە ياشاپ ئۆتكەنلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن سىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر.

مۇپەسسىر، فەقىھ، ئىمام ئابدۇراھمان تفسير السعدي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: يەنى ھەركىم ئۆز قىلمىشىنىڭ جاۋابىنى ئۆزى بېرىدۇ. ھەر كىم يا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، ۋەيا جازاسىنى كۆرىدۇ. ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ھېچكىمگە ئۆز ئىمانى ۋە تەقۋاسىدىن باشقا نەرسە پايدا بەرمەيدۇ. ئىش بۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھ كىشىلەرنىڭ دىنى ئۈستىدە ئىكەنلىكىڭلارنى داۋا قىلىپ، پەقەت ئاغزاكى دەۋا بىلەنلا توختاپ قېلىشىڭلار ئەسلى يوق، قۇرۇق داۋادۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، سىلەرگە مەجبۇرىيەت بولۇپ يۈكلەنگىنى: نۆۋەتتىكى ھالىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشىلىق كەلتۈرەمدۇ ياكى يامانلىقمۇ، بۇنى كۆزدىن كەچۈرۈشتۇر.-تفسير السعدي

وَقَالُوا كُونُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ تَهْتَدُوا ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ

135. يەھۇدىيلار «يەھۇدىي بولساڭلار توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېيىشتى، خىرىستىيانلارمۇ «خىرىستىيان بولساڭلار توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېيىشتى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن1) «ئۇنداق ئىش يوق! ھەنىف زات (يەنى بارچە باتىل دىنلاردىن ۋاز كېچىپ، تەۋھىد دىنى ئىسلامغا چىڭ ئېسىلغان1، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلمايدىغان، شىركنى تەرك ئەتكەن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن زات3) ئىبراھىمنىڭ دىنىدا بولىمىز» دېگىن. ئىبراھىم مۇشىرىكلاردىن بولمىغان ئىدى. [1. تفسير السعدي. 2.تەپسىر بەغەۋى 3. تفسير السعدي]

***

يەھۇدىلار تەۋراتنى ئىبرانىچە ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئەرەپ تىلىدا مۇسۇلمانلارغا دەپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەھلى كىتاپنى تەستىقلىماڭلار، يالغانغىمۇ چىقارماڭلار. ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار دەپ تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇدى:(بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد؛[تەپسىر قۇرتۇبى])

بىر توپ يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، رەسۇلۇللاھتىن قايسى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقانلىقىنى سورىدى. نەتىجىدە تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى:[تەپسر قۇرتۇبى]

قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

136. (ئى ئىسلام ئۈممىتى! قەلبىڭلاردا تەستىق قىلغان ھالەتتە تىلىڭلار بىلەن1) ئېيتىڭلاركى: «بىز ئاللاھقا، ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە2) ئىمان ئېيتتۇق؛ شۇنداقلا ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، ياقۇپقا ۋە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغانغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز يەنە مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەنگە، ھەمدە پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز پەيغەمبەرلەردىن ھېچكىمنىڭ ئارىسىنى ئاجرىۋەتمەيمىز. (يەنى يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلاردەك بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، بەزى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلماستىن، ئاللاھنىڭ بارچە پەيغەمبىرىنىڭ ھەقلىقىگە ئىمان ئېيتىمىز-ق) بىز مۇسۇلمانلاردىنمىز.» [1.2. تفسير السعدي 2.قۇرتۇبى]

رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلغىنى قۇرئان ۋە سۈننەت ئىدى. چۈنكى ئاللاھ {ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى} دېگەن. (نىسا سۈرىسى 113-ئايەت) [تفسير السعدي.]

  • ھەزىرتى ئىبنى ئابباس مۇنداق دېگەن: ئون پەيغەمبەردىن باشقا بارچە پەيغەمبەرلەر ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن. ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادىغا تەۋە بولمىغان ئون پەيغەمبەر مۇنۇلار: ھەزىرتى نۇھ، ھەزىرتى شۇئەيب، ھەزىرتى ھۇد، ھەزىرتى سالىھ، ھەزىرتى لۇت، ھەزىرتى ئىبراھىم، ھەزىرتى ئىسھاق، ھەرزتى ئىسمائىل، ھەرىزتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم. (تەپسىر قۇرتۇبى)

فَإِنْ آمَنُوا بِمِثْلِ مَا آمَنتُم بِهِ فَقَدِ اهْتَدَوا ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا هُمْ فِي شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ

137. (ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى!1) ئەگەر يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلار (كۇفرىدىن يېنىپ) سىلەرگە ئوخشاش (شېرىك كەلتۈرۈشنى تاشلاپ، تەۋھىد ئاساسىدا ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە پەيغەمبەرلەرگە، قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ئىلاھىي كىتابلارغا2) ئىمان ئېيتسا (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى ئىسپاتلىسا، مانا بۇ چاغدا3) ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. (ئۇلارنىڭ دەۋا قىلىۋالغىنىدەك يەھۇدىي بولسا، ياكى خىرىستىيان بولسا ھىدايەت تاپقان ھېسابلىنىدىغان ئىش يوق.4) (ئى پەيغەمبەر!5) ئەگەر ئۇلار (مۇشۇنچىۋالا دەلىللەر يېتىپ كەلگەن تۇرۇقلۇقمۇ6) ھىدايەت يولىدا مېڭىشتىن يۈز ئۆرۈسە، (ساڭا) قارشى يول تۇتقان، دۈشمەن بولغان بولىدۇ7. ئاللاھ ساڭا دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ  دۈشمەنلىكىگە قارشى سېنى قوغدايدۇ8، ساڭا ياردەم بېرىدۇ ۋە سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىدۇ9. ئاللاھ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە ۋە مۆمىن بەندىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئەمەللىرىنى مۇكەممەل شەكىلدە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1.قۇرتۇبى 2.3.4.5. تفسير السعدي 6.ئىبنى كەسىر 7. تەپسىر بەغەۋى، تفسير السعدي 8.قۇرتۇبى 9.ئىبنى كەسىر]

ھىدايەت: ھەقنى بىلىش ۋە ھەق بىلەن ئەمەل قىلىشتۇر. (تفسير السعدي)

صِبْغَةَ اللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ

138. (رەخت بوياق بىلەن بىرلىشىپ بوياق بىلەن رەخت بىر-بىرىدىن ئايرىلماس ھالغا كەلگەندەك1، سىلەرمۇ) ئاللاھنىڭ بويىقى (بولغان ئىسلام دىنىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئايرىلماس ئالاھىدىلىكى قىلىڭلار. ئىسلام شەرىئىتىگە ئەسلى-ۋەسلىڭلار بىلەن باغلىنىڭلار. ئىسلام ئەقىدىسىگە مەھكەم يېپىشىڭلار. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتكۈل ئىش-ئەمەللىرىڭلاردا ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار.2) ئاللاھنىڭ بويىقىدىنمۇ ياخشى كىمنىڭ بويىقى بار؟ \ يەنى ئاللاھنىڭ دىندىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ (ئى ئىسلام بويىقى بىلەن شەرەپلەنگەن مۇسۇلمانلار. سىلەرگە ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغا، سىلەرنى ئىسلامدىن چەتنەشكە چاقىرغۇچى ھەر قانداق باتىل دىن مەنسۇپلىرىغا) دەڭلاركى«بىز (ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن ھالدا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەينەن ئەگەشكەن ھالدا3)  ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلاردۇرمىز.» [1. تەپسىر قۇرتۇبى 2. تەپسىر قۇرتۇبى، تفسير السعدي 3. تفسير السعدي]

بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام ئابدۇراھمان تفسير السعدي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر ئىشنىڭ ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بولۇشى لازىم. 1. كىشى ئۇ ئىش ئارقىلىق پەقەت ئاللاھنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولۇشى؛ 2. ئۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قىلغان بولۇشى لازىم. ئەمەل قارىماققا قانچە بۈيۈك بولۇپ كەتسۇن، ئۇ بۇ ئىككى شەرتكە مۇتلەق ئۇيغۇن ھالدا قىلىنمىسا ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ.

قُلْ أَتُحَاجُّونَنَا فِي اللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُخْلِصُونَ

139. (يەھۇدى ۋە خىرىسىيانلار «پەيغەمبەرلەر بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىققان، ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىدى. شۇڭا، بىزنىڭ دىنىمىز تېخىمۇ توغرىدۇر. بىز ئاللاھقا سىلەردىن بەكراق يېقىنمىز» دېيىشىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنازىرىلەشمەكچى بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى1 رەسۇل! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «بىزنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا2 بىز بىلەن مۇنازىرىلەشمەكچى بولىۋاتامسىلەر؟ (ئاللاھقا يېقىنلىق قۇرۇق داۋا بىلەن قولغا كەلمەيدۇ.) بىزنىڭ (ئىخلاس ۋە تەۋھىد ئاساسىدىكى) ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ (شىرىك ۋە ئازغۇنلۇق ئاساسىدىكى) ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. (سىلەر ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلماستىن، ئاللاھقا تۈرلۈك شىركلەرنى كەلتۈرۈسىلەر، ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ، بۇزىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا سىلەردىن بىز يېقىن دەپ داۋا قىلامسىلەر؟ بىز سىلەرگە ئوخشىمايمىز. ئاللاھقا يېقىنلىق داۋاسىنى سىلەر ئەمەس، بىز قىلساق يارىشىدۇ.3 چۈنكى) بىز ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغۇچىلاردۇرمىز. [1.بەغەۋى، قۇرتۇبى، تفسير السعدي 2.3. قۇرتۇبى]

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دېگەن: ئىخلاسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى — قىلىنغان ئەمەلنى بەندىلەرنىڭ كۆرۈشىنى (ياكى ئاڭلىشىنى) خالاشتىن تامامەن ئۇزاق بولۇشتۇر. (قۇرتۇبى)

أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَادَةً عِندَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

(مەدىنە يەھۇدىلىرى بىلەن نەجران خرىستىيانلىرى ساھابىلەرگە «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن ئىدى — يەنى ياقۇپ ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ دىنىمىزدا ئىدى، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولدى1)

140. ياكى سىلەر ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى خىرىستىيان ئىدى، دەمسىلەر؟ (بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى2) «سىلەر ئەڭ ياخشى بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلەمدۇ؟» دېگىن. ئاللاھتىن كەلگەن شاھىدلىقنى (يەنى بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە سىلەر ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ3) يوشۇرغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەستۇر. [1.3 زاد المسير 2. قۇرتۇبى]

تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ

141. ئۇلار ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەنلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن سوئال سوراق قىلىنمايسىلەر.

***

سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَن قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُل لِّلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَن يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ

142. (رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزلىرى تۆت يىلدەك قىبلە قىلىپ ناماز ئوقۇغان بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلىشنى تاشلاپ، كەبىنى قىبلە قىلىپ، كەبە تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشنى باشلىغاندىن كېيىن1) ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەقىلسىز-جاھىللار2 (يەنى يەھۇدىلار، ئەرەپ مۇشرىكلىرى ۋە مۇناپىقلار مۇنداق دېيىشتى3. مۇناپىقلار مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىشىپ4)«مۇسۇلمانلارنى قىبلە بىلىپ يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇۋاتقان بەيتۇلمۇقەددەستىن يۈز ئۆرىگۈزگەن نەرسە نېمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.(ئاللاھ بۇ يەردە ئۆتكەن زاماننىڭ ئورنىغا كەلگۈسىكەلگۈسى زاماننى ئىشلىتىشى، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.5) ئېيتقىنكى «غەرب تەرەپمۇ، شەرق تەرەپمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلىشنى خالىسا، ئۇنى سىراتىل مۇستەقىمگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ.» [1.3. زاد المسير 2.زاد المسير، قۇرتۇبى 4.5. قۇرتۇبى]

(سەفىھ – بىلگىنىنىڭ ئەكسىنى سۆزلەيدىغان بەك يالغانچى، ۋە بەك تۆھمەتخور كىشىدۇر.-قۇرتۇبى)

بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ كىتابىدا ناسىخ ۋە مەنسۇخ مەۋجۇتلۇقىغا ئوچۇق دەلىلدۇر.  ئەھلى ئىلىم قۇرئان كەرىمدە تۇنجى ئەمەلدىن قالغان ھۆكۈمنىڭ قىبلە ھەققىدىكى ھۆكۈم ئىكەنلىكىدە ئىجمائقا كەلگەن.(قۇرتۇبى)

بۇ ئايەت يەنە سۈننەتنىڭ قۇرئان بىلەن نەسخ قىلىنىدىغانلىقىغا \ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. يەنى، رەسۇلۇللاھ بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز قىلغان ئىدى. بەيتۇلمەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇش ھەققىدە قۇرئاندا ھېچقانداق ئايەت يوق. بەيتۇلمەقدىسنى قىبلە قىلىپ ناماز ئوقۇش ھۆكمى پەقەت سۈننەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ھۆكۈمدۇر. كېيىن بۇ ھۆكۈم قۇرئان بىلەن نەسخ قىلىندى.(قۇرتۇبى)

بۇ ئايەت ۋاھىد خەۋەرنىڭ قەتئىي ھۆكۈم بولالايدىغانلىقىغا دەلىل بار. يەنى، بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانلارغا كۆرە شەرىئەتتە ئەمەل كىلىشى پەرز بولغان قەتئىي بىر ئەمىر ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ساھابىلەرنىڭ بىر قىسىمى قۇبا مەسجىدىدە ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا خەۋەرچىدىن بىرى كېلىپ، قىبلىنىڭ مەسجىدى ھەرەمگە ئۆزگەرگىنىنى بىلدۈرۈۋىدى، مەسجىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ساھابىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ، دەرھال مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە بۇرۇلۇپ نامىزىنى داۋاملاشتۇردى. مانا بۇنىڭ بىلەن، ۋاھىد خەۋەرگە تايىنىپ مۇتىۋاتىر ھۆكۈمنى تەرك ئەتتى. (قۇرتۇبى)

وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ

143. (يەھۇدىلار «بىزنىڭ قىبلىمىز بولغان بەيتۇلمۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسىدۇر. بىز ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئادىل قەۋممىز» دەپ داۋا قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1) «مانا شۇنىڭدەك، (ئى ئىسلام ئۈممىتى)  ئىنسانلارغا (مەشھەرگاھ مەيدانىدا باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتىگە-ق، شۇنداقلا ئاراڭلاردىكى ۋاپات بولغۇچى كىشىلەرگە2) گۇۋاھچى بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن (يەنى قىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ پايداڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن3)، بىز سىلەرنى ئادالەتلىك ۋە ئەڭ ياخشى ئۈممەت قىلدۇق4. سەن يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇۋاتقان قىبلىنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى5) پەقەتلا رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار بىلەن كۇفرىغا يانغۇچىلارنى6\ دىنىدىن يېنىپ مۇرتەد بولغۇچىلارنى7 ئايرىش ئۈچۈن8\كۆرۈش ئۈچۈن9 (يەنى يەقىين ساھىبلىرى بىلەن شەك-شۈبھە ساھىبلىرىنى ئايرىش ئۈچۈن10) قىبلە قىلىپ تەيىنلىگەنمىز. ھالبۇكى، بەيتۇل مۇقەددەسكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇشنى تاشلاپ، كەبىگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئوقۇشنى باشلاش11 ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن راستتىنلا قىيىن ئىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. («ئاللاھ قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، پەيغەمبىرىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرىنى تەستىقلاش ئارقىلىق ئىگە بولغان ئىمانىڭلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.12) (ئەھلى ئىلىم بۇ ئايەت بەيتۇل مۇقەددەسكە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغان مەزگىللەردە ۋاپات تاپقان كىشىلەر ھەققىدە نازىل بولغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن.13 مەسقىدى ھەرەم قىبلە قىلىپ تەيىنلەنگەندە ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغان دەۋرلەردە ۋاپات تاپقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەت نازىل بولدى. ئىبنى ئابباستىن تىرمىزى نەقىل قىلىپ، ھەسەن سەھىھ دېگەن.) ئاللاھ ئىنسانلارغا ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان زاتتۇر. [1.5.6.8.11.زاد المسير 2.3.7.9.10.12.13.قۇرتۇبى 4.زاد المسير، قۇرتۇبى]

ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئىمانىڭلارنى زاىيە قىلىۋەتمەيدۇ» دېگەن بۇ ئايەتتىن مۇرجىئەلەرنىڭ «ناماز ئىماندىن ئەمەس» دېگەن باتىل داۋاسى ئېسىمگە كەلدى. (قۇرتۇبى)

بۇ ئايەتتە پەقەتلا ئادالەتلىك-لىللا كىشىلەرنىڭ شاھىدلىق قىلالايدىغانلىقىغا دەلىل باردۇر. بىراۋنىڭ باشقا برۋا ھەققىدە ئېيتقان سۆزىنىڭ گەچەرلى بولۇشى ئۈچۈن سۆز قىلغۇچىنىڭ ئادالەتلىك كىشى بولۇشىغا باغلىقتۇر. (قۇرتۇبى)

بۇ ئايەتتە ئىجمانىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئىجماغا بىنائەن ھۆكۈم بېرىشنىڭ پەرزلىكىگە دەلىل بار… (قۇرتۇبى- سۈرە بەقەرە جىلدى، 598-بەت)

قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ

144. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەھۇدىلارغا خىلاپ يول تۇتۇش ئۈچۈن كەبىگە قاراپ ناماز ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەبە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسى ئىدى.1 شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى) (ئى پەيغەمبەر) (ئاسماندىن ساڭا قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ۋەھىي كېلىشىنى ئارزۇلاپ2؟، بەيتۇل مەقدىسكە قاراپ ناماز ئوقۇۋېتىپ3) يۈزۈڭنى ئاسمانغا قاراتقىنىڭنى كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. ئەمدى سېنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان4 قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز (قىبلە — كەبىدۇر5). ئەمدىدىن باشلاپ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەمگە قاراتقىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر (نامازغا تۇرغاندا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە6 قارىتىڭلار. شەكسىزكى، كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ۋە خىرستىيانلار7 قىبلىنىڭ مەسجىدى ھەرەم قىلىپ تەيىنلىنىشىنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ. (چۈنكى، ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار دىندا مەۋجۇت بولغان بىر ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا يېڭى ھۆكۈمنىڭ دەسسىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنمۇ بىلىدۇ.8) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر. (رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كېلىپ 17 ئايدىن كېيىن، پېشىن نامىزىدىن باشلاپ مەسجىدى ھەرەمگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشنى باشلىدى.9) [1.6.7.8.9. زاد المسير  2.3.5. قۇرتۇبى  4.زاد المسير، قۇرتۇبى] 

قۇرتۇبى: ئەھلى ئىلىم بۇ ئايەتنىڭ «سەيەقۇلۇ سۇفەھا» دېگەن ئايەتتىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان. (قۇرتۇبى)

قۇرتۇبى: ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجماسىغا كۆرە، كەبىنى كۆرمىگەن كىشى كەبە بار تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشى پەرزدۇر. (قۇرتۇبى)

وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَّا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُم بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُم مِّن بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ

145. قەسەمكى، كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا ھەر قانچە دەلىل كەلتۈرسەڭمۇ، سېنىڭ قىبلەڭگە (يەنى كەبىگە1) يۈز كەلتۈرمەيدۇ. (چۈنكى ئۇلار ھەق ئۆزىگە قۇياشتەك ئايدىڭ بولغان تۇرۇقلۇق كاپىر بولغان، دەلىل-ھۆججەتلەر ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ.2) (ئەمدىدىن ئېتىبارەن) سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. يەھۇدى ۋە خىرستىيانلارمۇ بىر-بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولغان ئەي مۇسۇلمان!3) ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ خاھىشىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، شەكسىزكى سەن زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن. (بۇ خىتاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى ئارىسىدىكى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ كېتىشى مۇمكىن بولغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئېزىپ زالىم بولۇپ كېتىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ زالىم بولۇپ قالىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۇ بۇيرۇق رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىگە قارىتىلغان دەپ تەپسىرلىنىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ مەسۇمدۇر. ئۇ زاتتىن زالىملىققا ئاپىرىدىغان ھەر قانداق گۇناھنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. رەسۇلۇللاھقا خىتاپ قىلىش — يەھۇدى خىرسىتىيانلار ۋە شۇ تىپتىكى كاپىرلارنىڭ ئارزۇ ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ بېرىشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا بۇ ئايەت ۋە باشقا ھەر قانداق ئايەت رەسۇلۇللاھقا نازىل بولىدىغانلىقىنى ئۈچۈن خىتاپ رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان.4) [1.زاد المسير 2.3.4. قۇرتۇبى]

الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّ فَرِيقًا مِّنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

146. بىز كىتاب بەرگەن يەھۇدى ۋە خىرسىتيانلار ئۇنى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، ئۇ زاتنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى1) ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونىغاندەكلا تونۇيدۇ. شەكسىزكى، ئۇلاردىن بىر پىرقە ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ. [1.زاد المسير، تفسير السعدي]

الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ

147. ھەق رەببىڭدىندۇر. بۇنداق ئىكەن، ھەقتىن شەكلەنگۈچىلەردىن بولما.

وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا يَأْتِ بِكُمُ اللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

148. ھەر بىر دىن مەنسۇبىنىڭ ئىبادەت ئەسناسىدا يۈزلىنىدىغان تەرىپى بولىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، (ئى مۆمىنلەر! ياخشى ئىشلارنى كېچىكتۈرمەستىن ئالدىراپ قىلىش ئارقىلىق، پايدىسى مەيلى ئۆزۈڭلارغا بولىدىغان ياكى باشقىلارغا بولىدىغان1) ياخشىلىقلاردا بەسلىشىڭلار. (دۇنيا ھاياتىدا ياخشىلىققا ئالدىرايدىغان كىشىلەر ئاخىرەتتە جەننەتكە تېز كىرىدۇ.2) سىلەر نەدىلا بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى3) ئاللاھ ھەممىڭلارنى يىغىدۇ (ۋە قىلغان قىلمىشىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى بېرىدۇ.4) ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر. [1.2.4.تفسير السعدي 3.زاد المسير، تفسير السعدي]

وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُ لَلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

149. مەيلى قەيەردىن يولغا چىق (مەيلى سەپەردە بولغىن، ياكى باشقا ھالدا بولغىن نامازدا1) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قاراتقىن. شەكسىزكى، نامازدا مەسجىدى ھەرەمگە يۈزلىنىش رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەستۇر. (ئاللاھنىڭ سىلەرنى كۆرۈپ ۋە كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقىنىنى ئەستىن چىقارماڭلار. قىلغان قىلمىشىڭلارنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى سىلەرگە تولۇقى بىلەن بېرىلىدۇ.2) [1.2. تفسير السعدي]

وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِي وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِي عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ

150. قەيەردىن يولغا چىقساڭ چىق، (نامازدا) مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە يۈزۈڭنى قىلغىن. (ئى مۇسۇلمانلار) سىلەر قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر (نامازلىرىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قارىتىڭلاركى، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا زۇلۇم قىلغۇچلاردىن باشقىسىنىڭ (يەنى، يەھۇدىيلار، خىرىستىيانلار رەسۇلۇللاھ ھەققىدە «ئۇ ھەزىرتى ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ قىبلىسى كەبە بولغان تۇرۇقلۇق، ئىبراھىمنىڭ قىبلىسىنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىمىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، تېخى ئۆزىنى مەن ئىبراھىمنىڭ دىنىدىمەن دەپ داۋا قىلىشىغا نېمە دېگۈلۈك؟» دەپ1) سىلەرگە قارشى دەلىلى بولۇپ قالمىسۇن.  سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە ھىدايەت يولىدا بولالىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلاردىن قورقماي، مەندىن قورقۇڭلار. [1. تفسير السعدي]

كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِّنكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ

151. چۈنكى، بىز سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇقكى، بۇ پەيغەمبەر سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدۇ، (سىلەرگە شىركتىن تەۋھىدكە مېڭىشنى، رىيادىن ئىخلاسقا يۈزلىنىش ئۆگىتىش، شۇنداقلا سىلەرگە گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش ئارقىلىق1) سىلەرنى (شىركتىن، گۇناھلىق-ھارام ئىشلاردىن، ناچار خۇي، يامان ئەخلاقلاردىن2) پاكلايدۇ، سىلەرگە (لەۋزى ۋە مەنالىرىنى بىلەن قوشۇپ3) قۇرئاننى4 ۋە ھېكمەتنى (— يەنى سۈننەتنى5، شەرىئەتنىڭ ئىنچىكە ھۆكۈم-قائىدىلىرىنى6) ئۆگىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ سىلەرگە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. [1.2.3.6. تفسير السعدي 4.5. زاد المسير] 

فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ

151. تائەت-ئىبادەتلەر ئارقىلىق1 مېنى زىكىر قىلىڭلاركى، مەنمۇ (سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىۋېتىش ئارقىلىق2) سىلەرنى زىكىر قىلاي. (سىلەرگە نېمەت بەرگۈچى بولغان مېنى ماختاپ، نېمەتلىرىمنى ۋە مېنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققىمنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق3، سىلەرگە بۇنچىۋالا نېمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىم ئۈچۈن4) ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار. [1.2.3. زاد المسير 4.تفسير السعدي]

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ

153. ئى ئىمان ئېيتقانلار! (پەرزلەرنى ئادا قىلىشتا1) سەبر بىلەن ۋە ناماز بىلەن ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ سەبر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. [1.زاد المسير]

وَلَا تَقُولُوا لِمَن يُقْتَلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتٌ ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ وَلَـكِن لَّا تَشْعُرُونَ

(ساھابىلەر بەدر ۋە ئۇھۇد ئۇرۇشىدا شەھىد بولغانلار ھەققىدە «پالانچى-پوكۇنچىلار بەدىر ئۇرۇشىدا، پالانچى-پوكۇنچىلار ئوھۇد ئۇرۇشىدا ۋاپات بولدى» دېيىشتى. بۇ سەۋەبلىك مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1)

154. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار. ئەكسىچە، ئۇلار تىرىكتۇر (ئۇلارنىڭ روھلىرى جەننەتتە ئۇچۇپ يۈرىدىغان يېشىل قۇشلارنىڭ پوكانلىرىدىدۇر. ئۇلارنىڭ روھى بەدەندىن ئاجراش نۇقتىسىدىن ئۆلگەنلەردەك بولسىمۇ، ئەمما روھىنىڭ جەننەتتە ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىن تىرىكتۇر2)، لېكىن، سىلەر ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىنى تۇيۇمايسىلەر. [1.2.زاد المسير]

وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ

155. (ئى مۆمىنلەر!) بىز سىلەرنى (دۈشمەنلىرىڭلار ئارقىلىق) بىر ئاز قورقۇنچ بىلەن، (بىر ئاز) ئاچلىق (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن، ماللىرىڭلارغا (كېلىدىغان ۋەيرانچىلىق ياكى زىيان بىلەن)، جانلىرىڭلارغا (يېتىدىغان كېسەل-ئاغرىق؛ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا كېلىدىغان ئۆلۈم ياكى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىش، ۋەياكى شەھىد قىلىنىش بىلەن)، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (ئى پەيغەمبەر! بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەرگە1) سەبر قىلغۇچىلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش بىلەن — دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.(155) [1.زاد المسير، تەپسىر مۇيەسسەر]

الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ

156. (سەبر قىلغۇچى مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى شۇكى1) ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ﷲنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز ۋە ھەممە نەرسىمىز ئاللاھنىڭدۇر؛ بىز ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىرادىسى ئاستىدىمىز، ئاللاھ بىزگە خالىغىنىنى قىلىدۇ2)، بىز (ئۆلۈش، ئاندىن ئاللاھنىڭ جازا ياكى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق3)  ﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. [1.تەپسىرى مۇيەسسەر 2.3.زاد المسير، تەپسىر مۇيەسسەر ]

أُولَـئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ

157. مانا بۇنداق كىشىلەرگە رەببىنىڭ مەغفىرىتى1 ۋە رەھمىتى تېگىشلىكتۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت ئۈستىدە بولغۇچى كىشىلەردۇر. [1.زاد المسير]

***

إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِن شَعَائِرِ اللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ

(ساھابىلەردىن بەزىلىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە «مانات» ئىسىملىك بۇتنى تاۋاپ قىلاتتى. مانات — مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى بىر بۇت ئىدى. ساھابىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز (جاھىلىيەت دەۋرىمىزدە) مانات بۇتىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا ماڭاتتۇق، (ئەمدى مۇسۇلمان بولدۇق. ھەجدە) سەفا بىلەن مەرۋىنى تاۋاپ قىلىشمىز گۇناھمۇ؟» دەپ سوراشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى.—بۇخارى ۋە ئىمام ئەھمەت نەقىل قىلغان ھەدىس)

158. سەفا ۋە مەرۋە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ سىمۋوللىرىدىندۇر (يەنى ئاللاھ ئىبادەت قىلىشنى بېىكتكەن جايلاردۇر.1) كىمكى بەيتۇللاھنى ھەج قىلسا ياكى ئۆمرە قىلسا، سەفا ۋە مەرۋەنى تاۋاپ قىلىشىدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. كىمكى ئۆزىگە پەرز بولمىغان بىر ياخشىلىقنى ئۆزى ئۈچۈن قىلسا، جەزمەنكى ئاللاھ شاكىردۇر، ئەلىيمدۇر. [1.زاد المسير]

شاكىر، ئەلىيم — ئاللاھنىڭ ئىككى ئىسمىدۇر. شاكىر — ئاز ۋە ئاددىي ياخشىلىققا بۈيۈك مۇكاپات بەرگۈچى ئاللاھ؛ ئەلىيم — نىيەتلەرنى، كىمنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بەك ياخشى بىلىدىغان ئاللاھ، دېگەن مەنىدە. (تفسير السعدي، 2\172)

ھەج — لۇغەتتە نىيەت قىلىپ بىر يەرگە بارماق، دېگەن مەنىدە.

إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَـئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ

159. شەكسىزكى، بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە ھىدايەتنى كىتاپتا بايان قىلىپ بەرگىنىمىزدىن كېيىن، بۇ ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە ھىدايەتنى يوشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار، جىنلار ۋە ھايۋاناتلار1) لەنەت قىلىدۇ. [1.زاد المسير]

لەنەت — لۇغەتتە «قوغلاندى قىلماق» دېمەكتۇر. [زاد المسير]

ئىبنۇل جەۋزى: بۇ ئايەت دىنىي ئىلىملەرنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىشنى پەرز قىلماقتا. بۇ ئىلىملەر مەيلى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىستە ئوچۇق ھۆكمى بار ئىشلار بولسۇن، ياكى قۇرئان ھەدىسكە مۇۋاپىق ھالدا ئىجتىھاد قىلىنغان ھۆكۈملەر بولسۇن ئوخشاش. بۇ ئايەت يەنە بۇ خىل دىنىي ئىلىمنى ئۆگەتكەنلىك ئۈچۈن ھەق ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قىلىشى پەرز بولغان ئىشنى ھەق ئېلىپ قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. (زاد المسير)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ، دەيسىلەر. ئاللاھ گۇۋاھتۇركى، ئەگەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا مۇشۇ ئايەت بولمىغان بولسا، ھېچكىمگە ھېچقانداق ھەدى سۆزلەپ بەرمىگەن بولاتتىم، دەپ، يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇدى. (بۇخارى-ئىلىم، 42-باب؛ مۇسلم-ئىمان، 229: مۇۋەتتا-تاھارەت 29)

إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَـٰئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ

160. تەۋبە قىلغانلار، ئەھۋالىنى ئوڭشىغانلار ۋە ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلغانلار ئاللاھنىڭ ۋە لەنەت قىلغۇچىلارنىڭ لەنىتىگە قېلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىمەن. مەن تەۋبىلەرنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغان، ناھايىتى مېھرىبان زاتتۇرىمەن.

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَـٰئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ

161. كاپىر بولۇپ كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، بۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىمى ئىنسانلارنىڭ (يەنى مۆمىنلەرنىڭ1) لەنىتى بولىدۇ.

1. زاد المسير

خَالِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ

161. بۇنداقلار دوزاختا-ز ئەبەدىلئەبەد جازالىنىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا يېنىكلىتىلمەيدۇ. ئۇلارغا قارالمايدۇ.

وَإِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَاحِدٌ ۖ لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ الرَّحْمَـٰنُ الرَّحِيمُ

(قۇرەيش كاپىرلىرى «ئى مۇھەممەد! بىزگە رەببىڭدىن خەۋەر بەر» دېۋىدى، بۇ ئايەت ۋە ئىخلاس سۈرىسى نازىل قىلىندى.- زاد المسير)

163. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ رەھماندۇر، رەھىمدۇر.

ئىلاھ — ئىبادەت قىلىنغۇچى مەنىسىدىدۇر.-زاد المسير

إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِن مَّاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ

(«سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر…» ئايىتى نازىل بولغان قۇرەيش كاپىرلىرى «پۈتكۈل ئىنسانلارغا يالغۇز بىر ئىلاھ قانداق يېتىدۇ؟» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى-زاد المسير)

164. ئاسمانلارنىڭ (تۈۋرۈكسىز ھالەتتە ئۈستۈڭلاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدا1) ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا (زېمىندىكى ئوخشاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، ئوخشىمىغان رەڭ ۋە تەمدە يېتىشىدىغان مېۋە-چېۋىلەردە)، كېچە-بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرىشىدا، ئىنسانلار (نىڭ ياشىشى2) ئۈچۈن پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، دېڭىزلاردا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلەردە؛ شۇنداقلا ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرىدىغان، ئۆلگەن زېمىننى ئۇنىڭ بىلەن تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا ۋە بۇ ئارقىلىق زېمىنغا يېيىلغان خىلمۇ خىل ھايۋانلاردا، شامالنىڭ (بەزىدە شىمالدىن، بەزىدە جەنۇپتىن چىقىپ) يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا  (ئۇلارنىڭ باشتا پەيدا بولۇپ، كېيىن يوق بولۇشىدا؛ ئاسمان ۋە زېمىن ئارىسىدا ھېچ نەرسىگە ئېسىلماستىن ياكى ھېچ نەرسە بىلەن تىرەلمەستىن لەيلەپ تۇرۇشىدا3) ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان4) دەلىللەر5 باردۇر. [1.2.3.4.5.زاد المسير] 

وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ

165. بەزى ئىنسانلار ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شىرىك قىلىشىدۇ، ئۆزلىرى ئاللاھقا شىرك قىلىشقان نەرسىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىشىدۇ. (يەنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەن نەرسىسى بىلەن ئاللاھقا بولغان ياخشى كۆرۈشى ئوخشاشتۇر.1) ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر بولسا ئاللاھنى (بۇتپەرەسلەر مۇشرىكلار بۇتلىرىنى ياخشى كۆرگەنلەردىنمۇ2) بەك ياخشى كۆرىدۇ. كاشكى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ جازاسىنى (يەنى ئاللاھ ئاخىرەتتە كاپىر مۇشرىكلارغا بېرىدىغان جازانى3) كۆرگەن بولسا ئىدى، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ جازاسىنىڭ بەكمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى. [1.2.3.زاد المسير]

إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ

166. ئۇ چاغدا ئەگەشتۈرگۈچىلەر (باشلىق، باشلامچى ۋە رەئىسلەر1) ئەگەشكۈچىلەردىن ئۇزاقلىشىدۇ\ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئۇلار جازانى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارچە مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. [1.زاد المسير]

وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كذَلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ

167. ئەگەشكۈچىلەر «كاشكى دۇنياغا قايتالىغان بولساق1، (ئاخىرەتتە2) ئۇلار بىزدىن ئادا جۇدا بولغاندەك، بىزمۇ ئۇلاردىن (باشچىلىرىمىزدىن3) ئادا-جۇدا بولغان بولاتتۇق» دېيىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىنى پۇشايمانلىق مەنبەسى سۈپىتىدە مانا مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ. ئۇلار دوزاختىن چىقالمايدۇ. [1.2.3.زاد المسير]

يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ

168. ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار. (ئاللاھنىڭ ھالال قىلغانلىرى ھارام قىلىش، ھارام قىلغانلىرىنى ھالال قىلىش ئارقىلىق1) شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. ھەقىقەت شۇكى، شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر.[1.زاد المسير]

إِنَّمَا يَأْمُرُكُم بِالسُّوءِ وَالْفَحْشَاءِ وَأَن تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ

169. شەيتان سىلەرنى گۇناھلىق ناچار ئىشلارغا1، زىناغا2 ھاياسىزلىققا ۋە ئاللاھ توغرىسىدا بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىشىڭلارغا كۈشكۈرتىدۇ. [1.2. زاد المسير]

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۗ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ

170. ئۇلارغا «ئاللاھ نازىل قىلغانغا (ئىسلام شەرىئىتىگە، ئۇنىڭ ھالال-ھاراملىرىغا1) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، «ياق، بىز ئاتا-بوۋىمىز قويۇپ كەتكەن يولغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن، توغرا يولنى تاپالمىغان تۇرسا (يەنە ئاتا-بوۋىسىغا ئەگىشەمدۇ؟2) [1.2. زاد المسير]

ئىمام ئابدۇراھمان تفسير السعدي: ھەقنى تېپىشنى نىشانلاپ، ھەق بىلەن باتىل ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ باققان كىشى — ئەگەر ئىنساپ بويىچە ئىش كۆرگەن تەقدىردە — مۇتلەق رەۋىشتە ھەقنى تاپىدۇ ۋە ھەقكە ئەگىشىدۇ. [تفسير السعدي، مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرى]

وَمَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا كَمَثَلِ الَّذِي يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَاءً وَنِدَاءً ۚ صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ

171. كاپىرلارنىڭ (ئۆزلىرىنى ئىمانغا چاقىرغۇچى دەۋەتچىنىڭ قارشىسىدىكى1)  ئەھۋالى، پادىچىنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ، نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر2. ئۇلار گاستۇر (چۈنكى ئاڭلىغان ھەقنى قوبۇل ئەتمەسلىكتە ئاڭلىمايدىغان گاسقا ئوخشاشتۇر3)، گاچىدۇر ۋە كوردۇر (ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ4). بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ساغلام ئەقىلگە ئىگە ئەمەستۇر5. [1.2.4.5.تفسير السعدي 3.زاد المسير]

تەپسىرىگە تفسير السعدي 186- بەتتىكى توغرا بەلگىسى قويۇلغان ئابزاس قوشۇلىدۇ.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ

172. ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار. ئەگەر سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار.

إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةَ وَالدَّمَ وَلَحْمَ الْخِنزِيرِ وَمَا أُهِلَّ بِهِ لِغَيْرِ اللَّهِ ۖ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

173. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا ئاتاپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى ھارام قىلدى. كىم ئامالسىز قېلىپ (بۇلارنى يېمىگەن تەقدىردە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ1)، ئارزۇلىمىغان، ھەددىدىن ئاشمىغان (يەنى ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇپ يېمىگەن2، تويۇنۇپ يېمىگەن، يېيىشكە بولىدىغان ھالال تېپىلغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ ھاراملارنى يېيىشنى ئارزۇلىمىغان3، بۇلارنى ھالال سانىمىغان4) ھالەتتە بۇلاردىن يېسە، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. (تويغۇدەك يەۋېلىشى ھارام ئەمەس.5) شەكسىزكى ئاللاھ تولىمۇ مەغفىرەت قىلغۇچى، بەكمۇ مېھرىبان زاتتۇر. [1.2.3.4.5. زاد المسير] 

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دېگەن: بوغۇزلانغاندىن كېيىن گۆشنىڭ ئارىسىدا ۋە تومۇردا قالغان قان مۇباھتۇر. (زادۇم مەسىر)

إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَـٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

174. ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغانلارنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتقانلار، شەكسىزكى، قارنىغا دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا شىددەتلىك جازا باردۇر.

قۇرتۇبى: «ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ» — بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ كاپىرلارغا سۆز قىلمايدىغانلىقىغا ۋە ئۇلارنى ھېسابقا تارتمايدىغانلىقىغا (ئۇدۇللا دوزاخقا تاشلايدىغانلىقىغا) دەلىلدۇر.

أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ

175. مۇشۇنداق قىلغۇچىلار ھىدايەتنى سېتىش بەدىلىگە ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالغان، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنىڭ ئورنىغا، ئاللاھنىڭ ئازابىنى سېتىۋالغانلاردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق!

ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ نَزَّلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِي الْكِتَابِ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ

176. ئاللاھنىڭ ئۇلارنى دوزاختا قاتتىق جازالىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ قۇرئاننى1 ھەق ئاساسىدا نازىل قىلدى، قۇرئان توغرۇلۇق (بەزى كاپىرلار «قۇرئان توقۇۋېلىنغان شېئىردۇر» دەپ، بەزى كاپىرلار «قۇرئاننى مۇھەممەدكە باشقا بىر ئىنساننى ئۆگىتىدۇ» دەپ تۆھمەت بىلەن)  ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلار ھىدايەتتىن ئۇزاقتۇر2، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىك ئىچىدىدۇر3. [1.2.3.زاد المسير]

***

لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَـئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ

177. (ئى يەھۇدىلار! سىلەرنىڭ-ز) يۈزۈڭلارنى شەرقققە قارىتىپ، (ئى خىرىستىيانلار! سىلەرنىڭ بولسا يۈزۈڭلارنى2) غەربكە قارىتىپ (ناماز ئوقۇپ3) قويۇشۇڭلار ياخشىلىق ھېسابلانمايدۇ4. ھالبۇكى، ئاللاھقا، قىيامەت كۈنىگە، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، قۇرئانغا5 ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتقان؛ پۇل-مالنى ياخشى كۆرۈشىگە قارىماستىن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولدا قالغان كىشىگە6، تىلەمچىلەرگە ۋە قۇل ئازاد قىلىشقا7 پۇل-مال سەرپ قىلغان؛ نامازلارنى كامىل ئادا قىلغان، زاكات بەرگەن، ۋەدە-توختامغا رىئايە قىلغان؛ نامراتلىققا، كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا سەبر قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقى — ھەقىقىي ياخشىلىقتۇر (— ئىمان دېگەن، تەقۋالىق دېگەن مانا بۇدۇر8. بۇ ئەمەللەر كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەردۇر.9) مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلار ئىمانىدا راستچىللاردۇر (يەنى ئىماننى تىلىدا سۆزلەپ، ئۇنىڭ تەقەززاسىنى ئەمەللىرىدە كۆرسەتكۈچىلەدۇر.10) مانا بۇلار تەقۋالىق يولىدا بولغۇچىلاردۇر.  [1.2.3.4.5.6.7.8.9.10.زاد المسير]

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى ۖ الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنثَى بِالْأُنثَىٰ ۚ فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ۗ ذَٰلِكَ تَخْفِيفٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ ۗ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ

178. ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئۆلتۈرۈلگەن كىشى ئۈچۈن قىساس ھۆكمىنى ئورۇنداش پەرز قىلىندى1. ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال، چىشقا چىش. قىساس ئېلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان مۇسۇلماندىن كىمكى قىساس ئېلىنىشى شەرئەن دۇرۇس ھېسابلانغان مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قېنىدىن كەچسە (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق قىساس ئېلىش ھەققىدىن كەچسە2)، (ئۆلتۈرۈلگەن تەرەپنىڭ ئېگىسى) ئۆرپ-ئادەتكە ئەمەل قىلىشى3 (يەنى: تۆلەمنى قاتتىقلىق بىلەن، زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن تەلەپ قىلماستىن، تەمكىن-چوڭ سۈپەت ھالدا تەلەپ قىلىشى4)، جازا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئېگىسىگە تۆلەمنى گۈزەل شەكىلدە تۆلىشى (يەنى پىخسىقلىق قىلىپ، تۆلەمنى كېچىكتۈرمەسلىكى5) كېرەك. بۇ ھۆكۈم رەببىڭلارنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئاسانچىلىقى ۋە رەھمىتىدۇر. مەسىلە مۇشۇ شەكىلدە ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، كىمكى (تۆلەمنى ئېلىپ بولۇپ، ئارقىدىن ئۆلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق6) ھەددىدىن ئاشسا، قاتتىق جازاغا دۇچار بولىدۇ. (يەنى ئۆلتۈرلىدۇ ۋە تۆلەم تۆلەنمەيدۇ.7) [1.2.3.4.5.6.7.زاد المسير]

قىساس — بىر ئىشقا ئۇنىڭ ئوخشىشى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتۇر.-زاد المسير

ئۆلتۈرۈگەن تەرەپنىڭ ئېگىسى خالىسا ئۆلتۈرگۈچى تەرەپنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۈچۈن پۇل-مال تەلەپ قىلىشتا ئىختىيارلىققا ئىگە.-زاد المسير

وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

179. ئى ئاقىللار! قىساستا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قىساس ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشتا) سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق باردۇر؛ ئۈمىدكى، (قىساس ھۆكمى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ناھەق قان تۆكۈشتىن1) ساقلىنىپ قالغايسىلەر. [1.زاد المسير]

«قىساستا ھاياتلىق باردۇر» — كىشى باشقا بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، بىراۋنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ھەم ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشى ئۈچۈن، ھەم ئۆزى ئۈچۈن ھاياتلىقتۇر. چۈنكى، ئۇ قىساس ھۆكمى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەندۇر.1

«قىساس ھۆكمى ئومۇمغا ئورتاق ھۆكۈم تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خىتاپ پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىگە قىلىنىدۇ؟» دەپ سورالسا، جاۋاب شۇكى: ئاللاھنىڭ بۇ خىتابىدىن مەنپەئەتلىنىدىغانلار ئەقىل ئىگىسى ئاقىللاردۇر. چۈنكى، ئەقىل ئىگىسى بولغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، چەكلىمىسىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ.2 قىساس پەقەت قىلىچ بىلەن بولىدۇ.3 [1.2.3. زاد المسير]

كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِن تَرَكَ خَيْرًا الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ

180. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەردىن بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگىنىدە، ئەگەر ئۇنىڭدىن قېلىپ قالىدىغان مال-دۇنيا بولسا، (ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى \ ئۆلۈم كېلىشنى كۈتۈپ ئولتۇرماي1) ئاتا-ئانىسىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ھەقسىزلىكتىن ئۇزاق ھالدا، ھەقكە ئۇيغۇن شەكىلدە2 ۋەسىيەت قىلىش تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرز قىلىنىپ بەلگىلەندى.3 [1.2.3.زاد المسير]

يەنى «مەن ئۆلسەم پالانچىغا مانچىلىك مىراس ئايرىلسۇن» دەپ بەلگىلىشىدۇر.1 ۋەسىيەت قىلىش پەرز ئىدى. كېيىن بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى مىراس ئايىتى بىلەن  (سۈرە نىسانىڭ 7-ئايىتى بىلەن) ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.2 [1.2. زاد المسير]

فَمَن بَدَّلَهُ بَعْدَ مَا سَمِعَهُ فَإِنَّمَا إِثْمُهُ عَلَى الَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

181. كىم ۋەسىيەت ئىگىسىنىڭ ۋەسىيەت ئەمرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋەتسە، بۇنىڭ گۇناھى ۋەسىيەت ئەمرىنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىگە بولىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ (ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنى ئېيتقانلىرىنى1) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ قىلىنغان ۋەسىيەتنى ئىگىلىرىگە ھەق ئاساستا يەتكۈزگەن يەتكۈزمىگەنلىكىنى2) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1.2.زاد المسير]

فَمَنْ خَافَ مِن مُّوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

182. كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ناھەق ۋەسىيەت قىلىشىدىن ياكى قەستەنلىك بىلەن ھەقسىز ۋەسىيەت قىلىشىدىن ئەنسىرىسە، ۋەسىيەت قىلغۇچىنى توغرىغا يېتەكلىسە، بۇنداق قىلىشىدا ھېچبىر گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ غەفۇردۇر، رەھىمدۇر.1 [1.زاد المسير]

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ

183. ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغاندەك،  تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى.

روزا — شەرىئەتتە، يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى تارتىشتۇر.1 [1.زاد المسير]

2|184|أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ ۚ وَأَن تَصُومُوا خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

184. رامزان روزىسى ساناقلىق كۈنلەردۇر. (رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش سىلەرگە پەرز قىلىندى1.) (ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەردىن كىم رامزان كۈنلىرىدە كېسەل بولۇپ ياكى سەپەردە بولۇپ روزا تۇتالماي قالسا-ز، تۇتالماي قالغان رامزان روزىلىرىنى رامزاندىن باشقا ئايدا تولۇقلاپ تۇتسۇن. روزا تۇتۇش كۈچىگە ئىگە بولمىغانلار ھەر كۈنلۈك تۇتالمىغان روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق سەدىقە قىلسۇن. كىمكى ئۆزى خالاپ قىلىشى پەرز بولمىغان بىر ياخشىلىقنى قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. (ئى مۇسۇلمانلار!) بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. [1.زاد المسير]

زاد المسير: روزا تۇتۇش ئاغرىق كىشىگە زەرەر كەلتۈرمىسە، بۇنداق كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس ئەمەس. بۇ ئايەتتىكى رۇخسەت پەقەتلا روزا تۇتۇش ئارقىلىق كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىدىغان كىشى ئۈچۈندۇر.

شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

185. روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر رامزان ئېيى بولۇپ1، قۇرئان بۇ ئايدا (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە2) نازىل قىلىنىشقا باشلىدى3. قۇرئان ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەتتۇر، فۇرقاننىڭ باياناتىدۇر. سىلەردىن كىمكى بۇ ئايغا (يولۇچى-مۇساپىرلىق ھالىتىدە ئەمەس، مۇقىم ھالەتتە4) ئۇلاشسا روزا تۇتسۇن. كىمكى بۇ ئاي ئىچىدە كېسەل بولۇپ قېلىپ، ياكى سەپەردە بولۇپ قېلىپ روزا تۇتالماي قالسا، باشقا ئايلاردا تۇتالماي قالغان رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ — يەنى سەپەردە بولساڭلار روزا تۇتماسلىقىڭلارغا رۇخسەت قىلىدۇ، تەسلىكنى (سەپەردە روزا تۇتۇش سەۋەبلىك قىينىلىپ قېلىشىڭلارنى5) خالىمايدۇ. (رامزان ئېيىنىڭ بەزى كۈنلىرى روزا تۇتۇپ قويۇش يەتمەيدۇ، تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز. بۇ ئاسانچىلىق سىلەرنى بۇ ئاينىڭ ماڭا قولاي بولغان كۈنلىرىدە روزا تۇتسام، قىيىنچىلىق بولغانلىرىدا تۇتمىسام ۋە كېيىن تولۇقلىمىسام بولىدىكەن، دېگەن خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويمىسۇن.6) ساناقلىق كۈنلەرنى — يەنى رامزان ئېيىدىكى 29 كۈنلۈك، ياكى 30 كۈنلۈك پەرز روزىنى تولۇق تاماملىغايسىلەر، (رامزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن7)، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن (تاكى روزا ھېيت نامىزىدا ئىمام خۇتبىگە چىققانغان قەدەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ8) تەكبىر ئېيتقايسىلەر9. [1.2.3.4.5.7.8.9. زاد المسير]

زاد المسير: بەشىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن — سەپەردە روزا تۇتۇش بىلەن روزا تۇتماسلىقتىن قايسى ساڭا ئاسان بولسا، ساڭا ئاسان بولغىنىنى قىلغىن.

زاد المسير: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: شەۋۋال ئېينىڭ ھىلالىنى كۆرگەندىن باشلاپ تاكى روزا ھېيىت بايرىمى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەكبىر ئېيتىش ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.—زاد المسير

رامزان ھېيىت ئاخشىمى، قۇربان ھېيت ئاخشىمى ۋە ئىككى ھېيت نامىزى ئۈچۈن نامازگاھقا چىققاندا تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر.— زاد المسير

وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ

186. (مۇسۇلمان بولغان چۆل ئەرەپلىرىدىن بىرى رەسۇلۇللاھقا كېلىپ «رەببىمىز بىزگە يېقىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭغا پىسىلداپ دۇئا قىلاي. ياكى رەببىمىز بىزدىن يىراقتىمۇ؟ ئەگەر يىراق بولسا، يۇقىرى ئاۋازدا دۇئا قىلاي» دېۋىدى، مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1)

ئەگەر بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (بىلسۇنكى) مەن يېقىنمەن. دۇئا قىلغۇچى ماڭا دۇئا قىلسا، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. شۇڭىلاشقا، بەندىلىلىرىم مېنىڭ چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا ئىمان ئېيتسۇن، ئۈمىدكى توغرا يولغا — ئىمان ۋە سالىھ ئەمەلگە2 ئۇلاشقاي. [1.زاد المسير، تفسير السعدي  2.تفسير السعدي]

أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَائِكُمْ ۚ هُنَّ لِبَاسٌ لَّكُمْ وَأَنتُمْ لِبَاسٌ لَّهُنَّ ۗ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَخْتَانُونَ أَنفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنكُمْ ۖ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ ۚ وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان دەسلەپكى دەۋرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن كېچىلەپ يەپ-ئىچىشى ۋە جىما قىلىشى ھارام ئىدى. بۇ ھال مۇسۇلمانلاردىن بەزىلىرىگە قىيىن كېلىپ قالدى. نەتىجىدە، ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى يېنىكلىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن كېچە مابەينىدە ئۇخلىغان بولسۇن، بولمىسۇن يەپ-ئىچىشىنى ۋە جىما قىلىشىنى ھالال قىلدى ۋە تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى.— تفسير السعدي)

187. رامزان كېچىسى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىڭلار سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن لىباستۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن لىباسسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتا ئىشنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلدى ۋە سىلەرنى كەچۈرۈۋەتتى. ئەمدىدىن باشلاپ رامزان كېچىلىرى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلساڭلار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەقدىر قىلغىنىنى (يەنى قەدىر كېچىسىنى1) تەلەپ قىلىڭلار. (يەنى ئاياللىرىڭلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، قەدىر كېچىسىنى قاچۇرۇپ قويۇشۇڭلار ئورۇنلۇق ئەمەس.2) (سوھۇرلۇقۇڭلارنى) سۈبھىنىڭ ئاق يىپى قارا ييىپىدىن ئايرىلغۇدەك بولغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار. ئاندىن (روزىنى بۇزىدىغان جىما، يەپ-ئىچىش قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرغان ھالدا3) روزىنى كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار. ئەگەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپقا كىرگەن بولساڭلار، ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. (ئېتىكاپقا كىرگەن كىشىنىڭ ئېتىكاپ ھالىتىدە كېچىدە بولسىمۇ جىما قىلىشى توغرا ئەمەس.4) بۇلار (يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار — روزىدار ھالەتتە يەپ-ئىچىش، جىما قىلىش ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنىڭ ھارام قىلىنىشى، شەرئىي ئۆزرىسى يوق كىشىلەرنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ ھارام قىلىنىشى، شۇنداقلا ئېتىكاپقا كىرگەن كىشىنىڭ جىما قىلىشىنىڭ ھارام قىلىنىشى5) ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە يېقىنلاشقۇچى بولماڭلار. كىشىلەرنىڭ ئازابقا قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىدۇ. [1.زاد المسير، تفسير السعدي 2.3.4.5.تفسير السعدي]

زاد المسير: ئىتىكاپ قىلىش مۇستەھەپ ئەمەلدۇر. لېكىن، كىشى ئېتىپاك قىلىشنى ئۆزىگە نەزىر قىلسا \ مەجبۇرىيەت قىلىپ يۈكلىسە، ئۇ ھالدا پەرز بولىدۇ. — زادۇ مەسىير. ئېتىكاپ پەقەتلا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇلىدىغان مەسجىدلەردە قىلىنىدۇ. — زاد المسير، تفسير السعدي

***

وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِّنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

188. بىر-بىرىڭلارنىڭ مېلىنى-س ھەقسىز رەۋىشتە يەۋالماڭلار. ئىنسانلارنىڭ مېلىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھلىق يوللار ئارقىلىق يەۋىلىش ئۈچۈن ھوقۇقدارلارغا پارا بەرمەڭلار.1 [1.زاد المسير]

2|189|يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ ۗ وَلَيْسَ الْبِرُّ بِأَن تَأْتُوا الْبُيُوتَ مِن ظُهُورِهَا وَلَـٰكِنَّ الْبِرَّ مَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ أَبْوَابِهَا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

(رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر نەچچەيلەن رەسۇلۇللاھتىن «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاي نېمىشقا باشتا ھىلال ئاي شەكىلىدە ئىنچىكە بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئاندىن چوڭىيىپ، ئاقىۋەتتە يۇمىلاق ھالەتكە كېلىدۇ. ئارقىدىن يەنە كىچىكلەپ، ئىنچىكىلەپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ؟ بۇنىڭ ھېكمىتى نېمە؟» دەپ سورىۋىدى مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى.—زاد المسير)

189. سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ؟ (بۇ ھەقتە سورىغانلارغا جاۋابەن) ئېيتقىنكى:«ئاي ئىنسانلارنىڭ (روزا، زاكات، ھامىلدارلىق، ئىىدەت ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا1) ۋاقىتلارنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر. (يەنى ئاللاھ ئاينى مۇشۇ سەۋەبلىك ۋە مۇشۇنداق ئۆزگىرىدىغان قىلىپ ياراتقان2،) شۇنداقلا، شۇنداقلا ھەجنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۈچۈندۇر.»

ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن ئەمەس، ئارقىسى تەرەپتىن كىرىش ياخشىلىق ھېسابلانمايدۇ. (بەزى ئەنسارلار ۋە مۇشرىك ئەرەپلەر ھەجگە ئىھرام باغلىغان ھالەتتىكى پەيتلەردە ئۆيىگە كىرمەكچى بولسا ئۆينىڭ ئىشىكىدىن ئەمەس، ئارقا تەرىپىدىن كىرەتتى ۋە بۇنداق قىلىشنى ئىبادەت، ياخشىلىق ھېسابلايتتى. ئاللاھ بۇنى رەت قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى3) ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىش ياخشىلىق ئەمەس. ھالبۇكى، ياخشىلىق تەقۋادار كىشىنىڭ ياخشىلىقىدۇر. ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، نىجاتلىققا ئېرىشكەيسىلەر. [1.2.تفسير السعدي 3.زاد المسير، تفسير السعدي]

زاد المسير: ھىلال ئاي ئاينىڭ ئورغاقسىمان ھالەتتە ئاي بېشىدا كۆرۈنگەن چاغدىكى دەسلەپكى ئىككى ياكى ئۈچ كېچىدىكى ئورغاق سىمان ھالىتىنى ئەرەپلەر ھىلال دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاي دەپ ئاتايدۇ.

***

وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ

190. سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇش قىلغانلارغا (ۋەياكى ئۇرۇشقا ھازىر بولغانلارغا1) قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، ئەمما ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار.(يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا سىلەر ئالدىن بىلەن ئۇرۇش ئاچماڭلار، ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارغا زىيان سالالمىغان بولۇش شەرتى بىلەن قېرىلارنى2، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى، راھىپلارنى، ئەقلىدىن ئاداشقان كىشىلەرنى3 ھەمدە ھايۋانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار4. شۇنداقلا سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلگەنلەرنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، سىلەرنىڭ زىيان تارتىشىڭلارغا سەۋەب بولمىغانلىكى تەقدىردە، دۈشمەننىڭ دەل-دەرەخلىرىنى كەسمەڭلار. سىلەرگە تەسلىم بولۇپ جىزيە تۆلىمەكچى بولغان كاپىرلارغا جىزيەنى قوبۇل قىلماي، ئۇرۇش ئاچىدىغان ئىشنى قىلماڭلار5. شۇنداقلا ئاللاھ رازىلىقىدىن باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن — مەسىلەن، قەۋمىيەتچىلىك، شۆھرەتكە ئىگە بولۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇش ئارقىلىقمۇ ھەددىڭلاردىن ئاشقۇچى بولماڭلار6. ئەكسىچە، ئاللاھ يولىدا، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇڭلار.7). ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. [1.قۇرتۇبى، تفسير السعدي 2.6.7.قۇرتۇبى 3.زاد المسير، قۇرتۇبى 4.5. تفسير السعدي]

قۇرتۇبى: ئۇرۇشقا قاتناشقا دۈشمەن ئايالنىڭ مەيلى ئۇرۇش جەريانىدا، مەيلى ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆلتۈرۈلۈشى رۇخسەت. ئۇرۇشقا مالىيىۋى ياردەمدە بولۇش، ئەرلەرنى ئۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى روھلاندۇرۇش تىپىدىكى ئاياللارمۇ مۇشۇ ھۆكۈمدە.-ق ئەگەر بۇنداق ئاياللار ئەسىر ئېلىنسا، ئۆلتۈرگەندىن كۆرە قۇل قىلىش تېخىمۇ ئەۋزەل.-ق ئوخشاشلا، بالا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشسا ئۆلتۈرۈلۈشى رۇخسەت.

مۇشۇ ئايەت تەپسىرىدە (902-بەتتە) باتىل ئېتىقادتىكىلەر ھەققىدە قۇرتۇبىنىڭ مۇھىم سۆزلىرى مەۋجۇت.

وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُم مِّنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِندَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّى يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِن قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ

191. كاپىرلارنى نەدە قولغا چۈشۈرسەڭلار ئۆلتۈرۈڭلار. سىلەرنى قوغلاپ چىقارغان يەردىن (يەنى مەككىدىن1) سىلەرمۇ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھ باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارغا كۆپ ئەزىيەت بېرىپ، ئاقىۋەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىپ كېتىشىگە مەجبۇر قىلغان ئىدى.2) پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ياماندۇر. (يەنى، كاپىرلارنىڭ سىلەرگە زورلىغان ۋە شۇ ئارقىلىق كۇپرىغا مېڭىشڭلارنى ئارزۇلىغان پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىمۇ بەتەردۇر.3 كاپىرلارنىڭ ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ھەرەمدە ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىنمۇ ياماندۇر.4 مۆمىن ئۈچۈن ئىمان ئۈسىتىدە ئۆلتۈرۈلۈش، كاپىر-مۇرتەد بولۇپ كېتىشتىن ياخشىدۇر.5) كاپىرلار مەسجىدى ھەرەمدە سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلمىغۇچىلىك ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر، ئۇلار مەسجىدى ھەرەمدە سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىپ قالسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداقتۇر. [1.3.5.قۇرتۇبى 2.4.زاد المسير]

فَإِنِ انتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

192. ئەگەر كاپىرلار ئۇرۇشنى توختاتسا (ۋە شىرىكتىن، كۇفۇردىن يېنىپ، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولسا1)، شەكسىزكى ئاللاھ (بۇنداقلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى بارچە گۇناھلىرىنى2) مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [1.زاد المسير، قۇرتۇبى 2.قۇرتۇبى]

وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ انتَهَوْا فَلَا عُدْوَانَ إِلَّا عَلَى الظَّالِمِينَ

193. (ئى مۆمىنلەر!) شىرىك يوقۇلۇپ1، دىن ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغانغا قەدەر (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلام ھاكىم بولغانغا قەدەر) كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر كاپىرلار (شىرىكتىن، كۇفۇردىن يېنىپ، ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش2، ياكى يەھۇدى-خىرىستىيان بولغان تەقدىردە مۇسۇلمانلارغا جىزيە تۆلەش ئارقىلىق خار ھالەتتە تەسلىم بولۇش ئارقىلىق3) ئۇرۇشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ ھالدا زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك يوقتۇر. [1.زاد المسير، تفسير السعدي 2.زاد المسير، قۇرتۇبى 3.قۇرتۇبى]

الشَّهْرُ الْحَرَامُ بِالشَّهْرِ الْحَرَامِ وَالْحُرُمَاتُ قِصَاصٌ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ فَاعْتَدُوا عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا اعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ

(كاپىرلار رەسۇلۇللاھتىن «ئى مۇھەممەد! ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش ساڭا ھارام قىلىندىمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، كاپىرلار ھارام ئېيىدا رەسۇلۇللاھقا ئۇرۇش ئاچماقچى بولۇشتى. نەتىجىدە مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى:—زاد المسير، قۇرتۇبى)

194. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا كاپىرلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچماقچى بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىڭلار2. كىم شەرىئەتتە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك بولغان خۇسۇسلاردا ھەددىدىن ئاشسا، بۇنداق كىشى قىلمىشىغا ماس ھالدا جازالىنىدۇ3. بۇ ۋەجىدىن، كىم سىلەرگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇلارغا قارشى ئۇلارنىڭ ئوخشىشى بىلەن ھۇجۇم قىلىڭلار. (ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىرىلىگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق4) ئاللاھقا تەقۋادار قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ تەقۋادارلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىدە شەك يوقتۇر. [1.2.زاد المسير، قۇرتۇبى 3.4.تفسير السعدي]

وَأَنفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوا ۛ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

195. (ئاللاھ يولىدىكى جىھاد باشچىلىقىدىكى ياخشى ئىشلار ئۈچۈن1) ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىڭلار. (ئاللاھ يولىدىكى جىھادنى ۋە بۇ يولغان پۇل-مال سەرپ قىلىشنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق2، مال-دۇنيانىڭ كەينىدىن يۈگۈرىمەن دەپ جىھادنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق، شۇنداقلا بەدىنىڭلارغا ياكى ئەقىڭلارغا زىيانلىق ئىشلاردىن ۋە نەرسىلەردىن ئۇزاق تۇرماسلىق ئارقىلىق3، ئاجىز، نامرات كىشىلەرگە سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق-ق، شۇنداقلا «مېنىڭ تاغدەك گۇناھلىرىم بار، نېمە قىلسام بىكار» دەپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ھەققە قايتىشنىڭ ئورنىغا گۇناھقا تېخىمۇ بەك چۆكۈش ئارقىلىق4) ئۆزۈڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ھالاكەتكە تاشلىماڭلار5. (چۈنكى، دۈشمەنگە قارشى جىھادقا چىقىشتىن ۋە جىھاد ئۈچۈن پۇل-مال سەرپ قىلىشتىن ئۇزاق قالساڭلار، دۈشمەنگە يېڭىلىسىلەر ۋە ھالاك بولىسىلەر.6) ئاللاھقا گۈزەل رەۋشتە قۇلچىلىق قىلىڭلار7. ئاللاھ ئۆزىگە يارايدىغان ئەمەللەرنى قىلىغۇچى مۇھسىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ. [1.تفسير السعدي 2.قۇرتۇبى، تفسير السعدي 3.7.تفسير السعدي 4.قۇرتۇبى 5.تەپسىر مۇيەسسەر 6.قۇرتۇبى]

بۇ ئايەتتىكى جىھاد — ئاللاھ يولىدىكى جىھادتۇر. شۇنداقلا جىھادنىڭ پۈتكۈل تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [تەپسىر قۇرتۇبى]

وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّى يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِّن رَّأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ

196. ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلىڭلار. (بەيتۇللاھنى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى باشلىغىنىڭلاردا، ئۇنى يېرىم يولدا توختىپ قويماستىن، ئايىقىغا چىقىرىپ تاماملاڭلار.1) ئەگەر ھەج ياكى ئۆمرىنى باشلاپ، (كېسەللىك ياكى دۈشمەن سەۋەبلىك2) ھەج ياكى ئۆمرىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغان قۇربانلىقنى ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىڭلار. قۇربانلىقىڭلار ئادا قىلىنغانغا قەدەر بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم (چاچ چۈشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان) كېسەل بولسا ياكى بېشىدا راھەتسىزلىك بولسا، بۇنداق كىشى روزا تۇتۇش، سەدىقە قىلىش ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىدىيە بەرسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. [1.2.زاد المسير]

ھەج — لۇغەتتە بىر يەرگە بېرىشنى نىشانلاشتۇر.(زاد المسير) 

الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ ۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَى ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ

197. ھەج مۇئەييەن ئايلار (شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججە ئېينىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى1) ئىچىدىدۇر. كىم بۇ ئايلار ئىچىدە ئۆزىگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلسا (يەنى ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرامغا كىرسە2)، ھەج جەريانىدا ھالال جۈپتلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن3، تۈرلۈك گۇناھلارغا يېقىن يولىمىسۇن4، باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشمىسۇن5، جاڭجاللىشىپ جېدەل چىقارمىسۇن6. (چۈنكى مۇنازىرە ئاچچىقلىنىشقا ۋە ھەجگە ياراشمايدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ7). قانداقلا بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. (يەمەن خەلقى ھەجگە ماڭغاندا «بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز» دېيىشىپ، ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالمايتى، ئاقىۋەتتە مەككىدە كىشىلەردىن ئوزۇق تۈلۈك تىلەيتى8، ھەتتا ئىش كىشىلەرنىڭ پۇل-مال، ئۇزۇق-تۈلىكىنى بۇلاشقىچە باراتتى9. شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى10.) (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار. ئوزۇقنىڭ ئەڭ نوچىسى تەقۋالىق ئوزۇقىدۇر. (يەنى كىشىلەردىن تىلەشتىن، ھەتتا كىشىلەرنى بۇلاشتىن ساقلىنىشتۇر11) (دۇنيادا بولسۇن، ئاخىرەتتە بولسۇن ئېگىسىگە داۋاملىق رەۋىشتە پايدىلىق بولغان ھەقىقىي ئوزۇق — ئاخرەت يۇرتىنىڭ ئوزۇقى بولغان تەقۋالىق ئوزۇقىدۇر12.) ئى ئەقىل ئىگىلىرى، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [1.2.4.5.7.8. زاد المسير 3.زاد المسير، تفسير السعدي 6.تفسير السعدي 9.تەپسىر بەغەۋى 10.تەپسىر بەغەۋى، زاد المسير 11.تەپسىر بەغەۋى 12.تفسير السعدي]

تفسير السعدي: ئاللاھقا تەقۋادارلىقنى ئەقلى كامىل كىشىلەرگە ئەمىر قىلدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ئەقىلنىڭ ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولغان ئەڭ چوڭ ئەمىردۇر. تەقۋالىقنى تەرك ئېتىش بىلىمسىز-جاھىللىقنىڭ، تايىنى يوق خاتا قانائەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِندَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ

198. (مەيلى ھەج مەزگىلىدە بولسۇن، مەيلى باشقا چاغلاردا بولسۇن1) رەببىڭلارنىڭ رىزقىنى ئىزدىشىڭلاردا2 (يەنى ھەر قانداق تۈردىكى ھالال سودا-تىجارەت قىلىشىڭلاردا3) سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر. ئارافاتتىن كىشىلەر بىلەن قايتقىنىڭلاردا مۇزدەلىفىدە4 ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ھىدايەتتىن (ئىسلامدىن5) ئىلگىرى ھەقتىن ئۇزاق، ئازغۇنلۇق ئىچىدىكى كىشىلەر ئىدىڭلار. [1.تفسير السعدي 2.3.5.زاد المسير 4.زاد المسير، تفسير السعدي]

تفسير السعدي: ئارافات ھەرەم رايونىنىڭ تېىشىدا، مۇزدەلىفە ھەرەم رايونىنىڭ ئىچىدە.

ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

199. ئاندىن، كىشىلەر قايتقان جايدىن (يەنى مۇزدەلىفىدىن1) قايتىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ غەفۇردۇر — بەندىسىنى رەھمىتى بىلەن ياپقۇچى، بەندىسىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقۇچى، بەندىلىرىنى كۆپلەپ ئەپۇ قىلغۇچى زاتتۇر2؛ رەھىمدۇر. [1.تفسير السعدي 2.زاد المسير]

فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ

200. (ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەج «ئىبادىتى»نى تاماملىغىنىدا مىنادا تۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلماي، پەقەتلا ئاتا-بوۋىسىنى زىكىر قىلاتتى، ئۆزىگە مال-دۇنيا بېرىلىشىنى ئاللاھتىن سورايتتى. شۇنداقلا، كىشىلەر توپلىنىپ ئاتا بوۋىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ۋە نام شەرىپىنى بايان قىلىشاتتى. ئاتا-بوۋىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشاتتى، ئەمما ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئۇنتاتتى. بۇ ئايەت مۇشۇ ھەقتە نازىل بولدى1) ھەج ئىبادىتىڭلارنى تاماملىغىنىڭلاردا ئاللاھنى ئاتا-بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياد ئېتىپ زىكىر قىلىڭلار، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىكىر قىلىپ ياد ئېتىڭلار. (ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەج «ئىبادىتى»نى تاماملىغىنىدا مىنادا تۇرۇپ «ئى ئاللاھ! مېنىڭ دادامنىڭ قازان-چىنىلىرى چوڭ، پۇل-مېلى كۆپ كىشى ئىدى. ماڭىمۇ دادامغا بەرگەندەك پۇل-مال بەر» دەيتتى2) بەزى كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار3) «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا (تۆگىلەردىن، قويلاردىن، كالىلاردىن ۋە قۇللاردىن كۆپلەپ4 بەرگىن» دېيىشىدۇ. (نىيىتى پەقەتلا دۇنيا مەنپەئەتى بولغانلىقى5، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈپ، پۈتۈن غەيرىتىنى دۇنياغا سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن6) بۇنداقلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. [1.2.4.زاد المسير 3.5.تەپسىر بەغەۋى 6.تفسير السعدي]

وَمِنْهُم مَّن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ

201. يەنە بەزى كىشىلەر (يەنى مۆمىنلەر1) بولسا (ھەر ئىككى دۇنيادا نېمەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىدە2) «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن (يەنى بىزگە قەبرىدە، قىيامەت كۈنىدىكى مەشھەرگاھ مەيدانىدا ئەمىنلىك بەرگىن3، بىزگە جەننىتىڭنى بەرگىن4)، بىزنى دوزاخنىڭ جازاسىدىن ساقلىغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ5. (ھەم دىنى، ھەم دۇنياسى جەھەتتىكى مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ.6) [1.بەغەۋى 2.3.5.6.تفسير السعدي 4.زاد المسير]

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىرلىگەن: دۇنيادا بېرىلىدىغان ياخشىلىق — ئىلىم ۋە ئىبادەت؛ ئاخرەتتە بېرىلىدىغان ياخشىلىق — جەننەتتۇر. [مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە: 15\53] 

تەپسىر بەغەۋى: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: دۇنيا نېمىتى سالىھە ئايال، ئاخىرەت نېمىتى جەننەتتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دۇنيانىڭ تامامى نېمەتتۇر. دۇنيا نېمىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى سالىھە ئايالدۇر.» (مۇسلىم 1467؛ بەغەۋى: شەرھۇس سۇننە 9\11)

ئەۋف رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كىمگە ئىسلام، قۇرئان ۋە سۈننەتكە يېپىشىش، ئائىلە ۋە مال ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بېرلگەن ھېسابلىنىدۇ.» (تەپسىر بەغەۋى: مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى، 1\326)

أُولَـئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِّمَّا كَسَبُوا ۚ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ

202. ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن نېسىۋىسى باردۇر.(يەنى مۆمىنلەر ھەجنىڭ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ۋە دۇئانىڭ ساۋابىغا نائىل بولىدۇ. كاپىرلار كۇفۇر ۋە شىرك كەلتۈرۈشىنىڭ، دۇنياغىلا كۆزىنى تىكىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى كۆرمەي، ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.1)  ئاللاھ (كۆزنى ئېچىپ يۇمغاندىنمۇ2) تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.(ئاللاھ قىيامەت كۈنى مۇسۇلمان بەندىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا ھېسابلاپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ يۈرمەستىن، ھەر بىر بەندىنىڭ ھېسابىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىدۇ.-ب،ز،ق) [1.قۇرتۇبى 2.بەغەۋى 3.بەغەۋى، زاد المسير، قۇرتۇبى]

وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ ۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

203. ساناقلىق كۈنلەردە (ھەج ئايلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قۇربان ھېيتنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنىدە-س، پەرز نامازدىن كېيىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ1) ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىم (بۇ كۈنلەردە) ئىككى كۈندە ئالدىرىسا (يەنى مىنادىن چىقىپ ئىككىنچى كۈنى كۈن پېتىشتىن ئاۋۋال مىنادىن ئايرىلسا2)، ئۇنىڭغا گۇناھ يوقتۇر. كىم كېيىن قالسا (يەنى ئۈچىنچى كېچىنىمۇ مىنادا ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئەتىسى شەيتانغا تاش ئاتسا3)، ئۇنىڭغا گۇناھ يوقتۇر. (مەيلى ئالدىرىغۇچىنىڭ، ياكى ئالدىرىمىغۇچىنىڭ ئوخشاشلا ھەجدىن ئىلگىرىكى گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.4)(كېچىكتۈرۈش ئالدىراشتىن ئەۋزەلدۇر5.) بۇ (يەنى مىنادا ئۈچ كۈن قېلىش6) تەقۋادار كىشى (يەنى پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرگۈچى7) ئۈچۈندۇر. (ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، چەكلىمىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق8) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، (قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر. [1.4.زاد المسير 2.3.5.6.7.8.تفسير السعدي]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تەشرىق كۈنلىرى يېيىش، ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرىدۇر.» (مۇسلىم: سىيام، 144؛ نەسائى: ئىمان، 7)

زاد المسير: ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: ئەگەر كىشى ئىھراملىق بولمىسا يىگىرمە ئۈچ ۋاخ نامازنىڭ ئارقىسىدىن تەكبىر ئېيتىدۇ. تەكبىر ئېيتىش ئارافات كۈنى بامدات نامىزىدىن باشلىنىپ، تەشرىق قۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر ئىھراملىق بولمىسا، ئون يەتتە ۋاخ نامازدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىدۇ. تەكبىرنىڭ باشلىنىشى قۇربان ھېيت كۈنىدىكى پېشىن نامىزىدىن باشلىنىدۇ، ئاخىرى تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئەسىر نامىزىدا ئاخىرلىشىدۇ.

***

وَمِنَ النَّاسِ مَن يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ

204. (ئاللاھ تائالا چىرايلىق-گۈزەل سۆزلەرنى دەيدىغان، ئەمما سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:1) بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتى ھەققىدىكى سۆزلىرى ساڭا ياقىدۇ. (سەن ئۇنى پايدىلىق گەپلەرنى دەۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن2. بۇنداق كىشى گۈزەل سۆزنى تىلىدا ئېيتىش بىلەنلا قالماي3) قەلبىدىكىگە ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىدۇ.(يەنى، ئۆزىنىڭ ئاللاھنى، رەسۇلىنى، ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى نەقەدەر سۆيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنىڭ نەقەدەر سەمىمىيلىكىگە ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىدۇ4. ھالبۇكى، بۇنداقلار مۇناپىقتۇر5. بۇ ئارقىلىق سۆزىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدۇ6. بۇ مۇناپىقلار ئىماننى تىلىدا سۆزلەپ قويۇپ، كۇفۇرنى قەلبىدە يوشۇرىدۇ.7) ھالبۇكى، ئۇ (ھەقكە ۋە ھەق ئەھلىگە) دۈشمەنلىكى ئەڭ يامان بولغان كىشىدۇر8. [1.2.3.6.تفسير السعدي 4. تەپسىر بەغەۋى 5.بەغەۋى، قۇرتۇبى 7.8.قۇرتۇبى]

وَإِذَا تَوَلَّى سَعَى فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ

205. قولىغا ھوقۇق چۈشكىنىدە1 (قىلغان ياخشى سۆزىنىڭ ئەكسىچە) يەر يۈزىدە پاسات چىقىرىشقا، (ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئازغۇنلۇقلار ئارقىلىق2) ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ۋەيران قىلىشقا ئاتلىنىدۇ3. (ئاياللار ۋە بالىلار ۋەيران قىلىنغاندا ئىنسانلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر4. ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرنىڭ كېلىشىگە ھەرىكەت قىلىدۇ5.) ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. [1.بەغەۋى، زاد المسير 2.زاد المسير 3.زاد المسير، قۇرتۇبى 4.5.قۇرتۇبى]

وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ

206. ئۇنىڭغا «ئاللاھتىن قورق» دېيىلسە، ئىززىتى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. (نەسىھەت قىلغان كىشىگە كىبىرلىنىپ، گۇناھتا تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ1.) (جازاسى ئۈچۈن2)ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك! [1.بەغەۋى، تفسير السعدي 2. قۇرتۇبى]

وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ

207. ئىنسانلار ئىچىدە يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى ساتىدۇ. (ئۆز جېنىنى، ھاياتىنى ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ئۈچۈن ئاتاپ، بۇ يولغا پىدا قىلىدۇ1.) ئاللاھ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە بەكمۇ شەپقەتلىك زاتتۇر. [1.قۇرتۇبى]

ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ئاقىۋەت غالىپ كەلگەن مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابىلەر ھەققىدە بۇ ئايەت نازىل بولغان. — زاد المسير، تەپسىر قۇرتۇبى

بۇ ئايەتنىڭ رەسۇلۇللاھ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ يولغا چىققان كېچىسى، رەسۇلۇللاھ ئۆز تۆشىكىدە ياتقۇزۇپ قويغان ھەرىزتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە نازىل بولغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. شۇنداقلا، جىھادتا دۈشمەنگە قارشى ئېتىلىپ تۇرىدىغان شىجائەتكار مۆمىنلەر ھەققىدە نازىل بولغانلىقىمۇ سۆزلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئومۇمى بولۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان، ئاللاھ يولدا شەھىد بولغان، ياكى بىر مۇنكەرنى ئۆزگەرتكەن ھەر قانداق كىشى بۇ ئايەتكە كىرىدۇ. —تەپسىر قۇرتۇبى

(تەۋبە سۈرىسى 11-ئايەت بۇ ئايەتنىڭ تەڭدىشىدۇر.)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ

208. ئى مۆمىنلەر! ئىسلامغا1 پۈتۈنلەي كىرىڭلار! (ئىسلامنىڭ بارچە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلىڭلار2، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرى كۆڭلۈڭلەرگە ياقسا ئەمەل قىلىپ، كۆڭلۈڭلەرگە ياقمايدىغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغۇچىلاردىن بولماڭلار.3) شەيتاننىڭ يوللىرىغا (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە ئىسيانكارلىققا ئېلىپ بارىدىغان يوللارغا4) ئەگەشمەڭلار. شەكسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارە دۈشمەندۇر. [1. زاد المسير، تەپسىر قۇرتۇبى 2. زاد المسير، تفسير السعدي 3. تفسير السعدي 4. زاد المسير]

فَإِن زَلَلْتُم مِّن بَعْدِ مَا جَاءَتْكُمُ الْبَيِّنَاتُ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

209. سىلەرگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (ھەقتىن ئۇزاقلىشىپ1) ئازغۇنلۇققا مايىل بولساڭلار (شىرك يولىغا\ مۇشرىكلارنىڭ يولىغا ماڭساڭلار2)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەزىزدۇر ، ھەكىيمدۇر. [1.قۇرتۇبى 2.بەغەۋى]

هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا أَن يَأْتِيَهُمُ اللَّهُ فِي ظُلَلٍ مِّنَ الْغَمَامِ وَالْمَلَائِكَةُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ

210. ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلار-س، ئىسلامغا كىرىشنى تەرك ئېتىپ، شەيتانغا ئەگەشكەنلەر-ب، قىيامەت كۈنى1) ئۆزلىرىگە (ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن2) ئاللاھنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بۇلۇتلار سايىسى ئىچىدە كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟3 (يەنى قىلىنغان ياخشى يامان ھەر ئىشقا ۋە بارچە ئىنسانغا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى كۈتەمدۇ؟4) ئۇ چاغدا بارچە ئىش تاماملىنىدۇ. (ئۇلۇغ ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسالارغا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم بېرىدۇ5) (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم بېرىشى ئۈچۈن6)  ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ. [1.زاد المسير 2.4. تفسير السعدي 3.5.6.تەپسىر بەغەۋى]

سَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَمْ آتَيْنَاهُم مِّنْ آيَةٍ بَيِّنَةٍ ۗ وَمَن يُبَدِّلْ نِعْمَةَ اللَّهِ مِن بَعْدِ مَا جَاءَتْهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ

211. (ئى پەيغەمبەر! نېمەتلىرىمىزنى ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئەسلىتىش يۈزىسىدىن1) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئۇلارغا قانچىلىك ئوچۇق مۆجىزىلەرنى2 بەرگىنىمىزنى سورىغىن. كىمكى، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئوچۇق ئايەتلىرى كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئالماشتۇرىدىكەن (ئىنكار قىلىدىكەن3) (رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن4)، شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى شىددەتلىكتۇر. [1.2.3.زاد المسير 4.بەغەۋى]

زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَيَسْخَرُونَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا ۘ وَالَّذِينَ اتَّقَوْا فَوْقَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَن يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ

212. كاپىرلارغا دۇنيا ھاياتى (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئارقىلىق1) چىرايلىق كۆرسىتىلدى. (ۋە ئۇلارنى دۇنيا ئارقىلىق ئالدىدى.) كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارنى (پېقىرلىقى سەۋەبلىك-ب، شۇنداقلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن2) مەسخىرە قىلىشىدۇ. (ھالبۇكى، كاپىرلار مەسخىرە قىلىشىدىغان3) ئاللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغۇچى مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى كاپىرلاردىن ئۈستۈندۇر. (يەنى جەننەتتە مۆمىنلەرگە بېرىلىدىغان نېمەتلەر، دۇنيادا كاپىرلار ئېرىشكەن نېمەتتىن ئۈستۈندۇر.4) ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە ھېساپسىز رىزق بېرىدۇ. [1. تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر قۇرتۇبى 2. زاد المسير، تەپسىر قۇرتۇبى 3. 4. زادۇل مەسىىر]

كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ ۚ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِن بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ ۗ وَاللَّهُ يَهْدِي مَن يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ

213. ئىنسانلار (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگىچە1) بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈپىتىدە ئەۋەتتى، ئىسانلار ئىختىلاپلاشقان ئىشتا (يەنى ھەق دىن توغرىسىدا2) ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە كىتابلارنى ھەق ئاساسىدا نازىل قىلدى. بۇ جەھەتتە پەقەت ۋە پەقەت كىتاپ بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن3 ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاللاھ ئۆز ئىزنى بىلەن (ئۆز ئەمرى بىلەن4) ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلغان ئىشتا (يەنى ھەق دىن خۇسۇسىدا5) توغرىغا ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى سىراتى مۇستەقىمگە ھىدايەت قىلىدۇ. [1.2.3.4.5.زاد المسير]

ئۈممەت — نىشانى ئوخشاش بولغان ئىنسانلار دېمەكتۇر. [زاد المسير]

***

أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ

(ساھابىلەر ۋە رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بەك كۆپ ئېغىرچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەھزاب ئۇرۇشى كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلار تۈرلۈك قىيىنچىلىق، سوغۇق ۋە يوقسۇللۇققا دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ مۇسۇلمانلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن مەدىنىگە باستۇرۇپ كەلگەن بىرلەشمە ئەرەپ مۇشرىك قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلىش قاتارلىق قاتمۇ قات ئېغىرچىلىقلار ئىچىدە ئىدى. بۇ ئايەت مۇشۇ پەيتتە نازىل بولدى1:)

(ئى مۆمىنلەر!) ياكى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ ئوخشىشىنىڭ سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلمەستىنلا جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ بېشىغا يوقسۇللۇق ۋە (ئۆلتۈرۈلۈش، سۈرگۈن قىلىنىش، ماللىرىنىڭ ئېلىۋېلىنىشى ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش تەھدىتى قاتارلىق2) تۈرلۈك مۇسىبەتلەر، كېسەللىكلەر، دەھشەتلىك قورقۇنچلار كەلگەن ئىدى.3 بېشىغا كەلگەن قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەتتا پەيغەمبەرلەر ۋە پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە بولغان مۆمىنلەر (ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ مۇتلەق كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي رەۋىشتە ئىشىنىدىغانلىقىغا قارىماي4) «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلەر؟» دېيىشىپ كەتكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى (ھەقىقىي مۆمىنلەرگە) يېقىندۇر. [1.زاد المسير، تەپسىر قۇرتۇبى 2.4. تفسير السعدي  3.زاد المسير، قۇرتۇبى]

***

يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنفَقْتُم مِّنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ

215. سەندىن ئاللاھ يولىدا نېمىنى (كىملەر ئۈچۈن1) چىقىم قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ؟ پۇل-مال چىقىم قىلىشقا ئەڭ تېگىشلىك كىشىلەر ئاتا-ئانىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، يېتىملەر، مىسكىنلەر (زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمايدىغانلار2)، يولدا قالغانلاردۇر. (ئۆز يۇرتىدىن ئۇزاقتا قېلىپ، يۇرتىغا قايتىشقا ئىقتىسادى قالمىغانلاردۇر. بۇنداقلارغا يۇرتىغا يېتىپ بېرىۋېلىشى ئۈچۈن ئىقتىساد بېرىپ ياردەم قىلىنىدۇ.3) قانداقلا بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. (سىلەرگە قىلغان ياخشىلىرىقلىرىڭلارغا قارىتا مۇكاپايلايدۇ.4) [1.زاد المسير، تفسير السعدي 2.3.تفسير السعدي 4.تەپسىر بەغەۋى]

تفسير السعدي: ئاتا-ئانىغا پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشى قاراش پەرزدۇر، ئۇلارغا ئىسيانكارلىق قىلىش ھارامدۇر. ئاتا-ئانىلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق ئۇلار ئېھتىياجلىق خىراجەتلەرنى قىلىپ بېرىشتۇر. ئاتا-ئانىلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ يامانلىق — ئۇلارغا كېرەكلىك خىراجەتلەرنى قىلىپ بەرمەسلىكتۇر. [تفسير السعدي]

تفسير السعدي: ئۇرۇق تۇغقانلار ئۈچۈن قىلىنغان چىقىم ھەم سەدىقىدۇر، ھەم ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۇلاشتۇر (بۈيۈك ساۋاپقا ئىگىدۇر.) [تفسير السعدي]

تەپسىر بەغەۋى: مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ زاكات ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى نازىل بولغىنىنى، زاكات پەرز بولغاندىن كېيىن بۇ ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. [بەغەۋى]

***

كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَى أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَى أَن تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ

216. سىلەر ياقتۇرمىساڭلارمۇ (كاپىرلارغا قارشى1) جىھاد قىلىش سىلەر ئۈچۈن پەرز قىلىندى2. سىلەرگە ئېغىر كېلىدىغان3 بىر ئىش (يەنى جىھاد قىلىش4، راھەتلىكنى خالاش5) سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق بولۇشى مۇمكىن؛ سىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىش (جىھادقا قىلماي ئولتۇرۇۋېلىش6) سىلەر ئۈچۈن يامانلىق بولۇشى مۇمكىن. (راھەت ياشاش ئىستىكى بىلەن جىھادقا چىقماي ئولتۇرۇۋېلىش يامانلىقتۇر. چۈنكى، جىھادنى تەرك ئېتىش — ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ توختاپ قېلىشىغا، دۈشمەننىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە، خارلىققا قېلىشقا، بۈيۈك ساۋاپنىڭ يوق بولۇشىغا ۋە جازانىڭ كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.7 جىھاد قىلىشنىڭ سىلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكى8) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. [1.تەپسىر قۇرتۇبى 2.زاد المسير، قۇرتۇبى 3.8.زاد المسير 4.زاد المسير، قۇرتۇبى، تفسير السعدي 5.تفسير السعدي 6.زاد المسير، تفسير السعدي 7.قۇرتۇبى 8. تفسير السعدي]

تەپسىر قۇرتۇبى: ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەققىدە ئىجما بولغان ئىشلاردىن بىرى شۇكى، جىھاد — مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىگە پەرز كۇپايىدۇر.  جىھاد بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمانلار جىھاد قىلغان تەقدىردە، باشقا مۇسۇلمانلاردىن جىھادنىڭ پەرز ئەينلىكى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. لېكىن، دۈشمەن ئىسلام تۇپرىقىغا باستۇرۇپ كەلسە، بۇ چاغدا جىھاد پەرز ئەين بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي چۈشەنچە تەۋبە سۈرىسىنىڭ 5-ئايىتىدە ۋە داۋامىدا كېلىدۇ. (تەپسىر قۇرتۇبى)

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا يۈز بەرگەن قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەردىن نارازى بولماڭلار. چۈنكى، سىلەر خالىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار باركى، چىقىش يولۇڭلار شۇ يەردىدۇر. (تەپسىر قۇرتۇبى)

يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ اللَّهِ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّى يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا ۚ وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَـئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَـئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

217. ئۇلار سەندىن ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى «ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. شۇنىڭدەك، مەسجىدى ھارامدا كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلامدىن ۋە ھەجدىن1) توسۇش ۋە ئاللاھقا كاپىر بولۇش2، مەسجىدى ھارام ئاھالىسىنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىش — ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلشىشتىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر.» شىرك3 (ھارام ئايلاردا ئۇرۇش قىلىپ4) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ ياماندۇر. كاپىرلار ئەگەر كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرغانغا قەدەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشىشتىن قولىنى يىغمايدۇ. سىلەردىن كىم ئىسلام دىنىدىن يېنىپ كاپىر بولۇپ، كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلسە، بۇنداقلارنىڭ بارچە ئەمەللىرى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ يوققا چىقىدۇ. بۇنداقلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا ئەبەدىلئەبەد قالىدۇ. [1.2.3. زاد المسير 4.تفسير السعدي]

إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَـٰئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَتَ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

218. ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار، مانا بۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. ئاللاھ غەفۇردۇر (— سەمىمىي رەۋىشتە گۇناھتىن يېنىپ تەۋبە قىلغاننىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر1.) رەھىمدۇر (— رەھمىتى جىمى مەخلۇقاتنى قورشىغاندۇر.2) [1.2. تفسير السعدي]

***

يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

219. سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىلىق سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى «ھاراق بىلەن قىماردا چوڭ گۇناھلار مەۋجۇت، شۇنداقلا ئىنسانلار ئۈچۈن (بەزى) پايدىمۇ بار. (ھاراقتىكى پايدا ھاراق ساتقۇچىنىڭ كىرىم قىلىشىدۇر.1 قىماردىكى پايدا بولسا — كىشىنىڭ ھېرىپ چارچىماستىنلا پۇل-مال قولغا كەلتۈرۈشىدۇر.2) ھاراق بىلەن قىمارنىڭ گۇناھى پايدىسىغا قارىغاندا چوڭدۇر. (يەنى ھاراق ۋە قىمار سەۋەبلىك مەيدانغا كېلىدىغان گۇناھ ۋە پاسات ئۇلاردىن قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتتىن چوڭدۇر.3) سەندىن ئاللاھ يولىدا نېمىنى خىراجەت قىلىش (يەنى نېمىنى سەدىقە قىلىش ۋە ھەدىيە قىلىش4) توغرىسىدا سورىشىدۇ. «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى»5 دېگىن. تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى شەرىئەتنىڭ سىرلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن6) ئاللاھ ئايەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئوچۇقلاپ بايان قىلىدۇ. [1.2.3.4. زاد المسير 5. زاد المسير، تفسير السعدي 6. تفسير السعدي]

فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

220. ھەم دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە. سەندىن يەنە يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش ياخشىدۇر» دېگىن. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىللە ياشىساڭلار ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ كىمنىڭ بۇزغۇنچى ئىكەنلىكىنى (يەنى يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغۇچىنى1)، كىمنىڭ ئىسلاھ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى (يەنى يېتىملەرنىڭ ئىسلاھىنى ئويلاپ شۇ بويىچە ئىش كۆرگەنلەرنى2) بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، چوقۇمكى سىلەرنى قىيىنچىلىققا مۇپتىلا قىلغان بولاتتى. شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر. [1.2. زاد المسير]

وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّى يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّى يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَـئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ

221. (ئى مۇسۇلمان ئەركەكلەر) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھلاپ ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال (نەسەبى ۋە جامالى بىلەن1) سىلەرنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىنە قۇل ئايال (ھۆر) مۇشرىك ھۆر ئايالدىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولمىغۇچە ئۇلارغا (مۆمىنە ئايالنى) ياتلىق قىلماڭلار. مۇشرىك ئەر سىلەرنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل ئەر مۇشرىك ئەردىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ۋە مۇشرىك ئاياللار (سۆز ۋە پېئىللىرى ئارقىلىق كىشىلەر2) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ بولسا ئۆز ئىزنى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغفىرەتكە (يەنى بەندىلىرىنى ئۆز مەغفىرىتىگە ۋە جەننىتىگە ئېرىشىشىكە3) چاقىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى (ئۆز ھۆكۈملىرىنى ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمەتلىرىنى4) ئوچۇق رەۋىشتە بايان قىلىدۇ. [1.زاد المسير 2.3.4.تفسير السعدي]

* مائىدە سۈرىسىدىكى ئەھلى كىتاب ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ دۇرۇسلۇقى بۇ ئايەتتىن مۇستەسنادۇر. — تفسير السعدي

وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ

(يەھۇدىلار ئاياللىرى ھەيزدار بولۇپ قالغاندا ئاياللىرىدىن تامامەن ئۇزاق تۇراتتى، قولىدىن تاماقمۇ يېمەيتتى.1 ھەيزدار ئايالىدىن تامامەن ئۇزاق تۇرۇش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھتىن سورالغاندا مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى:2)

222. (ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەر) سەندىن ھەيزدارلىق توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى «ھەيز — راھەتسىزلىكتۇر. ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەيزدارلىق مەزگىلىدە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئۇزاق تۇرۇڭلار.3 تاكى ئۇلار ھەيزدىن پاكلانمىغۇچە (ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ غۇسل قىلمىغۇچە4) ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەڭلار. ھەيزدىن پاكلانغىنىدا (يۇيۇنۇپ غۇسل قىلغاندىن كېيىن5) ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن  (ئالدىدىن6) يېقىنچىلىق قىلىڭلار. ئاللاھ (گۇناھلاردىن يېنىپ كۆپ7) تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ (ماددىي ۋە مەنىۋىي ناپاكلىقلاردىن دائىم8) پاكلانغۇچىلارنى (پاكىزلىق سۈپىتىگە ئىگە بولغۇچىلارنى9) ياخشى كۆرىدۇ. [1.2.3.4.زاد المسير، تفسير السعدي 5.6.7.8.9. تفسير السعدي] 

تفسير السعدي: كىشىنىڭ ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئۈممەتنىڭ ئىجمائى بىلەن ھارامدۇر. ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قۇرماستىن، ھەيز ئورنىغا ۋە ئايالىنىڭ كىندىكى بىلەن تىزى ئارىسىدىكى جايلارغا يېقىن كەلمەستىن ئايالى بىلەن ئوينىشىش دۇرۇس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالى بىلەن بىر تۆشەككە كىرگىنىدە تۇتقان يولى مۇشۇنداق ئىدى. ئايالىغا بېلىنىڭ ئاستىنقى قىسىمىنى يۆگىۋېلىشنى بۇيرۇيتتى، ئاندىن ئايالىغا يېقىنلىشاتتى.

نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَّكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ ۖ وَقَدِّمُوا لِأَنفُسِكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُم مُّلَاقُوهُ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ

223. ئاياللار سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارغا ئوخشاشتۇر1. ئېتىزىڭلارغا (جىنسىي ئەزاسىغا يېقىنچىلىق قىلىش شەرتى بىلەن مەيلى ئالدى تەرىپىدىن بولسۇن، مەيلى ئارقا تەرىپىدىن بولسۇن2) خالىغىنىڭلارچە كېلىڭلار. (يەنى ئاياللارنىڭ مەقىتىگە يېقىنچىلىق قىلىشتەك لەنەتلەنگەن ھارام ئىشتىن ئۇزاق تۇرغان ھالدا، ئاياللىرىڭلارغا مەيلى ئارقىسىدىن، مەيلى ئالدىدىن — مەقىتىگە ئەمەس جىنسىي ئەزاسىغا — خالىغان رەۋىشتە كەلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ھالالدۇر.) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر ئەۋەتىڭلار3. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇم ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىسىلەر. مۆمىنلەرگە خۇش بىشارەت بەرگىن. [1.3. زاد المسير 2.زاد المسير، تفسير السعدي]

تفسير السعدي: بۇ ئايەتتە ئايال كىشىنىڭ مەقىتىگە مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بار. رەسۇلۇللاھتىنمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا، بۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ لەنەتكە دۇچار بولغانلىقىغا دائىر سەھىھ ھەدىس كەلگەن. (مۇسنەد 2\44؛ ئەبۇ داۋۇد 2162؛ نەسائى 129)

***

وَلَا تَجْعَلُوا اللَّهَ عُرْضَةً لِّأَيْمَانِكُمْ أَن تَبَرُّوا وَتَتَّقُوا وَتُصْلِحُوا بَيْنَ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

224. ئاللاھنى قەسەملىرىڭلار سەۋەبلىك ياخشىلىق قىلىشىڭلارغا، تەقۋالىققا، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا توسالغۇ قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇ.

لَّا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَـكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتْ قُلُوبُكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ

225. ئاللاھ سىلەرنى تىلىڭلاردىن چىققان قەسىمىڭلار سەۋەبلىك-س جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. (يەنى قەلبىدە قەسەمنى نىيەت قىلىپ ئەمەس، <مەسىلەن، پالانچى يەرگە بارامسەن؟ دەپ سورالسا) «ياق، ۋاللاھى\ئاللاھ بىلەن قەسەمكى»؛ (مەسىلەن، پالانچى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچىمۇسەن؟ دەپ سورالسا «ھەئە، ۋاللاھى\ئاللاھ بىلەن قەسەمكى> دېگەندەك، پەقەت تىلىدىلا سۆزلىرى ئارىسىدا دېيىلىدىغان قەسەملىرىڭلار سەۋەبلىك سىلەرنى جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ.1)  لېكىن، قەلبىڭلاردىكىلەر (يەنى قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىپ قىلغان قەسىمىڭلار2) سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ غەفۇردۇر — گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە قايتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر3؛ ھەلىمدۇر — ئۆزىگە ئىسيانكارلىق قىلغۇچىنى دەرھال جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەستىن، ئاسىي بەندىسىگە پۇرسەت بېرىپ، ئۇنىڭ قۇسۇرىنى ياپىدىغان زاتتۇر4. [1.2.3.4.تفسير السعدي] 

***

لِّلَّذِينَ يُؤْلُونَ مِن نِّسَائِهِمْ تَرَبُّصُ أَرْبَعَةِ أَشْهُرٍ ۖ فَإِن فَاءُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

226. ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىككە قەسەم قىلغانلار تۆت ئاي مۆھلەت باردۇر. ئەگەر (تۆت ئاي ئىچىدە1) بۇ قەسىمىدىن يانسا (ۋە ئاياللىرى بىلەن تەكرار مۇناسىۋەت ئۆتكۈزشكە قايتسا2)، ئاللاھ غەفۇردۇر (ئۇلاردىن سادىر بولغان بۇ ئۇيغۇنسىز قەسەمنى مەغفىرەت قىلچىدۇر3)، رەھىمدۇر. (ناباپ قەسىمىنىڭ گۇناھىنى كەففارەت ئارقىلىق يۇيۇش يولىنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق رەھىم قىلغۇچىدۇر.4) [1.2.3.4. مۇختەسەر تەپسىر]

وَإِنْ عَزَمُوا الطَّلَاقَ فَإِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

227. ئەگەر تالاق قىلىۋېتىشنى قارار قىلسا، شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

وَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

228. (ئېرى تەرىپىدىن1) تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز مۇددىتى قەدەر ئىددەت تۇتىدۇ2. (بۇ جەرياندا ئائايلنىڭ بارچە چىقىمى ئەرنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ3.) تالاق قىلىنغان ئاياللار ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلاردىن بولسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىدا ياراتقان ھامىلىنى يوشۇرۇشى ھالال ئەمەس. ئەگەر ئېرى ئۈچ ئايلىق ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ئۇلار بىلەن يېنىشىۋېلىشنى خالىسا، ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇلارنىڭ ئېرى باشقىسدىن بەك ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەققى بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەرۇف شەكىلدە ھەققى باردۇر. بىراق، ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈندۇر. (يەنى پەيغەمبەرلىك، ھاكىم-قازىلىق، خەلىپىلىك ياكى ئىماملىق، ۋەلىيلىك ۋە باشقا كۈچ-قۇۋۋەت ھوقۇققا ئالاقىدار ئىشلار ئەرلەرگە ئائىتتۇر.4) ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر. [1.2.3.4. تفسير السعدي]

تفسير السعدي: ھامىلدار يالانىڭ ئىددىتى بۇ ئايەتنىڭ ئومۇمىي ھۆكمىنىڭ سىرتىدىدۇر. چۈنكى، تالاق قىلىنغان ھامىلە ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنداقلا، نىكاھ قىلىنىپ، ئەمما بىر ياستۇققا باش قويۇشتىن ئاۋۋال تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ھۆكمىمۇ مەزكۇر ئايەتتىكىدىن پەرقلىقتۇر. بۇنداق ئاياللارنىڭ ئىددەت تۇتۇش مەجبۇرىيىتى يوق.

تفسير السعدي: مەئرۇف — كىشى ياشايدىغان شەھەردە ئۆز تەڭدىشى بولغانلار تۇتۇپ كەلگەن ئۆرپ، ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۆرپ ئادەتلەر زامان، ماكان، ئەھۋال، شەخسلەر ۋە مىللەتلەرگە قاراپ بىربىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ ئايەتتىن ئايال كىشىنىڭ نەپىقىسىنى، كىيىمىنى، تۇرمۇش چىقىملىرىنى ۋە ئولتۇراق-تۇرالغۇسىنى ۋە شۇ قاتاردىكى مەسىلىلەرنى ئۆرۈپ-ئادەتكە كۆرە بەلگىلىنىدىغانلىقىغا دەلىل بار. يۇقىرىدا نامى كەچكەن ئىشلار نىكاھ ئەقدىنىڭ ۋاجىباتلىرىدىندۇر. ئەگەر نىكاھ قىلىنغاندا ئەر ۋە ئايال تەرەپ بىر قاتار شەرتلەرنى قويۇشۇپ ماقۇل بولۇشقان تەقدىردە — قويۇلغان شەرتلەر ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىدىغان شەرتلەر بولمىغانلىكى تەقدىردە — ئاشۇ شەرتلەر بويىچە ئىش كۆرۈش پەرز بولىدۇ.

الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَن يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَـئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ

(تالاق جاھلىيەت دەۋرىدىمۇ بار ئىدى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىمۇ شۇ بويىچە داۋام قىلدى. جاھىلىيەتچە تالاقتا — ئەر ئايالىنى چەكسىز رەت تالاق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئەگەر ئەر ئايالىدىن ئۆچ ئېلىش، ئايالىغا زەرەر بېرىش مەقسىتىدە بولسا ئايالىنى تالاق قىلاتتى، ئاندىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشقا ئاز قالغاندا تالاقنى بىكار قىلىپ ئايالىغا قايتاتتى. كېيىن ئايالنى يەنە تالاق قىلاتتى ۋە ئەينى ئەھۋال دائىما داۋام قىلاتتى. بۇ سەۋەبلىك ئايال كىشى — پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان — بەك كۆپ قىيىنچىلىققا ۋە زۇلۇمغا دۇچ كېلەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقسىزلىكنى، زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى.1)

229. (يېنىشىۋېلىشقا بولىدىغان2) تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ئىككى قېتىم تالاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەر كىشى يا ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتسۇن3، ياكى بولمىسا (ياخشى ئۆتمىگەن تەقدىردە) ئايالىنى گۈزەل رەۋىشتە قويۇپ بەرسۇن. (ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ بەرگىنىڭلاردىن كېيىن) ئاياللارغا بەرگەنلىرىڭلاردىن بىرەر نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش سىلەرگە ھالال ئەمەس. (بۇنداق قىلىش زۇلۇمدۇر.) ئەمما، ئەر بىلەن ئايال ئاللاھ قويغان چەك-چېگرىلارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقۇشى مۇستەسنا. ئەگەر سىلەر ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىرىلىمىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، ئۇ ھالدا ئايال ئەردىن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەدىلىگە ئەرگە مال-مۈلۈك بەرسە، بۇنىڭدا ھېچبىر گۇناھ يوقتۇر. (يەنى، ئەگەر ئايال ئېرىنىڭ خۇيىدىن، تەقى-تۇرۇق\جىسمانىي ئەھۋالىدىن ياكى دىنىي جەھەتتىكى بىرەر يېتەرسىزلىكى يۈىسىدىن يولدىشىنى ياقتۇرمىسا، ياكى يولدىشىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلالماي قېلىش سەۋەبلىك ئاللاھقا ئىتائەت قىلالماسلىقتىن قورقسا، يولدىشىغا پۇل-مال بېرىش بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش يولىنى تۇتسا بولىدۇ. بۇ خۇلئى تالاق دەپ ئاتىلىدۇ.5) بۇلار (يەنى بۇ شەرئىي ھۆكۈملەر6) ئاللاھنىڭ چەك-چېگىرىلىرىدۇر (يەنى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ھۆكۈملىرىدۇر.7)، ئاللاھنىڭ چەك-چېگرىلىرىدىن ئاشماڭلار (يەنى ئاللاھ پەرز ياكى ھارام قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلاردا، ئاللاھنىڭ بەلگىلىرىمىگە خىلاپ يول تۇتماڭلار8). كىمكى ئاللاھنىڭ چەك-چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇنداق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر. [1.2.3.4.5.6.7.8.تفسير السعدي]

فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِن بَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَن يَتَرَاجَعَا إِن ظَنَّا أَن يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ

230. ئەگەر ئەر ئايالىنى (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، ئۇ ھالدا ئايال باشقا بىر ئەرگە (ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن نىكاھ بىلەن نىكاھلىنىپ1) تېگىپ (يېڭى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلمىغۇچە-س، ئاندىن تەبئىي يول بىلەن ئۇ ئەردىن ئاجرىشىپ كەتمىگۈچە باشتىكى ئېرىگە) ھالال بولمايدۇ. (ئەگەر بۇ نىكاھنىڭ مەقسىتى ئايالنىڭ تۇنجى ئېرىگە قايتىۋېلىشىنى ھالال قىلىپ بېرىش بولسا، بۇ شەرئىي نىكاھ ھېسابلانمايدۇ، ئايالنىڭ باشتىكى ئەرگە قايتىۋېلىشىنى دۇرۇس قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنداق ئايال بىلەن مۇشۇ نىيەتتە نىكاھلانغان كېيىنكى ئەرنىڭ بۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىمۇ نىكاھنى دۇرۇس قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق كىشى ئايالنىڭ شەرئىي مەنىدىكى ئېرى ھېساپلانمايدۇ.2) ئەگەر (كېيىنكى ئېرى) بۇ ئايالنى تالاق قىلسا (يەنى، ئەگەر ئىككىنچى ئەر بۇ ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇش نىيىتىدە نىكاھلىنىپ، ئايال بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئاندىن <تەبئىي سەۋەپلەر تۈپەيلى> ئايالنى قويىۋەتسە، ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن3) ۋە ئىككى تەرەپ ئاللاھنىڭ چەك-چېگرىلىرىغا توغرا رەۋىشتە ئەمەل قىلالىشىغا (يەنى بىر-بىرلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئورۇندىيالاشقا بەل باغلىسا4 ۋە بۇنىڭغا) ئىشەنسە، ئۇ ھالدا (ئايال ۋە ئۇنىڭ باشتىكى ئېرىنىڭ يېڭىدىن نىكاھلىنىپ5) تۇرمۇش قۇرۇشىدا ھەر ئىككەيلەنگە گۇناھ يوقتۇر. بۇلار ئاللاھنىڭ چەك-چېگىرىلىرىدۇر (يەنى شەرئىي ھۆكۈملىرىدۇر6). ئاللاھ ئۆزى قويغان چەك-چېگرالارنى بىلىدىغان (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان7، شەرىئەتنى ياخشى بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلى8) كىشىلەر ئۈچۈن ئوچۇق بايان قىلىدۇ.(چۈنكى، ئاللاھنىڭ شەرئىي ھۆكۈملىرىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان ۋە باشقىلارنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرىدىغان كىشىلەر دەل شەرىئەتنى ئىتائەتمەن مۆمىن كىشىلەردۇر.9) [1.2.3.4.5.7.8.9. تفسير السعدي]

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِّتَعْتَدُوا ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

231. ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار ئىددەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى يېقىنلاشقاندا يا ئۇلارنى (نىكاھىڭلاردا) چىرايلىقچە تۇتۇپ قېلىڭلار، ياكى ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار. ھەددىڭلاردىن ئېشىپ، ئۇلارغا زەرەر بېرىش ئۈچۈن تۇتۇپ قالماڭلار. كىم مۇشۇنداق قىلسا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلماسلىق ئارقىلىق1) ئويۇن قىلىۋالماڭلار.2 ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى (تىل بىلەن بىلەن ھەمدۇ-سانا ئوقۇش، قەلبتە ئىقرار بولۇش ئارقىلىق3) ئەسلەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى4) ياد ئېتىڭلار. (قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بارچە ئىشلارنى شەكسىز رەۋىشتە بىلىپ تۇرىدۇ. [1.2.3.4.تفسير السعدي]

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُم بِالْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِ مَن كَانَ مِنكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ

232. ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، (باشتىكى ئېرى بىلەن1) مەشرۇ شەكىلدە نىكاھلىشىشقا پۈتۈشسە، (ئى ئايالنىڭ ئىگە-چاقىلىرى2) ئۇلارنى (قايتا) نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نەسىھەتتۇر. مانا بۇ (يەنى ئايال كىشىنى باشتىكى ئېرىگە بېرىش3) سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلىدۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ (ئەر-خوتۇن بولغانلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى4) بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. [1.2.3.4.زاد المسير] 

ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: بۇ ئايالنىڭ ۋەلىيسىز نىكاھلىنىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەڭ ئوچۇق كۆرسىتىدىغان ئايەتتۇر. (زاد المسير) 

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن.

***

وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَّهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٍ مِّنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدتُّمْ أَن تَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُم مَّا آتَيْتُم بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

233. ئانىلار بوۋىقىنى تولۇق ئىككى يىل ئەمگۈزىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئېمىتىشنى كامىل تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. بالىنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە كىيىم-كېچىكىنى ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە ئۈستىگە ئالىدۇ. ھېچقانداق كىشى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ھېچقانداق بىر ئانا بالىسى سەۋەبلىك، ھېچقانداق دادىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زەرەرگە ئۇچرىمىسۇن. مىراسخورنىڭ ئىشىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئانا ۋە دادا ئىككىسى ئۆز-ئارا رازىمەنلىك ۋە مەسلىھەت نەتىجىسىدە بالىنى سۈتتىن ئايرىماقچى بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئانىغىمۇ، دادىغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بالاڭلارنى باشقا بىر ئايالغا ئەمدۈرمەكچى بولساڭلار، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئېتىمىش ھەققىنى مەشرۇ ھالدا بېرىش شەرتى بىلەن مۇشۇنداق قىلىشىڭلاردا گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلار شەكسىز رەۋىشتە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

ئىككى ياشتىن كېيىن بىر ئانىنى ئەمگەن بالا بىلەن شۇ ئانىنىڭ باشقا بالىسى ئارىسىدا ئىمىلداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنمەيدۇ. [زاد المسير، تفسير السعدي]

وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْرًا ۖ فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِي أَنفُسِهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

234. سىلەردىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئەرلەردىن تۇل قالغان ئاياللار تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن1 شەرىئەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىش كۆرسە (يەنى باشقا ئەرگە تەگسە2، ئى ئايالنىڭ ۋەلىيلىرى3) بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ بارچە قىلمىشلىرىڭنى بىلىپ تۇرغۇچى — خەبىردۇر: بارچە ئىشنىڭ ھەقىقىتىدىن خەۋەردار زاتتۇر4. [1.2.3.4.زاد المسير]

* خەبىر — ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.[زاد المسير]

وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَـٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَن تَقُولُوا قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ

235. (ئىددەت ئىچىدىكى1) ئاياللارغا ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىش ئىستىكىڭلارنى ۋاسىتىلىك ھالدا بىلدۈرسەڭلار (يەنى «مەن ئۆيلەنمەكچىمەن» دېسەڭلار2) ياكى بۇ ئىستىكىڭلارنى دىلىڭلاردا يوشۇرساڭلار3، بۇ سىلەر ئۈچۈن گۇناھلىق ئىش ئەمەستۇر. ئاللاھ ئىددەت ئىچىدىكى ئاياللارنى (ئىددىتى توشقاندا) نىكاھلاپ ئېلىش نىيىتىدە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ4. لېكىن، ئۇيغۇن سۆز قىلىشنىڭ سىرتىدا (يەنى ئايالنىڭ ۋەلىيسىگە ئايالنى ئالغۇڭلار بارلىقىنى ئېيتىشنىڭ سىرتىدا5)، ئۇلار بىلەن (توي قىلىش ھەققىدە6) مەخپىي ۋەدىلىشىپ قويماڭلار. (يەنى ئىددەت ئىچىدىكى ئايالغا نىكاھتىن ياكى جىمادىن سۆز ئېچىش بىلەن، «سىزنى ئالىمەن» دېگەندەك — يۇقىرىدا بۇيرۇلغان ۋاسىتىلىك ئىپادىگە زىت سۆزلەر ئېيتىپ — ۋەدىلەشمەڭلار7) بەلگىلەنگەن ئىددىتىنى تۈگەتكىنىگە قەدەر8 نىكاھ قىلىشقا تەمشەلمەڭلار. (بۇنداق قىلىش ھارامدۇر9.) بىلگەيسىلەركى، ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار10. بىلگەيسىلەركى، ئاللاھ غەفۇردۇر (گۇناھتىن يېنىپ تەۋبە قىلغۇچى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.) ھەلىمدۇر (— جازالاش قۇدرىتىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغۇچى جازالاشتا ئالدىرىمايدۇ11.) [1.3.5.6.7.8.10. 11. زاد المسير 2.زاد المسير، تفسير السعدي 4.9.تفسير السعدي]

لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ

236. نىكاھىڭلارغا ئالغان ئاياللارنى ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلماستىن تۇرۇپ ۋە ئۇلارغا بېرىدىغان مەھر ھەققىنى1 بەلگىلىمەستىن تۇرۇپ تالاق قىلساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ يوق. (بۇ خىل تالاق ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، ئازاپلايدۇ. بۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاغرىغان كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن2) ئۇلارغا پۇل-مال بېرىڭلار. قول-ئىلىكىدە بار كىشى ئۆز ھالىغا يارىشا، قولى قىسقا كىشىمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا، ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە-س بەرگەي. بۇنداق قىلىش مۇھسىنلار ئۈچۈن پەرزدۇر3. [1.زاد المسير 2.تفسير السعدي، تەپسىر مۇيەسسەر 3.تفسير السعدي]

بۇ ئايەت مەھر ھەققى تەيىنلىمەستىن تۇرۇپ نىكاھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىلدۇر. [زاد المسير]

يۇقىرىقى ئايەتتە مەھرلىرى بەلگىلەنمەي تۇرۇپ تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچۈن بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەت مەھرى بېرىلگەن ئاياللار ئۈچۈندۇر. [تفسير السعدي]

وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى ۚ وَلَا تَنسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

237. ئۆزۈڭلار نىكاھلاپ ئالغان، مەھرى بەلگىلىنىپ بولغان ئاياللارنى ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئاۋۋال تالاق قىلساڭلار، بۇنداق ئاياللارغا بېرىشىڭلار پەرز1 بولغان پۇل-مال ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەھر ھەققىنىڭ يېرىمىدۇر. بۇ ھۆكۈمدىن مۇنۇ ھالەت مۇستەسناكى، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالدىكى ئاياللار  (تالاق قىلىشىڭلار سەۋەبلىك) ئېلىشى كېرەك بولغان پۇل-مالنىڭ يېرىمىنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىشىدۇر2، ياكى بۇ ئايالنى تالاق قىلغان ئەرنىڭ ۋەدە قىلغان پۇل مالنى تولۇق بېرىشىدۇر. ۋاز كېچىشىڭلار تەقۋادارلىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇشتىن ۋاز كەچمەڭلار3. ئاللاھ قىلمىشىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. [1.2.زاد المسير 3.مۇختەسەر تەپسىر]

***

حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَى وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ

238. نامازلارنى، بولۇپمۇ ئەسىر نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھۆرمەت بىلەن تۇرۇڭلار. (نامازلارنى ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئىخلاس بىلەن ۋە خۇشۇ بىلەن ئوقۇڭلار.1) [1.تفسير السعدي]

فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ

239. ناۋادا قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار كېتىۋېتىپ-س ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە ناماز ئوقۇڭلار. (بۇنداق ھالەتتە قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش شەرت ئەمەس.1) ئەمىنلىك ئىچىدە بولغىنىڭلاردا، ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئۆگەتكىنىدەك، سىلەرمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. [1.تفسير السعدي]

وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا وَصِيَّةً لِّأَزْوَاجِهِم مَّتَاعًا إِلَى الْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِي مَا فَعَلْنَ فِي أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعْرُوفٍ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

240. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئاياللىرىنىڭ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىلمەي بىر يىلغىچە خىراجىتى تەمىنلىنىشى ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار چىقىپ كەتسە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشتا سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر.

بۇ ئايەت بەقەرە سۈرىسى 234-ئايەت ئارقىلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.[تفسير السعدي]

وَلِلْمُطَلَّقَاتِ مَتَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ

241. تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە خىراجەتكە ئېرىشىش ھەققى باردۇر. بۇ خىراجەتنى قىلىپ بېرىش تەقۋادارلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر.

كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

242. ئەقىل يۈرگۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىدۇ.

أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ خَرَجُوا مِن دِيَارِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ الْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ اللَّهُ مُوتُوا ثُمَّ أَحْيَاهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ

243. نەچچە مىڭلاپ ئادىمى بولۇشىغا قارىماي1 (جىھاد ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەكسىچە2) ئۆلۈمدىن قورقۇپ (دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشتىن ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ3) يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققانلارنى بىلمەمسەن4؟ (بۇلار بەنى ئىسرائىل قەۋمىدۇر.5 لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ قېچىشلىرى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالالمىدى.6) ئاللاھ (ئۇلارنى جازالاش يۈزىسىدىن7) «ئۆلۈڭلار» دېدى. (ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.8) ئاندىن (ئۆز لۇتۇف-مەرھەمىتى بىلەن9) ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا بەكمۇ مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە شۈكۈر قىلمايدۇ. [1.2.4.7.زاد المسير 3.زاد المسير، تفسير السعدي 5.6.8.9.تفسير السعدي] 

وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

244. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى1) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قەلبىڭلاردا يوشۇرغانلىرىڭلارنى2) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1.2.زاد المسير]

مَّن ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَاللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

245. كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە (يەنى كىمكى پەقەت ئاللاھنىڭلا رازىلىقىنى تىلەپ، ساۋابىنى ئاللاھتىنلا كۈتۈپ، رازىمەنلىك بىلەن ئاللاھ يولىدا پۇل-مال چىقىم قىلسا ۋە بۇ چىقىمى سەۋەبلىك مىننەت قىلمىسا، رىيا قىلمىسا، قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە بۇنى دوق قىلىپ كۆڭلىنى رەنجىتمىسە1)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى2) ئۇ بەرگەن قەرزنى ھەسسىلەپ، قاتمۇ-قات كۆپەيتىپ قايتۇرىدۇ3. (ئۇنىڭ ئاللاھقا بەرگەن گۈزەل قەرزى ئەسلا زايى بولۇپ كەتمەيدۇ.س ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشتا كىشىلەر پۇل-مېلىنىڭ كەملەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ھالبۇكى، كىشىنى باي قىلىشمۇ، نامراتلاشتۇرىۋېتىشمۇ ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ4) ئاللاھ (كىمنىڭ رىزقىنى تارايتىشنى خالىسا، ئۇنىڭ رىزقىنى5) تار قىلىدۇ، (كىمنىڭ رىزقىنى كېڭەيتىشنى خالىسا، ئۇنىڭ رىزقىنى6) كەڭ قىلىدۇ. سىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھقا قايتۇرۇلىسىلەر. (قىلمىش ئەتمىشلىرىڭلارنىڭ جازا ياكى مۇكاپاتىنى ئالىسىلەر) [1.6.زاد المسير، تفسير السعدي 2.زاد المسير 3.زاد المسير، تفسير السعدي 4.تفسير السعدي 5.زاد المسير، تفسير السعدي]

أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِن بَنِي إِسْرَائِيلَ مِن بَعْدِ مُوسَىٰ إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَّهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُّقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِن كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا ۖ قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِن دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ

246. مۇسانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئەينى چاغدا (بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ يۈز-ئابرۇيلۇق، پىكىر ساھىبى كىشىلىرى جىھاد توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىپ، جىھاد قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن1) ئۇلار پەيغەمبىرىگە:«بىزگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرگەيسەن، (پادىشاھنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغايمىز» دېيىشتى. پەيغەمبىرى ئۇلارغا «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا جىھاد قىلىشتىن باش تارتارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار «زېمىنىمىزدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئەۋلادلىرىمىزدىن ئايرلىغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلماي تۇرالايمىز؟» دېيىشتى. (ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە) ئۇلارغا (پادىشاھ تىكلەنگەن ۋە) جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلاردىن ئازغىنىسىدىن باشقىسى جىھادتىن يۈز ئۆرىدى. ئاللاھ (جىھاد پەرز قىلىنغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن) زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1.تفسير السعدي]  

وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوا أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِّنَ الْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ ۖ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَن يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

247. پەيغەمبىرى ئۇلارغا «ئاللاھ سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى» دېدى. ئۇلار (بۇ ھەقتە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىپ) « ئۇ قانداقسىگە بىزگە پادىشاھ بولغۇدەك. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا قارىغاندا پادىشاھلىققا بىز ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پۇلدار بىرىمۇ ئەمەس تۇرسا؟» دېيىشتى. پەيغەمبىرى ئۇلارغا «ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تاللىدى. ئۇنى (ئەسكىرىي1) ئىلىمدە ۋە بەدەن قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۈستۈن قىلدى» دېدى. ئاللاھ پادىشاھلىقنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ ۋاسىئتۇر، ئەلىمدۇر. [1.زاد المسير]

زاد المسير: تالۇت سۇ توشۇيدىغان كىشى بولۇپ، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى پەيغەمبەرلەر چىقىدىغان لاۋى قەبىلىسىدىنمۇ ئەمەس ئىدى، پادىشاھلار چىقىدىغان يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ ئەمەس ئىدى.

تفسير السعدي: ھۆكۈمران بولغان كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق جەمەتىدىن چىقىشىمۇ، ياكى ئۈستۈن كىشىلەر چىققان جەمەتلەردىنمۇ بولۇشى شەرت ئەمەس. ئاللاھ، لۇتفىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ.

وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ آيَةَ مُلْكِهِ أَن يَأْتِيَكُمُ التَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌ مِّمَّا تَرَكَ آلُ مُوسَىٰ وَآلُ هَارُونَ تَحْمِلُهُ الْمَلَائِكَةُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

248. (ئۇلار پەيغەمبىرىگە «ئەگەر راستچىل بولساڭ ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر بىر ئالامەتنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن1) پەيغەمبىرى ئۇلارغا مۇنداق دېدى:«تالۇتنىڭ پادىشاھلىقنىڭ ئالامىتى (دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن2) ساندۇقنىڭ سىلەرگە (قايتىپ) كېلىشىدۇر. (ساندۇق مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالامدىن قالغان ئىدى.3) ساندۇقنىڭ ئىچىدە رەببىڭلاردىن رەھمەت4 ۋە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىدىن يالدامىلار بار. (مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى، مۇسا يەرگە ئاتقان چاغدا سۇنغان تەۋرات تاختىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى بار.5) تاۋۇتنى پەرىشتىلەر ئېلىپ كېلىدۇ. شەكسىزكى، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، بۇنىڭدا رەببىڭلاردىن (تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدىغان6) بىر ئالامەت باردۇر.» (تاۋۇت ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن جىھادقا چىقىشقا ھازىرلاندى.7) [1.4.5.6.7. زاد المسير 2.تفسير السعدي 3.زاد المسير]

فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِالْجُنُودِ قَالَ إِنَّ اللَّهَ مُبْتَلِيكُم بِنَهَرٍ فَمَن شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّي وَمَن لَّمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُ مِنِّي إِلَّا مَنِ اغْتَرَفَ غُرْفَةً بِيَدِهِ ۚ فَشَرِبُوا مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُ هُوَ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ قَالُوا لَا طَاقَةَ لَنَا الْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ ۚ قَالَ الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَاقُو اللَّهِ كَم مِّن فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةً بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ

249. تالۇت (جەڭگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىر بولغان قەۋمىنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ جەڭگە چىقىش چىقماسلىق ھەققىدە ئىككىلىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، جەڭ قىلىش جەھەتتە يېتەرلىك غەيرەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى سەزدى. بۇ ئەھۋالدا جەڭگە چىدامچانلىق كۆرسىتىدىغان كىشىلەر بىلەن چىدامچانلىق كۆرسىتەلمەيدىغان كىشىلەرنى ئايرىۋېلىش لازىملىقنى قارار قىلدى. قوشۇننى تەرتىپلەپ1) ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىدىغاندا «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ. كىم ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچسە، ئۇ مەندىن ئەمەس. (يەنى مېنىڭ سەپداشلىرىمدىن ئەمەس.2 دەريانىڭ سۈيىدىن ئىچكەنلەر ماڭا ئەگەشىپ كەينىمدىن كەلمىسۇن. چۈنكى بۇ بۇنداق قىلغۇچىنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ ۋەي غەيرىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.3) كىمكى دەريانىڭ سۈيىدىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئىچكەندىن ئارتۇق ئىچمىسە ئۇ مەندىندۇر.» دېدى. (بۇ بەكمۇ ئىسسىق بىر كۈن ئىدى.4 ئۇلار تازا ئۇسساپ كەتكەن پەيتىدە دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى5) ئۇلاردىن ئاغزىنىسىدىن باشقىسى (310 كىشىدىن باشقىسى6) دەريانىڭ سۈيىدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن بىر قىسىمى7) «بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ» دېيىشتى. (سانلىرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن جەڭدە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى پەملىگەن، بۇ سەۋەبلىك8) ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى گۇمان قىلغانلار (كامىل ئىمان ساھىبلىرى9) بولسا «سانلىرى ئاز بولغان قانچىلىغان قوشۇن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن10 سانى كۆپ بولغان قوشۇن ئۈستىدىن غالىپ كەلگەندۇر، ئاللاھ سەبر قىلغۇچىلار بىلەن  (ئۇلارغا ياردەم بېرىش11 ۋە غالىپ قىلىش ئارقىلىق12) بىللىدۇر» دېيىشتى. (ۋە جەڭگە تەييارلاندى.12) [1.3.5.7.9.12. تفسير السعدي 2.4.6.8.10. زاد المسير 11.زاد المسير، تفسير السعدي]

وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

250. ئۇلار (يەنى تالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى سەپ تارتىپ كېلىپ) جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئۇچراشقىنىدا «ئى رەببىمىز! بىزگە سەبر ئاتا قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم قىلغىن، بۇ كاپىر قوشۇنىغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىشتى (ۋە جەڭگە كىرىپ دۈشمەنگە قارشى جەسۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلدى.) 

زاد المسير: جالۇت ۋە قوشۇنى بۇتپەرەس كاپىرلار ئىدى.

فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَـٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ

251. شۇنداق قىلىپ، تالۇت ۋە قوشۇنى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. جەڭدە (تالۇتنىڭ قوشۇنىدا جەڭ قىلغان) داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. (شۇنداق قىلىپ ئاز سانلىق مۆمىنلەر قوشۇنى سانى كۆپ بولغان كاپىرلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. كېيىنكى كۈنلەردە) ئاللاھ داۋۇدقا پادىشاھلىقنى ۋە ھېكمەتنى بەردى. ئۆگىتىشنى خالىغانلىرىنى (يەنى تۆمۈردىن ساۋۇت-دۇبۇلغا ياساشنى ۋە قۇشلارنىڭ تىلىنى1) داۋۇدقا ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىمى ئارقىلىق يەنە بىر قىسىمىنى چەكلەپ تۇرمايدىغان بولسا، (كاپىرلارنىڭ، فاجىرلارنىڭ ۋە بۇزۇقچىلىق ئەھلىنىڭ ياخشى كىشىلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى سەۋەبلىك2) شۈبىھسىزكى، (پاساتچىلارنىڭ زېمىندا ھۆكۈمران بولۇشى سەۋەبلىك*) زېمىن بۇزۇلغان (يەنى خەلقى ھالاك بولغان3) بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ ئەھلى جاھانغا پەزل-نېمەت ئاتا قىلغۇچى زاتتۇر. [1.3.زاد المسير 2.تفسير السعدي * مۇختەسەر تەپسىر]

تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ

252. بۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ساڭا ئۇنى ھەق رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. شەكسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىسەن. (سەن بۇ قىسسلەرنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئارقىلىق كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىسەن.1) [1.تفسير السعدي]

تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ ۘ مِّنْهُم مَّن كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِن بَعْدِهِم مِّن بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَـكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُم مَّنْ آمَنَ وَمِنْهُم مَّن كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَـكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ

253. مانا شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ بەزى پەيغەمبەرلەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا1) سۆز قىلدى، ئۇلاردىن بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈردى. (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈردى.2) بىز (پەيغەمبەرلىرىمىزدىن) مەريەم ئوغلى ئىساغا ئوچۇق دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنىڭغا رۇھۇل قۇدۇس ئارقىلىق ياردەم بەردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن (يەنى مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن3) كېيىن كەلگەنلەر  ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىلەر كەلگەندىن كېيىن بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشمىگەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئىختىلاپقا چۈشتى، بەزىلىرى ئىمان ئېيتتى، بەزىلىرى بولسا كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. [1.2.3.زاد المسير] 

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ

254. ئى ئىمان ئېيتقانلار! سودىلىشىشمۇ، دوستلۇقمۇ، شاپائەتمۇ بولمىغان كۈن (قىيامەت كۈنى1) كېلىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە بەرگەن رىزقلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمىنى2 ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. كاپىرلار (ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلىپ، كۇفۇرنى تاللىغانلىقى يۈزىسىدىن، ئەنە شۇ كاپىرلار ھەقىقىي3) زالىملاردۇر. [1.زاد المسير 2.تفسير السعدي 3.مۇختەسەر تەپسىر]

اللَّهُ لَا إِلَـهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ

255. ئاللاھ (شۇنداق ئىلاھتۇركى) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەلھەيدۇر (— كامىل ھاياتقا ئىگە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئىلاھتۇر.1) ئەلقەييۇمدۇر (— ھېچنەرسىگە ۋە ھېچكىمگە موھتاج بولمايدىغان، ئۆزى ياراتقان جىمىي مەخلۇقاتنى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ۋە جىمىي مەخلۇقاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىشىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھتۇر.2) ئاللاھنى مۈگىدەك باسمايدۇ، ئۇيقۇ تۇتمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنىدىكى بارچە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟ (قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر ۋە پەيغەمبەرلەرگە قەتئىي ئەگەشكەن مۇۋەھھىد مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەن ياكى دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنغان مۆمىننى شاپائەت قىلىپ\ گۇناھىنى ئاللاھتىن تىلىۋېلىپ جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ. مەيلى پەرىشتە، مەيلى ئىنسۇ-جىن ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمگە قىلچىلىكمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.) ئاللاھ بارچە مەخلۇقات كېلەچەكتە ۋە ئاخىرەتتە دۇچ كېلىدىغان ھەممە ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بارچە مەخلۇقاتنىڭ ئۆتمۈشىگە ئائىت ھەممە ئىشنى مۇكەممەل بىلىدۇ.3 (ھەر قانداق زامان، ھەر قانداق ماكاندىكى ھېچبىر ئىش ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ.4) ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئىلىمىدىن ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىدىن باشقا ھېچنەرسىنى بىلەلمەيدۇ، ئۆگىنەلمەيدۇ.5 ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قورشىغاندۇر. (كۇرسى — ئاللاھ ياراتقان بىر جىسىم بولۇپ، ئاسمان-زېمىن، پۈتكۈل كائىنات كۇرسىنىڭ ئىچىدە كۆز يەتكۈسىز، چەكسىز بىپايان تۈزلەڭ زېمىندىكى بىر تال ئۈزۈكنىڭ چوڭلۇقىچىلىك ھالدىدۇر.6) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇش ئاللاھقا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاللاھ ئەلئەلىيدۇر (— پۈتۈن مەخلۇقاتتىن ئۈستۈن، ھەممىنىڭ ئۈستىدىدۇر)؛ ئەلئەزىمدۇر (— ئۇلۇغلۇق، شەرەپ، ئۈستۈنلۈك سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە ئىلاھتۇر.) [1. قۇرتۇبى، تفسير السعدي 2.3.4.6.تفسير السعدي 5.قۇرتۇبى]

ئەلھەي — ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەزەملىرىدىندۇر.[قۇرتۇبى]

لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَن يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

256. (بىردىنبىر ھەق دىن ئىسلامغا بارچە مىللەتلەرنى دەۋەت قىلىش ۋاجىپ. شۇنىڭدىن كېيىن، قايسى بىر مىللەت ئىسلامغا كىرىشنى ۋەياكى جىزيە بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇنداقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىنىدۇ.1 جىزيە بېرىشنى قوبۇل قىلغان ئەھلى كىتاب ئۈچۈن2) دىندا (يەنى ئىسلامدا3) مەجبۇرلاش يوقتۇر. (چۈنكى4) ھەق بىلەن باتىل ئېنىق ئايرىلغاندۇر. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ، (تاغۇت — ئاللاھقا ئىمانغا زىت بولغان شىرك ۋە شۇ تىپتىكى بارچە خۇسۇسلاردۇر5؛ تاغۇت — شەيتان، پالچى، سېھىرگەر ۋە ئازغۇنلۇققا يېتەكلەپ ماڭغان ھەركىمدۇر.6 كاھىن — بۇتتۇر، ئەھلى كىتاپنىڭ ئازغۇنلىقىدۇر.7) ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئۈزۈلمەس-ساغلام ھالقىغا ئېسىلغان بولىدۇ. (توغرا دىن ئۈستىدە توغرا رەۋىشتە ماڭغان بولىدۇ.8)  ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [1. تەپسىر ئىبنى كەسىر 2.تەپسىر بەغەۋى 3.زاد المسير 4.5.8.تفسير السعدي 6.تەپسىر قۇرتۇبى 7.زاد المسير]

اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ ۗ أُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

257. ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ (ئىماننىڭ تەقەززالىرىنى ئورۇندىغان، ئىمانغا زىت ئىشلارنى تاشلاپ ئىمانىدىكى سەمىمىيەتنى ئەمەللىرى بىلەن ئىسپاتلىغان كىشىلەرنىڭ1) دوستىدۇر. (ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ، توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، ياردەم قىلىدۇ2) ئاللاھ ئۇلارنى (بىلىمسىزلىك، كۇپۇر، گۇناھتا داۋام قىلىش، غەپلەت ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈش قاتارلىق ھالاكەتلىك ئەھۋاللارنىڭ3) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىلىم، ئىمان، ئىتائەت4) نۇرىغا چىقىرىدۇ. (ئاللاھ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى شىرك، كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ بارچە يوللىرىدىن قوغدايدۇ.5) كاپىرلارغا كەلسەك، (كاپىرلار دوست تۇتۇشى لازىم بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنى تاشلاپ، ئاللاھتىن يۈز ئۆرىگۈزىدىغان تاغۇتلارنى دوست تۇتقانلىقلىرى ئۈچۈن6) ئۇلارنىڭ دوستلىرى تاغۇتلاردۇر7. تاغۇتلار ئۇلارنى (ئىمان، ئىسلام) نۇردىن (كۇفۇر، شىرىك ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ) قاراڭغۇلۇققا باشلايدۇ8. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. [1.3.4.6.تفسير السعدي 2.5.7.8.زاد المسير]

أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ

258. ئاللاھ بەرگەن پادىشاھلىق سەۋەبلىك (ئۆزىنى ۋە پادىشاھلىقىنى چوڭ چاغلاپ1) ئىبراھىم بىلەن ئاللاھ ھەققىدە مۇنازىرىلەشكۈچىنى (يەنى نەمرۇد ئىسىملىك كاپىر پادىشاھنى2) بىلمىدىڭمۇ؟ ئەينى چاغدا  (ئىبراھىم ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلىغان «جىنايىتى» سەۋەبلىك پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلدى ۋە سوئال سوراق قىلىنغاندا بۇ بۇتلارنىڭ باتىل ئىلاھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىنى رەت قىلدى. پادىشاھ «سېنىڭ رەببىڭ كىم؟» دەپ سورىۋىدى) ئىبراھىم «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغان (قۇدرەتكە ئىگە) ئاللاھتۇر» دېۋىدى، ئۇ «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن ۋە ئۆلتۈرىمەن» (يەنى خالىغىنىمنى ھايات قالدۇرۇپ، خالىغىنىمنى ئۆلتۈرىمەن3) دېدى. ئىبراھىم «ئاللاھ قۇياشنى شەرقتىن چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا سەن قۇياشنى غەربتىن چىقىرىپ باقمامسەن؟» دېۋىدى، كاپىر (ئىبراھىمنىڭ بۇ سۆزىگە قارشى دەلىل كەلتۈرەلمەي4) مات بولدى5. ئاللاھ زالىم كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ. [1.2.3.4.5.زاد المسير]

أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَى قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَى عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّى يُحْيِي هَـذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَى طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانظُرْ إِلَى حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَانظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

259. ياكى ئۆگزىلىگىچە يىقىلىپ (تاملىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ1) ۋەيران بولغان (ئىنسۇ-جىنسىز قالغان2) بىر يۇرتتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ «ئاللاھ بۇ يۇرت قەۋمىنى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن كىشىنى بىلەمسەن؟ ئاللاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يۈز يىلدىن كېيىن تىرىلدۈردى. ئاندىن  (بىر پەيغەمبەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سوراپ3) «قانچىلىك ئۇخلىدىڭ؟» دېدى. ئۇ «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىن ئازراق» دېدى. «بەلكى سەن يۈز يىل ئۆلۈك ھالەتتە قالدىڭ. يېمەك-ئىچمىكىڭگە قارا، بۇزۇلمىدى. (ئۇنىڭ يېمەك ئىچمىكى مېۋە-چىۋە ۋە مېۋە سۈيى ئىدى4) ئېشىكىڭگە قارا (سۆڭەكلىرىگىچە چىرىپ كەتكەندۇر5). سېنى ئىنسانلارغا ئىبرەت قىلىمىز. سۆڭەكلەرگە قارا، ئاللاھ ئۇلارنى قانداق بىرلەشتۈرىدىكەنمىز، ئاندىن قانداق ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىدىكەنمىز» دېدى. ئەھۋال ئايدىڭلاشقاندا (يەنى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن6) ئۇ «ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى. [1.2.زاد المسير 3.4.5.6.تفسير السعدي]

وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَى ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِن ۖ قَالَ بَلَى وَلَـكِن لِّيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِّنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَى كُلِّ جَبَلٍ مِّنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

260. ئەينى چاغدا (نەمرۇت بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن1) ئىبراھىم «ئى رەببىم! ماڭا ئۆلۈكنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەن بولساڭ» دېۋىدى، ئاللاھ «ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىغان ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم «ئۇنداق ئەمەس. (ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن2) لېكىن، (ئاڭلاش ۋە ئىشىنىش ئۆز كۆز بىلەن كۆرۈشكە يەتمەيدۇ.3) قەلبىمدە يەقين ئاشسۇن ئۈچۈن (شۇنداق سورىدىم)» دېدى. ئاللاھ «قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بوغۇزلا4 ۋە گۆشلىرىنى پارچىلا5 (ۋە گۆشلىرىنى بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەت6)، ئاندىن ھەر تاغنىڭ بېشىغا قۇشلاردىن بىر پارچىدىن قوي7، ئاندىن ئۇ قۇشلارنى چاقىركى، ئۇلار تېزلىك بىلەن ئالدىڭدا ھازىر بولىدۇ» دېدى. (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشۇلارنى قىلدى، ئەھۋال ئاللاھنىڭ دېگىنىدەك بولدى.8) بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر. [1.5.تفسير السعدي 2.3.4.6.7.8.زاد المسير]

مَّثَلُ الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنبُلَةٍ مِّائَةُ حَبَّةٍ ۗ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

261. پۇل-ماللىرىنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان (ئىمان ئەھلى) كىشىلەرنىڭ (پۇل-ماللىرىنىڭ) مىسالى — يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشىقىدا يۈز تال دان بولغان ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. (ئاللاھ يولىدا قىلىنغان بىر ياخشىلىق يەتتە يۈز ياخشىلىق بولۇپ كۆپىيىدۇ.1) ئاللاھ خالىغان كىشىگە (ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا بېرىدىغان مۇكاپاتىنى2 يەتتە يۈز ھەسسىدىنمۇ) قات-قات ئارتۇق بېرىدۇ. ئاللاھ ۋاسىئتۇر، ئەلىمدۇر. [1.زاد المسير 2.تفسير السعدي]

الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَّهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

262. ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلغان، ئاندىن ئاللاھ يولىدا قىلغان خىراجىتىگە مىننەت قىلمىغان (يەنى ئۆزى سەدىقە قىلغان پېقىر-مىسكىن كىشىگە «ساڭا ياخشىلىق قىلدىن، سېنى پېقىرلىقتىن قۇتقۇزدۇم» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمىغان-ز، مەن سەدىقە بەردىم دەپ ئاللاھقا چوڭچىلىق قىلمىغان1) ۋە (خىراجەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلارغا مەيلى سۆز، مەيلىھەرىكەت ئارقىلىق2) ئەزىيەت بەرمىگەنلەر ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپات باردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق قورقۇنچ يۇقتۇر، (بەك چوڭ مۇكاپات ۋە نېمەتلەرنى قولغان كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى ئېغىرچىلىق، مۇسىبەتلەرگە3) قايغۇرۇش يوقتۇر. [1.زاد المسير 2.تفسير السعدي 3.مۇختەسەر تەپسىر]

ھەسەن ئىبنى ئەبۇ سىنان رەھىمەھۇللاھ بىر قۇلنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قۇللۇقتىن ئازات قىلاتتى، ئەمما ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرمەيتتى.[زاد المسير]

قَوْلٌ مَّعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِّن صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ

263. ياخشى سۆز قىلىش ۋە (ئۆزىگە يامانلىق قىلغان كىشىنى1) ئەپۇ قىلىش — ئازا بېرىش ئەگەشكەن سەدىقىدىن ئەلادۇر. (سەدىقە قىلالمىغان تەقدرىدىمۇ كىشىنىڭ كۆڭلى خوش بولىدىغان ياكى مەنپەئەت ئالىدىغان ياخشى سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئۆزىگە يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىۋېتىش — يەنى بىراۋغا سەدىقە قىلىپ بولۇپ، ئارقىدىن قىلغان سەدىقىسىنى دوق قىلىپ، سەدىقە قوبۇل قىلغۇچىنى ئۆزىگە قەرزداردەك ھېس قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولۇشتىن ئەۋزەلدۇر.2) ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر (— ئۆزىگە ئىسيانكارلىق قىلىپ گۇناھقا چۆككەن كىشلەرنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇلارغا مۆھلەت بەرگۈچى زاتتۇر3.) [1.2.3.تفسير السعدي]

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُم بِالْمَنِّ وَالْأَذَىٰ كَالَّذِي يُنفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا ۖ لَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِّمَّا كَسَبُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ

264. ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل-مېلىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش (ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش1) ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا2 ۋە كاپىرلارغا3) ئوخشاش — مىننەت قىلىش ۋە ئازا بېرىش بىلەن قىلغان سەدىقىلىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتمەڭلار4. بۇنداقلارنىڭ (قىلغان سەدىقىسىنىڭ5) ھالى — قاتتىق يامغۇردىن كېيىن ئۈستىدىكى توپا-چاڭلار يوق بولۇپ كەتكەن سىلىق قىيا تاشقا ئوخشايدۇ. (يەنى ئۇلار قىيامەت كۈنى قىلغان سەدىقىلىرىنىڭ ھېچقانداق ساۋاپ-مۇكاپاتىنى كۆرەلمەيدۇ6.) ئۇلار ياخشىلىق ھېسابىدا قىلغان ئىشلىرىدىن ھېچقانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارغا توغرا يولنى كۆرسەتمەيدۇ. [2.4.5.6. زاد المسير 1.3. مۇختەسەر تەپسىر]

وَمَثَلُ الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِن لَّمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

265. پۇل-مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئىماننى قەلبىدە مەھكەم يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن (پۇل-مال خىراجىتىنى توغرا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان1) خىراجەت قىلغانلارنىڭ مىسالى — بىر تۆپىلىكنىڭ ئۈستىدە يېتىشكەن، مول يامغۇر سۈيىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئىككى قات كۆپ مېۋە بېرىدىغان، مول يامغۇرغا ئېرىشەلمەي قالسا، شەبنەم بىلەنمۇ ياشنايدىغان گۈزەل بىر باغقا ئوخشايدۇ. (پۇل مېلىنى ئىخلاس بىلەن سەرپ قىلىدىغان مۆمىننىڭ ئەھۋالى مۇشۇ باغنىڭ ئېگسىنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.2) ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلارنى بەك ياخشى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر3. [1.تفسير السعدي 2.3.زاد المسير]

أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَن تَكُونَ لَهُ جَنَّةٌ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَابٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ لَهُ فِيهَا مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَأَصَابَهُ الْكِبَرُ وَلَهُ ذُرِّيَّةٌ ضُعَفَاءُ فَأَصَابَهَا إِعْصَارٌ فِيهِ نَارٌ فَاحْتَرَقَتْ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ

266. سىلەردىن بىرىڭلاردىن خورما ۋە ئۈزۈملەردىن تەركىب تاپقان، ئاستىدا ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئىچىدە تۈرلۈك مېۋىلەر بولغان بىر بېغى بولسۇن، (ئاندىن) ئۇنىڭغا قېرىلىق يەتسۇن ۋە كىچىك بالىلىرى بولسۇن. مۇشۇ ھالەتتە ئۇنىڭ بېغىنى ئىچىدە ئوت بولغان شىددەتلىك بوران كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسۇن. سىلەر مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىنى خالامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى ئويلانسۇن دەپ، ئايەتلىرىگە سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (بۇ ئايەت بىر مىسالدۇر. ئاللاھ بۇ مىسالنى كىشىنىڭ بىر نېمەتكە ناھايىتى يۇقىرى چەكتە ئېھتىياج بولۇپ تۇرغاندا، ئۇ نېمەتنىڭ يوق بولۇپ، كىشىنىڭ ئېغىر ھەسىرەتكە مۇپتىلا بولىشىغا ئۆرنەك قىلماقتىدۇر.-زاد المسير.)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُم مِّنَ الْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنفِقُونَ وَلَسْتُم بِآخِذِيهِ إِلَّا أَن تُغْمِضُوا فِيهِ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ

267. ئى ئىمان ئېيتقانلار! (تىجارەت ۋە باشقا توغرا يوللار ئارقىلىق1) قولغا كەلتۈرگەن (پۇل-مال) لىرىڭلاردىن ۋە بىز يەردىن ئۈندۈرۈپ چىقارغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن2 (ۋە ھالال بولغانلىرىدىن3 ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىڭلار. كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ  (يەنى ئەيىپ قۇسۇرىنى كۆرمەسكە سېلىپ) ئېلىپ قالمىساڭلار  (نورمال ئەھۋالدا) ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان ناچار نەرسىلەرنى سەدىقە بەرمەكچى بولماڭلار. (ھېچكىمگە ۋە ھېچنەر سىلەرنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىدىن ئەمەس، سىلەرنى سىناش ئۈچۈندۇر.4) بىلىڭلاركى، ئاللاھ غەنىيدۇر — سىلەرنىڭ سەدىقە-زاكاتلىرىڭلارغا ئېھتىياجى يوقتۇر5. ھەمىيدتۇر (— ماختالغۇچىدۇر6؛) بارچە ماختاشقا لايىقتۇر7. [1.5.تەپسىر بەغەۋى 2.3.4.6.زاد المسير  7.تفسير السعدي]

الشَّيْطَانُ يَعِدُكُمُ الْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُم بِالْفَحْشَاءِ ۖ وَاللَّهُ يَعِدُكُم مَّغْفِرَةً مِّنْهُ وَفَضْلًا ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

268.شەيتان سىلەرنى (ۋەسۋەسە ئارقىلىق ياكى ئۆز دەۋەتچىلىرى ئارقىلىق «پۇل-مېلىڭنى ھېچكىمگە بەرمە، بولمىسا پۇلسىز قېلىپ نامراتلىشىسەن»دەپ1) پېقىرلىق بىلەن قورقۇتىدۇ، سىلەرنى بېخللىققا (يەنى زاكاتنى بەرمەسلىككە2) ۋە گۇناھقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە يامانلىقلىرىڭلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى ۋە مول رىزىقنى ۋەدە قىلىدۇ3. ئاللاھ ۋاسىئتۇر، ئەلىمدۇر. [1.2.بەغەۋى 3.زاد المسير] 

ۋاسى — باي. (بەغەۋى)

يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ

269. ئاللاھ ھېكمەتنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. (ھېكمەت — رەببانىي ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەلنى، قۇرئاندىكى ناسىخ-مەنسۇخنى، باشتا نازىل بولغان، ئاخىردا نازىل بولغان ئايەتلەرنى، قۇرئاندىكى ھالال ۋە ھارامنى-ب ۋە قۇرئاننى باشتىن ئاياق چوڭقۇر چۈشىنىش نېمىتىنى1، سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە ئاللاھ مۇراد قىلغان ھەق ئۈستىدە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ2. ھېكمەت قۇرئاننىڭ ئىچىدىكىنى ئاللاھ مۇراد قىلغان شەكىلدە چوڭقۇر چۈشىنىشتۇر3. قۇرئاننىڭ مەنالىرىنى بىلىپ چۈشىنىشتۇر.) كىمگە ھېكىمەت بېرىلسە، كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. (چۈنكى ھېكمەت كىشىنى پۈتكۈل ئازغۇنلۇق ۋە ناچارلىقلاردىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەت بولۇپ، ھېكمەت بېرىلگەن سەرخىل مۇتتەقى ئىنسانلار ئۆزىگىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ ھەم دىن ھەم دۇنيالىق جەھەتتە بۈيۈك ياخشىلىقلارنى كەلتۈرىدۇ.4) (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى5) پەقەت كامىل ئەقىل ئىگىلىرىلا ھەقىقىي چۈشىنىدۇ.  (نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن كامىل ئەقىل ساھىپلىرى توغرا يول ئۈستىدە بولىدۇ.6) [1.3.بەغەۋى، زاد المسير 2.4.تفسير السعدي 5.6.تەپسىر مۇختەسەر]

ساھابىلەردىن ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ شاگىرتى، مەشھۇر تابىئىن ئالىم زەھھاك رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيەنىڭ 105-يىلى) مۇنداق دېگەن: قۇرئاندا ناسىھ ۋە مەنسۇخ ئايەتتىن بىر يۈز توققۇزى بار، ھالال ۋە ھارامغا ئائىت ئايەتتىن مىڭى بار. بىر مۆمىننىڭ بۇلارنى بىلمەسلىكى ئۇيغۇن ئىش ئەمەس. نەھرىۋان ساھىپلىرىدەك (يەنى خاۋارىجلاردەك) بولماڭلار. ئۇلار ئەھلى كىتاب توغرىسىدىكى ئايەتنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەلىل قىلىپ كەلتۈردى. ئىلىمسىزلىكى سەۋەبلىك ناھەق قان تۆكتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ماللىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، بىزلەرنى ئازغۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىدى. قۇرئانغا ئالاقىدار ئىلىملەرنى ئۆگىنىڭلار. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلگەن مۇسۇلمان ئۇ ئايەتلەرگە خىلاپ يول تۇتمايدۇ. (تەپسىر بەغەۋى: مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن)

وَمَا أَنفَقْتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُم مِّن نَّذْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُهُ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ

270. سىلەر قىلغان ھەر خىل خىراجەتلەرنى، ياكى ئۆزۈڭلارغا پەرز قىلغان ھەر قانداق نەزىرنى1 ئاللاھ تامامەن بىلىپ تۇرىدۇ. (رىياخورلۇق قىلىش، ئەزىيەت بېرىش بىلەن ياخشىلىق قىلىدىغان ۋە گۇناھلىق يەرلەرگە پۇل-مال سەرپ قىلىدىغان2 ) زالىملارنىڭ (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان3) ھېچبىر ياردەمچىسى بولمايدۇ. [1.2.3.زاد المسير]

إِن تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

271. ئەگەر سەدىقىلىرىڭلارنى ئاشكارا بەرسەڭلار بۇ نېمىدېگەن گۈزەل!1 ئەگەر مەخپىي بەرسەڭلار ۋە پېقىرلارغا بەرسەڭلار، مانا بۇ (يەنى مەخپىي بېرىشىڭلار2) سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى يامانلىقىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ3. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. [1.2.3.زاد المسير]

زاد المسير: ئالىملار شۇنىڭدا ئىتتىپاققا كەلگەنكى، نەپلە سەدىقىنى يوشۇرۇن بېرىش ئاشكارا بېرىشتىن ئەۋزەلدۇر.

لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَـٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ

272. ئۇلارنى (يەنى كاپىرلارنى1) ھىدايەتكە نائىل قىلىش سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ ئەمەس. ئەكسىچە، ئاللاھ ئۆزى ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار2 بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. (يەنى ساۋابى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ3) (ئى كامىل ئىمان ئېگىسى بولغان مۆمىنلەر4) سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقنى كۆزلەپ پۇل-مال سەرپ قىلىسىلەر. (چۈنكى سىلەرنىڭ نىيىتىڭلار خالىستۇر، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش سىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكڭلاردۇر.5) پۇل-ماللىرىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار ئاللاھ ئۇنى سىلەرگە كەم-كۈتىسىز تۆلەپ بېرىدۇ. (يەنى ياخشىلىق يولىغان سەرپ قىلغان پۇل-ماللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىسىلەر.) سىلەر (بۇ جەھەتتە) ھەقسىزلىككە ئۇچرىمايسىلەر. [1.2.3.4.5.زاد المسير]

زاد المسير: كاپىرغا پەرز سەدىقىدىن (زاكات ۋە پىتىر زاكىتىدىن) بىر نەرسە بېرىش دۇرۇس ئەمەس.

لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ

273. (سەدىقىلەر) ئاللاھ يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان ۋە زېمىندا تىجارەت (قىلىپ كىرىم يارىتىش1) ئۈچۈن سەپەر قىلىشقا ئىمكانى يەتمەيدىغان نامرات كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئىپپەتلىك يول تۇتۇشى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلار ئۇلارنى باي ھېسابلايدۇ. سەن ئۇلارنى سىيماسىدىن (ئۈستى بېشىدىكى نامراتلىق ئىزىدىن ۋە چوڭ سۈپەت، كەمتەرلىكىدىن تونۇيسەن2.) ئۇلار كىشىلەردىن چىڭ تۇرۇپ3 (پۇل-مال) تەلەپ قىلمايدۇ. (تىلەمچىلىكمۇ قىلمايدۇ، ھەر يەرگە دەرت ئېيتىپ ھەر تەرەپتىن پۇل-مالمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. كىشىلەردىن ھەر قانداق شەكىلدە پۇل-مال تەلەپ قىلمايدۇ.4) پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى ئاللاھ يولىدا خەجلىسەڭلار، ئاللاھ ئۇنى شەكسىز رەۋىشتە بىلىپ تۇرىدۇ. [1.2.3.4.زاد المسير]

الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

274. پۇل-مېلىنى كېچە كۈندۈزلەپ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا شەكىلدە (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغانلارغا رەببىنىڭ ھوزۇرىدا مۇكاپاتلار باردۇر. ئۇلارغا قورقۇنچمۇ يوقتۇر، غەم-قايغىمۇ يوقتۇر.

الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا ۗ وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا ۚ فَمَن جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِ فَانتَهَىٰ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

275. جازانە يەيدىغانلار (جازانە ئالىدىغانلار ۋە جازانە بېرىلىدىغانلار1 قىيامەت كۈنى قەبرىسىدىن2)  جىن چېپىلىپ قالغان كىشىدەك قوپىدۇ. (مائارىج سۈرىسى 43-ئايەتتە مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قەبرىلىرىدىن تېزلىك بىلەن چىقىدۇ.» تېز سۈرئەت بىلەن مەشھەرگاھ مەيدانىغا قاراپ يۈگۈرەيدۇ. جازانە بىلەن شۇغۇللانغانلار بولسا قەبرىسىدىن قوپار-قوپماس پۇتلىشىپ يەرگە يىقىلىدۇ3. جازانە يېگەنلەر باشقىلاردەك نورمال يۈگۈرەلمەي، جىن چېپىلىپ قالغان تارتىشىپ يىقىلىپ قالغاندەك يىقىلىدۇ، جىن چېپىلىپ قالغان ئادەم قىينالغاندەك قاتتىق قىينىلىدۇ.4) بۇنىڭدىكى (ئۇلارنىڭ بۇنداق جازالىنىشىدىكى) سەۋەب (ئاللاھ ھارام قىلغان جازانىنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ، جازانىنىڭ ھاراملىقىغا ئىسيانكارلىق قىلىپ5 «سودا-تىجارەت جازانىگە ئوخشاش تۇرسا» دېگەنلىكى  (ۋە ھارامدىن پۇل مال كۆپەيتىش يولىغا ساراڭلارچە دۈم چۈشكەنلىكى6) ئۈچۈندۇر. ئاللاھ سودا-تىجارەتنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، (جازانە ئېلىشتىن، جازانە بېرىشتىن ياكى جازانىگە ۋاستىچىلىك قىلىدىغان ئىشلاردىن7) ۋاز كەچسە، ئىلگىرى جازانە ئارقىلىق قازانغانلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالالدۇر، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالغاندۇر. كىمكى (جازانىنى ھالال ساناپ8) جازانە بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرسا، بۇنداقلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. [1.2.3.4. زاد المسير 5.زاد المسير، تفسير السعدي 6.7.8.تفسير السعدي ]

بەغەۋى: جازانە ئالغان، بەرگەن ۋە باشقا شەكىلدە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان كىشى قىيامەت كۈنى ئەقلىنى يوقۇتۇپ ھوشسىزلانغان ئىنسان قوپقاندەك قوپىدۇ. [تەپسىر بەغەۋى]

يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ

276. ئاللاھ جازانىنى (جازانە بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق بېرىلگەن سەدىقىنى قوبۇل قىلماستىن، ساۋابىنى1 ۋە بەرىكىتىنى2) يوق قىلىدۇ. سەدىقىنى (دۇنيادا سەدىقە ئىگىسىنىڭ پۇل-مېلىغا بەرىكەت بېرىش، ئاخىرەتتە قاتمۇ قات ئارتۇق مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق3) كۆپەيتىدۇ. (يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان شەكىلدە قىلىنغان سەدىقىلەرگە بېرىلىدىغان ساۋاب-مۇكاپاتنى ئاشۇرىدۇ4). ئاللاھ (جازانىنىڭ ھاراملىقىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى ھالال سانىغان5) گۇناھكار كاپىرلارنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. [1. تەپسىر بەغەۋى، زاد المسير 2، 3. تەپسىر بەغەۋى 4. زاد المسير 5. تەپسىر بەغەۋى]

إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

277. ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل-ئىبادەت قىلغۇچىلارغا، نامازلارنى كامىل رەۋىشتە ئادا قىلغۇچىلارغا، پۇل-مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرگۈچىلەرگە رەببىنىڭ ھوزۇرىدا مۇكاپاتلار بار. شۇنداقلا، ئۇلارغا قورقۇنچمۇ بولمايدۇ، غەم قايغۇمۇ بولمايدۇ.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

278. ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار ئۆتمۈشتىن قالغان جازانىلىك ئېلىشىڭلاردىن ۋاز كېچىڭلار. (ئىلگىرىكى جازانىلىك مۇئامىلەڭلەردە قارشى تەرەپتىن جازانە سۈپىتىدە ئالغىنىڭلارنى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئەگەر جازانە سۈپىتىدە باشقىسىدا ئېلىشىڭلار بولسا ئالماقچى بولغان جازانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭلار.1) [1. زاد المسير]

فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَإِن تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ

279. ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا سىلەرگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار. (ئاللاھنىڭ ئۇرۇش ئېچىشى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ جازالىشىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇرۇش ئېچىشى بۇ جازانە ھۆكمىگە زىت يول تۇتقۇچىغا قارشى رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىچ بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدۇر.1) ئەگەر جازانىدىن يېنىپ تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار سىلەرگە تەئەللۇق بولىدۇ. (نەتىجىدە قارشى تەرەپتىن جازانە ئېلىش ئارقىلىق2) زۇلۇم قىلمايسىلەر، (سەرمايەڭلەردىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن3) زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. (ئەكسىچە، قەرزگە ھېسابلاپ بەرگەن پۇل-مېلىڭلارغا ھېچقانداق ئاشۇرۇپ ئېلىشتىن ياكى كەم ئېلىشتىن مۇستەسنا ھالدا، سەرمايەڭلەرنى ئەينى پېتى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىگە ئىگە بولىسىلەر.4) [1. بەغەۋى تەپسىرى 2، 3، 4. ئىبنى كەسىر تەپسىرى]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇپ مۇنداق دېگەن: كىم جازانە ئېلىم-بېرىمىدىن يانماي تۇرۇۋالسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى ئۇنى بۇنىڭدىن يېنىپ تەۋبە قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئەگەر يەنە يانمىسا، ئۇنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىش ھەققى باردۇر. (تەپسىر ئىبنى كەسىر، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن.)

وَإِن كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَن تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

280. ئەگەر قەرزدار كىشى ئېغىرچىلىق ئىچىدە بولسا، ئاسانچىلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، قەرزداردىكى ئېلىشىڭلارنى (يەنى ئېلىشىڭلارنىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ھەممىسىنى1) ئۇنىڭغا قىلغان سەدىقە سۈپىتىدە ئۆتۈۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشى. [1.تفسير السعدي]

وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ۖ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

281. شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورققايسىلەركى، قىيامەت كۈنى سىلەر ئاللاقا قايتۇرۇلىسىلەر. (يەنى ئاللاھقا ھېساپ بېرىش ئۈچۈن مەشھەرگاھ مەيدانىغا — ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىسىلەر.) ئاندىن ھەر ئىنسان (دۇنيادا قىلغانلىرىنىڭ) جازا-مۇكاپاتىنى تولۇق ئالىدۇ. (قىيامەت كۈنى يامان قىلمىشلارغا جازا، ياخشى قىلمىشلارغا مۇكاپات بېرىشتە) ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

ساھابە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بۇ ئايەتنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەردىن ئەڭ ئاخىرقى ئايەتتۇر. جىبرىل پەرىشتە رەسۇلۇللاھقا «بۇ ئايەتنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 280-ئايىتىنىڭ كەينىگە تىز» دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇ ئايەت نازىل بولۇپ 21 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولغان. (تەپسىر بەغەۋى، مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى فَاكْتُبُوهُ ۚ وَلْيَكْتُب بَّيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ ۚ وَلَا يَأْبَ كَاتِبٌ أَن يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللَّهُ ۚ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا ۚ فَإِن كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لَا يَسْتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ ۚ وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِن رِّجَالِكُمْ ۖ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَن تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَى ۚ وَلَا يَأْبَ الشُّهَدَاءُ إِذَا مَا دُعُوا ۚ وَلَا تَسْأَمُوا أَن تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ ۚ ذَلِكُمْ أَقْسَطُ عِندَ اللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَىٰ أَلَّا تَرْتَابُوا ۖ إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا ۗ وَأَشْهِدُوا إِذَا تَبَايَعْتُمْ ۚ وَلَا يُضَارَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ ۚ وَإِن تَفْعَلُوا فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ وَيُعَلِّمُكُمُ اللَّهُ ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

282. ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم – زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى) رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە) ئېيتىپ بەرسۇن، (قەرزدار) پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (يەنى خۇدبىن، ئەقىلسىز، ئىسراپخور) ياكى ئاجىز (يەنى كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا) چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە (يەنى ھۆكمىدە)، بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (يەنى گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.

وَإِن كُنتُمْ عَلَى سَفَرٍ وَلَمْ تَجِدُوا كَاتِبًا فَرِهَانٌ مَّقْبُوضَةٌ ۖ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُم بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ ۗ وَلَا تَكْتُمُوا الشَّهَادَةَ ۚ وَمَن يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُ آثِمٌ قَلْبُهُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ

283. ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر.

لِّلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِن تُبْدُوا مَا فِي أَنفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُم بِهِ اللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

284. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەۋجۇدات ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار ياكى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشى مەغفىرەت قىلىدۇ، (مەغفىرەت قىلىدىغان كىشىلەر گۇناھلارنى داۋام قىلىشتىن يېنىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا قايتقان كىشىلەردۇر1) ئۆزى خالىغان كىشىنى جازالايدۇ. (جازالايدىغان كىشى گۇناھلىق ئىشلارنى ئاشكارا يوشۇرۇن ھالدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان كىشىدۇر.2) ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر. [1.2.تفسير السعدي]

تفسير السعدي: كىشى بىر يامان ئىشنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇنى قىلىشنى ئارزۇلاپ ئەمما ئىمكانى يەتمەي، توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراش ئارقىلىق ئۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا، ئاللاھ ئاخىرەتتە مانا بۇنداق كىشىنىڭ قەلبىگە پۈككەن بۇ قىلمىشىدىن ھېساپ ئالىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر ياخشىلىقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇنى قىلىشقا قەتئىي نىيەت قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ياخشىلىقنى قىلالماي قالغان بولسا، بۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ساۋاب بېرىدۇ. (تفسير السعدي)

آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ

285. پەيغەمبەر رەببىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە، ئىسلام شەرىتىنىڭ بارچە ھۆكۈملىرىگە) ئىمان ئېيتتى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان ئېيتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتتى. «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز.» (يەنى بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلاردىن بولمايمىز1) ئۇلار دەيدۇكى: «(سۆزۈڭنى2) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە3) ئىتائەت قىلدۇق، مەغفىرىتىڭنى تىلەيمىز4. ئى رەببىمىز! قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.» [1.4.زاد المسير 2.3.تەپسىر بەغەۋى]

لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنتَ مَوْلَانَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

286. ئاللاھ ھېچكىمگە تاقىتى يەتمەيدىغان-ز ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئۆزى ئۈچۈندۇر (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-مۇكاپات باردۇر1)، قىلغان يامانلىقى كىشىنىڭ زىيىنى ئۈچۈندۇر2. (كىشى ئۆزى قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ3) «ئى رەببىمىز! ئەگەر ئۇنۇتساق ياكى (قەستەنلىك بولمىغان ھالدا4) گۇناھلىق بىر ئىشنى قىلىپ سالساق، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ھېسابقا تارتمىغىن. بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا5) ئېغىر ئىشلارنى يۈكلىگىنىڭدەك، بىزگە ئۇ ئېغىر ئىشلارنى يۈكلىمىگىن. (ئاللاھ ئۇلارغا بىر كۈندە ئەللىك ۋاخ ناماز، ماللىرىنىڭ تۆتتىن بىرىنى زاكات بېرىش، كىيىمىگە نىجاسەت تېگىپ قالسا نىجاسەت تەككەن يەرنى كېسىۋېتىشنى شەرىئەت قىلىپ بۇيرۇغان ئىدى.6) ئى رەببىمىز! تاقىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىزگە مەجبۇرىيەت قىلىپ يۈكلىمىگىن. بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە رەھمەت قىلغىن (بىزلەر پەقەت سېنىڭ بىزگە قىلغان رەھمىتىڭ سەۋەبلىكلا گۇناھلارنى تەرك ئېتىپ، ساڭا ئىتائەت بىلەن سالىھ ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالايمىز.7) سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن. (بىزنى ئۆزۈڭ قوغدايسەن ۋە بىزگە ئۆزۈڭ ياردەم بېرىسەن.8) كاپىر قەۋمىگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن.» [1.3.4.6.7.8.تەپسىر بەغەۋى 2.5.زاد المسير]

نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى كېچىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېتەرلىكتۇر.» (تىرمىزى، ئىبنى ھىببان، ئەھمەد، دارىمى، بەغەۋى-شەرھۇس سۇننە؛ بەغەۋى بۇ ھەدىسنى ھەسەن غەرىب دېگەن)

سۈرە بەقەرەنىڭ تەپسىر تەرجىمىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

[فۇرقان دەۋەت مەركىزى تەييارلاپ تارقاتتى]

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ