ئالى ئىمران سۈرىسىنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

ئالى ئىمران سۈرىسىنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

الم

1. ئەلىف، لام، مىم

اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ

2. ئاللاھ (شۇنداق ئىلاھتۇركى)، ئۇنىڭدىن باشقا  (ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق) ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەلھەيدۇر، ئەلقەييۇمدۇر.

ئەلھەي ۋە ئەلقەييۇم — ئاللاھنىڭ لەۋزى سۈپەتلىرىدۇر. (تفسير البغوي) ئەلھەي — كامىل ھاياتقا ئىگە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئىلاھ، مەنىسىدۇر . (تفسير القرطبي، تفسير السعدي) ئەلقەييۇم — ھېچنەرسىگە ۋە ھېچكىمگە موھتاج بولمايدىغان، ئۆزى ياراتقان جىمىي مەخلۇقاتنى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ۋە جىمىي مەخلۇقاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىشىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھ، مەنىسىدۇر. (تفسير السعدي)

نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ

3. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا بۇ قۇرئاننى1 ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى2 تەستىقلىغۇچى قىلىپ (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتابلاردىكى تەۋھىدكە ئالاقىدار ئايەتلەرنى، خەۋەرلەرنى ۋە بەزى شەرئىي بەلگىلىمىلەرنى تەستىقلايدىغان كىتاب قىلىپ3) ئادالەت4 بىلەن نازىل قىلدى. (ئاللاھ نازىل قىلغان ئىلاھىي كىتابلاردا بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشىلىق مەۋجۇت ئەمەس.5) ئاللاھ (قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى6) تەۋراتنى (مۇساغا7) ۋە ئىنجىلنى (ئىساغا8) نازىل قىلغان ئىدى.  

قۇرئان ئۈچۈن «نەززەلە»، تەۋرات ۋە ئىنجىل ئۈچۈن «ئەنزەلە» دېيىلىشى — تەۋرات بىلەن ئىنجىلنىڭ بىرلا قېتىمدا، قۇرئاننىڭ بولسا تەدرىجىي ھالدا بۆلەكلەرگە بۆلىنىپ نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر. (تفسير البغوي)

3-ئايەت: 1. تفسير البغوي، زاد المسير 2.4. زاد المسير 3. تفسير البغوي 5.6.7.8.مختصر في تفسير

مِن قَبْلُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ الْفُرْقَانَ ۗ إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انتِقَامٍ

4. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى قۇرئان نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋرات ۋە ئىنجىل) ئىنسانلارغا ھىدايەت ئىدى. ئەمدىلىكتە ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بىر-بىرىدىن ئايرىغۇچى1 فۇرقاننى نازىل قىلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلار شەك-شۈبىھسىزكى شىددەتلىك جازاغا ئۇچرايدۇ. ئاللاھ ئەلئەزىزدۇر، (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى، مۇسۇلمان سىياققا كىرىۋالغان مۇناپىقلارنى) قاتتىق جازالىغۇچىدۇر2.

ئەلئەزىز —  ھېچكىم تەڭداش بولالمايدىغان، ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان، ھېچقانداق ئىشقا ئاجىز كېلىپ قالمايدىغان، ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز كۈچ ۋە قۇدرەتكە ئىگە ئىلاھ، مەنىسىدىدۇر. (زادۇل مەسىر، بەغەۋى، تفسير القرطبي) 1. تفسير البغوي 2. زاد المسير

إِنَّ اللَّهَ لَا يَخْفَىٰ عَلَيْهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ

5. مەيلى زېمىندىكى ۋەياكى ئاسماندىكى ھېچقانداق ئىش  (ياكى ھېچقانداق نەرسە) ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. (يەنى ھېچقانداق ئىش ياكى نەرسە ئاللاھنىڭ بىلىپ، كۆرۈپ، ئاڭلاپ، كۆزىتىپ تۇرۇشىدىن مەخپىي قالالمايدۇ.)

هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

6. سىلەرگە ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا ئۆزى خالىغان شەكىلنى بەرگەن زات ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئەلئەزىدۇر، ئەلھەكىمدۇر.

ئەلھەكىم — بارچە ئىشنى توپتوغرا ۋە مۇكەممەل قىلغۇچى ئىلاھ، مەنىسىدىدۇر. (تفسير القرطبي)

هُوَ الَّذِي أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ

7. (ئى پەيغەمبەر) ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان زات ئاللاھتۇر. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بىر تۈركۈمى مۇھكەمدۇر. مۇھكەم ئايەتلەر قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر.1 (مۇھكەم ئايەتلەردىن) باشقىلىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر. قەلبىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر (يەنى بىدئەتچىلەر2، توغرا يولدىن چەتنىگەن ئازغۇن كىشىلەر3) پىتنە چىقىرىش ئۈچۈن (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىنى4، جاھىللارنى ئازدۇرۇش، شەك-شۈبھە ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن5) ۋە ئايەتلەرنى ئۆزىنىڭ باتىل چۈشەنچىلىرى بويىچە شەرھلەش ئۈچۈن6 (يەنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ بۇزۇش ئۈچۈن7) مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىتىنى8 ئاللاھتىن باشقا ۋە چوڭقۇر ئىلاھىي ئىلىمگە ئىگە رەببانىي ئالىملاردىن (يەنى ئىلىمى بىلەن ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان ئالمىلاردىن9) باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.10 ئۇلار «بىز قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، قۇرئاننىڭ بارچە ئايىتى رەببىمىزدىن كەلگەندۇر» دېيىشىدۇ. مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا  (يەنى چوڭقۇر شەرئىي ئىلىمگە ئىگە، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى بىرلەشتۈرگەن رەببانىي ئالىملارلا) چۈشىنەلەيدۇ.11 (ئەقىل ئىگىلىرىدىن باشقىسى پايدىلىق جەھەتلەرنى ۋە توغرا ئىلىملەرنى ئويلىنىپ ۋەز-نەسىھەت ئالمايدۇ.12)

7-ئايەت: 1. زاد المسير 2. تفسير البغوي 3. زاد المسير، تفسير ابن كثير 4.7. تفسير ابن كثير 5. تفسير البغوي، تفسير ابن كثير 6. تفسير السعدي، تفسير الميسر 8.12.تفسير السعدي 9. تفسير البغوي  10. تفسير السعدي، تفسير البغوي 11. تفسير الميسر

مۇھكەم ئايەتلەر — ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەنىگە ئىگە بولغان، مەنىسى ۋە ھۆكمى ئېنىق ئايەتلەر بولۇپ، ئىزاھاتلاشقا ئېھتىياج يوقتۇر. مۇھكەم ئايەتلەرنىڭ شەرھى خىلمۇ خىل مۇمكىنچىلىككە ئىگە مەنالارغا ئەمەس، بىرلا مەناغا ماڭىدۇ. مۇھكەم ئايەتلەر ئەقلى جايىدا ئادەمگە قىيىن ياكى مۈجمەل كەلمەيدۇ. (زاد المسير) مۇھكەم ئايەتلەر ھالالنى، ھارامنى ۋە باشقا ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان ئايەتلەردۇر. (تفسير البغوي)

مۇتەشابىھ ئايەتلەر — بىردىن كۆپ مەنىگە مېڭىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئايەتلەردۇر. (زاد المسير، تفسير السعدي)

قەتادە، سۇددى ۋە زەھھاك — مۇھكەم ئايەتلەر ئەمەل قىلىنىدىغان ناسىخ ئايەتلەردۇر، مۇتەشابىھ ئايلەتلەر ئىمان ئېيتىلىدىغان، ئەمما ئەمەل قىلىنمايدىغان مەنسۇخ ئايەتلەردۇر. (تفسير البغوي)

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: قۇرئاننىڭ مۇھكەم ئايەتلىرى — ھاللارنى، ھاراملارنى ۋە چەك-چېگرىلارنى بايان قىلغان، ھەم ئىمان ئېيتىلىدىغان، ھەم ئەمەل قىلىنىدىغان ئايەتلەردۇر. مۇتەشابىھ ئايەتلەر — مەنسۇخ قىلىنغان ئايەتلەر بولۇپ، ئىمان ئېيتىلىدىغان ئەمما ئەمەل قىلىنمايدىغان ئايەتلەردۇر. (تفسير البغوي)

«قەلبىدە ئەگىرىلىك بولغانلار» — خاۋارىجلاردۇر دېيىلگەن. (زاد المسير، تفسير البغوي)، ئىبنى جۇرەيج قەلبىدە ئەگرىلىك بولغانلارنى «مۇناپىقلاردۇر» دېگەن. (زاد المسير)

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى مۇھكەم ئايەتلەر ئاساسىدا چۈشىنىش ئارقىلىق، قۇرئان كەرىم پۈتۈنلەي مۇھكەم بولىدۇ. (تفسير السعدي)

رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنتَ الْوَهَّابُ

8. (چوڭقۇر شەرئىي ئىلىمگە ئىگە بۇ خىل رەببانىي ئالىملار دەيدۇكى:) ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن (يەنى بىز دىنىڭنى ھەق دىن دەپ تاللىغىنىمىزدىن كېيىن، شۇنداقلا بىزنى قۇرئاننىڭ ھەم مۇھكەم، ھەم مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلغىنىڭدىن كېيىن1) قەلبىمىزنى ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتمىگىن. (يەنى قەلبىدە ئازغۇنلۇق بولغانلارنى ھەقتىن بۇرىۋەتكىنىڭدەك، بىزنىڭ قەلبلىرىمىزنىمۇ ھەقتىن ۋە ھىدايەتتىن بۇرىۋەتمىگىن2، بىزنى قۇرئاننىڭ مۇتەشابىھ ئايەتلىرى بىلەن ئەمەل قىلماقچى بولغانلاردەك قىلىپ قويمىغىن.3) بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن (قەلبىمىزنى ھەقتە مۇستەھكەم قىلىدىغان، ئىمانىمىزنى ئاشۇرۇپ، غەيىپ خەۋەرلىرىگە بولغان شەكسىز ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدىغان4) رەھمەت ئاتا قىلغىن. شەكسىزكى، سەن ئەلۋاھھابسەن.

ئەلۋاھھاب— ھېچكىمدىن رەھمەت-ھەشقاللا كۈتمەستىن، قىلغان ياخشىلىقىڭغا ياخشىلىق ئارقىلىق جاۋاب كېلىشىنى كۈتمەستىن، مەخلۇقاتىغا بەك كۆپ ياخشىلىق قىلغۇچى، سورىمىغۇچىغىمۇ مول-مول بەرگۈچى ئاللاھ، دېگەن مەنىدە.5

8-ئايەت: 1.2. تفسير البغوي 3.4. تفسير ابن كثير 5.تفسير البغوي، زاد المسير، تفسير ابن كثير، تفسير السعدي

رَبَّنَا إِنَّكَ جَامِعُ النَّاسِ لِيَوْمٍ لَّا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ

9. ئى رەببىمىز! يۈز بېرىشىدە ھېچقانداق شەك-شۈبھە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە، شەكسىزكى، سەن ئىنسانلارنى توپلىغۇچىسەن. ئاللاھ بەرگەن ۋەدىسىدىن (يەنى قىيامەت كۈنى مەخلۇقاتنى ھېساپ ئېلىش ئۈچۈن مەشھەرگاھ مەيدانىغا توپلاپ، ياخشىلار بىلەن جەننەتنى، يامانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن، مۆمىنلەرگە قىيامەت كۈنى كاتتا مۇكاپاتلارنى بېرىمەن؛ كاپىر-مۇناپىقلارغا بولسا دوزاختا قاتتىق جازا بېرىمەن، دېگەن ۋەدىسىدىن) ھەرگىز يېنىۋالمايدۇ.

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَن تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُم مِّنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ وَقُودُ النَّارِ

10. شۇنىڭدا شەك يوقكى، كاپىرلارنىڭ پۇل-ماللىرى، بالا-چاقىلىرى ئاللاھنىڭ جازاسىغا قارشى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى كاپىرلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.

كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ وَالَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ

11. كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچىلىرىنىڭ، شۇنداقلار ئۇلاردىن ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ۋە شۇ قاتارلىدىكىلەرنىڭ1) ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايەتلىرىمىزنى — بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇلارغا ئەۋەتكەن ھەقىقەتلەرنى يالغانغا چىقاردى. ئاللاھ ئۇلارنى ھەقنى ئىنكار قىلىپ، ھەقىقەتكە قارشى چىقىش گۇناھى سەۋەبلىك جازالىدى. (ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا) ئاللاھنىڭ جازاسى بەكمۇ قاتتىقتۇر. (1. تفسير البغوي)

قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا سَتُغْلَبُونَ وَتُحْشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ

(رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئاۋۋال، پەيغەمبەرلىكتىن كېيىن مەككىدە 13 يىل دەۋەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھقا ۋە مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى ئېغىر ئەزىيەتلەرنى بېرىپ، مىسلىسىز بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى. كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرى تازا كۈچەيگەن چاغدا ئايەت مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:1)

12. (ئى پەيغەمبەر) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى:«(ئى كاپىرلار!) سىلەر يېقىندا مەغلۇپ بولۇپ يەر چىشلەيسىلەر، ئاندىن (شىددەتلىك جازالىنىشىڭلار ئۈچۈن پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) جەھەننەمگە ھەيدىلىسىلەر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك.» 1). زاد المسير(

قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُم مِّثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ ۚ وَاللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَن يَشَاءُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّأُولِي الْأَبْصَارِ

13. (ئى مۆمىنلەر! بەدر كۈنى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن1) بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىككى گورۇھتا (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەم ۋە ساھابىلىرى بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرىدا2، «يېقىندا يېڭىلىسىلەر»  دېگەن سۆزۈمنىڭ ھەقلىقىنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن3) سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلاردىن بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان گورۇھ بولۇپ (سانى 310 ئىدى، يەتمىش تۆگە، ئىككى ئاتلىق بولۇپ، قالغانلار پىيادە ئىدى، پۈتۈن قوشۇندا ساۋۇت — تۆمۈر جەڭ كىيىمى كىيگەنلەرنىڭ سانى ئالتە، قىلىچ تۇتقانلارنىڭ سانى سەككىز ئىدى4)، يەنە بىرى بولسا كاپىرلار گورۇھى ئىدى. (بۇلار مەككە كاپىرلىرى بولۇپ، ئادەم سانى 950 ئىدى.) مۇسۇلمانلار كاپىرلار قوشۇنىنى ئۆزىدىن بىر ھەسسە كۆپ ھالدا كۆرگەن ئىدى. (يەنى ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتكەن، مۇشرىكلارنىڭ سانى مۇسۇلمانلارغا 620 بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى.5) ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە ئۆز ياردىمى بىلەن يار-يۆلەك بولىدۇ. بۇنىڭدا بەسىرەتكە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر.

1.3.4.5.6. تفسير البغوي، زاد المسير 2. زاد المسير

زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَاللَّهُ عِندَهُ حُسْنُ الْمَآبِ

14. ئاياللار، ئوغۇللار، توپ-توپ ئالتۇن-كۈمۈشلەر، ئېسىل ئاتلار، مال-چارۋىلار ۋە زىرائەتلەر قاتارلىق كۆڭۈلگە ياقىدىغان نەرسىلەرگە ھېرىسمەنلىك قىلىش ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. بۇلار دۇنيا ھاياتىدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەردۇر. (يۇقىرىقىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى زىننەتلىرىدۇر. بۇ زىننەتلەر مۇتلەق يوق بولىدۇ.1) ھالبۇكى، (يۇقىرىقى ۋاقىتلىق دۇنيا زىننەتلىرىگە ئېرىشىشنى ئەڭ چوڭ غايە قىلماستىن، ئاللاھنى رازى قىلىشنى ئەڭ چوڭ غايە قىلغان تەقۋادارلار) بارىدىغان گۈزەل يەر ئاللاھنىڭ يېنىدىدۇر. (ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر؟2) 1.تەپىسر ئىبنى كەسىر 2.تفسير الميسر

قُلْ أَؤُنَبِّئُكُم بِخَيْرٍ مِّن ذَٰلِكُمْ ۚ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَأَزْوَاجٌ مُّطَهَّرَةٌ وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ

15. (ئى پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە) ئېيتقىنكى:«سىلەرگە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ياخشىسىنى دەپ بەرمەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ يېنىدا (دەل-دەرەخلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، (تەقۋادارلار) ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان جەننەتلەر بار. جەننەتتە پاك  (تۈرلۈك ئەخلاقىي قۇسۇرلاردىن ۋە ماددىي ناپاكلىقلاردىن خالىي1) پاك ئاياللار بار. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار. (جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارغا مەڭگۈ غەزەپلەنمەيدۇ.2)» ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (ئاللاھ ئۆز رازىلىقىنى ۋە جەننەت نېمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا گۈزەللىكلىرىنى تەرك ئەتكەنلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارغا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم بېرىدۇ.4) 1.2.  تفسير ابن كثير 3.4.زاد المسير

الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا إِنَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ

16. (ئەنە شۇ نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرنىڭ ئىگىسى بولىدىغان تەقۋادارلار1) «ئى رەببىمىز! بىز شەكسىز ئىمان ئېيتتۇق (سەن ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە خەۋەر بەرگەن بارچە خەۋەرلەرنى شەكسىز ھەق دەپ ئىشەندۇق2)، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. (1.2. تفسير البغوي)

الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ

17. تەقۋادارلار — (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، يامان ئىش-ئەمەللەردىن قول ئۈزۈش، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش جەھەتلەردە) سەبرچان كىشىلەردۇر. تەقۋادارلار — (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدە دۇرۇستلۇق يولىنى تۇتقان، ئىخلاسمەن، ياخشى نىيەتلىك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، دىلىدا ياخشىلىق قايناپ تۇرىدىغان، ھەر قانداق ھالەتتە راست سۆزلەيدىغان، ئىمانىغا) سادىق كىشىلەردۇر. تەقۋادارلار — ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا تولۇق ئىتائەت قىلىشقا دائىما تىرىشىدىغان كىشىلەردۇر. تەقۋادارلار — پۇل-مېلىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار ئۈچۈن خىراجەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. شۇنداقلا، تەقۋادارلار — سەھەرلەردە (يەنى كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدا، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئاۋۋال) گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.

شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

18. ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى؛پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەت قىلىنىشقا لايق ھېچبىر ھەق) ئىلاھ يوق. (ئاللاھ بارچە مەخلۇقاتنىڭ ئىلاھىدۇر، جىمىي مەخلۇقات ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر. ھەممە مەخلۇقات ئاللاھقا موھتاجدۇر، ئاللاھ ھېچكىمگە ۋە ھېچنەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر.1) ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر. 1. تفسير ابن كثير

إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ

19. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان (بىردىنبىر) دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىلار ۋە خىرستىيانلار1) ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلىپ، كىتابلار نازىل بولۇپ ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن) ئارىسىدىكى قىزغانچۇقلۇق سەۋەبلىك2 (ئىسلام دىنى توغرىسىدا، ئۆز كىتابلىرىدا سۈپەتلىرى ئوچۇق يېزىلغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا3) ئىختىلاپ قىلىشتى. كىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولسا، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. (كاپىر بولغانلارنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي، ئاللاھ ھەممىسىدىن تېزلىكتە ھېساپ ئېلىپ، جازاسىنى بەرگۈچىدۇر.) 1.2. زاد المسير 3. زاد المسير، تفسير قرطوبي

مۆتىۋەر تابىئىن ئالىملىرىدىن ئەبۇل ئالىيە مۇنداق دېگەن: «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئىمان ۋە ئىتائەتتۇر. (تفسير القرطبي) ئىسلام — ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن ھالەتلەردە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرىئەت قىلغان شەكىلدە پەقەتلا ئاللاھقا بويۇن ئېگىشتۇر. بۇ ۋەجىدىن، ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىنغا مەنسۇپ بولغان كىشى ئاللاھقا بويۇن ئەگكەن كىشى ھېسابلانمايدۇ. (تفسير السعدي)

فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوا ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ

20. (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار1) سەن بىلەن (تەۋھىد ھەققىدە2) مۇنازىرىلەشسە «مەن ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە يۈزۈمنى ئاللاھقا تەسلىم قىلدىم (يەنى ھەم تاشقى، ھەم ئىچكى جەھەتتىن ئاللاھقا بويسۇندۇم3)» دېگىن. ئەھلى كىتابقا (يەھۇدىيلارغا ۋە خىرستىيانلارغا)، شۇنداقلا ساۋاتسىزلارغا (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىغا4 ھەقنى بايان قىلغىن، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ5) «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ يوق؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ. ئەگەر  ئۇلار ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسە، (بۇنىڭدىن ئارامسىزلىنىپ كەتمىگىن6.) سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىنسانىيەتكە) يەتكۈزۈشتۇر. (ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساب ئېلىش ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر.6) ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

بۇ ئايەتتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ جىمىي ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلىنىدۇ. سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس كىتاپلىرىدىكى مۇتىۋاتىر دەرىجىسىدىكى خەۋەرلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئەرەپلەرگە ۋە ئەجەملەرگە، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە مىللەتلىرىگە ئۇلارنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى ھەقىقەتتۇر. (تفسير ابن كثير) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(مەندىن ئىلگىرىكى) ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدى. مەن بولسام جىمىي ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدىم.» (بۇخارى 335؛ مۇسلىم 521) 1.6. زاد المسير 2. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر 3.7. تفسير السعدي 5. تفسير ابن كثير 4. زاد المسير، تفسير القرطبي

إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

21. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارغا، پەيغەمبەرلەرنى ھەقسىز رەۋىشتە ئۆلتۈرىدىغانلارغا ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان (يەنى كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان) كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا  (دوزاختىكى) شىددەتلىك جازا بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.

أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ

22. مانا بۇلار دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ (ياخشىلىق كۆزلەپ قىلغان) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن (يەنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدىغان1) كىشىلەردۇر. ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان) ياردەمچىلىرىمۇ بولمايدۇ. (1.  تفسير الميسر)

أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِّنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ وَهُم مُّعْرِضُونَ

23. كىتابتىن نېسىۋىگە ئىگە بولغۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىلاردىن1 ۋە خىرستىيانلاردىن2 ئۆز دىنلىرىدا ئالىم ھېسابلانغانلىرىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا كېلىشكە دەۋەت قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە كېلىشكە قىلغان دەۋەتلىرىدىن كېيىن) ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.  (ھالبۇكى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇ زاتقا ۋە ئۇ  زات ئېلىپ كەلگەن كىتابقا ئىمان ئېيتىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان ئىدى، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەممىدىن بەك ئەنە شۇلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. ھالبۇكى،) ئۇلار (ھەر دائىم ھەقتىن) يۈز ئۆرىگۈچىلەردۇر.  

1. تفسير البغوي 2.  تفسير ابن كثير

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَن تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۖ وَغَرَّهُمْ فِي دِينِهِم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ

24. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى (يەنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر ۋە ھەق دىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېتىقادى) سەۋەب «(گۇناھلىرىمىز سەۋەبلىك) بىزنى دوزاخ ئوتى پەقەت ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى ھەر مىڭ يىلدا بىر كۈن، جەمئىي پەقەت يەتتە كۈنلا1) كۆيدۈرىدۇ» (ھەقكە ھەر قانچە قارشىلىق قىلساقمۇ، بىز ئاخىرەتتە يەنىلا بەخىتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولىمىز2) دېگەن (باتىل ئەقىدىسى سەۋەبلىكتۇر.) ئۇلارنىڭ (ئەنە شۇنداق باتىل) ئويدۇرمىلىرى دىن جەھەتتە ئۇلارنى ئالدىدى. (1.تفسير ابن كثير 2. تفسير السعدي)

فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَاهُمْ لِيَوْمٍ لَّا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

25. يۈز بېرىشىنىڭ ھەقلىقىدە ھېچبىر شەك بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنى (قىلمىشلىرىدىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) توپلىغىنىمىزدا، ھەر بىر ئىنسانغا دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى — ھېچقانداق ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇم بولمىغان ھالدا — (يەنى، ياخشىلىقلىرىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئازايتىۋېتىلمەستىن، يامانلىقلىرىغا بېرىلىدىغان جازا ئاشۇرۇۋېتىلمەستىن1) تولۇق بېرىلگەندە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟  (دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولغان تۇرۇقلۇق، ئاخىرەتتىمۇ يەنە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە ئىگە بولامدۇ؟) (1. تفسير البغوي)

***

قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَن تَشَاءُ وَتَنزِعُ الْمُلْكَ مِمَّن تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَن تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَن تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

(رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككە فەتھىدىن كېيىن، ئۈممىتىگە پارىس ئىمپىرىيىسى بىلەن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۈلكىنى ۋەدە قىلىۋىدى. مۇناپىقلار ۋە يەھۇدىلار «قارىمامدىغان! پارس بىلەن رۇم كىم، مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم> كىم؟ مۇھەممەدكە مەككە بىلەن مەدىنە يەتمەي، ئەمدى پارس ئېمپرىيىسى بىلەن رۇم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تاما قىلامدىكەن» دەپ تەنە قىلىشتى. نەتىجىدە مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى.1)

26. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: «ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن ھۆكۈمرانلىقنى ئۆزۈڭ خالىغانلارغا (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە ساھابىلىرىگە2) بېرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغانلاردىن (رىم ۋە پارستىن3) ھۆكۈمرانلىقنى تارتىپ ئالىسەن. ئۆزۈڭ خالىغانلارنى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى، ساھابىلىرىنى4 ۋە ئۇلارغا سەن تەلەپ قىلغىنىڭ بويىچە ئەگەشكەن تەقۋادار مۆمىنلەرنى) ئەزىز قىلىسەن، ئۆزۈڭ خالىغانلارنى (ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىپ، سېنىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ يول تۇتقۇچىلارنى  دۇنيادا شەيتانغا تاشلاپ بېرىش ۋە سېنى رازى قىلىدىغان سالىھ ئەمەللەردىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق؛ ئاخىرەتتە دوزاختا جازالاش ئارقىلىق) خار قىلىسەن. (بارچە) ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. (ياخشىلىقلارنى، نېمەتلەرنى ۋە گۈزەللىكلەرنى ئاتا قىلغۇچى زات يالغۇز سەندۇرسەن.5) شەكسىزكى، سەن ھەممە ئىشقا قادىرسەن.»

  1. 1.تفسير البغوي، تفسير القرطبي، زاد المسير 2.3.4. تفسير البغوي، زاد المسير 5. تفسير السعدي

تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَن تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ

27. «(ئى رەببىم! سەن) كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن. ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىسەن (جانسىز مەنىيدىن تىرىك ئىنساننى چىقىرىسەن1)، تىرىكتىن ئۆلۈكنى (تىرىك ئىنساندىن جانسىز مەنىينى2) چىقىرىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە (ھېكمىتىڭ، ئىرادەڭ ۋە ئادالىتىڭ يۈزىسىدىن3) ھېساپسىز رىزق بېرىسەن.» 1.2. تفسير البغوي، زاد المسير 3. تفسير ابن كثير

لَّا يَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَلَيْسَ مِنَ اللَّهِ فِي شَيْءٍ إِلَّا أَن تَتَّقُوا مِنْهُمْ تُقَاةً ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ

28. مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى تاشلاپ كاپىرلارنى دوست تۇتۇۋالمىسۇن. كىم كاپىرلارنى دوست تۇتۇۋالسا1 (كاپىرلارغا سۆيگۈ، مۇھەببەت ھالىتىدە بولسا2، كاپىرلارنى سىرداش تۇتسا، كاپىرلارغا ياراشقا ھەرىكەت قىلسا3) ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولىدۇ. (ئاللاھ بىلەن4 ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا تەۋە ھەممە ئىش بىلەن ئالاقىسى قالمىغان بولىدۇ5. بۇنداق كىشى ئاللاھتىن ئۇزاقتۇر، ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن ئۇزاقتۇر.6) ئەمما، كاپىرلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلساڭلار (يەنى كاپىرلارغا بولغان دۈشمەنلىكىڭلارنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىنىڭلار تەقدىردە ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان بىرەر زىياندىن قورقساڭلار، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار بىلەن ئەھدى تۈزۈشۈڭلار، ئۇلار بىلەن <قەلبىڭلاردا ئەمەس، تاشقى كۆرۈنۈشۈڭلاردا> ياخشى ئۆتۈشۈڭلار رۇخسەت7، كاپىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزۈڭلارنى قوغداش ئۈچۈن كاپىرنى قەلبىڭلاردا ئۆچ كۆرۈپ، تاشقى كۆرۈنۈشتە يالغاندىن دوستتەك سىياققا كىرىۋالساڭلار8، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈزىگە كۈلسەڭلار9) ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلەر جۈملىسىدىن ھېسابلانمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىگە قارشى چىقىشتىن  (يەنى ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى دۈشمەن تۇتۇپ، دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇشتىن؛ ۋە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلمىسىڭلار، سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىش بىلەن ۋە قاتتىق جازاسى بىلەن10) قورقىتىدۇ. (ئۇنداق ئىكەن، ئاللاھتىن قورقۇشنى ئىنسانلاردىن قورقۇشنىڭ ئالدىغا قويۇڭلار.11 كاپىرلار بىلەن دوستلۇق قۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغانلارنى بەجا كەلتۈرمىساڭلار، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراشتىن قورققايسىلەر.12) قايتىش ئاللاھقىدۇر. (يەنى ھەر كىم ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ۋە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ياكى جازاسىنى ئاللاھتىن ئالىدۇ.13)

باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىم كاپىرلارنى دوست تۇتسا، ئۇ ئۇلاردىندۇر.»(5:51)

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى كاپىرلارنى دوست تۇتۇشتىن، ئۇلارغا ياراشقا ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە ئۇلار سىرداش قىلىۋېلىشتىن چەكلىدى. لېكىن، كاپىرلار ئۈستۈن، ھۆكۈمدار بولغان؛ ياكى مۆمىنلەر كاپىرلارنىڭ ئارىىسدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورقىدىغان ھالەتتە بولسا، پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تىلى بىلەن ئۇلارنى مەمنۇن قىلىپ قويۇشى دۇرۇس بولىدۇ. لېكىن، بۇ ھالەتلەردە ھېچبىر جانغا زامىن بولۇشتىن؛ ھېچبىر جانغا ياكى مالغا زىيان سېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. تەقىييە — يەنى كاپىرلارغا يالغاندىن دوستلۇق ئىزھار قىلىپ قويۇش — ئۆلۈم ئەندىشىسى بولغان ئەھۋالدا — قەلبنىڭ ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشى شەرتى بىلەن — جائىزدۇر. تەقىييە قىلىش (پەرز ياكى مۇستەھەپ ئەمەس بەلكى) رۇخسەتتۇر. كىشى (تەقىييە قىلىشنىڭ ئورنىغا) ئۆلۈمگە كۆكرەك كېرىسە (سۆز ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەقنى جاكارلاپ، نامايان قىلسا) بۈيۈك ساۋاپقا نائىل بولىدۇ. بىر تۈركۈم ئالىم بۇ دەۋردە تەقىييە قىلىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (بۈيۈك تابىئىن ئالىم) مۇجاھىدقا مۇنداق دېگەن: «تەقىييە ئىسلامنىڭ دەسلەپى دەۋرلىرىدە، مۇسۇلمانلار كۈچلىنىشتىن ئىلگىرى ئىدى. بۈگۈن ئىسلام ئۈستۈن قىلىندى. بۇ ۋەجىدىن، ئىسلام ئەھلىنىڭ كاپىرلارغا تەقىييە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.» يەھيا مۇنداق دېگەن: ھەججاجنىڭ ۋالىيلىقى دەۋرىدە، سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن «ھەسەن بەسرى سىلەرگە قەلب ئىماندا مۇستەھكەم بولسا، تىل بىلەن تەقىييە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئېيتقانمۇ؟» دەپ سورىسام، سەئىد ئىبنى جۇبەير «ئىسلام ھاكىم بولغاندا تەقىييە قىلىش يوق. تەقىييە — مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆچەكىشىدىغان كاپىرلار ئارىسىدا دۇرۇس بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. (تفسير البغوي)

ئەبۇل ئالىيە مۇنداق دېگەن: تەقىييە (يالغاندىن كاپىر بىلەن دوستتەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش) — ھەرىكەت بىلەن ئەمەس، تىل بىلەن بولىدۇ. (زاد المسير) ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇندەق دېگەن: تەقىييە رۇخسەتتۇر، پەرز ئەمەستۇر. (زاد المسير)

ئىمام ئەھمەدتىن «بېشىڭغا قىلىچ تەڭلەنگەن تەقدرىدە يەنىلا ھەقنى سۆزلەۋەرگەن بولۇرمىتىڭ؟» دەپ سورىلىۋىدى «ئالىم تەقىييە بىلەن، جاھىل بىلىمسىزلىك بىلەن يول ئىزدىسە، ھەقنى كىم جاكارلايدۇ؟» دەپ جاۋاب بەردى.

مۆمىن كاپىرلار ئارىىسدا ياشايدىغان بولسا، ئەگەر جېنىغا بىرەر زىيان كېلىپ قېلىشىدىن قورقسا، قەلبى ئىمان بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇش شەرتى بىلەن تىلىدا ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش يولىنى تۇتسا دۇرۇس. شۇنداقلا، تەقىييە پەقەت ئۆلتۈرۈلۈش ياكى بىر ئەزانىڭ كېسىلىشى ياكى ئېغىر قىيىن-قىستاقتىن قورقۇش ھالىتىدە دۇرۇس بولىدۇ. (تفسير القرطبي)

1. تفسير السعدي 2.4.8.13. تفسير ابن كثير 3.5.12. تفسير البغوي 6. زاد المسير، تفسير السعدي 9. زاد المسير 10. تفسير ابن كثير، تفسيىر القرطبي 7.11. تفسير السعدي

قُلْ إِن تُخْفُوا مَا فِي صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَيَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

29. (ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرگە1) «قەلبىڭلاردىكىنى (يەنى كاپىرلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى2 ۋە كاپىرلارغا مايىل بولۇپ دوست تۇتۇش نىيىتىڭلارنى3) مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار (يەنى ئۇلارغا سۆز ۋە پېئىللىرىڭلار ئارقىلىق دوستلۇق ئىزھار قىلىڭلار4) ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمىي ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ئاسمان زېمىندىكى ھېچبىر ئىش ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس ئىكەن، ئۇ ھالدا كاپىرلار بىلەن بولغان دوستلۇقۇڭلار ۋە قەلىبلىرىڭلاردىكى ئۇلارغا بولغان مەيلى ئاللاھقا قانداقمۇ مەخپىي قالسۇن؟5) ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر» دېگىن.

1. زاد المسير 2.4.5. تفسير البغوي 3. زاد المسير

يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَّا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُّحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِن سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ

30. ھەربىر ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭمۇ، ئۆزى قىلغان يامانلىقنىڭمۇ (قىلغان ھېچبىر ئىشى كەم قىلىنماستىن1 ئۆزىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە خاتىرلەنگەن ھالدا2) كۆز ئالدىدا ھازىر قىلىنىدىغان (يەنى كىشىنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى يامانلىقلىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتى ۋۇجۇدقا چىقىدىغان3) قىيامەت كۈنىدە، ئىنسان قىلغان يامان ئىشلىرى بىلەن ئۆزى ئارىسىدا (يامان ئەمىلى ئۆزىگە يېتىپ كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە4) ئۇزاق مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن (يەنى  ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش يولىنى تۇتساڭلار، قىيامەتتىكى دەھشەتلىك جازاسىدىن5) قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە بەكمۇ شەپقەت كۆرسەتكۈچى زاتتۇر. 

1.4. تفسير البغوي 2. زاد المسير 3. تفسير الميسر 5. تفسير ابن كثير

قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

31. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى:«سىلەر ئەگەر ئاللاھنى  (ھەقىقىي) ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا ماڭا ئەگىشىڭلار (يەنى مەن ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە ۋە مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلىڭلار،1 شۇندىلا) ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلغان مۆمىنلەرنى) بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) بەكمۇ مېھرىباندۇر. (1.تفسير البغوي)

بۇ ئايەت ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان، ئەمما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدا ماڭمايدىغان ھەر قانداق كىشىگە قارشى ھۆججەتتۇر. (تفسير ابن كثير)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگىشىشتە) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. (بۇخارى 7280)

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ئاللاھنى ھەقىقىي مەنادا ياخشى كۆرگىچىلەر بىلەن ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز دەپ ئېغىزلىرىدا داۋا قىلىپ قويىدىغانلارنى ئايرىشتىكى ئۆلچەمدۇر. چۈنكى، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇ زات دەۋەت قىلغان ئىشلارنىڭ بارچىسىغا ئەگىشىشنى — بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشتىكى يول قىلىپ بەلگىگەن. ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى، رازىلىقىنى ۋە مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئېلىپ كەلگەن كىتاپ ۋە سۈننەتنى تەستىقلاش بىلەن، كىتاب ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇقلارغا ئەمەل قىلىپ، كىتاب ۋە سۈننەتتىكى چەكلىمىلەردىن يېنىش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ (روياپقا چىقىدۇ). (تفسير السعدي)

يۇقىرىقى ئايەت (ئالى ئىمران سۈرىسى، 31-ئايەت) نازىل بولغاندا مۇناپىقلارنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي  سورۇنداشلىرىغا «مۇھەممەد ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا قويدى، خىرستىيانلار ئىسانى ياخشى كۆرگەندەك، بىزنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىشىمىزنى ئەمىر قىلدى» دەپ بىلجىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى1:)

قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ

32. «ئاللاھقا (ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندىكى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ئارقىلىق) ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش، بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش ئارقىلىق2) ئىتائەت قىلىڭلار» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە3، (مانا بۇ كۇفۇرنىڭ – كاپىرلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر4.) ئاللاھ كاپىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. 

1. تفسير البغوي، زاد المسير 2.4. تفسير السعدي؛ 3. تفسير البغوي

***

إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ

33. ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئائىلىسىنى (ئىبراھىمنى، ئوغۇللىرى ئىسمائىلنى، ئىسھاقنى، نەۋرىسى ياقۇپنى، شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ نەسەبىدىن كەلگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى1) ۋە ئىمران ئائىلىسىنى تاللاپ، ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈنى قىلدى. (1. تفسير البغوي)

ئىمران  — ئىمران ئىبنى ماساندۇر، ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئانىسى مەريەم ئانىنىڭ دادىسىدۇر. (تفسير البغوي) مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسالاملارنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئىمران.

ذُرِّيَّةً بَعْضُهَا مِن بَعْضٍ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

34. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئەجدادلىق ۋە ئەۋلادلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ئاللاھ (بارچە ئاۋازنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئاشكارا يوشۇرۇن جىمىي ئىش-ھادىسىلەرنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

إِذْ قَالَتِ امْرَأَتُ عِمْرَانَ رَبِّ إِنِّي نَذَرْتُ لَكَ مَا فِي بَطْنِي مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّي ۖ إِنَّكَ أَنتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ

35. ئەينى چاغدا ئىمراننىڭ ئايالى (ھەننە بىنتى فاقۇز1) «ئى رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى پۈتۈنلەي ساڭا (يەنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ھەر قانداق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن ئۇزاق ھالدا، ھاياتىنى پۈتۈنلەي ساڭا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتۈزۈشكە2، بەيتۇل مەقدىس مەسجىدىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا3) ئاتىدىم. بۇ ئەمىلىمنى قوبۇل قىلغىن. شەكسىزكى، سەن (دۇئايىمنى4) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى5) بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دەپ دۇئا قىلدى. 1.3.4.5. تفسير ابن كثير 2.  تفسير البغوي

ئىمام بەغەۋى مۇنداق دېگەن: بۇ يەردىكى ئىمران مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئىمران ئەمەس. بۇ ئايەتتىكى ھەزىرتى مەريەمنىڭ دادىسى ئىمران — ئىمران ئىبنى ماساندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئىمران بىلەن ھەزىرتى مەريەمنىڭ دادىسى ئىمران ئارىسىدا مىڭ سەكسەن يىل بار. ماسان جەمەتىدىن بەنى ئىسرائىلنىڭ مۆتىۋەرلىرى، ئالىملىرى ۋە پادىشاھلىرى چىقاتتى. ئىمراننىڭ ئايالى ھەننە بىنتى قافۇز ئىمرانغا ياتلىق بولۇپ ئۇزاق يىل بالىلىق بولمىدى ۋە يېشى چوڭىيىپ قېرىدى. ئاقىۋەتتە، ئەگەر ئۆزىگە بىر پەرزەنت بەرسە، ئۇنى بەيتۇل مەقسىدتە ئاللاھنىڭ خىزمىتىگە ئاتايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئاللاھتىن بالا تىلىدى. (تفسير البغوي)

فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنثَىٰ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنثَىٰ ۖ وَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ

36. ئىمراننىڭ ئايالى قورسىقىدىكى بالىسىنى تۇغقاندا «ئى رەببىم، قىز تۇغدۇم» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس. ئىمراننىڭ ئايالى «مەن ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئات قويدۇم. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنى قوغلاندى قىلىنغان شەيتانغا قارشى سېنىڭ قوغدىشىڭغا تاپشۇرىمەن.1» دېدى. (تفسير البغوي)

فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَن يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ

37. ئاللاھ مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ نەزىرىسىنى گۈزەل شەكىلدە قوبۇل قىلدى، مەريەمنى گۈزەل شەكىلدە يېتىشتۈردى. (ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرى) زەكەرىيانى مەريەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل قىلدى. زەكەرىيا قاچانلىكى مەريەمنىڭ ئىبادەت خانىسىگە1 كىرگىنىدە، مەريەمنىڭ يېنىدا رىزقلارنى (يازدا قىشنىڭ مېۋىلىرىنى، قىشتا يازنىڭ مېۋىلىرىنى2) كۆرەتتى. زەكەرىيا «ئى مەريەم! بۇلار ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەپ سورىۋىدى، مەريەم «ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن (يەنى جەننەتتىن3) كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزق بېرىدۇ» دېدى. (مەريەم ئانىمىز بۇنى نورمال بوۋاقلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغان بوۋاقلىق يېشىدا دېگەن.4)

*مەريەمنىڭ ھاممىسى زەكەرىيا ئەلەيھىسالامنىڭ ئايالى ئىدى. (تفسير البغوي)

1.2.3.4. تفسير البغوي

هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ

38. زەكەرىيا بۇ ئەسنادا1 (ئىبادەت خانىسىغا كىرىپ، ئىشىكلىرىنى تاقاپ، يالۋۇرغان ھالدا2) ئاللاھقا دۇئا قىلىپ:«ئى رەببىم، ماڭا ئۆز يېنىڭدىن ياخشى پەرزەنت (تەقۋادار، سالىھ پەرزەنت3) نېسىپ قىلغىن، سەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن (ئىجابەت قىلغۇچىسەن4)» دېدى.

1.2.3.4. تفسير البغوي

فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِّنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِّنَ الصَّالِحِينَ

39. زەكەرىيا ئىبادەت خانىسىدە ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا ئۇنىڭغا پەرىشتە1 (جىبرىل2) «ئاللاھ ساڭا يەھيا ئىسىملىك پەرزەنت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىدۇ. يەھيا ئاللاھتىن بولغان بىر كەلىمىنى تەستىقلىغۇچى، سەييىد، ئىپپەتلىك (جىما ئىقتىدارىغا ئىگە تۇرۇپ، جىمادىن ئۇزاق تۇرىدىغان3) ۋە سالىھلار قاتارىدا بولغان بىر پەيغەمبەردۇر» دېدى. 1.2.3. تفسير البغوي

قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ

40. زەكەرىيا «ئى رەببىم! مەن قېرىپ كەتكەن، ئايالىم بولسا تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالغان تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟» دېدى. ئاللاھ (جىبرىل ۋاستىسى ئارقىلىق) «ئىش ساڭا خەۋەر قىلىنغاندەكتۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.

قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُر رَّبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ 

41. زەكەرىيا «ماڭا (ئايالىمنىڭ مەندىن ھامىلدار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا1) بىر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامەت شۇكى، ئىما-ئىشارەت قىلغاندىن سىرت (ساق تۇرۇپ2) كىشىلەگە ئۈچ كۈن گەپ قىلالمايسەن. ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىل، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋە كېچىنىڭ ئەۋۋلىدە  ناماز ئوقۇ3» دېدى. 1.3. تفسير البغوي 2. المختصر في تفسير

وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَىٰ نِسَاءِ الْعَالَمِينَ 

42. ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتە (جىبرىل1) مەريەمگە:«ئى مەريەم! ئاللاھ سېنى ئىبادەت ئۈچۈن تاللىدى2، (ھەيز-نىفاستىن ۋە ئەرلەرنىڭ ساڭا يېقىنلىشىشىدىن ۋە گۇناھلاردىن3) سېنى پاك قىلدى. سېنى جاھاندىكى ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلدى4» دېدى. 1. 3. تفسير البغوي، زاد المسير 2.4. تفسير البغوي 

يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ

43. ئى مەريەم! رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، نامازنىڭ قىيامىنى ئۇزۇن تۇت1، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن. 1. تفسير البغوي، زاد المسير

ذَٰلِكَ مِنْ أَنبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ

44. (ئى پەيغەمبەر1) بۇلار بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمگە كىمنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشى (يەنى كىمنىڭ مەرىيەمگە مەسئۇل بولۇپ، چوڭ قىلىشى2) ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىشىپ، (چەك تارتىش يۈزىسىدىن3) قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدىڭ. 1.تفسير البغوي 2. تفسير البغوي، زاد المسير 3. تفسير البغوي

* مەريەمنىڭ دادىسى مەريەم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇنى كىم ھىمايىسىگە ئېلىش توغرىسىدا تالىشىپ قېلىپ چەك تاشلاشقان ئىدى. (تفسير البغوي)

إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ

45. ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن بىر كەلىمە (يەنى ئاللاھنىڭ «يارال» دېيىشى بىلەن يارىتىلغان بىر پەرزەنت1) بىلەن خۇش بىشارەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەسىھ ئىسا ئىبنى مەريەمدۇر. ئۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئېتىبارى ئۈستۈندۇر2، ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىندۇر» دېدى.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئىسا ئىبنى مەريەم\ مەيەمنىڭ ئوغلى ئىسا» دېيىلىشى — خىرىتسىيانلارنىڭ سۆزىنى رەت قىلىش ئۈچۈن. چۈنكى، خىرستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، دەپ ئېتىقاد قىلىشقان. (زاد المسير)

مەسىھ دېيىلىشى — ھەر قانداق كېسەلگە قولىنى سۈرتسە، ئۇ كېسەلنىڭ چوقۇم ساقىيىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر؛ شۇنداقلا، بەرىكەت بىلەن سىلانغانلىقى، جىبرىل پەرىشتە قانىتى بىلەن سىلىغانلىقى ئۈچۈندۇر. (تفسير البغوي، زاد المسير.) 1.2. زاد المسير

وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ

46. ئۇ (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە ئانىسىنىڭ پاك ئايال ئىكەنلىگە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن1) ئىنسانلارغا بۆشۈكىدە سۆز قىلىدۇ، قىران چېغىدىمۇ سۆز قىلىدۇ. ئۇ سالىھلاردىندۇر. 1. زاد المسير

سالىھ كىشى — ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى مەرىپەت ۋە مۇھەببىتى بىلەن، تىلىنى ئۆزىنى ماختاش ۋە زىكىر قىلىش بىلەن، ئەزالىرىنى ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئاللاھنىڭ يولىغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئىسلاھ قىلغان كىشىدۇر. (تفسير السعدي)

قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ

47. مەريەم (ھەيرانلىق ئىلىكىدە1) ئېيتتى: «رەببىم! ماڭا ھېچكىم يېقىن كەلمىگەن تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟» دېدى. (مەريەمگە ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈنگەن پەرشىتە) جىبرىل ئېيتتى2: «ئىش مۇشۇنداقتۇر. (ئاللاھ ئىش-ھادىسىلەرنى ياكى نەرسىلەرنى سەۋەبلەرگە باغلاپ ئوتتۇرىغا چىقارغىنىدەك، خالىسا ھېچبىر سەۋەبكە سەۋەبكە باغلىماستىن، بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.3) ئاللاھ ئۆزى خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ بىر ئىشنىڭ  (ياكى نەرسىنىڭ) ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا <بول> دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش (ئۇ نەرسە) ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.» 

1. زاد المسير، تفسير الميسر 2.3. زاد المسير

وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ

48. ئاللاھ ئىساغا يېزىشنى، ھېكمەتنى (ئىلىم ۋە فىقھىنى1، سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە توغرىلىقنى2)، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ. 

1. تفسير البغوي، زاد المسير 2. تفسير الميسر

وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُم مِّنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُم بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

49. ئاللاھ ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنۇلارنى دەيدۇ:1) «مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن (مېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان2) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇش شەكلىنى ياسايمەن3، ئاندىن قۇشقا پۈۋلەيمەن-دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن لايدىن ياسالغان قۇش شەكلى (ھەقىقىي4) قۇشقا ئايلىنىدۇ. مەن يەنە  (ئىسمى ئەزەمنى ئوقۇپ5) ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاق كېسەلنى، تۇغما ئەمانى ساقايتىمەن، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمەن. شۇنداقلا، (تۆنۈگۈن، بۈگۈن6) يېگەن نەرسىلىرىڭلارنى ۋە ئۆيۈڭلاردىكى (ئەمدى يېمەكچى بولۇپ ساقلاپ قويغان7) نەرسىلىرىڭلارنى (ھېچ كۆرۈپ باقمىغان تۇرۇپ8) ئېيتىپ بېرىمەن. ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، بۇلاردا (يەنى ئېيقانلىرىمنى قىلالاشقا ھېچقانداق ئىنسۇ-جىننىڭ كۈچى يەتمەيدىغان بۇ مۆجىزىلەردە9 مېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان10) دەلىل11 باردۇر.

 1.تفسير الميسر 2.تفسير البغوي، تفسير الميسر 3. زاد المسير 4. تفسير الميسر 5.6.7.8. تفسير البغوي 9. تفسير البغوي، تفسير الميسر 10.تفسير الميسر

* ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئەۋەتىلگەن نەبى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىسا ئەلەيھىسسالامدۇر. (تفسير البغوي)

* ئىسا ئەلەيھىسسالام زامانىدا تىبابەت ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما (ئۇ چاغدىكى تىبابەت ئۇستىلىرى) ئاق كېسەلنى ياكى ئەمانى ساقايتالمايتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تىبابەتتىن مۆجىزە كۆرسەتكەن. بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ مۆجىزىسىدۇر. مۇپەسسىرلەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. (زاد المسير)

* ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھەر كۈنى ئەللىك مىڭدەك كېسەل كېلەتتى، بۇلار ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كېلىشكە قۇربىتى يەتكەن كىشىلەر ئىدى. كېسەللىكتىن كېلەلمىگەنلەرنىڭ يېنىغا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى باراتتى ۋە ئىمان ئېيتىش شەرتى بىلەن ئۇلارنى دۇئا ئارقىلىق ساقاياتتى. (تفسير البغوي)

وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ

50. مەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى قىلىنىپ، شۇنداقلا سىلەرگە (ئىلگىرى) ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن1) ھالال قىلىش ئۈچۈن  (پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدىم. سىلەرگە رەببىڭلاردىن (مېنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان2) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم3. (ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش4، ئاللاھقا يارايدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا (يەنى مېنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىمگە5) ئىتائەت قىلىڭلار.

  • *«ئىلگىرى ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن» — (يەنى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچ ياغلىرىنى ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى سىلەرگە ھالال قىلىش ئۈچۈن 6
  • *مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تۆگە گۆشىنى، تۆگىنىڭ ئىچ يېغىنى ۋە بەزى قۇشلارنى ھارام قىلغان ئىدى.7

1.تفسير الميسر 2.زاد المسير 3.تفسير البغوي 4.تفسير الميسر 5.تفسير البغوي 6.تفسير البغوي 7. زاد المسير

إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِيمٌ

51. ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر.

فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَى مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ

52. ئىسا ئۇلارنىڭ كۇفۇرنى (يەنى كۇفۇردا چىڭ تۇرۇۋالغىنىنى1) بىلگەندە2 (شۇنداقلا، قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ھاۋارىيلاردىن — ھەقكە ئىگە چىقىش ۋە ھەق دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا داۋام قىلىش ئۈچۈن ياردەم سوراپ4) «ئاللاھ (نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش4) يولىدا كىم ماڭا ياردەمچى بولىدۇ؟5» دېدى. ھاۋارىيلار «مانا بىز ئاللاھنىڭ (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ6) ياردەمچىلىرىمىز.(ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغۇچىلاردۇرمىز.7) بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ (تەۋھىد ۋە ئىتائەت بىلەن ئاللاھقا تەسلىم بولغان8) مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولغىن» دېيىشتى. 

(ھاۋارىيلار — ئاللاھقا ۋە ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئىدى، ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ تاللانغان ساھابىلىرى ئىدى. 9 ئۇلارنىڭ سانى 12 ئىدى.10)

1.تفسير الميسر 2.زاد المسير، تفسير البغوي 3.تفسير البغوي 4.تفسير الميسر 5.تفسير البغوي 6.تفسير البغوي 7.8. تفسير الميسر 9.زاد المسير، تفسير البغوي، تفسير الميسر 10.زاد المسير، تفسير البغوي

رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ

53. (ھاۋارىيلەر مۇنداق دۇئا قىلدى1) ئى رەببىمىز، بىز سەن نازىل قىلغانغا (يەنى ئىنجىلغا2 ۋە تەۋراتقا) ئىمان ئېيتتۇق، (سەن بىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىسا3) پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق. بىزنى (سېنىڭ بىرلىكىڭگە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقلىقىگە4) گۇۋاھ بولغۇچىلار قاتارىدىن قىل.

1.2. زاد المسير 3.تفسير البغوي، زاد المسير 4. زاد المسير، تفسير الميسر

وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ

54. ئۇلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولغان ئىسرائىل ئەۋلادى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى  <سۈيقەست بىلەن1> ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن2) توزاق قۇردى (ۋە ئۇ كاپىرلار ۋەزىپىلەندۈرگەن كىشى ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ تۇرغان جايىنى سۈيقەستچىلەرگە بىلدۈردى.3 بۇنىڭغا قارشى) ئاللاھمۇ توزاق قۇردى. (ئاللاھ خەۋەر يەتكۈزگەن خائىننىڭ تەقى-تۇرقىنى ئىسا ئەلەيھىسالامغا ئوخشىتىپ قويدى. نەتىجىدە، سۈيقەستچىلەر ئۇنى ئىسا دەپ بىلىپ، كىرىسقا مىخلاپ ئۆلتۈردى.4) ئاللاھ توزاق قۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. (چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى قۇرغان توزىقىدىنمۇ دەھشەتلىك توزاق يوقتۇر5.)

1.تفسير الميسر 2.تفسير البغوي 3-4- تفسير الميسر 5. مختصر في التفسير

بۇ سۈرىدە ئاللاھنىڭ توزاق قۇرۇش سۈپىتى بارلىقى بايان قىلىندى. ئاللاھنىڭ توزاق قۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ۋە كامالىغا ئۇيغۇن سۈپەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھنىڭ تۇزىقى ھەق توزاقتۇر، توزاق قۇرغۇچىلارنىڭ توزىقىغا قارشى توزاقتۇر. (تفسير الميسر)

إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ

55. ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى ئىسا! سېنى ئۆزۈم تەرەپكە كۆتۈرۈپ (تىرىك ھالەتتە1) ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن، سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن. (يەنى سېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلاردىن قۇتقۇزىمەن.2)، كېيىن (يەنى سەن ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن3) سېنى ۋاپات تاپقۇزىمەن.4 ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكە قەدەر كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاخىرىدا، ھەممىڭلار (ئاخىرەتتە5) ماڭا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپلاشقان ئىشلار ئۈستىدە (يەنى دىن جەھەتتىكى6 ۋە ئىسا ھەققىدىكى ئىختىلاپلىرىڭلار  توغرىسىدا7) ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىمەن.» 

1. مختصر في التفسير 2.3.5. تفسير البغوي 4. زادل المسير، تفسير البغوي 6. زاد المسير، تفسير البغوي 7. تفسير البغوي

«كېيىن (يەنى سەن ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن) سېنى ۋاپات تاپقۇزىمەن» — بۇ ئىسلام ئۈممىتىمىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە مەريەم ئوغلى ئىسا زېمىنغا ئادالەتلىك ھۆكۈمدار بولۇپ چۈشىدۇ. چوشقىنى ئۆلتۈرۈپ، كىرىست بەلگىسىنى قىرىدۇ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەرىئىتىگە ئەگىشىدۇ. (تفسير السعدي)

ئىمام بەغەۋى ئۆز تەپسىىرىدە مۇنداق بايان قىلغان: «ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكە قەدەر كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن» — قەتادە، رەبىئ، شەئبى، مۇقاتىل ۋە كەلبى قاتارلىق (سەلەپ ئالىملىرى) بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئۈستۈن بولىدىغان بۇ كىشىلەر — ئىسا ئەلەيھىسالام ئېلىپ كەلگەن تەۋھىد دىنىغا سادىق بولغان ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتىدىن تەۋھىدتە ئۇنىڭ (ۋە ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ) دىنىغا ئەگەشكەن ئىسلام ئەھلىدۇر. بۇنداق مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئۈستۈن بولىدۇ. ھەم كۈچ، ھەم دەلىل جەھەتتىن كاپىرلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. دەھھاك بۇ ئايەتتىكى ئۈستۈن كېلىدىغانلارنىڭ رۇملار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، باشقا بىر قاراشتا خىرستىيانلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. چۈنكى، خىرىستىيانلار قىيامەتكە قەدەر يەھۇدىلاردىن ئۈستۈندۇر. يەھۇدىلارنىڭ سەلتەنىتى قولدىن كەتكەندۇر. ھالبۇكى، خىرستىيانلارنىڭ سەلتەنىتى قىيامەتكە يېقىن مۇددەت قالغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۇ بويىچە ئېيتقاندا، ئايەتتىكى ئەگىشىشتىن مەقسەت — مەنسۇپ بولۇش داۋاسى ۋە مۇھەببەت بولۇپ، دىن جەھەتتىكى ئەگىشىش ئەمەس. (تەپسىر بەغەۋىيدىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلاشتى. زاد المسير تەپسىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايان قىلىنغان.)

زاد المسير تەپسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتىدۇر. چۈنكى، ئىسلام ئۈممىتى ھەزىرتى ئىسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئۇنىڭ رۇھۇللاھ ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ئىكەنلىكىنى تەستىق قىلىدۇ. بۇ قەتادە، رەبى ۋە ئىبنى سائىبنىڭ كۆز قارىشىدۇر. (زاد المسير)

تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئىسا 33 يېشىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن. مۇقاتىل مۇنداق دېگەن: ھەزىرتى ئىسا رامزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسى بەيتۇل مەقدىستىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. ھەزىرتى ئىسا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئانىسى مەريەم ئالتە يىل ياشىدى. ئىسا ئەلەيھىسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتلىشتىن ئىلگىرى ئانىسىنىڭ ۋاپات تاپقانلىمۇ سۆزلەنگەن. (زاد المسير)

ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئادالەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھېكمىتى شۇنىڭغا باغلىقتۇر: دىنغا مەھكەم ئېسىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ غەلىبە-نۇسىرەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تاشلاندۇق قىلىپ قويغان، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىرىلىگە خىلاپ يول تۇتۇشقا جۈرئەتكارلىق قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھ جازالايدۇ ۋە دۈشمەنلىرىنى بۇنداقلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغانلارنى يەر يۈزىدە راستتىنلا خەلىپە قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى…» (سۈرە نۇر، 55-ئايەت) [تفسير السعدي]

فَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ 

56. كاپىرلارغا كەلسەك، مەن ئۇلارنى ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە قاتتىق جازالايمەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىر ياردەمچىسى يوقتۇر.

* كاپىرلارنىڭ دۇنيادىكى جازاسى ئۆلتۈرۈلۈش، ئەسىر ئېلىنىش، جىزيە تۆلەش ۋە خارلىققا چۈشۈشتۇر. ئاخىرەتتىكى جازا دوزاختا جازالاشتۇر. (تفسير البغوي) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىپ، ئۇ زاتنىڭ شەرىئىتى پۈتۈن شەرىئەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ. (تفسير السعدي) 

وَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ

57. ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ، ئاندىن سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇقى بىلەن بېرىدۇ.1 ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. 1. تفسير البغوي

ذَٰلِكَ نَتْلُوهُ عَلَيْكَ مِنَ الْآيَاتِ وَالذِّكْرِ الْحَكِيمِ

بۇلارنى (يەنى ئىسا، مەريەم ۋە ھاۋارىيلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى1) ساڭا ئايەتلەردىن ۋە ھېكىمەتلىك زىكىردىن (يەنى ئەرشكە ئېسىلغان لەۋھۇل مەھفۇزدىن2 جىبىرىل پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق3) ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. 

1.2.3. تفسير البغوي

***

بىر تۈركۈم نەجران خىرىستىيانلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «سەن نېمىشقا ئىساغا ھاقارەت قىلىسەن؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئىساغا قانداق ھاقارەت قپتىمىشمەن؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «ئىسانى ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ ھاقارەت قىلدىڭ» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا «ئەلۋەتتە ئىسا ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، پاك مەريەمگە تاشلىغان سۆزىدۇر» دېۋىدى، نەجران خرىستىيانلىرى ئاچچىقلىنىپ «سەن بىرەر ئىنساننىڭ دادىسىز يارىتىلغىنىنى كۆرگەنمىدىڭ؟» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ، دادىدىن ۋە ئانىدىن خالىي ھالدا يارىلىتىغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مىسال كەلتۈرۈپ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى. (تفسير البغوي، زاد المسير)

إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ

59. ئىسانىڭ مىسالى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشاش. ئاللاھ ئادەمنى تۇپراقتىن يارىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا «يارال» دېۋىدى، لايدىن يارالغان ئادەمنىڭ ھەيكىلى جانلىق ئادەمگە ئايلاندى.

الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ الْمُمْتَرِينَ

بۇ رەببىڭدىن كەلگەن بىر ھەقتۇر. ئۇنداق ئىكەن، ئەسلا شەكلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن.

بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنغان خىتابتۇر. رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان خىتاپ ئىنسانلارغا خىتاپتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم شۈبىھلەنگەن ئەمەس. (زادل المسير)

فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِن بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنفُسَنَا وَأَنفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَل لَّعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ

61. ساڭا (ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى1) ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، كىم (بۇ ھەقتە، يەنى ئىسا ئەلەيھىسالام توغرىسىدا ياكى ساڭا كەلگەن ھەق توغرىسىدا2) ساڭا قارشى مۇنازىرە قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن:«كېلىڭلار، بىز ئوغۇللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئوغۇللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، بىز ئاياللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار؛ بىزمۇ ھازىر بولايلى، سىلەرمۇ ھازىر بولۇڭلار؛ ئاندىن <ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن> دەپ لەنەتلىشەيلى.» (يەنى سىلەردىن ياكى بىزدىن كىم ئىسا ھەققىدە يالغان سۆزلەۋاتقان بولسا، ئاللاھنىڭ لەنىتى شۇنىڭغا بولسۇن، دەپ لەنەتلىشەيلى.3) 1.2.3. تفسير البغوي 

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان بولسىمۇ، ئەھلى كىتاب لەنەتلەشكىلى ئۇنىمىغان. (تفسير البغوي)

إِنَّ هَذَا لَهُوَ الْقَصَصُ الْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

62. شەكسىزكى، بۇ ھەقىقىي قىسسىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھەكىمدۇر.

فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِالْمُفْسِدِينَ

63. ئەگەر ئۇلار (ھەقكە ئىمان ئېيتىشتىن1، ئاللاھنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكنى، ئاللاھ جۈپتى ياكى بالىسى بولۇشتىن پاك ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىشتىن2) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى (ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى3، ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى، ئىنسانلارنى ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغۇچىلارنى4) بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 1.3.4. تفسير البغوي 2. زاد المسير

قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَى كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِن تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ

64. (ئى پەيغەمبەر، ئۇلارغا) «ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئوخشاش بولغان بىر كەلىمىگە (يەنى تەۋھىد كەلىمىسى بولغان «لائىلاھە ئىللەللاھ»قا1) كېلىڭلار: ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلمىغايمىز، ئاللاھقا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەيمىز، ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى رەب قىلىۋالمىغايمىز» دېگىن. ئەگەر ئۇلار (بۇنى قوبۇل قىلماي2) يۈز ئۆرۈسە:«بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دېگىن.

1. زاد المسير 2. تفسير البغوي

يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنجِيلُ إِلَّا مِن بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

65. ئى ئىلاھى كىتابقا ئىگە بولغان يەھۇدىلار ۋە خىرىستىيانلار1! سىلەر نېمىشقا ئىبراھىم توغرىسىدا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئۆز دىنىڭلاردا ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ2، ھەقسىز رەۋىشتە) مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟

* ئىبراھىم بىلەن مۇسانىڭ ئارىسىدا مىڭ يىل، مۇسا بىلەن ئىسانىڭ ئارىسىدا مىڭ يىل ۋاقىت  بار. (تفسير البغوي) 1. تفسور الميسر 2. تفسير البغوي، تفسير الميسر

هَا أَنتُمْ هَؤُلَاءِ حَاجَجْتُمْ فِيمَا لَكُم بِهِ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَاجُّونَ فِيمَا لَيْسَ لَكُم بِهِ عِلْمٌ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ

66. سىلەر ئۆزۈڭلار بىلىدىغان ئىشتىغۇ مۇنازىرە قىلىشتىڭلار. بىلمەيدىغان ئىشىڭلاردا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.

مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَكِن كَانَ حَنِيفًا مُّسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ

67. ئىبراھىم يەھۇدىمۇ ئەمەس ئىدى، خىرىستىيانمۇ ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ھەنىف (شىركتىن، رىيادىن، ساختىلىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ، پۈتۈن ئەسلى ۋەسلىنى تەۋھىد بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ئاتىغان) مۇسۇلمان ئىدى. ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.

إِنَّ أَوْلَى النَّاسِ بِإِبْرَاهِيمَ لَلَّذِينَ اتَّبَعُوهُ وَهَذَا النَّبِيُّ وَالَّذِينَ آمَنُوا ۗ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُؤْمِنِينَ

68. ئىنسانلار ئارىسىدا ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغىنى (ئىبراھىمنىڭ زامانىسىدا1) ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەردۇر، شۇنداقلا بۇ پەيغەمبەردۇر (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر2) ۋە مۆمىنلەردۇر (بۇ ئۈممەتتىن رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقانلاردۇر3). ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دوستىدۇر. 1.2.3. تفسير البغوي

وَدَّت طَّائِفَةٌ مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يُضِلُّونَكُمْ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ 

69. (ئى مۆمىنلەر!) كىتاب ئەھلىدىن بىر بۆلۈك (كاپىر) سىلەرنى دىنىڭلاردىن ئازدۇرۇشنى ئارزۇلايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، لېكىن بۇنى سەزمەيدۇ. (يەنى ئۆزلىرىنى ئۆزى ئازدۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ.1) 1. زاد المسير

يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَأَنتُمْ تَشْهَدُونَ

70. ئى ئەھلى كىتاب! (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقىغا كىتابىڭلار ئارقىلىق1) شاھىت بولۇپ تۇرۇغلۇق، نېمىشقا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى2) ئىنكار قىلىسىلەر؟ 1.2. زاد المسير

يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَلْبِسُونَ الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ

71. ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر؟ (نېمىشقا) ھەقنى  (يەنى مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ> ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى1) يوشۇرىسىلەر؟ (1. زاد المسير، مختصر في التفسير)

وَقَالَت طَّائِفَةٌ مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ

72. يەھۇدىيلارنىڭ بىر بۆلۈكى1 «مۆمىنلەرگە نازىل بولغانغا (يەنى ئىسلامغا) كۈندۈزنىڭ بېشىدا ئىمان ئېيتىپ، ئاخىرىدا يېنىۋېلىڭلار، (مۇشۇنداق قىلساڭلار) بەلكىم ئۇلار (ئىسلامدىن) يېنىشى مۇمكىن» دېيىشتى. (1. زاد المسير )

* بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى مۇنداق:

مەدىنە يەھۇدىي راھىپلىرىدىن ئون ئىككىسى مۇنۇ ئىشتا بىرلىككە كەلدى. ئۇلار بىر-بىرىگە «مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كۈندۈزنىڭ بېشىدا ئىمان ئېيتىڭلار، كەچ بولارغا يېقىن ئۇنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىڭلار ۋە «بىز كىتابلىرىمىزغا قارىدۇق، ئالىملىرىمىز بىلەن مۇلاھىزە قىلىشتۇق، نەتىجىدە مۇھەممەدنىڭ مەيدانغا چىقىشى كۈتۈلگەن پەيغەمبەر ئەمەسلىكىنى كۆردۇق» دەڭلار. بۇنداق قىلغىنىڭلاردا ئۇنىڭ ساھابىلىرى دىنىدىن شۈبھىگە چۈشۈپ «ئۇلار كىتاب ئەھلى، ئۇلار بىزدىن ياخشى بىلىدۇ» دېيىشىپ، ئىسلامدىن يېنىشى مۇمكىن، دېيىشتى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (تفسير البغوي)

وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَن تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَن يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِّثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِندَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

73. يەھۇدىلار1 يەنە «سىلەر ئۆز دىنىڭلارغا ئەگەشكەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەڭلار» (ئۆز دىنىڭلاردا بولمىغانلارغا سىرىڭلارنى تۆكمەڭلار2) دېيىشتى. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!3) ئېيتقىنكى «توغرا يول شەكسىزكى ئاللاھنىڭ يولىدۇر. (توغرا يول ھەرگىزمۇ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە تەرسالىق يولى ئەمەستۇر.4) سىلەردىن باشقىسىغىمۇ سىلەرگە بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ بېرىلىشىدىن قورقۇشۇڭلار ؛ ياكى ئۇلارغا (يەنى مۇسۇلمانلارغا) نازىل بولغاننى تەستىقلىساق،   ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ تەستىقلىشىمىزنى بىزنىڭ زىيىنىمىزغا دەلىل قىلىدۇ دەپ قورقۇشڭلار ئوخشاشلا توغرا يول ئەمەس.5» (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد! ئېيتقىنكى:6) «فەزل ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ ئۆز فەزلىدىن خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ۋاسىئتۇر (— بەندىلىرىگە كۆپلەپ ياخشىلىق ۋە نېمەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.) ئەلىيمدۇر — (ئۆز لۇتۇف، رەھمىتىگە كىمنىڭ لايىقلىقىنى بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.) 1. زاد المسير 2.تفسير ابن كثير 3. زاد المسير 4.5.6. مختصر في التفسير 7. تفسير الميسر

يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

74. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنى (يەنى قۇرئان ۋە ئىسلام نېمىتىنى1) خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر. (1. زاد المسير)

وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِن تَأْمَنْهُ بِقِنطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُم مَّنْ إِن تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَّا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

75. ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىلاردىن1) بەزىلىرى باركى، ئەگەر ئۇنىڭغا بىر قانتار* (ئالتۇن) ئامانەت قويساڭمۇ، ئامانەتنى ساڭا كەم-كۈتىسىز قايتۇرىدۇ. (بۇ يەھۇدىيلاردىن رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدۇر ۋە شۇ تىپتىكى كىشىلەردۇر.2)  (ئەھلى كىتابتىن) يەنە شۇنداقلىرىمۇ باركى، بىر دىنار ئامەت قويساڭمۇ، (ئامانەتنى ئالىدىغان چېغىڭدا) سەن ئۇنىڭ بېشىدا مىختەك تۇرۇپ (يەنى ئۇزۇن ھەپىلىشىپ، قايتا-قايتا3) تەلەپ قىلمىغۇچە، ئامانەتنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى «ئۇممىيلارنى  (يەنى مۇسۇلمانلارنى3) قاقتى-سوقتى قىلساق (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى يەۋېلىشنى ھالال سانىساق4) ھېچنىمە بولمايدۇ» دەپ (ئېتىقاد قىلغانلىقىدىندۇر.) ئۇلار بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھ ھەققىدە يالغان سۆزلەيدۇ. (يەنى، ئاللاھ بىزگە ئەرەپلەرنىڭ پۇل-مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىشنى ھالال قىلغان، دەپ داۋا قىلىشىدۇ.5)
1.2.4.5. زاد المسير 3. تفسير الميسر

* قانتار — ئۆلچەم بىرلىكى. بىر قانتار تەخمىنەن 56.5 كلوگرامغا تەڭ.

بَلَىٰ مَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ وَاتَّقَىٰ فَإِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ

76. ئۇنداق ئەمەس. (ئەھۋال بۇ يالغانچىلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس.1) كىم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا (يەنى ھەم ئاللاھنىڭ ھەقلىرىگە، ھەم بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلسا2) ۋە (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە ئاللاھ نازىل قىلغان ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىش؛ ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئاللاھقا3) تەقۋادارلىق قىلسا (توغرا يولدا بولغان بولىدۇ.)  ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

1. تفسير الميسر 2. تفسير السعدي 3. تفسير الميسر، مختصر في التفسير

إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَـٰئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

77. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەندە ئۇ زاتقا ئىمان ئېيتىپ ئەگىشىدىغانلىقى، ئىنسانلارغا ئۇ زاتنىڭ <ئۆز كىتابىدىكى> سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ، ھەقىقەتنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى چۆرۈپ تاشلاش ئارقىلىق ۋەدىسىنى؛ دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يالغان قەسەم ئىچىش ئارقىلىق1) قەسەملىرىنى دۇنيالىق نەرسىگە سېتىۋەتكەنلەرگە كەلسەك*، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىدىن2) ھېچبىر نېسىۋىسى يوقتۇر. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا (يۇمشاق ۋە مەرھەمەتلىك3) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا  (رەھمەت كۆزى بىلەن4) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (كۇفۇر ۋە گۇناھنىڭ كىرلىرىدىن5) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق جازاغا دۇچار بولىدۇ.  1. تفسير ابن كثير 2. تفسير الميسر 3.4. تفسير ابن كثير   5.زاد المسير، تفسير ابن كثير

* بۇ ئايەتتىكى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدە ۋە قەسەملىرىنى دۇنيا مەنپەئەتىگە سېتىۋەتكەنلەر يەھۇدىيلاردۇر. (زاد المسير) ئىمام بەغەۋى ۋە ئىمام ئىبنى كەسىر دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن دىندىكى پەرز-ۋاجىپلارغا؛ ياكى ھارام، بىدئەت ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭمۇ مۇشۇ ئايەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، بىر قاتار سەھىھ ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغان.

وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُم بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ

78. يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ1 بىر قىسىمى كىتابىدا بولمىغان نەرسىنى كىتابىدا باركەن دەپ قېلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى تولغايدۇ (يەنى ئۆز كىتابىدىكى مەزمۇننى ئۆزگەرتىپ ياكى كىتابىدا بار مەزمۇنغا ئۆز سۆزىنى قوشىۋېلىش ئارقىلىق كىتابىدىكىنى ئۆزگەرتىدۇ، شۇ ئۆزگەرتىۋالغىنى بويىچە سۆز قىلىدۇ2) ۋە «ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى مانا بۇدۇر» دېيىشىدۇ. (ئۇلارنىڭ ئىلاھىي كىتابلىرىمىزدا مۇشۇنداق بار دەپ ئوقۇغان نەرسىلىرى) ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدا يالغاننى توقۇيدۇ.

  1. 1. زاد المسير 2. زاد المسير، تفسير ابن كثير

مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِّي مِن دُونِ اللَّهِ وَلَـٰكِن كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ

79. ئاللاھ بىر بەندىگە (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە1) كىتاب (يەنى قۇرئان2)، ھۆكۈم  (يەنى توغرا دىنىي چۈشەنچە بىلەن مەنپەئەتلىك شەرئىي ئىلىم3) ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغىنىدىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە «ئاللاھقا قوشۇپ ماڭىمۇ قۇلچىلىق قىلىڭلار4» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى قانداقسىگە بۇنداق دېسۇن؟ بۇ ئوچۇق-ئاشكارا كاپىرلىق تۇرسا.5) ئەكسىچە ئۇ (شۇنداق دەيدۇ6): ھالبۇكى، سىلەر باشقىلارغا ئۆگىتىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇتۇۋاتقان كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رەببانىيلاردىن (يەنى ئۆگەنگەن شەرئىي ئىلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىدىغان، رەببىگە كامىل رەۋىشتە ئىتائەت قىلىدىغان فەقىھ ئالىملاردىن7) بولۇڭلار.

1.2. زاد المسير 7.3. تفسير البغوي 4. تفسير ابن كثير 5. تفسير السعدي 6.تفسير الميسر

مەشھۇر تابىئىن مۇپەسسىر زەھھاك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئان ئۆگەنگەن كىشىنىڭ فەقىھ بولۇشقا تىرىشىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ۋەزىپىلەردىن بىرىدۇر. (تفسير ابن كثير)

كىشى شەرئىي ئىلىمنى مۇكەممەل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئۆگەنگەنلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش يولىنى تۇتقاندا ئاندىن «ئالىم» دېگەن نامغا لايىق بولىدۇ. (زاد المسير)

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى:

يەھۇدى راھىبلىرى بىلەن نەجرانلىق خىرسىتىئان راھىبلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا توپلىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى. ئۇلار «ئى مۇھەممەد! سەن خىرستىيانلارنىڭ مەريەم ئوغلى ئىساغا ئىبادەت قىلغىنىدەك، ئۆزۈڭگىمۇ شۇنداق ئىبادەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلامسەن؟» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋەياكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلماسلىقتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمەن. ئاللاھ مېنى ئۇنداق قىلىشىم ئۈچۈن ئەۋەتمىدى، ئۇنداق قىلىشىمنىمۇ بۇيرۇمىدى» دېدى. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى.

(تفسير البغوي، زاد المسير، تفسير ابن كثير، تفسير السعدي)

وَلَا يَأْمُرَكُمْ أَن تَتَّخِذُوا الْمَلَائِكَةَ وَالنَّبِيِّينَ أَرْبَابًا ۗ أَيَأْمُرُكُم بِالْكُفْرِ بَعْدَ إِذْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ

80. (مەيلى پەرىشتىلەر، مەيلى پەيغەمبەرلەر1) سىلەرنىڭ پەرىشتىلەرنى ۋەياكى پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشىڭلارنى بۇيرۇمايدۇ. سىلەر مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن (پەيغەمبەرلەر ياكى پەرىشتىلەر) سىلەرنى كۇفۇرغا بۇيرۇمدۇ؟ (ئەكسىچە تەۋھىدكە بۇيرۇيدۇ.) 1. تفسير ابن كثير

وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ

81. ئاللاھ (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئىسا ئەلەيھىسالامغىچە بولغان بارچە1) پەيغەمبەرلەردىن2 «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىكىنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم3) كەلگىنىدە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان ئېيتىسىلەر ۋە ياردەم بېرىسىلەر*» دەپ ۋەدە ئالغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا «بۇنى قوبۇل قىلىپ، ماڭا بۇ ھەقتە چىن ۋەدە بەردىڭلارمۇ؟»4 دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەرلەر «قوبۇل قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ (پەرىشتىلەرگە5) «ئۇنداقتا گۇۋاھ بولغايسىلەر. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.

* ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق:

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەردىن «سىلەر پەيغەمبەر قىلىنغاندىن كېيىن، كەينىڭلاردىن باشقا بىر پەيغەمبەر كەلسە، ئۇ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىسىلەر (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايسىلەر) ۋە ياردەم بېرىسىلەر. ئەگەر سىلەر ھايات چېغىڭلاردا مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى) پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتسەم، چوقۇم ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىسىلەر ۋە ياردەم بېرىسىلەر، دەپ ۋەدە ئالدى.6

  • * بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ بارچە پەيغەمبەرلەردىن ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىدىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قەتئىي ۋەدە ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.7
  • *ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىسا ئەلەيھىسالامغا ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن، ئىسا ئەلەيھىسالامغا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋەدە ئالغان.8

1.2. تفسير ابن كثير 3. تفسير البغوي، زاد المسير 4. تفسير البغوي تفسير الميسر 5. تفسير البغوي، زاد المسير 6. تفسير البغوي، زاد المسير، تفسير ابن كثير 7. تفسير الميسر 8. تفسير البغوي

فَمَن تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ

82. بۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھ ئالغان بۇ ۋەدىدىن1) كېيىن، كىم (ئىسلام دەۋىتىگە ئاۋاز قوشۇشتىن2) يۈز ئۆرىسە، بۇنداقلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئىماننىڭ تېشىغا چىققان ئاسىيلاردۇر3).

82- ئايەت: 1.3. تفسير البغوي 2. تفسير الميسر

أَفَغَيْرَ دِينِ اللَّهِ يَبْغُونَ وَلَهُ أَسْلَمَ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ

83. ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتابتىن بولغان بۇ پاسىقلار1 ۋە مۇشۇ تىپتىكى باشقا پاسىقلار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىن ئىزدەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى جىمىي مەخلۇقات خالاش ئاساسىدا، ياكى خالىماستىن  ئاللاھقا بويۇن ئېگىدۇ. (مۆمىن ئاللاھقا خالاپ تۇرۇپ، چىن قەلبى بىلەن بويۇن ئېگىدۇ. كاپىر ئۆلۈم پەيتىدە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى كۆرگەندە ياكى قىيامەت كۈنىدىكى جازانى كۆرگەندە2 خالىماستىن، مەجبۇرىي يوسۇندا بويۇن ئېگىدۇ.3) 

1. تفسير الميسر 2. تفسير البغوي 3. تفسير ابن كثير

قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَالنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

84. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!1) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق ۋە بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا2) ئىمان ئېيتتۇق؛ شۇنداقلا ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، ياقۇپقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغانغا (يەنى بۇ پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ئىلاھىي سەھىپىلەرگە3) ئىمان ئېيتتۇق؛ بىز يەنە مۇساغا ۋە ئىساغا نازىل قىلىنغانغا (يەنى بۇ ئىككى پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا4)، پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەنلەرگە ئىمان ئېيتتۇق. بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز. (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز، بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتماي5 كاپىر بولۇشتىن ئۇزاقمىز.) بىز ئاللاھقا بويۇن ئەگكۈچىلەرمىز.

1. تفسير الميسر 2.3.4.5. تفسير ابن كثير

وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ

85. كىم (ئاللاھ ئىنسانلار ۋە جىنلار ئۈچۈن نازىل قىلغان1) ئىسلامدىن باشقا دىن (ياكى يول2) ئىزدىسە، ئۇنىڭ دىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنداق كىشى ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن (يەنى ئۆزىنى ئاخىرەت نېمىتىدىن مەھرۇم قويغۇچىلاردىن3) بولىدۇ.

1.2.3. تفسير ابن كثير

***

كَيْفَ يَهْدِي اللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُوا أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ

86. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقلىكىگە گۇۋاھ بولغاندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېين كاپىر بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم كىشىلەرنى (يەنى ھەقتىن باتىلغا قېيىپ، ئىماننى تاشلاپ كۇفىرىنى تاللىغان كىشىلەرنى1) ھىدايەت قىلمايدۇ. (بۇ ئايەت ئەھلى كىتاب ھەققىدە نازىل بولغان بولۇپ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەقلىقىنى بىلدى، كېيىن رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولدى.2)

1. تفسير الميسر 2. زاد المسير

أُولَـٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ

87. بۇنداقلارنىڭ (يەنى ئىماننى تاشلاپ كۇفۇرنى تاللىغانلارنىڭ) جازاسى ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىمىي ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشتۇر.

خَالِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ

88. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.1 (1.تفسير الميسر، زاد المسير)

إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

89. ئەمما، (كۇفۇر ۋە زۇلۇملىرىدىن) كېيىن تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتقانلار ۋە بۇزغانلىرىنى تۈزىگەنلەر يۇقىرىقى جازادىن ئۇزاق بولىدۇ. (ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.) ئاللاھ غەفۇردۇر (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كۆپلەپ مەغفىرەت قىلغۇچى؛) رەھىيمدۇر (تەۋبە قىلىپ ھەقكە ماڭغان بەندىلىرىگە بەكمۇ كۆيۈنگۈچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.)

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَّن تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الضَّالُّونَ

90. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارغا كەلسەك، بۇنداقلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنداقلار (توغرا يولدىن1) ئازغانلاردۇر. (1. تفسير الميسر)

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَن يُقْبَلَ مِنْ أَحَدِهِم مِّلْءُ الْأَرْضِ ذَهَبًا وَلَوِ افْتَدَىٰ بِهِ ۗ أُولَـٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ

91. (مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى، ئۇ زاتنىڭ يولىنى، ياكى ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتتىن قايسى بىرىنى) ئىنكار قىلىپ كاپىر بولغان ۋە كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلگەنلەر (قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن1) دۇنيا توشقۇدەك فىديە بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن (بەرگەن فىيەسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا دەھشەتلىك جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۇلارنى دەھشەتلىك جازادىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا ياردەم قىلىدىغان2) ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. (1.2. تفسير الميسر)

لَن تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ

92. ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىڭلاردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلمىغۇچە سىلەرنى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يولغا1  (ۋە دىندىكى كامالەت دەرىجىسىگە2) نائىل بولالمايسىلەر.* (ياخشىلىق يوللىرىدا مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن3) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار ئاللاھ ئۇنى مۇتلەق رەۋىشتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. (قىيامەت كۈنى ھەسسىلەپ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ4)

  • * چۈنكى، كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى توغرا يولغا سەرپ قىلىشى — كىشىنىڭ مەرتلىكىنىڭ، ئۈستۈن ئەخلاققا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ، شەپقەتلىكلىكىنىڭ ۋە دىلى يۇمشاقلىقىنىڭ دەلىلى جۈملىسىدىندۇر. كىشىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى توغرا يولغا سەرپ قىلىشى — كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى پۇل-مالنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالدىغا قويغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى، نەپىسنىڭ پۇل-مالنى ياخشى كۆرۈشى نەپىسنىڭ تەبىئىتىدۇر. بۇ ۋەجىدىن، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى ئۆز نەپسى ياخشى كۆرىدىغان پۇل-مالدىن ئۈستۈن كۆرگەن كىشى — كامالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىنىڭ باشقا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشى ۋە ئۈستۈن ئەخلاقلارنى ئۆزىدە بار قىلىشى بۇ كامالەت دەرىجىسىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. (يەنى بىرەر ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشتىن كېيىن، كىشى سالىھ ئەمەللەرنى ئىشلىمىسىمۇ ياكى بۇ جەھەتتە ئاجىزلىق كۆرسەتسىمۇ، دىندا كامالەت دەرىجىسىگە يەتكەن بولىۋەرمەيدۇ.)5

ساھابىلەر بۇ ئايەت يۈزىسىدىن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بېغىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىۋەتكەن؛ ياكى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دېدىكىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئازاد قىلىۋەتكەن.6

  1. 1.تفسير السعدي 2. تفسير السعدي، زاد المسير 3. تفسير السعدي، تفسير الميسر، مختصر في التفسير 4. تفسير البغوي 5. تفسير السعدي 6. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، زاد المسير

***

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنى «مەن ئىبراھىمنىڭ دىنىدىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىلار «قانداقسىگە بۇنداق بولسۇن؟ سەن تۆگە گۆشى يەپ، تۆگە سۈتىنى ئىچىسەن، ئىبراھىم تۆگە سۈتى ئىچمەيتتى، تۆگە گۆشىنىمۇ يېمەيتتى. بۇنداق ئىكەن، سەن ئىبراھىمنىڭ دىنىدا ئەمەس» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ «تۆگە گۆشى بىلەن تۆگە سۈتى ئىبراھىمغا ھالال ئىدى» دېدى. يەھۇدىلار «بۈگۈن بىز يەھۇدىلار ھارام سانايىدىغان نېمە بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇھقا، ئىبراھىمغا ۋە بىزگىچە كەلگەن ھەممەيلەنگەن ھارام قىلىنغان» دەپ داۋا قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:1

كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِّبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِ مِن قَبْلِ أَن تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ ۗ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ

93. ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام2) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەردىن (يەنى تۆگە گۆشى بىلەن تۆگە سۈتىدىن3) باشقا ھەممىسى* (مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد! ئىسرائىل ئەۋلادىغا) ئېيتقىنكى «ئەگەر  (ياقۇپ ئۆزىگە ھارام قىلغان تۆگە گۆشى بىلەن تۆگە سۈتى تەۋراتتا ھارام قىلىنغان دەيدىغان داۋايىڭلاردا4) راستچىللاردىن بولساڭلار، تەۋراتنى ئەكىلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار.» (بۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلىشى بىلەن ئەمەس، ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆز نەپسىگە ھارام قىلىشى تۈپەيلى ھارام بولغان.5)

* ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە تۆگە گۆشى ۋە تۆگە سۈتىنى چەكلىگەنلىكىدىكى سەۋەب، بىر زاماندا ياقۇپ ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالدى. كېسىلى ئۇزاپ كەتكەندە، ئاللاھ بۇ كېسىلىدىن ئۆزىگە شىپا بەرسە، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۆگە گۆشى بىلەن تۆگە سۈتىنى يەپ-ئىچمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى. ئاقىۋەتتە ياقۇپ ئەلەيھىسالام ساقايدى ۋە قەسىمىگە ۋاپا قىلىپ، تۆگە گۆشى بىلەن تۆگە سۈتىنى ئۆزىگە چەكلىدى.6 ياقۇپ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككىسىنى ئۆزىگە ھارام قىلغاندىن كېيىن، ياقۇپنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بۇ جەھەتتە دادىسىنىڭ يولىنى تۇتتى. ھالبۇكى، بۇ ئىككىسى تەۋراتتا ھارام قىلىنغان ئەمەس ئىدى.7

1. تفسير البغوي، 2. تفسير البغوي 3. تفسير ابن كثير 4. تفسير الميسر  5.مختصر في التفسير 6. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، زاد المسير 7. زاد المسير

فَمَنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ

94. بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تەۋراتنى ئوقۇغىنىدىن ۋە ھەقىقەت ئۆزىگە ئوچۇقلىشىپ1، ئىش رەسۇلۇللاھنىڭ دېگىنىدەك ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولغاندىن كېيىن) كىمكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىسا، ئەنۇ شۇلار زالىملاردۇر. (1. زاد المسير، تفسير الميسر)

قُلْ صَدَقَ اللَّهُ ۗ فَاتَّبِعُوا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ

95. (ئى پەيغەمبەر! بەنى ئىسرائىلغا) ئېيتقىنكى: «ئاللاھ (بەرگەن خەۋەرلىرىدە ۋە ھۆكۈملىرىدە1) توغرا ئېيتتى. (ئەگەر سىلەر ئىبراھىمغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقلىقىدە سەمىمىي بولساڭلار ئۇنداقتا2) ھەنىف زات ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار. (ئاللاھ ئىبراھىمنىڭ دىنىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئەۋەتتى.3) ئىبراھىم (تەۋھىد ۋە ئىبادەت جەھەتتە بىرەر شەخسنى ياكى نەرسىنى ئاللاھقا شىرىك قىلىۋالىدىغان4) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.

*ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن: ھەنىف — تەۋھىدكە زىت جىمى ئىشلاردىن يۈز ئۆرىگەن، شىركتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئۇزاق بولغان كىشىدۇر.4

(1.2.3. تفسير الميسر 4. تفسير السعدي)

***

يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارغا «بىزنىڭ قىبلىمىز بەيتۇل مەقدىس كەبىدىن ئۈستۈن ۋە تېخىمۇ قەدىمىيدۇر. پەيغەمبەرلەر ھىجرەت قىلغان يەردۇر» دەپ ئۆز قىبلىسىدىن پەخىرلىنىشتى. مۇسۇلمانلار بولسا «دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، كەبە تېخىمۇ ئۈستۈندۇر» دېيىشتى. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:1

إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِّلْعَالَمِينَ

96. (يەر يۈزىدە2) ئىنسانلار (نىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى3) ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئىنشا قىلىنغان ئىبادەتگاھ، شەكسىزكى، مەككىدىكى ئىبادەتگاھتۇر. (يەنى يەنى بەيتۇل ھەرەمدۇر.) ئۇ مۇبارەكتۇر؛ (يەنى بەرىكەتلىكتۇر4؛ بەيتۇل ھەرەمدە قىلىنغان ئىبادەتلەرگە بېرىلىدىغان ساۋابلار ھەسسىلەپ كۆپتۇر، شۇنداقلا بەيتۇل ھەرەمگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ.5 بەيتۇل ھەرەمدە گۇناھلار مەغفىرەت قىلىنىدۇ.6)  ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر.

* ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىرلىرىدىن بىرى بويىچە ئېيتقاندا، كەبىنى تۇنجى بولۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان. (زاد المسير)

1. تفسير البغوي، زاد المسير 2.3.5. تفسير الميسر 4. تفسير البغوي 6.7. زاد المسير

فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاهِيمَ ۖ وَمَن دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ

97. كەبىدە (ئۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردا ئىبراھىم تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان1) ئوچۇق ئالامەتلەر بار بولۇپ، (بۇ ئالامەتلەردىن بىرى2) ماقامى ئىبراھىمدۇر. (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىگە چىققان تاشتۇر.3) ئۇ يەرگە (يەنى كەبە جايلاشقان بەيتۇل ھەرەمگە) كىرگەن كىشى (جېنىغا زەرەر يېتىشتىن4) ئامان قالىدۇ. (بۇ ۋەجىدىن ھېچكىم بەيتۇللاھقا كەلگۈچىگە ئازغىنە يامانلىقمۇ قىلالمايدۇ.5) بەيتۇل ھەرەمگە سەپەر قىلىشقا قۇربى يەتكەن كىشىنىڭ بەيتۇل ھەرەمنى ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. (كىم ھەجنىڭ پەرزلىكىنى6) ئىنكار قىلسا (دىندىن چىققان كاپىر بولىدۇ7)، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر. (يەنى مەخلۇقاتنىڭ ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر. مەخلۇقات ئاللاھقا مۇھتاجدۇر، لېكىن ئاللاھ ھېچنەرسىگە ياكى ھېچكىمگە مۇھتاج ئەمەس. ھەج قىلغان كىشى ئاللاھقا پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىگە پايدا كەلتۈرىدۇ.) (1.2.3.4.5.6.7. تفسير الميسر)

* ئىمام بەغەۋىي «ئۇ يەرگە كىرگەن كىشى ئامان قالىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۆز ئارا ئۆلتۈرۈشەتتى. ئۇلاردىن كىم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىۋالسا ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەمىن قالاتتى. (تفسير البغوي)

  • *بۇ ئالامەتلەردىن باشقىلىرى زەمزەم سۈيى، ھەجرۇل ئەسۋەد… قاتارلىقلاردۇر. (تفسير البغوي)
  • *«كىم ئىنكار قىلسا» ئايىتى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ھەجنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلمىغان، كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ پەرز ھەجنى تەرك ئەتكەن كىشى ھەجنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. (زاد المسير)

قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعْمَلُونَ

98. (ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىي ۋە خىرستىيانلاردىن تەشكىل تاپقان1) ئەھلى كىتابقا ئېيتقىنكى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى قۇرئاننى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى2) ئىنكار قىلىسىلەر. ھالبۇكى ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىدتۇر.» 1. زاد المسير، تفسير الميسر 2. زاد المسير

قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ تَبْغُونَهَا عِوَجًا وَأَنتُمْ شُهَدَاءُ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

99. «ئى ئەھلى كىتاب! (ئۆز يولۇڭلارنىڭ باتىللىقىغا، سىلەر كىشىلەرنى توسۇۋاتقان ئىسلام يولىنىڭ ھەقلىقىگە1، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ھالدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەرەپلەرنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن  چىقىدىغانلىقىغا2) ئۆزۈڭلار شاھىد بولغان تۇرۇقلۇق، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭماقچى بولغانلارنىڭ ئازغۇنلىشىشىنى ئارزۇلاش ئارقىلىق3) ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، نېمىشقا ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئىسلامدىن4) قايتۇرماقچى بولسىلىلەر؟ ئاللاھ قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەستۇر.»

1.3.4. زاد المسير 2.تفسير ابن كثير

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تُطِيعُوا فَرِيقًا مِّنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ يَرُدُّوكُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ كَافِرِينَ

100. ئى مۆمىنلەر! (يەنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن1، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۆمىنلەر2) ئەگەر سىلەر كىتاب بېرىلگەنلەردىن (يەنى ئاللاھ تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بەرگەن يەھۇدىيلاردىن ياكى خرىستيانلاردىن3) بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى (ھەقتىن ئازدۇرۇش، دىنىڭلار ھەققىدە شۈبھىگە سېلىش ئارقىلىق4) ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر قىلىۋېتىدۇ.

1. مختصر في التفسير 2.3.4. تفسير الميسر

  • * زەججاج رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتتىكى «كىتاپ بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلىش» نى «يەھۇدىي خىرىستىيانلارنى دوراپ، تەقلىد قىلىش» دەپ تەپسىرلىگەن. (ئىبنۇل جەۋزى: زاد المسير)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى  ھەققىدە مۇنداق دېگەن: جاھىلىيەت دەۋرىدە مەدىنىلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىسى ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىك مەۋجۇت ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى ئىسلام ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇردى. ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى مۇسۇلمان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ھىمايە قىلىشقا ۋە ئىسلامغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەل قىلىشقا باشلىغان پەيتىلەردە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرى ئەۋس، بىرى خەزرەج قەبىلىسىگە تەۋە ئىككى ساھابە ئۆز ئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر يەھۇدى بار ئىدى. يەھۇدى ئۇلارغا ئۆتمۈشتىكى دۈشمەنلىك كۈنلىرىنى ۋە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى ئەسلەتتى. ئاقىۋەتتە ئىككى ساھابە ئارىسىدا جاڭجال چىقتى. ھەر بىر ساھابە ئۆز قەبىلىسىنى چاقىردى، ئىككى قەبىلىدىن بەزى مۇسۇلمانلار ئۆز قەبىلىسىدىكى كىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوراللىنىپ نەق مەيدانغا ھازىر بولدى. بۇ ئىش رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئارىدىكى نىزانى بېسىقتۇردى. نەتىجىدە مۇشۇ ئايەت نازىل بولدى. بۇ مۇجاھىت، ئىكرىمە ۋە بىر بۆلۈك مۇپەسسىردىن نەقىل قىلىنغان. (زاد المسير)

وَكَيْفَ تَكْفُرُونَ وَأَنتُمْ تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ آيَاتُ اللَّهِ وَفِيكُمْ رَسُولُهُ ۗ وَمَن يَعْتَصِم بِاللَّهِ فَقَدْ هُدِيَ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ

101. (ئى مۆمىنلەر!1) سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ رەسۇلى (مۇھەممەد) بار بولغان تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ كۇفۇر سادىر قىلىسىلەر؟ كىم ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتىگە2، ئاللاھنىڭ دىنىغا3) مەھكەم ئېسىلسا، ھېچقانداق خاتالىق بولمىغان نۇرلۇق يولغا4 يېتەكلەنگەن بولىدۇ.

1.2. تفسير الميسر، المختصر في تفسير 3.4. تفسير البغوي

* تابىئىن ئالىم قەتادا رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتە ئوپئوچۇق ئىككى نېمەت زىكىر قىلىنغان، بۇ ئىككى نىمەت ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئاراڭلاردىن ئايرىلدى. ئەمما، ئاللاھنىڭ كىتابى ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى سىلەرگە كەلگەن رەھمەت ۋە نىمەت بولۇپ ئاراڭلاردا قالدى. (ئۇ ھالدا بۇ ئىككى بۈيۈك نېمەتنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار.) (تفسير البغوي)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ

102. ئى مۆمىنلەر! (يەنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىغا ئەگەشكەن1، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۆمىنلەر2!) ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار.(يەنى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشىڭلار3. ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن بىجاندىللىق بىلەن ئورۇنداشقا داۋام قىلىش نەتىجىسىدە) پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلاردىلا ۋاپات بولۇڭلار. 

* ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇش» — ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى يول تۇتماسلىقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمر-پەرمەنلىرىنى ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئېسىدە تۇتۇپ، ئۇنۇتماسلىقتۇر؛ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلماسلىقتۇر. (ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئەسەرنى ئۆز تەپسىرىدە نەقىل قىلغاندىن كېيىن، بۇنى سەھىھ دېگەن)

* «پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلاردىلا ئۆلۈڭلار» — يەنى، ساغلام تەنگە ئىگە سالامەت ۋاقىتلىرىڭلاردا مۇسۇلمانلىقىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلىڭلاركى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولغايسىلەر. چۈنكى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يولى شۇدۇركى: كىم قايسى ھالەتتە ياشىسا، شۇ ھالەتتە ئۆلىدۇ؛ كىم قايسى ھالەتتە ئۆلسە، قىيامەت كۈنى شۇ ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ. ئىسلامدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئۆلۈشتىن ئاللاھقا سېغىنىمىز.4 (تفسير ابن كثير)

1. مختصر في التفسير 2. تفسير الميسر 3. زاد المسير 4. تفسير ابن كثير

وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُم بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِّنَ النَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ 

103. ھەممىڭلار بىرلىكتە ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا1 ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە2) مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. (يەنى بۆلىنىپ پارچىلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار.3 ئى ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىگە تەۋە مۆمىنلەر!4) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلاركى، سىلەر ئەينى چاغدا (يەنى ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى5) ئۆز-ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار. ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ  (ئىسلام) نېمىتى يۈزىسىدىن (مەقسىتى بىر، يولى بىر6) قېرىنداشلاردىن بولدۇڭلار. سىلەر (ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى) ئوت ئازگىلىنىڭ (يەنى دوزاخنىڭ) قىرغىقىدا ئىدىڭلار (ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىشىڭلار ئۈچۈن كاپىرلىق ھالەتتە ئۆلۈشتىن باشقا نەرسە قالمىغان ئىدى7)، ئاللاھ (رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق8) سىلەرنى ئۇنىڭدىن (يەنى دوزاختىن9) قۇتقۇزدى. ئاللاھ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىنىدۇ.

1.تفسير البغوي، زاد المسير 2.3.5.9. تفسير الميسر 6.4.7.8. زاد المسير

* جاھىلىيەت دەۋرىدە مەدىنىلىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن يىللىق قانلىق ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىك بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى دۈشمەنلىكتىن دوستلىققا يېتەكلىگەن، ئۇلار ئىسلام نېمىتى بىلەن قېرىنداش بولۇشۇپ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش يۈكىدىن ۋە خەتەردىن قۇتۇلغان.

وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ

104. (ئى مۆمىنلەر!1) ئاراڭلاردا ياخشىلىققا (يەنى ئىسلامغا2، ئىسلامنىڭ ئېتىقادىي ۋە ئەمەلىي بارچە ھۆكۈملىرىگە3، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشقا4) چاقىرىدىغان، مەئرۇفقا (يەنى تەۋھىدكە،سالىھ ئەمەلگە ۋە گۈزەل ئەخلاققا بۇيرۇيدىغان؛ ھەم شەرئىي، ھەم ئەقلىي جەھەتتىن توغرا كۆرلىدىغان ئىشلارغا، ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا5) بۇيرۇيدىغان، مۇنكەردىن (يەنى شىركتىن، خۇراپاتتىن، تۈرلۈك  ناچار ئەخلاقلاردىن قايتۇرىدىغان؛ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىسيانكارلىق، ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن6) توسىدىغان بىر جامائەت (يەنى يېتەرلىك ساندا بىر تۈركۈم كىشى7) بولسۇن. مانا مۇشۇنداق قىلغۇچىلار نىجاتلىققا (يەنى نېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتكە8) ئېرىشكۈچىلەردۇر. (بۇ خىل كىشىلەر ئاخىرەتتە بارچە ئارزۇلىرىغا يېتىپ، ھەر قانداق تۈردىكى قورقۇنچتىن ئەمىن قالغۇچىلاردۇر.9)

1.6. تفسير الميسر 2. تفسير البغوي، زاد المسير 3. تفسير السعدي 4. تفسير ابن كثير 7.8. زاد المسير 5.9. تفسير السعدي

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «نەپسىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر. بۇنداق بولمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن سىلەرگە ئازاب چۈشۈرىدۇ. ئۇ چاغدا، سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، ئەمما ئاللاھ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 7070)

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەردىن كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئۇنى تىلى بىلەن توسسۇن. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن. يامانلىققا قەلبىدە قارشى تۇرۇش ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ ھالىتىدۇر.» (مۇسلىم 49)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه أوشك أن يعمهم الله بعقابه)) «ئەگەر كىشىلەر يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىسا، ئاللاھ پات ئارىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4338، تىرمىزى 2167، ئىبنى ماجە 4005؛ مۇسنەد ئەھمەد، مۇھەددس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

قەيس ئىبنى ئەبۇ ھەزم مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىي ئىنسانلار! سىلەر «ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار. سىلەر ھىدايەت ئۈستىدە بولساڭلار، ئازغۇنلاشقان كىشىلەر سىلەرگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇماقتىسىلەر. (بۇ ئايەتنى ئەسلا خاتا چۈشىنىۋالماڭلار.) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«كىشىلەر بىر يامانلىقنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزگەرتمىگەن چېغىدا، ئاللاھنىڭ ئۆز ئازابى بىلەن ئۇلارنى قورشىشى بەكمۇ يېقىندۇر.» (ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، ئەبۇ يەئلا؛ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4\88)

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (أن الآيات والأخبار تدل على أن كل مَن رأى منكراً فسكت عنه عصى) «ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يامانلىقنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.» (مۇختەسەرۇ مىنھاج قاسىدىن،124)

ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىشى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇشقا قادىر بولالىغان ۋە بۇنى قىلىش سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇش كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ئىجمائقا كېلىنگەن ئىشتۇر. ناۋادا، كىشى يامانلىقتىن توسۇش سەۋەبلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا شۇ يامانلىقنى قەلبىدە ئىنكار قىلىشى، يامانلىققا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىشى ۋە يامانلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىشى لازىم بولىدۇ.» (تفسير القرطبي، 6 \ 253)

ئىمام ئىبنى باز: (وقد يكون الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر فرضَ عينٍ ، وذلك في حق من يرى المنكر وليس هناك من ينكره وهو قادر على إنكاره) «يامانلىقنى كۆرگەن كىشى ئۈچۈن شۇ يامانلىقنى توسىدىغان باشقا بىرى بولمىغان تەقدىردە، يامانلىقنى ئىنكار قىلىشقا كۈچى يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى پەرز ئەين بولىدۇ.» (ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى، 3\212)

ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇۋاتقان بولساڭ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ ياخشىلىققا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل! بولمىسا ھالاك بولىسەك. ئەگەر باشقىلارنى يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇۋاتقان بولساڭ، ئەڭ ئاۋۋال ئۇ يامانلىقتىن ئۆزۈڭ قايت، بولمىسا ھالاك بولىسەن.» (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى 1462)

وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ تَفَرَّقُوا وَاخْتَلَفُوا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

105. (ئى مۆمىنلەر!1) ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر (يەنى پەيغەمبەرلىرى تەرىپىدىن ئوپئوچۇق ھەقىقەتلەر2) كەلگەندىن كېيىن (ئۆز-ئارا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە3) بۆلۈنگەن ۋە (دىنىنىڭ ئۇل-ئاساسلىرى ھەققىدە4) ئىختىلاپ قىلغان (ۋە ھەق يولنى تاشلاپ، باتىل يولنى تاللىغان؛ ھەقنى باتىل، باتىلنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىدىغان) كىشىلەردەك (يەنى يەھۇدى، خرىستىيانلاردەك ۋە بۇ ئۈممەت ئارىسىدىن چىققان بىدئەتچىلەردەك5) بولماڭلار. بۇنداقلار ئۈچۈن (دوزاختا) بەك ئېغىر جازا بار.

1.2.3.4. تفسير الميسر 5. تفسير البغوي، تفسير الميسر

* ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئۆز تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئايرىمچىلىق يولىنى تۇتقان ۋە ئىختىلاپ قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار» — بۇلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىككى خىل كۆز قاراش بار. (1) بۇلار يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلاردۇر. بۇ ئىبنى ئابباس، ھەسەن بەسرى ۋە باشقا سەلەپ مۇپەسسىرلىرىنىڭ سۆزى. (2) بۇلار خاۋارىجلاردۇر. بۇ ساھابە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى. (زاد المسير)

يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ

106. قىيامەت كۈنى بەزى يۈزلەر (يەنى مۇھسىنلارنىڭ يۈزلىرى1؛ رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتائەت قىلىشقا تىرىشىپ ياشىغانلارنىڭ يۈزلىرى2) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ ۋە بىدئەتچىلەرنىڭ يۈزلىرى3؛ رەسۇلۇللاھنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە خىلاپ يول تۇتۇقانلارنىڭ ۋە بۇ باتىل يولىدىن تەۋبە قىلماي، ھەقكە قايتماي شۇ ھالەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ يۈزلىرى4) قارىداپ كېتىدۇ. يۈزى قارىداپ كەتكەن كىشىلەرگە «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.

1.3. تفسير البغوي 2.4. تفسير الميسر

ھەر تۈرلۈك بىدئەتلەردىن ۋە بىدئەتچىلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە قىسقىچە بايان 

  • * ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى يۈزى ئاپئاق نۇرلىنىپ كېتىدىغان كىشىلەر ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتۇر. يۈزى قارىيىدىغان كىشىلەر بولسا ئەھلى بىدئەت پىرقىلىرىدىن ھەر قايسى بىرىگە تەۋە بىدئەتچى كىشىلەردۇر. (تفسير ابن كثير)
  • * ئىمام ئىبنۇل جەۋزىمۇ ئۆز تەسپىرىدە يۈزى ئاقىرىدىغان كىشىلەرنى ئەھلى سۈننەت،  يۈزى قارىيىدىغان كىشىلەرنى ئەھلى بىدئەت دەپ بايان قىلىپ، بۇ تەپسىرنى ئىبنى ئابباسقا نىسبەت بەرگەن. (زاد المسير)

ساھابە ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۈزى قارىداپ كېتىدىغانلارنىڭ خاۋارىجلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؛ تابىئىن ئالىم قەتادە يۈزى قارىداپ كېتىدىغانلارنى بىدئەتچىلەر دەپ تەپسىرلىگەن؛ تابىئىن ئالىم ھەسەن بەسىرى مۇناپىقلار دەپ تەپسىرلىگەن. (تفسير البغوي)

ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟» — بۇ مۇناپىقلارغا دېيىلگەندە «تىلىڭلار بىلەن ئىمان ئېيتىپ قويۇپ، دىلىڭلاردا كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟» مەنىسىدىدۇر؛ خاۋارىجلارغا ۋە باشقا بىدئەتچىلەرگە دېيىلگەندە، بۇ يەردىكى كۇفۇر — ئېتىقاد جەھەتتىن جامائەتتىن، يەنى سەلەپ سالىھىن باشچىلىقىدىكى رەببانى ئالىملارنىڭ توغرا ئېتىقادىدىن ئايرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەھۇدىلارغا دېيىلگەندە رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ، پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن (ھەسەت يۈزىسىدىن) رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتماي كاپىر بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. (زاد المسير)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (وأئمة أهل البدعة أضر على الأمة من أهل الذنوب، ولهذا أمر النبي صلى الله عليه وسلم بقتل الخوارج، ونهى عن قتال الولاة الظلمة) بىدئەتچى باشچىلارنىڭ بۇ ئۈممەتكە سالىدىغان زىيىنى گۇناھ-مەئىسىيەت يولىنى تۇتقۇچىلارنىڭ زىيىنىدىنمۇ چوڭ. بۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خاۋارىجلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ھالبۇكى زالىم مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى چەكلىگەن. (مجموع الفتاوى 7\284)

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش — بىدئەتتۇر.  (شرح العمدة في الفقه ٣\٦٠٢)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ. (مجموع الفتاوى 71\19)

سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى سىرىن رەھىمەھۇللاھ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان كىشىلەرنى ئەڭ تېز دىندىن چىقىپ كېتىدىغان كىشىلەر دەپ قارىغان. بۇنى ئىمام ئاجۇرىي نەقىل قىلغان. (الاعتصام للشاطبي 98)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتتم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.» (بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر)

سەلەپ ئالىملىرىدىن بۈيۈك تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىدئەتچى بىلەن بىر يەردە بولما، چۈنكى بىدئەتچى قەلبىڭنى كېسەل قىلىدۇ. (الاعتصام للشاطبي 97)

سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى ۋەھىب رەھىمەھۇللاھ تابىئىن ئالىم ئەبۇ ئىدرىس ھەۋلانى رەھىمەللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: مەسجىدنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئوت كەتكەن ھالەتتە كۆرۈشۈم، مەسجىدتە تۈزەتكىلى بولمايدىغان بىر بىدئەتنى كۆرۈشۈمدىن ياخشىراقتۇر. (الاعتصام للشاطبي 96)

سەلەپ ئالىملىرىدىن ھەسەن ئىبنى ئەتىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:  (رَكْعَتانِ يَسْتَنُّ فِيهِما العَبْدُ خَيْرٌ مِن سَبْعِينَ رَكْعَةً لا يَسْتَنُّ فِيها) «بەندىنىڭ سۈننەت ھېسابلىنىدىغان ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇشى سۈننەتتە ئورنى يوق يەتمىش رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن ئەۋزەلدۇر.» (حلية الأولياء 7\75)

سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:  ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خاتىبنىڭ قوللىرىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. hedisim.com  (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515 )

ئىمام سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: بىدئەت شەيتانغا گۇناھتىنمۇ بەك سۈيۈمۈكتۇر. چۈنكى: گۇناھ تەرك ئېتىلىدۇ، ئەمما بىدئەت (ئاسانلىقچە) تەرك ئېتىلمەيدۇ. (تلبيس إبليس)

ئىبنى ۋەدداھ رەھىمەھۇللاھ تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: بىدئەتچى قانچىلىك كۆپ ناماز ئوقۇشقا ۋە روزا تۇتۇشقا تىرىشقانسېرى، ئاللاھتىن شۇنچە ئۇزاقلىشىدۇ. (الاعتصام للشاطبي 96)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (جۈمە كۈنى) خۇتبە ئوقۇغاندا يۈزى قىزىراتتى، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى ۋە غەزىپى ئاشاتتى. بەئەينى «دۈشمەن ئەتىگەن-كەچتە (باستۇرۇپ كېلىپ) يېنىڭلاردا پەيدا بولىدۇ» دەيدىغان قوشۇن جاكارچىسىغا ئوخشاش (جىددىي) ھالەتتە بولاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يوللارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» (مۇسلىم؛ بۇغۇلمەرام 439)

سەلەپ ئالىملىرىدىن يەھيا ئىبنى ئەبۇ كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىدئەتچى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ قالساڭ (يولۇڭنى ئۆزگەرتىپ) دەرھال باشقا يولدىن ماڭ. (الاعتصام للشاطبي 98)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: (كل أمتي يدخلون الجنة إلا من أبى قيل: يا رسول الله: ومن يأبى؟ قال: من أطاعني دخل الجنة ومن عصاني فقد أبى) «ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما (مېنى) رەت قىلغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! رەت قىلغۇچى كىم؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ. كىم ماڭا (ئەگەشمەستىن) ئاسىيلىق قىلسا (مېنى) رەت قىلغان بولىدۇ.(ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ)» دېدى. hedisim.com|صحيح البخاري الاعتصام بالكتاب والسنة (7280) ، صحيح مسلم الإمارة (1835) ، مسند أحمد بن حنبل (2/361)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ئابدۇللاھ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇندق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد) «كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا بولمىغان بىر بىدئەتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ رەت قىلىنىدۇ.» (بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

إِنَّ مِنْ وَرَائِكُمْ أَيَّامَ الصَّبْرِ، الصَّبْرُ فِيهِ مِثْلُ قَبْضٍ عَلَى الْجَمْرِ، لِلْعَامِلِ فِيهِمْ مِثْلُ أَجْرِ خَمْسِينَ رَجُلًا يَعْمَلُونَ مِثْلَ عَمَلِهِ، قَالَوا يَا رَسُولَ اللهِ! أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْهُمْ؟! قَالَ: أَجْرُ خَمْسِينَ مِنْكُمْ «چوقۇمكى، كەلگۈسىدە سەبر زامانى كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى سەبر بەئەينى كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغاندەك (قىيىن) بولىدۇ. ئۇ چاغدا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن) ئەمەل-ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرغۇچىغا ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ساۋاب بېرىلىدۇ» دېۋىدى، ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ! (شۇنداق بىرىگە) شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەللىك كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجر بېرىلەمدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سىلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن) ئەللىك كىشىنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ» دېدى. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4341؛ تىرمىزى 3058؛ تىرمىزى سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» 494 دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر تەخرىج مىشكات مەسابىھتا – 4\486-سەھىھ دېگەن)

وَأَمَّا الَّذِينَ ابْيَضَّتْ وُجُوهُهُمْ فَفِي رَحْمَةِ اللَّهِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

107. يۈزى ئاقارغانلار (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغان، قۇرئان ۋە سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىپ ياشىغان مۆمىنلەر1) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (يەنى ئاللاھنىڭ جەننىتىدىكى چەكسىز نېمەتلەر ئىچىدە2) بولىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.

1. زاد المسير 2. تفسير الميسر

تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۗ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعَالَمِينَ

108. (ئى پەيغەمبەر!1) مانا بۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ دەلىل ۋە ھۆججەتلىرىدۇر2)، بىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ساڭا ھەق ئاساسىدا (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سۈپىتىدە3) ئوقۇپ بېرىمىز. ئاللاھ مەخلۇقاتقا زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ. (يەنى شىركتىن ۋە ھەقسىزلىقتىن ئۇزاق ھالدا ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت ئىچىدە بولغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز رەۋىشتە جازالىمايدۇ.)

1. تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير

وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ 

109. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمىي نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئىشلار ئاللاھقا قايتىدۇ. (يەنى پۈتۈن مەخلۇقات ئاللاھقا قايتىدۇ. ئۇ ھەر كىمگە ئۆزى ھەق قىلغان جازانى ياكى مۇكاپاتنى بېرىدۇ.1) 1. تفسير الميسر، مختصر في التفسير

كُنْتُمْ خَيْرَ اُمَّةٍ اُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللّٰهِ وَلَوْ اٰمَنَ اَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْۜ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَاَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ

بىر نەچچە يەھۇدىي بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ «بىزنىڭ دىنىمىز سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن ياخشى، بىز سىلەردىن خەيرلىك» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى:1

110. (ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۈممەتسىلەر. سىلەر ياخشىلىققا  (يەنى تەۋھىدكە، سالىھ ئەمەلگە ۋە گۈزەل ئەخلاققا) بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن (يەنى شىركتىن، يامان ئىشلاردىن ۋە ناچار ئەخلاقتىن) توسىسىلەر، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىي ۋە خىرسىتىيانلاردىن سىلەرگە ئوخشاش) ئىمان ئېيتقان بولسا، بۇنداق قىلىشى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان، ئىماننىڭ تەقەززاسى ھېسابلانغان سالىھ ئەمەللەردە چىڭ تۇرىدىغان) مۆمىنلەر بار. ئەھلى كىتابنىڭ كۆپ قىسىمى (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان) پاسىقلاردۇر. (1. زاد المسير)

لَن يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِن يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ

111. (ئى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇھاجىر ۋە ئەنسارىي ساھابىلەر!) ئەھلى كىتاب سىلەرگە ئەزىيەتتىن باشقا زەرەر بېرەلمەيدۇ. (ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بېرىدىغان ئەزىيەت — ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئازغۇنلۇققا چاقىرىشى؛ تۈرلۈك تۈمەن بۆھتانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.1) ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ. (1. زاد المسير)

ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِّنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِّنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِّنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُوا يَعْتَدُونَ

112. (ئاللاھ يەھۇدىيلارنى خارلىققا مۇپتىلا قىلغان بولۇپ1) يەھۇدىيلار مەيلى قەيەردە بولمىسۇن — ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرى مۇستەسنا — خارلىققا مەھكۇم بولدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى ۋە يوقسۇللۇقتا قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە) ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. (1.تفسير ابن كثير )

* ئاللاھنىڭ ھىمايىسى — مۆمىنلەرگە تەسلىم بولۇپ، ئىسلام ھاكىمىيىتىگە جىزيە تۆلەپ، جېنىنى قوغداپ قېلىشىدۇر؛ ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسى — باشقا ئىنسانلار ئۇلارغا بەرگەن ئامانچىلىقتۇر. (تفسير ابن كثير)

ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۇلار خاردۇر. پەقەت ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەدە، توختامغىلا سېغىنغاندۇر. (زاد المسير)

***

لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ

113. يەھۇدىلارنىڭ2 ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلاردىن (رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامغا كىرىپ، مۇسۇلمان بولغان3) بىر بۆلۈك كىشى بولۇپ، ئۇلار (ھىدايەت ئۈستىدە بولغان4) ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئورۇندايدۇ؛ كېچىلىرى نامازغا تۇرۇپ5 ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ.

* يەھۇدىيلارنىڭ ئالىملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قاتارلىق بىر بۆلۈك كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمان بولغىلى ئۇنىمىغان دىنىي يولباشچىلىرى «(بىزدىن ئايرىلىپ) مۇھەممەدكە ئىمان ئېيتقانلار پەقەت ئارىمىزدىكى ناچار كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ناچار كىشىلەر بولمىغىنىدا، ئاتا-بوۋىسىنىڭ دىنىنى تەرك ئەتمىگەن بولاتتى» دەپ بىلجىرلاشتى. نەتىجىدە، يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى.

1.4. تفسير البغوي 2. زاد المسير 3. تفسير الميسر 5. تفسير البغوي، زاد المسير، تفسير الميسر

يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَأُولَٰئِكَ مِنَ الصَّالِحِينَ

114. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ؛ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەنە شۇلار سالىھلاردىندۇر.

وَمَا يَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَلَن يُكْفَرُوهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالْمُتَّقِينَ

115. ئۇلارنىڭ (يەنى تەقۋادار، سالىھلارنىڭ) قىلغان ھېچبىر ياخشىلىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ1.) ئاللاھ  تەقۋادارلارنى بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەقۋادارلار — ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سالىھ ئەمەللەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىپ، ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.2

1. تفسير ابن كثير 2. تفسير الميسر

إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَن تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُم مِّنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۚ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

116. (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ1) كاپىر بولغانلارنىڭ مال-دۇنياسىمۇ، ئەۋلادلىرىمۇ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشى ئۈچۈن2) ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا كەلتۈرەلمەيدۇ. كاپىرلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.

ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق مۇنداق دېگەن: ئايەتتە مال-دۇنيا، ياكى ئەۋلادلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەب، ئىنساننىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ياكى مېلىنى بېرىدىغانلىقى، ياكى ئەۋلادلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.3

1. تفسير الميسر 2.3. تفسير البغوي

مَثَلُ مَا يُنفِقُونَ فِي هَٰذِهِ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَثَلِ رِيحٍ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتْ حَرْثَ قَوْمٍ ظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ فَأَهْلَكَتْهُ ۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ اللَّهُ وَلَٰكِنْ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ

117. ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ سەرپ قىلغانلىرى؛ ياكى رىياخور بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەس، كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان؛ كاپىرلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا1) دۇنيا ھاياتىدا سەرپ قىلغان خىراجەتلىرىنىڭ مىسالى — ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلغان ئۈششۈككە ئوخشايدۇ. (يەنى زىرائەت تېرىپ ھوسۇل ئۈمىد قىلغان كىشىنىڭ زىرائەتلىرىنى ئۈششۈك ۋەيران قىلغاندەك، كاپىرلارنىڭ ياكى رىياخورلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن كۈتكەن ساۋابىنىڭ ئەجرىنى ئۇلانىڭ كۇفرى ياكى رىياسى يوق قىلىۋېتىدۇ.) ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى، ھالبۇكى ئۇلار (كۇفۇر-شىرىك ۋەگۇناھ-مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق2) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.

1.2.  تفسير البغوي

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِّن دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ

118. ئى مۆمىنلەر! (ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئەمەل قىلىدىغانلار1)! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى ھەق دىن ئۈستىدە بولمىغانلارنى؛ مۇناپىقلارنى ۋە كاپىرلارنى2) سىرداش دوست تۇتۇۋالماڭلار. ئۇلار ئاراڭلاردا پاسات چىقىرىشتىن (يەنى سىلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بېشىڭلارغا قىيىنچىلىق كەلتۈرۈشتىن ھېچ زامان3) ئۇزاق تۇرمايدۇ. سىلەرگە زىيان-زەخمەت كېلىشىنى ئارزۇلايدۇ. ئۇلارنىڭ (سىلەرگە قارشى4) غەزەپ-نەپرەتلىرى ئېغىزلىرىدىن (يەنى مۇسۇلمانلار توغرىلىق ئېيتقان يامان سۆزلىرىدىن5) مەلۇمدۇر. ئۇلارنىڭ قەلبىدە يوشۇرغانلىرى (يەنى سىلەرگە قارشى قەلبىدىكى نەپرىتى6)  تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر. (ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى) چۈشىنىدىغان بولساڭلار7،  سىلەرگە  (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتا مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىشتا8) ئايەتلىرىمىزنى (مانا مۇشۇنداق ئوچۇق) بايان قىلدۇق.

1.3. تفسير الميسر 2.4.5. تفسير البغوي 4.6.8 مختصر في التفسير

هَا أَنتُمْ أُولَاءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِالْكِتَابِ كُلِّهِ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا عَضُّوا عَلَيْكُمُ الْأَنَامِلَ مِنَ الْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

119. سىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر ۋە ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىقنى ئارزۇلايسىلەر. ئۇلار بولسا سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقنىمۇ ئارزۇلىمايدۇ. سىلەر بارچە (ئىلاھىي) كىتابلارغا ئىمان ئېيتىسلەر. ئۇلار بولسا سىلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدۇ. ئايرىم قېلىشقانلىرىدا بولسا (سىلەرنىڭ ئىجىل-ئىناقلىقىڭلار ۋە ئىسلامنىڭ ئىززىتىگە بولغان نەپرەت سەۋەبلىك1) غەزەپتىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!2) ئۇلارغا «غەزىپىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار» دېگىن. ئاللاھ قەلبلەردىكىنى (ئىماننى، كۇفۇرنى، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى3) مۇكەممەل بىلگۈچىدۇر.

1.2.3. مختصر في التفسير

إِن تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِن تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا ۖ وَإِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ

120. ئەگەر سىلەرگە ياخشىلىق كەلسە، ئۇلار بۇنىڭدىن ئارامسىزلىنىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامانلىق كەلسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ كېتىشىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇشتا ۋە ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتا1)  سەبر قىلساڭلار، ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. (1. مختصر في التفسير)

وَإِذْ غَدَوْتَ مِنْ أَهْلِكَ تُبَوِّئُ الْمُؤْمِنِينَ مَقَاعِدَ لِلْقِتَالِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

121. (ئى پەيغەمبەر!) ئەينى چاغدا (قۇرەيش كاپىرلىرىغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيۈڭدىن ئەتىگەن چىقىپ، (ئوھۇدتا) مۆمىنلەرنى ئۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ! ئاللاھ  سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

إِذْ هَمَّت طَّائِفَتَانِ مِنكُمْ أَن تَفْشَلَا وَاللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ (122)

122. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي باشچىلىقىدىكى ئۈچ يۈز كىشىنىڭ قۇرەيش كاپىرلىرىغا قارشى جىھادتىن يۈز ئۆرۈپ، ئوھۇد مەيدانىدىن قايتىپ كېتىشى سەۋەبلىك، مۇسۇلمان قەبىلىلىرىدىن بولغان بەنى سەلەمە قەبىلىسى بىلەن بەنى ھارىس قەبىلىسىدىن ئىبارەت) ئىككى قەبىلە ئەينى چاغدا ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى جەڭ باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئوھۇدتىكى جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەتمەكچى) بولدى. ئالللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.

وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنتُمْ أَذِلَّةٌ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

123. ئۆز ۋاقتىدا (يەنى بەدر جىھادىدا) سىلەر ئاجىز تۇرۇقلۇق، ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَن يَكْفِيَكُمْ أَن يُمِدَّكُمْ رَبُّكُم بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِّنَ الْمَلَائِكَةِ مُنزَلِينَ

124. ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە «ئاللاھ سىلەرگە يەنە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ.

بَلَىٰ ۚ إِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُم مِّن فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُم بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِّنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ

125. ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتا1) سەبر قىلساڭلار، (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق2؛ ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق3) تەقۋادارلىق قىلساڭلار، دۈشمەن (يەنى  قۇرەيش كاپىرلىرى سىلەرنىڭ كۈلۈڭلارنى كۆككە سورىۋېتىش ئۈچۈن4) تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، ئاللاھ سىلەرگە بەلگىسى بار بەش مىڭ پەرىشتە ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ.

* ئايەتتىكى «بەلگىسى بار پەرىشتىلەر» كەلىمىسىنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير ئاق ۋە قارا رەڭ ئارىلاش ئاتقا مىنگەن، بېشىدا سېرىق سەللىسى بار پەرىشتىلەر دەپ تەپسىرلىگەن. يەنى بەلگىسى ئاق-قارا رەڭلىك ئات مىنگەن، بېشىدا سېرىق رەڭلىك سەللىسى بار بولۇشىدۇر. (تفسير البغوي)

ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ «بۇ بەش مىڭ پەرىشتە قىيامەتكە قەدەر ئۇرۇشتا مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن. (تفسير البغوي)

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئۇھۇد ئۇرۇشى كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىدا ئىككى كىشى ئۇرۇش قىلىپ رەسۇلۇللاھنى قوغدىدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاق كىيىملەر بار بولۇپ، قەھرىمانلارچە ئۇرۇشتى. بۇ ئىككى كىشىنى مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. (سەھىھۇل بۇخارى) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «سەئىدنىڭ بۇ ئىككى كىشىدىن مەقسىتى جىربىل ۋە مىكائىل ئىدى» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام تفسير البغوي مەزكۇر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نەقىل قىلغان. (1.2.4. تفسير الميسر 3. تفسير البغوي)

وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ

126. ئاللاھ بۇنى سىلەر ئۈچۈن پەقەت بىر خۇش خەۋەر قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق قەلبىڭلارنىڭ تەسكىن تېپىشىنى ئىرادە قىلدى. (غەلىبىنى پەرىشتىلەرنىڭ ياكى قوشۇننىڭ ئىشى سۈپىتىدە كۆرمەڭلار.1) ياردەم پەقەت ئەزىز، ھەكىيم ئاللاھتىندۇر. (1. تفسير البغوي)

لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنقَلِبُوا خَائِبِينَ

127. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ بىر قىسىمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن، ياكى ئۇلارنى مەغلۇپ بولغان ۋە غەمكىن بولغان1 ھالدا قايتۇرۇش ئۈچۈن (بەدىر جىھادىدا سىلەرگە غەلىبە نېسىپ قىلغان ئىدى.2) (1.2. تفسير البغوي)

لَيْسَ لَكَ مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَالِمُونَ

128. (ئى پەيغەمبەر! بەندىلەرنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا1) ھېچ ئىش سېنىڭ ئىلىكىڭدە ئەمەس (بەندىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى توغرىسىدا سېنىڭ ھەر قانداق قارار چىقىرىش ھوقۇقۇڭ يوق، بەلكى بۇ ھوقۇق ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر.2)  ئاللاھ ئۇلارنىڭ (يەنى ساڭا قارشى ئۇرۇشقان مۇشرىكلارنىڭ3) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى؛ ياكى (ئەگەر ئۇلار كۇفۇردا داۋام قىلسا، كۇفۇرى سەۋەبلىك4) زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالىشى مۇمكىن. ( 1.2.3.4.تفسير الميسر)

* بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۆزىگە قارشى ئۇرۇشقان كاپىرلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، يوق قىلىۋېتىشى ئۈچۈن ئاللاقا دۇئا قىلماقچى بولدى. نەتىجىدە، يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (تفسير البغوي)

وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ

129. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى (يەنى گۇناھ، يامانلىقلىرىغا تەۋبە قىلىپ، ھەقكە قايتقان كىشىنى) مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى (يەنى ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىكتىن تەۋبە قىلمىغان ئاسىيلارنى ۋە كاپىرلارنى) جازالايدۇ. ئاللاھ غەفۇردۇر (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بەك مەغفىرەت قۇلغۇچىدۇر1،) رەھىيمدۇر (مۆمىن بەندىلىرىگە رەھمەت قىلغۇچىدۇر.2) (1.2.تفسير الميسر)

***

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُّضَاعَفَةً ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

130. ئى مۆمىنلەر. جازانىنى قاتمۇ قات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار. نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن (ئىسلام شەرىئىتىگە چىڭ باغلىنىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بۇيرۇغاننى قىلىپ، چەكلىگەندىن يېنىش ئارقىلىق1) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. (1. تفسير الميسر)

وَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ

131. كاپىرلار (نىڭ دەھشەتلىك جازالىنىشى) ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاخ ئوتىدىن قورقۇڭلار. (ئەگەر دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشتىن قورقساڭلار، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە قەتئىي رىئايە قىلغان ئاساستا، ئىسلام شەرىئىتىگە مەھكەم ئېسىلىڭلار.)

وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ

132. سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار.

وَسَارِعُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ

133. (ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق1) رەببىڭلارنىڭ مەغفىرىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشقا (يەنى  جىمىي گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىپ، سىلەرگە پەرز قىلىنغانلارنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىشقا2) يۈگۈرۈڭلار؛ شۇنداقلا تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسىچىلىك كېلىدىغان جەننەتكە يۈگۈرۈڭلار. (1.تفسير الميسر 2. زاد المسير)

* ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: جەننەت ئاسمانلارغىمۇ، زېمىنغىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردىكى «جەننەتنىڭ كەڭلىكى» دىن مەقسەت:«(ئى ئىنسانلار) جەننەتنىڭ كەڭلىكىنى سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار يېتىدىغان شەكىلدە سىلەرگە بايان قىلساق: ئۇنىڭ كەڭلىكى يەتتە قەۋەت ئاسمان ۋە يەتتە قەۋەت زېمىننىڭ كەڭلىكىدەكتۇر» دېگەنلىكتۇر. ئادەتتە بىر نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ كەڭلىكىدىن چوڭ بولىدۇ. جەننەتنىڭ كەڭلىكى بۇنچىۋالا بولسا، ئۇزۇنلۇقىنىڭ قانچىلىكلىكى سىلەرگە قالدى. (تفسير البغوي)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «جەننەت ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ؟» دەپ سورالغاندا مۇنداق دېگەن: ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ جەننەتنى سىغدۇرالمايدۇ. جەننەت يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدىدۇر، ئەرشنىڭ ئاستىدىدۇر. (تفسير البغوي)

الَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

134. تەقۋادارلار كەڭچىلىك پەيتىدە بولسۇن، قىيىنچىلىق پەيتىدە بولسۇن (ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياخشىلىق يوللىرىغا) پۇل-مال سەرپ قىلىدۇ، (ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ1) ئاچچىقىنى يۇتىدۇ (ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىنى سېزەلمەيدۇ2، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى كىشىلەردىن ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئۇنداق3) كىشىلەرنى كەچۈرىۋېتىدۇ. (مانا بۇ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىھسان جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ خىل ئېھسان سۈپىتىگە ئىگە4 كىشىلەر ئېھسان ماقامىدىكى مۇھسىن كىشىلەردۇر.5)  ئاللاھ مۇھسىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

* ياخشىلىق يولىغا پۇل مال سەرپ قىلىش

ئىمام ئىبنۇل جەۋزنى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: تەقۋادارلار ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىگە رىغبەت كۆرسەتتى. كەڭچىلىك ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرمىدى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئۇنتۇلدۇرمىدى. قىيىنچىلىق ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا بېخىللىققا ئۈندىمىدى، قىيىنچىلىق تەقۋادارلارنى ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشتىن توسۇپ قويمىدى.6

ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇش ھەققىدە

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە ئاللاھ ئۈچۈن يۇتقان ئاچچىقىدىنمۇ پەزىلەتلىك بىر يۇتۇمنى يۇتقان ئەمەس.» (مۇسنەد ئەھمەد 2\128؛ ئىبنى ماجە-زۇھد: 18) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنۇل جەۋزى ئۆز تەپسىرىدە مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نەقىل قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشى سۇنەن ئىبنى ماجەدىمۇ بار.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «باتۇر كىشى — ئۇرۇشتا باشقىسىنى يەڭگەن كىشى ئەمەستۇر. ھەقىقىي باتۇر كىشى — ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالىغان كىشىدۇر.» (بۇخارى 6114؛ مۇسلىم 2609؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن؛ مۇسنەد ئەھمەد 2\236؛ مۇۋەتتا مالىك 3\905)

جارىيە ئىبنى قۇدامە ئەسسەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا پايدا كەلتۈرىدىغان بىر سۆزنى دەپ بەرگەيلا، ئەمما، چۈشىنىۋېلىشىم (ۋە ئېسىمدە تۇتۇپ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن ئۇ سۆز قىسقا بولغاي» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «غەزەپلەنمە» دېدى. ئۇ يۇقىرىقى تەلەپنى رەسۇلۇللاھتىن قايتا قايتا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ھەر قېتىمىدا «غەزەپلەنمە» دېدى. (ئەھمەد 5\34؛ ھاكىم 3\615؛ ئىبنى ھىببان 5689؛ تەبرانى 2096؛ سەھىھ ھەدىس)

ئىمام ئىبنى كەسىر «ئاچچىقىنى \ غەزىپىنى يۇتىدۇ» ئايىتىنى «ئاچچىقىنى يوشۇرۇپ، ئاچچىقىنى\ غەزىپىنى ھېچكىمگە ئاشكارا قىلمايدۇ» دەپ تەپسىرلىگەن.

«ئۇلار ئاچچىقىنى يۇتىدۇ» — يەنى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار كىشىلەرگە يامانلىق قىلىپ قويۇشتىن ئۆزىنى توسىدۇ، بۇلارنى قىلىشتا ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىدۇ. (تفسير ابن كثير)

«كىشىلەرنى كەچۈرۈۋېتىدۇ» — يەنى، باشقىلارغا ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغاندىن سىرت، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن قەلبىدە ھېچكىمگە قارشى يامانلىق قالمايدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ كامىل ھالىتىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ (ئايەتنىڭ داۋامىدا) «ئاللاھ مۇھسىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى. چۈنكى، يۇقىرىقىلار ئىھسان ماقامىدىكى (مۇھسىن) كىشىلەردە بار بولغان خىسلەتلەردۇر. (تفسير ابن كثير)

1.2.5. تفسير ابن كثير  3.4. تفسير الميسر 6. زاد المسير

وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَىٰ مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ

135. (تەقۋادارلار يەنە شۇنداق كىشىلەركى) ئۇلار بىرەر گۇناھ قىلىپ قويسا1، ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قويسا، ئاللاھنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى، قىلىۋاتقان ياكى قىلىپ سالغان گۇناھىغا ئاللاھنىڭ جازا بېرىدىغانلىقىنى3) ئەسلەپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن دەرھال ئىستىغفار ئېيتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدىغان كىم بار؟ (تەقۋادارلار يەنە) قىلىۋاتقان يامانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. (يەنى گۇناھلىرىدىن دەرھال تەۋبە قىلىپ، دەرھال ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە قايتىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ گۇناھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇ گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلمايدۇ.2) (1. 2. تفسير ابن كثير 3.زاد المسير)

أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُم مَّغْفِرَةٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ

136. بۇ خىل (ئۈستۈن خىسلەتلەرگە ئىگە بولغۇچى1) كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتى رەببىنىڭ مەغفىرىتى ۋە (دەرەخلىرىنىڭ ۋە قەسىرلىرىنىڭ ئاسىتىدىن2) ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. (ئاللاھ يولىدا) ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان (مەغفىرەت ۋە نازۇ نېمەتلىك جەننەتتىن ئىبارەت بۇ3) مۇكاپات نېمىدېگەن ئېسىل!

1.2.3. تفسير الميسر

***

قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ

ئاللاھ ئوھۇد جىھادىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان مۆمىنلەرگە تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېدى:1

137. سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى. (ئۇ ئۈممەتلەرگە تەۋە مۆمىنلەرمۇ كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش بىلەن سىنالغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت مۆمىنلەرنىڭ بولدى.2) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، (ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغىنىغا قاراڭلار (ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق جازالىغان ئىدى. سىلەر شۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار.3)

1.2.3. تەسپىر مۇيەسسەر

هَٰذَا بَيَانٌ لِّلنَّاسِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةٌ لِّلْمُتَّقِينَ

138. بۇ (قۇرئان بارچە1) ئىنسانلار ئۈچۈن (توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ياماننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ئوچۇق) باياندۇر؛ (ھەق يولغا يەتكۈزىدىغان2) يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر. (تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ قەلبلىرى قۇرئاننىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىگە تۆۋەنچىلىك ۋە ئىتائەت بىلەن يۈزلىنىدۇ3 ۋە دائىما قۇرئاندىن ۋەز نەسىھەت ئالىدۇ.) (1.2.3. تفسير الميسر)

وَلَا تَهِنُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَنتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

139. (ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشتا1) ئاجىزلىق كۆرسەتمەڭلار، (ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتلەر ئۈچۈن2، ئوھۇدتا شەھىد بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن3) قايغۇرماڭلار. ئەگەر (ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ئەمەل قىلىدىغان4) مۆمىن بولغىنىڭلار ئۈچۈن5 غەلىبە قازىنىسىلەر.

* ئىمام بەغەۋى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ساھابىلەرنىڭ ئوھۇد كۈنى دۇچ كەلگەن ئۆلۈملەر ۋە يارىلار سەۋەبلىك، ساھابىلەرنى جىھادتا غەيرەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قىلغان تەشۋىقىدۇر.  ئوھۇد كۈنى مۇھاجىرلاردىن ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير قاتارلىق بەش ساھابە، ئەنسارىلاردىن يەتمىش ساھابە، جەمىي يەتمىش بەش ساھابە شەھىد بولغان ئىدى. (تفسير البغوي)

1.3.4. تفسير الميسر 2.3. زاد المسير 5. تفسير البغوي

إِن يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِّثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ

140. ئەگەر سىلەر (ئوھۇد ئۇرۇشىدا1) يارىدار بولغان  (ۋە شەھىد بولغان) بولساڭلار، (سىلەرگە قارشى ئۇرۇشقان) ئاشۇ كىشىلەرمۇ (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرىمۇ بەدر ئۇرۇشىدا2) ئوخشاش رەۋىشتە يارىدار بولغان ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ۋە ئاراڭلاردىن شەھىدلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈن بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز. ئاللاھ (ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇشتىن ئۇزاق تۇرغان3) زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

1. تفسير البغوي، تفسير الميسر 2. زاد المسير 3. تفسير الميسر

  • * «سىلەرگە يارىدار بولغان بولساڭلار، ئاشۇ كىشىلەرمۇ يارىدار بولدى» — بەدر ئۇرۇشىدا يەتمىش مۇشرىك ئۆلتۈرۈلۈپ، يەتمىشى ئەسىر ئېلىنغان ئىدى. (شۇنىڭدىن ئىككى يىل كېيىنكى) ئوھۇد ئۇرۇشىدا يەتمىش بەش ساھابە شەھىد بولۇپ، يەتمىش ساھابە يارىلاندى. (تفسير البغوي)
  • * «ئاراڭلاردىن شەھىدلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن» — مۇسۇلمانلار «ئى رەببىمىز! بىزگە بەدر ئۇرۇشىغا ئوخشاش بىر ئۇرۇشنى كۆرسەتكىنكى، ئۇ ئۇرۇشتا شەھىدلىك ئىزدەيلى» دېيىشەتتى. بۇ سەۋەبلىك ئوھۇد ئۇرۇشىدا شەھىدلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. (زاد المسير)
  • * «نُدَاوِلُهَا» (ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز) — ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنۇ نەقىلنى كەلتۈرگەن: مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتسا، مۆمىنلەرنىڭ دۆلىتىنى ئۇلارغا قارشى كاپىرلارغا بېرىمىز. مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا زەپەر قازىنىدۇ. (زاد المسير)
  • * «ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ» — ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتتىكى زالىملارنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي باشچىلىقىدىكى، ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتناشماستىن چېكىنىپ كەتكەن مۇناپىقلار، دېگەن. (زاد المسير) ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۆزىگە قاراشلىق ئۈچ يۈز مۇناپىقنى ئېلىپ قايتىپ كەتكەن. (سەفىيۇرراھمان: رەۋزاتۇل ئەنۋار)

وَلِيُمَحِّصَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَمْحَقَ الْكَافِرِينَ

141. ئاللاھ مۆمىنلەرنى سىناش ۋە گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن1؛ كاپىرلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئۈچۈن (زەپەرنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار ئارىسىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.2)

1.زاد المسير، تفسير الميسر 2. زاد المسير

أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنكُمْ وَيَعْلَمَ الصَّابِرِينَ

142. (ئى مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى!1) ياكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئاراڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە سەبر قىلغۇچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماستىن تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ (يەنى ئاللاھ سىلەرنى سىناپ، ئاراڭلاردىكى ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشۇشتا مۇستەھكەم تۇرغانلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقارمىغۇچە سىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭلار روياپقا چىقمايدۇ.2)

1. تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير

  • *ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى مۇنداق دېگەن: قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى — ئۇ ئايەتنىڭ بىردىنبىر مەنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، نازىل بولۇش سەۋەبى ئايەتنىڭ مەنىلىرىدىن بىر مەنىدۇر.

وَلَقَدْ كُنتُمْ تَمَنَّوْنَ الْمَوْتَ مِن قَبْلِ أَن تَلْقَوْهُ فَقَدْ رَأَيْتُمُوهُ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ

143. (ئى ساھابىلەر!) سىلەر ئۆلۈمگە دۇچ كېلىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ ئۆلۈمنى ئارزۇلايتتىڭلار. ئەمدىلىكتە (قىلىچلارنىڭ يالت-يۇلت قىلىپ نۇر چېچىشىدىن، نەيزىلەرنىڭ تىرىڭشىپ ئاۋاز چىقىرىشىدىن ۋە دۈشمەننىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن سەپ تۈزىشىدىن1) ئۇنى (يەنى ئۆلۈمنى2) ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. (يەنى، ئى مۆمىنلەر! سىلەر دۈشمەن بىلەن يۈزلىشىدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ -يۈز كېلىشنى ئارزۇلايتتىڭلار، ئاشۇ كۈننى زارىقىپ كۈتەتتىڭلار. دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەقەززا بولغان ئىدىڭلار. سىلەر ئارزۇلاپ، تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئاشۇ كۈن مانا سىلەرگە كەلدى. ئۇنداقتا، دۈشمەنگە قارشى سەبىر ۋە سابات بىلەن ئۇرۇشۇڭلار!3) 1.2.3. تفسير ابن كثير

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۈشمەن بىلەن ئۇچقۇشۇشنى ئارزۇلىماڭلار ۋە ئاللاھتىن خاتىرجەملىك سوراڭلار. دۈشمەنگە ئۇچراشقىنىڭلاردا سەبر قىلىپ چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار. بىلىڭلاركى، جەننەت قېلىچلارنىڭ سايىسى ئاستىدىدۇر.» (بۇخارى 2966؛ مۇسلىم 1742) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى كەسىر مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نەقىل قىلغان.

وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ

144. مۇھەممەد پەقەت (ئاللاھ بارچە ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن) بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى. (ئى مۆمىنلەر!) ئەمدىلىكتە ئۇ ۋاپات تاپسا ياكى ئۆلتۈرۈلۈرسە كەينىڭلارغا يېنىۋالماقچىمۇسىلەر؟ كىمكى كەينىگە يېنىۋالسا ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شاكىرلارنى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى، رەسۇلۇللاھقا مەيلى ھايات بولسۇن، مەيلى ۋاپات تاپقان بولسۇن قەتئىي رەۋىشتە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى1) پات يېقىندا مۇكاپاتلايدۇ. (1. تفسير ابن كثير)

* ئوھۇد غازىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات:

ئوھۇد غازىتى ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى، شەۋۋال ئېيىدا يۈز بەردى. ئوھۇد غازىتىغا مۆمىنلەردىن يەتتە يۈز جەڭچى قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ سانى ئۈچ مىڭ ئىدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ئەبۇ سۇفيان بولۇپ، خالىد ئىبنى ۋەلىد قۇرەيش ئاتلىق قىسىم قوماندانى ئىدى.

يەكمۇ يەك ئېلىشىشقا زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام چۈشۈپ، مۇشرىك بايراقدارلىرىدىن تەلھە ئىبنى تەلھەنى چەبدەسلىك بىلەن مەغلۇپ قېلىپ، بېشىنى ئۈزدى.

ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبۇ دۇجانە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئۇرۇشتا ئالاھىدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ قولىدا ئىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ باشتا ئوڭ قولى، ئاندىن سول قولى مۇشرىكلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلاندى، قوللىرى كېسىلگەن مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇغنى بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇۋالدى. مۇشرىكلار ئۇنى مۇشۇ ھالەتتە قىلىچلاپ شەھىد قىلدى. ئۇنى ئابدۇللاھ ئىبنى قامەھ دېگەن كاپىر شەھىد قىلغان ئىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير  چىراي-تۇرۇق جەھەتتە رەسۇلۇللاھقا ئوخشايتتى. بۇ سەۋەبلىك، ئابدۇللاھ ئىبنى قامەھ دېگەن مۇشرىك شەھىد بولغان مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رەسۇلۇللاھ دەپ بىلىپ «مۇھەممەد ئۆلدى» دەپ جار سالدى. جەڭ مەيدانىغا تېزدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقاپ كەتتى.

ئوھۇد غازىتىدا مۇشرىكلاردىن قىرىق بىرى ئۆلتۈرۈلدى، مۇسۇلمانلاردىن يەتمىشى شەھىد بولدى. (سەفىيۇرراھمان: رەۋزاتۇل ئەنۋار)

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى:

ئوھۇد ئۇرۇشى كۈنى مۇسۇلمانلار دەسلىۋىدە قۇرەيش كاپىرلىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۇلارنى تازا تالاپەتكە ئۇچراتتى. رەسۇلۇللاھ تاغ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئەللىكتەك ئوقياچى ساھابىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى كاپىرلار مەغلۇپ بولدى دەپ ئويلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ «ھەر قانداق ئەھۋال بولىشىدىن قەتئىينەزەر تاغدىن چۈشمەي، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىمىزدىن باستۇرۇپ كېلىشىگە ئوقيا بىلەن توسالغۇ بولۇڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ، تاغدىن چۈشۈپ ئولجا يىغىش بىلەن بولدى. بۇنى بايقىغان قۇرەيش ئاتلىق قوشۇنىنىڭ قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىد ئوھۇد تېغىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن باستۇرۇپ كەلدى. بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار قوشۇنى ھەم ئالدى ھەم ئارقا تەرەپتىن دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان ئىدى. دۈشمەن قوشۇنى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتكىنىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يېقىن يەردە ئىكەنلىكىنى بايقاپ رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسى قوشۇنى خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى قۇرەيش قوشۇنىغا قارىغاندا رەسۇلۇللاھتىن يىراقتا ئىدى. بۇ جەرياندا رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا قىلىچ زەربىسى تېگىپ يارىلاندى. رەسۇلۇللاھنى يارىدار قىلغىنى ئىبنى قەمئە ئىسىملىك قۇرەيش كاپىرى ئىدى. ئاقىۋەتتە «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەر جەڭ مەيدانىدا تارقاپ كەتتى. بۇ خەۋەر مۇسۇلمانلارغا زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرلۈپتۇ دەپ ئويلىدى. بۇ ھال مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىق كۆرسىتىشىگە، ئۇرۇشقا پاسسىپلىق كۆرستىشىگە سەۋەب بولدى. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (تفسير ابن كثير)

وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَن تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ كِتَابًا مُّؤَجَّلًا ۗ وَمَن يُرِدْ ثَوَابَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَن يُرِدْ ثَوَابَ الْآخِرَةِ نُؤْتِهِ مِنْهَا ۚ وَسَنَجْزِي الشَّاكِرِينَ

145. ئۆلۈمى ئاللاھنىڭ خالىشىغا باغلىق بولمىغان ھېچبىر جان ئىگىسى يوقتۇر. (ھېچكىم ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقدىر قىلغان ئۆمۈرنى تۈگەتمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.1) ئاللاھ ھەممە جان ئىگىسىنىڭ ئەجىلىنى (ئالدىن) بەلگىلىۋەتكەن. كىمكى (قىلغان ئەمىلى ئارقىلىق2) دۇنيا مەنپەئەتىنى ئارزۇلىسا، بىز (ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەپ قويغان رىزقنى3) ئۇنىڭغا بېرىمىز. (بۇنداق كىشىنىڭ ئاخىرەت مۇكاپاتىدىن ھېچقانداق نېسىۋىسى بولمايدۇ.4) كىمكى (قىلغان ئىش-ئەمەللىرى ئارقىلىق5) ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى كۆزلىسە، (دۇنيادا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن رىزقنى بېرىش بىلەن بىرگە6) ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا مۇكاپاتىنى بېرىمىز.  بىز (تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق شۈكۈر قىلىدىغان) شاكىرلارنى (ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە7 گۈزەل مۇكاپاتلار بىلەن8) مۇكاپاتلايمىز.

* سەلەپ مۇپەسسىرلىرىدىن مۇقاتىل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتە ئوھۇت تېغىدا (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ) مۇستەھكەم تۇرغانلار بىلەن غەنىيمەتنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەنلەر كۆزدە تۇتۇلغان، دېگەن. (زاد المسير)

1.2.3. تفسير الميسر 4.7. تفسير ابن كثير 5.6.8. تفسير الميسر

وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ

146. (رەببىگە گۈزەل شەكىلدە قۇلچىلىق قىلىش يولىنى تۇتقان1) كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بولدى. (پەيغەمبەرلىرى ئۆلتۈرۈلگىنىدىن كېيىن2) ئۇلار ئاللاھ يولىدا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر سەۋەبلىك (پەيغەمبەرلىرى بار چاغدىكى ھەق يولىدىن) بوشىشىپ قالمىدى، (يارىلىنىش سەۋەبلىك، شۇنداقلا سەپداشلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك جىھادنى تاشلىمىدى، دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشتا3) ئاجىزلىق كۆرسەتمىدى، (دۈشمەنلىرىگە4) باش ئەگمىدى. (ئەكسىچە، ئاللاھقا ئۇچراشقىنىغا قەدەر پەيغەمبەرلىرى ئۇرۇشقان ھەق دىن ئۈچۈن ئۇرۇشۇشنى داۋام قىلىپ، بۇ يولدا ئۇچرىغان جىمىي قىيىنچىلىقلارغا سەبر قىلدى5.) ئاللاھ (مۇسىبەتلەرگە ۋە تائەت-ئىبادەتنىڭ جاپالىرىغا ئاللاھ ئۈچۈن) سەبر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

1.3. تەپسىر تفسير البغوي 2.4.5. تفسير ابن كثير

وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَن قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

147. (ئۇلار پەيغەمبەرلىرى ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك بوشىشىپ كېتىپ، كەينىگە يېنىۋالمىدى.) ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلىرى ئۆلتۈرۈلۈش ئەسناسىدىكى1) سۆزلىرى «رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ۋە دىن جەھەتتە (بىزدىن سادىر بولغان2) ھەددىدىن ئېشىشلىرىمىزنى (يەنى چوڭ گۇناھلىرىمىزنى3) مەغفىرەت قىلغىن؛ (ھەق دىنىڭدا ۋە ئۇرۇش مەيدانىدا4) قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋملەرگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.

1. تفسير البغوي 2.تفسير الميسر 3.تەپسىر تفسير البغوي، زاد المسير 4.زاد المسير

فَآتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآخِرَةِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

148. ئاللاھ ئۇلارغا ھەم دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى (يەنى جەڭدىكى غەلبە ۋە غەنىيمەتنى1) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئېسىل مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەتنى2) ئاتا قىلدى. ئاللاھ (ئىھسان ساھىبى) مۇھسىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ. (1.2. تفسير البغوي)

* ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىھسان — پەرزلەرنى ئادا قىلىش، ھاراملاردىن يېنىشتۇر؛ شۇنداقلا، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر. پېقىر-يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىش، ياخشىلىققا ياردەمچى بولۇش، كېسەل يوقلاش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ھەققىنى قوغداش؛ ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش؛ كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ياخشى ئەمەللەر جۈملىسىدىندۇر. ئىھسان ئەھلى، يەنى مۇھسىنلار — پەرزلەرنى ئادا قىلىپ، ھارامدىن يانغۇچى كىشىلەردۇر. بۇنىڭغا قوشۇپ ياخشىلىق يوللىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەردۇر.

ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇھسىن — ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىر ئىسىمدۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەلللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەھىھ ھەدىسلىرىدىن بىرىدە ئاللاھنى «مۇھسىن» دەپ ئاتىغان. «ئابدۇلمۇھسىن» دەپ ئىسىم قويۇش دۇرۇس بولىدۇ. «مۇھسىن» دېگەن ئىسىمنى كىشىلەرگە ئىسىم قىلىپ قويۇشمۇ دۇرۇس بولىدۇ. (ئىمام ئىبنى باز پەتىۋالىرى)

***

مۇسۇلمانلار ئوھۇد ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنىدا يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارنى ئىسلامدىن سوۋۇتۇشقا ئورۇندى. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى:1

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تُطِيعُوا الَّذِينَ كَفَرُوا يَرُدُّوكُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ فَتَنقَلِبُوا خَاسِرِينَ

149. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار (يەنى كاپىرلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرسەڭلار1، ئۇلار) سىلەرنى كۇفۇرغا قايتۇرىدۇ، ئاقىۋەتتە ھەسرەتتە قالغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.

1. تفسير البغوي

* ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۆمىن بەندىلىرىنى كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلىشتىن چەكلىگەن. چۈنكى، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلىش كىشىنىڭ ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ھالال بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. (تفسير ابن كثير) ئەگەر مۆمىنلەر كاپىرلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە مۇشرىكلارغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلار مۆمىنلەرگە پەقەت يامانلىقنىلا خالايدۇ. ئۇلار مۆمىنلەرنى ئاقىۋىتى مەغلۇبىيەت ۋە ھەسرەت بولغان كۇفۇرغا باشلايدۇ. (تفسير السعدي)

بَلِ اللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ النَّاصِرِينَ

150. ئۇنداق ئەمەس. (كاپىرلار سىلەر ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك بولغانلار ئەمەس. ئەكسىچە، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلاركى،) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. (كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلىشتىن ئۇزاق بولۇڭلار1، شۇندىلا ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، سىلەرنى دىنىڭلاردا سابىت قىلىدۇ.2) ئاللاھ ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

1. تفسير ابن كثير 1. تفسير البغوي

سَنُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَا أَشْرَكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا ۖ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى الظَّالِمِينَ

151. كاپىرلار ئاللاھ ھېچ بىر دەلىل نازىل قىلمىغان نەرسىنى ئاللاھقا شىرىك قىلىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىگە قورقۇنچ سالىمىز. ئۇلارنىڭ بارار جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ بارار جايى بەكمۇ يامان جايدۇر. 

* ئاللاھ بۇ ئايەتتە كاپىرلارنىڭ كۇفۇر ۋە شىرىك يولى سەۋەبلىك، كاپىرلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھازىرلىغان ئازاپ ۋە جازادىن سىرت، كاپىرلارنىڭ قەلىبلىرىگە مۆمىنلەردىن قورقۇش ۋە مۆمىنلەرنىڭ قارشىسىدا خارلىق ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى سالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگەن. (تفسير ابن كثير)

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنىڭ دوستى ۋە ياردەمچىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ كاپىر دۈشمەنلەرنىڭ قەلبىگە دەھشەتلىك قورقۇنچ سالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشىدۇر. كاپىرلارنىڭ قەلبىگە سېلىنغان بۇ قورقۇنچ كاپىرلارنى (مۆمىنلەرگە قارشى روياپقا چىقارماقچى بولغان) نۇرغۇنلىغان مەقسەتلىرىدىن توسۇپ قويىدۇ. ئاللاھ ئوھۇد كۈنى مۆمىنلەرگە بەرگەن بۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان. مۇشرىكلار ئوھۇدتىن قايتقاچ بىر-بىرىگە «مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەر چىشلەتكەن تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋەتمەستىن يۇرتىمىزغا قاراپ يولغا چىققىنىمىز قانداق ئىش؟» دېيىشىپ، مۇشۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەمشەلگەن ئىدى. ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىگە قورقۇنچ سالدى ۋە مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالماستىن قايتىپ كېتىشتى. (تفسير السعدي) تەپسىر تفسير البغوييدىمۇ بۇ ئايەت تەپسىرىدە مۇشۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أعطيت خمسا لم يعطهن أحد من الأنبياء قبلي : نصرت بالرعب مسيرة شهر ، وجعلت لي الأرض مسجدا وطهورا ، وأحلت لي الغنائم ، وأعطيت الشفاعة وكان النبي يبعث إلى قومه خاصة وبعثت إلى الناس عامة)) «ماڭا مەندىن ئىلگىرىكى ھېچبىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن بەش نەرسە بېرىلدى. (1) مەن بىر ئايلىق مۇساپە يىراقلىقتىن (ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە سالغان) قورقۇنچ بىلەن ياردەم بېرىلدىم؛ (2) زېمىن ماڭا نامازگاھ ۋە پاكلىغۇچى قىلىپ بېرىلدى؛ (3) ماڭا غەنىيمەتلەر ھالال قىلىندى؛ (4) ماڭا (قىيامەت كۈنىدىكى چوڭ) شاپائەت ئىمتيازى بېرىلدى. (5) ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر پەقەتلا ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن ئىدى، مەن بولسا بارچە ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدىم.»

(بۇخارى 335؛ مۇسلىم 521؛ نەسائى 1\209؛ ئەھمەد 3\304؛ ئىبنى ھىببان 6398)

بۇ ئايەتتىكى «زالىملار» — كاپىرلاردۇر. (تفسير البغوي)

وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُم بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُم مِّن بَعْدِ مَا أَرَاكُم مَّا تُحِبُّونَ ۚ مِنكُم مَّن يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ

152. (ئوھۇد ئۇرۇشىدا) ئاللاھنىڭ ئىزنى (تەقدىرى1) بىلەن (جەڭ مەيدانىدا قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بېرىپ2) ئۇلارنى (قۇرەيش كاپىرلىرىنى) بولۇشىغا قىرىۋاتقان پەيتىڭلاردا، تاكى سىلەر ئارزۇلىغان (غەلىبە3) نى سىلەرگە كۆرسەتكەنگەن قەدەر — ئاللاھ (سىلەرگە ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن بەش مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈش4) ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئىدى. ئارقىدىن سىلەر بوشىشىپ كەتتىڭلار،  رەسۇلۇللاھنىڭ (ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تاغ ئۈستىدە تۇرۇشۇڭلار بەلگىلەنگەن جايدىن ئايرىلمايسىلەر، دېگەن5) بۇيرۇقى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار، ئاقىۋەتتە (رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقىغا6) ئاسىيلىق قىلدىڭلار. (ئوھۇد تېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقياچىلاردىن7) بەزىلىرىڭلار دۇنيا مەنپەئەتىنى (يەنى تاغدىن چۈشۈپ مەغلۇپ بولغان دۈشمەننىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى غەنىيمەت ئېلىشنى8)، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى (يەنى غەنىيمەت توپلاش كويىدا بولماي، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئۆز ئورنىدىن ئايرىلماي مۇستەھكەم تۇرۇپ تاكى ئۆلتۈرۈلگەنگەن قەدەر دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى9) ئارزۇلىدىڭلار. ئاقىۋەتتە ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلاردىن قايتۇردى. (يەنى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا، كاپىرلارنىڭ پايدىسىغا قىلىپ ئۆزگەرتتى.10 ئاقىۋەتتە) ئاللاھ سىلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولغىنىڭلارنى11) كەچۈرۈۋەتتى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە نىسبەتەن بۈيۈك لۇتۇف ئىگىسىدۇر. (چۈنكى، ئاللاھ مۆمىنلەرنى كاپىرلارغا پۈتۈنلەي يەم قىلىۋەتمىدى.12)

1.12. زاد المسير 2.3.4.7.10.11. تفسير ابن كثير 5.6. تفسير الميسر 8.تفسير ابن كثير، زاد المسير 9. تفسير البغوي

«تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار» — ئوقياچىلاردىن بەزىلىرى «مۇشرىكلار يېڭىلدى، نېمىشقا بېرىپ غەنىيمەت توپىلايمىز؟» دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى «ياق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، يېرىمىزدىن ئايرىلمايمىز» دېيىشتى. تالاش-تارتىشتىن مەقسەت مانا بۇ. (زاد المسير)

«ئاسىيلىق قىلدىڭلار» — يۇقىرىقىدەك تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كېيىن، ئوقياچىلاردىن بەزىلىرى ئۆز ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ، غەنىيمەت توپلاش ئۈچۈن ماڭدى. مانا بۇ ئاسىيلىق قىلغىنى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقياچىلارغا «بىزنى قۇشلارنىڭ چوقۇپ، جەسەتلىرىمىزدىن ئېلىپ قاچقىنىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ جايىڭلاردىن ئايرىلماڭلار» دەپ بۇيرۇغان ئىدى. (زاد المسير)

  • *بۇ ئۇرۇشتا ئوقياچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇ زات بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھ بۇيرۇغان ئورۇندىن ئايرىلماي، شەھىد بولغانغا قەدەر ئۇرۇشتى. (تفسير البغوي)

ئىمام ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلغان: رەسۇلۇللاھ ئوقياچىلارغا «بىزنى ئارقا تەرەپتىن قوغداپ تۇرىسىلەر. ھەتتا دۈشمەن بىزنى بولۇشىغا ئۆلتۈرۈۋاتقان ھالەتتە كۆرسەڭلارمۇ، بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلمەيسىلەر. بىزنى غەنىيمەت توپلاۋاتقان ھالەتتە كۆرسەڭلارمۇ يېنىمىزغا كەلمەي (جايىڭلاردا) تۇرىسىلەر» دەپ بۇيرۇغان ئىدى. ئۇرۇش باشلىنىپ، كۈندۈزنىڭ دەسلىۋىدە ئۇرۇش مەيدانىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلەر ئۈستۈن ھالدا ئىدى. ھەتتا، مۇسۇلمانلار كاپىرلارنىڭ بايراقچىلىرىدىن يەتتىدىن توققۇزغىچە بايراقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ بولغان ئىدى. جەڭدە مۇسۇلمانلار كاپىرلارنى تازا ئۆلتۈرۈپ، ئاقىۋەتتە كاپىرلارنىڭ غەنىيمەتلىرىنى توپلاشقا باشلىغان، كاپىرلار بولسا ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىپ ماڭغان پەيتتە، ئوقياچىلار ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ، ئۇرۇش مەيدانىغا چۈشۈپ ئولجا توپلاشقا باشلىدى. نەتىجىدە، دۈشمەننىڭ ئاتلىق قوشۇنى ئوقياچىلار بوش قالدۇرۇپ قويغان تەرەپتىن ئۇرۇش مەيدانىغا كىرىپ، بىۋاستە رەسۇلۇللاھقا ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى. (مانا شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى.) دۈشمەننىڭ ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگىنىنى بىلگەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن كەينىگە بۇرلۇپ دۈشمەن باستۇرۇپ كەلگەن تاغ تەرەپكە يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇرۇش مەيدانىدا «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن سادا ياڭرىدى.

دۈشمەننىڭ ئاتلىق قوشۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقا تەرىپىدىن باستۇرۇپ كەلگەندە دۈشمەننىڭ قارىشىسىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئەنسارلاردىن يەتتىسى، قۇرەيشتىن ئىككىسى بولۇپ، جەمئىي توققۇز ساھابە بار ئىدى.

بۇ ئۇرۇشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك يان چىشى سۇنۇپ، مۇبارەك مەڭزى  ۋە كالپۇكى يارىلاندى. بۇنى قىلغىنى ئۇتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس دېگەن كاپىر ئىدى. ئىمام ئابدۇرازان سەنئانىي مىقسام رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئوھۇد كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ يان چىشى سۇنۇپ، يۈزى قانغا بويالدى. بۇنى قىلغىنى ئۇتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئىدى. رەسۇلۇللاھ «ئى ئاللاھ! ئۇتبەنى بىر يىلدىن ئۇزاق ياشاتماستىن كاپىر ھالىتىدە ئۆلتۈرگىن» دەپ بەددۇئا قىلدى. نەتىجىدە، ئۇ راستتىنلا بىر يىل بولماي تۇرۇپ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ جەھەننەمگە كەتتى. (تفسير ابن كثير)

ئىمام بۇخارىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، بۇ ئۇرۇشتا رەسۇلۇللاھنىڭ دۇبۇلغۇسى (باشقا كىيىلىدىغان تۆمۈر ئۇرۇش كىيىمى) پارچىلىنىپ كەتكەن ئىدى. (بۇخارى 2911؛ مۇسلىم 1790)

إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِّكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

153. سىلەر ھېچكىمگە قارىماستىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قېچىۋاتاتتىڭلار، پەيغەمبەر بولسا سىلەرنى (ئى ئاللاھنىڭ قۇللىرى، مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلىمەن، ئۇرۇشقا قايتىپ كەلگۈچىگە جەننەت باردۇر، دەپ1) چاقىرىپ تۇراتتى. ئاقىۋەتتە، قولۇڭلاردىن كەتكەنلەرگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەنلەرگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى غەم ئۈستىگە غەم بىلەن جازالىدى2. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

1. تفسير البغوي، زاد المسير 2. زاد المسير

* «غەم ئۈستىگە غەم بىلەن جازالىدى» — بۇ يەردە ئىككى غەم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بىرىنچى غەم — خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن ئارقا تەرىپىدىن باستۇرۇپ كېلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدۇر؛ ئىككىنچى غەم — ئەبۇ سۇفياننىڭ ھۇجۇمىدۇر ۋە رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈلدى دېگەن خەۋەر سەۋەبلىك قاتتىق ئازاب چېكىشىدۇر. (زاد المسير)

ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّن بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُّعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِّنكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ الْأَمْرِ مِن شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَّا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُل لَّوْ كُنتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

154. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە غەمدىن كېيىن ئەمىنلىك چۈشۈردى، (نەتىجىدە) سىلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى (يەنى ساھابىلەرنى1) مۈگىدەك باستى*. باشقا بىر تائىپە بولسا  جان قايغۇسىدا قېلىشتى (بۇلار مۇناپىقلاردۇر. جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش كويىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيقۇسى قاچتى.2)، ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز رەۋشىتە جاھىلىيەتنىڭ گۇمانىدا بولۇشتى (ئاللاھ مۇھەممەدكە ۋە ساھابىلەرگە ئەمدى ياردەم قىلمايدۇ، مۇھەممەد ئەمدى تۈگەشتى دەپ ئويلاشتى3) ۋە «قولىمىزدىن كەلگەن بولسا (باشتىلا) بۇ جەڭگە چىقمىغان بولاتتۇق» دېيىشتى.4 ئېيتقىنكى «بارچە ئىش (يەنى غەلىبە، قازا ۋە قەدەر5) ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىدۇر.» (1.2.3.4.5. زاد المسير)

  • * قورقۇنچ ھالىتىدىن كېيىن مۈگىدەك زىيادە خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۈنكى، قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدىكى كىشى ئۇخلىمايالمايدۇ. (زاد المسير)

* ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد ئۇرۇشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: (مۈگدەك بېسىپ كەتكەنلىكتىن) قىلىچىم قولۇمدىن چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن قىلىچنى قولۇمغا ئالاتتىم، يەنە قايتا چۈشۈپ كېتەتتى. ئەتراپقا قارىغىنىمدا، ئۇيقۇسى كەلگەنلىكتىن بېشىنى قالقانلىرى بىلەن توسۇۋالمىغان بىرمۇ كىشىنى كۆرەلمەيتتىم. زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئوھۇد ئۇرۇشىدا (ئېغىر زەخمەتلەرگە ئۇچرىغىنىمىزدىن كېيىن) ئاللاھ بىزگە ئۇيقۇ بەردى. ھەممەيلەننىڭ ئېڭىكى (ئۇيقۇپ سەۋەبلىك) مەيدىسىگە ئۇرۇلاتتى ۋە ئەسنەيتتى. (زاد المسير)

إِنَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْا مِنكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا ۖ وَلَقَدْ عَفَا اللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ

155. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى ئوھۇد ئۇرۇشىدا1) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى كەينىگە قايتقانلارنى (يەنى دۈشمەندىن قاچقانلارنى2) شەيتان قىلمىشلىرى سەۋەبلىك (يەنى قىلغان بەزى گۇناھلىرى سەۋەبلىك مۇشۇنداق3) تېيىلدۇرماقچى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. چۈنكى ئاللاھ بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچى، بەكمۇ شەپقەتلىك زاتتۇر. (1.2. زاد المسير 3. تفسىير الميسر)

  • * قېچىش سەۋەبى «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن ئاساسسىز خەۋەرنى ئاڭلاپ، قېچىشىغا مۇشۇ خەۋرەنى باھانە قىلدى. (زاد المسير)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَّوْ كَانُوا عِندَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

156. ئى مۆمىنلەر! (ئۆزىنىڭ كۇفۇر ئەھلىدىن بولغان1) قېرىنداشلىرى زېمىندا (رىزىق تەلەپ قىلىپ2) سەپەر قىلغىنىدا ياكى غازاتقا چىققىنىدا (ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە3) «ئەگەر ئۇلار يېنىمىزدا قالغان بولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېيىشىدىغان كاپىلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ بۇنى  (يەنى ئۇلارنىڭ بۇنداق سۆز ۋە ئېتىقادلىرىنى) ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەسرەت (چېكىشىگە سەۋەب) قىلدى. (يەنى قېرىنداشلىرىنىڭ سەپەرگە ياكى جىھادقا چىقماي ئۆيىدە قالغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن ئېتىقادى ئۇلارنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ. مۆمىنلەر بولسا ئۆلۈش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشنىڭمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەسىرەت بۇ توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق ئازىيىدۇ.4) ئاللاھ (ياشىشى تەقدىر قىلىنغان كىشىنى مەيلى سەپەرگە چىقسۇن، مەيلى جىھادقا چىقسۇن، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماستىن5) ياشىتىدۇ ۋە (ئەجىلى توشقان كىشىنى ئۆيىدە ئولتۇرىۋالسىمۇ جېنىنى ئېلىش ئارقىلىق6) ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇ.(1.2.3.4.5.6. تفسير الميسر)

وَلَئِن قُتِلْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِّنَ اللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِّمَّا يَجْمَعُونَ

157. (ئى مۆمىنلەر!1) ئاللاھ يولىدا (جىھاد قىلىپ2) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (ئاللاھ يولىدا3) ئۆلسەڭلار، (بۇ سەۋەبلىك سىلەر ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ مەغفىرىتى ۋە رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغانلىرىدىن (ۋاقىتلىق دۇنيانىڭ قوللىرىدا مەلۇم مۇددەتلا قالىدىغان مال-دۇنيالىرىدىن4) ياخشىدۇر.

1.2.تفسير الميسر 3. مختصر في التفسير 4. تفسير ابن كثير

* بۇ ئايەتتە ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ ياكى ئاللاھ يولىدا ئۆلۈشنىڭ — كىشىنى ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىگە ۋە رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر. (تفسير ابن كثير)

وَلَئِن مُّتُّمْ أَوْ قُتِلْتُمْ لَإِلَى اللَّهِ تُحْشَرُونَ

158. (بۇ دۇنيادىكى ئەجىلىڭلار توشقاندا مەيلى كۆرپەڭلەردە1) ئۆلسەڭلار ۋەياكى (جىھاد مەيدانىدا2) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، چوقۇمكى (قىيامەت كۈنى3) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا توپلىنىسىلەر. (ئاللاھ قىلغان ئىش-ئىزلىرىڭلارغا ياخشى بولسا مۇكاپات، يامان بولسا جازا بېرىدۇ.4) (1.2.4. تفسير الميسر 3. زاد المسير)

فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ

159. (ئى پەيغەمبەر!1) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا يۇمشاق بولدۇڭ. (ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بەرگەن ئەزىيەتلىرىگە كۆپلەپ سەبر قىلدىڭ.2) ئەگەر سەن (سۆزدە3) قوپال، (مۇئامىلىدە4) باغرى تاش بولغان بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقاپ (يەنى سەندىن ئۇزاقلىشىپ) كەتكەن بولاتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت سورىغىن، (كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن5) ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن (يەنى ساھابىلىرىڭ ئارىسىدىكى ئۈستۈن پەزىلەتلىك ۋە ئەڭ دانا زاتلار بىلەن6) مەسلىھەتلەشكىن. (ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالغىن، قانداق ئويلاۋتقىنىنى بىلگىن7.)

* رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەسلىھەتلىشىشكە بۇيرۇلغان ئىشلار ئۇ زاتقان ۋەھىي كەلمىگەن ئىشلار بولۇپ، شۇ ئىشلاردا ساھابىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشتۇر. (زاد المسير)

ئىشلىرىدا باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش توغرىسىدا ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئىشلاردا پەزىلەت ساھىبى ۋە تەجرىبە ئېگىسى كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش — توغرا يولنى تېپىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۆز پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى ئۆزىنى خەتەرگە ئاتقان كىشىدۇر. تەدبىرلىك بولۇش سېنى پۇشايماندىن ساقلاپ قالىدۇ. (زاد المسير)

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ «ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەش» بۇيرۇقى سەۋەبلىك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرەر ئىش يۈز بەرگەندە ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ۋە قىلماقچى بولغان ئىشنى خالاپ تۇرۇپ، غەيرەت بىلەن قىلىشى ئۈچۈن ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى. (تفسير ابن كثير)

ئىمام بەغەۋى سەلەپ مۇپەسسىرلىرىدىن مۇقاتىل ۋە قەتادەنىڭ (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل قىلغان: ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە بۇيرۇشى ئۇلارنىڭ قەلبىنى خۇش قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشلاردا ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشى — ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا نىسبەتەن قەلبى تېخىمۇ مايىل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا، ئەرەپلەرنىڭ كاتتىلىرىغا ئىشلاردا ئۆزىگە مەسلىھەت سېلىنماسلىقى ئېغىر كېلەتتى. (رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىر تۈركۈمى قەبىلە باشلىقى \ لېدىر ۋە يۈز ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.) (تفسير البغوي)

1.زاد المسير، تفسير الميسر 2.3.4.5. 6. 7. زاد المسير 

إِن يَنصُرْكُمُ اللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِن يَخْذُلْكُمْ فَمَن ذَا الَّذِي يَنصُرُكُم مِّن بَعْدِهِ ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ

160. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ ياردەم بەرسە، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىپ كەلگۈچى بولمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ياردەمسىز تاشلاپ قويسا، ئۇنىڭدىن كېيىن (يەنى ئاللاھ ياردەم بەرمىگەندىن كېيىن1) سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلسۇن. (جىمىي ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانسۇن، ئاللاھتىن ئۈمۈد كۈتسۇن ۋە ئاللاھتىن ياردەم سورىسۇن.) (1.زاد المسير)

  • * ئىمام بەغەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش — رىزقىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ئاسىي بولماسلىقىڭدۇر. باشقا بىر ئىزاھاتتا، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش — ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى، رىزقىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا تەقسىم قىلغۇچى، ئەمىلىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا گۇۋاھچى ئىزدىمەسلىكىڭدۇر. (تفسير البغوي) شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئاللاھتىن ياردەم سوراشنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. (العبودية)

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان:«سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە تەۋەككۇل قىلغىنىڭلاردا، ئاللاھ سىلەرنى قۇشلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرغان بولاتتى. قۇشلار (ئۇۋىسىدىن) سەھەردە ئاچ ھالەتتە چىقىدۇ، كەچتە توق ھالەتتە قايتىدۇ.» (تىرمىزى-زۇھد؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى ماجە-زۇھد؛ ئىبنى ھىببان-زۇھد؛ مۇسنەد ئەھمەد 1\30؛ ھاكىم مۇستەدرەك 4\318؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى سەھىھلىكىنى قوبۇل قىلغان)

ئىمام بەيھەقى «ئىماننىڭ شاخچىلىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش» بابىدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى، ئىشلىمەي يېتىۋېلىپ، مۇئەييەن ئىبادەتلەر بىلەن بولۇپ، دۇنيالىق جەھەتتە خەقنىڭ قولىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ھۈنەر-كەسىپ قىلماسلىقنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش دەپ چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ بۇ باتىل چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدىغان كۆپلەپ نەقىللەرنى كەلتۈرگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى نەقىللەر ئىمام بەيھەقى مەزكۇر ئەسىرىدە كەلتۈرگەن مەزمۇنلاردىن بەزىسىدۇر:

مۇئاۋىيە ئىبنى قۇررە رەھىمەھۇللاھ مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر توپ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ «نېمە ئادەملەر سىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «بىز مۇتەۋەككىلۇنلارمىز (يەنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز)» دېيىشتى. ھەزىرتى ئۆمەر ئۇلارغا «ھالبۇكى سىلەر مۇتتەككىلۇنلارسىلەر. (كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل-مالغا تەلمۈرۈپ تاما قىلغۇچىلارسىلەر.) ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى سىلەرگە دەپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلار — داننى زېمىنغا كۆمۈپ بولۇپ، ئاندىن (ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقىرىپ بېرىدىغانلىقى جەھەتتە) رەببىگە ئىشەنگەن كىشىلەردۇر» دېدى. (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\258)

ئەلى ئىبنى ئەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئەھلى بولۇشى مېنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، كىشى مۇھتاجلىقتا قالسا، تۇنجى بولۇپ خەجلەيدىغان نەرسىسى دىنى بولىدۇ.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269)

مۇسا ئىبنى مۇكرەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرەيلەن ھەسەن بەسرىدىن «ئەي ئەبۇ سەئىد! مەن قۇرئانىمنى ئېچىپ تاكى كەچ كىرگۈچە ئۇنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولىمەن» دېۋىدى، ھەسەن بەسرى ئۇنىڭغا:«قۇرئاننى ئەتىگەن، ئاخشاملىرى، كېچىلىرى ئوقۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاغدا ھۈنەر-كەسىپىڭ بىلەن، ساڭا ئۇيغۇن كەلگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللان» دېدى. (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\269)

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ خەج-خىراجىتى ئۈچۈن ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل يوقتۇر. ھەتتا، ئاللاھ يولىدىكى نەپلە جىھادتىنمۇ ئۈستۈندۇر.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر نەپلە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولساڭ، باشتا ئۆيۈڭدە يېمەك-ئىچمەك بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا قارا. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بارسا، ئۇ چاغدا نەپلە ئىبادىتىڭنى قىل. ئەگەر يېمەك-ئىچمەك بولمىسا، ئۇ ھالدا باشتا يېمەك-ئىچمەكنى ھەل قىل، ئاندىن نەپلە ئىبادەت قىل.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

ئىبراھىم ئەلخەۋۋاس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئۈچ ئەدەبى بار: (1) كارۋانغا يېنىدا ئوزۇق-تۈلۈك بار ھالەتتە قېتىلىش. (2) كېمىگە ئوزۇق-تۈلۈكى بار ھالەتتە چىقىش. (3) ئۆيىدە يېمەك-ئىچمەكنى بار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇرۇش.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\282)

سەھل ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىم ھالالدىن پۇل-مال تېپىشنى ئەيىپلىسە سۈننەتنى ئەيىپلىگەن بولىدۇ. كىم، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ئەيىپلىسە ئىماننى ئەيىپلىگەن بولىدۇ.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\293)

چوڭ تابىئىنلاردىن ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېلىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا ئىشىنىشىم ۋە كىشىلەرنىڭ قولىدىكىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈشۈمدۇر.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\298)

تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئىماننىڭ تولۇقلىغۇچىسىدۇر.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\307)

تابىئىن ئىمام سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.» (ئىمام بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان 2\307)

(ئىمام بەيھەقىنىڭ «شۇئبۇل ئىيمان» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان نەقىللەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.) 

سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: بەسرەگە بارغىنىمدا شەيخ يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيدنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. ئۇ يەردە بەئەينى بېشىغا قۇش قونىۋالغاچقا قۇش ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرغان كىشىلەردەك جىمجىت ئولتۇرغان، مىسكىن ياشلارنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا «ئەي قۇرئان ھافىزلىرى! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ھەرىكەتلىنىڭلار! ئىشلەپ جاننى قامداش يوللىرى ئوپئوچۇق رەۋىشتە كۆرسىتىلگەندۇر. ئىشلەپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىڭلار. ھالال يول بىلەن جان قامداشنى تاشلاش سەۋەبلىك كىشىلەرگە يۈك بولىۋالماڭلار» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، يۇنۇس ئىبنى ئۇبەيد ئۇلارغا بۇرۇلۇپ «تۇرۇڭلار، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ كۈنۈڭلارنى قامدىمىغۇچە، سىلەردىن ھېچكىم مەن بىلەن ئولتۇرمىسۇن» دېدى. سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ۋاللاھى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياشلارنىڭ يۇنۇسنىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرمىدىم.» (حلية الأولياء 5\288)

سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «ئى قۇرئان يادقا ئالغۇچىلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ئاللاھتىن قورقۇشتا بەدىنىڭلاردا ئىزھار بولغىنى قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقىنىدىن ئارتۇق بولۇپ قالمىسۇن. (يەنى، قەلبىڭلاردا ئاللاھتىن بوشراق قورقۇپ تۇرۇغلۇق، سۆز-ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن بەك قورقىدىغاندەك بولىۋالماڭلار.) رىزق يوللىرى ئوچۇق ئاشكارىدۇر، رىزق تەلەپ قىلىشتا (ھالالدىن ھۈنەر-كەسىپ قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق) گۈزەل يول تۇتۇڭلار. (ئىشلىمەي يېتىۋېلىپ) مۇسۇلمانلارغا يۈك بولۇپ قالماڭلار.» (حلية الأولياء 5\288)

***

وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَغُلَّ ۚ وَمَن يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

161. بىر پەيغەمبەرگە غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىش ياراشمايدۇ. كىم خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسىنى دۈمبىسىدە يۈدكەن ھالدا كېلىدۇ.1) ئاندىن ھەممە كىشىگە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى قىلچە زۇلۇم قىلىنماستىن تولۇق بېرىلىدۇ. (1. تفسير الميسر)

أَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللَّهِ كَمَن بَاءَ بِسَخَطٍ مِّنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ

162. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان كىشى — (گۇناھلارغا ئۆزىنى ئاتقانلىقى سەۋەبلىك1) ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگۈچىنىڭ (ئاخىرەتتە) بارار جايى دوزاختۇر. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

1. تفسير الميسر

هُمْ دَرَجَاتٌ عِندَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ

163. ئۇلارنىڭ (ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلاردا مۇستەھكەم تۇرغۇچىلار بىلەن ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان گۇناھكار، ئاسىي ۋە زالىملارنىڭ) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجىلىرى خىلمۇ خىلدۇر. (ئاللاھنى رازى قىلىش يولىنى تۇتۇپ ياشىغۇچىلارنىڭ جەننەتتە ئۆزىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ. ئاللاھنى غەزەپلەندۈرۈپ ياشىغۇچىلارنىڭمۇ دوزاختا ئۆزىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ.1) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر)

لَقَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا مِن قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ

164. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (يەنى ساھابىلەرگە) ئۆز ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئېھسان قىلدى. (ئاللاھ پەيغەمبەرنى ئەرەپ قەبىلىلىرى ئارىسىدىن چىقىرىپ بېرىشى سەۋەبلىك ساھابىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن گەپلىشەلەيدۇ، سوئال سورىيالايدۇ ۋە رەسۇلۇللاھتىن پايدىلىنالايدۇ.1) پەيغەمبەر ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (شىركتىن ۋە يامان ئەخلاقتىن \ ناچار خۇي-مىجەزلەردىن2) پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.

1.تفسير ابن كثير، زاد المسير 2. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر

أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُم مُّصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُم مِّثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

165. (ئى مۆمىنلەر!) ئۇلارغا (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرىغا بەدىردە1) سىلەر ئىككى ھەسسىسىنى كۆرسەتكەن مۇسىبەت  (ئەمدىلىكتە ئوھۇدتا2) ئۆزۈڭلارنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەندە «بۇ مۇسىبەت نەدىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، بۇ مۇسىبەت ئۆزۈڭلار (ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىغىنىڭلار3) سەۋەبلىكتۇر. ئاللاھ ھەر ئىشقا قادىردۇر. (1.2.3. تفسير الميسر)

* «ئۇلارغا سىلەر ئىككى ھەسسىسىنى كۆرسەتكەن مۇسىبەت» — بەدىردە مۇسۇلمانلار يەتمىش مۇشرىكنى ئۆلتۈرۈپ، يەتمىش مۇشرىكنى ئەسىر ئالدى. ئوھۇدتا بولسا يەتمىش مۇسۇلمان شەھىد بولدى. بۇ يۈزدىن بەدىردە كاپىرلارغا كەلگەن مۇسىبەت مۇسۇلمانلارغا ئوھۇدتا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ ئىدى. (زاد المسير)

وَمَا أَصَابَكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيَعْلَمَ الْمُؤْمِنِينَ

166. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان (ئوھۇد1) كۈنى بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كەلدى، ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن2) ئايرىۋېلىشى ئۈچۈن ئىدى. (1.2. تفسير السعدي)

وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ نَافَقُوا ۚ وَقِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا قَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوِ ادْفَعُوا ۖ قَالُوا لَوْ نَعْلَمُ قِتَالًا لَّاتَّبَعْنَاكُمْ ۗ هُمْ لِلْكُفْرِ يَوْمَئِذٍ أَقْرَبُ مِنْهُمْ لِلْإِيمَانِ ۚ يَقُولُونَ بِأَفْوَاهِهِم مَّا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يَكْتُمُونَ

167. شۇنداقلا مۇناپىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلارغا «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا (ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن1) ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (بۇنداق سالىھ نىيىتىڭلار بولمىغان تەقدىردە نومۇسۇڭلارنى ۋە يۇرتۇڭلارنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ2) مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار» دېيىلگەندە، (ئۇلار بۇ ئىستەكنى قوبۇل قىلماستىن3) «ئەگەر بىز (ئۇرۇش بولىدۇ دەپ) بىلگەن بولساق، سىلەرگە ئەگىشىپ چوقۇم (ئۇرۇشقا) بارغان بولاتتۇق» دېيىشتى. (يەنى، بىز بىلەن قۇرەيشىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش بولمايدۇ، سىلەر بولمايدىغان ئۇرۇشقا كېتىۋاتىسىلەر، بىز ئۇرۇش بولىدۇ دەپ بىلگەن بولساق چوقۇم سىلەر بىلەن باراتتۇق، دەپ يالغان سۆزلىدى. چۈنكى، قۇرەيش مۇشرىكلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بەدردىكى ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئەھدۇ-پەيمان ئىچىشىپ، ئەتراپلىق ھازىرلىق قىلىپ ئوھۇدقىچە كەلگەن بولۇپ، ئۇرۇش بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگەن ئايان ئىدى.4) ئۇلار ئۇ كۈنى (رەسۇلۇللاھ بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن بىرلىكتە جىھادقا چىقىشنى تەرك ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك5) ئىماندىن بەكراق كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار قەلبىدە يوق نەرسىنى ئېغىزىدا دەپ قويۇشتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قەلبىدە) يوشۇرغانلىرىنى بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر. (1.2.3.4.تفسير السعدي)

الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ

168. (ئى پەيغەمبەر!) ئۆزلىرى ئولتۇرۇۋېلىپ (يەنى ئوھۇد جىھادىغا چىقماي ئولتۇرۇۋېلىپلا قالماي، ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدىرىنى يالغانغا چىقىرىپ1) «ئەگەر بىزگە ئىتائەت قىلغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگۈچىلەرگە «(بۇ داۋايىڭلاردا2) راستچىل بولساڭلار ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئۆلۈمنى قايتۇرۇپ باقمامسىلەر» دېگىن. (1.2. تفسير السعدي)

*بۇ ئايەتتە — بەندىدە ھەم كۇفۇردىن، ھەم ئىماندىن بىر خىسلەت بولىدىغانلىقىغا، بەزى چاغلاردا يا كۇفۇرغا ياكى ئىمانغا تېخىمۇ يېقىن بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. (تفسير السعدي)

وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ عِندَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ

169. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن شەھىدلەرنى1) ئۆلۈك دەپ قارىماڭلار (يەنى «ئۇلار ئۆلدى، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدۇق» دەپ ئويلاپ قالماڭلار.2)، ھالبۇكى ئۇلار (بەرزەخ ئالىمىدە) تىرىكتۇر (ئۇلارنىڭ روھلىرى جەننەتتىكى يېشىل قۇشلارنىڭ پوكانلىرىدا بولۇپ، جەننەتتە قۇشلار بىلەن بىرلىكتە خالىغانچە پەرۋاز قىلماقتىدۇر.) ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا رىزىقلاندۇرۇپ تۇرىلىدۇ. (1.2. تفسير السعدي)

فَرِحِينَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِم مِّنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

170. ئۇلار (يەنى ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن شەھىدلەر) ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نىمەتلەر سەۋەبلىك مەمنۇندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆزلىرىگە تېخى قوشۇلمىغانلارغا — (مۆمىن ھالىتىدە ۋاپات تاپقان تەقدىردە) ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق قورقۇنچ يوقلۇقى، ھەرگىز غەم-قايغۇ يېمەيدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بېرىدۇ.

يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ

171. ئۇلار دۇنيا (ھاياتىدا قالغان مۆمىنلەرگە) ئاللاھنىڭ نېمىتىنى، ئاللاھنىڭ كەرەمىنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇلايدۇ.  

الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِن بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ

172. (بەدىر ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارغا كەلسەك، ئۇلاردىن ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كاتتا مۇكاپات (يەنى جەننەت) باردۇر.

الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ

173. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلارغا «ئىنسانلار (سىلەرنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن1) سىلەرگە قارشى ئەسكەر توپلىدى، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى (ۋە ئاللاھقا بولغان تەۋەككۇلىنى2) تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە «(بىز ئەنسىرىگەن ھەر ئىشتا3) ئاللاھ بىزگە يېتىدۇ، (بەندىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، زىياننى يوق قىلىدىغان4) ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل» دېيىشتى.

1.2.3.4. تفسير السعدي

* بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن مەدىنىگە قايتقاندا ئەبۇ سۇفيان قاتارلىق مۇشرىكلارنىڭ مەككىگە قايتمىاستىن، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىش ئىستىكىدىن خەۋەر تاپتى، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەرنى تەكرار مەدىنە سىرتىغا چىقىپ مۇشرىكلارنىڭ ئالدىنى توسۇشقا چاقىردى. ساھابىلەر ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىغا ئىتائەت قىلىپ، يارىلانغان بولۇشىغا قارىماستىن، مەدىنە سىرتىدىكى خەمرەئۇل ئەسەد دېگەن جايغا قەدەر يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە كىشىلەردىن بىرى كېلىپ «ئىنسانلار سىلەرگە قارشى ئەسكەر توپلىدى» دېدى. يۇقىرىقى ئايەت مۇشۇ ھەقتە نازىل بولغان. (تفسير السعدي)

فَانقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَّمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ

174. ئاقىۋەتتە ئۇلار ھېچبىر زىيانغا ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە لۇتفى بىلەن (يەنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىپ تەقۋادارلىق قىلغان، تولۇق بىر جىھادقا قاتناشقاننىڭ ئەجرىگە نائىل بولغان ھالدا مەدىنىگە1) قايتتى. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئەگەشتى. ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر. (1. تفسير السعدي)

* مۇشرىكلارغا ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوھۇد ئۇرۇشىغا قاتنىشالماي قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان ساھابىلەرنىڭمۇ بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى. نەتىجىدە ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار مەككىگە قايتىپ كەتتى. (تفسير السعدي)

إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ الشَّيْطَانُ يُخَوِّفُ أَوْلِيَاءَهُ فَلَا تَخَافُوهُمْ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ

175. بۇ (سۆزنى، يەنى مۆمىنلەرنى قورقۇتۇپ «ئۇلار سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى» دېگەن كىشى1) پەقەتلا بىر شەيتاندۇر. (يەنى شەيتاننىڭ دەۋەتچىلىرىدىن بىرىدۇر2.) شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (ئىمانغا ئىگە بولمىغان، ياكى ئىمانى زەيىپلەشكەن كىشىلەرنى3) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار شەيتاننىڭ دوستلىرىدىن قورقماڭلار، مەندىنلا قورقۇڭلار. (1.2.3. تفسير السعدي)

وَلَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَن يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

176. (كۇفىرىغا بولغان رىغبىتىنى ئۈستۈنلىكىدىن1) كۇفرىدا مۇسابىقىلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ. (ئەكسىچە، ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىش نېمىتىدىن مەھرۇم قېلىش، ئاخىرەتتە قاتتىق جازاغا ئۇچراش قاتارلىق زىيانلارنى تارتىپ، ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالىدۇ2). ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچقانداق نېسىۋىسى بولماسلىقىنى خالايدۇ. (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا بەكمۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ.

1.2. تفسير السعدي

إِنَّ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ لَن يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

177. ئىماننى تاشلاپ كۇفرىنى سېتىۋالغانلار (ئىماننى تاشلىشى، كۇفۇر، گۇناھ ۋە جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ. (ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۆزىنىڭ زىيىنىغىدۇر.) ئۇلار ئۈچۈن  (دوزاختا) دەھشەتلىك جازا بار.

وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِّأَنفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ

178. (ئاللاھنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىغا قارشى تۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرىشىدىغان1) كاپىرلار (نى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتمەسلىكىمىزنى2،) ئۆزلىرىگە مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ (بۇ مۆھلەت بېرىشىمىز ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن دەپ3) ئويلاپ قالمىسۇن. ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز پەقەتلا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ (تېخىمۇ) ئېشىشى ئۈچۈندۇر. (ئاخىرەتتە) ئۇلارغا خار قىلغۇچى جازا باردۇر.

1.2.3. تفسير السعدي

مَّا كَانَ اللَّهُ لِيَذَرَ الْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَا أَنتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَجْتَبِي مِن رُّسُلِهِ مَن يَشَاءُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ وَإِن تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ

179. (ئى مۇناپىقلار ۋە كاپىرلار1) ئاللاھ مۆمىنلەرنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان ھالدا (كۇفۇر ۋە نىفاققا2) تاشلاپ قويمايدۇ. ئاقىۋەتتە ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىيدۇ. (يەنى، كاپىر بىلەن مۆمىننى ھىجرەت ۋە جىھاد بىلەن ئايرىيدۇ.3) ئاللاھ سىلەرگە غەيىپنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن، ئاللاھ ئۆز پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللايدۇ (ۋە ئۇنىڭغا غەيىبنى بىلدۈرىدۇ.4) ئۇنداق ئىكەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىڭلار. ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتىپ، (ئاللاھ ۋە رەسۇلى پەرز قىلىپ بۇيرۇغانلارنى قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق) تەقۋادارلىق قىلساڭلار، سىلەرگە بۈيۈك مۇكاپات (يەنى مەڭگۈلۈك راھەت ۋە خۇشاللىق ماكانى بولغان نازۇ نېمەتلىك جەننەت) بېرىلىدۇ. (1.2.3.4. تفسير البغوي)

وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَّهُم ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

180. ئاللاھ پەزلى-مەرھەمەت قىلىپ ئۆزىگە ئاتا قىلغانلار جەھەتتە (يەنى پۇل-مال، ئىلىم قاتارلىقنى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ بۇيرۇغان شەكىلدە ئىشلىتىشكە1) بېخىللىق قىلىدىغانلار بۇ بېخللىقلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. ھالبۇكى، ئاللاھ ئاتا قىلغان (پۇل-مالنى، پايدىلىق ئىلىمنى ياخشىلىق يوللىرىدا سەرپ قىلىشتىن) بېخىللىق قىلىش2 ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشتىن) بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويىلىدۇ. (يەنى بېخىللىق قىلىپ، سەرپ قىلماي تۇرۇۋالغان ئاشۇ نەرسىلەر ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر چەمبەر ھالىتىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ.2) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن مۇكەممەل خەۋەرداردۇر. (1.3. تفسير السعدي 2. تفسير البغوي)

لَّقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ

181. «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دەيدىغانلارنىڭ (يەنى يەھۇدى كاپىرلىرىنىڭ) سۆزلىرىنى ئاللاھ ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى (يەنى ئاللاھقا چاپلىغان تۆھمەتلىرىنى1)، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەرنى ھەقسىز رەۋىشتە ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز. (ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىگە ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانلىرىغا يارىشا قىيامەتتە ئۇلارنى ئازارلاش يۈزىسىدىن) «كۆيدۈرگۈچى جازانى تېتىڭلار» دەيمىز. (1.تفسير البغوي)

* نازىل بولۇش سەۋەبى

ئىمام تفسير البغوي تەپسىرىدە بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ھەسەن بەسرى ۋە مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: {كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە…} ئايىتى نازىل بولغاندا، يەھۇدىلار «ئاللاھ پېقىر، بىز باي، شۇڭا ئاللاھ بىزدىن قەرز سورىدى» دېدى، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. ھەسەن بەسرى مۇشۇنداق دېگۈچىنىڭ يەھۇدىلاردىن ھۇيەي ئىبنى ئەختەپ قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. (تفسير البغوي)

ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ

182. ئۇلارنىڭ دوزاختا (يۈرەكلىرىگە قەدەر يېتىپ بارىدىغان1) كۆيدۈرگۈچى جازا بىلەن جازالىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرى يۈزىسىدىندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس.

الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِّن قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ

183. «ئاللاھ بىزگە، ئوت كېلىپ يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتماسلىقىمىزنى ئەمر قىلغان» دەيدىغانلارنىڭ (يەنى يەھۇدىلارنىڭ1) بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنى ئاللاھ ئاڭلىدى.2 (ئۇلارغا) «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە  (يەنى سىلەر يەھۇدىلارغا3) پەيغەمبەرلەر ئوچۇق دەلىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى،  سىلەر ئېيتقان نەرسىنىمۇ سىلەرگە كېلىپ كەلگەن ئىدى. (سىلەرنىڭ ئوت كېلىپ پەي كېتىدىغان قۇربانلىقنى كەلتۈرگەن پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىمىز دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇنداقتا (سىلەرگە ئوت كېلىپ يەپ كېتىدىغان قۇربانلىقنى كەلتۈرگۈچى) ئۇ پەيغەمبەرلەرنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن. (1.2.3. تفسير البغوي)

فَإِن كَذَّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِّن قَبْلِكَ جَاءُوا بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَالْكِتَابِ الْمُنِيرِ

184. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار (يەھۇدى، خرىستىيانلار) سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا، سەندىن ئىلگىرىكى روشەن دەلىللەر بىلەن كەلگەن، سەھىپىلەر بىلەن كەلگەن ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرمۇ (ئۇلار تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى. (بۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشلىرىغا قايغۇرمىغىن.)

كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۖ فَمَن زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ۗ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ

185. ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. (دۇنيا) قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازا-مۇكاپاتى قىيامەت كۈنى تولۇقى بىلەن بېرىلىدۇ. كىم دوزاختىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ (يەنى دوزاختىن قۇتۇلۇپ1، دوزاختىن چىقىرىلىپ2)، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى (يەنى دۇنيادىكى كىشىنىڭ كۆڭلىنى تارتىدىغان نەرسىلەر) ئالدىغۇچى (ۋاقىتلىق) ماتادىن باشقا نەرسە ئەمەس. 

1.تفسير البغوي 2. تفسير السعدي

لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ

186. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر ماللىرىڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئارقىلىق چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن (يەنى يەھۇدى، خرىستىيانلاردىن)  ۋە مۇشرىكلاردىن كۆپ ئازا ئىشىتىسىلەر (يەنى، يەھۇدىلارنىڭ، خىرستىيانلارنىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ دىنىڭلارنى، كىتابىڭلارنى ۋە پەيغەمبىرىڭلارنى سۆككىنىنى ئاڭلايسىلەر.1) ئەگەر سىلەر (مېلىڭلار ۋە جېنىڭلارغا كەلگەن تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرگە، زالىملارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە2) سەبر قىلساڭلار ۋە (زۇلۇمغا چىداپ سۈكۈتتە تۇرۇشڭلار ھالال بولمىغان ، دۈشمەندىن ئىنتىقام ئېلىشىڭلار كېرەك بولغان يەرلەردە ئىنتىقام يولىنى تۇتۇش ئارقىلىق شەرئىي چەك-چېگرالارغا رىئايە قىلىپ3) تەقۋادارلىق قىلساڭلار، مانا بۇ غەيرەت قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلاردىندۇر. (بۇنى ئورۇنداشقا پەقەت غەيرەتلىك مۆمىن كىشىلەرلا مۇۋەپپەق بولالايدۇ.4) (1.2.3.4. تفسير السعدي)

وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ

187. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن  (يەنى ئىلاھىي ئىلىمنى ئۆگەنگەن ئەھلى ئىلىملەردىن1) «ئۇنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىسىلەر ۋە يوشۇرمايسىلەر» دەپ ۋەدە ئالغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلمىدى،2 ئۇنى (يەيدىغان، ئىچىدىغان تىپتىكى3) ئازغىنە دۇنياۋىي مەنپەئەتكە سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ (ھەقكە خىيانەت قىلىش بەدىلىگە) قىلغان تىجارىتى نېمىدېگەن يامان! (1.2.3تفسير البغوي)

* كىتاب بېرىلگەنلەر — بۇ ئاللاھ ئىلاھىي كىتاب بەرگەن، شۇنداقلا ئىلاھىي ئىلىمنى ئۆگەنگەن ھەر قانداق كىشىدىن ئالغان ۋەدىسىدۇر. (تفسير السعدي)

تابىئىن مۇپەسسىر قەتادە مۇنداق دېگەن: بۇ ئاللاھنىڭ ئىلىم ئەھلىدىن ئالغان ۋەدىسىدۇر. بىر كىشى شەرئىي ئىلىمدىن بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا ئۆگەتسۇن. ئىلىمنى يوشۇرۇشتىن ساقلانسۇن. چۈنكى، شەرئىي ئىلىمنى يوشۇرۇش (ھەق بىلەن باتىلنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماسلىق، جەمئىيەتتە شەرىئەتكە زىت ئىشلار بولىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ شەرىئەتكە زىتلىقىنى بايان قىلىپ توسماسلىق، شەرىئەتتە قىلىنىشى ئەمىر قىلىنغان ئىشلار قىلىنمىغاندا بۇنى بايان قىلىپ كىشىلەرنى ئۇ ۋاجىباتقا چاقىرماسلىق؛ باشقىلار بىر دىنىي مەسىلىدە پەتىۋا سورىسا، ئۆز مەنپەئەتىگە ياكى باي-غوجاملارنىڭ، باشلىقلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىش… قاتارلىقلار) كىشىنى ھالاك قىلىدىغان ئىشتۇر. (تفسير البغوي)

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ جاھىللارنى نېمىشقا ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھېسابقا تارتىشتىن ئاۋۋال، ئالىملارنى نېمىشقا ئۆگەتمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېسابقا تارتىدۇ.» (تفسير البغوي)

لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَا أَتَوا وَّيُحِبُّونَ أَن يُحْمَدُوا بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا فَلَا تَحْسَبَنَّهُم بِمَفَازَةٍ مِّنَ الْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

188. قىلغان ئىشلىرى سەۋەبلىك (يەنى ھەقنى بىلىپ تۇرۇقلۇق يوشۇرغانلىقى سەۋەبلىك1) پەخىرلىنىپ، قىلمىغان ئىشلىرى سەۋەبلىك (يەنى، ئالىم بولمىغان ۋە ئالىملىققا ئۇيغۇن ھەقىقەت يولىنى تۇتمىغان تۇرۇقلۇق، ئالىملىق تاماسىدا بولۇپ، ئالىم دەپ ئاتىلىپ2) ماختىلىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى جازادىن ئەمىن قالىدۇ، دەپ ئويلاپ قالما. (ئەكسىچە، بۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ جازاسىغا لايىق بولغان كىشىلەردۇر3.) بۇنداقلار ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر جازا بار. (1.2. زاد المسير 3. تفسير السعدي)

(ھەقنى يوشۇرغانلىقىدىن پەخىرلىنىشى — ئۆزىنى ھېكمەت ئەھلى، ئالدىراڭغۇلۇقتىن، ئاشقۇنلۇقتىن خالىي مۆتىدىل يول تۇتقان زات دەپ ھېسابلاپ، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى ئېھتىمال دائىرىسىدىدۇر.)

وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

189. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر.

إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ

190. شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.

* ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىپايانلىقى ۋە چوڭلۇقى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىنتىزام ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر — ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋە قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە دەلىلىدۇر. (تفسير السعدي)

الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ

191. (رەببىنىڭ بىرلىك، بارلىقىغا ۋە چەكسىز قۇدرىتىگە شەكسىز ئىشەنگەن) بۇ ئەقىل ساھىبلىرى1 ئۆرە تۇرغان ھالىتىدىمۇ، ئولتۇرغان ھالىتىدىمۇ، ياتقان ھالىتىدىمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ؛ ھەمدە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە «ئى رەببىمىز! سەن بۇنى بىكارغا ياراتمىدىڭ، سەن جىمىي نۇقسان-كەمچىلىكلەردىن باك زاتسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.

* بۇ خىل زاتلارنىڭ قەلبىنى دوزاخنىڭ قورقۇنچى قاپلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ئەڭ قورقىدىغان يەردىن  — دوزاختىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن دوزاخ ئازابىدىن پاناھ تىلەيدۇ. (تفسير السعدي)

1. تفسير السعدي 

رَبَّنَا إِنَّكَ مَن تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ

192. رەببىمىز! شۈبىھسىزكى، سەن كىمنى دوزاخقا تاشلىغان بولساڭ، ئۇنى خار قىلغان بولىسەن. زالىملار ئۈچۈن (ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ياردەمچى يوقتۇر.

رَّبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ

193. ئى رەببىمىز! بىز «رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان بىر دەۋەتچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ1) چاقىرىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە ئىمان ئېيتتۇق. ئى رەببىمىز، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن، خاتالىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن2 ۋە ياخشىلارنىڭ  (پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ3) قاتارىدا بولغان ھالىتىمىزدە جېنىمىزنى ئالغىن. (1. تفسير البغوي، زاد المسير 2. زاد المسير)

* ئەبرارلار — ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، يامان ئىشلارنى تەرك ئەتكەن كىشىلەردۇر. (تفسير السعدي)

رَبَّنَا وَآتِنَا مَا وَعَدتَّنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ

194. رەببىمىز! پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سۆزى ئارقىلىق1 بېرىشنى ۋەدە قىلغان (دۈشمەن ئۈستىدىن غالىبىيەت ۋە زەپەرنى2) بىزگە بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. شەكسىزكى، سەن ۋەدەڭدىن يېنىۋالمايسەن. (1. تفسير ابن كثير 2. زاد المسير)

ئىمام تەبەرى مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىكى دۈشمەنگە قارشى زەپەر ۋەدىسىنى تەلەپ قىلغان زاتلار مۇھاجىر ساھابىلەردۇر. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ دىننى ئەزىز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى زېمىندا ھاكىم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ساھابىلەر ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەدىسىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ،) ئاللاھنىڭ دۈشمەنگە قارشى ئۆزلىرىگە تېزدىن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (زاد المسير)

فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ ۖ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِّنْ عِندِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِندَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ

195. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «(ئى مۆمىنلەر1) مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن (سالىھ) ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنى (يەنى سالىھ ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى) بىكار قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر (ساۋابقا ئېرىشىش جەھەتتە) بىر-بىرىڭلاردىنسىلەر (يەنى مۆمىن ئەرلەر بىلەن مۆمىن ئاياللار تائەت-ئىبادەت مەسئۇلىيىتى جەھەتتە2 ۋە ساۋاب جەھەتتە بىر-بىرى بىلەن تەڭداشتۇر.3) مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ (يەنى دىن ئۈچۈن ئۆز يۇرتىنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ4)، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلارنىڭ، ئەزىيەتكە  (ناھەقچىلىككە) ئۇچرىغانلارنىڭ، (مېنىڭ يولۇمدا مۇشرىكلارغا قارشى5) ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنى (دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن) ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ (جەننەت سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان) ئاللاھنىڭ يېنىدىكى مۇكاپاتتۇر. مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسى ئاللاھنىڭ يېنىدىدۇر. (1.2. تفسير البغوي 3.4.5. زاد المسير )

لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي الْبِلَادِ

196. كاپىرلارنىڭ (بايلىق ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان ھالدا1) شەھەرلەردە (تىجارەت ۋە باشقا ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن ئۆزى خالىغىنىچە2) كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.

1. تفسير السعدي 2. تفسير البغوي

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى: بەزى مۆمىنلەر «بىز پېقىرلىق ئىچىدە، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولسا مولچىلىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ئايەت نازىل بولدى. (زاد المسير)

مَتَاعٌ قَلِيلٌ ثُمَّ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ

197. بۇ ئازغىنە پايدىلىنىشتۇر. ئاندىن، ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ) بارىدىغان جايى دوزاختۇر. دوزاخ نېمىدېگەن يامان تۆشەك.

لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا نُزُلًا مِّنْ عِندِ اللَّهِ ۗ وَمَا عِندَ اللَّهِ خَيْرٌ لِّلْأَبْرَارِ

198. لېكىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئۈچۈن (دەرەخلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەر باردۇر. ئۇلار ئاشۇ جەننەتلەردە ئەبەدىلئەبەد ياشايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ يېنىدىكى زىياپەتتۇر. ئاللاھنىڭ يېنىدىكى (مۇكاپات) ئەبرارلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.

ئەبرارلار — قەلبلىرى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن ئۇزاق، سۆز ۋە پېئىللىرى ياخشى بولغان مۆمىن كىشىلەردۇر. ئەبرارلار — پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھ كىشىلەردۇر. (تفسير السعدي)

وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَن يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ

199. ئەھلى كىتاپ ئىچىدە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدۇ، شۇنداقلا سىلەرگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا1) ئىمان ئېيتىدۇ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغانغىمۇ (يەنى تەۋراتقا ۋەياكى ئىنجىلغا2) ئىمان ئېيتىدۇ. ئاللاھقا تۆۋەنچىلىك بىلەن بويۇن ئېگىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە (ھوقۇق ياكى ماددىي مەنپەئەت بەدىلىگە3) سېتىۋەتمەيدۇ. مانا بۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ يېنىدا مۇكاپاتلار باردۇر. ئاللاھ (قىيامەت كۈنى بەندىلىرىدىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلەنگەندە بەندىلەردىن) تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر. (1. زاد المسير 2.3. تفسير البغوي)

* بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئەھلى كىتاب — نەجران ئاھالىسىدىن قىرىق كىشى، ھەبەشىستانلىق ئوتتۇز كىشى ۋە رۇملۇق سەككىز كىشى بولۇپ، بۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىكى مۆمىنلەر ئىدى. يەھۇدى ئالىملىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرمۇ مۇشۇ ئايەتتىكى مۆمىنلەر جۈملىسىدىن. (زاد المسير) بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغانلار ئەھلى كىتابقا تەۋە بولۇپ، بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتىپ ئىسلامنى تاللىغان بارچە كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (تفسير االبغوي)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

200. ئى مۆمىنلەر! (ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش جەھەتتە، بالا-مۇسىبەتلەرگە چىدامچانلىق كۆرسىتىشتە1) سەبرلىك بولۇڭلار، (پۈتكۈل ھالىتىڭلاردا دۈشمەنگە قارشى2) ساباتلىق بولۇڭلار، (دۈشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان يەرلەردىن ئايرىلماي، چېگرالارنى دۈشمەندىن قوغداپ3) رىباتتا تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، (يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدە) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. (1. تفسير البغوي 2.3. تفسير السعدي)

* ئىمام ئابدۇرراھمان سەئدى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن.
مانا بۇلارغا — ئىبادەتلەرنىڭ جاپاسىغا سەبر قىلىشقا، دۈشمەنگە قارشى ساباتلىق تۇرۇشقا، دىيارلارنى قوغداش ئۈچۈن رىباتتا تۇرۇشقا — ئەھمىيەت بەرگەنلەر  ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياكى بىر قىسىمىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر مۇۋەپپەقىيەتتىن مەھرۇم قالىدۇ)

* بىر تۈركۈم تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتتىكى رىباتتىن بەش ۋاخ نامازنى بىرىنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە بىرىگە ئىنتىزار بولۇپ ساقلاش، بەش ۋاخ نامازلارنى دائىما مەسجىدلەردە ئوقۇشقا ھېرىس بولۇپ، بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى كۈتۈش دېگەن. چۈنكى، سەھىھۇل مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ھەدىستە مۇشۇ ئىشلار رىبات دېيىلگەن.

ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. سۈرە ئالى ئىمرانىڭ تەرجىمە تەپسىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

(ھىجرىيە 1444-يىلى تەييارلاندى. تەھرىرلىكى ھىجرىيەنىڭ 1445-يىلى، زۇلھەججىنىڭ 14-كۈنى كەچقۇرۇن تۈگىتىلدى. ئىستانبۇل.)

mujtehid.com | hedisim.com
فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ