38. سۈرە سادنىڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر تەرجىمىسى

38-سۈرە ساد

(مەككىدە نازىل بولغان، 88 ئايەت)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ص ۚ وَالْقُرْآنِ ذِي الذِّكْرِ

1.ساد. ۋەز-نەسىھەتلەر بىلەن تولغان ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن،

بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ

2. (قۇرئان كەرىمدە نەسىھەت ئالماقچى بولغۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت، ئىبرەت ئالماقچى بولغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار.1) ھالبۇكى، (قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ قۇرئاننى يالغانغا چىقىرىشىدىكى سەۋەب2، بۇ) كاپىرلار (قۇرئانغا نىسبەتەن) كىبىر ئىچىدىدۇر، (رەسۇلۇللاھقا1) قارشىلىق (ۋە دۈشمەنلىك3) ئىچىدىدۇر. (1.2. تفسير ابن كثير 3.زاد المسير)

كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍ فَنَادَوا وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ

3. بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن1) ھالاك قىلدۇق، (جازايىمىز ئۇلارغا كەلگەن پەيتتە) ئۇلار پەرياد سېلىشتى. (يەنى ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە تەۋبە قىلغانلىقىنى ئېيتىشىپ يالۋۇرۇشتى. ھالبۇكى، بىزنىڭ جازايىمىز كەلگەن ۋاقىت تەۋبە قوبۇل قىلىنىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى2.) جازايىمىز كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن قېچىپ-قۇتۇلۇش يوقتۇر3. (1. تفسير ابن كثير 2. تفسير ابن كثير ، تفسير الميسر 3. زاد المسير)

وَعَجِبُوا أَن جَاءَهُم مُّنذِرٌ مِّنْهُمْ ۖ وَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا سَاحِرٌ كَذَّابٌ

4. (قۇرەيشلىك) كاپىرلار (ئۆزىگە ئوخشاش ئىنساننىڭ1، يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دوزاختىن2) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىشىپ «(بۇ پەيغەمبەر ئەمەس، ئەكسىچە) بىر سېھىرگەردۇر، ساختىكار-كاززاپتۇر؟» دېيىشتى. (1. تفسير ابن كثير 2. زاد المسير)

أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ

5. ئۇ (نۇرغۇن) ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمىكەن؟ (ئۇ ئىبادەت قىلىشقا لايىق پەقەت بىرلا ئىلاھ بار، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر، باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىش، ئۇلارغا دۇئا-قىلىپ مەدەت سوراش شىركتۇر، كۇفۇردۇر ۋە كىشىنى مەڭگۈ دوزاختا قالدۇرىدىغان جىنايى قىلمىشتۇر، دەۋاتىدۇ.1) بۇ راستتىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشتۇر. (1. زاد المسير)

بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى:

قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئەبۇ تالىپنىڭ يېنىدا تۇرۇشقىنىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا كېلىپ، ماڭا بىر كەلىمە سۆزلەڭلار، بۇنىڭ يۈزىسىدىن ئەرەپلەرنىڭ باشچىسى، ئەجەملەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىسىلەر، بۇ كەلىمە «لائىلاھە ئىللەللاھتۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرى «ئۇ (نۇرغۇن) ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمىكەن؟» دېيىشتى. (زادل المسير)

وَانطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَىٰ آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ

6. ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى «(قەۋمىنى ئىسلامدىن توسۇپ: ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدىن ئايرىلماي، شۇ يولدا) مېڭىڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا مەھكەم باغلىنىڭلار. تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش مانا بۇدۇر» دېيىشتى.

* قۇرەيش كاپىرلىرى قەۋمىنى ئىسلامدىن توسۇش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنى سەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن مۇھەممەد قەۋمىگە باشچى بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق نەرسىلەرنى دەۋاتىدۇ، دەپ بىلجىرلاشقان ئىدى. (تفسير الميسر)

مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَٰذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ

7. (قۇرەيش كاپىرلىرى) بىز باشقا دىندا بۇنى ئاڭلىغان ئەمەسمىز (يەنى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ پەقەت بىرلا، باشقا ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى باتىل، بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىش لازىم، دېگەن گەپنى ئاڭلىغا ئەمەسمىز.) ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى ئوچۇقتىن-ئوچۇق يالغاندۇر (دېيىشتى.)

أَأُنزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِن بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِّن ذِكْرِي ۖ بَل لَّمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ

8. (قۇرەيش كاپىرلىرى يەنە قۇرئاننى ۋە رەسۇلۇللاھنى رەت قىلىپ) «قۇرئان ئارىمىزدىكىلەردىن (قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرىغا ئەمەس) ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلدىمۇ؟ » دېيىشتى. (ئى پەيغەمبەر!) ئەمەلىيەتتە ئۇلار مېنىڭ زىكرىمدىن  (يەنى قۇرئاندىن) شۈبھىدىدۇر. ئەسلىدە ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى، ھەقكە چوڭچىلىق قىلغۇچى كاپىرلارغا كېلىدىغان شىددەتلىك) جازانى تېخى تېتىپ باقمىدى. (شۇڭىلاشقا، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىمەكتە. دەۋاتقان سۆز ۋە بۇزۇق ئېتىقادلىرى سەۋەبلىك قاتتىق جازايىمىزنى تېتىيدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ھالدا ھەقكە قارشى كىبىرلىنىشتە چىڭ تۇرماقتىدۇر.)

أَمْ عِندَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ

9. (ئى پەيغەمبەر!) ياكى ئەزىز (ھۆكۈمرانلىقىنى غالىپ كەلگۈچى، يېڭىلمەس قۇدرەت ئىگىسى بولغان1؛) ۋەھھاب (بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئۆز پەزل-مەرھەمىتىدىن خالىغىنىچە بېرىدىغان2) ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمۇ؟ (1.2.تفسير الميسر)

أَمْ لَهُم مُّلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا فِي الْأَسْبَابِ

10. ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇلارنىڭ ئىلىكىدىمۇ؟ ئۇنداقتا سەۋەبلىرىنى قىلىپ (ئاسمانغا) ئۆرلىسۇن (ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى كەلمەس قىلىپ توسىۋېتىپ باقسۇن قېنى!؟1) (1.تفسير السعدي)

جُندٌ مَّا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِّنَ الْأَحْزَابِ

11. (قۇرەيش كاپىرلىرى ئىلگىرىكى ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ مەغلۇپ بولۇپ يەر چىشلىگىنىگە ئوخشاشلا1) مەغلۇپ بولۇپ يەر چىشلەشكە مەھكۇم بىر تۈركۈم پارچە-پۇرات قوشۇندۇر. (1.2.تفسير الميسر)

كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ

12. ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە (ئىنسانلار ئارىسىدا) بۈيۈك كۈچكە ئىگە فىرئەۋن1 (پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقنى) يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلىشتى. (1. زاد المسير)

وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ

13. سەمۇد قەۋمىمۇ، لۇت قەۋبىمۇ، ئەيكىلىكلەرمۇ (پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقنى يالغانغا چىقاردى.1) ئۇلار (ھەقنى ئىنكار قىلىشتا بىر-بىرىگە ئوخشاش يول تۇتقان، ۋە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك جازاسىغا دۇچ كەلگەن) گورۇھلاردۇر. (1.تفسير الميسر)

إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ

14. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى. بۇ ۋەجىدىن جازايىمغا تېگىشلىك بولدى.

وَمَا يَنظُرُ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً مَّا لَهَا مِن فَوَاقٍ

15. (ئەگەر شىرىك-كۇفرلىرىدىن يانماي، ھەق بىلەن قارشىلىشتا چىڭ تۇرسا1) بۇ مۇشرىكلارغا جازايىمىزنىڭ چۈشۈشى پەقەت قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر قېتىملىق دەھشەتلىك ئاۋازغا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتنىڭ قايىل بولۇشى ئۈچۈن چالغان سۈر ئاۋازىغا) باغلىقتۇر. (1.تفسير الميسر، تفسير السعدي)

وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ

16. (مۇشرىكلار ھەق بىلەن قارشىلاشقان قەۋمنى ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىنى مەسخىرە قىلىشىپ1) «رەببىمىز! بىزگە بېرىدىغان جازانى قىيامەت كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال، (ھازىرلا) دەرھال بەرگىن» دېيىشتى. (1.تفسير الميسر، زاد المسير)

اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ

17. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ (سېنى يالغانچىغا چىقىرىشلىرىغا، دەۋىتىنىڭ رەت قىلىشلىرىغا1؛ سېنى بىئارام قىلىپ، ساڭا ئازار بېرىدىغان بۇ خىل2) سۆزلىرىگە سەبر قىلغىن. (ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى3 ۋە بىزگە ئىبادەت قىلىشتا4) كۈچلۈك (پەيغەمبەر) قۇلىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. داۋۇد راستتىنلا دائىما تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىدىغان4 بەندە ئىدى. (1. زاد المسير 2.3. تفسير الميسر 4. زاد المسير 5. تفسير السعدي)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناماز داۋۇدنىڭ نامىزىدۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان روزا داۋۇدنىڭ روزىسىدۇر. داۋۇد كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتتى، ئاندىن ئوقۇپ ئۈچتىن بىرىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئالتىدە بىرىدە ئۇخلايتتى. داۋۇد بىر كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن روزا تۇتمايتتى. دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقىنىدا جەڭدىن قاچمايتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان)

إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ

18. بىز تاغلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق. تاغلار كەچقۇرۇن ۋە سەھەرلەردە داۋۇد بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتاتتى. (داۋۇد ئەلەيھىسسالام كەچقۇرۇن ۋە سەھەرلەردە ئۈنلۈك ئاۋازدا <سۇبھاناللاھ> دېسە، تاغلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ <سۇبھاناللاھ> دەيتتى.1) (1. تفسير ابن كثير)

وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَّهُ أَوَّابٌ

19. (ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ داۋۇدنىڭ زەبۇر ئوقۇشىنى ئاڭلىسا، ئۇچۇشىنى داۋاملاشتۇرماستىن ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدە1) توپلىشىپ پەرۋاز قىلىدىغان قۇشلارمۇ (داۋۇدقا ئەگىشىپ زىكىر ئېيتاتتى.2) ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىتائەتكار ئىدى.3 (1. تفسير ابن كثير، زاد المسير 2.3. تفسير ابن كثير)

وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ

20. بىز داۋۇدنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى كامالەتكە يەتكۈزدۇق.1 (داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقى دۇنيا پادىشاھلىقلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك پادىشاھلىقتۇر.2) ئۇنىڭغا ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىك، كۆپ بىلىم3 ۋە كۈچلۈك ئەقىل4) بەردۇق؛ شۇنداقلا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھۆكۈم (يەنى داۋاگەردىن ئىسپات، داۋا قىلىنغۇچىدىن قەسەم قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قازىلىق قابىلىيىتى؛ سۆزدە ۋە ھۆكۈمدە ھەقنى باتىلدىن، ھەق ئىگىسىنى زالىمدىن ئايرىيدىغان ھۆكۈم قابىلىيىتى5) بەردۇق.

(1.2. تفسير ابن كثير 3. تفسير السعدي 4. تفسير ابن كثير 5. زاد المسير، تفسير ابن كثير)

وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ

21. (ئى پەيغەمبەر!) داۋاگەرلەرنىڭ خەۋىرى ساڭا كەلدىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئېگىز قورغان تامدىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ (داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان1) ئىبادەتخانىغا (رۇخسەتسىز2) كىرگەن ئىدى.

(1. تفسير المسير 2.تفسير السعدي)

إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُم بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ

22. ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا (تۇيۇقسىز) كىرگىنىدە، داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى. ئۇلار (داۋۇدقا) «قورقمىغىن! بىز ئىككى داۋاچىمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەق ھۆكۈم چىقىرىپ قويغىن، ناھەق ھۆكۈم بەرمىگىن، بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىن (دېدى.)

«داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى» — چۈنكى ئۇلار داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا داۋاچىلار كېلىدىغان ھۆكۈم، قازىلىق سائەتلىرىدە ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا، رۇخسەتسىز ھالدا تامدىن ئارتىلىپ كەلگەن ئىدى. (زاد المسير)

إِ نَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ

23. (داۋۇد ئۇلارغا ئىزىن بەرگەندىن كېيىن1،داۋاگەر داۋۇدقا مۇنداق دەپ شىكايەت قىلدى:) بۇ مېنىڭ قېرىندىشىمدۇر. ئۇنىڭ توقسان توققۇز چىشى قويى بار، مېنىڭ بولسا بىر چىشى قويۇم بار. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قويۇڭنى ماڭا بەرگىن دېدى ۋە (ئارىمىزدا چىققان) مۇنازىرىدە مېنى يېڭىپ قويدى. (بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ھۆكۈم بەرگىن، دېيىشتى.) (1. زاد المسير)

قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَّا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩

24. (داۋۇد يەنە بىرەيلەندىن بۇ بايانغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ دېيىلگەنلەرنى ئېتىراپ قىلدى.1 شۇنىڭ بىلەن) داۋۇد ئېيتتى: ئۇ سېنىڭ چىشى قويۇڭنى ئۆزىنىڭ چىشى قويلىرىغا قېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن ساڭا زۇلۇم قىپتۇ. (ئۇلارنى قويلاردا شېرىك بولغۇچىلار دەپ بىلگەن داۋۇد شۇنداق دېدى2) شېرىكلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىر-بىرىگە ھەقسىزلىك قىلىدۇ. پەقەت، ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغانلار (يەنى سالىھ شېرىكلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاقىۋەتتە، داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى بۇ (داۋا) ئارقىلىق سىنىغىنىمىزنى چۈشىنىپ (ئۆز قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ) رەببىگە ئىستىغفار ئېيتتى، (نامازغا تۇرۇپ) سەجدىگە باردى ۋە (تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا) يۆنەلدى. (1. زاد المسير)

يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئالاقىدار قىسسە:

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ 99 ئايالى بار ئىدى. (ئۇلارنىڭ شەرىئىتىدە كىشىنىڭ نىكاھلىنىشى جائىز بولغان ئاياللارنىڭ سانىغا چەك قويۇلمايتتى.) شەھەردە يەنە بىرەيلەن، بىر ئايال بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئايالغا ئەلچى ئەۋەتتى. ئاقىۋەتتە داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشنى ئارزۇلاپ، ئۇ كىشىدىن كېيىن ئۇ ئايالغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالىنى نىكاھىغا ئالدى ۋە بۇنى خاتا دەپ قارىمىدى. ئاقىۋەتتە، ئاللاھ جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن مىكائىل ئەلەيھىسسالامنى ئىككى ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، داۋۇدقا بۇ قىلمىشىنىڭ خاتا بولغىنىنى بىلدۈرۈپ كېلىشكە بۇيرۇدى. نەتىجىدە ئۇلار بىلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا يۇقىرىقى ۋەقەلىك سادىر بولدى. بۇ مۇشۇ ھەقتىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ۋە ئايەتنىڭ ئاشكارا مەنىسىگە ئەڭ ئۇدۇل كېلىدىغان ۋەقەلىك بولۇپ، ئەھلى كىتابتىن ئېقىپ كەلگەن، داۇۋد ئەلەيھىسالامنىڭ ۋەياكى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ، ھەتتا بارچە سالىھ زاتلارنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان ۋەقەلىكلەرنى ئىمام ئىبنى كەسىر، ئىمام ئىبنۇل جەۋزى قاتارلىق كۆپلىگەن تەپسىرشۇناسلار رەت قىلغان. تەپسىرلەردە مۇشۇ ئايال سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىدى دېيىلىدۇ. (زاد المسير، تفسير ابن كثير)

ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ما من رجل يذنب ذنبًا فيتوضأ فيحسن الوضوء، قال مسعر: ويصلي، وقال سفيان: ثم يصلي ركعتين فيستغفر الله  إلا غفر له)) «قانداقلىكى بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ قالغان بولسا، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، (نامىزىدا) ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئاشۇ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 2؛ مۇھەددىس ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن)

فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ

25. بىز داۋۇدنىڭ بۇ تەۋبىسى سەۋەبلىك ئۇنى مەغفىرەت قىلدۇق. شەكسىزكى، داۋۇدنىڭ (ئىتائەت ۋە ئىبادىتى، تەقۋاسى سەۋەبلىك) ھوزۇرىمىزدا بىزگە يېقىنلىقى ۋە گۈزەل ئورنى بار.

يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُم بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ

26. (ئاللاھ داۋۇدقا مۇنداق ۋەھىي قىلغان ئىدى:) ئى داۋۇد، بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق. ئۇنداق ئىكەن، ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. نەپسى-خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. بولمىسا (نەپسى-خاھىشىڭغا ئەگىشىشىڭ) سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن1) ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغۇچىلار  قىيامەت كۈنى (ئاللاھقا بولغان ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى قەستەنلىك بىلەن ئۇنۇتقانلىقى، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراقنى1) ئۇنۇتقانلىقى سەۋەبلىك شىددەتلىك جازاغا ئۇچرايدۇ. (1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر)

وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ

27. بىز ئاسماننى، زېممىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىنى بىكارغا ياراتمىدۇق. بۇ كاپىرلارنىڭ چۈشەنچىسىدۇر.  (بۇ خىل بۇزۇق ئېتىقادى ۋە كۇفۇر، جىنايەتلىرى سەۋەبلىك) كاپىرلارغا دوزاختىن (يەنى دوزاختىكى دەھشەتلىك ھالىدىن) ۋاي.

أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ

 28. (كاپىرلار بىر تەرەپتىن قىيامەتنى، دوزاخ، جەننەتنى ئىنكار قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر جەننەتكە كىرىدىغان ئىش بولسا، ئۆزلىرىنىڭ جەننەتنىڭ ئەڭ ئېسىلىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىشاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ يىرگىنىشلىك سۆزى ھەققىدە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان.) بىز ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن (تۈرلۈك كۇفۇر، گۇناھ ۋە جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ) زېمىندا بۇزغۇنچىلىق چىقىرىدىغانلارنى باراۋەر قىلىمىزمۇ؟ ياكى مۇتتەقىيلەر بىلەن گۇناھكارلارنى باراۋەر قىلىمىزمۇ؟

كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِّيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ

29. بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) — ئۇنىڭ ئايەتلەر ھەققىدە ياخشى ئويلانسۇن، ئەقىل ساھىبلىرى نەسىھەت ئالسۇن دەپ بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.

وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ

30. بىز داۋۇدقا (پەرزەنت سۈپىتىدە) سۇلايماننى ئاتا قىلدۇق. (ۋە داۋۇدنىڭ پەيغەمبەرلىك مىراسىنى سۇلايمانغا بەردۇق1.) سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە. ئۇ ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە كۆپ يۆنىلىدىغان (ھەر دائىم ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن ۋە تەۋبە ئىستىغفاردىن ئايرىلمايدىغان) كىشى ئىدى.  (1. تفسير ابن كثير)

إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ

31. ئۆز ۋاقتىدا  سۇلايمانغا (جىھادتىن غەنىيمەت ئېلىنغان1) ئېسىل يۈگۈرۈك تۇلپارلار كەچقۇرۇن ۋاقتىدا كەلتۈرۈلدى. (1. زاد المسير)

فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَن ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ

32. سۇلايمان «مەن مال سۆيگۈسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، رەببىمنىڭ زىكىرىدىن مەھرۇم قالدىم. (يەنى ئاتلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەسىر نامىزىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم.1 ئاقىۋەتتە كۈن) ئۇپۇققا پېتىپ كەتتى.» دېدى.  (1. تفسير ابن كثير)

* سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ھەيۋەتلىك زات بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ناھايىتى تەپ تارتاتتى. بۇ ۋەجىدىن، كۈن پېتىپ كېتىدىغان بولدى، ئەسىرنى ئوقۇۋالسىلا، دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشتىنمۇ تەپ تارتقان ئىدى. (زاد المسير) 

رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ

33. (ئاقىۋەتتە سۇلايمان) ئاتلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار (دېدى. ئاندىن) ئاتلارنىڭ بوينىغا ۋە پاچىقىغا قىلىچ بىلەن ئۇردى. (يەنى ئاتلار بەك ئېسىل ئاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، تەپسىرشۇناسلارنىڭ بىر بايانىدا، بۇ ئاتلار قاناتلىق ئاتلار بولغاچقا، ئاتنىڭ سۆيگۈسى قەلبىگە كىرىۋېلىشىنى خالىمىدى، ھەم مۇشۇ ئاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قېلىش يۈزىسىدىن بىر ۋاخ نامازنى قەستەنسىز ھالدا تەرك قىلىۋەتكەنلىكى يۈزىسىدىن، بۇ ئېسىل ئاتلارنى ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ بوغۇزلىدى.1) (1.تفسير ابن كثير)

ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بەندىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن ياكى ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىن مەشغۇل قىلىدىغان ياكى توسۇپ قويىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئەيىپلەنگەندۇر ۋە شۇملۇق جۈملىسىدىندۇر. بۇنداق ئىكەن، قۇل ئۆزىنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەتتىن ۋە ئەگىشىشتىن توسۇپ قويىدىغان نەرسىلەردىن (ياكى ئىشلاردىن) ئۇزاق تۇرۇشى؛ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىشى لازىم. (تفسير السعدي)

وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ

34. شەكسىزكى، بىز سۇلايماننى (پادىشاھلىقىنى بىر مەزگىل قولىدىن ئېلىۋېلىش بىلەن1) سىنىدۇق ۋە ئۇنىڭ تەختىگە بىر جەسەتنى (يەنى شەيتاننى2) ھازىر قىلدۇق. (شەيتان سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ، بىر مەزگىل ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋالدى. بۇ پەيتتە سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقتىن قىسقا مۇددەت ئايرىلىپ قالدى.3) ئاقىۋەتتە، سۇلايمان (تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا يۆنەلدى ۋە) تەختىگە قايتىپ كەلدى.  (1. زاد المسير، تفسير ابن كثير  تفسير السعدي 2.3. زاد المسير، تفسير السعدي)

قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَّا يَنبَغِي لِأَحَدٍ مِّن بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنتَ الْوَهَّابُ

35. ئۇ (ئاللاھقا دۇئا قىلىپ شۇنداق) دېدى: ئى رەببىم، مېنى مەغفىرەت قىلغىن. ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىقنى بەرگى. شەكسىزكى سەن، (ئۆز ئاتالىرىڭدىن خالىغان بەندەڭگە) بەك مول ئاتا قىلغۇچىسەن.

فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ

36. (ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ھۆكۈمرانلىقىنى قايتۇرۇپ بەردۇق. ئۇنىڭغا قوشۇپ) بىز شامالنى سۇلايماننىڭ ئەمرىگە بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بىلەن سۇلايمان قەيەرنى خالىسا شۇ يەرگە لەرزان ئۈزەتتى.

* ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ئاتلارنى بوغۇزلىدى، ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتلاردىنمۇ تېز ۋە خەيرلىك بولغان شامالنى بەردى. (تفسير ابن كثير)

وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ

37. (بىز سۇلايمانغا يەنە) شەيتانلارنى بىنالارنى سالىدىغان، دېڭىزدا غەۋۋاسلىق قىلىدىغان شەيتانلارنىمۇ (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.)

وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ

38. باشقا تۈردىكى شەيتانلارنىمۇ كىشەنلەنگەن ھالدا (سۇلايماننىڭ خىزمىتىگە تۇتۇپ بەردۇق.)

هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ

39. (سۇلايمانغا، ئى سۇلايمان!) بۇ بىزنىڭ ساڭا ئاتا قىلغانلىرىمىزدۇر، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە (بىز ساڭا ئاتا قىلغان پۇل مالدىن1) بەر، خالىغان كىشىگە بەرمە، بۇ جەھەتتە سەندىن ھېساب سورالمايدۇ2 (دەپ ۋەھىي قىلدۇق.) (1.2. زاد المسير)

وَإِنَّ لَهُ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ

40. شەكسىزكى، سۇلايماننىڭ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا بىزگە يېقىنلىقلىقى ۋە گۈزەل ئورنى باردۇر.

وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ

41. (ئى پەيغەمبەر!) قۇلىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن! ئەينى چاغدا ئۇ رەببىگە «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاپ بەردى» دەپ نىدا قىلدى.

* ئەييۇب ئەلەيھىسالامنىڭ پۇل-مېلى، بالا-چاقىسى كۆپ، ناھايىتى باي پەيغەمبەر بولۇپ، كېيىن يۈرىكىدىن باشقا، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە كېسەل تەگكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ھەممە كىشى بىر-بىرلەپ كېتىپ قالدى، ئاقىۋەتتە ئايالىدىن باشقا بارچە ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن يورۇقلىرى ئۇنى تەرك ئەتتى. پەقەتلا ئايالى باشقىلارغا ئىشلەپ بېرىپ، ئەييۇبقا يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ كېلەتتى، ئايالى مۇشۇ شەكىلدە 18 يىل ھەزىرتى ئەييۇبنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئايالى پەقەتلا باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتتىن باشقا چاغدا ئەييۇب ئەلەيىھسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى. (تفسير ابن كثير)

ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ

42. (بىز ئەييۇبنىڭ دۇئاسىغا جاۋابەن) پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن. (ئۇ يەردىن سەن ئۈچۈن سوغۇق سۇ چىقىدۇ.1) مانا بۇ ھەم سەن ئىچىدىغان، ھەم يۇيۇنىدىغان سوغۇق سۇدۇر. (ئاشۇ سۇنى ئىچ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۇيۇنغىن. قىيىنچىلىقىڭ ۋە كېسىلىڭ شۇ ئارقىلىق ياخشىلىنىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدۇق.2) (1.2. تفسير المسير)

* ئەييۇب ئەلەيھىسسالام پۇتىنى ئىككى قېتىم يەرگە ئۇرغان بولۇپ (زاد المسير)، بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشىدا بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۇيۇندى ۋە بەدىنىنىڭ سىرتقى قىسىمىدىكى كېسەللەر بۇ سەۋەبلىك ساقىيىپ كەتتى. ئاندىن قىرىق قەدەم يۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم پۇتىنى يەرگە ئۇرۇۋىدى، بۇ يەردىن يەنە بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، بۇ بۇلاق سۈيىدىن ئىچتى، نەتىجىدە ئىچكى ئەزالىرىدىكى جىمىي ئەزالار ساقىيىپ كەتتى. (تفسير البغوي)

وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ

43. بىزدىن كەلگەن بىر رەھمەت سۈپىتىدە، شۇنداقلا ئەقىل ساھىبلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئەييۇبقا ئائىلىسىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەنە بىر ھەسسىسىنى ئاتا قىلدۇق.

وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِب بِّهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِّعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ

44. قولۇڭغا بىر باغلام ئوت ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايالىڭنى ئۇر. بىز ئەييۇبنىڭ ھەقىقىي سەبرچان بەندە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. ئۇ (رەببىىگە تەۋبە ۋە تائەت ئىبادەت بىلەن) يۆنەلگۈچى ئىدى.

بۇ ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك قىسسە:
ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى كېتىۋاتقان يولدا شەيتان تىۋىپنىڭ سۈرىتىدە ئولتۇردى. ھەزىرتى ئەييۇبنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن «ئۆيۈمدە كېسەل بولۇپ قالغان بىر كىشى بار، ئۇنى داۋالاپ ساقايتالامسەن؟» دەپ سورىدى. تىۋىپ قىياپىتىگە كىرىۋالغان شەيتان ئۇنىڭغا «شۇنداق، ساقايتالايمەن. لېكىن، ساقايغىنىدا (يېنىمغا كېلىپ) «ماڭا سەن شىپالىق بەردىن» دېيىش شەرتى بىلەن ساقايتىمەن» دېدى. ئايال ئۆيىگە قايتىپ، بۇ ۋەقەنى ھەزىرتى ئەييۇبقا سۆزلەپ بېرىۋىدى، (بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن) ھەزىرتى ئەييۇب ئايالىغا «بۇنى دېگەن شەيتاندۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ ماڭا شىپا بەرسە سېنى يۈز دەررە ئۇرىمەن» دەپ قەسەم ئىچتى.

ئەييۇب ئەيەلىھسسالامنىڭ ئايالى ھەزىرتى ئەييۇبنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بۇ جەھەتتىكى جاپا-مۇشەققەتكە ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە سەبىر قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ بۇنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئۇ يەيدىغان تاياقنى يەڭگىللىتىپ، ئەييۇبقا ئايالىنى ئوت بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. نەتىجىدە، ھەزىرتى ئەييۇب ساقايدىغاندىن كېيىن ئايالىنى يۈز تال ئوتتىن تەشكىل تاپقان بىر باغلام ئوت بىلەن بىر قېتىم ئۇرۇپ قەسىمىنى ئورۇندىدى.

وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ

45. (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا1) كۈچلۈك ۋە (ئاللاھنىڭ دىنى جەھەتتە2) بەسىرەتلىك قۇللىرىمىزدىن ئىبراھىمنى، ئىسھاقنى ۋە ياقۇپنى ئەسلىگىن. (1.2. تفسير الميسر)

إِنَّا أَخْلَصْنَاهُم بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ

46. بىز ئۇلارنى ئاخىرەت يۇرتىنى ئويلايدىغان (ۋە ئاخىرەت يۇرتى ئۈچۈن سالىھ ئەمەللەردە تىرىشىدىغان) ئىخلاسمەن بەندىلەر قىلدۇق.

وَإِنَّهُمْ عِندَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ

47. ئۇلار بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا تاللانغان ۋە ياخشى كىشىلەردۇر.

وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِّنَ الْأَخْيَارِ

48. ئىسمائىلنى، ئەليەسەنى ۋە زۇلكىفىلنىمۇ ئەسلىگىن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى كىشىلەردۇر.

هَٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَآبٍ

49. بۇ قۇرئان (ۋەز-نەسىھەت ئالماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، ئۈستۈن1) ۋەز نەسىھەتتۇر.(قۇرئاندىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىپ، قۇرئاننىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشىغان) تەقۋادارلارغا شەكسىزكى قايتىدىغان گۈزەل جاي باردۇر. (1. تفسير ابن كثير)

جَنَّاتِ عَدْنٍ مُّفَتَّحَةً لَّهُمُ الْأَبْوَابُ

50. (ئۇ گۈزەل جاي) ئەدن جەننەتلىرىدۇركى، ئەدن جەننەتلىرىنىڭ ئىشىكلىرى تەقۋادارلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھالەتتىدۇر.

* ئەدن جەننىتى — جەننەت ئەھلى مەڭگۈلۈك ياشايدىغان جەننەت دېگەنلىكتۇر. (تفسير ابن كثير)

مُتَّكِئِينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ

51. (جەننەت ئەھلى جەننەتتە ئېسىل تەختلەرگە) يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا تۈرلۈك جەننەت مېۋىلىرىنى ۋە خىلمۇ-خىل جەننەت ئىچىملىكلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ.

وَعِندَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ

52. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆزى بىلەن تەڭداش ياشتىكى، ئۆز ئېرىدىن باشقىسىغا قارىمايدىغان ھۆرلەر بار.

هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ

53. (ئى تەقۋادارلار!) مانا بۇلار ھېساب كۈنى سىلەرگە بېرىلىشى ۋەدە قىلىنغان نېمەتلەردۇر.

إِنَّ هَٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُ مِن نَّفَادٍ

54. بۇلار بىزنىڭ (جەننەتتە سىلەرگە بېرىدىغان) رىزقىمىزدۇر، مەڭگۈ تۈگەپ قالمايدىغان (ۋە يوق بولۇپ كەتمەيدىغان رىزقلاردۇر.)

هَٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّاغِينَ لَشَرَّ مَآبٍ

55. (تەقۋادارلار ئۈچۈن ھازىرلانغان جەننەت نېمەتلىرى مانا) بۇلاردۇر. (كۇفۇر ۋە شىرككە چۆكۈپ، گۇناھلاردىن يانغىلى ئۇنىمايدىغان) ئازغۇنلارنىڭ قايتىدىغان جايى بەكمۇ يامان جايدۇر.

جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ الْمِهَادُ

56. (بۇنداق ئازغۇنلار قايتىدىغان جاي) جەھەننەمدۇر. ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ. جەھەننەم بەكمۇ ناچار تۆشەكتۇر.

هَٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ

57. مانا بۇ زىيادە قىززىق قايناقسۇ ۋە (دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدىنىدىن ئاققان1) يىرىڭ (ئۇلارغا بېرىدىغان جازادۇر. دوزاخ ئەھلى دوزاختا) ئۇنى ئىچسۇن. (1. تفسير الميسر)

وَآخَرُ مِن شَكْلِهِ أَزْوَاجٌ

58. ۋە باشقا خىلمۇخىل جازالار بار.

هَٰذَا فَوْجٌ مُّقْتَحِمٌ مَّعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُو النَّارِ

59. (بۇ ئازغۇنلار جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ. باشلامچى ئازغۇن، كاپىرلاردىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلەر دوزاخقا تاشلانغاندا، بىر تۈركۈم دوزاخ ئەھلى) «مانا بۇلار سىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر.» دەيدۇ. (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەر ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ) «ئۇلار راھەت كۆرمەيدۇ. ئۇلار (كۆيدۈرگۈچى قايناقسۇدا جازالىنىپ بولغاندىن كېيىن) ئوتقا تاشلىنىدۇ.»

(1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر)

قَالُوا بَلْ أَنتُمْ لَا مَرْحَبًا بِكُمْ ۖ أَنتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ الْقَرَارُ

60. ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) دېيىشىدۇ: ئەكسىچە، سىلەر راھەتلىك كۆرمەڭلار. بىزنى دوزاخقا سىلەر كىرگۈزدۈڭلار (يەنى دوزاخقا سىلەرگە ئەگەشكەنلىكىمىز ئۈچۈن كىردۇق. بۇ) دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!

قَالُوا رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ

61. (ئەگەشكۈچى دوزاخ ئەھلى ئاللاھقا نالە قىلىپ) «ئى رەببىمىز! كىم بىزنى بۇ دوزاخقا كىرگۈزگەن بولسا، ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتىدا ئىككى ھەسسە جازا بەرگىن» دېيىشىدۇ.

وَقَالُوا مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ الْأَشْرَارِ

62. (دوزاخ ئەھلى بىر-بىرىگە شۇنداق) دېيىشىدۇ: (دۇنيادىكى چېغىمىزدا) ناچار دەپ قارايدىغان ئادەملەرنى بۇ يەردە نېمىشقا كۆرمەيمىز؟

أَتَّخَذْنَاهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ الْأَبْصَارُ

63. بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشاتتۇق. ياكى (ئۇلارمۇ بىزدەك دوزاخقا كىرگەن تۇرۇقلۇق) ئۇلارنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويىۋاتامدىمىز؟

إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ النَّارِ

64. دوزاخ ئەھلىنىڭ مانا مۇشۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشىشى ھەقىقەتتۇر.

قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ

65. (ئى پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلىۋاتقان قۇرەيش كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى) مەن (ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق1) ئىلاھ يوقتۇر، (ئاللاھ قۇدرىتىدە، ئىسىملىرىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە پېئىللىرىدا2) بىردۇر، (جىمىي مەخلۇقاتنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقۇچى3) قاھھاردۇر. (1.2.3. تفسير الميسر)

رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ

66. ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر (ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز كۈچ – قۇدرەتكە ئىگىدۇر)؛ غەففاردۇر. (تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشىلەرنى بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.1) (1. تفسير الميسر)

قُلْ هُوَ نَبَأٌ عَظِيمٌ

67. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، بۇ (قۇرئان، پايدىسى بەك چوڭ بولغان1) خەۋەردۇر. (1. تفسير الميسر)

أَنتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ

68. سىلەر قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر.

مَا كَانَ لِيَ مِنْ عِلْمٍ بِالْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ إِذْ يَخْتَصِمُونَ

69. (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ ماڭا ۋەھىي بىلەن بىلدۈرمىسە) ئاسماندىكى ئۈستۈن پەرىشتىلەرنىڭ (ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى) تالاش-تارتىشلرىدىن ھېچقانداق خەۋىرىم بولمىغان بولاتتى.

إِن يُوحَىٰ إِلَيَّ إِلَّا أَنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُّبِينٌ

70. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇ. مەن (ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگە بىنائەن ئىنسانلارنى) ئوچۇق رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن.

إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِّن طِينٍ

71. ئەينى چاغدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېدى: مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن، 

فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ

72. ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگىنىمدىن كېيىن، سىلەر دەررۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار.

فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ

73. پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى.

إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ

74. پەقەتلا ئىبلىس سەجدە قىلمىدى، كىبىر قىلدى ۋە كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى

قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ الْعَالِينَ

75. (ئاللاھ سەۋەبىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، پەرىشتىلەرگە ۋە ئىنسانلارغا ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈن ئىبلىسقا) ئېيتتى: ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توسۇپ قويدى؟ تەكەببۇرلۇق قىلماقچى بولدۇڭمۇ ياكى ئۇلۇغلاردىن بولۇپ كەتتىڭمۇ؟

قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِّنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِن نَّارٍ وَخَلَقْتَهُ مِن طِينٍ

76. ئىبلىس، مەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئادەمدىن) ئەۋزەل. سەن مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى بولسا لايدىن ياراتتىڭ، دېدى.

قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ

77. ئاللاھ ئىبلىسقا مۇنداق دېدى: سەن جەننەتتىن چىقىپ كەت. سەن (ئەمدىدىن ئېتىبارەن جەننەتتىن) قوغلاندىڭ.

وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ

78. ساڭا تاكى قىيامەت كۈنىگە قەدەر لەنەت قىلدىم.

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ

79. ئىبلىس، رەببىم، تاكى قايتا تىرىلىش كۈنىگە (يەنى قىيامەت كۈنىگە) قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن، دېدى.

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنظَرِينَ

80. ئاللاھ ئېيتتى: ساڭامۆھلەت بېرىلدى

إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ

81. ۋاقتى مەلۇم بولغان (قىيامەت) كۈنگىچە.

قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ

82. ئىبلىس ئېيتتى: ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن

إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ

83. پەقەت ساڭا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان قۇللىرىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

قَالَ فَالْحَقُّ وَالْحَقَّ أَقُولُ

84. ئاللاھ ئېيتتى: ھەق بۇدۇر. مەن ھەقنى سۆزلەيمەن.

لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ

85. مەن ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى سەن بىلەن قوشۇپ (جەھەننەمگە تاشلايمەن ۋە) جەھەننەمنى توشقۇزىمەن.

***

قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ

86. (ئى پەيغەمبەر! قۇرەيش كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى، سىلەرنى ھەقكە باشلىغانلىقىم، سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتىلىكىگە پايدىلىق ئىلاھىي ھېكمەتلەرنى ئۆگەتكەنلىكىم ئۈچۈن) سىلەردىن بۇنىڭ بەدىلىگە ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مەن ئۆزۈمچىلا (پەيغەمبەرلىكنى) داۋا قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن.

إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ

87. (بىلىڭلاركى) بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن (يەنى جىنلار ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەت ۋە ھېكمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان) ۋەز-نەسىھەتتۇر.

وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ

88. قۇرئاننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ھەقلىقىنى ئاز مەزگىلدىن كېيىن بىلىپ قالىسىلەر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ