37. سۈرە ساففاتنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى

37-سۈرە ساففات

مەككىدە نازىل بولغان، 182 ئايەت

فۇرقان دەۋەت مەركىزى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

وَالصَّافَّاتِ صَفًّا

1. (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن1) سەپ-سەپ تىزىلغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، [1. تفسير الميسر]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەرىشتىلەر ئاسماندا سەپ-سەپ ھالەتتىدۇر. (تفسير ابن كثير)

فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا

2. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) بۇلۇتلارنى ھەيدىگۈچى1 (پەرىشتىلەر بىلەن) قەسەمكى، [1.تفسير السعدي]

فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا

3. زىكىرنى (يەنى ئاللاھنىڭ كالامىنى1) ئوقۇيدىغان (پەرىشتىلەر بىلەن) قەسەمكى، [1.تفسير السعدي]

إِنَّ إِلَٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ

4. (ئەي ئىنسانلا!1) سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار (ھېچبىر شېرىكى بولمىغان، يالغۇز2) بىر ئىلاھتۇر. [1.2. تفسير الميسر]

رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ

5. ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكىلەرنىڭ رەببىدۇر. (قۇياش قاتارلىق يۇلتۇزلار چىقىدىغان) مەشرىقلەرنىڭمۇ رەببىدۇر.

إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ

6. بىز دۇنيا ئاسمىنىنى يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت  زىننەتلەر بىلەن بېزىدۇق.

وَحِفْظًا مِّن كُلِّ شَيْطَانٍ مَّارِدٍ

7. ئۇنى بارچە ئازغۇن شەيتانلاردىن قوغدىدۇق.

لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٍ

8. شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. (ئەگەر ئاڭلاشقا تىركەشسە) ھەممە تەرەپتىن (كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇز بىلەن) ئېتىلىدۇ.

دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ

9. قوغلاندى قىلىنىدۇ. شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) تۈگەپ قالمايدىغان جازا بار.

إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ

10. ئەگەر شەيتانلاردىن بىرەرسى (پەرىشتىلەرنىڭ ۋەھىي ۋە غەيب خەۋەرلىرى ھەققىدىكى) سۆزلىرىدىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچقۇدەك بولسا، ئۇنى  (ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن) كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇز قوغلايدۇ.

* يۇقىرىقى ئايەتلەر شەيتانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىدىن بىرەر نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، غەيىپتىن خەۋەردار بولالمايدىغانلىقىنى،  ئاسمانلاردا ۋە پەرشىتىلەرنىڭ ئالدىدا شەيتانلارنىڭ ناھايىتى خار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

***

فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَا ۚ إِنَّا خَلَقْنَاهُم مِّن طِينٍ لَّازِبٍ

11. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن (يەنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلاردىن) سورغىن: ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى بىز ياراتقان (ئەنە شۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ باشقا) مەخلۇقاتنى يارىتىشمۇ؟ بىز ئۇلارنى (يەنى ئىنساننىڭ ئاتىسىنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق.

بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ

12. ھالبۇكى سەن (ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىدىن) ھەيران قالدىڭ. ئۇلار بولسا سېنى (سەن بەرگەن خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ) مەسخىرە قىلماقتا.

وَإِذَا ذُكِّرُوا لَا يَذْكُرُونَ

13. ئۇلارغا (ئۇلار غاپىل قالغان خۇسۇسلار جەھەتتە) نەسىھەت قىلىنسا، نەسىھەتنى ئاڭلىمايدۇ.

وَإِذَا رَأَوْا آيَةً يَسْتَسْخِرُونَ

14. (سېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ.

وَقَالُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ

15. ۋە «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىشىدۇ.

أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ

16. (مەسخىرىلىك ھالدا) بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن، بىز راسستىنلا تىرىلدۈرۈلەمدۇق (دېيىشىدۇ.)

أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ

17. ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ (دېيىشىدۇ.)

قُلْ نَعَمْ وَأَنتُمْ دَاخِرُونَ

18. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن) ئېيتقىنكى: شۇنداق، سىلەر خار ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىسىلەر.

فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنظُرُونَ

19. (ئۇلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىشى1) پەقەتلا (سۈردىن چىقىدىغان) بىر قېتىملىق قاتتىق ئاۋازغا باغلىقتۇر. ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار (قىيامەتتىكى دەھشەتلىك ھالەتلەرگە قورقۇنچ ئىلىكىدە2) قاراپ تۇرۇشىدۇ. [1. تفسير الميسر 2. تفسير ابن كثير]

وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَٰذَا يَوْمُ الدِّينِ

20. ئۇلار(يەنى كاپىرلار1) : «ۋاي ھالىمىزغا! مانا بۇ ھىساب ئېلىنىدىغان كۈندۇر» دېيىشىدۇ. [1. تفسير ابن كثير]

هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنتُم بِهِ تُكَذِّبُونَ

21. (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر ئۇلارغا1) مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان، (كاپىر بىلەن مۆمىننى، جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنى) ئايرىيدىغان كۈندۇر، (دېيىشىدۇ.)

احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ

22. (پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېيىلىدۇ:) زالىملارنى، ئۇلارنىڭ چۆپقەتلىرىنى1 ۋە ئۇلار ئىبادەت قىلىشقان باتىل مەبۇدلارنى مەشھەرگاھ مەيدانىغا ھەيدەڭلار. [1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر]

«ئۇلارنىڭ چۆپقەتلىرىنى» — زالىملارغا مايىل بولغۇچىلارنى، زالىملارغا ئوخشىۋالغۇچىلارنى، زالىملار بىلەن ئوخشاش يولدا بولغۇچىلار. (تفسير ابن كثير، تفسير الميسر)

مِن دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْجَحِيمِ

23. ئاللاھقا قوشۇپ (ياكى ئاللاھىن تاشلاپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار) ۋە ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ يولىغا ھەيدەڭلار!

وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُم مَّسْئُولُونَ

24. ئۇلارنى (ئۇدۇللا جەھەننەمگە ئاتماستىن) توختىتىپ تۇرۇڭلار! چۈنكى، ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.

مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ

25. (ئۇلارنى ئازارلاش يۈزىسىدىن شۇنداق دېيىلىدۇ) نېمە بولدى سىلەرگە! (قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن) بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلارغۇ؟

بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ

26. ئەسلا ياردەم قىلالمايدۇ! بۈگۈن ئۇلار تەسلىم بولغۇچىلاردۇر.

وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ

27. ئۇلاردىن بىر تۈركۈمى باشقا بىر تۈركۈمىگە (يەنى ئەگەشمە كاپىرلار ئەگەشتۈرگۈچى كاپىرلارغا) يۈزلىنىپ شۇنداق سورايدۇ:

قَالُوا إِنَّكُمْ كُنتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ

28. دەيدۇكى: سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار (يەنى بىزنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلاتتىڭلار.1) [1. تفسير ابن كثير]

قَالُوا بَل لَّمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ

29. (ئەگەشتۈرگۈچى كاپىرلار ئۇلارغا جاۋابەن) مۇنداق دەيدۇ: ئۇنداق ئەمەس. بەلكى سىلەر مۆمىنلەردىن بولمىغان ئىدىڭلار.

وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ ۖ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ

30. بىزنىڭ سىلەرنى (ئىماندىن چەكلەپ، كوفۇرغا زورلايدىغان1) مەجبۇرلىغۇچى كۈچىمىز يوق ئىدى. ھالبۇكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئەسلىدىنلا ھەقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئازغۇن كىشىلەر ئىدىڭلار. [1.تفسير الميسر]

فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ

31. رەببىمىزنىڭ (كاپىر بولغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالدۇرۇپ قويۇپ قاتتىق جازالاش) ھۆكمىنىڭ بىزگە كېلىشى ھەقتۇر. ھەممىمىز (يەنى سىلەرمۇ، بىزمۇ ئەمدى (دوزاختىكى دەھشەتلىك جازانى) تېتىغۇچىلاردىنمىز.

فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ

32. بىز سىلەرنى ئازدۇرغان ئىدۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىز ئازغۇنلاردىن ئىدۇق.

***

فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ

33. ئۇ كۈندە ئۇلار (يەنى ئازدۇرغۇچى كاپىرلارغىمۇ، ئەگەشكۈچى كاپىرلارغىمۇ) دوزاخ ئازابى ئورتاقتۇر.

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ

34. گۇناھكارلارغا بىز مانا شۇنداق قىلىمىز. (يەنى دوزاختىكى دەھشەتلىك جازانى ئۇلارغا تېتىتىمىز.)

إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ

35. ئۇلارغا «ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق» دېيىلگىنىدە، (ئۇلار تەۋھىدكە چاقىرىلىپ، تەۋھىدكە زىت ئېتىقاد ۋە ئەمەللەردىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىنغىنىدا تەۋھىدتىن يۈز ئۆرۈپ1) چوڭچىلىق قىلىشاتتى. [1. تفسير السعدي، تفسير الميسر]

وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍ

36. بىز ئەقلىدىن ئاداشقان بىر شائىرنىڭ (يەنى مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم> نىڭ1) سۆزى بىلەنلا ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتەمدۇق، دېيىشەتتى. [1. تفسير السعدي، تفسير الميسر]

بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ

37. ئۇنداق ئەمەس ئىدى. (يەنى رەسۇلىمىز مۇھەممەد سىلەر ئېيتقاندەك ئەقلىدىن ئاداشقان شائىر ئەمەس، بىز ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر ئىدى.) شۇنداقلا ئۇ (ئۆزىدىن ئىلگىرىكى) پەيغەمبەرلەرنى (ھەق پەيغەمبەرلەر دەپ) تەستىقلىغان ئىدى.

إِنَّكُمْ لَذَائِقُو الْعَذَابِ الْأَلِيمِ

38. (ئى كاپىرلار!) سىلەر جەزمەن دوزاختىكى جاننى قاقشاتقۇچى ئەلەملىك جازانى تېتىيسىلەر!

وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

39. (ئى كاپىرلارر! ئاخىرەتتە سىلەرگە ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ.) سىلەر (ئاخىرەتتە) پەقەت دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر.

إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ

40. پەقەتلا ئىخلاسمەن مۆمىن قۇللار (دوزاختا جازالىنىشتىن) ئەمىن قالىدۇ.

أُولَٰئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَّعْلُومٌ

41. ئۇلارغا (جەننەتتە) مەلۇملۇق بولغان رىزق بار بولۇپ،

فَوَاكِهُ ۖ وَهُم مُّكْرَمُونَ

42. (بۇ رىزق تۈرلۈك جەننەت) مېۋىلىرىدۇر. ئۇلار (ئاللاھ تەرىپىدىن، پەرىشتىلەر تەرىپىدىن، جۈپتلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى تەرىپىدىن دائىما) ھۆرمەتلەنگۈچىلەردۇر،

فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ

43. نازى-نېمەتلىك جەننەتلەردە.

عَلَىٰ سُرُرٍ مُّتَقَابِلِينَ

44. ئۇلار (جەننەتتىكى) تەختلەردە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.

يُطَافُ عَلَيْهِم بِكَأْسٍ مِّن مَّعِينٍ

45. (جەننەتتىكى سورۇنلاردا ئولتۇرغىنىدا) بۇلاقلاردىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ.

بَيْضَاءَ لَذَّةٍ لِّلشَّارِبِينَ

46. (قەدەھلەردىكى شاراپ) سۈپسۈزۈك بولۇپ، ئىچكۈچىلەرنى لەززەتلەندۈرىدۇ.

لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنزَفُونَ

47. جەننەت شارابى باشنى قايدۇرمايدۇ، جەننەت ئەھلى جەننەت شاراپلىرىنى ئىچىش بىلەن مەست بولۇپ قالمايدۇ.

وَعِندَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ

48. ئۇلارنىڭ يېنىدا (ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ئىپپەتلىكلىكى يۈزىسىدىن1) ئۆزىنىڭ ئېرىدىن باشقا ئەرلەرگە  قارىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بولىدۇ. [1.تفسير ابن كثير، تفسير الميسر]

كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌ مَّكْنُونٌ

49. جەننەت ھۆرلىرى (گۈزەللىكتە1) ئورىلىپ ساقلانغان تۇخۇمدەك (ئاپئاقتۇر.) [1.تفسير السعدي]

فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ

50. جەننەت ئەھلى بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ شۇنداق سورايدۇ:

قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٌ

51. ئۇلاردىن بىرى دەيدۇكى، (دۇنيادا) مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى.

يَقُولُ أَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُصَدِّقِينَ

52. (ماڭا) دەيتتىكى: سەن (قايتا تىرىلىشنى) تەستىقلاپ ئىشەنگۈچىلەردىنمۇ؟

أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَدِينُونَ

53. بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكىنىمىزدىن كېيىن ھېسابقا تارتىلىمىزمۇ؟

قَالَ هَلْ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ

54. (بۇلارنى بايان قىلىۋاتقان جەننەتتىكى مۆمىن كىشى، جەننەتتىكى سورۇنداشلىرىغا) شۇنداق دەيدۇ: ئۇنى كۆرۈپ بېقىشنى خالامسىلەر؟

فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ

55. ئۇ ئۇنىڭغا قارايدۇ ۋە ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسدا كۆرىدۇ.

قَالَ تَاللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرْدِينِ

56. (ئۇنىڭغا خىتابەن) دەيدۇكى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، (ئۆزۈڭگە قوشۇپ) مېنى ھالاك قىلغىلى تاس قالغان ئىدىڭ.

وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ الْمُحْضَرِينَ

57. رەببىمنىڭ (ئىمان، تەۋھىد) نېمىتى بولمىغان بولسا، مەنمۇ دوزاخقا كىرگۈچىلەردىن بولۇپ قالاتتىم.

أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ

58. (ئۇ زات جەننەتتىكى سورۇنداشلىرىغا قاراپ ئۆزىنىڭ دوزاخ ئەھلى بولۇپ قالمىغىنىغا، جەننىتىيلەردىن بولغانلىقىغا قاتتىق خۇش بولۇپ شۇنداق دەيدۇ:) بىز ئەمدى ئەسلا ئۆلمەيمىز، شۇنداقمۇ؟

إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ

59. دۇنيادا تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا (بىزگە ئەمدى ئۆلۈم يوق)، ئازابقىمۇ ئۇچرىمايمىز، شۇنداقمۇ؟

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ

60. ھەقىقىي بەخت-سائادەت دېگەن مانا بۇ. 

لِمِثْلِ هَٰذَا فَلْيَعْمَلِ الْعَامِلُونَ

61. ئىشلىگۈچىلەر مانا مۇشۇنداق بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن.

أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُّزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ

62. زىياپەت جەھەتتە بۇ جەننەت زىياپىتى ياخشىمۇ، ياكى (دوزاخ ئەھلى يەيدىغان) زەققۇم دەرىخىمۇ؟

إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِّلظَّالِمِينَ

63. بىز زەققۇم دەرىخىنى (دوزاختا) زالىملارغا بېرىلىدىغان جازالاردىن بىر جازا قىلدۇق.

إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِي أَصْلِ الْجَحِيمِ

64. زەققۇم دەرىخى جەھەننەمنىڭ تېگىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ.

طَلْعُهَا كَأَنَّهُ رُءُوسُ الشَّيَاطِينِ

65. ئۇنىڭ مېۋىسى (ئىنتايىن سەت بولۇپ1) بەئەينى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. [1.تفسير ابن كثير، تفسير الميسر]

فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ

66. دوزاخ ئەھلى ئەنە شۇ زەققۇم دەرىخنىڭ مېۋىلىرىنى يەپ، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىنى توشقۇزىدۇ.

ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِّنْ حَمِيمٍ

67. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە (يەنى زەققۇمنى يەپ بولۇپ1) زىيادە قىززىق قايناق سۇ ئارىلاشمىسىنى ئىچىدۇ. [1.تفسير ابن كثير]

  • * قايناق سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان بۇ ئىچىملىك — دوزاخ ئەھلىنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ۋە كۆزلىرىدىن ئاققان يىرىڭغا زىيادە قىززىق قايناقسۇ ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىكتۇر. (تفسير ابن كثير)

ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى الْجَحِيمِ

68. ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئوت1 بولىدۇ. (يەنى بىردە زەققۇمدىن يەپ، يىرىڭ ئارىلاش قايناق سۇدىن بولۇشىغا ئىچىپ جازانى تېتىسىدا، بىردە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ جازالىنىدۇ.) [1.2. تفسير ابن كثير]

إِنَّهُمْ أَلْفَوْا آبَاءَهُمْ ضَالِّينَ

69. چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىسىنى ئازغۇن ھالىتىدە تاپقان،

فَهُمْ عَلَىٰ آثَارِهِمْ يُهْرَعُونَ

70. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىزىغا (يەنى ئازغۇنلۇق، شىرىك ۋە كۇفرىغا) ئەگەشكەن ئىدى.

وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ

71. شۈبھىسزىكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەقتىن ئازغان ئىدى.

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ

72. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.

فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنذَرِينَ

73. (كۇفۇردىن يانمىغان) ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگىنىگە قارىغىن!

إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ

74. ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن مۆمىن قۇللىرىلا ئۇلار دۇچ كەلگەن يامان ئاقىۋەتتىن سالامەتتە قالدى.

وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ

75. شەكسىزكى، نۇھ بىزگە (كۇفۇردىن يانغىلى ئۇنىمىغان قەمىگە قارشى ئۆزىگە ياردەم قىلىشىمىز ئۈچۈن دۇئا بىلەن) نىدا قىلغان ئىدى. بىز (دۇئاغا) نېمىدېگەن ياخشى جاۋاب قايتۇرغۇچىمىز!

وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ

76. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارنى بۈيۈك غەمدىن قۇتقۇزدۇق.

وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ

77. (نۇھنىڭ كاپىر قەۋمى توپان بالاسىدا سۇغا غەرق قىلىنغاندىن كېيىن) ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (يەر يۈزىدە قىيامەتكە قەدەر) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق.

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ

78. كېيىنكىلەر ئارىسىدا نۇھنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق. (كېيىنكىلەر ئۇنى ماختايدا ۋە ئۇنىڭغا سالام يوللايدۇ.1) [1.تفسير ابن كثير]

سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ

79. ئالەملەر ئىچىدە نۇھقا سالام بولسۇن. (بارچە ئۈممەتلەر ئۇنىڭغا گۈزەل شەكىلدە سالام يوللايدۇ.1) [1. تفسير ابن كثير]

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ

80. بىز مۇھسىنلارنى (يەنى ئاللاھقا گۈزەل رەۋىشتە ئىتائەت ۋە ئىبادەتتە چىڭ تۇرىدىغان قۇللىرىمىزنى1) ئەنە شۇنداق (يەنى نۇھنى مۇكاپاتلىغاندەك2) مۇكاپاتلايمىز. [1.2. تفسير الميسر]

إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ

81. نۇھ بىزنىڭ مۆمىن قۇللىرىمىزدىن ئىدى.

ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ

82. (بىز نۇھنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزغىنىمىزدىن) كېيىن، باشقىلارنى (يەنى نۇھقا قارشى چىققان ئىمانسىز كاپىرلارنى) سۇغا غەرق قىلدۇق.

وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ

83. نۇھنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچىلاردىن يەنە بىرى (پەيغەمبىرىمىز) ئىبراھىم ئىدى.

إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ

84. ئىبراھىم رەببىگە ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى.

  • * بىر كىشىنىڭ قەلبى تۈرلۈك يامان ئەخلاقلاردىن، كۇفۇردىن ۋە نىفاقتىن ساغلام بولغاندا، ئۇنداق كىشى (ئاللاھ تەرىپىدىن ماختىلىدىغان) جىمىي ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. (1.سەئدى)

إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ

85. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسىغا ۋە قەۋمىگە سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟ دېدى.

أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ

86. ئاللاھتىن باشقا باتىل ئىلاھلارنى ئىستىمەكچىمۇسىلەر؟

فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَ

87. ئالەملەرنىڭ رەببى ھەققىدە قانداق ئويلايسىلەر؟ (يەنى سىلەر ئاللاھقا شىرك قوشۇپ، بۇتلارنى ئىلاھ قىلىۋالساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلايسىلەر؟) [1. تفسير الميسر]

فَنَظَرَ نَظْرَةً فِي النُّجُومِ

88. ئىبراھىم (قەۋمى چوقۇنغان باتىل ئىلاھلارنى قەۋمى بايرامغا كەتكەندە چېقىپ تاشلاشنى پىلانلاپ، قەۋمى بىلەن بىرلىكتە بايرامغا قاتناشماسلىققا بىر باھانە تېپىش ئۈچۈنە1) بىر ھازا ئويلاندى. [1. تفسير ابن كثير، تفسير الميسر 2.تفسير ابن كثير]

فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ

89. ئاندىن «مەن ئاغرىپ قالدىم» دېدى.

  • *ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى «سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشۇڭلار ئۈچۈن قەلبىم كېسەل\ بىئارام» دېگەن مەقسەتنى نەزەردە تۇتۇپ، لېكىن ئۇلار ئاڭلىسا «ئىبراھىم ئاغرىپ قاپتۇ» دېگەن مەنىنى بېرىدىغان شەكىلدە ئىما بىلەن ئېيتقان بولۇپ، قەستەن يالغان سۆزلىگەن ئەمەس. (تفسير ابن كثير)

فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ

90. شۇنىڭ بىلەن قەۋمى ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇپ (بايرامغا قاتنىشىش ئۈچۈن) ئۇزاقلىشىپ كېتىپ قالدى.

فَرَاغَ إِلَىٰ آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ

91. ئىبراھىم يوشۇرۇن ھالدا ئۇلارنىڭ باتىل ئىلاھلىرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) يېنىغا كىرىپ (بۇتلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان يېمەكلىكلەرنى مەقسەت قىلىپ1) «قېنى يېمەمسىلەر؟» دېدى. [1. تفسير ابن كثير]

مَا لَكُمْ لَا تَنطِقُونَ

92. سىلەرگە نېمە بولدى، نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر (دېدى)

فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ

93. ئاندىن ئىبراھىم بۇتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى ئوڭ قولى بىلەن ئۇردى. (ئاندىن، سورىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بۇتنى قالدۇرۇپ قويۇپ، باشقا ھەممە بۇتنى چېقىپ تاشلىدى.-ئەنبىيا سۈرىسى، 58-ئايەت)

فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ

94. (ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بۇتپەرەس قەۋمى) ئاقىۋەتتە يۈگۈرگىنىچە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.

قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ

95. ئىبراھىم ئۇلارغا «سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېدى.

وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ

96. ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە سىلەر بىلىدىغان نەرسىلەرنى ياراتقان زات ئاللاھ ئەمەسمۇ (دېدى)

قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ

97. (قۇرئاننىڭ باشقا سۈرىلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك، ئىبراھىم بىلەن قەۋمىنىڭ بۇتپەرەس پادىشاھى ئالدىدا مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى، بۇتپەرەسلەر ئىبراھىمغا مۇنازىرىدە يېڭىلىپ، مات بولغاندىن كېيىن) «ئۇنىڭ ئۈچۈن (ياغاچتىن) بىر بىنا ياساڭلار، (ئاندىن ئۇ بىناغا ئوت يېقىڭلار) ۋە ئۇنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلاڭلار» دېيىشتى.

فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ

98. قەۋمى ئىبراھىمغا (ئۇنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەكىلدە) پىلان قۇردى. ئەمما، بىز ئۇلارنىڭ (ئىبراھىمنى يوق قىلىپ تاشلاش) پىلانىنى بىتچىت قىلدۇق. 

وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهْدِينِ

99. (قەۋمىنىڭ ئىبراھىمنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تاشلاش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشماي، ئىبراھىم ئوتتىن ساق سالامەت قۇتۇلغاندىن كېيىن ۋە قەۋمىنىڭ ئەسلا ئىمانغا يېقىن كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن) «مەن رەببىمنىڭ يولىدا ھىجرەت سەپىرىگە ماڭدىم. رەببىم ماڭا يول كۆرستىدۇ» دېدى. (ۋە ھىجرەت قىلىپ شام دىيارىغا ماڭدى.)

رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ

100. (ئىبراھىم رەببىگە) «ئى رەببىم! ماڭا سالىھلار جۈملىسىدىن بولىدىغان بىر پەرزەنت بەرگىن» (دەپ دۇئا قىلدى.)

فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ

101. (بىز ئىبراھىمنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ) ئۇنىڭغا گۈزەل خۇيلۇق بىر ئوغۇل پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. (بۇ پەرزەنت ئىسمائىل ئىدى. ئىسمائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ تۇنجى ئوغلىدۇر.1) [1.تفسير ابن كثير، تفسير السعدي]

فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِن شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ

102. (ئىسمائىل چوڭ بولۇپ، دادىسى بىلەن بىللە) بېرىپ-كەلگۈدەك ياشقا كەلگەندە (يەنى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئەرلەردىن سانىلىدىغان ياشقا كەلگەندە1)، (يەنى ئىسمائىل شۇ ياشقا كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىبراھىم ئوغلىغا) «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، بۇ ھەقتە نېمە دەيسەن؟» دېدى.* ئىسمائىل: «ئى دادا! ساڭا ئەمر قىلىنغان ئىشنى بەجا كەلتۈرگىن، (يەنى ئاللاھنىڭ مېنى قۇربانلىق قىلىش ئەمرىنى ئورۇندىغىن2) ئىنشائاللاھ، مېنىڭ سەبر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېدى. [1.2. تفسير ابن كثير]

* پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھىي جۈملىسىدىندۇر. (تفسير السعدي)

فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ

103. ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە) تەسلىم بولۇپ (ئىبراھىم ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن شاھادەت ئېيتىپ، ئىسمائىل ئۆلۈم ئۈچۈن شاھادەت ئېيتىپ1) ، ئىبراھىم ئىسمائىلنى (بوغۇزلاش ئەسناسىدا يۈزىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن2) دۈم ياتقۇزغاندا، (ۋە ئىسمائىلنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى بوينىغا تىيىگەندە3) [1.2.3 تفسير ابن كثير]

وَنَادَيْنَاهُ أَن يَا إِبْرَاهِيمُ

104.  بىز ئۇنىڭغا خىتاپ قىلىپ دېدۇقكى: ئى ئىبراھىم!

قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ

105. سەن چۈشۈڭنى روياپقا چىقاردىڭ. بىز (بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى ئۆز كۆڭۈل خاھىشىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان1) مۇھسىنلارنى مانا مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. (دېدۇق.) [1. تفسير السعدي]

  • *«بىز مۇھسىنلارنى مانا مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.» — كىشى ئاللاھقا جىمىي ئەھۋالدا ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىرچىلىق پەيتىدە ئەڭ تېز ياردەم قىلىدۇ.

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ

106. بۇ راستتىنلا ئوچۇق-ئاشكارە ئىمتىھان ئىدى.

وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ

107. بىز ئۇنىڭغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى قوچقارنى) فىديە قىلىپ بەردۇق.

  • *بۇ ھەج مەزگىلى بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجنى قىلىپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇن ئىگىپ ئوغلىنى بوغۇزلاشقا تەمشەكلگەندە ئاللاھ ئۇنىڭغا «ئى ئىبراھىم! سەن چۈشۈڭنى روياپقا چىقاردىڭ» دەپ خىتاپ قىلدى، ئىبراھىم بېشىنى بۇراپ قارىغىنىدا كۆزلىرى يوغان، ئاق بىر قوچقارنى كۆردى. (ئاللاھ ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا ئەنە شۇ قوچقارنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا ئەۋەتكەن ئىدى.) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ قوچقارنى مىنادا قۇربانلىق قىلىدىغان جايدا قۇربانلىق قىلغان.  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلغان بۇ قوچقارنىڭ مۈڭگۈزى تاكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەككىنى فەتھ قىلغانغا قەدەر كەبىنىڭ ئىچىدە بار بولۇپ، فەتھتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابە ئوسمان ئىبنى تەلھەگە كەبىنىڭ ئىچىدىكى بۇ قوچقارنىڭ مۈڭگۈزىنى— ئۇ يەردە ناماز ئوقۇغانلارنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىقى ئۈچۈن — يېپىپ قويۇشقا بۇيرۇغان. بۇنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە نەقىل قىلغان. كېيىن كەبىگە ئوت كەتكەندە بۇ قوچقارنىڭ مۈڭگۈزىمۇ تەڭ كۆيۈپ كەتكەن. (تفسير ابن كثير) بۇ قوچقار ئىبراھىمغا فىديە سۈپىتىدە بېرىلگەنگە قەدەر جەننەتتە ئىدى. (زاد المسير)

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ

108. كېيىنكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.

سَلَامٌ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ

109. ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِي

110. بىز مۇھسىنلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ

111. ئىبراھىم دەرھەقىقەت بىزنىڭ مۆمىن قۇللىرىمىزدىن ئىدى.

وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِّنَ الصَّالِحِينَ

112. بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) ئىبراھىمغا ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق، ئىسھاق سالىھلار جۈملىسىدىن بولغان بىر پەيغەمبەردۇر.

وَبَارَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰ إِسْحَاقَ ۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ مُبِينٌ

113. ئۇنىمۇ ۋە ئىسھاقنىمۇ مۇبارەك قىلدۇق. (يەنى ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت چۈشۈردۇق.1) ئۇ ئىككىسىنىڭ (كېيىنكى) ئەۋلادلىرى ئارىسىدا مۇھسىنلارمۇ (ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلارمۇ2) بار، ئۆزىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ (يەنى ئاللاھقا ئىسيانكارلىق قىلىپ تۈرلۈك يامان گۇناھ-جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ3) بار. [1. تفسير السعدي 2.3. زاد المسير]

وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ

114. شەكسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك1) نېمىتى ئاتا قىلدۇق. [1. زاد المسير، ابن كثير]

وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ

115. ئۇ ئىككىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ قىيىنچىلىقتىن (يەنى فىرئەۋنگە قۇل بولۇشتىن ۋە فىرئەۋنىڭ جازاسىدىن1) قۇتقازدۇق. [1.زاد المسير]

وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ

116. بىز ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق، نەتىجىدە ئۇلار غەلىبە قىلغۇچىلاردىن بولدى.

وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ

117. بىز (مۇسا ۋە ھارۇن) ئىككەيلەنگە (ھەق بىلەن باتىلنى) ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق.

وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ

118. ئىككىسىنى جىمىي باتىل ۋە خاتالىقتىن مۇستەسنا توپتوغرا يولغا (يەنى تەۋھىد بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت قىلىش يولىغا) ھىدايەت قىلدۇق.

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ

119. كېيىنكىلەر ئارىسىدا مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.

سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ

120. مۇسا بىلەن ھارۇنغا سالام بولسۇن.

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ

121. بىز مۇھسىنلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ

122. مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسى مۆمىن قۇللىرىمىزدىن ئىدى.

***

وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ

123. ئىلياسمۇ دەرھەقىقەت پەيغەمبەرلەر جۈملىسىدىن ئىدى.

إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ

124. (كۈنلەردىن بىر كۈنى) ئۇ قەۋمىگە (بىر قاتار نەسىھەتلەرنى قىلدى ۋە) «سىلەر ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟» (يەنى ئاللاھتىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا تەۋھىد ئاساسىدا ئىبادەت قىلمامسىلەر؟1) دېدى. [1. زاد المسير]

أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ

125. سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزلى بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى تاشلاپ، بەئلگە (يەنى بەئل ئىسىملىك ئايال بۇتقا1) چوقۇنامسىلەر؟ [1. زاد المسير، تفسير ابن كثير]

اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ

126. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر.

فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ

127. ھالبۇكى، قەۋمى ئىلياسنى يالغانغا چىقاردى. (ئىش ئىنكار قىلىش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ.) ئۇلار ئەلۋەتتە (ئاللاھقا ھېساب بېرىش ئۈچۈن) مەشھەرگاھ مەيدانىغا ھازىر قىلىنىدۇ.1 (ۋە ئاقىۋەتتە دوزاخقا تاشلىنىدۇ.) [1. تفسير الميسر]

إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ

128. ئىخلاسمەن قۇللىرىمىز بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ

129. بىز كېيىنكىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىلياسنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.

سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ

130. ئىلياسقا سالام بولسۇن.

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ

131. بىز مۇھسىنلارنى مانا مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ

132. ئىلياس مۆمىن قۇللىرىمىزدىن ئىدى.

إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ

133. ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىلياسنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى قۇتقۇزدۇق.

***

وَإِنَّ لُوطًا لَّمِنَ الْمُرْسَلِينَ

134. شەكسىزكى، لۇت پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.

إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ

135. ئۆز ۋاقتىدا بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى (قەۋمىدىن ۋە قەۋمىگە كەلگەن جازادىن) قۇتقازدۇق.

إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ

135. ئەمما، ئۇنىڭ (كاپىر قەۋمى بىلەن) قېلىپ قالغان ياشانغان ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (بۇ ئايال لۇتنىڭ دىنىغا كىرمىگەن ئىدى.1) [1.تفسير السعدي، تفسير الميسر]

ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ

136. (لۇتنى ۋە مۆمىنلەرنى شەھەردىن چىقىرىۋەتكىنىمىزدىن) كېيىن، باشقىلىرىنى (يەنى قېلىپ قالغان كاپىر قەۋمىنى) ھالاك قىلدۇق.

وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِم مُّصْبِحِينَ

137. (ئى مەككە خەلقى!) سىلەر (يولۇچىلىق ئەسناسىدا) ئەتىگەن (ياكى) ئاخشاملىرى، (ھالاك قىلىنغان) لۇت قەۋمىنىڭ دىيارىدىن ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. [1. تفسير الميسر]

وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

138. شۇنداقلا كېچىلىرىمۇ (ئۇلارنىڭ دىيارىدىن) ئۆتىسىلەر. شۇندىمۇ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (يەنى لۇت قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن جازا بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كەلمىسۇن دەپ ئەقىل يۈرگۈزۈپ، پەيغەمبىرىمىز دەۋەت قىلغان ھەق دىنغا كىرمەمسىلەر!)

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ

139. شۈبھىسىزكى، يۇنۇسمۇ پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.

إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ

140. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ، (يولۇچىلار بىلەن) تولغان كېمىگە چىققان ئىدى.

* يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئىمانغا كەلمىگىدىن ئاچچىقلىنىپ، يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە كېمە سەپىرى قىلغان ئىدى.

فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ

141. (كېمە خەتەرلىك دولقۇنلاردا قالغاندا، كېمىدىكى يولۇچىلار كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىىدن ئەنسىرەپ، كېمىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كېمىدىكىلەر ئارىسىدىكى چەك چىققان كىشىنى سۇغا ئېتىشقا كېلىشىپ1) چەك تاشلىدى. يۇنۇس چەكتە ئۇتتۇرىۋەتتى. [1.تفسير ابن كثير، تفسير السعدي]

فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ

142. ئاقىۋەتتە (يۇنۇس دېڭىزغا تاشلاندى) يۇنۇسنى كىت يۇتۇۋەتتى، يۇنۇس ئەيىپلىنىدىغان بىر گۇناھ ئىش قىلغان (يەنى قەۋمىنىڭ ئىمانغا كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئاچچىقلىنىپ، قەۋمىنى تاشلاپ كېتىپ قالغان ئىدى.1) [1.زادل المسير]

فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ

143. ئەگەر ئۇ (ئۆزىنى بېلىق يۇتۇۋېتىشتىن ئاۋۋال1) تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىغان بولسا (يەنى كەڭچىلىك زامانلاردا كۆپ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىغان بولسا2)، [1.2. زاد المسير، تفسير ابن كثير]

لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ

144. تاكى قىيامەتكە قەدەر كىتنىڭ قارنىدا قالغان (يەنى كىتنىڭ قارنى قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ قەبرىسى بولغان1) بولاتتى. [1.زاد المسير]

  • *يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كېمىدىكى ھەممەيلەن بىلەتتى. كېمىدىكىلەر چەك چىققان كىشىنىڭ دېڭىزغا تاشلىنىشىغا كېلىشلىپ، چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى. كىشىلەر يۇنۇستەك سالىھ پەيغەمبەرنى دېڭىزغا تاشلاشقا رايى بارماي، چەكنى تەكرار ئۈچ قېتىم تاشلىغان بولسىمۇ، چەك يەنىلا يۇنۇسقا چىقتى. كىشىلەر يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىغىلى ئۇنىمىدى. ئاقىۋەتتە، يۇنۇس ئۆزى كىيىملىرىنى سېلىپ دېڭىزغا ئۆزىنى ئاتتى. ئاللاھ كىتقا يۇنۇسنى يۇتۇشنى، ئەمما يۇنىسنىڭ بەدىنىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەسلىكنى بۇيرۇغان ئىدى. كىت سۇغا سەكرىگەن يۇنۇسنى دەررۇ يۇتۇۋەتتى ۋە شۇ ھالەتتە يۇنۇسنى قارنىغا ئېلىپ دېڭىزلارنى كەزدى. يۇنۇس كىت ئۆزىنى يۇتقان چاغدا ئەمدى مەن ئۆلدۈم دەپ ئويلىدى. ئەمما، كىتنىڭ قارنىدا بەدەن ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۆلمىگىنىنى ئۇقتى ۋە دەرھال كىتنىڭ قارنىدا نامازغا تۇردى. ئۇ نامىزىدا ئوقۇغان دۇئالار ئارىسىدا مۇنۇ دۇئالارمۇ بار ئىدى:«ئى رەببىم! مەن ھېچبىر ئىنسان يېتىپ كېلەلمەيدىغان يەردە سەن ئۈچۈن بىر نامازگاھتا ھازىر بولدۇم.»

بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىر قەتادە مۇنداق دېگەن: ئەسلىدە كىتنىڭ قارنى قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ قەبرىسى بولاتتى. لېكىن، ئۇ زېمىدىكى چېغىدا كۆپ ناماز ئوقۇيدىغان ۋە كۆپ دۇئا قىلىدىغان زات بولغاچقا، ئاللاھ ئۇنى مۇشۇ ناماز ۋە دۇئالىرىنىڭ سايىسىدە كىتنىڭ قارنىدىن قۇتۇلدۇردى. (زاد المسير)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«راھەتلىك پەيتىدە ئاللاھنى (كۆپ) ئەسلىگىنكى، ساڭا قىيىنچىلىق كەلگەندە ئاللاھمۇ سېنى ئەسلىسۇن.»

يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتنىڭ قارنىدا قانچە كۈن قالغانلىقىنى توغرۇلۇق بەش خىل كۆز قاراش بولۇپ، (1) قىرىق كۈن (بۇ ئەنەس ئىبنى مالىك ۋە  سەئىد ئىبنى جۇبەير قاتارلىقلارنىڭ سۆزى) (2) يەتتە كۈن (3) ئۈچ كۈن (4) يىگىرمە كۈن (5) كۈننىڭ مەلۇم مۇددىتى. كىت ئۇنى چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا يۇتتى، قۇياش پېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئوچۇق ۋادىغا ئاتتى. (زاد المسير)

فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ

145. (ئاللاھ تائالا كىتقا «ئۇنى قىرغاققا ئات» دەپ بۇيرۇدى1) ئاقىۋەتتە، يۇنۇسنى كېسەل ھالىتىدە قاقاس ساھىلغا چىقاردۇق. [1. زاد المسير]

«يۇنۇسنى كېسەل ھالىتىدە» — يەنى ئۇنىڭ تېرىسىمۇ، تىرناقلىرىمۇ قالمىغان ئىدى. (زاد المسير)

وَأَنبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِّن يَقْطِينٍ

146. ئۇنىڭ ئۈچۈن كاۋا ئۆستۈرۈپ بەردۇق.

  • * كاۋا تېز چوڭىيىدۇ. كاۋىنىڭ يۇپۇرماقلىرى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا سايىدىغىلى بولىدۇ، كاۋا يۇمشاق (ئاسان يېگىلى بولىدۇ)، كاۋا ئۆسكەن يەرگەن چىۋىن، پاشىلار كەلمەيدۇ، كاۋىنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىۋى ئىنتايىن يۇقىرى. كاۋىنى خام يېگىلىمۇ، ھەم شاپىقى بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ يېگىلىمۇ بولىدۇ. «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كاۋىنى ياخشى كۆرەتتى، لېگەندىكى كاۋا پارچىلىرىنى تاللاپ ئېلىپ يېگەن ئىدى.» (بۇخارى 5435) — ئىبنى كەسىر تەپسىرى

بەزى تەپسىرشۇناسلارنىڭ بايانىچە، (كاۋىدىن سىرت) ئاللاھ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تاغ ئۆچكىلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆچكىلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلەتتى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈتىنى سېغىپ ئىچەتتى. تاكى ساقايغانغا قەدەر مۇشۇنداق قىلغان ئىدى. (زاد المسير)

وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ

147. (يۇنۇس كىتنىڭ قارنىدىن چىقىپ، ساقايدىغاندىن كېين1) بىز يۇنۇسنى يۈز مىڭ كىشىگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىگە (يەنى ئۆزى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن قەۋمگە قايتىپ، قايتىدىن دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن2) ئەۋەتكەن ئىدۇق. [1. تفسير ابن كثير 2. زاد المسير]

فَآمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ

148. ئۇلار ئىمان ئېيتتى، بىز ئۇلارنى بىر مۇددەتكە قەدەر (يەنى ئەجىلى كەلگەنگە قەدەر1) دۇنيا نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. [1.تفسير الميسر]

***

فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ

149. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن (يەنى قىز پەرزەنتلەرنى خالىمايدىغان، ھەتتا تىرىك كۆمىۋېتىدىغان، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر دەپ بىلجىرلايدىغان قەۋمىڭدىن1) سورىغىنكى: (ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان2) ئوغۇل پەرزەنت ئۇلارنىڭ بولىدۇ، (ئۆزلىرى خالىمايدىغان قىز پەرزەنت3) رەببىڭنىڭ بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟ [1. زاد المسير 2.3. تفسير الميسر]

أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ

150. ياكى بىز (ئۇلار بىلجىرلىغاندەك) پەرىشتىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئايال جىنس قىلىپ يارىتىپتىكەنمىزمۇ؟

أَلَا إِنَّهُم مِّنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ

151. ياخشى بىلگىنكى، ئۇلار يالغاندىنلا شۇنداق دېيىشىدۇ،

وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ

152. «ئاللاھ بالا تۇغدى» (دېيىشىدۇ.) شەك-شۈبھسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر.

أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ

153. ئاللاھ ئوغۇللارنى قويۇپ، قىزلارنى تاللىۋالامدۇ؟ (ئەسلا ئۇنداق ئەمەس.)

مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ

154. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟

أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

155. (ئاللاھنىڭ بالىسى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاللاھقا ئەسلا ياراشمايدىغانلىقىنى1) ھېچ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ [1.تفسير الميسر]

أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُّبِينٌ

156. ياكى سىلەرنىڭ (ئاللاھ ھەققىدە ئېيتقان بۇ يىرگىنىشلىك تۆھمىتىڭلارغا) ئوچۇق دەلىلىڭلار بارمۇ؟

فَأْتُوا بِكِتَابِكُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ

157. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭلار (مۇشۇنداق دەلىللەر مەۋجۇت بولغان) كىتابىڭلار بولسا كەلتۈرۈڭلار؟
وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ

158. ئۇلار ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا بىر نەسەب ئويدۇرۇۋېلىشتى. قەسەمكى، جىنلار ئۇ مۇشرىكلارنىڭ قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

* مۇشرىكلار «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزىرتى ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئانىسى كىم؟ دەپ سورىۋىدى، مۇشرىكلار «جىنلارنىڭ بۈيۈكلىرىنىڭ قىزلىرى» دەپ بىلجىرلاشتى. (تفسير ابن كثير)

سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

159. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن (يەنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە چاپلىغان تۆھمەتلىرىدىن) پاكتۇر.

إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ

160. پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن قۇللىرىلا (جەھەننەمگە تاشلانمايدۇ.)

فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ

161. (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكەن ئى مۇشرىكلار!1) سىلەر ۋە سىلەرنىڭ (ئاللاھنى قويۇپ) ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلار [1.تفسىير الميسر]

مَا أَنتُمْ عَلَيْهِ بِفَاتِنِينَ

162. ئاللاھقا قارشى ھېچكىمنى پىتنىگە (شىرككە) چۈشۈرەلمەيسىلەر.

إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ الْجَحِيمِ

163. (سىلەر) پەقەت دوزاخقا كىرىدىغانلارنىلا (شىرككە چۈشۈرەلەيسىلەر).

وَمَا مِنَّا إِلَّا لَهُ مَقَامٌ مَّعْلُومٌ

164. (سىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ بىلجىرلاۋاتقان پەرىشتىلەر شۇنداق دېيىشىدۇ:) ھەر بىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا مۇئەييەن ماقامى (ۋە ۋەزىپىسى) بار.

وَإِنَّا لَنَحْنُ الصَّافُّونَ

165. شەكسىزكى، بىز ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت ئۈچۈن سەپ تۈزگەن ھالەتتىمىز.

وَإِنَّا لَنَحْنُ الْمُسَبِّحُونَ

166. بىز تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز. (يەنى ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى، ئۇنى ئۇلۇغلاپ، پاك دەپ تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز1) [1. ابن كثير]

وَإِن كَانُوا لَيَقُولُونَ

167. ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى سېنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشىڭدىن ئىلگىرى1) راستتىنلا مۇنداق دېيىشەتتى: [1.تفسير الميسر]

لَوْ أَنَّ عِندَنَا ذِكْرًا مِّنَ الْأَوَّلِينَ

168. ئەگەر بىزدە ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر زىكىر (يەنى ئىلاھىي كىتاب) بولسا ئىدى

لَكُنَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ

169. بىز چوقۇملا ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن قۇللىرىدىن بولاتتۇق.

فَكَفَرُوا بِهِ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

170. (ھالبۇكى ئۇلارغا ئۆزلىرى ئۈمىد قىلىشقان زىكىر يەنى قۇرئان) كەلگىنىدە، ئۇلار قۇرئاننى (ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلىپ كاپىر بولۇشتى. ئۇلار (زىكرىمىزنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، دۈشمەنلەشكەنلىكنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى) پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.

وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ

171. شۈبىھسىزكى، بىز پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىمىزگە شۇنداق ۋەدە بەردۇق:

إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنصُورُونَ

172. ئۇلار ئەلۋەتتە ياردەمگە ئېرىشىدۇ.

وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ

173. بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غالىپ كېلىدۇ.

فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ

174. (بۇ ۋەجىدىن، ئى پەيغەمبەر، مېنىڭ بۇ ھۆكۈمىم ئىشقا ئاشقانغا قەدەر،) بىر مەزگىلگە قەدەر ئۇلاردىن (يەنى ھەقنى قوبۇل قىلمايدىغان مۇشرىكلاردىن) يۈز ئۆرىگىن.

* راستتىنلا شۇنداق بولدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلەر، يەنى ئىسلام قوشۇنى كۇفۇر قوشۇنى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى، مەككە ۋە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ھاكىمىيىتى تىكلەندى. ساھابىلەر دەۋرىدىلا، ئىسلام قوشۇنى ئەرەپلەرنى ۋە ئەجەملەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارغا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزدى.

وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ

175. (جازايىمىز كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھالىنى) كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ.

أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ

176. ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى ئۆزلىرىگە) جازايىمىزنىڭ چاپسان كېلىشىگە ئالدىراۋاتامدۇ؟

فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنذَرِينَ

177. ئاللاھنىڭ جازاسى ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا چۈشكەندە، (ئاللاھنىڭ جازاسى بىلەن) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى بەكمۇ يامان ھالدا بولىدۇ.

وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ

178. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلاردىن مەلۇم مۇددەتكىچە يۈز ئۆرىگىن.

وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ

179. (جازايىمىز كەلگەندە) ئۇلارنىڭ ھالىنى كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ.

سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ

180. ئەسلا يېڭىلمەيدىغان، چەكسىز كۈچ-قۇدرەت ساھىبى رەببىڭ مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلەشلىرىدىن پاكتۇر.

وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ

181. پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن.

وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

182. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ