سۈرە قافنىڭ چۈشىنىشلىك تەرجىمە تەپسىرى
مەككىدە نازىل بولغان، 45 ئايەت
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
ق ۚ وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ
1. قاف. شەرەپلىك1 قۇرئان بىلەن قەسەمكى
بۇ سۈرىدىكى «قاف» ۋە سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان مۇشۇ شەكىلدىكى باشقا ھەرپلەر (مەسىلەن، ياسىن، ئەلىف لام مىم، تاھا…ۋەھاكازا) «مۇقەتتەئا ھەرپلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ھەرپلەر توغرىسىدا تۇتۇلىدىغان ئەڭ ساغلام يول — بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە شەرئىي دەلىلگە تايانماي تۇرۇپ سۆز قىلماسلىقتۇر. شۇنداقلا، ئاللاھ بۇ ئايەتلەرنى بىكاردىن بىكارغا ئەمەس، بىز بىلمەيدىغان بىر ھېكمەت سەۋەبلىك نازىل قىلغانلىقىنى كەسكىن رەۋىشتە قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.2
بَلْ عَجِبُوا أَن جَاءَهُم مُّنذِرٌ مِّنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ
2. (شەرەپلىك قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشنىڭ) ئەكسىچە، قۇرەيش كاپىرلىرى ئۆزلىرىگە (پەرىشتىلەردىن ئەمەس، ئۆز جىنسىدىن بولغان1) بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد <سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم> پەيغەمبەر قىلىنىپ) كەلگەنلىكىدىن ھەيرەتتە قېلىشتى. قۇرەيش كاپىرلىرى «بۇ (يەنى بىر ئىنساننىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى2) ئەجەپلىنەرلىك ئىشتۇر» دېيىشتى.
أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا ۖ ذَٰلِكَ رَجْعٌ بَعِيدٌ
3. (قۇرەيش كاپىرلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەق دەۋىتىنى ئىنكار قىلىپ) «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكىنىمىزدىن كېيىن (قايتا تىرىلدۈرىلىمىزمۇ؟ ئۆلۈپ، سۆڭەكلىرىمىز توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا1) قايتىش (مۇمكىنچىلىكتىن2) يىراقتۇر» دېيىشتى.
قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنقُصُ الْأَرْضُ مِنْهُمْ ۖ وَعِندَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ
4. بىز (ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىننىڭ ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى (چىرىتىش ئارقىلىق1) كېمەيتىۋاتقانلىقىنى شەكسىز بىلىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەممە نەرسە خاتىرلەنگەن (يەنى ئۇلارنىڭ سانى، ئىسىملىرى، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن نېمىلەرنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكى … پۈتۈلگەن، «لەۋھۇل مەھفۇز» دەپ ئاتالغان، يۈز بېرىدىغان جىمىي ئىشلار يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە خاتىرلەنگەن2) كىتاب باردۇر.
بَلْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ فَهُمْ فِي أَمْرٍ مَّرِيجٍ
5. ھەقىقەتتە، ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقنى (يەنى قۇرئاننى1) ئىنكار قىلدى. ئۇلار (ئۆزلىرى ئىنكار قىلىۋاتقان قۇرئان ھەققىدىكى ئەيىپلەش، بوھتانلىرى ۋە قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن ھەق پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەققىدىكى ئەيىبلەش، بوھتانلىرى چەك باسمايدىغان، بىر-بىرىگە زىت بوھتانلار بولۇپ2، ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە رەسۇلۇللاھ ھەققىدىكى بوھتانلىرى) زىتلىق (ۋە چۇۋالچاقلىق) ئىچىدىدۇر. (ئۇلارنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى بىر-بىرىگە زىت بوھتانلىرى شۇكى، ئۇلار قۇرئاننى بىردەم «سېھىر» دېسە، بىردەم «ئويدۇرما» دەپ، بىردەم «شېئىر» دەپ ئەيىپلىشىپ،قۇرئانغا بۆھتان چاپلاشتا زىتلىق ئىچىدە بولغان. ئۇلارنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەققىدىكى بوھتانلىرى شۇكى، ئۇلار ئۇنى بەزىدە سېھرىگەر، بەزىدە شائىر، بەزىدە ئەقىلسىز ساراڭ دەپ ئاتاپ، رەسۇلۇللاھنى سۈپەتلەشتە زىتلىق ئىچىدە بولغان.3)
أَفَلَمْ يَنظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٍ
6. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاسمانغا قارىمامدۇ! بىز ئاسماننى قانداق بىنا قىپتۇق ۋە (يۇلتۇزلار ئارقىلىق1) قانداق زىننەتلەپتۇق؟ ئاسماننىڭ يېرىقلىرى يوقتۇر. (كاپىرلار بىلسۇنكى، چەكسىز ئاسمانلارنى ۋە ئۇنىڭدىكى جىسىملارنى ياراتقان ئاللاھقا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش بەكمۇ ئاسان.1)
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
7. بىز زېمىننى يېيىپ (ياشاشقا ئۇيغۇن قىلدۇق1)، ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تاغلارنى بەرپا قىلدۇق. زېمىندا گۈزەل كۆرۈنۈشكە ئىگە تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈردۇق.
تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُّنِيبٍ
8. (تائەت-ئىبادەت يولىنى تۇتۇش ئارقىلىق1) ئاللاھقا قايتقان ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلىدىغان بارچە بەندىلىرىمىزگە (كۈچ-قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش2) ئۈچۈن (ۋە قۇدرىتىمىزنى خاتىرلىتىپ تۇرىدىغان) ئەسلەتمە بولۇشى ئۈچۈن (ئەنە شۇلارنى ياراتتۇق3.)
وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُّبَارَكًا فَأَنبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ
9. بىز ئاسماندىن مۇبارەك سۇ (يەنى يامغۇر1) ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن (زېمىندا) باغۇ-بوستانلارنى ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.
وَالنَّخْلَ بَاسِقَاتٍ لَّهَا طَلْعٌ نَّضِيدٌ
10. ۋە سانجاق-سانجاق خورمىلارنى چىقىرىدىغان ئېگىز خورما دەرەخلىرىنى (ئۆستۈردۇق.)
رِّزْقًا لِّلْعِبَادِ ۖ وَأَحْيَيْنَا بِهِ بَلْدَةً مَّيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ الْخُرُوجُ
11. (يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسىنى) بەندىلەرگە رىزق قىلىپ (ئۆستۈردۇق.) ئۇنىڭ بىلەن (يەنى بىز ئاسماندىن ياغدۇرغان يامغۇر بىلەن) ئۆلگەن زېمىنلەرنى تىرىلدۈرىمىز. (ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. (يەنى ئاللاھ قايتا تىرىلدۈرگەن ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن چىقىشى — زىرائەت، گۈل-گىياھ بىخلىرىنىڭ زېمىن ئاستىدىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىشىغا ئوخشاشتۇر.)
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ
12. قۇرەيش كاپىرلىرىدىن ئىلگىرى ياشىغان نۇھ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى.
وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَانُ لُوطٍ
13. ئاد قەۋمى، فىرئەۋن، لۇت قەۋمى (قاتارلىقلارمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى.)
وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
14. (يۇقىرىلارنىڭ قاتارىدا) ئەيكە ئاھالىسى ۋە تۇببە قەۋمىنىمۇ (ھالاك قىلدىم.) بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى، نەتىجىدە (پەيغەمبەرلىرىم ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغانلارنى جازالايمەن دېگەن) تەھدىتىم ھەق بولدى. (بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق جازالاپ ھالاك قىلدىم.)
أَفَعَيِينَا بِالْخَلْقِ الْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِي لَبْسٍ مِّنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
15. بىز دەسلەپكى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ياق. كاپىرلار (ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ1) يېڭىدىن يارىتىلىشنىڭ ھەقلىقىدىن شۈبىھتىدۇر.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
16. ئىنساننى شەكسىزكى بىز ياراتتۇق، نەپسىنىڭ ئىنساننى قانداق ۋەسۋەسىلەرگە سېلىۋاتقانلىقىنى (يەنى ئىنساننىڭ ئىچىدە ئويلاۋاتقان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى1) بىز بىلىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز2 ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن.
إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
17. بىرى ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئىنساننىڭ سول تەرىپىدە (ھېچبىر زامان ئىنساندىن ئايرىلماي) ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان1 (ۋە قىلغان ھەر بىر ئىشىنى، ئېيتقان ھەر بىر سۆزىنى خاتىرلەپ تۇرىدىغان2) ئىككى پەرىشتە بار.
مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
18. ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسا، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان، ئىنساندىن ئەسلا ئايرىلمايدىغان2 (بۇ ئىككى) پەرىشتە ھازىر ھالەتتە (ئېيتقانلىرىدىن بىر ھەرپنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي خاتىرىلەپ1) تۇرىدۇ.
ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىللەرنى كەلتۈرگەن:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى، بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىر ئالىم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە — ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇنىڭ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەرىشتە ئىنساننىڭ مەيلى ياخشىلىق تۈرىدىن، مەيلى يامانلىق تۈرىدىن سۆزلىگەن ھەر قانداق سۆزىنى يازىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ «يېدىم، ئىچتىم، كەلدىم، كەتتىم، كۆردۈم…» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. ئاقىۋەتتە، ھەر پەيشەنبە كۈنى پەرشىتىلەر ئىنساننىڭ ئەمەل دەپتىرىدىكى سۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ياخشىلىق تۈرىدىكى ۋە يامانلىق تۈرىدىكى سۆزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، باشقا (مۇباھ) سۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەمەل دەپتىرىدىن ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنۇ سۆزىدە مۇشۇ ئىشنى بايان قىلغان: «ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئانا كىتاب ئۇنىڭ يېنىدىدۇر.» (سۈرە رەئد 39-ئايەت)
نەقىل قىلىنىشىچە، ئىمام ئەھمەد كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىدا ئىڭرىغان ئىدى. بۈيۈك تابىئىن مۇپەسسىرلەردىن تاۋۇس رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەرىشتىلەر ئىنساننىڭ ئىڭرىغىنىنىمۇ خاتىرىلەپ ماڭىدۇ» دېگەن سۆزى ئىمام ئەھمەد يەتكۈزۈلىۋىدى، شۇ ھامان ئىڭراشتىن توختاپ، قايتا ئىڭراپمۇ سالمىدى. [تەپسىر ئىبنى كەسىردىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى.]
ئائىشە ئانىمىز ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئى ئائىشە! («ھېچنېمە بولمايدىغۇ» دەپ) كىچىك كۆرىلىدىغان ئىشلاردا دىققەتلىك بولۇڭ. چۈنكى، ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن (ۋەزىپىگە قويۇلغان پۈتۈكچى) پەرىشتە باردۇر.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 35487؛ ئىبنى ماجە 4243؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5568؛ مۇسنەد ئەھمەد 6\70)
ئىمام ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە مۇنۇ نەقىلنى كەلتۈرگەن:
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ «ئىساننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە كۆزىتىپ خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى پەرىشتە بار» ئايىتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېگەن:
ئەي ئادەم بالىسى! سېنىڭ ئالدىڭدا بىر سەھىپە (يەنى ئەمەل دەپتىرىڭ) ئېچىغلىقتۇر. سەن ئۈچۈن ئىككى شەرەپلىك پەرىشتە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. پەرىشتىلەرنىڭ بىرى ئوڭ تەرىپىڭدە، يەنە بىرى سول تەرىپىڭدىدۇر. ئوڭ تەرىپىڭدىكى پەرىشتە ياخشىلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ، سول تەرىپىڭدىكى پەرىشتە يامانلىقلىرىڭنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر، ئۇنداقتا خالىغىنىڭنى قىل، خالىساڭ ئاز، خالىساڭ كۆپ ئەمەل قىل. ئاقىۋەتتە ئۆلگىنىڭدە، ئەمەل دەپتىرىڭ قاتلىنىپ، (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) بوينىڭغا يۆگىلىدۇ ۋە سەن بىلەن بىللە قەبرىگە قويۇلىدۇ. (ئەمەل دەپتىرىڭ) قىيامەت كۈنى قەبرىڭدىن چىققانغا قەدەر سەن بىلەن قەبرەڭدە قالىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: «ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئاسىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قارشىسىدا ئېچىلغان ھالەتتە كىتابىنى قويىمىز. كىتابىڭنى ئوقۇ! بۈگۈن، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكسەن.» (سۈرە ئىسرا، 13-،14-ئايەت) [تەپسىر ئىبنى كەسىر، يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرى]
وَجَاءَتْ سَكْرَةُ الْمَوْتِ بِالْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنْهُ تَحِيدُ
19. (ئەجىلىڭ توشقاندا كۆرىسەنكى) ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەت سۈپىتىدە كېلىدۇ. (سەن ئىنكار قىلغان، يالغانغا چىقارغان، شۈبھەلەنگەن ھەقىقەتلەر ئۆلۈم پەيتىڭدە ساڭا ھەقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.1) مانا بۇ (يەنى ئۆلۈم2) سەن قېچىپ يۈرگەن ئىش ئىدى. (ئەمما، ساڭا ئۆلۈم كەلگەندە سەن ئۆلۈمدىن قاچالمايسەن، ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايسەن.3)
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ
20. (سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە قىيامەتنىڭ ۋاقتى كەلگەنندە1) سۈرنى (ئىككىنچى قېتىم2) پۈۋلەيدۇ. ئەنە شۇ كۈن (كاپىرلارغا ۋە ئاسىيلارغا قىلىنغان) تەھدىت (ئىشقا ئېشىپ3، ئۇلار قاتتىق جازالىنىدىغان) كۈندۇر.
وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ
21. (قىيامەت كۈنى) ھەر كىشى (ئۇنى مەشھەرگاھ مەيدانىغا ھەيدەيدىغان1) بىر ھەيدىگۈچى (پەرىشتە بىلەن2) ۋە بىر گۇۋاھچى بىلەن (يەنى، دۇنيادا قىلغان ياخشى يامان قىلمىشلىرى بىلەن3) بىرلىكتە كېلىدۇ.
لَّقَدْ كُنتَ فِي غَفْلَةٍ مِّنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ
22. «(ئەي ئىنسان1 ئارزۇ-ئىستەكلىرىڭنىڭ سېنى ئالدىشى سەۋەبلىك، دۇنيادىكى چېغىڭدا2) سەن بۇنىڭدىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى جازادىن3) غەپلەتتە ئىدىڭ. مانا ئەمدى (سېنىڭ قەلبىڭنى، قۇلىقىڭنى ۋە كۆزۈڭنى توسۇۋېلىپ، سېنى ھەقتىن غاپىل قويغان4) پەردەڭنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ (دۇنيادىكى چاغدا ئۆزۈڭ غەپلەتتە قالغان ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتە بەكمۇ5) ئۆتكۈردۇر» (دېيىلىدۇ.)
وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
23. ئۇنىڭ ھەمراھى (يەنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەشھەرگاھ مەيدانىغا كەلگەن پەرىشتە1) «مانا بۇ (يەنى ئۇنىڭ دۇنيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى خاتىرىلەنگەن ئەمەل دەپتىرى2) مېنىڭ يېنىمدا ھازىردۇر» دەيدۇ.
أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ
24. (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە شۇنداق بۇيرۇق قىلىدۇ:) «بارچە تەرسا كاپىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار!»
مَّنَّاعٍ لِّلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُّرِيبٍ
25. (ئاللاھنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئورۇندىماستىن1) «ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچىنى، (ئاللاھ بېكىتكەن ھاراملارنى كۆپ قىلغان2، سۆز-ھەرىكىتىدە ئىسلام شەرىئىتىگە زىت يول تۇتقان3، ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن ھەر-بىر4) زالىمنى، (ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىدىن5) شۈبھىلەنگۈچىنى (دوزاخ ئوتىغا تاشلاڭلار!)»
الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ
26. «ئۇ ئاللاھقا قوشۇپ باشقا (نەرسىلەرنى) ئىلاھ قىلىۋالغاندۇر. ئۇنى شىددەتلىك جازاغا (يەنى دوزاخقا1) تاشلاڭلار.»
قَالَ قَرِينُهُ رَبَّنَا مَا أَطْغَيْتُهُ وَلَٰكِن كَانَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
27. (دوزاخقا تاشلىنىلغان ئىنسان ئۆزى خالاپ ئازمىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈچۈن تەيىنلەنگەن شەيتاننىڭ ئۆزىنى ئازدۇرغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ1، ئاقىۋەتتە) ئۇنىڭ شەيتىنى: «ئى رەببىم! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، ھالبۇكى ئۇ ئۆزى (دۇنيادىكى چېغىدا) چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا ئىدى. (يەنى ھىدايەتتىن ئۇزاقتا ئىدى.2 مەندە ئۇنى ئازدۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلغۇزىدىغان كۈچ-قۇۋۋەت يوق ئىدى3)» دەيدۇ.
قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُم بِالْوَعِيدِ
28. (دوزاخقا ھۆكۈم قىلىنغان ئىنسان بىلەن شۇلارنى دېيىشىپ مۇنازىرىلىشىدۇ.1 شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «مېنىڭ ھوزۇرۇمدا مۇنازىرە قىلىشماڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرگە ئالدىنئالا تەھدىدىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم.» (يەنى، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، مېنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى، ماڭا ئىسيانكارلىق قىلغانلارنى ئاخىرەتتە دەھشەتلىك جازالايدىغانلىقىمنى سىلەرگە خەۋەر قىلغان ئىدىم.2)
مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ
29. مېنىڭ يېنىمدا (مۇتتەقىيلەرنى مۇكاپاتلايمەن، ئاسىيلارنى جازالايمەن1 دېگەن) سۆز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن. (يەنى ئاللاھ يامانلىق قىلغۇچىغا شۇ قىلغان يامانلىقىغا باراۋەر كېلىدىغان جازادىن ئارتۇق جازا بېرىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر. شۇنداقلا، ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى كەم ھېساپلاپ، قىلغان ياخشىلىقىغا نىسبەتەن ئاز مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغۇچىمۇ ئەمەستۇر.2)
يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ امْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِن مَّزِيدٍ
30. بىز قىيامەت كۈنى (جەھەننەمگە سۆزلەش ئىقتىدارى بېرىمىز. شۇنچە كۆپ ئىسيانكارلار ۋە كاپىرلار تاشلانغىنىغا قارىماي ئۆزىگە ئاسىي بەدبەختلەرنىڭ تاشلىنىشىنى توختىماي تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان1) جەھەننەمگە (جەھەننەمنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، ساڭا تاشلانغان كاپىرلار ۋە ئىسيانكارلار بىلەن2) «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز. جەھەننەم (كاپىرلار ۋە ئىسيانكارلارغا بولغان چەكسىز غەزىپى سەۋەپلىك3 يەنىمۇ كۆپ ئاسىي ۋە كاپىرلارنى تەلەپ قىلىپ4) «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ.
وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ
31. (قىيامەت كۈنى1) جەننەت (مەشھەرگاھ مەيدانىدىكى2) تەقۋادارلارغا (ئۇنىڭ ئىچىدىكى نازۇ نېمەتلەرنى كۆرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئەرشنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كەلتۈرۈلۈپ3) يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ، جەننەت تەقۋادارلاردىن ئۇزاق بولمايدۇ.
تەقۋادارلار — ئاللاھ ۋە رەسۇلى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ئىبادەتلەرنى ۋە مەجۇرىيەتلەرنى ئىخسلامەنلىك ۋە رازىمەنلىك بىلەن ئورۇنداشتا چىڭ تۇرغان؛ ئاللاھ ھارام قىلغان بارچە گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىپ ياشىغان؛ بارچە بىدئەتلەرنى تەرك ئەتكەن؛ ئاللاھنى رازى قىلىشنى كۆزلەپ ياشىغان، ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشىغان؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ ياشىغان مۆمىنلەردۇر.4
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
32. (تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىش يۈزىسىدىن) «مانا بۇ (جىمىي گۇناھلاردىن ۋاز كېچىپ، تەۋبە قىلىپ ھەقكە ئەگەشكەن1) بارچە ئاللاھقا قايتقۇچىلارغا، (ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە2) رىئايە قىلغۇچىلارغا ۋەدە قىلىنغان جايدۇر (مانا بۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېمەت دىيارى بولغان جەننەتتۇر.)» دېيىلىدۇ.
مَّنْ خَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ وَجَاءَ بِقَلْبٍ مُّنِيبٍ
33. «ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمەيدىغان مەخپىي جايلاردا1 ئاللاھتىن قورققان ۋە (ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارغا يۆنەلگەن2) ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرگە» (ۋەدە قىلىنغان جەننەت مانا بۇدۇر.)
[ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆرمىگەن يەردە ئاللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ھېچكىم يوق يەردىمۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلشنىڭ جازىسىدىن قورقۇپ ئاسىيلىقنى تەرك ئېتىش — ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇشتۇر. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى: تفسير السعدي)]
ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُلُودِ
34. (پەرىشتىلەر1 تەقۋادارلارغا2) «جەننەتكە (كۆڭۈلگە ياقمايدىغان بارچە ئىشلاردىن ۋە ھالەتلەردىن ئەمىن بولغان2، ھەر قانداق غەم-قايغۇدىن ئۇزاق بولغان ھالدا3) سالامەت كىرىڭلار. بۇ (جەننەتتە) مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دەيدۇ.)
لَهُم مَّا يَشَاءُونَ فِيهَا وَلَدَيْنَا مَزِيدٌ
35. جەننەتتە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ئۇلار خالىغان ھەممە نەرسە بار. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يەنە ئاللاھنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرۈش نېمىتى بار.1 (جەننەت ئەھلى ھەر جۈمە كۈنى ئاللاھنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرىدۇ.2)
* ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: جەننەت ئەھلى جەننەتتە ھەممە نەرسىنى ئاللاھتىن سورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا نېمە سورىسا شۇنى بېرىۋېرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن سورايدىغان ھېچبىر نەرسىسى قالمايدۇ. ئاقىۋەتتە، ئاللاھ ئۇلارغا ئۇلار سورىمىغان، ئۇلارنىڭ خىيالىغا كېلىپمۇ باقمىغان نېمەتلەرنى بېرىدۇ.3
***
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُم بَطْشًا فَنَقَّبُوا فِي الْبِلَادِ هَلْ مِن مَّحِيصٍ
36. بىز بۇلاردىن (يەنى رەسۇلۇللاھنى يالغانغا چىقارغان كاپىر مەككە ئاھالىسىدىن1) ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان يۇرت خەلقىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار كۈچ-قۇۋۋەت جەھەتتە بۇلاردىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى، (رىزق قولغا كەلتۈرۈش، تىجارەت قىلىپ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن2) زېمىندا (سىلەردىن بەكراق3) كېزىپ يۈرۈشەتتى. ئۇلارغا (ئۆلۈمدىن ۋە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن4) قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ؟ (<ئىي مۇشرىكلار ۋە ئاسىيلار> سىلەرمۇ ئەنە شۇلارغا ئوخشاشلا ئۆلۈمدىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قاچالمايسىلەر.5)
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَن كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
37. بۇنىڭدا (يەنى ئۆتمۈشتىكى ئاسىي قەۋملەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا1 تەپەككۇر قىلىدىغان2) قەلبى بولغان ياكى (ئايەتلىرىمىزگە غاپىل قەلىب بىلەن ئەمەس3) ھازىر قەلب بىلەن (يەنى زېھنى ئاڭلاۋاتقان نەرسىگە مەركەزلەشكەن ھالدا4) قۇلاق سالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چوقۇمكى نەسىھەت4 (ۋە ئىبرەت6) بار.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِن لُّغُوبٍ
38. شەكسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق. (ئۇلارنى يارىتىشىمىزدا1) ھېرىپ-چارچاپ قالغىنىمىز يوق.
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ
39. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!1) ئۇلارنىڭ ئېتيقانلىرىغا (كاپىرلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە، يالغانلىرىغا2 ۋە سېنى ئەيىپلەشلىرىگە3) سەبر قىلغىن. كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى (بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق4) ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى (ئەسىر نامىزىنى ئوقۇش ئارقىلىق5) رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ھەمدە ئېيتقىن. (چۈنكى، ناماز ئوقۇش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش <بولۇپمۇ ئېغىرچىلىق ئىچىدىكى> مۆمىن كىشىگە تەسەللىي بېرىدۇ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ھاسىل قىلىپ، قەلبىگە ھوزۇر بېرىدۇ.6)
ھۇزەيفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھقا بىرەر ئىش ئېغىر كېلىپ، بىئارام قىلسا ناماز ئوقۇيتتى.» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان ھەدىس؛ ئىمام ئەلبانى ئىشەنچىلىك دەپ باھالىغان)
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ
40. كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا ۋە سەجدىلەردىن (يەنى پەرز نامازلاردىن1) كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيت.
***
وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِن مَّكَانٍ قَرِيبٍ
41. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!1) نىدا قىلغۇچىنىڭ (سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە ئىسراپىل2) يېقىن يەردىن (يەنى يەر يۈزىدىن3) نىدا قىلىدىغان (يەنى قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چالىدىغان) كۈندە (چېلىنىدىغان سۈرگە) قۇلاق سالغىن.
يَوْمَ يَسْمَعُونَ الصَّيْحَةَ بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ الْخُرُوجِ
42. (ئىككىنچى قېتىملىق سۈر چېلىنغان ئۇ كۈنى) خالايىق سۈرنىڭ قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازىنى ھەق رەۋىشتە ئاڭلايدۇ. مانا بۇ (ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىسىدىن1) چىقىش كۈنىدۇر. (يەنى قىيامەت كۈنىدۇر.)
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا الْمَصِيرُ
43. شەكسىزكى بىز (مەخلۇقاتقا) ھاياتلىق بېرىمىز، (جانلىقلارنى) بىز ۋاپات تاپقۇزىمىز. قايتىش (يەنى مەخلۇقاتنىڭ ھېساب بېرىپ مۇكاپات ياكى جازاسىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتىدىغان يېرى1) بىزگىدۇر.
يَوْمَ تَشَقَّقُ الْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ
44. (ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنىڭ چېلىنىشى بىلەن قىيامەت يۈز بېرىدۇ.) قىيامەت كۈنى يەر يېرىلىدۇ، ئۇلار (يەنى قەبرىدىكى ئۆلۈكلەر تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن1) تېزلىك بىلەن چىقىدۇ (ۋە مەھشەرگاھ مەيدانىغا ھەيدىلىدۇ.) ئۇلارنى بۇ شەكىلدە مەشھەرگاھ مەيدانىغا يىغىش بىز ئۈچۈن بەك ئاساندۇر.2
مەشھەرگاھ مەيدانى — بارچە جان ئىگىلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ھېساب بېرىشى ئۈچۈن توپلىنىدىغان بىپايان مەيداندۇر. (تەپسىر سەئىدى)
نَّحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَا أَنتَ عَلَيْهِم بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِالْقُرْآنِ مَن يَخَافُ وَعِيدِ
45. (ئى پەيغەمبەر!1) بىز ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا، قۇرئانغا ۋە ساڭا قىلغان تۆھمەتلىرىنى2،سېنى رەنجىتىپ، ئەزىيەت بېرىش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرىنى3) ياخشى بىلىمىز. سەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن ئۇلارنى زورلاپ ئىسلامغا كىرگۈزىدىغان4) زورلىغۇچى ئەمەسسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن مېنىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىنى قاتتىق جازالايمەن دېگەن) تەھدىتىمدىن قورققۇچىلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز-نەسىھەت قىلغىن. (چۈنكى، ئاللاھتىن ۋە ئۇنىڭ تەھدىدىدىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارغا بۈيۈك مۇكاپات بېرىدىغانلىقىدەك ۋەدىسىدىن ئۈمىد كۈتكۈچى كىشىلەرلا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەز-نەسھىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.5)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: بۇنداق يول تۇتۇش رەسۇلۇللاھقا جىھاد ئەمر قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى بۇيرۇق ئىدى. «سەن ئۇلارنى زورلىغۇچى ئەمەسسەن» ئايىتى، جىھاد ئايىتى بىلەن ئەمەلدىن قالغان.5)
نەقىل مەنبەلىرى:
1-ئايەت: 1.زاد المسير، تفسير البغوي 2. تفسير السعدي
2-ئايەت: 1.2. المختصر في تفسير
3-ئايەت: 1.2. المختصر في تفسير
4-ئايەت: 1. المختصر في تفسير 2.زاد المسير
5-ئايەت: 1. المختصر في تفسير 2.3. زاد المسير
6-ئايەت: 1.2. زاد المسير
7-ئايەت: 1. المختصر في تفسير
8-ئايەت: 1.2. زاد المسير 3. المختصر في تفسير
9-ئايەت: 1.زاد المسير
15-ئايەت: 1. تفسير البغوي، التفسير الميسر
16-ئايەت: 1.2. تفسير ابن كثير
17-ئايەت: 1. تفسير البغوي، التفسير الميسر 2. تفسير البغوي
18-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير 2. زاد المسير
19-ئايەت: 1.3. تفسير ابن كثير 2. زاد المسير
20-ئايەت: 1.2. المختصر في تفسير 3. زاد المسير
21-ئايەت: 1. تفسير البغوي 2.3. تفسير ابن كثير، زاد المسير
22-ئايەت: 1. التفسير الميسر 2.3. المختصر في تفسيرر 4. تفسير البغوي 5. المختصر في تفسير
23-ئايەت: 1. المختصر في تفسير 2. التفسير الميسر
25-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير 2. مۇختەسەر تەپسىر 3. تفسير ابن كثير 4. تفسير البغوي 5. تفسير السعدي
26-ئايەت: 1. تفسير البغوي
27-ئايەت: 1.2.3. زاد المسير
28-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير 2. المختصر في تفسير
29-ئايەت: 1. زاد المسير 2. زاد المسير
30-ئايەت: 1. تفسير البغوي، تفسير ابن كثير، زاد المسير 2.4. المختصر في تفسير 3. زاد المسير
31-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير 2.3. زاد المسير 4. تفسير السعدي، شرح رياض الصالحين
32-ئايەت: 1.تفسير ابن كثير 2.تفسير البغوي
33-ئايەت: 1.تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، تفسير السعدي 2. تفسير السعدي
34-ئايەت: 1.تفسير ابن كثير 2.تفسير السعدي 3.زاد المسير
35-ئايەت: 1. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي، التفسير الميسر. زاد المسير، تفسير السعدي 2. تفسير ابن كثير، تفسير البغوي 3. زاد المسير
36-ئايەت: 1. المختصر في تفسير 2.3. تفسير ابن كثير 4.5. تفسير ابن كثير
37-ئايەت: 1. زاد المسير، التفسير الميسر 2.3.6.التفسير الميسر 5.4. زاد المسير
38-ئايەت: 1. التفسير الميسر
39-ئايەت: 1. التفسير الميسر 3.تفسير السعدي 2.4.5. زاد المسير 6. تفسير السعدي
40-ئايەت: 1. زاد المسير
41-ئايەت: 1. التفسير الميسر 2. المختصر في تفسير 3.تفسير السعدي
42-ئايەت: 1. تفسير السعدي
43-ئايەت: 1. المختصر في تفسير
44-ئايەت: 1. تفسير السعدي 2. التفسير الميسر
45-ئايەت: 1.2. التفسير الميسر 3. تفسير السعدي 4. التفسير الميسر، المختصر في تفسير، زاد المسير 5. تفسير ابن كثير 6.زاد المسير