47-سۈرە مۇھەممەد
مەدىنىدە نازىل بولغان، 38 ئايەت
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ أَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
1. (ئاللاھنى ۋەياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ1) كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان ئىشلارغا ئىمان ئېيتىپ، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشتىن2) توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ.
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَآمَنُوا بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ
2. ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارغا، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە) ئىمان ئېيتقانلارغا (يەنى ساھابىلەرگە1 ۋە ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغانلارغا) كەلسەك — ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغانلار ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقتۇر — ئاللاھ ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياپىدۇ (يەنى كەچۈرۈپ مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ2،) ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى (يەنى دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىنى، قەلبىنى ۋە ئەمەللىرىنى3) ياخشىلاپ بېرىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا اتَّبَعُوا الْبَاطِلَ وَأَنَّ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّبَعُوا الْحَقَّ مِن رَّبِّهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ لِلنَّاسِ أَمْثَالَهُمْ
3. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، كاپىرلارنىڭ باتىلغا ئەگەشكەنلىكى، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ بولسا رەببىدىن كەلگەن ھەقكە (يەنى قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتكە) ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (يەنى، ئاللاھ قۇرئاندا كىملەرنىڭ ياخشى، كىملەرنىڭ يامان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى؛ كىمنىڭ يولىنىڭ ھەق، كىمنىڭ يولىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ.1 مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە كاپىرلارنىڭ يامانلىقلىرىنى مۇشۇنداق ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.2)
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ
4. (ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچقان1) كاپىرلارغا ئۇچراشقىنىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار (يەنى ئۆلتۈرۈڭلار2.) ئاقىۋەتتە، (ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق3) ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغىنىڭلاردىن كېيىن (قېلىپ قالغانلىرىنى) مەھكەم باغلاپ ئەسىر ئېلىڭلار. ئاندىن (كاپىر دۈشمىنىڭلارنىڭ ئەسىرلىرىنى) يا ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش يۈزىسىدىن قويىۋېتىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئىسلامغا قارشى يول تۇتىدىغان كاپىرلار قالمىغانغا، ئىسلامدىن باشقا دىن قالمىغانغا قەدەر؛ ئىسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن چۈشۈپ ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنگە قەدەر4 تۇتۇلىدىغان يول مانا بۇدۇر. ئۇرۇش بولمىغان چاغلاردا ئۆلتۈرۈشمۇ، ئەسىر ئېلىشمۇ بولمايدۇ.5) ئاللاھ خالىغان بولسا ئەلۋەتتە (ئۇلارنى خالىغان شەكىلدە ھالاك قىلىش ئارقىلىق6) ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغان بولاتتى. بىراق، ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (سىلەرگە جىھادنى ئەمر قىلدى.) ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
5. (ئاللاھ) ئۇلارنى (يەنى ھەقكە مۇستەھكەم ئەگىشىدىغان مۆمىنلەرنى) توغرا يولغا باشلايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئەڭ توغرا ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپە قىلىدۇ1)، ئەھۋالىنى ياخشىلاپ بېرىدۇ.
وَيُدْخِلُهُمُ الْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ
6. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ئۆزلىرىگە تونۇتقان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. (مۆمىنلەر ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرگەن بالا-چاقىلىرى جەننەتتىكى قەسىرلىرىنى ئېزىپ قالماستىن ئۆزلىرىگە تونۇتۇلغىنى بويىچە ئاسانلا تاپالايدۇ.1)
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
7. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبىرىگە1 (دىننىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىنى ئورۇنداش، كىشىلەرنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلىش، دىننىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش ئارقىلىق2) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھمۇ (دۈشمىنىڭلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىڭلار ئۈچۈن3) سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، (ئۇرۇش پەيتىدە ئۇلارغا روبىرو كەلگىنىڭلاردا4) قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَّهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ
8. كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار ھالاكەتكە دۇچار بولىدۇ1. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. (يەنى ئۇلارنىڭ ھەقكە ۋە مۆمىنلەرگە قارشى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بىكاردۇر. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ئاتالمىش ياخشى ئەمەللىرىمۇ ئۇلارغا ھېچبىر پايدا بەرمەيدۇ.2)
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا مَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
9. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغانلارنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ياكى بارچە ھۆكۈملەرنى) يامان كۆردى، بۇ سەۋەبلىك ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى.
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۖ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا
10. كاپىرلار يەر يۈزىدە كېزىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئىلگىرىكى كاپىرلارنى تامامەن ھالاك قىلغان ئىدى. بۇ كاپىرلارمۇ ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ مَوْلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَأَنَّ الْكَافِرِينَ لَا مَوْلَىٰ لَهُمْ
11. ئىش مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دوستىدۇر. (ئاللاھ مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان1.) كاپىرلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان2) ھېچقانداق دوست يوقتۇر.
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يَتَمَتَّعُونَ وَيَأْكُلُونَ كَمَا تَأْكُلُ الْأَنْعَامُ وَالنَّارُ مَثْوًى لَّهُمْ
12. ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەل قىلغانلارنى (دەل-دەرەخلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كاپىرلار بولسا (ۋاقىتلىق) دۇنيا نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ھايۋانلارغا ئوخشاش يەپ-ئىچىدۇ. (كاپىرلارنىڭ بارچە غايە-مەقسەتلىرى دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەت1. كاپىرلارنىڭ قورساق توقلاش، ئويناپ-كۈلۈش، ۋە جىنسىي ئارزۇسىنى ھايۋانلارچە قاندۇرۇشتىن باشقا غايىسى يوق.2 ئاقىۋەتتە) ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرى دوزاختۇر.
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِّن قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
13. (ئى رەسۇلۇم مۇھەممەد!) سېنى (مەككىدىن) چىقىرىۋەتكەنلەردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان شەھەر ئاھالىلىرىنى (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئىسيانكارلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن) ھالاك قىلدۇق. (ئۇلارنى ھالاك قىلغىنىمىزدا) ئۇلارغا ھېچكىم ياردەم بەرمىدى.
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِ كَمَن زُيِّنَ لَهُ سُوءُ عَمَلِهِ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُم
14. ئاللاھتىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان كىشى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتقا قەتئىي ئەگەشكەن مۆمىن1) — يامان ئەمىلى ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەن (كاپىر-مۇشرىك، ئاسىي-بىدئەتچى) كىشىگە ئوخشاش بولامدۇ؟
مَّثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَا أَنْهَارٌ مِّن مَّاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِّن لَّبَنٍ لَّمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِّنْ خَمْرٍ لَّذَّةٍ لِّلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِّنْ عَسَلٍ مُّصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِّن رَّبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ
15. (ئاللاھتىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان، ھاراملاردىن ۋە بىدئەتلەردىن دائىما يېنىپ، ھەر قاچان پەرزلەرنى ئورۇنداش ۋە پەزىلەتلىك ئەمللەرنى قىلىش يولىنى تۇتقان) تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت شۇنداق جايكى، ئۇ يەردە تەمى ۋە پۇرىقى ئۆزگۈرۈپ قالمايدىغان (چەكسىز لەززەتلىك) سۇ ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگۈرۈپ قالمايدىغان سۈت ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شاراپ ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەل ئاقىدىغان ئۆستەڭلەر بار. جەننەتتە يەنە مۆمىنلەر ئۈچۈن تۈرلۈك لەززەتلىك مېۋىلەر بار، شۇنداقلا رەببىنىڭ مەغفىرىتىمۇ بار. (مانا مۇشۇنداق بۈيۈك مۇكاپاتلارغا ۋە نېمەتلەرگە ئېرىشكۈچى مۆمىن) دوزاخ ئوتىدا مەڭگۈ قالىدىغان، زىيادە قىززىق قايناق سۇ ئىچكۈزۈلۈپ ئۈچەيلىرى پارە-پارە بولۇپ كېتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟
وَمِنْهُم مَّن يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِندِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
16. (ئى رەسۇلۇم مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا سېنىڭ سۆزۈڭگە (رەسمىيەت يۈزىسىدىن) قۇلاق سالغۇچىلار باردۇر. (ئۇلار ئۆزى كاپىر تۇرۇپ، ئېغزىدا مۇسۇلمانلىقىنى دەۋا قىلىپ قويىدىغان مۇناپىقلاردۇر.1 ئەگەر ئۇلار ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھېرىس كىشىلەر بولغىنىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنى \ ھەدىسلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇلاق سېلىپ تىڭشىغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىدىن\ھەدىسلىرىدىن ھىدايەت تاپقان، مەنپەئەت ئالغان بولاتتى.2) ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققىنىدا ئىلىم بېرىلگەنلەردىن (يەنى ساھابىلەردىن3 بىر تەرەپتىن سېنىڭ سۆزلىرىڭنى چۈشەنمەسلىك يۈزىسىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن4) «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىدۇ. مانا بۇنداقلار ئاللاھ قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.
وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْوَاهُمْ
17. ھىدايەت تاپقانلارغا كەلسەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى1 ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان تەقۋالىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.2
فَهَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَن تَأْتِيَهُم بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
18. ئۇلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىگە تۇيۇقسىز كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟ ھەقىقەتتە، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.1) ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندىن كېيىن (ئاندىن) ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىنىڭ ئۇلارغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
19. بىلگىنكى، (ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق1) ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن، شۇنداقلا مۆمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۆمىنە ئاياللارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلە. ئاللاھ سىلەرنىڭ (دۇنيادا) بېرىپ-كېلىپ تۇرىدىغان جايلىرىڭلارنى، (ئاخىرەتتە) يەرلىشىدىغان جايىڭلارنى بىلىدۇ2.
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ مُّحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
20. ئىمان ئېيتقانلار (جىھادقا بولغان ئىستىكىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك، بىزگە جىھادنى ئەمىر قىلىدىغان1) بىر سۈرە نازىل بولۇشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، جىھاد پەرز قىلىنغان2 مۇھكەم بىر سۈرە نازىل قىلىنغاندا بولسا، قەلبىدە كېسەللىك بارلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ3) ساڭا ئۆلۈم پەيتىدە بىھۇشلانغان كىشىنىڭ قارىغىنىدەك (قورققان ۋە ياقتۇرمىغان ھالەتتە4) قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ياقتۇرمىغان ئىش ئۇلارغا يېقىندۇر.5
قەتادە مۇنداق دېگەن: جىھاد بايان قىلىنغان بارچە سۈرىلەر مۇھكەمدۇر. قۇرئاندىكى جىھاد ئايەتلىرى مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئايەتلەردۇر. [تەپسىر بەغەۋى]
مۇھكەم ئايەتلەر — ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل، مەنىسى ۋە ھۆكمى ئېنىق ئايەتلەر بولۇپ، ئىزاھاتلاشقا ئېھتىياج يوقتۇر. مۇھكەم ئايەتلەرنىڭ شەرھى خىلمۇ خىل مۇمكىنچىلىككە ئىگە مەنالارغا ئەمەس، بىرلا مەناغا ماڭىدۇ. ئەقلى جايىدا ئادەمگە قىيىن ياكى مۈجمەل كەلمەيدۇ. [زادۇل مەسىير] شۇنداقلا، مۇھكەم ئايەتلەر ھالالنى، ھارامنى ۋە باشقا ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان ئايەتلەردۇر. [تەپسىر بەغەۋى]
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَّعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ
21. (ئەسلىدە ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولغىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە1) ئىتائەت قىلىش ۋە گۈزەل سۆز قىلىش ئىدى. جىھادنىڭ پەرز بولغانلىقى ھەممىگە ئېنىق بولغاندا2، ئۇلار ئاللاھقا ساداقەت كۆرسەتكەن بولسا (يەنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئەمرىنى ئورۇنداشتا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغان بولسا3)، بۇنداق قىلىش چوقۇمكى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولغان بولاتتى.
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
22. ئەگەر (سىلەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتىن1، يەنى ئىسلامغا ئەمەل قىلىشتىن2) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن كۈتۈلىدىغىنى زېمىندا پاسات چىقىرىشىڭلاردىن (يەنى ھوقۇقنى\ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ زۇلۇم قىلىشتىن3) ۋە ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈشۈڭلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. (ئەگەر دۆلەت ئادەملىرى سىلەرگە بىرەر مۇكاپات بەرسە، سىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇپ پىتنە چىقىرىسىلەر، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىسىلەر.4)
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
23. مانا بۇنداقلار (يەنى يەر يۈزىدىكى تۈرلۈك ھاراملارنى قىلىش ئارقىلىق پىتنە چىقارغانلار1) — ئاللاھ لەنەت قىلغان؛ (قۇلاقلىرى ھەقنى ئاڭلىمايدىغان) پاڭ قىلىۋەتكەن، كۆزلىرىنى (ھەقنى كۆرمەيدىغان) كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر.
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
24. ئۇلار قۇرئاننى تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە بۇ ئارقىلىق ھىدايەت تېپىشقا تىرىشىپ، قۇرئان ئايەتلىرى ھەققىدە ئويلانمامدۇ؟) ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە قۇلۇپ بارمۇ؟ (ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ قەلبى راستتىنلا قۇلۇپلىنىپ كەتكەندۇر.1)
ئاللاھ بۇ ئايەتتە قۇرئاننى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇماقتا، شۇنداقلا ( قۇرئاننى چۈشەنمەسلىك ئارقىلىق) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈشتىن مەنئىي قىلماقتا. [تەپسىر ئىبنى كەسىر]
إِنَّ الَّذِينَ ارْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِهِم مِّن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى ۙ الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
25. ئۆزلىرىگە ھىدايەت ئېنىق بولغاندىن كېيىن كۇفۇرغا قايتىپ كەتكۈچىلەرگە شەيتان يامان ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنى قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئالدىدى.1 (بۇنداقلار مۇناپىقلاردۇر.2)
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ ۖ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
26. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ1) ئاللاھ نازىل قىلغاننى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) يامان كۆرىدىغانلارغا «بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ
27. پەرىشتىلەر (ئېغىر توقماقلار بىلەن1) ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالغىنىدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
28. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار ئاغزىدا ئىسلامنى ۋە ئىماننى داۋا قىلىپ قويۇشۇپ، ئەمەلدە) ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا (يەنى كۇفۇرغا، پاسىقلىق يوللىرىغا، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىسيانكارلىق ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا1) ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى يامان كۆردى. نەتىجىدە، ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى.
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ
29. ياكى قەلبىدە كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق كېسىلى1) بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان نەپرىتى ۋە2) دۈشمەنلىكىنى ئاللاھ ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُم بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
30. (ئى پەيغەمبىرىم مۇھەممەد!) ئەگەر بىز خالىغان بولساق جەزمەنكى مۇناپىقلارنى ساڭا بىلدۈرگەن، سەن ئۇلارنىڭ سىيمالىرىنى تونۇغان بولاتتىڭ. سەن مۇناپىقلارنى چوقۇمكى سۆز ئۇسلۇبىدىن (يەنى سېنى ئەيىپلەپ، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىشىدىن 1، مۇسۇلمانلارنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا زەھەرخەندىلىك قىلىشىدىن) تونۇيسەن. (چۈنكى، مۇناپىقلار <ئاغزىدا ئىمان ئىسلامنى دەۋا قىلىپ قويۇپ> سېنى تەنقىدلەيدۇ، مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ.2) ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ كېيىنكى پەيتلەردە جىبرىل پەرىشتە ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇناپىقلارنى رەسۇلۇللاھقا بىر-بىرلەپ تونۇتقان. [تەپسىر ئىبنى كەسىر، زادۇل مەسىير]
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ
31. بىز تاكى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان1) مۇجاھىدلارنى ۋە (ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا2) سەبر قىلغۇچىلارنى كۆرگەنگە3 قەدەر، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار (يەنى سادىقلار بىلەن يالغانچىلار4) ئوتتۇرىغا چىققانغا قەدەر سىلەرنى جەزمەن سىنايمىز.
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِن بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَن يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
32. كاپىر بولغانلار ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، شۇنداقلا ھىدايەت ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بىلەن قارشىلاشقۇچىلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار1) ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ. (ھالبۇكى بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالىدۇ.2) ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
33. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (مىننەت قىلىش، پەخىرلىنىپ كېتىش، ماختانچاقلىق قىلىش، رىيا قىلىش ئارقىلىق؛ ياكى ياخشى ئەمەلنى يوق قىلىۋېتىدىغان گۇناھ-مەئىسيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق1؛ ۋەياكى دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولۇش سەۋەبلىك2) بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَن يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ
34. كاپىر بولغان، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتىن، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشتىن، ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) توسقان، ئاندىن كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغفىرەت قىلمايدۇ.
فَلَا تَهِنُوا وَتَدْعُوا إِلَى السَّلْمِ وَأَنتُمُ الْأَعْلَوْنَ وَاللَّهُ مَعَكُمْ وَلَن يَتِرَكُمْ أَعْمَالَكُمْ
35. (ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا) بوشىشىپ قالماڭلار. سىلەر كاپىرلاردىن ئۈستۈن تۇرۇقلۇق كاپىرنى سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ئاللاھ (دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ئىلاھىي ياردەم بېرىشتە1) سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئەمەللىرىڭلارغا بېرىدىغان ساۋاب ۋە مۇكاپاتنى2 ھەرگىزمۇ كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِن تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ
36. دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئويۇن ۋە تاماشىدۇر. (سىلەر دۇنيانىڭ تۈرلۈك ۋاقىتلىق زىننەتلىرىنى ۋە لەززەتلىرىنى قوغلاشساڭلار — ئويناشتىن ۋە تاماشا قىلىشتىن باشقا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيسىلەر. دۇنياۋى مەنپەئەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىك ئاخىرەت مەنپەئەتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار!) ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا1) ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن پەرزلەرنى ئورۇنداش، ئاللاھ ۋە رەسۇلى چەكلىگەن ھاراملاردىن ئۇزاق تۇرساڭلار2) ئاللاھ سىلەرگە (ئاخىرەتتە كاتتا) ئەجىر-مۇكات بېرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ پۇل-مېلىڭلارنىڭ (ھەممىسىنى) سورىمايدۇ. (ئاللاھنىڭ سىلەرگە ھېچبىر ھاجىتى يوقتۇر. ئاللاھ پەقەت پۇل-مېلىڭلارنىڭ ئاز بىرقىسىمى يوقسۇل، مىسكىنلەرگە زاكات ئۈچۈن بېرىشڭلارنى ئەمىر قىلىدۇ. بۇنىڭ ساۋابى قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.3)
إِن يَسْأَلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا وَيُخْرِجْ أَضْغَانَكُمْ
37. ئەگەر ئاللاھ پۇل-مېلىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشىڭلارنى) تەلەپ قىلسا ۋە سىلەرنى بۇنداق قىلىشقا زورلىسا1 بېخىللىق قىلغان بولاتتىڭلار. (ماللىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىشقا بۇيرۇلغان بولساڭلار، بۇ ئارقىلىق) ئاللاھ سىلەرنىڭ (ئاللاھ يولىدا جىمى مال-دۇنيارىڭلارنى سەرپ قىلىشقا بولغان) نەپرىتىڭلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان بولاتتى. (ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىپ، مېلىڭلارنىڭ ئاز بىر قىسىمىنىلا ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى.2)
هَا أَنتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنكُم مَّن يَبْخَلُ ۖ وَمَن يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَن نَّفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِن تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُم
38. سىلەر ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلماقتىسىلەر، ھالبۇكى، ئاراڭلاردىن بەزى
كىشىلەر (پەرز زاكاتنى بېرىشتىن يالتىيىش ئارقىلىق1) بېخىللىق قىلىدۇ. كىم (زاكاتنى بەرمەي) بېخىللىق قىلسا، ئۇنىڭ بېخىللىقى ئۆز زىيىنىغا بولىدۇ. ئاللاھ بايدۇر، (سىلەرنىڭ مېلىڭلارغا ئېھتىياجى يوقتۇر.2) سىلەر بولساڭلار پېقىرسىلەر. ئەگەر سىلەر ئاللاھ نازىل قىلغان شەرىئەتكە ئەمەل قىلماي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ ئورنۇڭلارغا (ئۆزىگە تامامەن ئىتائەت قىلىدىغان3) باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار سىلەردەك بولمايدۇ. (بەلكى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا تامامەن ئىتائەت قىلىدۇ.4)
نەقىل مەنبەلىرى:
1-ئايەت: 1.2. تەپسىر سەئدى
2-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى
3-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى 2. زادۇل مەسىير
4-ئايەت: 1. مۇختەسەر تەپسىر 2. زادۇل مەسىير 3. مۇختەسەر تەپسىر، زادۇل مەسىير 4.زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر 5.تەپسىر سەئدى 6. زادۇل مەسىير
5-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير
6-ئايەت: زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى
7-ئايەت: 1.3.زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر سەئدى 4. زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى
8-ئايەت: 1.مۇختەسەر تەپسىر 2. تەپسىر سەئدى
11-ئايەت: 1.2.تەپسىر سەئدى
12-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى 2. تەپسىر بەغەۋى
14-ئايەت: 1.تەپسىر بەغەۋى
16-ئايەت: 1.تەپسىر بەغەۋى 2. تەپسىر سەئدى 3.4. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير
17-ئايەت: 1.تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير 2.تەپسىر بەغەۋى
18-ئايەت: 1.تەپسىر بەغەۋى، تەپسىر ئىبنى كەسىر، مۇختەسەر تەپسىر
19-ئايەت: 1.مۇختەسەر تەپسىر 2. تەپسىر بەغەۋى، زادۇل مەسىير، تەپسىر سەئدى
20-ئايەت: 1.تەپسىر بەغەۋى 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر بەغەۋى 4.زادۇل مەسىير، تەپسىر بەغەۋى 5.زادۇل مەسىير
21-ئايەت: 1. مۇختەسىر تەپسىر 2. زادۇل مەسىير 3. تەپسىر سەئدى
22-ئايەت: 1. تەپسىر سەئدى 2.3. زادۇل مەسىير 4. تەپسىر بەغەۋى
23-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى
24-ئايەت: 1.تەپسىر ئىبنى كەسىر 2.تەپسىر سەئدى
26-ئايەت: 1.تەپسىر ئىبنى كەسىر
27-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى
28-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى
29-ئايەت: 1.2.زادۇل مەسىير
30-ئايەت: 1. زادۇل مەسىير 2. تەپسىر سەئدى
31-ئايەت: 1.2.4.مۇختەسەر تەپسىر 3. تەپسىر ئىبنى كەسىر
32-ئايەت: 1.تەپسىر ئىبنى كەسىر 2. ئىبنى كەسىر، مۇختەسەر تەپسىر
33-ئايەت: 1.تەپسىر سەئدى 2.ئىبنى كەسىر
35-ئايەت: 1.2. ئىبنى كەسىر
36-ئايەت: 1.2. تەپسىر مۇيەسسەر 3.تەپسىر ئىبنى كەسىر
37-ئايەت: 1.زادۇل مەسىير
38-ئايەت: 1. ئىبنى كەسىر 2.3. زادۇل مەسىير 4. تەپسىر سەئدى