شەخسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىمام مۇھەممەد سالىھ ئىبى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: شەخسىي ماشىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: شەخسىي ماشىنىغا زاكات كەلمەيدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىبۇ-زىننەتلەردىن باشقا، كىشى ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق نەرسىگە زاكات كەلمەيدۇ. مەيلى ئۇ ماشىنا بولسۇن، تۆگە بولسۇن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولسۇن ياكى باشقا نەرسە بولسۇن، بەرىبىر ئوخشاش، بۇنداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. بۇنىڭغا دەلىل شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ قۇلى ياكى مىنىدىغان ئۇلىغى ئۈچۈن زاكات كەلمەيدۇ.» (بۇخارى-زاكات-1464؛ مۇسلىم-زاكات-982) [ئىبنى ئۇسەيمىن-كتاب فتاوى أركان الإسلام، 376-نومۇرلۇق پەتىۋا]
مۇناسىۋەتلىك پەتىۋا:
كىراكەشلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيگە زاكات كېلەمدۇ؟