ئاياللارنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا 25 پەتىۋا

ئاياللار ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇشى ۋە قامەت (تەكبىر) ئېيتىشى كېرەكمۇ؟

ئاۋاازلىق نۇسخىسىنى يۇتيۇب قانىلىمىزدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بۇ ھەقتە سەلەپ ۋە خەلەپنىڭ مەشھۇر ئالىملىرى پەتىۋا بەرگەن بولۇپ، تۆۋەندە ئۆرنەك سۈپىتىدە قەدىمكى ۋە يېقىنقى ئالىملاردىن 22 ئالىمنىڭ 25 پەتىۋاسى نەقىل قىلىنىدۇ.

ئەللامە ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1420-يىلى) بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسى

بىرىنچى پەتىۋا:

سوئال: نامازدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىش ۋە ناماز ئۈچۈن ئەزان-تەكبىر\قامەت توۋلاشنىڭ لازىملىقىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا پەرق بارمۇ؟

جاۋاب: شەرئىي دەلىللەرگە كۆرە، ناماز ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت ئوقۇش (تەكبىر چۈشۈرۈش) پەقەت ئەرلەر ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن. ئاياللار ناماز ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت ئوقۇمايدۇ. بىراق، ئاياللارنىڭ شام، خۇپتەن، بامدات قاتارلىق (ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان) نامازلاردا ئالدىنقى ئىككى رەكئەتتىكى قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىشى دۇرۇستۇر. [مەنبە: بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى 10-جىلد، 357-بەت]

ئىككىنچى پەتىۋا:

ئايال كىشىنىڭ ناماز ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى (تەكبىر چۈشۈرۈشى) دۇرۇس ئەمەس. ئەزان ۋە تەكبىر پەقەت ئەرلەرگىلا خاستۇر. [مەنبە: بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى 10-جىلد، 357-بەت]

ئۈچىنچى پەتىۋا:

ئايال كىشى مەيلى  ئۆيىدە ياكى سەپەردە بولسۇن،  ئايال كىشىنىڭ ناماز ئۈچۈن ئەزان، قامەت توۋلىشى شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. ئەزان ۋە قامەت ئەرلەر ئۈچۈندۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسلىرىدە مۇشۇنداق كۆرسىتىلگەن. [مەنبە: بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى 10-جىلد، 356-بەت] (ئەللامە ئىبنى بازنىڭ بۇ ھەقتە نەقىل قىلىنغان پەتىۋالىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى)

تۆتىنچى پەتىۋا:

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەزان ۋە قامەت (تەكبىر) ئوقۇمايدۇ. چۈنكى، ئەزان ۋە قامەت ئۈنلۈك ئوقۇلۇشى كېرەك. ھالبۇكى، ئايال كىشى تەسەتتۇرغا ۋە ئاۋازىنى يوشۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ھەتتا، ئىمام نامازدا خاتالاشسا، ئايال كىشى ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغان تەقدىردە ئىمامغا تىلى بىلەن (ئەرلەرگە ئوخشاش «سۇبھاناللاھ» دېيىش ئارقىلىق) ئەمەس، بەلكى چاۋاك چېلىش ئارقىلىق ئىمامغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((من نابه شيء في صلاته فليسبح الرجال ولتصفق النساء)) «سىلەرگە نامازدا بىرەر ئىش يۈز بەرسە <سۇبھاناللاھ> دېسۇن. ئاياللار چاۋاك چالسۇن.»  (بۇخارى 1234؛ مۇسلىم 421) (مەنبە: https://binothaimeen.net/content/13304?q2=هل%20على%20المرأة%20أذان%20وإقامة)

بەشىنچى پەتىۋا:

ئەللامە سالىھ فەۋزان مۇنداق دېگەن:«ئەزان ۋە قامەت ئەرلەرگە خاس بولۇپ، ئاياللار نامازلىرىدا ئەزان ۋە قامەت ئوقۇمايدۇ.»(مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=gw5nblZktqM)

ئالتىنچى پەتىۋا:
مۇھەددىس مۇستافا ئەدەۋىي مۇنداق پەتىۋا بەرگەن:«ئايال كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇشى پەرز\ۋاجىب ئەمەس. ئەزان\تەكبىر ئوقۇسا ئاۋازىنى ئەرلەر ئاڭلايدىغان ئەھۋال بولسا، بۇ دۇرۇس ئەمەس. ئەرلەر ئاڭلىمايدىغان ئەھۋالدا ئەزان تەكبىر ئوقۇسا دۇرۇس، ئەمما ئاياللارنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى پەرز\ۋاجىپ ئەمەس.»  (https://www.youtube.com/watch?v=BrR2d9M47GQ)

ساھابە تابىئىنلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پەتىۋالىرى

يەتتىنچى پەتىۋا:

ھەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2328)

سەككىزىنچى پەتىۋا:

ئىبراھىم نەخەئى مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2329)

توققۇزىنچى پەتىۋا:
تابىئىن ئىمام ھەسەن بەسرىدىن بۇنىڭ ئوخشىشى نەقىل قىلىنغان. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2330)

ئونىنچى پەتىۋا:
سۇلايمان تەيمىدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ: بىز ئەنەستىن «ئاياللارنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدۇق «يوق. ئەگەر ئوقۇسا زىكىر جۈملىسىدىن سانىلىدۇ» دېدى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2331)

ئون بىرىنچى پەتىۋا:
تابىئىن ئىمام ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت يوق.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2327)

ئون ئىككىنچى پەتىۋا:
مەككىلىك ئاياللاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «(پەرز ناماز ئوقۇماقچى بولسام) قامەت ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2332)

ئون ئۈچىنچى پەتىۋا:
تابىئىن ئىمام زۇھرى مۇنداق دېگەن:«ئاياللارغا ئەزان ۋە قامەت يوقتۇر.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2333)

ئون تۆتىنچى پەتىۋا:

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئەزان توۋلىمايدۇ، قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 2334)

ئون بەشىنچى پەتىۋا:

تابىئىن ئىمام زەھھاك مۇنداق دېگەن:«ئاياللار ئەزان ۋە قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2335)

ئون ئالتىنچى پەتىۋا:
تابىئىن ئىمام مۇجاھىد مۇنداق دېگەن:«ئاياللار قامەت ئوقۇمايدۇ.» (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 2340)

ئون يەتتىنچى پەتىۋا:
ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى سۈننەت ھېسابلانمايدۇ. (الهداية على مذهب الإمام أحمد ١/‏٧٥ — أبو الخطاب الكلوذاني) ئەرلەرنىڭ ئەزان ۋە ئىقامەت ئوقۇشنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام شافىي سۈننەت دەپ قارايدۇ. (الشرح الكبير ١/‏٣٩١)

ئون سەككىزىنچى پەتىۋا:
ئىمام ئىبنى قۇدامە (ۋاپاتى: ھ 620) «مۇغنى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ناماز كىتابىدا «ئايال كىشى ئۈچۈن ئەزان ۋە قامەت يوق» دەپ مەخسۇس باب ئاجرىتىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئاياللارنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. ئىبنى ئۆمەر، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ھەسەن بەسرى، ئىبراھىم نەخەئى، سۇفيان سەۋرى، مالىك، ئەبۇ سەۋر ۋە ئەھلى رەي مۇشۇنداق ھۆكۈمنى بەرگەن. (يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە) كۆز قاراش بارلىقىنى\ بۇ جەھەتتە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنداقتا، ئايال كىشىنىڭ ئەزان، قامەت ئوقۇشى سۈننەتمۇ؟ دېيىلگەندە، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ:«(ئايال كىشى) ئەزان ۋە قامەت ئوقۇسا مەسىلە يوق، ئوقۇمىسا دۇرۇس» دېگەن.

ئىمام شافىي رەھىمەھۇللاھ ئايال كىشى ئەزان ۋە قامەت ئوقۇسا دۇرۇس دەپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇغانلىقى بايان قىلغان. ئىمام ئىسھاق راھەۋەيھمۇ مۇشۇنداق دېگەن. ئۇممۇ ۋەرەقە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇممۇ ۋەرەقەگە ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشۇمغا، ئائىلەمدىكى ئاياللارغا ئىمام بولۇشۇمغا رۇخسەت قىلدى» دېگەن نەقىل كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ھەققىدە «بۇ ۋەلىد ئىبنى جەمىيدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ۋەلىد زەئىپ راۋىيدۇر» دېيىلگەن.  ئەزان چاقىرىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن. ھالبۇكى، ئەزان ۋە قامەت ئاۋازى كۆتۈرۈپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەر كىشىلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن.  ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى كۆتۈرۈشىنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق. (المغني لابن قدامة ١\٣٠٦) (ئىمام ئىبنى قۇدامەدىن ئېلىنغان نەقىل مۇشۇ يەردە تۈگىدى.)

ئون توققۇزىنچى پەتىۋا:
ئىمام ئىبنى قۇدامە «ئۇمدەتۇل فىقھ» ناملىق ئەسىرىدىمۇ «ئەزان ۋە قامەت بەش ۋاخ پەرز نامازدا ئاياللارنىڭ ئەمەس ئەرلەرلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن.» دېگەن. (عمدة الفقھ، 21)

ئىمام ئابدۇررازاق سەنئانىي (ۋاپاتى: ھ 211) «مۇسەننەف» ناملىق ئەسىرىدە ساھابە تابىئىنلاردىن بۇ ھەقتە مۇنداق نەقىللەردە بولغان:

يىگىرمىنچى پەتىۋا:
ئابدۇللاھ نافىتىن نەقىل قىلىپ، ئىبنى ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى:«لَيْسَ عَلى النِّساءِ أذانٌ ولا إقامَةٌ» «ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. (مصنف  عبد الرزاق الصنعاني 5022؛ ٣\١٢٧)

يىگىرمە بىرىنچى پەتىۋا:
زۇھرى مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ عَلى النِّساءِ أذانٌ ولا إقامَةٌ» «ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. (مصنف  عبد الرزاق الصنعاني 5022؛ ٣\١٢٧)

يىگىرمە ئىككىنچى پەتىۋا:
ئىبراھىم نەخەئى مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ عَلى النِّساءِ أذانٌ ولا إقامَةٌ» «ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. (مصنف  عبد الرزاق الصنعاني 5022؛ ٣\١٢٧)

يىگىرمە ئۈچىنچى پەتىۋا:
ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ عَلى النِّساءِ أذانٌ ولا إقامَةٌ» «ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. (مصنف  عبد الرزاق الصنعاني 5023؛ ٣\١٢٧)

يىگىرمە تۆتىنچى پەتىۋا:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ عَلى النِّساءِ أذانٌ ولا إقامَةٌ» «ئايال كىشىنىڭ ئەزان ۋە قامەت ئوقۇشى لازىم ئەمەس. (مصنف  عبد الرزاق الصنعاني 5024؛ ٣\١٢٧) ئىمام ئابدۇررازاق سەنئانىي باشقا سەلەپ ئالىملىرىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋانى نەقىل قىلغان.

يىگىرمە بەشىنچى پەتىۋا:
بۇ سەۋەبلىك، مۇھەددىس ئابدۇررازاق بەدرى مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ئەزان پەرز كۇپايىدۇر. بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئەزان ئوقۇسا، باشقىلارنىڭ بوينىدىن ئەزان ئوقۇش ساقىت بولىدۇ. ئەزاننىڭ پەرز كۇپايە بولۇش ئەرلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھۆكۈم بولۇپ، ئاياللار بۇ ھۆكۈمگە كىرمەيدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەزان ياكى قامەت ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بۇ جەھەتتىكى سۈننەت شۇكى، ئاياللارنىڭ پەرز نامازلىرىنى ئەزان ۋە ئىقامەتسىز ھالدا ئوقۇشى بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارغا مۇشۇنداق بەلگىلىگەن. شەيخ ئىبنى با ز رەھىمەھۇللاھ <ئەزان ۋە تەكبىر بىلەن ناماز ئوقۇغان ئايال شەرىئەتتە يوق ئىشنى قىلغان بولىدۇ> دەپ پەتىۋا بەرگەن. شەيخ يەنە «ئەزان ۋە ئىقامەت ئوقۇش ئەرلەرنىڭ خاسلىقلىرىدىندۇر. » دېگەن. خۇلاسە شۇكى، ئايال كىشىگە ئەزان ۋە قامەت يوقتۇر. ئايال كىشىدىن ئاۋازىنى پەس تۇتۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايال كىشى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى پەرز بولغانلار جۈملىسىىدىن ئەمەس. بۇ ئەرلەرگە پەرز قىلىنغان.  (مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=XdG3wF3_pOE)

مۇجتەھىد تورى (mujtehid.com) تەييارلىدى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ