ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | سەجدە سەۋەبلىك سالىھ كىشىنىڭ پېشانىسىدە ئىز قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەر توغرىمۇ؟
جاۋاب: پېشانىدىكى ئىز كىشىنىڭ سالىھلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. سالىھلارنىڭ ئالامىتى پەقەت يۈزىدە پەيدا بولغان نۇردۇنر، قەلبىنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر، گۈزەل ئەخلاقتۇر ۋە مۇشۇ تۈردىكى (قۇرئان-سۈننەتتە ماختالغان) ئىش-ھەرىكەتلەردۇر. سەجدە سەۋەبلبك پېشانىدە پەيدا بولغان ئىز تېرىسىنىڭ نازۇك بولۇشى سەۋەبلىك پەرز نامازلارنى ئاران-ئاران ئوقۇيدىغان كىشىلەردىمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەكسىچە، كۆپ ناماز ئوقۇپ، ئۇزۇن-ئۇزۇن سەجدە قىلىدىغان كىشىلەردە پەيدا بولماسلىقى مۇمكىن. (فتاوى أركان الإسلام، بەت 329؛ پەتىۋا نومۇرى)