ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىتىر زاكىتىنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كىچىك-چوڭلارغا خورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلو ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. hedisim.com[بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس]. رواه ابن عمر رضي الله عنهما قال : (فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ ، عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالْأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنْ الْمُسْلِمِينَ ) رواه البخاري ( 1503)، ومسلم ( 984) .
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن يامان سۆزلەردىن ۋە قىلغان بىھۇدە ئىشلاردىن پاكلىنىشى؛ يوقسۇللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن پەرز قىلغان.» hedisim.com(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1827؛ ھاكىم 1-409، سەھىھ دېگەن؛ نەۋەۋى ‹ئەلمەجمۇئ› ناملىق ئەسىرىدە ‹ھەسەن› دېگەن. ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 1492-دە ‹ھەسەن› دېگەن)
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى (بىر جان ئۈچۈن) يېمەكلىكتىن ياكى خورمىدىن ياكى ئارپىدىن ياكى ئۈزۈمدىن ياكى پىشلاقتىن بىر سائ (تەخمىنەن ئۈچ كىلو) بېرەتتۇق.» hedisim.com(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
فىتىر زاكىتىنى بېرشىتىكى پەزىلەتلىك ۋاقىت ـــ ھېيىت كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئېتىبارەن باشلىنىپ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلۇشتىن ئازراق ۋاقىت ئىلگىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم فىتىر زاكىتىنىڭ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى 1503؛ مۇسلىم 984)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم فىتىر سەدىقىسىنى (روزى ھېيىت) نامازدىن ئاۋۋال بەرسە، بەرگىنى قوبۇل قىلىنغان زاكات ھېسابىدا بولىدۇ. كىم ئۇنى نامازدىن كېيىن بەرسە، بەرگىنى پەقەت سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»(ئەبۇ داۋۇد 1609؛ ئىبنى ماجە 1872؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 843-تە ‹ھەسەن› دېگەن.)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنىڭ مىقدارىنى كىشى بېشىغا بەلگىلەنگەن بىر سائ (ئۈچ كلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاشۇرۇپ بېرىش دۇرۇس. ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق قىلىش دۇرۇس. پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بويىچە پىتىر زاكىتىنىڭ كىشى بېشى مىقدارىنى بىر سائ (ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا) دىن ئاز بېرىش دۇرۇس ئەمەس.[مەجمۇئۇل فەتاۋا 25\70]