سەھىھ ھەدىس | «بىزگە دىنىمىزدا مۇسىبەت بەرمىگىن…»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ((قلَّما كانَ رسولُ اللَّهِ ﷺ يقومُ من مَجلسٍ حتّى يدعوَ بِهَؤلاءِ الكلِماتِ لأصحابِهِ: اللَّهمَّ اقسِم لَنا من خشيتِكَ ما يَحولُ بينَنا وبينَ معاصيكَ، ومن طاعتِكَ ما تبلِّغُنا بِهِ جنَّتَكَ، ومنَ اليقينِ ما تُهَوِّنُ بِهِ علَينا مُصيباتِ الدُّنيا، اللهم متِّعنا بأسماعِنا وأبصارِنا وقوَّتنا ما أحييتَنا، واجعَلهُ الوارثَ منّا، واجعَل ثأرَنا على من ظلمَنا، وانصُرنا على من عادانا، ولا تجعَل مُصيبتَنا في دينِنا، ولا تجعلِ الدُّنيا أَكْبرَ همِّنا ولا مبلغَ عِلمِنا، ولا تسلِّط علَينا مَن لا يرحَمُنا)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يىغىلىشلاردىن تارقىلىشتىن ئاۋۋال ساھابىلىرى ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلماستىن تۇرۇپ كېتىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى: ئاللاھىم! بىز بىلەن ساڭا قارشى قىلىنىدىغان گۇناھلار ئارىسىدا پەردە بولىدىغان سەندىن قورقۇشنى، بىزنى جەننىتىڭگە ئېلىپ بارىدىغان ئىبادەتلەرنى، بىزگە دۇنيادا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى يېنىكلەشتۈرۈپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئىماننى بىزگە نېسىپ قىلغىن. ئاللاھىم! سەن بىزنى تىرىك قالدۇرغان مۇددەت ئىچىدە قۇلاقلىرىمىزدىن، كۆزلىرىمىزدىن ۋە كۈچىمىزدىن پايدىلىنىشىمىزنى بىزگە نېسىپ قىلغىن. (ئۆلگەنگەن قەدەر) بۇلارنى بىز ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرگىن. بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئېلىپ بەرگىن. بىزگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. بىزگە دىنىمىزدا مۇسىبەت بەرمىگىن، دۇنيا (ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نىمەتلىرى) نى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غايىمىز ۋە ئىلىمىزنىڭ نىشانى قىلىپ قويمىغىن. بىزگە شەپقەت كۆرسەتمەيدىغانلارنى ئۈستىمىزدە ھۆكۈمران قىلىپ قويمىغىن.» (جامىئۇس سەغىر 1505؛ رىيازۇس سالىھىن 834؛ ئەلبانى: سەھىھ تىرمىزى 3505؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1268؛ سەھىھ ھەدىس) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ