كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟ | پەتىۋا كومېتىتى

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم ھېسابلىنامدۇ؟
سوئال: بەزى ئاياللارنىڭ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ھىجابلىنىۋېلىشى ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا كومېتىتى (3111-نومۇرلۇق پەتىۋا)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتىجاۋاب: ئايال كىشىگە نىسبەتەن كۈيئوغلى مەھرەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئادەتتە ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، قىزلىرى ۋە باشقا مەھرەم تۇغقانلىرى كۆرۈشكە بولىدىغان جايلىرىنى كۈيئوغلىنىڭمۇ كۆرۈشى دۇرۇس. شۇ يۈزدىن، ناۋادا قېينىئانانىڭ كۈيئوغلى ئالدىدا يۈز، چاچ ۋە بىلەكلىرىنى يۆگىۋېلىش ھىجابلىنىش چېكىدىن ئېشىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. كۈيئوغلى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى رەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا چەكتىن ئېشىشتۇر. بۇ سەلبىي مەسىلىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق رىشتىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، قېينىئانا بۇنداق چەكتىن ئېشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ناۋادا، كۈيئوغلىنىڭ ئەخلاقىدىن گۇمانغا چۈشكەن، كۈيئوغلىنىڭ ئۆزىگە غەيرى نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئەھۋالدا يۇقارقىدەك قىلغان بولسا، توغرا قىلغان بولىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ