ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ئۆلۈك قەبرىگە قويۇلغان چاغدا (تېنى) قاپقارا، (كۆزلىرى) كۆك ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر، يەنە بىرى نەكىير دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكتىن «بۇ (مۇھەممەد دېگەن) كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. قەبرىدىكى كىشى «ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر. گۇۋاھلىق بېرىمەنكى ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا «سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق، راستتىنلا بىزنىڭ بىلگىنىمىزدەك دېدىڭ» دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قەبرىسى يەتمىش غۇلاچ مىقدارىچە كېڭەيتىپ بېرىلىدۇ ۋە نۇرلاندۇرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا «ئۇخلىغىن» دېيىلىدۇ. ئۇ «بۇ توغرىسىدا ئائىلمگە قايتىپ خەۋەر بېرەلىسەمكەن» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا «يېڭى تويى بولغان يىگىتتەك راھەت ئۇخلىغىن. يېڭى تويى بولغان يىگىتنى ئائىلىسىدىكلەردىن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىشىسى ئويغىتىدۇ» دەيدۇ. بۇ مۆمىن كىشى قەبرىسىدە تاكى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنى تىرىلدۈرۈلگۈزگەنگە قەدەر راھەت ئۇخلايدۇ.
ئەگەر قەبرىگە قويۇلغان كىشى مۇناپىق بولغان تەقدىردە ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ سورىغان سوئالىغا «(مەن بۇ كىشى توغرىسىدا) كىشىلەرنىڭ دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، شۇنى دېگەن ئىدىم. (ئەمما ھازىر) بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە «سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق» دەيدۇ، ئاندىن قەبرىگە «ئۇنى سىق» دەيدۇ. قەبرە ئۇنى شۇنداق سىقىدۇكى، قوۋرۇغىلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. تاكى ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرگەنگە قەدەر ئۇنىڭ بېرىلىدىغان ئازاب مۇشۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ.» إذا قُبِرَ المَيِّتُ أتاهُ مَلَكانِ -[٤٧]- أسْوَدانِ أزْرَقانِ يُقالُ لِأحَدِهِما المُنْكَرُ والآخَرُ النَّكِيرُ فَيَقُولانِ ما كُنْتَ تَقُولُ فِي هَذا الرجل فَيَقُول ما كانَ يَقُول هُوَ عَبْدُ اللَّهِ ورَسُولُهُ أشْهَدُ أنْ لا إلَهَ إلّا اللَّهُ وأنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ ورَسُولُهُ فَيَقُولانِ قَدْ كُنّا نَعْلَمُ أنَّكَ تَقُولُ هَذا ثُمَّ يُفْسَحُ لَهُ فِي قَبْرِهِ سَبْعُونَ ذِراعًا فِي سَبْعِينَ ثُمَّ يُنَوَّرُ لَهُ فِيهِ ثُمَّ يُقالُ لَهُ نَمْ فَيَقُولُ أرْجِعُ إلى أهْلِي فَأُخْبِرُهُمْ فَيَقُولانِ نَمْ كَنَوْمَةِ العَرُوسِ الَّذِي لا يُوقِظُهُ إلّا أحَبُّ أهْلِهِ إلَيْهِ حَتّى يَبْعَثَهُ اللَّهُ مِن مَضْجَعِهِ ذَلِكَ وإنْ كانَ مُنافِقًا قالَ سَمِعت النّاس يَقُولُونَ فَقُلْتُ مِثْلَهُ لا أدْرِي فَيَقُولانِ قَدْ كُنّا نَعْلَمُ أنَّكَ تَقُولُ ذَلِكَ فَيُقالُ لِلْأرْضِ التَئِمِي عَلَيْهِ فتلتئم عَلَيْهِ فتختلف فِيها أضْلاعُهُ فَلا يَزالُ فِيها مُعَذَّبًا حَتّى يَبْعَثَهُ الله من مضجعه ذَلِك mujtehid.com (تىرمىزى 1071؛ مىشكات 130؛الألباني المصدر:صحيح الترمذي 1071 ،حسن؛ الألباني شرح الطحاوية 399 حسن؛ الألباني صحيح الجامع 724 حسن ؛ الألباني صحيح الترغيب 3560 حسن؛ شعيب الأرناووط تخريج شرح السنة 5/416 حسن؛)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com