ھەدىس | ئاندىن قەبرىسى ئۇنى شۇ دەرىجىدە سىقىدۇكى، قوۋرىغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا…

بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: خرجنا مع رسول الله -ﷺ- في جنازةِ رجُلِ من الأنصار، فانتهينا إلى القبرِ ولمّا يُلحَدْ، فجلسَ رسولُ الله -ﷺ- وجلسْنا حَولَه، كأنما على رؤوسنا الطَّير، وفي يَده عُودٌ يَنْكُتُ به في الأرض، فرفعَ رأسَه، فقال: «استعيذُوا بالله من عذابِ القبر» مرَّتين أو ثلاثًا، زاد في حديثْ جريرِ ها هنا: وقال: «وانّه لَيسمَعُ خَفْقَ نِعالِهم إذا ولَّوا مُدبرينَ، حينَ يقالُ له: يا هذا، مَن ربك وما دينُك ومَن نبيُك؟ – قال هنادٌ:- ويأتيه ملكانِ فيُجلسانه فيقولان له: مَن ربك؟ فيقول: ربِّي الله، فيقولان له: ما دينُك؟ فيقول: ديني الإسلامُ، فيقولان له: ما هذا الرجلُ الذي بُعِثَ فيكم؟ فيقول: هو رسولُ الله -ﷺ-، فيقولان: وما يُدريكَ؟ فيقول: قرأتُ كتابَ الله، فآمنتُ به، وصدقتُ -زاد في حديث جرير- فذلك قول الله : ﴿يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا﴾ الآية [إبراهيم ٢٧]، ثم اتفقا قال: – فينادي منادِ من السماء: أنْ قد صَدَقَ عبدي، فأفرشُوه من الجنة، وافتَحُوا له بابًا إلى الجنّة، وألبسُوه من الجنة» قال: «فيأتيه من رَوحِها وطيبها قال:»ويُفتح له فيها مدَّ بصرِه«. قال:»وإن الكافر«فذكر موته قاْل:»وتُعادُ روحُه في جَسده، ويأتيه مَلَكانِ، فيُجلسانه، فيقولان له: من ربك؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فيقولان له: ما دينُك؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فيقولان له: ما هذا الرجلُ الذي بُعث فيكم؟ فيقول: هاه هاه، لا أدري، فينادي منادٍ من السماء: أن كَذَبَ، فافرشوه من النار، وألبسُوه من النار، وافتحُوا له بابًا إلى النار، قال: «فيأتِيه من حَرِّها وسَمُومِها» قال: «ويُضيّقُ عليه قَبرُهُ حتى تختلفَ فيه أضلاعُه -زاد في حديث جرير: قال:- ثمّ يقيَّضُ له أعمى أبكَمُ معه مِرْزَبَّة من حديدٍ، لو ضُرِبَ بها جَبَلٌ لصار ترابًا»، قال: «فيضرِبُه بها ضربةً يسمعُها ما بين المشرق والمغرب إلا الثقلين، فيصيرُ ترابًا، ثم تُعادُ فيه الرُّوحُ» بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىرلىكتە ئەنساردىن بىر ساھابىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىقتۇق. قەبرىگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە مېيىت قەبرىسىگە قويۇلۇپ بولغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئولتۇردى، بىزمۇ ئەتراپىدا ئولتۇردۇق. بىز بەئەينى بېشىمىزغا قۇش قونۇۋالغاندەك جىمجىت ئولتۇرۇشتۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قولىدىكى ھاسا بىلەن تۇپراققا نوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىنى كۆتۈرۈپ «قەبرە ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھ تىلەڭلار» دېدى، بۇ سۆزىنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. (ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دەيدۇ: جەرىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بۇ يەرگە قوشۇلدى) (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ دېدىكى) ئۆلۈك ئۆز يېقىنلىرىنىڭ قەبرە بېشىدىن قايتىپ ماڭغان چاغدىكى ئاياق تېۋىشىنى ئاڭلايدۇ. بۇ چاغدا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن «ئى پالانچى، رەببىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «رەببىم ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «دىنىڭ نېمە؟» دەپ سورايدۇ. «دىنىم ئىسلام» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. «ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەمدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «بۇنى قانداق بىلدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ «ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىم ۋە (قۇرئاندىكى خەۋەرلەرنى) تەستىقلىدىم» دەيدۇ. (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ) مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ {ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ} دېگەن ئايىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئاندىن ئاسماندىن «بەندەم راست ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ سېلىنچىسىنى سېلىڭلار. ئۇنىڭغا جەننەت ئىشىكىنى ئېچىڭلار، ئۇنى جەننەت ئەھلىنىڭ كىيىمىنى كەيگۈزۈڭلار» دېگەن نىدا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بەندىگە جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقى يېتىپ كېلىدۇ. قەبرىسى كۆز يەتكەن جايغىچە كېڭەيتىلىپ بېرىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كاپىر توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

كاپرنىڭ جېنى ئېلىنىدۇ. ئۆلگەن كاپىرغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئولتۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭدىن «رەببىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن «دىنىڭ نېمە» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟» دەپ سورايدۇ. كاپىر «ھە، ھە، بىلمەيمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن بىر نىداچى «ئۇ يالغان ئېيتتى، ئۇنىڭغا دوزاخنىڭ سېلىنچىسىنى سېلىڭلار، دوزاخنىڭ كىيىمىدىن كەيگۈزۈڭلار، ئۇنىڭغا دوزاختىن بىر ئىشىك ئېچىڭلار» دەپ نىدا قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن كاپىرغا دوزاخنىڭ قىززىقى ۋە زىيانلىق شامىلى يېتىپ كېلىدۇ. ئاندىن قەبرىسى ئۇنى شۇ دەرىجىدە سىقىدۇكى، قوۋرىغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا قارىغۇ ۋە گەپ قىلمايدىغان بىر (ئازاب پەرىشتىسى) ئەۋەتىلىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا بىر توقماق بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قولىدىكى بۇ توقماق بىلەن تاغنى ئۇرغان بولسا، تام كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتكەن بولاتتى. (بۇ ئازاب پەرىشتىسى) كاپىرنى شۇنداق ئۇرىدۇكى، كاپىرنى بازغان بىلەن ئۇرغان (ۋە كاپىر پەرياد چېكىپ چىرقىرىغان) بۇ ئاۋازنى ئىنسان بىلەن جىدىن باشقا، شەرق ۋە غەربتىكى بارچە مەۋجۇدات ئاڭلايدۇ. بۇ ئۇرۇلۇش سەۋەبلىك كاپىر يانچىلىپ توزاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن (بۇ جازانىڭ تەمىنى داۋاملىق تېتىشى ئۈچۈن) روھى جەسىدىگە قايتۇرلىدۇ.» mujtehid.com (ئەبۇ داۋۇد 4753، ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ئەھمەد 18063؛ مىشكات 131؛ ئەلبانى: صحيح الترغيب 3558،صحيح؛ الوادعي المصدر:الصحيح المسند الجزء أو الصفحة:150 حكم المحدث:حسن؛)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ