فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن:
جۈمە نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرۈش بىلەن جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈش ھاسىل بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە نامىزىدىن بىر رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى نامازغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى ماجە 1121؛ ئەلبانى: سەھىھۇ سۇنەن ئىبنى ماجە 927-دە ‹سەھىھ› دېگەن) ئەگەر نامازخان بىر رەكئەتتىن ئېزىغا ئۈلگۈرگەن بولسا، پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com