فىقھۇل مۇيەسسەردە مۇنداق دېيىلگەن: جۈمە نامىزىنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، تۆت رەكئەت ياكى ئالتە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇلۇشى رەۋاتىب سۈننەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق قىلغان ۋە بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.»hedisim.com (بۇخارى 937؛ مۇسلىم 882)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، تۆت رەكئەت (نەپلە) ناماز ئوقۇسۇن.»hedisim.com (مۇسلىم 881)
يەنە بىر ھەدىستە «سىلەردىن جۈمە نامىزىدىن كېيىن (نەپلە) ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن» دەپ كەلگەن. (مۇسلىم 881) جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇشقا كەلسەك، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.» (شەرھۇل مۇمتى 4\102) ئىبنى ئۆمەرمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى. (ئەبۇ داۋۇد 1130)
يۇقىرىقىلاردىن ئېنىقلىشىدىغان نەرسە شۇكى، جۈنە نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاز راۋاتىب سۈننەت ئىككى رەكئەت، ئەڭ كۆپ راۋاتىب سۈننەت ئالتە رەكئەتتۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇلالھ بۇ راۋاتىب سۈننەت نامازنىڭ مەسجىدتە ئوقۇلسا تۆت رەكئەت ئوقۇلىدىغانلىقى، ئۆيدە ئوقۇلسا ئىككى رەكئەت ئوقۇلىدىغانلىقى كۆز قارىشىدا. mujtehid.com (زادۇل مەئاد 1\440) بۇنىڭغا بىنائەن، جۈمە نامىزىنىڭ راۋاتىب سۈننىتى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com