ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» hedisim.com تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
فۇرقان دەۋەت مەركىزى | mujtehid.com | hedisim.com